izlen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 15:54:04

جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتىشنىڭ ۋە باشقىلارغا قاراشنىڭ ھۆكمى.

سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە، بۇلامدۇ؟ جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟


ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:


بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم


بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.


جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە، بالىغا تاماق تەييارلىسا، يېگۈزسە، شۇنداقلا جۇنۇپ ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولاۋېرىدۇ .


ئەبۇ رافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جۇنۇپ بولغان ھالىتىمدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ، بىر جايغا كەلگەندە ئولتۇردى، مەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، مەنزىلىمگە كېلىپ غۇسلى قىلىپ كەلسەم، رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: «نەگە كەتتىڭ؟ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە» دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتسام، رەسۇلۇللاھ: «سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مۇئمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى 285-ھەدىس. مۇسلىم: 371-ھەدىس)


قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى، ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 284-ھەدىس) مۇسلىم رىۋايىتىدە: "پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسلى بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى" دەپ كەلگەن. (سەھىھى مۇسلىم 309-ھەدىس)


ئەتائ: جۇنۇپ ئادەم تاھارەت ئالماي تۇرۇپ قان ئالدۇرسا، تىرناقلىرىنى ئالسا، چېچىنى چۈشۈرسە دۇرۇس، دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى)


ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جەنابەتتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا، ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلۋەتتە چەكلىمە كەلگەن بولاتتى .


ئەلۋەتتە جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى چايقىۋېتىپ ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى، بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسلى قىلىۋېتىپ ئاندىن ئېمىتسە تېخى ياخشى، بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە، مۇستەھەبلىكىدە گەپ يوق. لېكىن ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە گۇناھ ياكى باشقا ئىش بولمايدۇ .


جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ :


ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۇخلامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئۇخلايتتى، دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 286-ھەدىس)


نافىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: بىرىمىز جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى 287-ھەدىس)


ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (ئاتام) ئۆمەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭغا (يەنى ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە) كېچىلىرى جەنابەت يېتىپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يول-يورۇق سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە): «ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ، تاھارەت ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇخلا» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 290-ھەدىس)


ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: "بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى، جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ-ئىچسە، غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغان مەسىلە. يەنە ئالىملار جۇنۇپ كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم)


جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟


ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: "ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرى ۋە تەرلىرى نىجىس ئەمەس پاكتۇر، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر".(ئەلمەجمۇئ 2/170)


ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش، چاي دەملەش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، بالا ئېمىتىش، ئەر-ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق .



يەنە جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، قان ئالدۇرۇش، چاچ-تىرناق ئېلىش بالىلارنى ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش، ياكى جۇنۇپ كىشىگە ڭاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر، ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە، جۇنۇپ كىشىگە قاراپ سالسا پالاكەت باسىدۇ ياكى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ دېگەندەك قاراشلارغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. بۇلار پەقەت يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ .


جۇنۇپ كىشى غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟


كېچە ياكى كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىدىنلا دەرھال غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ، پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك تاماق يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا بەدىنىدىكى شالتاقنى تازىلىۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب بولىدۇ، ۋاجىب ئەمەس،



ئەمما ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسا، تىزدىن غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇمىسا ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا دەرھال غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ .



ئومۇمەن باشقا بىر ئالدىراشچىلىق ياكى سەۋەب بولمىسا غۇسلى قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل، چۈنكى ھەر ئەھۋالدا تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر، كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ، ياكى كېيىن غۇسلى قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسلى قىلالماي قېلىش، ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ .



غۇسلى قىلماي تۇرۇپ قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. ياخشىسى بۇنداق ئەھۋالدا ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن يەنە قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن))(سەھىھۇ مۇسلىم 308-ھەدىس)



جۇنۇپ ھالەتتە بىر نەرسە يەپ-ئىچىشكە بولىدۇ .



ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچەتتى))(ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان. 24758-ھەدىس)



بۇ ھەدىسنى جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى ۋە ئاغزىنى چايقىۋېتىدۇ دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان، كاتتا تابىىي سەئىيد ئىبنى ئەلمۇسەييىب مۇنداق دېگەن: "جۇنۇپ كىشى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاغزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ"، مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىيلارمۇ ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ دەپ قارىغان، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: "چۈنكى تاھارەت ئالىدۇ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن" دېگەن .



باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ-ئىچىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى))(سەھىھۇ مۇسلىم 305-ھەدىس). يەنە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى))(ئەبۇ داۋۇد 225-ھەدىس)


بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ -ئىچكەن، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچكەن، بۇ ھەدىسلەر ئىككى ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (نەيلۇل ئەۋتار 1/273)


دېمەك بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي ئۇنداق قىلىش مەكروھ، دەپمۇ قارىغان .


ۋەللاھۇ ئەئلەم.


پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.



POLO211 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-22 11:53:39

رەسمى تۈكى يوق پاراڭ قاپلاپ كىتىپتۇ ما ئىزدىنىشنى \"\"

arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 19:27:50

اللە رەھمەت قىلسۇن !



بۇرۇنراق كۆرسەم بوپتىكەنتۇق ، بالام كىچىكىدە خېلى يىغلاپ قويغانتى .....



جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ دەپ قاراپ بالىنى ئېمىتىشتىمۇ قاتتىق دىققەت قىلغان ، بۇنىڭغىمۇ تۇشلۇق اللە ئەجرىنى بىرەر !

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 20:01:34

(ئەسلى ماقالىنىڭ خېتى «بەك يوغان» ئىكەن، «سەل كىچىكلىتىپ» قويدۇم)





سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. جىمادىن كېيىن يۇيۇنماستىن بالىسىنى ئېمىتسە، بۇلامدۇ؟ جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قاراشقىمۇ بولمايدۇ، دېگەن گەپ توغرىمۇ؟




جاۋاب: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ:



بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم

بارلىق ھەمدۇ-سانا جانابى ئاللاھقا بولسۇن، پەيغەمبىرىمىزگە، ئائىلە-تاۋابىئاتىغا ۋە ئۇنىڭغا تاكى قىيامەتكە قەدەر ياخشى ئەگەشكەنلەرگە دۇرۇت-سالاملار بولسۇن.

جىمادىن كېيىن غۇسلى قىلماي تۇرۇپ بالا ئېمىتسە، بالىغا تاماق تەييارلىسا، يېگۈزسە، شۇنداقلا جۇنۇپ ھالەتتە بالىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ يۈزىگە قارىسا بولاۋېرىدۇ  .

ئەبۇ رافىئ رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: جۇنۇپ بولغان ھالىتىمدە رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ماڭا ئۇچراپ قېلىپ، قولۇمنى تۇتۇپ مېنى ئۆزى بىلەن بىللە ئېلىپ مېڭىپ، بىر جايغا كەلگەندە ئولتۇردى، مەن سۇغۇرۇلۇپ چىقىپ، مەنزىلىمگە كېلىپ غۇسلى قىلىپ كەلسەم، رەسۇلۇللاھ ئولتۇرۇپتۇ. رەسۇلۇللاھ: «نەگە كەتتىڭ؟ ئى ئەبۇ ھۇرەيرە» دېدى. مەن رەسۇلۇللاھقا ئەھۋالنى ئېيتسام، رەسۇلۇللاھ: «سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مۇئمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېدى.(سەھىھەين: بۇخارى 285-ھەدىس. مۇسلىم: 371-ھەدىس)

قەتادە رىۋايەت قىلىدۇكى، ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇلارغا مۇنداق سۆزلەپ بەرگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بىر كېچىدە ھەممە ئاياللىرىنى ئايلىنىپ چىقاتتى، ئۇ كۈنلەردە رەسۇلۇللاھنىڭ توققۇز ئايالى بار ئىدى.(سەھىھۇل بۇخارى 284-ھەدىس) مۇسلىم رىۋايىتىدە: \"پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ھەممە ئاياللىرىنى بىر غۇسلى بىلەن ئايلىنىپ چىقاتتى\" دەپ كەلگەن. (سەھىھى مۇسلىم 309-ھەدىس)

ئەتائ: جۇنۇپ ئادەم تاھارەت ئالماي تۇرۇپ قان ئالدۇرسا، تىرناقلىرىنى ئالسا، چېچىنى چۈشۈرسە دۇرۇس، دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى)

ئۇنىڭ ئۈستىگە شەرىئىتىمىزدە بالا ئېمىتىش ئۈچۈن جەنابەتتىن پاك بولۇشنى شەرت قىلغان بىرەر كۆرسەتمە يوق. ئەگەر ئۇنداق ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدىغان بولسا، ھەر ئائىلە دۇچ كېلىدىغان بۇنداق بىر ئىشقا قارىتا ئەلۋەتتە چەكلىمە كەلگەن بولاتتى  .

ئەلۋەتتە جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتمەكچى بولغان ئايال كۆكسىنى چايقىۋېتىپ ئېمىتسە تېخىمۇ ياخشى، بالا يىغلاپ قالمىسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ياكى غۇسلى قىلىۋېتىپ ئاندىن ئېمىتسە تېخى ياخشى، بۇنىڭ ئەۋزەللىكىدە، مۇستەھەبلىكىدە گەپ يوق. لېكىن ئۇنداق قىلماي تۇرۇپ ئېمىتسە گۇناھ ياكى باشقا ئىش بولمايدۇ  .



جۇنۇب ھالەتتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن غۇسلى قىلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بۇ ھەدىسلەر كۆرسىتىدۇ:

ئەبۇ سەلەمە رىۋايەت قىلىپ دەيدۇكى: مەن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن: رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۇخلامتى؟ دەپ سورىسام، ئۇ: ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ ئۇخلايتتى، دېدى.(سەھىھۇل بۇخارى 286-ھەدىس)

نافىئ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمادىن رىۋايەت قىلىدۇكى، ئۆمەر ئىبنى خەتتاب رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن: بىرىمىز جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، رەسۇلۇللاھ: «ھەئە، كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىپ جۇنۇپلۇق ھالەتتە ئۇخلىسا بولىدۇ» دېدى. (سەھىھۇل بۇخارى 287-ھەدىس)

ئابدۇللاھ ئىبنى دىينار رىۋايەت قىلىدۇكى، ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇما مۇنداق دېگەن: (ئاتام) ئۆمەر رەسۇلۇللاھ ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمگە ئۇنىڭغا (يەنى ئوغلى ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە) كېچىلىرى جەنابەت يېتىپ قالىدىغانلىقىنى سۆزلەپ يول-يورۇق سورىغاندا رەسۇلۇللاھ ئۇنىڭغا (ئابدۇللاھ ئىبنى ئۆمەرگە): «ئەۋرىتىڭنى يۇيۇپ، تاھارەت ئېلىۋېتىپ، ئاندىن ئۇخلا» دېگەن. (سەھىھۇل بۇخارى 290-ھەدىس)

ئىمام نەۋەۋى مۇنداق دەيدۇ: \"بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسلەردىن چىقىدىغان مەزمۇن شۇكى، جۇنۇپ كىشى ئۇخلىسا، يەپ-ئىچسە، غۇسلى قىلىشتىن بۇرۇن جىما قىلسا بولىدۇ. بۇ بارلىق ئالىملار ئوتتۇرىدا بىردەك ئىتتىپاق بولغان مەسىلە. يەنە ئالىملار جۇنۇپ كىشىنىڭ بەدىنى بىلەن تەرىنىڭ پاكىزلىقىغا بىردەك ئىتتىپاق. بۇ ھەدىسلەردىن يەنە يۇقىرىقى ئىشلارنى قىلماقچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى ۋە ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىشى مۇستەھەبلىكى چىقىدۇ\".(شەرھى سەھىھى مۇسلىم)



جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدىنى نىجىسمۇ؟  

ئىمام نەۋەۋىي مۇنداق دېگەن: \"ئىماملىرىمىز شۇنداقلا باشقا ئالىملار: جۇنۇپ، ھەيزدار ۋە نىپاسدارلارنىڭ بەدەن ئەزالىرى ۋە تەرلىرى نىجىس ئەمەس پاكتۇر، بۇنىڭدا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرىدا كۆزقاراش ئوخشاشماسلىقى يوقتۇر\".(ئەلمەجمۇئ 2/170)

ئەگەر ئۇلارنىڭ بەدىنى نىجىس بولىدىغان بولسا خېمىر يۇغۇرۇش، تاماق ئېتىش، چاي دەملەش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، بالا ئېمىتىش، ئەر-ئايال بىر كارىۋاتتا يېتىش، سۇ ئىشلىتىش قاتارلىق ئىشلار چەكلەنگەن بولاتتى، ئەمەلىيەتتە ئىسلام كۆرسەتمىسىدە بۇنداق چەكلىمە يوق  .

يەنە جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قاراش، باشقىلار بىلەن پاراڭلىشىش، باشقىلار بىلەن كۆرۈشۈش، قان ئالدۇرۇش، چاچ-تىرناق ئېلىش بالىلارنى ئېمىتىش ياكى تاماق يېگۈزۈش، ياكى جۇنۇپ كىشىگە ڭاراش قاتارلىق ئىشلار جائىزدۇر، ئاۋامۇنناس ئېتىقاد قىلغاندەك جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلار بىلەن كۆرۈشسە، جۇنۇپ كىشىگە قاراپ سالسا پالاكەت باسىدۇ ياكى ئاپەتكە ئۇچرايدۇ ياكى نەس باسىدۇ دېگەندەك قاراشلارغا ئىسلامدا ئورۇن يوق. بۇلار پەقەت يەھۇدىيلاردىن ئېقىپ كىرگەن قاراش بولسا كېرەك. چۈنكى يەھۇدىيلار ھەيزدار ئايالنى نىجىس دەپ قارايدۇ  .



جۇنۇپ كىشى غۇسلى قىلىشنى كېچىكتۈرسە بولامدۇ؟  

كېچە ياكى كۈندۈز ھەرقانداق ۋاقىتتا جىما ياكى ئېھتىلامنىڭ ئارقىدىنلا دەرھال غۇسلى قىلىش ۋاجىب بولمايدۇ، پەقەتلا ھەدىسلەردە كەلگەندەك تاماق يېمەكچى ياكى ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى ياكى قايتا جىنسىي مۇناسىۋەت قىلماقچى بولسا بەدىنىدىكى شالتاقنى تازىلىۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب بولىدۇ، ۋاجىب ئەمەس،

ئەمما ناماز ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسا، تىزدىن غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇمىسا ناماز ۋاقتى چىقىپ كېتىدىغان بولسا دەرھال غۇسلى قىلىپ ناماز ئوقۇشى ۋاجىب بولىدۇ  .

ئومۇمەن، باشقا بىر ئالدىراشچىلىق ياكى سەۋەب بولمىسا غۇسلى قىلىشقا ئالدىراش ئەۋزەل، چۈنكى ھەر ئەھۋالدا تاھارەت بىلەن تۇرۇش ياخشىدۇر، كىشى ئۆلۈپ كەتسىمۇ جۇنۇپلۇق ھالىتىدە ئۆلۈپ كەتمەيدۇ، رەھمەت پەرىشتىلىرىمۇ قاچمايدۇ، ياكى كېيىن غۇسلى قىلاي دەپ كېچىكتۈرگەن بولسا باشقا جىددىي ئىشلار بولۇپ قېلىپ غۇسلى قىلالماي قېلىش، ناماز ئوقۇيالماي قېلىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ  .

غۇسلى قىلماي تۇرۇپ قايتا جىما قىلىشقا بولىدۇ. ياخشىسى بۇنداق ئەھۋالدا ئەۋرىتىنى يۇيۇۋېتىپ كىچىك تاھارەت ئېلىۋېتىشى مۇستەھەب. پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ((بىرىڭلار ئايالى بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈپ ئاندىن كېيىن يەنە قايتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەكچى بولسا كىچىك تاھارەت ئېلىۋەتسۇن))(سەھىھۇ مۇسلىم 308-ھەدىس)



جۇنۇپ ھالەتتە بىر نەرسە يەپ-ئىچىشكە بولىدۇ  .

ھەزرىتى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچەتتى))(ئىمام ئەھمەد مۇسنەدىدە رىۋايەت قىلغان. 24758-ھەدىس)

بۇ ھەدىسنى جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ئىككى قولىنى ۋە ئاغزىنى چايقىۋېتىدۇ دەپ قارىغانلار دەلىل قىلغان، كاتتا تابىىي سەئىيد ئىبنى ئەلمۇسەييىب مۇنداق دېگەن: \"جۇنۇپ كىشى بىر نەرسە يېمەكچى بولسا ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاغزىنى چايقىۋېتىپ يەيدۇ\"، مۇجاھىد ۋە ئىمام زۇھرىيلارمۇ ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ يەيدۇ دەپ قارىغان، ئىمام ئەھمەدمۇ شۇنداق قارىغان ۋە: \"چۈنكى تاھارەت ئالىدۇ دېگەن ھەدىسلەر ئۇخلىماقچى بولغان كىشى ھەققىدە كەلگەن\" دېگەن  .

باشقا ئالىملار نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ-ئىچىدۇ دەپ قارىغان، چۈنكى پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ ھالەتتە يەپ-ئىچمەكچى ياكى ئۇخلىماقچى بولسا، ئادەتتىكىدەك تاھارەت ئالاتتى))(سەھىھۇ مۇسلىم 305-ھەدىس). يەنە پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جۇنۇپ كىشى يەپ-ئىچمەكچى بولسا ياكى ئۇخلىماقچى بولسا تاھارەت ئېلىۋېتىپ شۇنداق قىلىشقا رۇخسەت قىلدى))(ئەبۇ داۋۇد 225-ھەدىس)

بۇ ئىككى خىل ھەدىسلەرنى مۇنداق بىرتەرەپ قىلىشقا بولىدۇ: پەيغەمبەر ساللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم بەزىدە نامازغا تاھارەت ئالغاندەك تاھارەت ئېلىپ ئاندىن يەپ -ئىچكەن، بەزىدە ئىككى قولىنى يۇيۇۋېتىپ ئاندىن يەپ-ئىچكەن، بۇ ھەدىسلەر ئىككى ئىشنىڭ جائىز ۋە مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرىدۇ. (نەيلۇل ئەۋتار 1/273)

دېمەك بۇ ھەدىسلەر بۇنداق تاھارەت ئېلىۋېتىشنىڭ مۇستەھەبلىكىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە تاھارەت ئالماسلىقنىڭ جائىزلىقىنى بىلدۈرىدۇ، بەزى ئالىملار تاھارەت ئالماي ئۇنداق قىلىش مەكروھ، دەپمۇ قارىغان  .



ۋەللاھۇ ئەئلەم.



پەتىۋادا: دوكتور ئابدۇل ئەزىز رەھمەتۇللاھ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 20:28:06

ھەقىقەتەن ياخشى تىما ئىكەن ، مۇھىم بىلىمىلەر بار ئىكەن،  بىزدە چالا موللىلار بەك كۆپ، شۇڭا پەتىۋالارمۇ بەك كۆپ

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 22:33:31

خەتكۈچ.

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 23:08:36

رەسۇلۇللاھ: «سۇبھانەللاھ! ئى ئەبۇ ھۇرەيرە، مۇئمىن دېگەن نىجىس بولمايدۇ» دېدى.

ئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئئ

ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار بولسۇن ، مۇسۇمان ئەۋلادىدىن قىلغانلىقى ئەڭ چوڭ مۇكاپاتىدۇر.

مۇسۇمان ياراتقانغا شۇكرى ئاللاھ .

asalam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:28:10

كەتمەنباي غا تەشەككۈر ، تېما مەزمۇنىنىڭ كىچىكلىگىدىن قانداق ئوقارمەن دەپ غەم يەپ پەسكە قارىسام يوغان نۇسقىسىمۇ باركەن . \"\"

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 10:09:51

بىرگەپنى سورىۋالاي: قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز ئوقۇسا بولامدۇ؟

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 11:21:10

چوڭلاردا ‹‹جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ، سىرتقا چىقسا پىشكەللىك بولىدۇ›› دەيدىغان قاراش مەۋجۇت ئىكەن زادى.

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 11:36:50

\"\" \"\" \"\"

izlen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 12:53:35


چوڭلاردا ‹‹جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتسە بولمايدۇ، سىرتقا چىقسا پىشكەللىك بولىدۇ›› دەيدىغان قاراش مەۋجۇت ئىكەن زادى.


...........................................................................



ئۇيغۇرنىڭ بۇرۇنقى جاھالەت دەۋرىلىرىدە بىلىمسىز


مەشايىق پىشىۋالارنىڭ خىيالىچە چىقىرىپ ئالغان


پەتىۋالىرى ئۇ..

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 15:00:43

مەنمۇ بىرزات ھەكىمدەك قاتتىقراق قارايدىكەنمەن بۇ ئىشقا .

بىزنىڭ كاللىمىزدا جۇنۇپ ھالەتتە يەر دەسسىسە يەرمۇ بىزار بولىدۇ ، باشقىلارنىڭ چىرايىغا قارىسا بولمايدۇ ، ئىشلىرى پالاكەت بېسىپ تۇرۇدۇ دەپ قارايدىكەنمىز . شۇڭا يۇقارقى پەتىۋالارغا مەن تازا كۆنەلمىدىمغۇ ؟


boghlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:01:10

جىمادىن كېيىن جۇنۇپ ھالەتتە باشقىلارغا قارىماسلىق، يېيىش-ئىچىشتىن ساقلىنىش، بالىنى ئىمىتمەسلىك مەسىلىسى ھەقىقەتەن ئارىمىزدا خېلى كەڭ ئۇمۇلاشقان دەپ ئويلايمەن.



ھەتتا بوۋا بىرەر كېسەل ياكى تۇغۇلۇپ مەلۇم ئەيبىناق مەسىلىلىرى بولسىمۇ ئاشۇ جۇنۇبلۇققا باغلىۋالىدىغان ئىشلارنى يوق دەپ ئېيتالمايمىز.



«پاكىزلىق - ئىماننىڭ يېرىمى» بولغانىكەن، ۋاقتىدا پاكلىنىش ياخشى ئىش. جۇنۇپ ھالدا بالا ئىمىتمەڭ دىگەن گەپنى ئۇيغۇلارنىڭ پاكىزلىقنى سۆيۈش ئەنئەنىسىگە باغلاپ چۈشەنسەك مېنىڭچە تېخىمۇ توغرا بولارمىكىن

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 10:04:08

wolfly غا ئەگەشتىم!

juxkun49 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-20 11:24:14

‏ئىسلام دىنى قۇرئان ۋە سۈننەت ئاساسىغا قۇرۇلغان ، كۆز قاراش ئاساسىغا قۇرۇلمىغان .

پەيغەمبىرىمىز ئەڭ تەقۋادۇر ، ۋە قىلغانلىرى ئەڭ توغرىدۇر . قاتتىق يول تۇتۇش تەقۋالقىتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، تەقۋالىق پەقەت پەيغەمبىرىمىز كۆرسەتكەن دائىرىدە بولۇشى كېرەك، ئاللاھمۇ بەندىلىرىگە قىيىنچىلىقنى خالىغان ئەمەس . ئەۋزىلىنى قىلسا ئىختىيار ، بۇ ياخشى ئىش ئەمما چوقۇم شۇنداق قىلىش دېگەنلىك ئەمەس




joshua يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 00:06:08

بالا يىغلىمىسا غۇسلى-تاھارەت ئېلىپ ئاندىن ئېمىتكەن ئەۋزەل دەپتىغۇ؟ تالاشماڭلا بولدى.

Serweri يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 02:07:01


7- قەۋەتتىكى bugdayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىرگەپنى سورىۋالاي: قۇرئان كەرىمنى تاھارەتسىز ئوقۇسا بولامدۇ؟


تاھارەتسىز ( مەنە تەرجىمىسىنى ياكى ئايەتلەرنىڭ چۆرىسىدىكى ئىلاۋىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىغان) قۇرئاننى كۆتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئوقۇش ھاراممۇ ؟ چۈنكى مەن بەزى ھەدىيسلەردە پەيغەمبەرنىڭ ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن) : « مۇئىمىن ھەمىشە پاك ، ھەتتا ئۇ جۇنۇپ بولسىمۇ . » دىگەنلىكىنى ئاڭلىدىم .


مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .

پېشىۋا ئابدۇل ئەزىيز بىن باز دىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۇئال سورۇلۇپ ، مۇنداق دىگەن : كۆپ سانلىق ئالىملارنىڭ قارىشىغا ئاساسەن مۇسۇلماننىڭ قۇرئاننى تاھارەتسىز تۇتۇشى دۇرۇس ئەمەس . بۇ بولسا تۆت ئىمامنىڭ قارىشى ( ئاللاھ ئۇلاردىن رازى بولسۇن) ، ھەمدە پەيغەمبەرنىڭ (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھەمراھلىرىنىڭ بىرىدىغان فەتىۋاسى . ئۇ ھەقتە بىر سەھىيھ ھەدىيس ئەمرۇ بىن ھەزىمدىن نەقىل قىلىنغان بولۇپ ، پەيغەمبەر (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) يەمەن خەلقىگە : « قۇرئاننى پاك كىشىدىن باشقىسى تۇتمىسۇن . » دەپ خەت يازغان . بۇ بەلەن ھەدىيس بولۇپ ، ئۇنى كۈچەيتىدىغان بىر قانچە باشقا ئىسنادلار بار . شۇڭا مەلۇم بولۇدىكى ، قۇرئاننى پەقەت چوڭ ۋە كىچىك ناپاكلىقتىن پاكلانغان ھالەتتىلا تۇتۇشقا بولىدۇ . بۇ ھەم ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . لىكىن ئۇنى ۋاستە بىلەن تۇتسا ياكى يۆتكىسە ، مەسىلەن ، ئۇنى بىر نەرسىگە ئوراپ تۇتسا ، ئۇنداقتا ھىچ ۋەقەسى يوق . بىراق ئۇنى ناپاك ھالەتتە ئۇنى بىۋاستە تۇتسا ، كۆپچىلىك ئالىملارنىڭ توغرا قارىشىغا ئاساسەن ، يۇقۇردا تىلغا ئىلىنغان سەۋەپلەر تۈپەيلى دۇرۇس بولمايدۇ .

ئۇنى تىلاۋەت قىلىشقا نىسبەتەن ، ئەگەر تاھارەتسىز ھالەتتە ئۇنى يادقا ئوقۇسا بولىدۇ ، ياكى قۇرئاننى تۈزۈتۈپ بىرىشنى ياكى ئۆگۈتۈپ قويۇشنى سوراپ كەلگەن كىشى تۇتۇپ بىرىپ ئوقۇسا بولىدۇ .

لىكىن جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى ئوقۇمايدۇ . چۈنكى پەيغەمبەردىن(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) نەقىل قىلىندىكى ، قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنى جۇنۇپلۇقتىن باشقا نەرسە توسۇمايدۇ . ئەھمەد بەلەن ئىسناد بىلەن ئەلىيدىن ( ئاللاھ ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن) نەقىل قىلدىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) ھاجەتخانىدىن چىققاندا ، قۇرئاندىن مەلۇم نەرسىنى تىلاۋەت قىلدى . ھەمدە ئۇ مۇنداق دىدى : « بۇ بولسا جۇنۇپ ئەمەس كىشىگىلا بولۇپ ، جۇنۇپ كىشى بۇنى قىلمايدۇ ، ھەتتا بىرەر ئايەت بولسىمۇ . »

خۇلاسە : جۇنۇپ كىشى قۇرئاننى مۇسھەپتىن( قۇرئان كىتابى) بولسۇن ياكى يادقا بولسۇن ، تاكى يۇيۇنمىغۇچە ئوقۇمايدۇ . بىراق تاھارىتى سۇنغان ، جۇنۇپ ئەمەس كىشى قۇرئاننى يادقا ئوقۇيدۇ ، لىكىن مۇسھەپنى تۇتمايدۇ .

[ ئىبنۇ باز فەتىۋالىرى ، 10150 ]

مۇئىمىننىڭ پاكلىقى ھەدىيسىگە كەلسەك ، ئەبۇ ھۇرەيرىدىن نەقىل قىلىندىكى ، ئۇ مۇنداق دىگەن : مەن پەيغەمبەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالدىم ھەمدە مەن جۇنۇپ ئىدىم . ئۇ مىنىڭ قولۇمنى تۇتتى ھەمدە ئۇ بىرىپ ئولتۇرغۇچە ئۇنىڭ بىلەن ماڭدىم . ئاندىن مەن غىپپىدە كىتىپ ، يۇيۇندۇم . ئاندىن مەن ئۇ ئولتۇرغان جايغا كەلدىم . ئۇ مۇنداق دىدى : « ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، سەن قەيەردە ئىدىڭ ؟ » مەن ئۇنىڭغا ئېيىتتىم . ھەمد ە ئۇ : « سۇبھانەللاھ ! ھەي ئەبۇ ھۇرەيرە ، مۇئىمىن ناپاك بولمايدۇ . » دىدى . [ بۇخارىي( غۇسل 276 ) ، مۇسلىم ( ھەيىز ، 556) نەقىل قىلغان ]

نەۋەۋىي ئۆزىنىڭ سەھىيھ مۇسلىمغا قىلغان شەرھىيسىدە مۇنداق دىگەن :

“ بۇ ھەدىيس مۇسۇلماننىڭ تىرىك ياكى ئۆلۈك بولسۇن پاكلىقىدىن ئىبارەت چوڭ پىرىنسىپنى يورۇتۇپ بىرىدۇ . ئەگەر ئۇنىڭ پاكلىقى مۇقىملاشسا ، ئۇنداقتا مەيلى ئۇ تاھارەتسىز ياكى جۇنۇپ بولسۇن ، ياكى ھەيىزدار ، ياكى نىپاسدار بولسۇن ، ئۇنىڭ تەرى ، شۆلگىيى ۋە يىشى ھەممىسى پاك .

بۇ بىلىنسە ، ئۇنداقتا ئۇنىڭ پاكلىقىنىڭ مەنىسى ئايدىڭلىشىدۇ . ئۇنىڭ مەنىسى ھىچقانداق نەرسە ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ ماھىيەتتە پاكلىقىنى توسۇپ قالمايدۇ ، گەرچە شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئۇنىڭ تاھارىتى سۇنغان بولسىمۇ .

چۈنكى تاھارەتسىز بولۇش پەقەت كىشىنى نامازدىن ياكى باشقا پاكلىقنى شەرت قىلىدىغان ئىشلاردىن توسۇپ قويىدىغان سۈپەت .

ھەمدە ئاللاھ ياخشى بىلىدۇ .

پېشىۋا مۇھەممەد سالىھ مۇنەججىد


qintomor يوللانغان ۋاقتى 2013-6-21 08:05:20

مېنىڭچە جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئىمىتىشكە بولمايدۇ،جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئىمىتسە بالىدا قىززىش،ئىچى سۇرۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.[ئەمىليەتتىن ئۆتكەن].

بىزتۇرمۇشىمىزدا قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەر دىيىلگەن ھۆكۇملەر بويۇنچە ئىش تۇتۇش بىلەن بىرگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۆرۇپ ئادەتلىرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك.بۇلار بولسا ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئۇزۇن يىللار مابەينىدە يەكۇنلەپ چىققان تۇرمۇش تەجىربىلىرى[تىبابەت ۋە ئجتىما ئى ئەخلاق جەۋەتلەردە]ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ بىزگە پايدىسى بولسا باركى زىيىنى يوق،پەتىۋا بېرىشكە ئالدىراپ كەتمەيلى دوسىتلار.جىمادىن كىيىن غۇسلى قىلسىڭىز روھىڭىز پاكلانغاندەك ھېس قىلىسىز،روھلۇق بۇلۇپ قالىسىز،كېسەل باسمايدۇ.

كونىلار ئېيتۇدۇلەركى؛جۇنۇپ ھالەت بالا ئىمىتىشكە ،كۇنگە قاراشقا،يەردەسسەشكە بولمايدۇ.[يامان بۇلۇدۇ]

ئاياللارنىڭ ئايدا بىر چىقىرىدىغان چىقىرىندىلىرىنى كۇن ۋە ئاي كۆرسە بولمايدۇ.[يامان بۇلۇدۇ]

دائىم جۇنۇپ ھالەتتە ئىمىتىلگەن بالىنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەن بۇلۇپ قالىدۇ.[تىبابەتتە مەلۇم ئاساسى باربۇلۇشى مومكىن]
بەت: [1] 2
: جۇنۇپ ھالەتتە بالا ئېمىتىشنىڭ ۋە باشقىلارغا قاراشنىڭ ھۆكمى.