ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 14:54:41

ۋەتەنپەرۋەر شائىر بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى

ۋەتەنپەرۋەر شائىر بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى





٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

كەتمەنباينىڭ بايانى:

ۋەتەنپەرۋەر، ئىنقىلاپچى شائىر بىلال ئەزىزى 1921-يىلى خوتەندە تۇغۇلغان. 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىق ئىنقىلاپچى مەسلەكداشلىرى بىلەن بىللە گومىنداڭ جاللاتلىرى تەرىپىدىن ئاقسۇدا ئۆلتۈرۈلگەن. تۆۋەندە شائىر بىلال ئەزىزىنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلغان «بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» ناملىق توپلامىدىن بىر تۈركۈم شېئىرلىرىنى تەييارلاپ تورداشلارنىڭ روھىغا قۇۋۋەت بولسۇن دەپ سۇندۇم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭







ۋەتەنپەرۋەر شائىر بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى





مەكتەپ



مەكتەپ نۇرلار باغىدۇر.

نۇر چىراغى ياغىدۇر.

مەرىپەتلەر تاغىدۇر.

جانغا راھەتتۇر مەكتەپ.



ئۇلۇغدۇر مەكتەپ شانى،

ھۆرىيەتنىڭ مىزانى،

مەدەنىيەتنىڭ مەيدانى،

جايى ئىبرەتتۇر مەكتەپ.



مەكتەپ دۇنيا زىننىتى،

يەر يۈزىنىڭ جەننىتى،

جاھاندا بار ھۆرمىتى،

قەدرى قىممەتتۇر مەكتەپ.



مەكتەپ بىلىم گۈلزارى،

تەرەققىينىڭ باھارى،

گۆھەرلەرنىڭ بازارى،

ئەجەپ ھەيۋەتتۇر مەكتەپ.



قارالىقتىن ئاقارتىش،

ئىنسانىيەتكە تارتىش،

ئۈستۈن تەرەپكە ئارتىش،

ياخشى ئورۇندۇر مەكتەپ.



زۇمرەت ئىگىز ئاسمان،

ئوغۇل-قىزغا مىھرىبان،

سۈت بەرگۈچى قەدىردان،

ئۇلۇغ دۆلەتتۇر مەكتەپ.



ئاتا-ئانام بولدى چال،

ئاكا-ئۇكام بىلىم ئال،

بارچە دوستلار بىلىپ قال!

چوڭ سائادەتتۇر مەكتەپ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1936-يىلى 10-ئاي.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 11-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئوقۇش بىلەن



ئوقۇش-بىلىم ۋەتەننى

ئاۋاتلىققا يەتكۈزەر.

ئاسارەتتىن قۇتقۇزۇپ

ئازاتلىققا يەتكۈزەر.



كۆڭلى سۇنۇق مىھنەتكەش،

دىلى ئۈزۈك جاپاكەش،

يىتىملەرنى ئاقىۋەت

دىل شاتلىققا يەتكۈزەر.



جاھانگىرلار ئويلىما!

بىزگە يامان قارىما!

ۋىجدانىمىز سەنلەرنى

پەرياتلىققا يەتكۈزەر.



ئوقۇپ بىلىپ يېتىشسەك،

بىرلىك بىلەن بىلىشسەك،

زالىم جاھانگىرلارنى

بەرباتلىققا يەتكۈزەر.



ۋەتەننى بىز ساقلىساق،

ئوقۇش بىلەن ئاقلىساق،

جاھانگىرلار قۇيرۇقىنى

«ۋاي دات»لىققا يەتكۈزەر.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1936-يىلى 10-ئاي.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 13-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





بىر غەزەل ئەزىزى



ئەخلاق بىلەن ھىسنى قامدا، كۆڭۈل چەكسىز مەيدان بولسۇن!

بىلىم ئىزدەپ ئالغا چامدا، ئەگرى غەرەز گۇمران بولسۇن!



پەزىلەتتىن پاك نۇر ياغدۇر، تۇرالمىسۇن قارا تۈنلەر،

نادانلىقنى گۆرگە ئاغدۇر، يىلتىزىدىن يەكسان بولسۇن!



ساداقەتلىك كىشى بولغىن، تاپالمىسۇن سىنى قايغۇ،

راستلىق بىلەن ئىشلە ھارماي، ۋەتەن گۈزەل بوستان بولسۇن!



كىشىنى سەن ھۆرمەت قىلساڭ، سىنى ھەم ئۇ ھۆرمەت قىلغاي،

تەكەببۇرلۇق بىلەن ماڭغان كىشىدە نى نىشان بولسۇن!



مىھرىبانلىق شەپقەت بىلەن ۋاپا گۈلزارىنى ياشنات،

ۋەتەنگە خۇشپۇراق چاچقىن، خۇشپۇراقلىق ماكان بولسۇن!



ساپ ئىنساب بىلەن دوستۇم، كىشىلىك باغىنى ئۆستۈر،

ھەقىقەت بۇ گۈزەل باغقا چىرايلىق باغىبان بولسۇن!



ئەزەلدىن سەن ئۇلۇغ ئىنسان، ئۇلۇغلۇقنى راۋاجلاندۇر،

ۋەتەنگە كۆي، خەلقنى سۆي، بۇ ئىش ساڭا چوڭ بىر نىشان بولسۇن!



ئەزىزى سەن، قەلەم بىلەن دۈشمەننىڭ كۆڭلىنى داغلا،

رەقىبلەرنىڭ كۆزلىرىدىن قانلىق ياشلار راۋان بولسۇن!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1943-يىلى.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 43-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئۆمۈر ئاتقان ئوق



بىلىم چەكسىز ئوكياندۇر مەنبەسى تولۇق،

بىر ئازغىنە بىلىم ئېلىپ بولما كۆڭۈل توق!

ساۋاتسىزلىق مۇدھىش دۈشمەن، ئاڭا چوماق سوق!

جاھالەتتە ئۆتۈشۈڭدىن ئېچىن، غايەت قورق،

تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق.»



ئۆمۈر، ئۇ بەرىكەتسىز تۈگەپ كېتىدۇ،

ئەجەل ئۇنى بىر كۈنى تارمار ئېتىدۇ،

ئۇرۇق-تۇغقان، دوستلىرىنى زار يىغلىتىدۇ،

كەتسە-كەلمەس مەنزىلىگە بېرىپ يېتىدۇ،

تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق.»



دوستۇم دىققەت! «ئىجادكارلار ئەسلا ئۆلمەيدۇ،»

ئىجادكارنىڭ شانى يۈكسەك، ھىچ كۆمۈلمەيدۇ.

ئىجاد دېمەك- ئاجايىپ گۈل، زادى سولمايدۇ.

ئىجاد قىلماي قىممەت ساقلاش مۈمكىن بولمايدۇ.

تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق.»



توغرا ئىجاد قىممىتىڭنى مەڭگۈ ساقلايدۇ،

توغرا ئىجاد تارىخىڭنى سۈتتەك ئاقلايدۇ،

توغرا ئىجاد ئىگىسىنى ئامما ياقلايدۇ،

توغرا ئىجاد ئۆسۈملۈكتۇر ئۆسۈپ شاخلايدۇ،

تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق.»



ھاياتىڭدا تىرىش، ئىشلە، ئىجادىڭ قالسۇن!

ئىجادىڭدىن پۈتۈن ئامما مەنپەئەت ئالسۇن!

دۈشمەن دىلى ئۆرتەنسۇن، تالجىقسۇن، تالسۇن!

ئىجادلىرىڭ تارىخىڭغا نۇرلۇق ئىز سالسۇن!

تەبىئەتنىڭ قانۇنىدا ئۆلمەي ئامال يوق،

قەدىمقىلار شۇڭا ئېيتقان: «ئۆمۈر ئاتقان ئوق.»

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1944-يىلى.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 51-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





يىللارغا سۇئال



ھەي، ھەي يىللار! سۆزسىز تىللار توختاڭلارچۇ؟

سوئال سوراي، سىلەر جاۋاب قىلساڭلارچۇ؟



كۆز ئاچقىچە ئېلىپ قاچقان قانداق نېمە ئۇ؟

ھاياتىمنىڭ كۆز يېشى ئۆمۈر ئەمەسمۇ؟



ئۆمرۈمنى ئوغۇرلىغان ئوغرى سىزلەرغۇ؟

«مەيلى» دەپلا كەڭ يول قويغان مەن بىر بوزەكمۇ؟



ھەر بىر يىلدا بىر قېتىم ئوغۇرلۇق قىلىپ،

قاچىسىزلەر قېرىلىقتىن ئالامەت سېلىپ.



تىزگىنىڭلارنى تۇتقۇزماستىن كېتىسىلەر،

ياشلىقىمنىڭ باغرىنى كاۋاپ ئېتىسىلەر.



سىلەر كېلىپ ئۆمرۈمگە قەست قىلغاندا،

مەنمۇ ھازىر كۈرەش ئۈچۈن دەل شۇ مەيداندا.



مەن بىلىمەن سىلەر پەقەت ئۆمۈر ئوغرىسى،

«غاپىل بولماسلىق كېرەك» - سۆزنىڭ توغرىسى.



سەن ئوغرىلار، زادى بىرمۇ تۇتۇلمىغان،

قەستىڭلاردىن ھېچبىر ئىنسان قۇتۇلمىغان.



ساق قالمىدى تاغ يۈرەكلىك پالۋانلارمۇ،

قاخشاپ ئۆتتى ھەربىر ئەسىر داستانلارمۇ.



كېرەك يوققۇ، سىلەرنىڭ كەسپىڭلار ئوغرى،

كەسىپ بولغاچقا ئۆزەڭلارغا ئىشىڭلار توغرى.



بەس! ھەي يىللار، سوئالىمغا جاۋاب بېرىڭلار!

ياكى بارمۇ سۆز تاپالماي قالغان يېرىڭلار؟



كۆپنى كۆرگەن، كۆپنى بىلگەن يولچى سىزلەرغۇ!؟

سۆزلەڭلارچۇ؟! تارىخ سىزلەر باسقان ئىزلارغۇ!؟



ھەي-ھەي يىللار! ھەرگىز مېنى قورقۇتالمايسىلەر!

جىسمىم مەيلى، ئىسمىمنى ھېچ يوقۇتالمايسىلەر!



جەڭ قىلىمەن كائىناتنىڭ سىرىن تېپىشقا،

شەرىپىمنى تائابەتكە ساقلاپ قېلىشقا.



جەڭ قىلىمەن غەيرىتىمدىن ھوسۇل ئېلىشقا،

دۈشمەنلەرنىڭ قەستلىرىنى بىتچىت قىلىشقا.



ساپ ۋىجدانلار، بۇ يىللارنى ئويلاپ قاراڭلار!

يىللارغا بوزەك بولماي جەڭگە ياراڭلار!



چۈشىنىڭلار ھەر بىر ئىشنىڭ قائىدىسىگە،

كۆيۈنىڭلار ۋەتەن، خەلق پايدىسىگە.



سېكۇنت ئۆمۈر غاپىللىققا دەرىخ كەتمىسۇن،

يىللار، ئايلار، كۈنلەر ئۇنى خاراب ئەتمىسۇن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1945-يىلى 1-ئاي. ئاقسۇ.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 53-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





دىلبىرىمگە



ئاق دىلبىرىم، ساق دىلبىرىم، تاق دىلبىرىم،

مەن ساڭا بىر سۆز ئېيتاي، باق دىلبىرىم!



دىل ئازاردىن ھەممە بىزار، ئاڭلا دىلدار،

زىنھار-زىنھار قىلما ئىنكار ئامراق دىلبىرىم.



چاققان ئاققان، دىلغا ياققان ئېقىن سۇلاردەك،

ئەخلاق، مۇرات مەنزىلىگە باق دىلبىرىم.



ھىممەت-قىممەت، قىممەت-ھىممەت، بۇ سۆز ھىكمەت،

ھىممەت بىلەن قىممەتلىك بول ئاپپاق دىلبىرىم.



دىيانەتلىك باغ ھەم تاغدا ئوخشاش ئەزىز،

خىيانەتنىڭ قەسىرلىرى داق دىلبىرىم.



«ئىنساپتىن-ساپ» جۈملىسىنى تەپەككۇر قىل،

ئىنساپلىقنىڭ دىيانىتى ساق دىلبىرىم.



ئۇخلاپ ياتما، ھۇشسىز قاتما، غەيرەتلىك بول،

ئەل خىزمىتى سەن ھەم ماڭا مۇشتاق دىلبىرىم.



كۆڭلۈم سۆيگۈ سۆھبىتىگە تەلپۈنۈپ تۇرار،

بولغىن سۆھبەت بەزمىسىگە ئىشتىياق دىلبىرىم.



ئەزىزىنىڭ مۇھەببىتى ۋاپاغا مۇھتاج،

سەن بول ۋاپا ئالىمىگە ئىناق دىلبىرىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1945-يىلى 3-ئاي. ئاقسۇ.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 59-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئۆلمىسۇن



پاك ئىنسانلار، ساپ ۋىجدانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!

قەدىردانلار، مىھرىبانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



چاققان-چاققان، ئالغا ئاققان، ئەلگە باققان،

دىلغا ياققان غەيۇرانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



خەلق ئۈچۈن، خىسلەت ئۈچۈن، نىيەت ئۈچۈن.

ئىپپەت ئۈچۈن چېلىشقانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



باتۇر يۈرەك، كۈچلۈك بىلەك. نۇرلۇق تىلەك!

قىممەت ئستەك پەھلىۋانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



كۆڭلى ئادىل، دىلى دادىل، ئۆزى قابىل.

ھەققە مايىل پاك ئىنسانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



ئەلگە ئامىراق، ئالىي ئەخلاق، دىلى ساپ ئاق.

نامۇسى ساق قەھرىمانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!



قەلبى لىق نۇر، ئىلمى چوڭقۇر، مۇتەپەككۇر،

تۇيغۇن-سەزگۈر، ئەزىزانلار ھېچ ئۆلمىسۇن!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1945-يىلى 3-ئاي. ئاقسۇ.

(«بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» 60-بەت)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

(بۇ شېئىرلارنى شائىر بىلال ئەزىزىنىڭ شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981-يىلى 11-ئايدا نەشر قىلغان «بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى» ناملىق توپلامىدىن ئېلىپ، كەتمەنباي تورغا تەييارلىدى.)

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

tomurkonka يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 21:10:42

\"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 22:53:02

يىللارغا سۇئال بىلەن يىللارغا جاۋاپ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 08:18:21

قوشماق شائىرلاكەنتۇق.

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 11:45:03

يىللارغا سوئال بىلەن يىللارغا جاۋابنىڭ يېزىلغان ۋاقتىنى سېلىشتۇرۇپ باقايلىمۇ؟ ئالدى-كەينى بولۇپ يېزىلغاندەكلا تۇيۇلىدىكەن.

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-6-17 14:49:50

ياشىسۇن دەپ بىر ناخشا بولىدىغان

ئۆلمىسۇن ياشىسىۇن \"\"
بەت: [1]
: ۋەتەنپەرۋەر شائىر بىلال ئەزىزى شېئىرلىرى