kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 15:14:55

تاجاۋۇزچى دىگەن نىمە؟[كۆچۈرۈلمە]



تاجاۋۇزچى دىگەن نىمە؟


«نەنجىڭ چوڭ قىرغىنچىلىقى» دىگەن تىكىست سۆزلەپ تۈگىتىلدى، ئوقۇتقوچى: -ساۋاقداشلار! سورايدىغان سۇئالىڭلاربارمۇ؟-،

-مۇئاللىم تاجاۋوزچى دىگەن نىمە؟

-تاجاۋۇزچىنىڭ مەنىسى-بىراۋنىڭ يۇرتىنى زۇلۇم ئارقىلىق بىسىۋىلىپ شۇيۇرت خەلقىنى قۇل قىلغۇچى، ئۆاتۈرگۈچى، بۇلاڭ-تالاڭ قىلغۇچى، ئىنسانى ھەق ھوقوقىنى دەپسەندەقىلغۇچى.....

–مۇئەللىم، موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى نىمە؟

–موڭغۇللار يۇقاردىكى سۈپەتلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت ئەڭ گەۋدىلىڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە، مەسىلەن ئەرەپلەريۇرتىنى ئىستىلا قىلغاندا ئۇلارنىڭ شەرىئەت قانۇنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئۆزىنىڭ «ياساق» دىيىلىدىغان قانۇنلىرىنى خەلىققە مەجبۇرى يۈرگۈزگەن.

–مۇئەللىم ئىيتىپ بېرىڭە، روسلارنىڭ تاجاۋۇزچىلىقى قانداق ئالاھىدىلىككەئىگە؟

–روسلارتارىختا ئۆتكەن ئەڭ شەپقەتسىز تاجاۋۇزچىنىڭ بىرىدۇر، ئۇ خەلىققە ئەڭ گۈزەل ۋەدە، قەسەملەرنى بىرىش ئارقىلىق مايىللقنى قولغاكەلتۈرۈپ سوۋىتلەرئىتتىپاقىنى قۇردى. ئارقىدىن تۈرلۈك ناملار بىلەن ئاتالغان ھەرىكەتلەرنى قوزغاپ ئاسترتتىن روسلارنىڭ مىللى مەنپەتىنى قوغدايدىغان مەنتىقە بىلەن بارلىق دىننى تۈس ئالغان پائالىيەت، دىنى تۈس ئالغان مەدەنىيەت، دىنى تۈس ئالغان ئىمارەتلەرگىچە، ئىسلام مىللەتلىرىنىڭ تىل–يېزىق، ئۆرپ–ئادەت، قائىدە–يۇسۇنلىرىغا ۋەھشىلەرچە ھۇجۇم قىلىپ مىللىي ئاسسىمىلياتسىيە يۈرگۈزۈپ روسلاردىن ئايرىلسا ياشىيالماس ھالغاكەلتۈرۈپ قويغىلى تاسلا قالغان ئىدى. بۇ داۋامىدا ئۇستازلار مەدرىسنى، ئۈممەت پەرزەنتىنى روسنىڭ قولىغا تۇتقۇزمىدى، بايلارنامراتنى كامىنانىڭ داش قازىنىغا تەلمۈرتمىدى... ئاخىردا تاجاۋۇزچى چىقىپ كەتتى.

–مۇئەللىم تۈركلەر بىر زاماندا ئۈچ قىتئەنى نەچچە ئەسىر سورىغانىكەن، ئۇلارمۇ تاجاۋۇزچىمۇ؟

–ياق. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئامانەتدارلىرى ۋە ھامىيلىرىدۇر، ئۇلار دەۋر سورىغان زامانلاردا ئەرەپ ۋەئەجەم بىر تۇققان قىرىنداشلارچە ئىناق–ئتتىپاق، ئاۋام خاتىرجەم، جەڭچىلەر ساباتلىق، زىمىن ئەدلى–ئادالەتكەتولغان،... زامانلارئىدى، ئۇلارنى تاجاۋۇزچى دىيىش دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سىياسىي ھىيلىسىدۇر.

–مۇئەللىم، تاجاۋۇزچىلىقنىڭ مەنىسى نىمىگە يىغىنچاقلىنىدۇ–؟

–1-بىراۋنىڭ زىمىنىنى زۇلۇم زۇلۇم بىلەن بىسىۋىلىش

2-بىسىۋالغان زىمىندا ئۆزى خاتىرجەم ياشاپ، زىمىن ئىگىلىرىنى دەككە–دۈككىگەسىلىش

3-مۇستەملىكە مىللەتنىڭ مىللى–دىينى كىملىكىنى يوقۇتۇشقا ئۇرۇنۇش (دىنى ئىتقادىنى سۇسلاشتۇرۇش، تىل–يېزىق، ئۆرپ–ئادەت، دىنى پائالىيەتكە زىت قائىدىلەر بىلەن بۇرۇقتۇرماقىلىش)

4-زامانىۋى ئىلىمدىن مەھرۇم قىلىش (زامانىۋى ياساش سانائىتى، ئاۋىئاتسىيە–ھەربى سانائەت..... قاتارلىقلارنى بەرمەسلىك)

5-مۇستەملىكە خەلقىنى ئۆزئىچىدىن پارچىلاپ يوقۇتۇش (بىرتۈركۈم غالچا–مۇناپىقلارنى سەپنىڭ ئالدىغا چىقىرىپ بىر–بىرىنى قىرغىن قىلىشقا سىلىپ، ئارىدىن پايدا ئىلىش، مۇناپىق ئۆلسە قەھرىمان ئاتلىق قۇرۇق نامنى بىرىش، توپىلاڭچى ئۆلسەخەلققە ھەيۋەقىلىپ ئىبرەت قىلىش)


                                                                    مەنبە: كىيىنكى خەن رىياللىقى

mastani يوللانغان ۋاقتى 2013-6-27 09:56:54

23- قەۋەتتىكى ghalibjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چەتئەل كىنوچىلىقىدا 100 يىل كيىنكىنى كنو قىلىپ تەسۋىرلەپ چىقىدۇ ، بىزمۇ خۇددى 100 يىل كىيىنكىدەك ئويغا پېتىپ كىنو ئىچىگە كىرىپ كۈرۈپ كىتىمىز ...

شۇلارغا تەدبىقلاپ مىنىڭ چوڭ مىڭەمنىڭ ئەدىبى ئەسەرنى چۈشنۈش پوستلاق قەۋتى ئەسەر مەنبەسى ئۈچۈن بىرلىگەن جايىغا قاراپ شۇنداق ئىنكاسنى ئەكىس ئەتتۈردى :

2034-يىلى 17- ئۈمۈد ، ناماز پىشىن ۋاقتىدىن سەل ئاشقان چاغ ***جۇمھۇريىتى ***ئۆلكىلىك **شەھەرلىك 3-تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتىپى ،دەرسىخانىدا ئۇيغۇر يېڭى زامان باللىرى دەرىس قۇبۇل قىلماقتا ،خەنزۇ قاتارلىق باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر ھەم دەرس ئاڭلىماقتا ، تارىخنىڭ كىيىنكى خەن رىئاللىقى دىگەن باب سۆزلەپ مۇلاھىزە قىلىنماقتا ، داۋامى تمىما بىلەن ئىشاش ....

ماۋۇ خىيالنى سۈرۈپ خۇددى راستەكلا لەزەت ھېس قىلىپ كەتتىم، مەندەك تەسەۋۇر قىلالىغانلار بامىدۇ ئىزدىنىشداشلار ؟



بولمامدىغان مەن ۋەھشى قىلۋىتىمەن ..........

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 17:18:19

نەدە ئۆتۈلگەن دەرسكەن بۇ؟؟؟؟؟

tureli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 18:04:15

قالتىس مۇەللىمكەن بۇ ،دەرسنى ھەقىقەتەن ياخشى ئۆتۈپتۇ.

Tepekkurchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 18:44:45

تۈركلەر تاجاۋۇزچى ئەمەسمىكەن؟  {:92:}  

بۇ سۇئالنى گىرىكلار، بۇلغارلار، ئىتالىيەلىكلەر ۋە باشقا شەرقى ياۋروپالىقلاردىن سوراپ بىقىڭلار.

خەقنىڭ زىمىنىنى يەرلىك خەلىقنىڭ ئىرادىسىگە قارشىش ھەربى كۈچ ئارقىلىق بىسۋالغانلارنىڭ ھەم ھەربى كۈچ ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچى.

bigboy يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 19:44:28

قاغا بالام ئاپئاق ،كىرپە بالام يۇمشاق . ھەرقانداق بىر ئېنىرگىيە كېڭىيىش داۋامىدا زورلۇقتىن مۇستەسنا بولىمەن دەپمۇ بولالمايدۇ . ئەكسىچە بولغاندا ئۇ كېڭىيەلمەيدۇ .ھەرقانداق مەۋجۇداتنىڭ ئۆز مەۋجۇدلۇقىنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن ئالغا سىلجىشىنىڭ ئۆزى بىر تاجاۋۇزچىلىق . بىر يۇلتۇز يەنىمۇ چاقنىسا يەنە بىرى خىرەلىشىدۇ . ئۇنداقتا دۇنيانىڭ ياخشى يامانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك ؟ بۇنى‹‹ نىيەت ›› دېگەن بىرلا سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ . يەنى‹‹ رەقىبىڭنىڭ ئۆلىمىنى تىلىمەي ئۆزۈڭنىڭ ئۆمرىنى تىلە›› .مەلۇم مەۋجۇدلۇقىنىڭ ماھىيتى ۋە ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش جەريانىدا قوللانغان ئۇسۇل تاجاۋۇزچىلىقنىڭ خاراكتىرىنى بەلگىلەيدۇ .

ھەممىمىز تۇغۇلىشىمىزدىنلا تۇغما تاجاۋۇزچى . بەزىمىز ئېسىللىكىمىزىنىڭ زەئىپلىكى ۋە ياكى چىركىنلىكىمىزنىڭ ئاجىزلىقى تۈپەيلىدىن مەۋجۇدلۇق تەسىرىمىز خىرەلىشدۇ . بەزىلىرىمىز بەقۇۋۋەت ئېسىللكىمىز ۋە ياكى قۇدرەتلىك چىركىنلىكىمىز ئارقىلىق مەۋجۇدلۇقىمىزنىڭ تەسىرىنى تېخمۇ يۈكسەلدۈرىمىز .ئسىللىكىمىزنىڭ قۇدرىتى ئارقىلىق قىلىنغان تاجاۋۇز ئۆزگىنى ئېسىىللەشتۈرۈش بىلەن بىرگە ئۆزىمىزنىمۇ شۇنداق قىلىدۇ .چىركىنىلىكنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان تاجاۋۇز ئۆزگىنى ۋەيران قىلىش بىلەن بىرگە ،ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ يىتەرلىك ئىممۇنىت كۈچى بولمىغاندا ئۆزىمىزنىمۇ ئىچىدىن سېسسىتىدۇ . بۇنى بىر توپقا كېڭەيتسەك ئوخشاشلا ماس كېلىدۇ . تاجاۋۇزنى قانداق ئۇسۇلدا بىر قەدەر ئاقلانە ؟ ئەگەر ئۆزىمىزنى بىر يۇلتۇز دېسەك ئەلۋەتتە نۇرىمىزنىڭ تېخىمۇ پارلاق تېخىمۇ كەڭ جاينى يورۇتۇشىنى ئستەيمىز ،بۇنىڭ ئۈچۈن باشقا يۇلتۇزلارنى سوقۇپ ۋەيران قىلىپ ئاسماندا پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا قېلىشىنى ئويلاشنىڭ ھاجىتى يوق .پەقەت تېخىمۇ چاقنىساقلا كۇپايە. باشقا يۇلتۇزلار ئارقىدا قالماسلىق ئۈچۈن تېخىمۇ چاقنىسا بىزمۇ ئوخشاشلا كۈچەيمىز . مۇشۇ جەرياندا تېخمىۇ يورۇقلىشىمىز .

ئەمما شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ، يىتەرلىك بولغان سوقۇلۇش كۈچىگە بەرداشلىق بىرىش ئىقتىدارى ھازىرلاش بۇلارنىڭ مۇھىم شەرتى . چۈنكى ھامان بەزى يۇلتۇزلار تېخىمۇ بەك چاقنىيالمايدۇ ، ياكى چاقناشتىن ۋاز كېچىىدۇ. بۇنداق چاغدا ئۇلار ئۆزىگە خىرىس بولغان يۇلتۇزنى سوقۇپلا ۋەيران قىلماقچى بولىدۇ . ھەم بەزىدە بىزدىن تېخمىمۇ يورۇق بولغان يۇلتۇزدىن بىرسى كېلىپ پۇتلىكشاڭنى يوقاتقۇسى كېلىدۇ . يەنە بىر مەسلە ، ئېنىرگىينىڭ كېڭىيىش داۋامىدىكى مۇقەررەر زورلۇق . بۇ قانداق دېگەندە بىز كۈچلۈك چاقنىغاندا مۇقەررەر ھالدا يەنە بىر يۇلتۇزنىڭ نۇرىنى ئاجىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز ۋە بەزىدە شۇنچە چاقنىساقمۇ يەنىلا بەزى ئاللىبۇرۇن نۇرىنى يوقاتقان ۋە ياكى ئۆچەي دەپ قالغان يۇلتۇزلار بىزنىڭ يورۇتۇش يولىمىزنى توسۇپ قويۇپ پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ . بۇ چاغدا بىز ئەڭ ئۈنۈملۈك ئورۇنغا ئېرىشىش ئۈچۈن بىلگەن ياكى بىلمىگەن ھالدا ئۇلارنى سوقۇپ ۋەيران قىلىپ ئۆتۈپ كېتىمىز.

بارچە شەيئى ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى خالايدۇ. ھەم ئۆزىنى يۇقىرىغا ئۆرلىتىش داۋامىدا مەۋجۇدلۇقىنىڭ مەنسىنى ۋە قىممىتىنى ئاشۇرىدۇ . مەۋجۇدلۇق_ يۇقىرىغا يامىشىش ئۈچۈندۈر ۋە يۇقىرىغا يامىشىش دېمەكتۇر . باشقا چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ ھەتتا ئۆزىنى قويارغا گۆرىمۇ بولمايدۇ .

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 19:51:32

مۇئاللىم تاجاۋوزچى دىگەن نىمە؟

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 19:59:24

–مۇئەللىم تۈركلەر بىر زاماندا ئۈچ قىتئەنى نەچچە ئەسىر سورىغانىكەن، ئۇلارمۇ تاجاۋۇزچىمۇ؟

–ياق. ئۇلار ئىسلام ئۈممىتىنىڭ ئامانەتدارلىرى ۋە ھامىيلىرىدۇر، ئۇلار دەۋر سورىغان زامانلاردا ئەرەپ ۋەئەجەم بىر تۇققان قىرىنداشلارچە ئىناق–ئتتىپاق، ئاۋام خاتىرجەم، جەڭچىلەر ساباتلىق، زىمىن ئەدلى–ئادالەتكەتولغان،... زامانلارئىدى، ئۇلارنى تاجاۋۇزچى دىيىش دىن دۈشمەنلىرىنىڭ سىياسىي ھىيلىسىدۇر.

..........................

\"\" \"\" \"\" \"\"

izlen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 21:25:31

تاجاۋۇزچى دىگەن كارررامەت ۋەششى بۇلىدىكەن ھە...  {:106:}

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 00:09:42

تۈركىيە بولسا بىر ياخشى تاجاۋۇزچى....

مۇئەللىم ھازىرمۇ تاجاۋۇزچىلار بارمۇ ؟

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 00:12:00

مۇئەللىم تېشىپتۇ.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 01:51:18

تۈركچىدە تاجاۋۇزنىڭ مەنىسى باشقا.

arginakun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 16:14:26

3- قەۋەتتىكى tepekkurchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈركلەر تاجاۋۇزچى ئەمەسمىكەن؟ \"\"

بۇ سۇئالنى گىرىكلار، بۇلغارلار، ئىتالىيەلىكلەر ۋە باشقا شەرقى ياۋروپالىقلاردىن سوراپ بىقىڭلار.

خەقنىڭ زىمىنىنى يەرلىك خەلىقنىڭ ئىرادىسىگە قارشىش ھەربى كۈچ ئارقىلىق بىسۋالغانلارنىڭ ھەم ھەربى كۈچ ئارقىلىق كونتىرول قىلىپ تۇرغانلارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچى.

---------------------------------------


ئامال يوق، تۈركىيە مەسلىسىگە كەلگەندە ئاپتۇر ئۆز ئىرادىسىگە تاجاۋۇز  قىپتۇ

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 17:02:26

ئېسىل دەرسكەن ، ئەلا كەتتى ...

facebook يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 17:20:40

مەلۇم تەرەپكە ئېنىقلا يان بېسىپتۇ، چىنلىقىنى يوقاتقان نەرسە ياخشى ئۇچۇر ئېلىپ كىلەلمەيدۇ.

ruslan007 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 20:22:00

تۈركىيەمۇ ، پارىس ، ئەرەپمۇ ئەنگىلىز ، پىراانسوز ، ئىتالىيان ، ياپونلارغا ئوخشاشلا تاجاۋۇزچى . ئۇنداق تارىخقا تاجاۋۇز قىلمايلى.

pantekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 21:35:17

مۇشۇ جۇڭگولۇقلار تاجاۋۇزچى ئەمەسكەن.بارغان،تۇرغان، بىرئىككى يىل ياشىغان يەرلىرىنىڭ ھەممىسىلا بۇلارنىڭ ئەلىمىساقتىن ،قەدىمدىن ،دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇنلا مۇشۇلارغا تەۋە زېمىنلار ئىكەن.

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 21:45:10

14- قەۋەتتىكى ruslan007نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۈركىيەمۇ ، پارىس ، ئەرەپمۇ ئەنگىلىز ، پىراانسوز ، ئىتالىيان ، ياپونلارغا ئوخشاشلا تاجاۋۇزچى . ئۇنداق تارىخقا تاجاۋۇز قىلمايلى.




ھونلارمۇ بىر زامانلاردا،  يەر-جاھاننى تىترەتكەن تاجاۋۇزچىلار ئىدىلەر ...

ئەفسۇس ...

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 22:20:50

ئۆزىنىڭ ئايرىلماس قىسىمىغا قايتا -قايتا تاجاۋۇز قىلىدىغانلارمۇ بارمىدۇ؟

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 09:36:34

ماركىسىزمچىلار تاجاۋۇزچى ئەمەس ، ئۇخەلقنى ئازات قىلىدۇ ....
بەت: [1] 2
: تاجاۋۇزچى دىگەن نىمە؟[كۆچۈرۈلمە]