( Musicfan ) پىنھان ئىككى جاننى قۇتقۇزدى
مەن مۇنبەرگە تىزىملاتقان 8 يىلدىن بىرى ئىزدىنىشنى تۇرمۇشۇمنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراپ كەلگەن . چۈنكى كەسىپ بىلەن بوپ كىتىپ ئىگىلىيەلمىگەن مەدەنىيەت بىلىملىرىنى ئاساسەن ئىزدىنىشتىن ئۈگەندىم ، نۇرغۇن ئۇستازلار بىلەن ئىزدىنىش سەۋەبىدىن تۇنۇشتۇم ، نۇرغۇن پىكىرداش ، مەسلەكداش ، سىرداشلاربىلەن ئىزدىنىش سەۋەبىدىن تۇنۇشتۇم ، گەرچە ھازىرغىچە يۈز كۈرۈشۈشكە نىسىپ بولسىمۇ ، بۇ قەدىناسلىرىم خۇددى رىياللىقتىكى تۇنۇشۇمدەكلا بوپ كەتكەن ئىدى . ئارلىقتا تور دۇنياسى تاقىلىپ ، ئىزدىنىشتىن تېخنىكىلىق چاتاق چىقىپ ، ياش چوڭىيىپ ، تۇمۇش ، خىزمەت ھەلەكچىلىگى دىگەندەك سەۋەپلەر بىلەن تور دۇنياسىدا كۆپ ئۇچۇرشالمىساقمۇ ، كۆڭلۈمدە بىر نەرسەم كەم بوپ قالغاندەك ھىسىياتقا كىلىپ قالغان ئىدىم
مۇشۇ كۈنلەردە ئۈندىدار دىگەن نەرسە پەيدا بۇلۇپ ، توردىشىمىز ئۆزھالنىڭ سەۋەبى بىلەن ، بىر ئۇزاقتىن سېغىنىپ كىلىۋاتقان قەدىناسلار بىر يەرگە جەم بۇلۇپ قالدۇق ، ئەركتىكىن بۇرادىرىمنىڭ سەۋەبى بىلەن كىچىپ بىر توپ قۇرۇلۇپ تۇرمۇشىمدا يوقىلىپ كەتكەن بۇ نەرسە تۇلۇقلانغاندەك قىلدى ،
تۈنۈگۈن كەچ ئىشلەۋاتسام ئايالىم شۇنداق جىددى كىرىپ دەرھال دوختۇرخانىغا ماڭايلى ، سىڭلىمنىڭ تولغىقى تۇتۇپتۇ دەيدۇ .
- ۋوي تېخى ئىككى ئاي بارغۇ ؟ نىمە تولغاق ئۇ ؟
- بىلمىدىم تىز بۇلىڭە
ئالدىراپ دوختۇرخانىغا كىردۇق ، دەرۋەقە قېينى سىڭلىم ۋايجانلاپ ياتاتتى ، قينىئاتا ، قىينىئانام جىددىيلىشىپ تەرىدە قان قالماپتۇ ، دوختۇردىن ئەھۋال ئىگىلىسەك، باش سۈيى مېڭىپ كىتىپتۇ ، بالىنى توغدۇرۋەتمىسەك بالىنىڭ ھاياتىنى ساقلىغىلى بولمايدۇ دەيدۇ ،
نۇرمال بالا 40 ھەپتىدە تۇغۇلاتتى ، بەك ئالدىراپ كەتكەنلىرى 37- 38 ھەپتىدە توغسىمۇ بۇلاتتى ، لىكىن قېينى سىڭلىمغا ئەمدى 32 ھەپتە بولغان ئىدى . دوختۇر بىر كىچە كۈزىتەيلى . ئەتە بىر نەرسە دەيلى دەپ چىقىپ كەتتى .
بۈگۈن ئەتتىگەن كىرسەك ،
ئىككى يول بار ، بىرى ھامىلدارنى دەرھال ئۈرۈمچىگەن يۆتكەڭلا، يەنە بىرى تىببىي ئونۋىرسستىت يىڭى بوۋاقلار بۈلۈمىدە بىر خىل دورا بار شۇنى ئەكىلىڭلار ئاندىن كىيىن بوۋاقنىڭ ھاياتىغا ئازراق كاپالەتلىك قىلغىلى بۇلىدۇ دەيدۇ .
گەپ تۈگىشى بىلەن دىيىشىۋالغاندەك توققانلار ھەممىسى ماڭا تىكىلدى .
توۋا ....مەندەك قوشاقچىنىڭ ئۈرۈمچىدە قانچىلىك تۇنۇشى بولماقچىدى ؟ ...
تىلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ تېلىفۇن دەپتىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدىم ...ئەمەلىيەتتە تۇققانلار ، ساۋاقداشلار ، كەسىپداشلار ...دىگەندەك خېلى جىق تۇنۇشۇم باركەن ...مۇشۇ يەرگە كەلگەندە مەندە تۇيۇقسىز بىر سىزىم پەيدا بولدى . ئۈزۈممۇ بىلمىدىم ، بەلكىم 8 يىللىق مەۋھۇم مۇھاببەتنىڭ سىھرى بولسا كىرەك . شۇ سىزىمنىڭ تۈرتكىسىدە . شۇ دەقىقىدە تۇققان ، ساۋاقداش ، كەسىپداش يىقىن ئاغىنلىرىمگە بولغان ئىشەنچنى . پەقەت يۈز كۈرۈشۈپ باقمىغان 7 قەدىناسقا بولغان مۇھاببەتنىڭ ئىشەنچىسى بېسىپ چۈشتى ، تېلفۇن دەپتىرىنى تاقاپ ئۈندىدارنى ئاچتىم ، بۇ توپتا . جەۋلان ، مەتۇ ، ئەركتىكىن ، تەڭرىقۇت ، ئىزدىنىش ئەپەندى ، پىنھان . ئېلىجان بار ئىدى
- قايسىڭلار ئۈرۈمچىدە ؟ كىم تىببىي ئونۋىرسىتىتقا يېقىن ؟
- مەن ئۈرۈمچىدە . لىكىن مەكتەپكە يېقىن يەردە ئەمەس ، نىمە ئىشتى ؟
بۇ مۇنبەردىكى پىنھان ئىدى
كىيىن ئارقا ئارقىدىن ھەممەيلەن جاۋاپ قايتۇردى . پەقەت پىنھان مەكتەپكە بىر ئاز يېقىن بولغاچ ھەم ۋاقىت بەك قىستاپ كەتكەچكە ، بۇ ئىشنى پىنھاننىڭ بىجىرىشىگەن ئۆتۈندۈم
پىنھان دەرھال BRT بىلەن يولغا چىقتى تەپسىلاتلارنى ئۈندىداردا پاراڭلىشىپ ماڭدى
- ھەسەنجان چىرايلىق بىر سىستىرا قىز ئالدىڭىزغا چىقىدۇ ، سىزنى بوراقلار بۈلۈمىگەن باشلاپ بارىدۇ
- ھە ...؟ بۇرۇنراق دىمەپسىز ، شىۇشەن كىيىمىمنى كىيىپ باراتتىم ، يۈرۈمنى يۇيۇپلا ماڭغانتىم
بۇ چاغ سائەت 10 بولغان ئىدى ، پەرىزىمدە ھەسەنجان كىچىچە ئىشلەپ ئۇيقىدىن ئەمدى ئويغانغان ئىدى ، دىمەك ناشتىسىز
بۇ چاغدا ئەركتىكىن دوختۇر ئاغىنلىرىگە تېلفۇن قىلىپ . بۇ دورىنىڭ تەپسىلى ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەردى . مەن پۇلنى ئۇردۇم . ھەسەنجان دوختۇرخانا كارتىسىغا پۇلنى سالىمەن دەپ پويىزدەك ئۆچىرەتنىڭ ئەڭ ئاخىرسىدا تۇرۇپ رەسىم تارتىپ ئەۋەتىپتىكەن بېشىمدىن تۈتۈن چىقىپ كەتتى . چۈشتە بىر ئۇخلاپ ئويغانسام دورىنى ئالدىم دەپ ئۇچۇر قىلدى بۇ چاغ سائەت 2 بولغان ، دىمەك چۈشلۈك تاماقمۇ يىيىلمىدى
دورىنى ئېلىپ بۇلۇپ بۇ 7000 مىڭ كويلۇق 3 مىللى گىرام كىلىدىغان دورىنى ئەۋەتىش باش قاتۇردى دەپ ئويلىسام بۇنىمۇ جايلاشتۇرۇپ ئايدۇرۇمغا ئۇچۇپ بوپتۇ
دوختۇر ، ئازراق سىلكىنىپ كەتسە بولمايدۇ . ئايرو پىلاندا يولغا سېلىڭ . لىكىن ئايروپىلاندا يولغا سالغىلى قويمايدۇ دەپ xxxxx تەك پاراك قىپتۇ . ھەسەنجان پەرۋا قىلماي ئايرودىرومغا مېڭىۋىرىپتۇ ، ئايدۇرۇمدا نەچچە سائەت چېپىپ يولغا سېلىشنىڭ ئامالىنى قىلالماپتۇ ، ا بىر چاغدا ئۈندىدار دوسلار چەمبىرىگىنى ئاچسام . بايامقى 7 قەدىناس دىيىشىۋالغاندەك چۈشتىن كىيىن ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ماڭىدىغان ئىنسانلار ئۈزۈڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار ، بەك جىددى !! دەپ ئۇچۇرنى ياغدۇرۋېتىپتۇ . نەچچە ئون مىنوتتا نەچچە يۈز ئادەم خەۋەر تېپىپ بولدى . مانا مۇشۇنداق ھەركەتنىڭ كۈچى بىلەن دورىنى خوتەنگە سالىدىغا يول چىقتى . ئادەممۇ چىقتى
2 سەئەت ئاۋال دورىنى خوتەن ۋىلايەتلىك دوختۇرخانىنىڭ توڭلاتقۇسىغان سېلىۋېتىپ بۇ تىمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن
پىنھاننىڭ ئايرىم ئۇچۇردىكى بىر گېپى بەك تەسىر قىلدى
ئېزىزكا ،..ئاغىينە دىگەننى قازاندا قورۇپ يىگىلى بولمايدۇ . بۇنچىلىك ئىشقا تۈزۈت قىلسىڭىز بەك ئوڭايسىزلىنىپ قالىدىكەنمەن دەيدۇ ...
خۇلاسە.
مىھرى - مۇھاببەتنىڭ ھېچقانداق قېلىپى يوقكەن ، بىلىمەن ئۇلار بۇ ئىشلارنى ھەرگىز مىنى دەپ قىلمىدى ، ئەشۇ دۇنياغا كۆز ئېچىۋاتقان نارسىدىنى ئويلاپ قىلدى ، مۇشۇ ئۇچۇرغا ھەمدەم بۇلىۋاتقانلارمۇ شۇ نارسىدىنى ئويلىدى . مانا بۇ تەسۋىرلەش ھاجەتسىز بولغان ئەڭ ئۇلۇغ مۇھاببەت !!
مەن توختىغا رەھمەت ئېيتىمەن . مۇشۇنداق مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىغا ئۇرۇق سالغان ئىزدىنىشنى ساقلاپ قالغىنى ئۇچۇن رەھمەت ئېيتىمەن ،
پىنھانغا رەھمەت ئېيتىمەن ، كىم نىمە دىسۇن ، نىمە دەپ ئويلىسۇن . مەيدە كىرىپ چىقىدىغان چاغدا چىقالايدىغان ئەركەكلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن ..
خۇددى ئۈزىنىڭ بالىسى دۇنيا كۆز ئېچىۋاتقاندەك جىددىيلىشىپ كەتكەن ئەركتىكىن ، مەتۇ ، تەڭرىقۇت ، جەۋلان .سالام دۇنيا ...ئېلىجانلارغا رەھمەت ئېيتىمەن
مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى كەڭ تاراتقان ئۈندىداردىكى مەن تۇنۇمايدىغان ھەممە دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن !
ئادەمنىڭ ھېچنىمىنى تاما قىلىشقا ھەققىي بولمىسىمۇ تاماسىز كىلىۋاتقان مىھرى مۇھاببەتنىڭ سىھرى كۈچىىدىن ھۇزۇرلىنىشقا ھەققى با
مەن بۈگۈنكىدەك خوش بۇلۇپ باقمىغان . ھەم ھاياجانلانمىغان ..يازمىنىڭ ھاياجاندا يېزىلىپ كىتىشىنى توغرا چۈشەنگەيسىلە !
بارىكاللا بۇرادەر، ھاجەتلىرىڭنىڭ ھەل بولغىنىدىن، دوستلارنىڭ ھەمدەمدە بولغىنىدىن مەنمۇ خوش بولدۇم.ئىزدىنىشتا قازانغا سېلىپ قورۇپ ئەمەس، پۇھ دىمەي خام يەيدىغان دوستلار تولا!
تېلفونىمدا musicfan , tengriqut, jewlan, .... دىگەندەك نۇرغۇن غەلىتە ئىسىملار بار، ھېيتلاردا ئۇچۇرلار كېلىپ قالىدۇ، خوتۇن كۆرۇپ جىنلاردىن خەت كەپتۇ دەپ قويۇشلىرى بار. گەرچە تېلفون قىلىشمىساممۇ، ئۇچۇر يوللىمىساممۇ، ھەر قېتىم تېلفوندا ئالاقىداشلارنى ۋاراقلىغاندا ئەسلىنىپ، يادلىنىپ تۇرىدۇ. شۇ كۈپايە.
xxxxx تەك پاراڭ قىپتۇ ..........







تەڭرىقۇت ئەپەندى قەتئى ئامال بولمىغاندا مېنى ئىزدەڭلار دەپ ھەممىمىزنى خاتىرجەم قىلدى {:92:}
مەتۇ ئەپەندى گەرچە سۆھبەتكە كېچىكىپ قاتنىشىپ نىمە ۋەقە،نىمە دورا توغرىلىق گەپ بولىۋاتقانلىغىنى بىلەلمەي ،تولا سوراپ جاۋاپ ئالالمىغان بولسىمۇ ،سۆھبەتتىن قەتئى چېكىنمەي ،پىنھاننى يېقىندىن قوللىدى .

9- قەۋەتتىكى horazjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەنمۇ يالغان دىمىدىم ، بىر ياخشىلىققا بىر ياخشىلىق قايتىدۇ، بەندىدىن يانمىسا خۇدادىن دىگەندەك. بىراق ماۋزۇ بەك ھەيۋەت قويۇلۇپ كېتىپتىكەن. مەنمۇ چاقچاق قىپ قويدۇم![]()
![]()
مىنىڭچە ھەيۋەت ئەمەس ، تۇنجى بالىغا ئىنتىزار بۇلىۋاتقان بىر ئانا بۇ زەربىنى كۆتۈرەلمەسلىكى مۇمكىن ، پىنھاننىڭ 7 سائەت ناشتىسىز مۇشۇ بوۋاق ئۈچۈن چاپقىنىنى ئىنسان بالىسى ھەممىسى ھىس قىلالىدى
تىما ئاخىرسىدا ھەممەيلەنگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىلدى .
بەك خۇرسەن بولدۇم ...
ئۇلۇغ ئاللاھ ئىگەمدىن قىرىنداشلىرىمغا مانا مۇشۇنداق بىرلىك ،ئۆملۈك تىلەيمەن ! ما تىما مەن ئويلىغان نىشانغا قاراپ مېڭىۋاتقاندەك ...يەنە خوش بۇلىدىغان ئوخشايمەن

ئاۋۇ توپنىڭ داڭقىنى بەك ئاڭلاپ كەتتىم مەن جۇمۇ.
مىنىمۇ قوشىۋېلىڭلارچۇ

جداتلادىنقالغان ئىسىل خسلەترىمىزنىڭ ھەقىقى ۋارىسلىرىدىن بولالىشىمىزنى ئۇلۇغ ئاللاھ تىن تىلەيمەن! ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
قىلىشقا تېگىشلىك ئىش قىپتۇ. ئاچ قالغېنىغا قارىماي جىددىيلىشىپ، بۇ ئىشى ئۈچۈن چاپقان پىنھان قېرىندېشىمىزغا ئاپىرىن!
قوشۇمچە دەۋالاي:
توپىڭلاردا جەۋلان ئەپەندىممۇ باركەنۇ بۇ ئىزدىنىشنى تەرك ئەتكىنى قاملاشماپتۇ. ئانچە-مۇنچە كۆرۈنۈپ قويسۇن ئۇنداق قىلماي. بىر چاغلاردا تېتىملىق، سەمىمىيلىككە تولغان، قىزىقارلىق يازمىلىرى بىلەن شەخسەن مېنى زىرىكتۈرمەيتتى... خاپا بولماي سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭ.
سىلەر ھەممىڭلار ئىزدىنىشقا ئەڭ كونا، ئەڭ تىپىك ئەزالار، بۇ ئىزدىنىش نىڭ يارىشىغى. تۇرمۇش ۋە باشقا ئىشلار بىلەن ئالدىراشتۇرسىزلەر، لېكىن مەن ئىزدىنىش خاراكتېرىنىڭ بىر يەرلىرى سىزلەر بىلەن ئىپادە قىلىنىدۇ دەپ ھېس قىلىمەن...
ئىزدىنىش ئەڭ كونىلىرىدىن، پىنھان، زىيالىي، ئەركتېكىن ئەپەندىم يەنە تەپەككۇرچى قاتارلىقلار داۋاملىق بار بۇ يەردە. لىكىن، سىز تىلغا ئالغانلارنىڭ ئىچىدە جەۋلان ئەپەندىم ئۇزۇن زامان يوقاپ كەتتى. يوقاپ كەتسىغۇ، تونۇش-بىلىشچىلىكىمىز يوق، شۇ،،، مەۋھۇم دۇنيادىكى مەۋھۇم دوستىڭىزنى ئەسلەپ قالىدىكەنسىز...
سىزتىلغا ئالغانلاردىن مەتۇ كۆرۈنمەيدۇ، يېقىندا يەنە باچكا يوقاپ كەتتى... جەۋلانباي جەۋلانباي دەپ قويساق ماشىنىدىن بىرنى ئېلىۋىلىپلا يوقىدى، ئەسلى جەۋلان قەلەندە دەيدىغان ئەدەمكەن بۇ {:90:}

@Musicfan، يەنە كەسپىي كېسىلىم قوزغىلىپ قالدى، خاپا بولماي بۇ دورىنىڭ ئىسمىنى دەپ بىرىڭە. زادى بۇنچىۋالا قىممەتلىك ھەم مۇھىم قايسى دورا بولغىيدى؟ دورىگەرلىك دەرسىمدە مەن ئۆگەنمىگەن يىڭى دورىلار بولسا، بۇنىمۇ بىلىۋالاي دەيمەن. {:92:} يەنە بىرى ، ئادەتتە باش سۈيى يىرىلغان بولسا كەينىدىنلا تولغاق كىلىدۇ. سىلەر شۇنچە ئۇزۇن (تولغاققا نىسبەتەن) ۋاقىتتا دورىنى ئەكەلدۈرۈپ بولغۇچە تولغاق كەلمىگەنمىدۇ؟ ئەگەر تولغاق كەلمەي قالغان بولسا يا تولغاق كەلتۈرىدىغان پوتوسېن (ئوكسىتوسىن) دەك ھورمۇن خاراكتىرىدىكى دورىلارمۇ يە؟ ئىشقىلىپ ئۇ دورىنىڭ ئىسمىنى ماڭا دەپ بىرىڭ، بىلىۋالاي. رەھمەت!