قىزىل گالاستۇك(كۆۋرۈك)
كۈنلەر ئوتىۋاتىدۇ بىر ئويلىسام بەك تىز ئۆتەۋاتقاندەك بىر ئويلىسام بەك ئاستا ئوتىۋاتقاندەك ،بەزىدە مەنىلىكتەك بەزىدە مەنىسىزدەك .شۇنداق قىلىپ ئوزىمىز بىلمەيلا قىرىپ قالىمىزكەن .مانا ھەش -پەش دىگىچە ئوغلوم ‹كۆۋرۈكچاق ›مۇ چۇڭلار بولۇپ قالدى .مەن كۆيىمەن بالامغا بالام كۆيەر بالىسىغا دىگەندەك بەكلا كۆيىمەن بەلكىم بومۇ كويىدۇ بالىسىغا شۇنداق بىرسىنىڭ كەينىدىن بىرسى ئولىشىپ بۇ ھايات داۋام قىلىدىكەن..
‹كوۋرۇكچاق ›بەكلا شوخ كۇندە دىگۇدەك قوشنا -خولومنىڭ ئۇزى دىمەتلىك باللىرىنى بولوپمۇ قىزلىرىنى ئورۇپ كۇندە دىگۇدەك بىر قېتىم دەۋا سورايمەن .نېمە قىلىدۇ دەيمەن كىچىك بالىنىڭ جىدىلىگە ئارلىشىپ بىز جىدەلنى ئايرىغىچە جېدەل قىلغانلار ئاللىقاچان ئەپلىشىپ بىزنىڭ ئەتراپىمىزنى چۆرگىلەپ قوغلاشماق ئويناشنى باشلاپ بولىدۇ..
تۇنۇگۈن كەچ بازاردىن چىقىپ ئۆيگە كەلسەم ‹كۆۋرۇكچاق ›بەكلا خۇشال چۈنكى ئو ئاپىسى قىزىل لاتىدىن كىسىپ ياساپ بەرگەن گالستۇك نى بۇينىغا چىگىپ ئۇياقتىن بۇياققا مىڭىپ خۇشاللىقتىن مەڭزىلىرى قىزىل گالستۇكنىڭ بەتەر قىپقىزىل بولۇپ كىتىپتۇ ھاياجانلىنىپ ،ئەسلىدە ئاكام سېيتەكنىڭ بالىسى ئوبۇل قارىۋاي بۇ يىل ئاران قىزىل گالستۇكقا ئۇتۇپتىمەن ،كۆۋرۇكچاق ئوبۇل قارۋاينىڭ گالستۇكىنى تالىشىپ يىغلاپتۇ ھەتتا ئانىسى پاتى بىردەم تاقىۋالسۇن دىسىمۇ ئونماپتۇ ئۇچۇنچى سىنىپتا ئاران ئوتكەن گالستۇكىنى ئاياپ، شۇنىڭ بىلەن پەرى ئوزى گالىستوك ياساپ كۆۋورۇكچاققا تاقاپ قويۇپتۇ..كوۋرۇكچاقنىڭ خۇشاللىق ۋا ھاياجاندىن قىزىرىپ كەتكەن ئوماق چىرايىغا قاراپ ئىختىيارسىز ئۆزەمنىڭ بالىلىقتىكى ئاشۇ قىزىل گالىستوك ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرىم ئىسىمگە كىلىپ قالدى .
مەن ئوزەمغۇ بەك دوت ئەمەستىم لېكىن دەرستە ئانچە ياخشى ئەمەستىم .بەك ئارقىسىدىمۇ ئەمەستىم .مەن دەرستە ياخشى بولمىغاندىكىن مۇئەللىم مىنى سىنىپ بويىچە دەرستە ئەڭ ياخشى رەنا نىڭ يىنىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويغان ئىدى .مۇشۇ رەنا ماڭقا دەرسكە نېمانچىلا ئوستىدۇ دەپ كىتەتتىم ماڭقىسىنى شىرتىلدىتىپ تارىتقان بىلەن دەرسكە بەك ئوستا ئىدى ،ماڭقىسى ئىقىپ تورغان بىلەن لېكىن چىرايلىق قىز ئىكەنتۇق ھازىر ئويلاپ باقسام ،ئو چاغلاردا قىزلارنىڭ چىرايى بىلەن چاتىقىم نېمە پەقەت ئۆي خىيالىم رەنا ماڭقىنىڭ تاپشۇرۇق دەپتىرىدە ئىدى ..بىزنىڭ سىنىپتا دەسلەپتە رەنا ماڭقا ،سەلىم سىرىق، گۈزەل بۇت ،قاتارلىق ئۇچى گالستۇكقا ئوتتى .بۇ ئوچى سىنىپتىكى ئەلاچى بالىلار ئىدى ،سەلىم سىپسىرىق بۇلغاچقا سەلىم سىرىق دەيتتۇق،گۇزەل پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان توڭ ئىدى ،ئۇ پەقەت دەرىسى ۋاقتىدا مۇئەللىمنىڭ سوئالىغا قول كۆتۇرۇپ جاۋاب بەرگەندىلا قول كۆتىرىپ گەپ قىلاتتى .ھەتتا چىچىنى تارتىپ تىرىكتۇرسەكمۇ كەينىگە قاراپ ئالىيىپ قۇياتتىيۇ گەپ قىلمايتتى شۇڭا بۇت دەىيتتۇق،لىكىن بۇ لەقەملەرنى كىم قويغىنىنى ھازىرغىچە ئەسلىيەلمەيمەن .
ئىككىنچى يىللىققا چىققاندا سىنىپ بويىچە 10دەك بالا گالستۇكقا ئوتتى ،مۇئەللىم ئولارنى پېئونېرلىققا ئوتتى دەيىتتى بىز گالستۇكقا ئوتتى دەيتتۇق ئىككىسى بىر گەپ بولىشى مۇمكىن .مەن بىلەن دائىم مەكتەپكە بىللە بىرىپ كېلىدىغان ئىلياسمۇ بو قېتىم گالستۇكقا ئوتۇپ كەتتى ،مەن ئونىڭ بىلەن ماڭغاچ بوينىدىكى قىپ قىزىل گالستۇكقا ھەۋەس بىلەن قاراپ قوياتتىم ئۇمۇ مىنىڭ ھەۋەس بىلەن قارىغىنىمنى سەزگەندەك بىر خىل مەغرۇرلىنىپ قالغان ئىدى .مەن ئىلياس گالستۇكقا ئۆتكەندىن كېيىن ئىختىيارسىز ئونىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالغان ئىدىم ،ئەسلىدە مەكتەپكە بېرىشى ئۈچۈن مەھەللىمىز كەينىدىكى زاۋۇتنىڭ ئارقا تىمىدىن ئارتىلىپ ماڭساق مەكتەپكە يېقىن يۇلغا چىقاتتۇق ،ئىلياس گالستۇكقا ئۆتكەندىن كېيىن تام ئارتىلىپ مېڭىش يولىمىزدا ماڭماسلىق بۇيرۇقى چۇشۈردى چۈنكى مۇئەللىم بۇ تۇغرىسىدا بىر نەچچە قېتىم بىزگە تەكىتلىگەن ئىدى ،ئۇندىن باشقا ئىلياس ئىككىيلەن قىش كۇنلىرى مەھەللىمىز كەينىدىكى ئالما ئامبىرىنىڭ دېرىزىسىدىن ئۆزىمىز ياسىۋالغان ئۇزۇن ياغاچنىڭ ئۇچىغا مىخ باغلاپ ئالمىنى سانجىپ ئىلىپ ئالما ئوغۇرلاپ يىيىشى ئادىتىنمۇ ئوزگەرتىشكە مەجبۇر بولدۇق ئىلياسنىڭ ماڭا خىزمەت ئىشلىشى نەتىجىدە .مىنىڭ نەزىرىمدە ئىلياس مەندىن ئەلاچى مەندىن ئىلغار بالا ئىدى شۇڭا ئۇنىڭ گېپىنى خالىمىساممۇ ئاڭلاشقا مەجبۇر بولاتتىم ،
ئۇچۇنچى يىللىققا چىققاندا سىنىپتىن 15دەك بالا پېئونېرلىققا ئوتتى ،بۇ قېتىم يەنە مەن يۇق ئىدىم ،مۇئەللىم پېئونېرلىققا ئوتكەن بالىلارنىڭ تىزىملىكىنى ئوقۇۋاتقاندا ئەڭ ئاخرقى ئىسىمنى ئوقىغىچە مەن ئومۇت بىلەن ئولتۇرغان ئىدىم خۇددى ئىسىممنى ھازىر چاقىردىغاندەك ‹كۆۋرۈك ›دەپ قالىدىغاندەك،،،ئەپسۇس ئىسمىم چىقمىدى ،بۇ قېتىم ماڭا بەك ئېغىر كەلدى ئەسلىدە سىنىپتىلا يىغلىۋتەي دىگەن ئىدىم رەنا ماڭقىدىن خىجىل بولوپ ئۆيگە بىرىپ ئىغىلغا كىرىپ يىغىلىۋەتتىم ،ئېغىلدىكى كالا مىنى مەسخىرە قىلغاندەك ماڭا قاراپ ئاۋۋال پۇشۇلدىدى ئاندىن قاققلاپ كۈلۈۋاتقاندەك مۆرەشكە باشلىدى ،ئالا كالىنىڭ مۇرىگەننى ئاڭلىغان قالغان كالىلار مۆرەشكە باشلىدى ،ئىشەكمۇ سەت ھاڭرىدى ماڭا قاراپ...
بىر چاغدا دادام كىرىپتۇ ،ۋۇي نىمە بولدى مۇنۇ بىر نىمىگە دەپ قولۇمدىن تارتىپ ئويگە ئەكىردى ،نېمە بولدى زادى دەپ ئاپام دادام مىنى سۇراق قىلىشقا باشلىدى
سىتەك ئوردىما؟دىدى دادام !
ياق-دىدىم مەن بېشىمنى چايقاپ ..
زادى نېمە بولدى -دېدى دادام جىلى بولۇپ ..
-مەن ئاخىرى ئۇزەمنى باسالماي يىغلاپ دادام -بىلەن ئاپامغا بۇلغان ئەھۋالنى يەنى گالستۇكقا ئۆتەلمىگىنىنى دەپ بەردىم ..
ئاپام بىلەن دادامنىڭ بۇ قېتىم ماڭا راسلا ئىچى ئاغرىدى بولوم ئۆمرىدە مىنىڭ مەكتەپتىكى ئىشلىرىم بىلەن چاتىقى بولمايدىغان بىر قىتىممۇ سىنىپ يىغىنىغا بىرىپ باقمىغان دادام بۇ قېتىم مىنى بۇ ئىزا -نۇمۇستىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن قەتئى ئىرادىسىغا كەلدى ۋە جۆرە دەپ ۋەلسپىتىنىڭ كەينىگە ئولتۇرغۇزۇپ يېزىلىق ئورتا مەكتەپ ئۇدۇلىدىكى چوڭ ماگىزىندىن ئۇچ سومغا بىر گالستۇك ئىلىپ بوينۇمغا تاقاپ قۇيدى ،شۇ كۇنى چۈشتىن كېيىن مەن گالىستۇكنى تاقاپ مەكتەپكە باردىم ساۋاقداشلىرىم ۋە مۇئەللىمىم ماڭا ۋە بوينۇمدىكى قىزىل گالستۇكقا قاراپ قۇيۇپ ئۇشۇق گەپ قىلمىدى ئارىدىن ئۇزۇن يىللار ئۆتكەندىن كىيىن دادام -بىلەن ئاپامنىڭ مۇئەللىمگە ئالدىن ئالا دەپ قويغىنىنى بىلدىم لېكىن دادامنىڭ مىنىڭ كۆڭلۈمنى دەپ ئىسىپ قۇيغان قىزىل گالستۇكى مىنىڭ ئەلاچى ئوقۇغۇچى بولۇشۇمغا سەۋەب بولالمىغان ئىدى...
ئوغلۇڭلا تىزلا چوڭ بوپ كىتىپتۇ مانا، بىردەمدىلا باللىقتىكى ھىسلارنى يادىمغا سېلىپ قويدۇڭلا. دېمىسمۇ باشلانغۇچتا بەكلا قالتىس بىلىنىدكەنتۇق پېئونېرلىق دېگەن، قۇبۇل قىلنماي قالساق يىغلاپ ئېقىپ كېتەتتۇق، ئىتتپاق ئەزاسى بولدۇق. پارتىيە ئەزاسى دېگەننى تېلۋۇزۇردىن كۆرەتتۇق ۋاڭ-ۋاڭ نەچچە يەرگە ئوق تەگسىمۇ يىقلماي، يىقلسىمۇ ئۆمىلەپ باشلىقنىڭ قېشىغا بېرىپ، قىپقىزىل قانغا بۇيالغان بىر پارچە رەختنى قويندىن ئاستاغىنە ئېلىپ، ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىق كېنشكىسى بىلەن ئاخرىقى بەدەل پۇلنى چىقىرىپ تاپشۇرۋېتىپ ئاندىن قۇربان بۇلاتتى.

بىكار پۇل تاپشۇرۇپ يۈرگىچە ئاۋام بولۇپ يۈرگەنمۇ ياخشى ئىشكەن. {:92:} ھېلىقى گالىستۇكنى مەدھىيلەپ ئېيتىدىغان ناخشىلار بولىدىغانتى ھە!!!! بالىلىق....
1- قەۋەتتىكى zaparنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئوغلۇڭلا تىزلا چوڭ بوپ كىتىپتۇ مانا، بىردەمدىلا باللىقتىكى ھىسلارنى يادىمغا سېلىپ قويدۇڭلا. دېمىسمۇ باشلانغۇچتا بەكلا قالتىس بىلىنىدكەنتۇق پېئونېرلىق دېگەن، قۇبۇل قىلنماي قالساق يىغلاپ ئېقىپ كېتەتتۇق، ئىتتپاق ئەزاسى بولدۇق. پارتىيە ئەزاسى دېگەننى تېلۋۇزۇردىن كۆرەتتۇق ۋاڭ-ۋاڭ نەچچە يەرگە ئوق تەگسىمۇ يىقلماي، يىقلسىمۇ ئۆمىلەپ باشلىقنىڭ قېشىغا بېرىپ، قىپقىزىل قانغا بۇيالغان بىر پارچە رەختنى قويندىن ئاستاغىنە ئېلىپ، ئىچىدىن پارتىيە ئەزالىق كېنشكىسى بىلەن ئاخرىقى بەدەل پۇلنى چىقىرىپ تاپشۇرۋېتىپ ئاندىن قۇربان بۇلاتتى.
بۇرۇنقى ئىدارەمدە شۇنداق بىر خوشامەتچى بار ئىدى. بىر ۋاقىتتا قاتناش ھادىسىسىگە
ئۇچراپ يېرىمجان بۇلۇپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى. ئېدارە باشلىقىغا ھەمرا بۇلۇپ
يوقلاپ باردۇق. باشلىق يېنىغا كىلىپ قانداق ئەھۋالىڭ دىسە، ئاران كۈزىنى ئېچىپ ،
ئىشخانىنىڭ ئىشلىرى قانداق بۇلۇپ كەتتى دىمەسمۇ، سۇ ئىچىۋاتقانتىم، شۇ ھامان
پۈركىۋەتتىم. ئىدارە باشلىغىمۇ تاس قالدى كۈلۈپ تاشلىغىلى

ئويلىماي ياخشىراق دەم ئالغىن دەپ تەسەللى بىرىپ، قايتىپ كەتكەنتۇق باشلانغۇچتا مەلىم بەك چىڭ تۇتاتتى بۇ گىلاستۇكنى ....كىم تاقىماي كەلسە شۇ سىنىپ تازلاۋاتقان....مەن داۋام ئەتىگىنى چاينى ئىىچپلا يادىمدا يوق تاقىماي كىتەتتىم...مەكتەپكەبىېرىپ ئۆرە تۇرۇپ تىل ئىشتىۋاتقان....كىيىن مانا ئەمسە دەپ گىلاستۇكىنى كەڭرەڭ قىلىپ بۇينۇمغا ئككى چىگىش قىلىپ چەگدىم....بىچارە گلاستۇك بىر بارماقچىلىك قالغان ئىدى پۇرلۇشۇپ..كىين سەتلىشىپ كەتكەكچە ئۆزۈمچە نۇمۇس قىلىپ ياقامنى گىلاستۇكنىڭ ئۈستىگە چقرىپ قۇياتتىم... ناۋا ئىزدەپ سۇراپ قالسا شارىتتدە تارتىپلا مانا دەپ كۆرسىتىپ قۇياتتىم.....ئانام ئەكەل ئانى بىر يۇيۋىتەي دىسە ياق دەپ تېخى...مەھەللەر ئارا ئۇرۇش قىلغان چاغدا ..مۇشۇ گىلاستۇك دىگەن كاپاسەت ئادەمگە جاپا ..گىلاستۇكتىن تۇتۇپ تاتىپلا بىر كاللا قويسا باشتىن ئىس چىقىپ كىتىدۇ...شۇڭا ئۇرۇشقان چاغدا باشتىلا گىلاستۇكنى بۇيانندىن ئالدىغان گەپ.... مەنمۇ ئىككىنجى سىنىپتا پىنۇرلۇققا ئۆتكەن {:92:} ، لىكىن بىرىنجى سىنىپتا پىنۇر بولامماي «ئۈچتە ياخشى» ئوقۇغۇچى بولغانتىم...
كيىن پىنۇر بولغاندا قېپقىزىل گالاستۇك نى چوڭ پائالىيەت مەيدانىدا يۇقىرى يىللىقتىكى چىرايلىق قىزچاق بوينۇمغا تاقاپ قويغاندا ھاياجاندىن يۈرەكلىرىم دۈپۈلدەك سوقۇپ كەتكەنتى..
بىز كىچىك ۋاخلاردا مەچىتكە نامازغا بارساق ھېچكىم توسمايتتى.. ھازىرمۇ يادىمدا، بىر كۈنى بوينۇمغا گالىستۇكنى تاقاپ مەسچىتكە كىرىپتىمەن. نامازدىن كىيىن قۇرئاندىن ساۋاق بېرىدىغان ئىككى مەڭزى قېپقىزىل مۇلايىم ئىمام بوينۇمدىكى گالىستۇكنى كۆرۈپ چىرايى ئۆڭۈپ، ئېلىۋېتىشنى ئېيتقان ئىدى. شۇ چاغا كىچىكلىكتە ئانچە خوشۇمغا كەتمىگەن..
ھەي،،،،،،، سەبىي چاغلار... بەك چوڭ سۈپەت ئوخشايكەنمەن كىچىك ۋاقتىمدا . پېئونىرلىققا بىرىنچى تۈركۈمدە زورلاپ ئىلتىماس قىلغۇزغان .گالاستۈكنى ئادەتتە يانچۇقۇمغا پۇرلاپ تىقىپ ،گىمناستىكا ئوينغىان چاغلاردا ۋە مەكتەپ تەلەپ قىلغان چاغلاردىلا تاقىۋالاتتىم . پۇرلىشپ سەتلىشىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇ بىر نېمىنى تېخمۇ تاقىغىم كەلمەيتى . بىراق شۇ ئىسىمدىكى پاراتتىن ئۆتكەن چاغدا ئەڭ ئالدىدا ماڭىدىغان بايراق كۆتۈرگۈچىلىككە تاللىنىپ قېلىشىمنىمۇ ئارزۇ قىلغاندىم .تەكشۈرگۈچىلەر كېلىشتىن بۇرۇن قائىدە-تۈزۈمنى يادىلىتىدىغان ۋە بىر قاتار سىياسىي ئۆگىنىش بار ئىدى .ئەڭ ئاۋال يادىلاپ بولاتتىم ،چۈنكى كىم يادىلاپ بولسا سىرتقا چىقىپ ئويناشقا قويۇپ بېرەتتى . ھەي، قىپقىزىل لاتىنىڭ سايسى ئاستىدىكى سۈپسۈزۈك بالىلىق... ھىلىقى بىر قىسقا فىلىم بولىدىغان، بىر بالىنىڭ گالاستۇكىنى مۇئاللىمى تارتىۋالسا، گالاستۇكى يوق ئۇ بالىغا باشقىلار تىرورچىدەك مۇئامىلە قىلىدىغان. {:92:} بىزگە ئىلىپبەنى ئۆتكەندە خەت يازدۇرۇپ يازالىغانلارنىڭ ھەممىسىنى پىئونىرلىققا ئۆتكۈزىۋەتكەنىدى. ئىنىق ئىسىمدە مومام مانتا ئەتتى دىگەن گەپنى يازالماي، يىنىمدىكى بالىدىن كۆچۈرىۋىلىپ ئۆتۈپ كەتكەنىدىم {:92:} ،لىكىن كىمدىن كۆچۈرگۈنۈم ئىسىمدە يوق


شۈنىڭ بىلەن گالاستۇكنىڭ ھورمىتى

ۋاقىت ئۆتكەنسىرى گالاستۇكۇم خۇددى بىر تال شوينىدەك بولۇپ قالاتتى.
11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گالاستۇك ۋە دۆلەت بايرىقىنى نېمە ئۈچۈن قىزىل دېسە، دۆلىتىمىزنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابى ئەجدادلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغاچقا قىزىل دەپ ئۆگەتكەنتى مۇئەللىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە شۇ ئىشقا پەقەت ئەقلىم يەتمەيتى. شۇنچىۋالا كۆپ قىزىل لاتىنى بوياشقا قانچىلىق ئادەمنىڭ قېنى كېتىدىغاندۇ؟ نېمىشقا قىزىل رەڭدە بويىمايدىغاندۇ دەپ...
ھا ھا ھا، مەنمۇ شۇنداق ئويلايتتىم...
مەن تۇنجى تۈركۈمدە پېئونېر، ئىتتىپاق ئەزاسى بولۇپ سايلانغان، بىزنىڭ مەكتەپتە كىم دەرستە ياخشى بولسا، شۇ سايلىناتتى...گالىستۈكنى سوۋىتنىڭ، مۇشۇ يەرنىڭ دەپ ئايرىيدىغىنى ئېسىمدە، ئىشقىلىپ سوۋىتنىڭ سۈپىتى ئاجايىپ ياخشى بولىدىغان...تولۇق ئوتتۇرىدا پارتىيە ئەزالىقىغا ئىلتىماس يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلغان، ئالىي مەكتەپتە تۈگىمەس يىغىنغا قاتنىشىدىكەن دەپ يازمىغان، ئەمدى باشلىق بولۇش خىيالىم بولمىسا دەپ يازماي يۈرۈيمەن...
11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
گالاستۇك ۋە دۆلەت بايرىقىنى نېمە ئۈچۈن قىزىل دېسە، دۆلىتىمىزنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن قۇربان بولغان ئىنقىلابى ئەجدادلارنىڭ قېنى بىلەن بۇيالغاچقا قىزىل دەپ ئۆگەتكەنتى مۇئەللىم. ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققۇچە شۇ ئىشقا پەقەت ئەقلىم يەتمەيتى. شۇنچىۋالا كۆپ قىزىل لاتىنى بوياشقا قانچىلىق ئادەمنىڭ قېنى كېتىدىغاندۇ؟ نېمىشقا قىزىل رەڭدە بويىمايدىغاندۇ دەپ...
بىزنىڭ كىچىك ۋاختىمىزدىمۇ مۇئەللىملەر شۇنداق ئۇگىتەتتى 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان چاغلارغۇ دەيمەن
بىزنىڭ سىنىپقا يۇقۇردىن باھالاش كەلدى ھەم بىزنىڭ سىنىپقا كىرىپ بىر ساۋاقدىشىمىزدىن
بوينىڭىزدىكى گالاستۇك نىمىشقا بۇنچىلىك قىزىل دەپ سورىغانتى
ئۇبالا 2 موچەنلىك رەڭدە بويىغاندىكىن دەپ جاۋاپ بەرگەنتى شۇنىڭ بىلەن ئۇ باشلىق بەكلا خاپا بولۇپ كەتكەنتى
ئۇئەللىممۇ ئۇ بالىنى سىنىپتىن قوغلاپ چىقىرۋەتكەنتى شۇ چاغدا ئۇ بالىنىڭ نىمىشقا شۇنداق دىگىنىنى تازا ئويلاپ باقماپتىمەن ھازىر ئويلىسام ئاجايىپ توغرا جاۋاپ بىرىپتىكەن
14- قەۋەتتىكى sipartakنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن گالاستۇكنى پەقەت يۇمايتتىم . نىمە ئۈچۈن دىگەندە، قەھرىمانلارنىڭ قىنى چىقىپ كەتمىسۇن دەپ...
ۋاقىت ئۆتكەنسىرى گالاستۇكۇم خۇددى بىر تال شوينىدەك بولۇپ قالاتتى.
بىر قاقۋاش ساۋاغدىشىم نىمىشقا گالىستۇكنى يۇمىىدىڭ دىسە يۇقارقىدەك جاۋاب بەرگەن ئىدى ، سىز شۇمۇ يە؟

