Biradem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 23:23:21

ئاتا-ئانام قويغان ئىسمىمغا ئىگە ئەمەسكەنمەن

‏‏ئاتا-ئانام قويغان ئىسمىمغا ئىگە ئەمەسكەنمەن


‏مۇشۇ كۈنلەردە بەكلا سەپرا مىجەز بولۇپ قالدىمىكىن-تاڭ، بىرەر يەردە قاقاقلاپ كۈلگەن، پوچىلىق قىلغان، غادىيىپ ماڭغان، ھەشەمەتچىلىك قىلغان ياكى ئۇيۇن-تاماششادا خۇدىنى بىلمەي ئويناپ توۋلاپ يۈرگەن ئۇيغۇرنى كۆرسەم، بۇ سەپرا كېسىلىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كېتىدۇ. بىزنىڭ خۇشال بولۇشقا، ئويناپ كۆلۈشكە ئەرزىگۈدەك ھازىر نېمىمىز بار؟ دېگەننى تۇلا خىيال قىلىمەن.

‏ئەلقىسسە،پېقىرنىڭ بۇ كېسىلىنىڭ بەزى سەۋەبى مۇنداق:

‏ چەتئەلگە مىڭبىر تەسلىككە پاسپورت بىجىرىپ چىققىلى 10 يىل بولدى،دەسلەپتە قولغا پاسپورت چىققاندا بۇ قانۇنلۇق پاسپورتنى قولغا ئالغاننىڭ خوشلۇقىدا مېنىڭ ئىسمىمنى يازىدىغان يەرگە دادامنىڭ ئىسمىنى، دادامنىڭ ئىسمىغا مېنىڭ ئىسمىمنى يېزىپ، ئاتا-ئانام ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسمىمغا قىلچە ئوخشىمايدىغان شەكىلدە بىر ئىسىم   يېزىلغان بولسىمۇقىلچە كۆڭلۈمگە كەلمىگەن. چۈنكى نۇرغۇن كىشى نەچچە يىل يول مېڭىپ ئالالمىغان تۇتىيا پاسپورتنى مەن ئالدىم ئەمەسمۇ؟!

‏ئەمما تۈركىيەگە كېلىپمەكتەپكە كىردىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالدىم، بۇ يېقىندا پىراۋا ئېلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقان، بۇ جەرياندا سىلەرگە دېگەن ھېلىقى كېسىلىم تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتتى.

‏تۇنۇش بىلىش تۈركلەر ھەممىسى مېنى ئاتا-ئانام كىچىك چېغىمدا قويغان ئىسمىمىم بىلەن چاقىرىدۇ. لېكىن مەكتەپتە ئارخىپ، جەدۋەل توشقۇزۇدىغان، ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ھەر خىل جەرياندا مەن مۇشۇ پاسپورتۇمدىكى غەلىتە ئىسمىم بىلەن چاقىرىلىمەن. ئىسمىمغا ھەيران قالغانلارغا ئىزىپ چۈشەندۈرىمەن، بەزىلەر ئىچ ئاغرىتىش، بەزىلەر ھىسداشلىق، بەزىلەر غەلىتە بىر نەزەردە قارايدۇ. چۈنكى بۇ پاسپورتقا ئاساسەن ئالغان ئىقامەتكە مېنىڭ ئىسمىم بىلەن دادامنىڭ ئىسمى ئوپ-ئوخشاش يېزىلغان. بۇنىڭ سەۋەبى مۇنداق: جۇڭگۇدا خەنزۇلارنىڭ فامىلىسى باشتا، ئىسمى ئاخىرىدا يېزىلىدىكەن، لېكىن بىز ئۇيغۇرلار ئىسمىمىز باشتا، فامىلە ھېسابىدىكى دادىمىزنىڭ ئىسمى ئاخىرىدا يېزىلىدۇ، بۇ جەھەتتە تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭمۇ بىزگە ئوخشايدۇ.

‏ۋەتەندە پاسپورت ئېلىشقا ئىلتىماس قىلغان چېغىمىزدا جەدۋەل توشقۇزىدىغان ساقچىلار ساۋادى تۈزۈك چىقمىغانمۇ قانداق؟ ياكى بۇ يۇقىرىدىكى ئۇيغۇرچە ساۋادى يوق بەسەيلەرنىڭ ئىشىمۇ بىلمىدىم، ئىشقىلىپ ئىسمىمىزنى خەنزۇلارنىڭ ئىسىم تەرتىۋى بويىچە يېزىپ، ئۆز ئىسمىمىزنى فامىلە، دادىمىزنىڭ ئىسمىنى ئۆز ئىسىم سۈپىتىدە چىقىرىپ قويىدىكەن. يالغۇز مېنىڭلا مۇشۇنداق پالاكەت بولغان ئوخشايدۇ دەپ، بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتىغا قاراپ باقتىم، قارىسام ھەممىسىدە شۇنداق تەتۈر، ئۆز ئىسمى بىلەن دادىسىنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قېلىغلىق، پىنيىن يېزىلىشىدىكى غەلىتىلىكنى دېمەيلا قوياي، بولدى

‏ئۆتكەن يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالىدىغان چاغدا يەنە مۇشۇ ئىسىم كاشىلىسى تۈپەيلى سوتقا (تۈركچە:مەھكىمىگە) بېرىشقا تاس-ماس قالدىم

‏تەپسىلاتى مۇنداق: ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تور بېتىدە 2012-يىلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ دىپلوم ئالماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار تەييارلاشقا تېگىشلىك ماتىرىياللارنى تەپسىلىي يېزىپ قويۇپتىكەن، شۇلارنى ھەممىنى تولۇق تەق قىلىپ ئاپارسام، مەمۇر خانىم ماڭا:

‏- بىرەر نوپۇزلۇق كەسپىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ئىلمىي ماقالىڭىزنى ئەكىلىڭ، بۇنداقماقالە ئېلان قىلدۇرمىغان بولسىڭىز، دىپلوم ئالالمايسىز. - دېدى، مەن:

‏- سىلەرنىڭ تور بېتىڭلاردا بۇنداق شەرتنى يازماپتۇ، - دېسەم،

‏- بۇ شەرت تېخى بۇ يىل يولغا قويۇلدى، بۇندىن كېيىن دوكتۇرلۇق دىپلومى ئالماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىدىن ئىلمىي ژورنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە تەلەپ قىلىنىدۇ. - دېدى كەسكىن ھالدا. ئويلاپ باقسام، 2005-يىلى بىر ئىلمىي ژورنالغا (ھاكەملىك دەرگىگە) ماقالەم چىققانئىدى، شۇغىنىسى ئۇ ژورنالغا ماقالەمنى بەرگەندە ئاتا-ئانام قويغان ئۇيغۇرچە ئىسمىمنى يېزىپتىكەنمەن. بۇ ئىسىم تۈركلەرنىڭ ئارىسىدىمۇ كۆپ قويۇلىدىغان ئىسىملاردىن بىرى ئىدى.

‏شۇ ماقالەمنى كۆتىرىپ كەلدىم، مەمۇر خانىمغا بىر تاغار چۈشەندۈردۇم:

‏- قاراڭ، مەن ئۇيغۇر، ئەمما چىندە ياشايمىز، پاسپورتنى چىنلىلەر مۇشۇنداق يېزىپ قويۇپتۇ، چىنلىلار دادىسىنىڭ ئىسمىنى ئالدىغا، ئۆزىنىڭ ئىسمىنى كەينىگە يازىدۇ

‏- ھە مەيلى، ئىسىم بىلەن سوي ئات (فامىلە) ئالمىشىپ كەلگەننى توغرا چۈشىنەيلى بولدى، بىراق ماۋۇ پاسپورتتىكى ئىسىم بىلەن ماقالىدىكى ئىسمىڭىزنىڭ ھەرپلىرى گەرچە ئوخشاش لاتىن يېزىقى بولسىمۇ، لېكىن پەقەتلا ئوخشاشمايدىكەن.

‏- چىنلىلەرنىڭ تىلى بىزنىڭ ئىسمىمىزنى تولۇق تەلەپپۇز قىلىشقا يەتمەيدۇ، ئىسمىمىزنى ئۇيغۇرچىسى بىلەن تۇلۇق دېيەلمەيدۇ، ئاغزىغا كەلگىنى بويىچە (جۆيلۈپ) تەلەپپۇز قىلىپ يازىدۇ.

‏- ئۇلار بۇنداق يازسا، ئىسىم سىلەرنىڭ بولغاندىكىن، سىلەر توغرىسىنى يېزىپ بەرسەڭلار بولمامدۇ؟

‏- بىزنىڭ بۇنداق قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيدۇ، ئاران تەستە پاسپورت ئالالىغانغا خوش

‏مەمۇر خانىم ماڭا غەلىتە قارىدى، كۆڭلىدە ئۆزىنىڭ ئىسمىغا ئىگە بولالمىغان بىچارە بايقۇش قانداق بولۇپ، ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىدىن دوكتۇرلۇق دىپلومى ئالالىغاندۇ دەپ ئويلىدىمىكىن دەپ گۇمان قىلدىم.

‏- ئۇنداق بولسا، سىز ماۋۇ ماقالىدىكى ئىسمىڭىز بىلەن پاسپورتتىكى ئىسمىڭىزنىڭ ئەسلى بىر كىشىگە ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنى ياكى سوت مەھكىمىسىدىن خەت ئېلىپ كېلىڭ.

‏بۇ گەپنى ئاڭلاپكاللامدىن تۇتۇن چىقىپ كەتتى،

‏- مەن ئىككى يىل بولدى ھېچقانداق يەردىن بۇرس (ئوقۇش مۇكاپات پۇلى) ئالماي، پۈتۈنلەي ئۆز خىراجىتىم ، ئاتا-ئانامنىڭ بەرگەن پۇلى بىلەن بۇ ئوقۇشنى تۈگەتتىم، بۇ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتىنىڭ دىپلومىنى كۆتىرىپ جۇڭگۇغا بارغىنىم بىلەنمۇ ماڭا تۈزۈك ئىش چىقمايدىغانلىقى ئېنىق، بۇ دىپلوم كارغا كەلمەسلىكى مۇمكىن. مېنى ئەڭ ياخشىسى ئەمدى ئارتۇق چىقىمدار قىلماڭ (جامائەت گۇۋاھلىقى تۈركچە نوتەر دېيىلەتتى، خېلى كۆپ پۇل ئالاتتى، سوت مەھكىمىسىگە بارساممۇ يەنە پۇل تۈلەيدىغان گەپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى بىر قانچە كۈندە بىجىرگىلى بولمايدىغانلىقى ئېنىق) مەن ھېرىپ قالدىم، مەن ئوقىغان مەكتەپتىكى دانىشمەن غوجام (يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم)نىڭ تېلېفۇن نۇمۇرى مانا، شۇلارغا تېلېفۇن قىلىپ سورىسىڭىز بولىدۇ، مەن ماگىستېرلىقتا ئوقىغان چاغدىكى ئوقۇتقۇچىلىرىم مانا ماۋۇلار، شۇلاردىن سوراڭ، ئۆز ۋاقتىدا ماقالەمنى شۇلار ژورنالغا بېرەيلى دېگەن.   

‏مەن بۇ مەمۇر خانىمغا خېلى ئىزىپ چۈشەندۈردۈم، ھەر ماۋسۇمدا مەكتەپكە ئوقۇش پۇلى تۆلەش، ئەنقەرە شەھەر ئىچىدىن يىراق كۆلبېشى رايۇنىدىكى ئىنستىتوتقا بېرىشقا كۈنلەپ ۋاقىت سەرپ قىلىش مېنى خېلى چارچىتىپ قويغان ئىدى

‏- ئۆز ۋاقتىدا ژورنالغا چىققان ماقالىنىڭ بۈگۈن لازىم بولىدىغانلىقىنى بىلگەن بولسام، ئۆز ئىسمىمدا ئەمەس، چىنلىلەر قويغان غەلىتە ئىسمىمدا ئېلان قىلاركەنمەن، سىز مېنى بۇ پاسپورتتىكى ئىسىمنى ياقتۇرىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۆزەممۇ بۇنىڭدىن شۇنچىلىك بىزاركى....

‏مەمۇر خانىم مېنىڭ قاتتىق ئاچچىغىم كەلگىنىنى ھېس قىلدى بولغاي:

‏- ئۇنداق بولسا، سىز ئىككى ئۈچ ھەپتە ساقلاڭ، بىز بۇ ئىسىم مەسىلىسىنى يۇقىرىغا دوكلات قىلايلى، شۇلار نېمە دېسە شۇنداق بولىدۇ، نوتەردىنياكى مەھكىمىدىن خەت ئەكىلىڭ دەيدۇ، شۇ چاغدا بىر گەپ بولار، ھازىرچە قايتىپ تۇرۇڭ، ماقالىڭىز ئېلان قىلىنغان ژورنال بۇ يەردە قالىدۇ. ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن تېلېفۇن قىلىپ كېلىڭ دېگەندە ئاندىن كېلىڭ.

‏- بىر ھەپتىدىن كېيىن كەلسەم بولمامدۇ؟

‏- بىزنىڭ باشلىقلار بۇ مەسىلىنى گەنەل قۇرۇلدا مۇزاكىرە قىلىدۇ، گەنەل قۇرۇل پەقەت ھەر ئاينىڭ 1-ھەپتىسى بىر يەرگە كېلىپ مۇزاكىرە قىلىدۇ، ئۇنىڭغىچە ئۈچ ھەپتە ۋاقىت بار، سىزنىڭ ئىشىڭىز بۇ ئايلىق گەنەل قۇرۇل يىغىنىغا ئۈلگۈرەلمىدى

‏بوپتۇ، ساقلىسام ساقلاي دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە.ھەر كۈنى نامىزىمدا بۇ ئىشىمنىڭ ئاسان بولۇشى، ئۇرۇنسىز ئىشلارغا چىقىم بولماسلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم. بۇ كۈنلەردە ئاچچىق تۇتۇۋالغان سەپرا كېسىلىم شۇ چاغدا خېلى ئۆزىنى كۆرسەتتى، نېمىشقا ئۆزەمنىڭ ئىسمىغا ئۆزەم ئىگە بولالمايمەن؟ دېگەنچ سوئال كېسىلىمنى ئېغىرلاشتۇراتتى.

‏دۇئايىم ئىجابەت بولدىمۇ ياكى بۇ تۈركلەرگە ئىنساپ كېلىپ قالدىمۇ-تاڭ، بۇ ئىش ئۆتۈپ بىر ئايدىن كېيىن ۋاقىتلىق دىپلومنى قولۇمغا ساق-سالامەت ئالدىم، نوتەرگە ياكى مەھكىمىگە بېرىشقا كېرەك قالمىدى.

‏بۇ يىل 1-ئايىدىن باشلاپ بىر پىراۋا ئالاي دەپ ئىستانبۇلدا ئۆيگە يېقىن يەردىكى شوپۇرلۇق كۇرسىدا ئوقىغان ئىدىم، نەزىرىيە ۋە ئەمەلىيەت ئىمتىھاندىن ھەممىسىدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ، كىنىشكە ئالىدىغان چاغدا يەنە جىلە بولۇپ قالدىم،

‏ھەر كۈنى دەرستە مۇئەللىم ئىسمىمىزنى يوقلام قىلىپ چاقىرغان ۋاقتىدا غەلىتە ئىسمىمنى سەل تەس ئوقۇيتتى، بۇنىڭغا بەك جىلە بولمىدىم، چۈنكى مەن بەرىبىر ئۆز ئىسمىغا، تىلىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغان تائىپىنىڭ ئادىمى، بۇ ئادەملەرمۇ بىر كۈنى چۈشىنىپ قالار.

‏ئەڭ جىلە بولغىنىم، مۇشۇ ئىستانبۇل ئەمنىيەت (ساقچى ئىدارىسى)نىڭ تور بېتىدىن راندەۋۇ (ئاندىنئالا بىر سان) ئېلىش ئىشىدا كومپىيوتېر مېنىڭ ئۇچۇرۇمنى رەت قىلىپ تۇرۇۋالدى. ئىستانبۇلدا پراۋا ئېلىش ئۈچۈن نۇرغۇن ماتىرىياللارنى تەييارلاپ خالتىغا قاچىلاپ ئېلىپ بارىمىز، لېكىن بۇ شەھەردە ئادەم كۆپ بولغاچقا، ساقچىخانا بىناسىغا ئادەم توشۇپ كەتمىسۇن دېگەنمۇ قانداق، ساقچىخانىغا ئىش بىجىرگىلى بارىدىغان ھەر قانداق كىشى ئالدىنئالا پالانى كۈنى پۇستانى سائەتتە بارىمەن دېگەننى توردا تىزىملىتىپ ئاندىن بارىدۇ، بۇنداق تىزىملىتىشنى تۈركچە راندەۋۇ ئېلىش دەيمىز، دۇختۇرخانىغا ھەقسىز كېسەل كۆرسەتمەكچى بولسىڭىزمۇ توردىن راندەۋۇ ئالغىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ساقچىخانىدا ئىش بىجىرىش ئۈچۈن راندەۋۇ شەرت.

‏ھەر كۈنى ئەتىگەن تور بەتنى ئېچىپ راندەۋۇ ئالماقچى بولدۇم، بۇنىڭغا بۇنداق ئالدىرىشىمنىڭ سەۋەبى شوپۇرلۇق كۇرسىدىن ئالغان كېنىشكىنى بىر ئاي ۋاقىت ئىچىدە ساقچى ئىدارىسىغا ئاپىرىپ پىراۋىغا ئالماشتۇرمىسام، بۇنىڭ ئىناۋەتلىك ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرۇش كەلدى تېلېفونۇمغا. شۇنىڭ بىلەن سەل ئالدىراپ قالدىم. لېكىن بىر ھەپتە ھەر كۈنى كومپىيوتېرغا قاراپ راندەۋۇ ئېلىشقا تىرىشتىم، كۆپىنچە ۋاقىتتا «دولۇ» (بوش ۋاقىت يوق) دېگەن ئۇچۇر چىقىۋالغان بولغاچقا، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىز بىلەن توققۇز يېرىم ئارىلىقىدىكى ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ مىقتەك ئولتۇردۇم، چۈنكى يېڭى راندەۋۇلار مۇشۇسائەتتە يېڭىلىنىدىكەن، بىر كۈنى ئەتىگەندە خېلى كۆپ بوش راندەۋۇ چىقتى، خۇشال بولۇپ، بىرنى تاللاپ شەخسىي ئۇچۇرۇمنى، يەنى پاسپورتتىكى ئىسمىم، توغۇلغان يىل، دادامنىڭ ئىسمى، ئىقامەت ئادرېسىم دېگەندەك ئۇچۇرلارنى تولۇق كىرگۈزدۈم، بىراق بۇ تۆمۈر-تەسەك كومپىيوتېر بۇلارنى قوبۇل قىلمىدى:

‏غا ئۇدۇل كەلمىدى دېگەن ئۇچۇر چىقىپ تۇرۇۋالدى mernis kayıtları

‏شۇنىڭ بىلەن گۇگۇلغا كىرىپ بۇ «مەرنىس كايىتلارى»دېگەن زادى قانداق نېمە ئاقتۇرۇپ باقتىم، بۇ ئەسلى تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان بارلىق شەخىسلەرنىڭ ئىسمى، كىملىك نۇمۇرى، توغۇلغان يىلى، ئاتا-ئانا ئىسمى، تۇغۇلغان يۇرتى، تۇرۇۋاتقان ئادرېسى تەپسىلىي خاتىرلىنىپ ئىچكى ئىشلار مىنىستېرلىكى تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان ئارخىپتا ساقلىنىدىغان ئۇچۇرلارنىڭ قىسقارتىلما ئىسمى ئىكەن، بىز ساقچى ئىدارىسىدىن راندەۋۇ ئالماقچى بولساق، بىز كىرگۈزگەن ئۇچۇرلار مۇشۇ مەرنىس كايىتللارى تىزىملىكى بىلەن ئوخشاش بولمىسا، كومپىيوتېر بۇنى تونىمايدىكەن. كومپىيوتېرغا بۇنى تۇنىتالماي بەك جىلە بولدۇم. ئاتا-ئانام قويغان ئۆز ئىسمىمغا ئۆزەم ئىگە بولالىغان بولسام، بۇنداق پىنيىنچە غەلىتە ئىسىم بولمىغان بولسا ئاسانراق بولاتتى دەپ ئويلىدىم.تۈركچىدە ئۈستىدە چىكىتى بار ئى ھەرپى بىلەن چىكىتى يوق ئى ھەرپى بار، بۇلار كۆپىنچە ۋاقىتتا ئالمىشىپ كېتىدۇ، بولۇپمۇ ماڭا ئوخشاش چەتئەللىكنىڭ ئىسمى پاسپورتتا چوڭ ھەرپتە يېزىلغاندا ئى ھەرپىنىڭ چىكىتى بولمايدۇ، ئەمما بۇ ئىسىم كىچىك ھەرپتە يېزىلغاندا پىنيىنچە قائىدە بويىچە ئى ھەرپىنىڭ ئۈستىگە چىكىت كېلىدۇ. تۈركىيەدە ئىش بىجىرىدىغان چاغدا بەزى تۈركلەر ئىسمىمدىكى ئىككى ئى ھەرپىگە بەزىدە چىكىت قويسا، بەزىدە چىكىت قويمايدۇ، ئەمما بۇ تۈركچىدە پەرقلىق ئىككى ھەرپ بولىدۇ. كۆڭلۈمدە شۇ مەرنىس كايىتلارى تىزىملىكىدە يېزىلغىنىدا ئى ھەرپىدىكى چىكىتلەر دەخلى قىلغانمىكىن دەپ ئويلىدىم، بىر قانچە كۈن بۇ مەسىلە ھەل بولمىغاندىن كېيىن ئاخىرى ئۈسكۈدار ساقچى ئىدارىسىگە بېرىپ دەردىمنى ئېيتتىم،

‏ئۇلار: تۈركىيە پۇخراسى ئەمەس چەتئەللىكلەر راندەۋۇ ئالماي كەلسە بولاۋېرىدۇ دەپ ئىشىمنى ئاسانلاشتۇردى، ئوھ، ئاللاھقا شۈكرى دېدىم-دە، مەن كۇرۇستا ئوقىغان رايۇندىكى ساقچىخانىغا ماتىرىياللىرىمنى بېرىپ قويدۇم، بىر قانچە كۈندىن كېيىن پراۋامنى ئالالايدىغانلىقىمنى ئېيتىشتى.

‏ئىسمىمنى پىنيىنچە مايماق يازسا مەيلى دەي،ئاتا-ئانام بىر چىرايلىق ئەزان توۋلاپ قويغان ئىسىمغا چوڭ بولۇپ ئىگەبولالمىسام غىڭ قىلماي،دادامنىڭ ئىسمى بىلەن مېنىڭ ئىسمىمنى ئالماشتۇرۇپ يېزىپ قويسا، نېمىشقا خاتا يازىسەن دېيەلىگۈدەك جاسارەت قايسى ئۇيغۇردا بار؟ نېمىشقا پاسپورت ئالغان كۆپىنچە ئۇيغۇرنىڭ ئىسمى ئۇيغۇرچە قائىدە بويىچە ئاۋال ئۆز ئىسمى، ئاندىن فامىلىسى بويىچە يېزىلمايدۇ؟ بۇنىڭغا ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلالىغۇدەك ئۇيغۇر ئەمەلدار يوقمۇ؟ بىز خەنزۇ بولمىساق يا ئىسمىمىز پۈتۈنلەي خەنزۇچىلىشىدىغان؟ئىسىمغا ئىگە بولالمىغان نەرسە ماھىيىتىگە ئىگە بولالارمۇ؟ ئىسىم ماھىيەتنى ئەكىس ئەتتۈرمەمدۇ؟ .... مۇشۇنداق گادىرماچ سوئاللار پېقىرنى قىيناپ سەپرا كېسەل بولۇپ قالدىم،

‏ئىزدىنىشقا ئازىراق بولسىمۇ دەردىمنى تۆكىۋېلىپ خېلى يىنىكلەپ قالدىم.

‏پاسپورتنى ئۆز ئىسمىدا ئالالىغانلار بولسا، تەجرىبەڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار.

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 10:01:33

پاسپورتنى قولغا ئىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئىسىمنى ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلساق بولىدىكەن ، پىنيىنچىنى ئۆلچەملىك لاتىنچە قىلىپ ئۆزگەرتسەك بولىدىكەن ، ئىلتىماس قىلىپ بىر ھەپتە ئىچىدە تاماملىنىدۇ ، 40 كويچە پۇل كىتەمىكى .......

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 11:12:41

بۇ پاسپورت دىگەن راستىنلا تۇتىيا بولۇپ قالدىمۇ قانداق ؟ 1يىلدىن ئاشتى مىڭىۋاتىمەن ھىچبىر ھەل بولاي دىمەيدۇ.

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 13:51:23

مۇشۇ پاسپورت دېگەن نەرسە مېنىمۇ سەپرا قىلىۋەتتى....



ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى مىڭ تەستە تەييار قىلىپ، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى سۇنۇپتۇ. ھەممە ماتېرىيال تولۇق بولغاچقا كۆزنەكتىكىلەر قوبۇل قلىپ، رەسىمگە چۈشۈرگۈزۈپ، تالۇنىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ. ئىنىم كۆڭلىدە خۇدا بۇيرىسا ئەمدى بولسىمۇ بۇ تۇتىيا پاسپورتنى قولۇمغا ئالارمەن، توققۇزى تۈگەپ بىرسى قالدى دەپ كۈن ساناپ ئىككى ھەپتىنى مىڭ تەستە توشقۇزۇپ سۈرۈشتۈرسە، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە نۇپۇسىنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلەرگە نوپۇسى ئەسلى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئالاقە ئەۋەتىپ شۇ ئالاقە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جاپاكەش دادام سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇ ئالاقىنىمۇ تېپىپ تەلەپ قىلغان تامغىلىرىنى ئۇردۇرۇپ ۋىلايەتكە يولغا ساپتۇ. ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۇنى كۆرۈپ تەستىقلاپ ئىنىم تۇرۇشلۇق شەھەردىكى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يوللايدىكەن. ئىش ئۈنىمى دىسە مۇشۇنداق بولا، ئاشۇ بىر پارچە قەغەزنى فاكس ئارقىلىق يوللاپ بىرىشكە نەچچە ھەپتە كەتتى... ئىنىم سۈرۈشتۈرۈپ فاكىس يوللىدىمۇ دېسە يوللىمىدى دەيدۇ، ئاندىن ۋىلايەتتىكى مۇناسۋەتلىك ئىشخانىغا تېلېفون قىلسا ئۇلار يوللاپ بولدۇق دەيدۇ، مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ مىڭ تەستە يوللاندى ئۇ سۆيۈملۈك بىر پارچە ئالاقە.... ئۇنىڭدىن كىين ئەمدىغۇ چىقار ، ھەممە نەرسە تەييار بولدى، ئالاقىمۇ قولىغا تەگدى دەپ ئىككى ھەپتە ساقلاش بىلەن ئۆتتى...



ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئىنىم تېلېفون قىلىپ پاسپۇرت چىقتىمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسە چىقماپتۇ، سەۋەبىنى سورىسا تىلىنى چايناپ ئېنىق بىرنەرسە دېگىلى ئۇنىماپتۇ.... شۇنىڭ بىلەن ئىنىم ئۇلارنىڭ باشلىقنىڭ ئېلخەت ئادىرىسغا نېمە ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىشنىڭ بۇنچە مۇرەككەپلىكنى، يەنە بىرەر كام ماتېرىيال بار-يوقلىقىنى، بولسا ئوچۇق دىيىشىنى، بولىمىسا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپخەت يېزىپتۇ. بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلاردىن تېلېفون كىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىجىرىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق بارلىقىنى دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي يۈردۇق سەپرا بولۇپ ..... \"\"

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 14:21:39

پاسپورتتىكى ئىسىمنى ئۆلچەملىك لاتىنچە يېزىلىشىغا ئۆزگەرتكىلى بولىشى مومكىن.

ئەمما ئۆزگەرتىسڭىز داۋاملىق ئۇ يەر بۇ يەرگە قاتراپ جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكىزىدىغانغا تەييارلىق قىلىپ قويۇڭ.

بۇرۇنقى دىپلوملىرىڭىز ھەممىسى شۇ ئىسىمدا يېزىلغان.يىڭى ئىسىمىڭىزدىكى سىزنىڭ شۇ كونا ئىسىمدىكى سىز ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشەندۈرۈشكە رەسمىيەت كىتىدۇ.

ئۈستىگە تاپشۇرىدىغان،ھۆججەت تولدۇرىدىغان ئىسىم يېزىلىشى شۇ پېتى تۇرسا،سىزمۇ شۇ پېتى ئىشلەتسىڭىز، قالغان ۋاقىتلاردا ئۈزىڭىزنى قانداق چاقىرتقۇڭىز كەلسە شۇنداق چاقىرتسىڭىز بولىۋېرىدۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 16:06:55

ئوڭشىلىپ كېتەر بۇ ئىشلارمۇ، ھىچ بولمىسا بالىلىرمىز(ئاللاھ ئامان قىلسا) دادا،- ما ھەپتە مىسرغا بېرىپ كېلەي،- دەپ تېلفۇن قىلسىمۇ ھۇزۇرتى ماڭا.

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 16:32:58

3- ئايدا ناھىيىدىكى رەسمىيەتلەرنى شۇنداق تېزلا پۈتتۈرۈپ ئوبلاستقا بارغاندا بىرلا ئىسپاتقا ئېسىلىۋالدى، كەم قاپتۇ دەپ، بەك بەك تىرىككەن ئىدىم مەنمۇ... بىر بىجىرىلۋالسام بولىتى.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 22:00:29

‹‹ ‏ھەر كۈنى دەرستە مۇئەللىم ئىسمىمىزنى يوقلام قىلىپ چاقىرغان ۋاقتىدا غەلىتە ئىسمىمنى سەل تەس ئوقۇيتتى، بۇنىڭغا بەك جىلە بولمىدىم، چۈنكى مەن بەرىبىر ئۆز ئىسمىغا، تىلىغا ئۆزى ئىگە بولالمىغان تائىپىنىڭ ئادىمى، بۇ ئادەملەرمۇ بىر كۈنى چۈشىنىپ قالار››



ھەي دۇنيا ،ھەي شور پىشانىلىق . تۈركلەر چۈشىنەلمەپتۇ ،چۇنكى ئۇلارغا نىسبەتەن پاسپورت ئېلىش ،ئىسىم مەسىللىرى بىز خۇددى تاللا بازىدىن پىچىنە سېتىۋالغاندەك ئاددىيلا بىر ئىشتە ؟!

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 23:26:07

بۇ تۈركلەر ئاجايىپ بيۇرۇكرات ئىش بېجىرىدۇ . ھېلىقى بىر ھېكايە بارتىغۇ خەنسولاردىكى ئادىمىيسىزلىكنى تەنقىتلەپ ئادەملىك كېنىشكەڭ بارمۇ دەپ چىقىدىغان . گەرچە ئۇ ھېكايىگە سېلىشتۇرۇش ئادالەتسىزلىكتەك تۇرسىمۇ ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىنى چىقىرۋېتىپ تۇرۇپ رەسمىيەت بېجىرىشى ئىشىكەن دەپ تۇرۇپ سېلىشتۇرىدىغان بولساق ھەممە نېمىگە ئىسپات ، ھەممە نېمىگە بىر يەردە بىر كىمنىڭ ئىمزاسى ، يەنە بىر يەردە بىر كىمنىڭ تامغىسى ....دېگەندەك بىر دۆۋە نەرسىلىرىڭىز تولۇق بولمىسا سىزنىڭ ئاغزىڭىزدا دېگەن قۇپقۇرۇق گېپىڭىز بىلەن ھەرگىزمۇ ئىشەندۈرەلمەيسىز . بولۇپمۇ مەمۇرلار ئاشۇنداقراق . بۇ دۆلەتتە مەمۇر بولۇش خۇددى ۋەتەندىكىدەك ئىمتىيازلىق بىر ئىش . سىز ئۇنىڭ ئالدىغا كەلگەنكەنكەنسىز ئۇ نېمە دېسە شۇنداقكەن دەپ قول باغلاپ تۇرىشىڭىز، ئۇنىڭ سىگارىسىنى چېكىپ ، چېيىنى ئىچىپ بولىشىنى ساقلاپ تۇرىشىڭىز كېرەك . ئۇلار خەلقنىڭ چاكىرى ئەمەس خەلق ئۇلارنىڭ چاكىرىدەكلا . مۇشۇ جەرياندا ئۇلارنى قىلچە ئالدىرىتىشقا بولمايدۇ .

بىر ئادەمنىڭ يولۇققىنى ئاشۇنداق مەمۇر خانىمكەن . شۇڭىغىمۇ مەمۇرلانىڭ مائاشىنىڭ تۆۋەن بولىشىغا باقماي مەمۇر بولۇشقا ئىنتىلىدىغان ياشلار ئاجايىپ كۆپكەن . سىنىپىمدىكى بىرى مەمۇرلۇق ئىمتاھانى مەن تۈركىيە ئىمتاھان تارىخىدا قاتناشقان ئەڭ تەس ئىمتاھان دەپ كېسىپ سۆزلىۋەتكەن ئىدى .

بىر ئادەم ، پراۋىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن !

مېنىڭمۇ پراۋام چىقىپ قالغان ،ئەمما ئىكامىتىمنىڭ ۋاقتى توشۇپ كەتكەن بولغاچقا بېرىپ ئەكىلىۋالمىغان ئىدىم ئۇزارتىلغان ئىكامىتىمنى كۆتۈرۈپ بېرىپ ئەكىلىۋالاي دەپ .

ئىسىم مەسىلىسىدە زىيانىكام توغرا دەيدۇ . ھەممە نەرسىمىزنى ھاياتىمىزنىڭ ئاخىرىغىچە جامائەت گۇۋاھلىقىدىن ئۆتكۈزۈپلا يۈرسەك بولىدۇ ئاشۇ كونا يېڭى ئىسىملار تۈپەيلى . مېنىڭمۇ باشلانغۇچ ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى ۋە تەييارلىق ئوقۇش مەزگىلىمدىكى ئىسىملىرىم ئوپمۇ-ئوخشاشكەن ئەمما ئالىي مەكتەپتە ئىسمىمدىكى بىر ھەرپ ئوخشىماي قالغانلىقى تۈپەيلى ئوقۇش پۈتتۈرگەندە دىپلوم ئالالمىغىلى تاس قالغان . كىيىن تولۇق بىر ئاي چېپىپ يۈرۈپ ، كېچىمۇ-كۈندۈز مۇشۇ ئىشنىڭلا كويىدا بوپ يۈرۈپ ئاخىرى ئىسىملىرىمنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ،بىر تال ئىسپات چىقىرىپ ۋە ئۇ ئىسپاتنى گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈپ ئاران ئۇھ دېگەن . شۇڭا مۇئەللىملىرىم ئىسمىمنى ئوقۇيالمىسىمۇ بەك ئۆزەمگە ئېلىپ كەتمەي تۇنجى سائىتىدىلا ئۆزەمنىڭ كىملىكىم ،ئىسمىم نىمىشقا ئاشۇنداق ئوقۇلىدۇ ...دېگەنلەرنى كۈلۈمسىرەپ (خەنسوچىنىڭ ئاشۇنداق بىر قاملاشمايدىغان تىل ئىكەنلىكىنى تەنقىتلەشنى ئۇنتۇپ قالماي ) تۇرۇپ تەكىتلەپ ئۆتۈپ كېتىمەن . يەنە قانداق قىلالايتتۇق دەيسىز؟

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 23:33:13

قېرىندىشىم، بۇ گەپلىرىڭىزنى ئاڭلاپ مىنىڭمۇ يىقىندىن بۇيانقى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئاۋارىچىلىقلىرىم يەنە خىيالىمدىن كەچتى... بۇ ئىش مەن ۋەتەنگە قايتسام ئۆزگىرىشىنى كۆرگۈم بار ئەڭ مۇھىم ئىشلار تىزىملىكىنىڭ ئەڭ ئۈستىدىن ئورۇن ئالغان ئىش. دەردىڭىزنى بىلىپ تۇرىمەن، لىكىن يەنىلا سەۋىر قىلىڭ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇنچىۋالا ئازاپلىنىپ كەتسىڭىز بەكلا تۈگىشىپ كىتىسىز....

مىنىڭ ئىسمىممۇ دەل سىز دىگەندەك ئەھۋالدا ئىدى، لىكىن ئامرىكىدا بانكا، بېلەت ئىلىش قاتارلىق بەزىبىر رەسمىي ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئۇ ئىسمنى ئىشلىتىشكە توغرا كىلىدىغان ئەھۋاللار بەك كۆپ ئەمەس. ئادەتتە ئۆز ئىسمىم بويىچە چاقىرىلىمەن ۋە ھەممە كىشى مىنى ئۆز ئىسمىم بويىچە تونۇيدۇ. لىكىن ماقالە ئېلان قىلغان ۋاقتىمدا بىر ئازاپلىق تاللاشقا دۇچ كەلدىم، ئامرىكىدا قالسامغۇ بۇنىڭ ئىشى ئاسان ئىدى، ئۆز ئىسمىمنى يازساممۇ بۇلار چۈشەندۈرسىلا ئۇنايدۇ. لىكىن ۋەتەنگە قايتسام ئىشلار ئۇنداق بولمايدىغىنىنى كۆزلەپ ئاخىرى پاسپورتتىكى ئىسىم بويىچە ماقالە ئېلان قىلدىم.

ئۆتكەن ئاي ئوقۇش پۈتتۈرۈش دىپلومىغا يىزىلىدىغان ئۇچۇرلارنى توشقۇزغىنىمدا يەنە بىر تاللاشقا دۇچار بولدۇم. بەكلا ئۆز ئىسمىمنى يازغۇم بار ئىدى، مەكتەپ تەرەپ ئەمىسە شۇنداق قىل دىدى. لىكىن مىنىڭ ئوقۇش نەتىجە قەغىزىمگە پاسپورتتىكى ئىسىم يىزىغلىق ئىدى. ئامرىكىدا دىپلۇم ئەمەس بەلكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجە قەغىزى رەسمىي ئوقۇغانلىق ئىسپاتى بولغاچقا بۇلار دىپلومغا قانداق يازغۇڭ بولسا شۇنداق ياز دىدى، لىكىن ئوقۇش پۈتتۈرۈش نەتىجە قەغىزىمدىكى ئىسمىمنى پاسپورتۇمنى ئۆزگەرتمىگىچە ئۆزگەرتكىلى بولماسمىش. ھەم بۇنداق قىلسام يەنە شۇ ۋەتەنگە قايتقاندا ئىشىم چاتاقلىقىنى بىلەتتىم. ئاخىرى مەن ھەر ئىككىلى ئىسمىمنى يىزىشنى ئۆكتەملىك بىلەن تەلەپ قىلدىم. لىكىن ئۇلار بۇنىڭغا قوشۇلمىدى چۈنكى ئەزەلدىن بۇنداق ئىش كۆرۈلۈپ باقمىغانكەن. مەن دەل سىز چۈشەندۈرگەندەك ئۇلارغا ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈدۈم. ئاخىرى بۇنىڭ مەن ئۈچۈن ناھايتى مۇھىملىقىنى ھېس قىلغان بىر خادىم ماڭا بىر ئەقىل ئۆگەتتى...شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بىر پارچە appeal (نارازىلىق ياكى مۇراجئەت) خېتى تەييارلاپ ئۆز ئىسمىمنى ئىشلىتەلمەسلىكىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكى، لىكىن ئېھتىياج تۈپەيلى ھەر ئىككىلى ئىسىمنى (باشقىلار قىپ باقمىغان ئىش بولسىمۇ) دىپلومغا يىزىشنىڭ كىشىلىك قەدرىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى يىزىپ، ئىمزا قويۇپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم. شۇ باھانىدا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان

Office of Registrar نىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈش نېسىپ بولدى. ئاخىرى ئۇلار تەلىپىمگە قوشۇلدى ۋە جەدۋەلگە ئىككىلى ئىسمىمنى يازدىم. پەقەت دىپلۇم باسىدىغان شېركەت ھەر ئىككىلى ئىسىمنى دىپلۇمغا پاتقۇزالىسىلا ئىككىلىسىنى يىزىپ بىرىدىغان بولدى. مەن ھامان بىر كۈنى ئۆز ئىسمىمنى ئىشلىتىش ھوقۇقۇمنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقمغا ئىشىنىمەن (ئاللاھ نېسىپ قىلسۇن!)



سىزگە تەكلىپىم، بۇ ئىشلارنى ئويلاپ بىز خۇشال بولغۇدەك ھىچ ئىش يوق دەپ ئويلىماڭ، بەرىبىر خاپا يۈرۈش بىلەن ئىش ھەل بولمايدۇ، ئەمەسمۇ. قانداقلا بولمىسۇن غەمكىن يۈرمەي مۇشۇ ئىشلارنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئويلىنىڭ، بىللە ئويلىنايلى، بىللە تىرىشايلى...يەنىلا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن روھىڭىزنى ئۈستۈن تۇتۇپ كەسپىڭىزدە زور نەتىجىلەرنى يارىتىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.




xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 08:39:38

3- قەۋەتتىكى parwanaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇ پاسپورت دېگەن نەرسە مېنىمۇ سەپرا قىلىۋەتتى....



ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئىنىم مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى مىڭ تەستە تەييار قىلىپ، ئىلتىماس ماتېرىيالىنى سۇنۇپتۇ. ھەممە ماتېرىيال تولۇق بولغاچقا كۆزنەكتىكىلەر قوبۇل قلىپ، رەسىمگە چۈشۈرگۈزۈپ، تالۇنىنى قولىغا تۇتقۇزۇپ يولغا ساپتۇ. ئىنىم كۆڭلىدە خۇدا بۇيرىسا ئەمدى بولسىمۇ بۇ تۇتىيا پاسپورتنى قولۇمغا ئالارمەن، توققۇزى تۈگەپ بىرسى قالدى دەپ كۈن ساناپ ئىككى ھەپتىنى مىڭ تەستە توشقۇزۇپ سۈرۈشتۈرسە، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە نۇپۇسىنى باشقا يەردىن كۆچۈرۈپ كەلگەنلەرگە نوپۇسى ئەسلى تۇرۇشلۇق ئورۇنغا ئالاقە ئەۋەتىپ شۇ ئالاقە كەلگەندىن كېيىن ئاندىن بىجىرىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن جاپاكەش دادام سۈرۈشتۈرۈپ يۈرۈپ ئۇ ئالاقىنىمۇ تېپىپ تەلەپ قىلغان تامغىلىرىنى ئۇردۇرۇپ ۋىلايەتكە يولغا ساپتۇ. ۋىلايەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ئۇنى كۆرۈپ تەستىقلاپ ئىنىم تۇرۇشلۇق شەھەردىكى چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يوللايدىكەن. ئىش ئۈنىمى دىسە مۇشۇنداق بولا، ئاشۇ بىر پارچە قەغەزنى فاكس ئارقىلىق يوللاپ بىرىشكە نەچچە ھەپتە كەتتى... ئىنىم سۈرۈشتۈرۈپ فاكىس يوللىدىمۇ دېسە يوللىمىدى دەيدۇ، ئاندىن ۋىلايەتتىكى مۇناسۋەتلىك ئىشخانىغا تېلېفون قىلسا ئۇلار يوللاپ بولدۇق دەيدۇ، مۇشۇنداق بىر-بىرىگە ئىتتىرىپ مىڭ تەستە يوللاندى ئۇ سۆيۈملۈك بىر پارچە ئالاقە.... ئۇنىڭدىن كىين ئەمدىغۇ چىقار ، ھەممە نەرسە تەييار بولدى، ئالاقىمۇ قولىغا تەگدى دەپ ئىككى ھەپتە ساقلاش بىلەن ئۆتتى...



ئىككى ھەپتە ئۆتۈپ ئىنىم تېلېفون قىلىپ پاسپۇرت چىقتىمۇ دەپ سۈرۈشتۈرسە چىقماپتۇ، سەۋەبىنى سورىسا تىلىنى چايناپ ئېنىق بىرنەرسە دېگىلى ئۇنىماپتۇ.... شۇنىڭ بىلەن ئىنىم ئۇلارنىڭ باشلىقنىڭ ئېلخەت ئادىرىسغا نېمە ئۈچۈن پاسپورت بېجىرىشنىڭ بۇنچە مۇرەككەپلىكنى، يەنە بىرەر كام ماتېرىيال بار-يوقلىقىنى، بولسا ئوچۇق دىيىشىنى، بولىمىسا سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلىپخەت يېزىپتۇ. بىر ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلاردىن تېلېفون كىلىپ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە بىجىرىپ بەرمەسلىك توغرىسىدا بۇيرۇق بارلىقىنى دەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بىز نېمە قىلارىمىزنى بىلەلمەي يۈردۇق سەپرا بولۇپ ..... \"\"

ئىنىڭىز لەنجۇدا ئوخشىمامدۇ؟ بۇ پاسپورتدەيدىغان نەرسىمۇ مېنى بەك جىلە قىلىۋەتتى،ئۈچ ئاي توختىماي مۇشۇ ئىشقىلا ئىزدىنىپتىمەن،پاسپورت ئىلتىماس قىلىش جەدىۋىلىنى توشقۇزۇپ تاپشۇرۇپ بېرىپ بەردىم ،بىر يېرىم ئايدىن كېيىن ماتىرياللىرىڭ كامكەن، ماتىريال تۇلۇقلا دەپ تېلفۇن قىلىپتۇ،مەن پاسپورتنىڭ چىگىردىن چىقىش سەۋەبى دىگەن يەرگە ساياھەت دەپ تولدۇرغان،شۇڭا ئۇلاردىن قانداق ماتىرياللارنى تۇلۇقلايمەن دەپ سورىسام ،ئۇلار چوقۇم مۇشۇ ئۆلكىدىكى چىگرىدىن چىقىپ كىرىش ساياھىتىنى تەشكىللەش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ ساياھەت قىلىمەن دەپ پۇل تۆلىگەنلىك تالونى،ساياھەت كوپىراتىپى بىلەن تۈزۈشكەن توختام،ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مېنى تۇنۇشتۇۇرپ بەرگەن تۇنۇشتۇرۇش خېتى خېتى دىگەندەك ئۈچ نەرسىنى تۇلۇقلىشىمنى ئېيتتى،ھەي ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق؟ مەن ئەسلى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئارزۇسىدا پاسپورت بىرجىرمەكچى بولغان،يۇقۇرى قاراردىكى باللا پاسپورتقا ساياھەت دەپ يازسا تىزراق چىقىدىغانلىقىنى ئېيتقاچقا ساياھەتكە چىقىمەن دەپ تولدۇرغان.كۆپ ئويلاندىم،قانداق قىلىش كېرەك؟ ناۋادا يۇرتقا قايتسام رەسمىيەتنىڭ كۆپلىكى، بىجىرىشنىڭ ئۇنۇڭدىن تەسلىكى كۆڭلۈمنى غەش قىلاتتى، شۇنىڭ بىلەن قانداقلا بولمىسۇن،شۇلارنىڭ تۇلۇقلا دىگەن نەرسىلىرىنى تۇلۇقلاپ پاسپورتنى قولۇمغا ئالماقچى بولدۇم،توردىن سۈرۈشتۈرسەم گەنسۇ ئۆلكىسىدە چىگرىدىن كىرىپ-چىقىش ساياھىتىنى تەشكىللەش سالاھىيىتى بولغان ساياھەت كوپىراتىپى پەقەت تۆت ئىكەن.ئۇلاردىن ئەمەلىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان گەنسۇ كاڭخۇي خەلىقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ باش مەركىزىگە بېرىپ ساياھەتكە چىقىدىغانلىقىمنى ئېيتتىم،ئۇلارنىڭ پاسپورتى يوق خېرىدارلارنىڭپاسپورت بىجىرىشكە ياردەملىشىدىغان مەخسۇس خادىملىرى بار ئىكەن، ئۇ ئادەم تۇرۇپ كېتىپ كەچۈر ! سېنى ساياھەتكە تىزىملىيالمايمىز،ج خ ئىدارىسىنىڭ چىگىرىدىن كىرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش ئورنى بىزگە ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ساياھەت قىلىدۇ دەپ ئىسپات چىقارمايسىلە دەپئوقتۇرۇش قىلغان ،ئۇلار سېنى شۇ نەرسىلەرنى تاپ دەپ مەسئۇلىيەتنى بىزگە ئىشتىرىپ قويماقچىكەن دېدى،بوپتۇ دەپ ئېغىر تىنىۋەتتىم،ئۇ يەردىنمۇ ئايرىلدىم،ئىچ-ئىچىمدىن ئاچچىقىم كېلەتتى، بىراق ئۈمۈتسىزلەنمەي،ئاللا چوقۇم يول بېرىدۇ ،ئىزدىنشىم كېرەك دەپ داۋاملىق تىرىشتىم،ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتۈپ گەنسۇ يىپەك يولى خەلىقئارا ساياھەت كوپىراتىپغا بېرىپ ساياھەتكە چىقىدىغانىقىمنى ئېتتىم،ئۇلار كىملىكىمنى ئېلىپ مىللىتى دىگەن يەردىكى ئۇيغۇر دىگەن خەتكە بىر دەپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن باشلىقىدىن مەسھىلەت سوراپ باقىدىغان بولۇپ باشلىقىغا تېلفۇن قىلدى،باشلىقى بىز تىزىملىيالمايمىز، ساياھەتكە چىقماقچى بولسا ئاۋال پاسپورت بىجىرسۇن دەپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىسپاتلىرى بولمىسا مەن قانداق پاسپورت بىجىرىمەن؟ئۇلارغا بۇنى چۈشەندۈرسەممۇ باشلىق مۇشۇنداق دېدى بىزدە ئامال يوق دەپ تۇرىۋالدى،خەپ ئۇيغۇر بولۇپ ياشاش ھەجەپ تەسلىىشپ كەتلىكى تۇرۇپتۇ ھە دەپ ئويلىدىم،چۈنكى ھەر ئىككىلى ساياھەت كوپىراتىپى مىللىتىمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىدىن مېنى ساياھەتكە چىقىشقا تىزىملىمىغان ئىدى،بىر قانچە كۈن يەنە ئىزدەندىم، بىر كۈنى جۇڭگو ياش ئۆسمۈرلەر ساياھەت كوپىراتىپنىڭ گەنسۇ تارماق شىركىتىىنىڭ تورىدا مۇلازىمەتچىسى بىلەن پاراڭلىشىپ ساياھەت قىلىپ كىرىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى ئېيتتىم،ئۇ ئەتە كەلگىن ئەتە يۈزپتۇرانە پاراڭلىشايلى دېدى،ئەتىسى ئۇ يەرگە باردىم،ئۇنىڭ بىلەن بىر ھازا پاراڭلاشتىم،ئۇ سەن ئاز سانلىق مىللەت ئىكەنسە شۇڭا شۇ ئۈچ نەرسە(پۇل تۆلىگەنلىك تالونى،توختام، تۇنۇشتۇرۇش خېتى)بولمىسا بىجىرىپ بەرمەسلىكى مۇمكىن،بوپتۇ بىز سېنى تىزىملايلى،بىراق پاسپورتىڭ چىققاندىن كېيىن چوقۇم ساياھەتكە چىقىشىڭ كېرەك، بولمىسا ج خ بىزنى ئىزدەپ كېلىپ ئاۋارە قىلىدۇ دېدى،بولىدۇ دەپ ۋەدە بېرىپ، كورىيەنىڭ نەنيى ئارىلىغا 6كۈنلۈك ساياھەت قىلىىش تۈرىگە تىزىملىتىپ 4000يۈرەن تۆلىدىم،ئۇلار پۇل تۆلىگەنلىك تالونىنى چىقىرىپ بەردى،ساياھەت توختامىمۇ ئىمزالىدۇق،تۇنۇشتۇرۇش خېتىنىمۇ چىقىرىپ بەردى،ئۇ يەردىن يېنىپ چىقتىم، چۈش ۋاقتى بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۇدۇل ج خ نىڭ چىگىرىدىن چىقىش كىرىشنى باشقۇرۇش ئورنىغا يۈرۈپ كەتتىم،ئۇ يەرگە بېرىپ نۇمۇر ئېلىپ ئەراپىمدىكىلەرگە نەزەر تاشلىدىم،بۇ يەردە 150دىن ئارتۇق ئادەم بار ئىدى، بۇ شەھەردە بىر كۈندە تەخمىنەن400ئادەمگە پاسپورت ۋە شاڭگاڭ ئاۋمىنىڭ يول خېتى بىجىرلەتتى.بىراق ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا پەقەت بىر نەچچە ۋاراقلا قەغەز بار ئىدى پەقەت مېنىڭ قولىمدىلا بىر مۇنچە قەغەز بار ئىدى.ئۇلارنۆۋىتى كەلگەندە كىىرىپ كېتىپ 5 مىنۇتقا قالماي ھەممە رەسمىيەتلەرنى بىجىرىپ چىقىپ بولاتتى. مېنىڭ نۆۋىتىمۇ كەلدى ، كىرىپ ساقچىغا ماتىريال تۇلۇقلىشىمنى ئۇقتۇرغانلىقىنى ماتىريال تۇلۇقلايدىغانلىقىمنى ئېيتتىم ئۇ ساقچى بۇنداق ئەھۋالغا بۇرۇن يولۇقۇپ باقمىغانمۇ قانداق،ھەيرانلىق نەزىرىدە قولۇمدىكى ھېلىقى ماتىرياللارنى كۆرۈپئالدىدىكى بىر ئايالدىن (باشلىقى بولسا كېرەك)قانداق قىلىدىغانلىقى سورىدى، ئۇ ئايال باشقا بىر ساقچىنىڭ ئالدىغا بېرىشىمنى ئېيتتى، ئۇ ساقچىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ماتىرياللارنى بەردىم ئۇ ساقچى ناھايىتى ھەيران قالغان ھالدا كىم ،قاچان ماتىريال تولۇقلا دىگەن دەپ بىر مۇنچە سۇئال سورىغاندىن كېيىن ،بىر دەم تۇرۇپ كېتىپ قەغەزنىڭ كەينىگە تېلفۇن نۇمۇرۇمنى يېزىۋېىپ قايتىپ تۇر دېدى، مەن قاچان پاسپورتنى قولۇمغا ئالالەيمەن دەپ سورىدىم ئۇ ساقچى ساڭا ئۆزىمىز تېلفۇن قىلىمىز سەن قايتىپ تۇر دېدى،بولىدۇ دەپ 15 كۈن ئۇلارنىڭ تېلىفۇنىنى ساقلىدىم ،ئەسلى 5كۈن ئىچىدە ماڭا تېلفۇن قلىپ بولىشى كېرەك چۈنكى يۇرتتىن ئەۋەتىدىغان ئالاقە ئاللىبۇرۇن بۇ يەرگە كېلىپ بولغان بولۇپ،پەقەت ئەڭ ئاخىرقى تەستىقلاش باسقۇچىلا قالغان ئىدى،ئەمما تېلفۇن قىلمىدى16-كۈنى ج خ نىڭ شۇ ئورگىنىغا بېرىپ سۈرۈشتۈردۈم، ئۇلار كىملىكىمگە بىر ھازا سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن بىزگە شىنجاڭدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى،سىلەرنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئۆزىىدن بىجىرسۇن دەپ ئۇقتۇردىبىز بىجىرىپ بېرەلمەيمىز دەپ ئوقتۇردى،توۋا جاپا تارتىپ ھەممە رەسمىەتلەرنى شۇنداق تەستە ھەل قىلىسام ماۋۇ گەپنى ئەمدى دەپ كاللامدىن تۈتۈن چىكەتتى،كىيىن بىلسەم يېرىم يىدىن بويان ھىچ بىر ئۇيغۇر بىجىرەلمەپتۇ،بىراق شىنجاڭدىن بارغان مۇڭغۇل ۋە قازاقتىن ئىككەيلەننىڭ پاسپورت بىجىىرىپ قولغائالغانلىقىغا شاھىت بولدۇم،توۋا شىنجاڭنىڭ باللىرى شىنجاڭدىن بىجىرسۇن دەپ ئالاقە ئەۋەتكەنلەر شىنجاڭدىكى ئۇ تارماقلارئۇ مۇڭغۇل بىلەن قازاق ئوقۇغۇچىلارنى تاشقى پىلانىت ئادىمى دەپ قالغان بولغىيمىتتى...

mustakil يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 08:52:50

چىقىپ بولغان پاسپورتنىڭ ئىسمىنى ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچەلاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار،

xirin326 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:10:51

پاسپورت بىجىرىش شۇنچە تەسكەندە ، اللە ئىشلىرىڭلارنى ئاسان قىلسۇن قىرىنداشلىرىم .

cooloff يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:58:31

ئىسىم ئۆزگەرتىمە دىمەي، چىققان پاسپورتقا خوش بۇلۇپ يۇلىڭىزنى راۋا قىلغان ئاللاھقا رەھمىتىڭىزنى بىلدرۈسىڭىز مىڭ ئەۋزەلمىكىن دەيمە. ئۆزگەرتتىڭىزمۇ كىيىن چەتئەللدىكى ئىشىڭىزدا جامائەت گۇۋاھلىقى تەلەپ قىلىدۇ.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 10:12:00

«.شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بىر پارچە appeal (نارازىلىق ياكى مۇراجئەت) خېتى تەييارلاپ ئۆز ئىسمىمنى ئىشلىتەلمەسلىكىمنىڭ كىشىلىك ھوقۇقۇمنى دەپسەندە قىلىش ئىكەنلىكى، لىكىن ئېھتىياج تۈپەيلى ھەر ئىككىلى ئىسىمنى (باشقىلار قىپ باقمىغان ئىش بولسىمۇ) دىپلومغا يىزىشنىڭ كىشىلىك قەدرىم ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى يىزىپ، ئىمزا قويۇپ ئۇلارغا تاپشۇردۇم.»



ئامرىكىدىكى ئاينىڭ بەزى جايلارغا قارىغاندا يۇملاق ئېكەنلىكىگە ئىشىنىۋاتىمەن ...

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 13:11:36

@xaqanjan@

ئۇلار كىملىكىمگە ئاساسەن بىر ھازا سۈرۈشتۈرگەندىن كېيىن بىزگە شىنجاڭدىن ئۇقتۇرۇش كەلدى،سىلەرنى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ شىنجاڭنىڭ ئۆزىىدن بىجىرسۇن دەپ ئۇقتۇردى بىز بىجىرىپ بېرەلمەيمىز دەپ ئوقتۇردى،توۋا جاپا تارتىپ ھەممە رەسمىەتلەرنى شۇنداق تەستە ھەل قىلىسام ماۋۇ گەپنى ئەمدى دەپ كاللامدىن تۈتۈن چىكەتتى،كىيىن بىلسەم يېرىم يىدىن بويان ھىچ بىر ئۇيغۇر بىجىرەلمەپتۇ،بىراق شىنجاڭدىن بارغان مۇڭغۇل ۋە قازاقتىن ئىككەيلەننىڭ پاسپورت بىجىىرىپ قولغائالغانلىقىغا شاھىت بولدۇم،توۋا شىنجاڭنىڭ باللىرى شىنجاڭدىن بىجىرسۇن دەپ ئالاقە ئەۋەتكەنلەر شىنجاڭدىكى ئۇ تارماقلار ئۇ مۇڭغۇل بىلەن قازاق ئوقۇغۇچىلارنى تاشقى پىلانىت ئادىمى دەپ قالغان بولغىيمىتتى...



____________________________________________________________________________________

يوقىرىدىكى گىپىڭىز بويىچە بولسا، شىنجاڭدىن ئەۋەتكەن ئالاقنىڭ مەزمۇنى ئەمىلىيەتتە ئۆز يۇرتىغا قايتىپ بىجىرسۇن دېگەن بولىدىكەنغۇ؟



قىززىق ئىش، پاسپورت قانۇنى دەپ تۈزۈپ قويۇپ، ۋاقتى كەلگەندە سىياسەت ئۇنداق سىيەسەت بۇنداق دەپ باھانە كۆرسىتىپ،ئەسىلىدىكى قانۇنلار ئىجراسىز يۈندا بېسىپ ياتىدۇ دېسە.... ياكى ئۇ قانۇنلار باشقا مىللەت كىشلىرىگە ئاتاپ تۈزۈلگەن بولغىيمىتى؟؟؟

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 13:30:44

11- قەۋەتتىكى mustakilنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىقىپ بولغان پاسپورتنىڭ ئىسمىنى ئۆلچەملىك ئۇيغۇرچەلاتىن يېزىقىغا ئۆزگەرتىشنىڭ قەدەم باسقۇچلىرىنى دەپ بەرگەن بولساڭلار،

مىنىڭ ئۇقۇشۇمچە، چەتئەللىكلەر بىلەن توي قىلغانلارئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى كۆنسۇلخانىغا بېرىپ又名加注 دەيدىغان بىر رەسمىيەت ئارقىلىق ئەسلى ئىسمىنى ئۆزگەرتىدىكەن ياكى يېڭى فامىلە قوشىدىكەن.ئۆزگەرتكەندىن كېيىن پاسپورتنىڭ 4-بېتىگە بۇ كىشىنىڭ يەنە بىر ئىسىمى xxxx دەپ ئەسكەرتىدىغان بىر ئۇچۇر كۆپىيىدىكەن. بۇ دېمەكچى بولغىنى پاسپورتنىڭ بىرىنچى بېتىدىكى ئىسىم شۇ پېتى تۇرىۋېرىدىكەن، 4-بېتىگە يېڭىدىن ئۆزگەرتكەن ئىسىمى يېزىلىدىكەن.شۇنىڭ بىلەن 又名加注 قىلغاندىن كېيىن يېڭى ئسىمنى ئىشلەتسە بولۇۋېرىدىكەن.





مىنىڭ بىلگىنىم مۇشۇنداقراق، بەلكىم ئارىمىزدا مۇشۇنداق رەسمىيەتنى بىجىرىپ باققانلار بولىشى مۇمكىن، بولسا تولۇقلاپ، خاتا بولسا تولۇقلاپ قويارسىلەر.





شۇڭا بەلىكىم 又名加注 ئارقىلىق سىز دېگەن لاتىنچە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئىسىمنى پاسپورتقا قوشۇش مۇمكىن، ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ بۇ توغرىلىق يەنىمۇ ئىچكىرلەپ.

xaqanjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 14:30:13

ئۇلار شىنجاڭدىن بىزگە مۇشۇنداق ئۇقتۇرىدى دېدى.ساياھەت قىلمەن دەپ تولدۇرغانلارغا ماتىريال تولۇقلايسە دىگەن گەپنى يۈننەن،گۈيجۇ ،گۇاڭدۇك تەرەپلەردىكى بىر قانچە خەنزۇ (ساياھەت كوپراتىپىغا تىزىمىتىش زۆرۈريىتى بىلەن ئالاقىلاشقان)لارمۇ ئاڭلاپ ،بۇ سىياسەت بۇرۇنلا ئەمەلدىن قالغانتىغۇ دېيىشتى، ھەم ئۇ يەردە باشقىلارنى ئۇنداق كۆپ ماتىريال تاپشۇرغىنىنى كۆرمىدىم.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 16:20:17

مەندىمۇ بار بۇ ھەم ئۇزۇن ھەم غەلىتە ئىسىم خاپىلىقى، پاسپورتتىكى ئۇ ئىسىمنى باشقىلار ئوقۇيالماي قىينىلىدۇ، مەنمۇ ئوقۇپ بەرمەيمەن، ئۆز ئىسمىمنى دەيمەن. چۈنكى مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن. ھا...ھا...ھا...

Parwana يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 16:42:43

18- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەندىمۇ بار بۇ ھەم ئۇزۇن ھەم غەلىتە ئىسىم خاپىلىقى، پاسپورتتىكى ئۇ ئىسىمنى باشقىلار ئوقۇيالماي قىينىلىدۇ، مەنمۇ ئوقۇپ بەرمەيمەن، ئۆز ئىسمىمنى دەيمەن. چۈنكى مەن خەنزۇچە بىلمەيمەن. ھا...ھا...ھا...

ماۋۇ بولىدىغان ھۈنەركەن \"\"
بەت: [1] 2
: ئاتا-ئانام قويغان ئىسمىمغا ئىگە ئەمەسكەنمەن