bilgyar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 11:20:26

ئاتا-ئاناڭ مېھماندۇر (بىلىگيار)

ئاتا-ئاناڭ مېھماندۇر



ئاتا–ئاناڭ مېھماندۇر كەتسە كەلمەس قارىۋال،


سېنىڭ ئۈچۈن ئاقارغان چاچلىرىنى تارىۋال.


تاپقان پۇلۇڭ نە ھاجەت؟ خىزمىتىنى قىلىۋال،


ئۇلار ھايات گۈلۈڭدۇر، ھىدلاپ تازا پۇرىۋال.



ئاشۇ ئىللىق چېھرىنى يىنىش-يىنىش كۆرىۋال،


قورۇق باسقان قولىنى كۆزلىرىڭگە سۈركىۋال.


غەم-قايغۇنى ئۇلاردىن ئۆز مۈرەڭگە يۆدىۋال،


مەيشەتكە بېرىلسەڭ، ۋىجدان ئازابى تارتىۋال.



ھەممىمىزنىڭ مېھمىنى بولسۇن مەڭگۈ سالامەت،


سەندىن پەقەت كۈتىدۇ ئادىمىيلىك دارامەت.


بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرى شۇنچە ئىمىش باراۋەت،


پەرزەنتىڭدىن ساڭا ھەم يەتمىسۇن ھېچ مالامەت.


Nopano يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 22:26:18

شېرىڭىزنىڭ مەنىسىنى چوڭقۇر چۈشەنگەن بىرسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن سىزگە چوڭقۇر تەشەككۈرلەرىمنى بىلدىرىمەن ! رەخمەت !
بەت: [1]
: ئاتا-ئاناڭ مېھماندۇر (بىلىگيار)