towaqlidim يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 10:22:28

ھۇمەينى ۋە شىئەلەر

  ھۇمەينى(ئەسلى: خۇمەينى) 1902 - يىلى ھىندىستانلىق بوۋىسى سەييىد ھىندى كۆچمەن بولۇپ تۇرىۋاتقان ئىراننىڭ خۇمەين شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى ھىندىستاننىڭ ئوتار بىرادىش شىتاتى بەربەنكى رايونى كىنتور شەھىرىدە تۇغۇلغان.

ئۇ ئىقتىسادى ئوتتۇراھال ئائىلىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن. ئۇ بەش ئايلىق بولغاندا دادىسى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. ئۇ ياش ۋاقتىدا مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ھۈكۈمىتىگە قارشى تۇرغانلىقى ئۈچۈن تۈركىيىگە 11 ئاي سۈرگۈن قىلىنغان. كىيىن ئىراققا سۈرگۈن قىلىنغان. 1978 - يىلى 10 - ئاينىڭ 24 - كۈنى سۈرگۈنلۈك ھاياتى ئاخىرلىشىدىغان بولغان. ئۇ نەجەفتە دىنى ۋە سىياسىي بىلەن شۇغۇللانغان. سۈرگۈن قىلىنىپ 13 يىل بولغاندا ئىراق ھۈكۈمىتىنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىراقتىن كېتىشكە مەجبۇر بولۇپ، كۇۋەيتكە يول ئالغان. كۇۋەيت ھۈكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ بۇ دۆلەتكە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىغان. شۇنىڭ بىلەن ئوغلى ئەخمەد خۇمەينى( كىيىن ئۈلۈپ كەتكەن) بىلەن مەسلەھەتلىشىپ پارىژغا يول ئالغان. 1978 - يىلى 10 - ئاينىڭ 6 - كۈنى پارىژغا يېتىپ بارغان. ئۇ ئۇيەردىمۇ تاپ تاپ كۈچۈشكە مەجبۇر بولۇپ تۇرغان.ئۇيەردە ئىراندا ئىسلام ئىنقىلابىنى قوزغاشقا داۋاملىق يىتەكچىلىك قىلغان.

1979 - يىلى 1 - فىۋرال ئۇ ئىرانغا ئاخىر قايتىپ كەلگەن. بۇ چاغدا ئۇ قوزغىغان ئىسلام ئىنقىلابى ئەۋجىگە چىققان 10 نەچچە كۈنلۈك نامايىش سابىق ھۈكۈمەت ئۇلىنى تەۋرىتىپ قويغان. 3 ئايدىن كىيىن ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى ھۈكۈمەتنى خەلىق ئاۋازىغا قويۇشقا مەجبۇرلىغان ۋە ئاۋازغا قويۇلۇپ 98.5 پىرسەنت ئاۋاز بىلەن ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.


ھۇمەينى ئۆمرىدە 55 پارچە دىنى، سىياسىي غا دائىر كىتاب يازغان. 1988 - يىلى تىھراندا ۋاپات بولغان.



ھۇمەينى سۆزلىرىدىن


ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ(ﺋﻪﺳﻠﻰ: ﺧﯘﻣﻪﻳﻨﻰ) ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻏﯘﻟﻐﯘﻻ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ. ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ - ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ، ﮬﻪﺩﯨﺴﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻤﯘ - ﻳﻮﻕ؟ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﺎﮬﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭖ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﭖ ﻛﯚﺭﻩﻳﻠﻰ:


1. ﻣﻪﺯﮬﯩﺒﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﮬﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻛﻰ، ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ (ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ) ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻼﮬﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭﻣﯘ، ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﻳﯧﺘﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺕ 52 . ﺑﻪﺕ)


2 . ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻘﺎﻛﯜﭼﻪﭖ ﺑﺎﻗﺘﻰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﻣﯘ ﺋﯘ(ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ) ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺍﻟﻤﺎﻱ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﮬﺪﯨﻴﻼ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﯩﻴﻨﯩﯔ ﮬﯩﺠﺮﯨﻴﻪ 1400 - ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺋﺒﺎﻧﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺪﯨﻲ ﻣﻪﯞﻟﯘﺩ ﻛﯘﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺯﻯ)


3 . ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﮬﻪﺳﯩﺮﻩﺕ ﭼﯧﻜﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺗﺘﻪ ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﮬ ﺩﻩﯞﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﯜﺵ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﻤﯩﺪﻯ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﯩﻴﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ1984 - 8 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 9 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ 7 - ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺭﯨﺰﺍﻧﯩﯔ ﻣﻪﯞﻟﯘﺩ ﻛﯘﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﯜﺯﻯ)


4 . ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺗﻪﺑﻠﯩﻐﻨﻰ (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﯞﻩ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪﮬﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ، ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﯞﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺘﺘﻰ ﯞﻩ ﮬﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﯞﻩ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼﭖ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻛﻪﺷﻔﯘﻟﺌﻪﺳﺮﺍﺭ 55 - ﺑﻪﺕ)


5 . (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺩﯨﻦ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺗﻪﺑﻠﯩﻎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻛﻪﺷﻔﯘﻟﺌﻪﺳﺮﺍﺭ 154- ﺑﻪﺕ)


6 . (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ، ﻏﻪﭘﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺕ 91 . ﺑﻪﺕ)


7 . (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ(ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻰ) ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﮬﯜﻛﯜﻣﻪﺕ 113 . ﺑﻪﺕ)


8 . ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﯩﻤﯩﺰﻛﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻼﮬﯘ ﺳﯘﺑﮭﺎﻧﻪﮬﯘ ﯞﻩ ﺗﻪﺋﺎﻻ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﺩﺍ ﺋﻪﯞﻩﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺧﺲ(ﻣﻪﮬﺪﻯ) ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯨﺪﯗ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ: ﺋﻪﺋﯟﻩﺭ ﺩﻩﺟﺠﺎﻟﺪﯨﻦ)


9.ﺋﯘﻻﺭ(ﺳﯜﻧﻨﯩﻴﻠﻪﺭ)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ(ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ). ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺳﺎﻣﺎﯞﯨﻲ ﻛﯩﺘﺎﺏ( ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ) ﺗﯩﻜﻰ (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﯞﻩ ﺑﯘ ﻧﻮﻣﯘﺳﻠﯘﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻛﻪﺷﻔﯘﻟﺌﻪﺳﺮﺍﺭ 144- ﺑﻪﺕ)


10 . ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺳﯚﺯ ﺷﯘﻛﻰ، ﺳﯘﻧﻨﯩﻴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯧﯟﯨﺶ - ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻡ: ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﻠﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﯚﺭﺳﻪ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﺶ، ﻗﻪﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﯞﺍﺟﯩﭗ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﺗﻪﮬﺮﯨﻴﺮﯗﻟﯟﻩﺳﯩﻴﻠﻪ 1 - ﻗﯩﺴﯩﻢ 352 - ﺑﻪﺕ)


11 . ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯘﻧﻨﯩﻲ ﯞﻩ ﺧﺎﯞﺍﺭﯨﺠﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﻟﻪﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻱ. ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯩﺠﯩﺴﻘﺎ (ﻟﻪﻧﻪﺕ ) ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻱ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﺗﻪﮬﺮﯨﻴﺮﯗﻟﯟﻩﺳﯩﻴﻠﻪﺩﯨﻦ )


12 . << ﺋﺎﻟﻼﮬ (ئۆز ھېكمىتى ۋە قۇدرىتى بىلەن) مەخلۇقاتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇپ تۇرىدۇ، سىلەرنى پەرۋەردىگارىڭلارغا مۇلاقات بولۇشقا ئىشەنسۇن دەپ، (قۇدرىتىنىڭ)دەلىللىرىنى تەپسىلى بايان ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ (13 . ﺳﯜﺭﻩ 2. ﺋﺎﻳﻪﺕ)>> ، ﺋﺎﻳﻪﺗﺘﻜﻰ<< پەرۋەردىگارىڭلارغا>> ﺳﯜﺯﻯ (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 145 - ﺑﻪﺕ )


13 . ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ ﺷﯩﺌﻪ ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ: ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﻼﮬ ﺑﯩﻠﻪﻥ (ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ) ﮬﺎﻟﺪﺍ. ﺋﯘ ﺋﯘ. ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺰ. ﺋﯘ ﺑﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﺋﯘ، ﺩﯨﮕﻪﻥ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 114 - ﺑﻪﺕ )

14 . ھۇمەينى تەسەۋۋۇپ باسقۇچىنى تۆتكە بۆلۈپ مۇنداق دىگەن:

بىرىنچى باسقۇچ فەنا مەقامىدا تاماملىنىدۇ. بۇنىڭدا: سىر، خەفى، ئەخفا... لار بار. بۇ چاغدا ئاشقۇنلۇق سادىر بولىدۇ،(باشقىلار ئۇ ھالەتنى) كۇپرىگە ھۈكۈم قىلىشىدۇ. ئەگەر شۇ چاغدا ئىلاھىي ئىنايەت تېپىلسا... رۇبۇبىيەت زاھىر بولغاندىن كىيىن بەندىچىلىك قارار تاپىدۇ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 148 - ﺑﻪﺕ )

ئىككىنچى باسقۇچ ۋىلايەت تاماملانغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ . بۇ جەرياندا ئىنسان ئۆزىنى، سۈپەتلىرىنى، پائالىيەتلىرىنى ئاللاھنىڭ زاتى، سۈپەتلىرى، ئەفئالىغا نەفى(يوق) قىلىدۇ. بۇنىڭدا مەقامى ئەخفادىكى فەنادىن فەنالىق ھاسىل بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ۋىلايەت دائىرىسى تامامنىلىدۇ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 148- 149 - ﺑﻪتلەر)

ئۈچىنچى باسقۇچتا تولۇق ئاڭ ھاسىل بولىدۇ. ئاللاھ ئېلىپ قالغاچقا قېلىپ قالىدۇ. ئۇ جەبەرۇت، مەلەكۇت، ناسۇت ئالەملىرىنى كېزىدۇ. ئۇنىڭغا بەلگىلەنمىگەن بىر نەبۇۋۋەت(پەيغەمبەرلىىك)تىن نەسىۋە تىگىدۇ. بۇ چاغدا ئۈچىنچى باسقۇچ تاماملىنىدۇ ۋە تۆتىنچى باسقۇچقا قەدەم باسىدۇ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 149 - ﺑﻪتلەر)

تۆتىنچى باسقۇچقتا بەلگىلەنگەن پەيغەمبەر بولىدۇ.( ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻣﯩﺴﺒﺎﮬﯘﻟﮭﯩﺪﺍﻳﻪ 149 - ﺑﻪتلەر)

دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھۇمەينىنى: كاززاب، دىدى.


دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى ھۇمەينىنىڭ: << ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻘﺎﻛﯜﭼﻪﭖ ﺑﺎﻗﺘﻰ، ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺪﻯ. ﮬﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﮬ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﮬﻪﻣﻤﻪﺩﻣﯘ ﺋﯘ(ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ) ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺍﻟﻤﺎﻱ ﻣﻪﻏﻠﯘﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﮬﺪﯨﻴﻼ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻼﻻﻳﺪﯗ >> ، دىگەن سۆزىگە قارىتا ھىجرىيە 1400 - يىلى رامىزاننىڭ 9 - كۈنى چىققان دۇنيا ئىسلام خەۋەرلىرى گىزىتىدە بۇ ھەقتە مەخسۇس توختۇلۇپ: ﺷﻪﺋﺒﺎﻧﻨﯩﯔ 15 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﺪﯨﻲ ﻣﻪﯞﻟﯘﺩ ﻛﯘﻧﯩدە قىلغان سۈزى ئىسلام ئەقىدىسىگە، ئىسلام ئاساسىغا شۇنداقلا قۇرئان كەرىم ۋە سەھىھ ھەدىسكە ۋە بارلىق ئىسلام ئالىملىرىنىڭ ئىجمائىغا قارشى.




دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى يەنە: بۇ كاززاپلىق، پۈتۈنلەي ئويدۇرما، دىدى ۋە قۇرئان، ھەدىس، ئىجمائى ئۇممەت شۇ ھۈكۈمدىكى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئىسلاھاتچىسى، قۇرئان ۋە ھەدىستە : <<بۈگۈن سىلەرنىڭ دىنىڭلارنى پۈتۈن قىلدىم، سىلەرگە نېمىتىمنى تاماملىدىم، ئىسلام دىنىنى سىلەرنىڭ دىنىڭلار بولۇشقا تاللىدىم، >> رەسۇلۇللاھ: سىلەرگە كىچىنىمۇ كۈندۈزدەك يۇرىتىدىغان نۇرلۇق يولنى قالدۇردۇم. ئۇنىڭدىن تېيىپ كەتكۈچى ھالاك بولىدۇ.( ئىبنى ماجە توپلىغان، سەھىھ ھەدىس)


دىيىلگەندەك پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەڭ تولۇق ئادا قىلغان پەيغەمبەرگە تېھران بۇنداق ھۆرمەتسىزلىكنى قىلماسلىقى كىرەك ئىدى،دىدى.

دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى مۇسۇلمانلارنىڭ ھۇمەينىڭ يۇپۇرۇلۇپ كەلگەن بۇ (ئىسلامغا زىت) پىتنىسىدىن يىراق تۇرىشىنى، توغرا يولدا مېڭىشىنى ئاللاھتىن تىلىەەن ھالدا سۈزىنى تۈگەتتى.


بۈيۈك ئالى ئاللاھتىن باشقا يۈلەنچۈكىمىز، تايانچىمىز يوق.


  

نەھجۇلبەلاغە توقۇلما!


<< نەھجۇلبەلاغە>> بېجىڭ دىن مەدەنىيىتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىققان. ھەمدە بەزى ئۇيغۇرچە تورلاردا تەرجىمىسى بېرىلىشكە باشلىدى. ئۇ شىئەلەر نەزىرىدە 4. خەلىپە ئەلى ئىبنى ئەبى تالىبنىڭ خۇتبىلىرى، خەت - چەكلىرى، ھېكمەتلىك سۆزلىرى توپلانغان كىتاب دىيىلىدۇ. ئۇنى ئاكا - ئوكا شەرىفلەر(بىرى مىلادىيە1015 - ئۆلگەن. يەنە بىرى مىلادىيە 1044- يىلى ئۆلگەن) تۈزگەن.

كىتاب ئۈچ بۆلەككە بۆلۈنگەن بولۇپ، بىرىنچى بۆلەك: ھەزرىتى ئەلىنىڭ خۇتبىلىرىدىن تاللانما. يەنى 240 خۇتبە. ئىككىنچى بۆلەك: ھەزرىتى ئەلىنىڭ خەت - چەكىلىرىدىن تاللانما. يەنى 79 پارچە. ئۈچىنچى بۆلەك: ھەزرىتى ئەلىنىڭ ھېكمەتلىك سۆزلىرىدىن تاللانما. يەنى 104 پارچەدىن تەركىب تاپقان.


ئادەتتە ئىشەنچىلىك دىنى كىتابلارنى يېزىش ئۇسلۇبى شۇكى، كىتاب تۈزگۈچى سۆز بايان قىلغۇچى بىلەن زامانداش بولمىسىلا بۇ سۆزنى: ئۇ پالانى شەخسكە، ئۇ پالانى شەخسكە، ئۇ شەخس ماڭا سۆزلەپ بەردى، دەپ ئاساسى مەزمۇن سۆزلىنىدۇ. بۇ كىتاب ئۇسلۇبى ئۇنداق ئەمەس. يەنى شىئەلەرنىڭ سۆزىچە ئەلىنىڭ سۆزى دىيىلگەندىمۇ ئارىلىقتا 400 يىل بار. بۇ ئارىلىقتا ھېچبىر يەتكۈزۈپ بەرگۈچى يوق. بۇ ئېنىق خاتالىق بولسىمۇ شىئەلەرنىڭ مەنپەتىگە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن ئېتىراپ قىلىۋەرگەن.

خوش، بىز بىر نەرسىگە ئۆزىمىز باھا بېرىشكە ئاجىز كەلسەك، ئۆزىمىز ئىشەنچىلىك قارىغان كىشىلەر ئاغزىغا قارايمىز. شۇ ئۇسلۇب بويىچە، تكۋەندىكى دىنىي ئالىملار بۇ كىتابقا قانداق باھا بەرگەن؟ شۇنى ئوقۇپ، كىتابقا بولغان چۈشەنچىمىزنى ئاشۇرۇپ، بىلىمى تۈۋەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئېزىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم.


ھەدىسشۇناس ئىمام زەھەبى ( مىلادىيە 1274 يىلى دەمەشقتە تۇغۇلغان، تۈركمەنلەرنىڭ قايماز قەبىلىسىدىن.

بۇ كىشى گۈناھى كەبىرىلەر، قوشنا ھەققى، پەزىلەتلىك مەھشھۇرلار تارىخى، ئىسلام تارىخى، ھەدىس ئىستىلاھىدىكى ئويغاتقۇچ، ھەدىسشۇناسلار تەزكىرىسى قاتارلىق كىتابلارنى يازغان)خەتىبنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ: خەتىب شۇنداق دەيدۇ: مەن نەھجۇلبەلاغەدىن نەقىل ئالدىم. كىتابتىكى سۆزلەر ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب دىگەن، دىيىلىدۇ. بۇ، ئاساسىسز سۆز. كىتابتىكى بەزى سۆزلەر توغرا، بەزىسى ئويدۇرما. شۇ ئېنىق بولغايكى، كىتابتىكى سۆزلەرنى ئەلى دىگەن، دىگەن سۆز پۈتۈنلەي ئويدۇرما. ئۇنداقتا كىتابنى كىم يازغان؟ دىگەن مەسىلىگە: ئاكا - ئۇكا شەرىپلەر(شەرىپ رىزا مىلادىيە1015 - ئۆلگەن. شەرىپ مۇرتەزامىلادىيە 1044- يىلى ئۆلگەن.) نىڭ توپلىمى، دىگەن جاۋاب توغرا.(ئىمام زەھەبى يازغان: كىتابۇسسەير 17. جىلد 589 - بەت)


ئىبنى كەسىر ( تەپسىر ئىبنى كەسىر(ئالتە قىسىملىق، ئۇيغۇرچىسى بار)، رەسۇلۇللاھنىڭ تەرجىمالى، قىسەسۇلئەنبىيا، قىسسەلەر، باشلىنىش ۋە ئاىىرلىشىش قاتارلىق كىتابلارنى يازغان) كىشىلەرگە ئېقىنكى نەھجۇلبەلاغە توقۇلما، دىگەن.(بىدايە، نىھايە 12- جىلد 56 - 57 - بەتلەر)


ئىبنى كەسىر نەھجۇلبەلاغە نى تۈزگەن شەرىپ مۇرتەزا ئۈستىدە توختۇلۇپ: سۈيدۈككە چالما تۇتمىسىمۇ بولىدۇ، ئەھلى كىتاب قىزلىرىنى ئېلىش ھارام، ئۇلارنىڭ تاماقلىرى ھارام،دىگەندەك ئىسلامغا قارشى پەتىۋالىرى بار ،دىگەن.


ئىمام ئىبنى خەلكان: نەھجۇلبەلاغە ئەلىنىڭ سۆزلىرى، دىگەن سۆز تۆھمەت، توقۇلما، ئۇنى مۇرتەزا جەملەپ، ئەلىنىڭ، دىگەن، دىگەن (ئىمام ئىبنى خەلكان: ۋەفىياتۇلئەئياندىن)

ئىمام قۇنۇجى: نەھجۇلبەلاغە ئەلىنىڭ سۆزلىرى، دىگەن سۆز تۆھمەت، توقۇلما، ئۇنى مۇرتەزا جەملەپ، ئەلىنىڭ، دىگەن،دىگەن (ئەبجەدۇلئۇلۇم 3 - جىلد 67 - بەت)


خەتىب باغدادى: نەھجۇلبەلاغەدىكى ئۇرۇش، ھادىسىلەر توغرىسىدىكى بايانلار توقۇلما، ۋەقەلىكى قۇراشتۇرما، كىشىلەر دانىيال نامىدىم گەپ قىلغاندەك ئەلى نامىدىن تۇقۇۋالغان، دىگەن(جامىئ 2 - جىلد 161 - بەت)


شەيخۇلئىسلام ئىبنۇتتەيمىييە( 40 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان): كۈپىنچە تەبلىغچىلار نەھجۇلبەلاغەدىن ئۈزۈندە ئېلىپ، ئەلى مۇنداق دىگەن دىيىشىدۇ. بۇ، ئەلىگە قىلىنغان تۆھمەت.دىگەن.(مىنھاجۇسسۇننە 8 - جىلد 55 - 56 - بەتلەر)

ئىمام زەھەبى: نەھجۇلبەلاغەنى ئوقۇغان كىشى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنى ئاشكارا تىللىغان بايانلارنى ئوقۇپلا كىتابنى ئەلىنىڭ يازمىغانلىقىنى، تۆھمەت قىلغانلىقىنى جەزم قىلالايدۇ، دىگەن. (مىزان 3 - جىلد 124 - بەت)




خەتىب باغدادى: نەھجۇلبەلاغەدىكى ئۇرۇش، ھادىسىلەر توغرىسىدىكى بايانلار توقۇلما، ۋەقەلىكى قۇراشتۇرما، كىشىلەر دانىيال نامىدىم گەپ قىلغاندەك ئەلى نامىدىن تۇقۇۋالغان، دىگەن(جامىئ 2 - جىلد 161 - بەت)


شەيخۇلئىسلام ئىبنۇتتەيمىييە: كۈپىنچە تەبلىغچىلار نەھجۇلبەلاغەدىن ئۈزۈندە ئېلىپ، ئەلى مۇنداق دىگەن دىيىشىدۇ. بۇ، ئەلىگە قىلىنغان تۆھمەت.دىگەن.(مىنھاجۇسسۇننە 8 - جىلد 55 - 56 - بەتلەر)

ئىمام زەھەبى: نەھجۇلبەلاغەنى ئوقۇغان كىشى ئەبۇ بەكرى، ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇمالارنى ئاشكارا تىللىغان بايانلارنى ئوقۇپلا كىتابنى ئەلىنىڭ يازمىغانلىقىنى، تۆھمەت قىلغانلىقىنى جەزم قىلالايدۇ، دىگەن. (مىزان 3 - جىلد 124 - بەت)

شىئە مەزھىپىنى قۇرغۇچى يەھۇدىي!

(يېڭى نەشر قىنلغان << دىن ، مەزھەب ۋە پىكىر ئېقىملىرى ئېنسكلوپىدىيىسى>> دىن پارچە )

تارىخىي نۇقتىدىن كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىنىڭ بىرى ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ بولۇپ، يەمەنلىك يەھۇدىيلاردىن. ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە يەھۇدىي پىكرىدە ئۇچراتقان رەجئە(ئۆلگەندىن كېيىن دۇنياغا قايتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان مەزھەب)، ئۆلۈمنىڭ يوقلۇقى، زېمىننىڭ پادىشاھلىقى،مەخلۇقاتلارنىڭ ھېچقاندىقى قادىر بولالمايدىغان ئىشلارغا قادىر بولۇش، ھېچقىم بىلمەيدىغاننى بىلىش، ئاللاھ تەئالاغا بىدائ ( ئىرادىسىنى ئۆزگەرتىش) ۋە ئۇنتۇشنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، قاتارلىق ( ئاللاھ ئۇلارنىڭ دېگەنلىرىدىن پاكتۇر) يەھۇدىي پىكرىنى شىئەلەرگە ئېلىپ كىرگەن.

ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي دىنىدىكى چېغىدا يۇشەئ ئىبنى نون مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى، دەيتتى. ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن ئەلى ئىبنى ئەبى تالىب مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسى، دەيدىغان بولدى. مەدىنىدىن مىسىر، كۇفە، فۇستات ۋە بەسرە قاتارلىق جايلارغا يۆتكەلگەن. ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇغا: << سەن سەن >> ،يەنى سەن ئاللاھ، دېگەن. بۇ سۆز بىلەن ئەلى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا، ئابدۇللاھ ئىبنى ئابباس توسۇپ قويغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنى مەدائىنغا سۈرگۈن قىلغان.

-----------

ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ ئىسىملىك يەھۇدىينىڭ نىڭ شىئە مەزھىپىنى قۇرغۇچى ئىكەنلىكى ھەققىدە شىئە ۋە سۇننىيلەردىن تەركىب تاپقان ئىسلامغا دائىر مەنبەلەرنى ئاساس قىلدۇق.

بۇ مەنبەلەر ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ شىئەلەرنىڭ ئەقىدىلىرىگە كۆپىنچىسى ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە شىئەلەرگە ئائىت پىكىرلەرگە تۇنجى چاقىرغان كىشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ھەتتا، << سەبەئىييە >> ناملىق رادىكال بىر شىئە پىرقىسى ئۇنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىدۇ. بۇ مەسىلىلەرنى سۇننىي ئالىملىرىدىن باشقا ، شىئەلەردىن ئەنناشىئىل ئەكبەرمۇ << مەسائىلۇلئىمام>>( شىئە ئىمام مەسىلىلىرى)،ناملىق كىتابىنىڭ 22 - بېتى ۋە باشقا ئۇرۇنلاردا بايان قىلىدۇ. شۇنىڭدەك شىئەلەردىن ئەلكەشىي <<رىجال>> ناملىق كىتابىنىڭ 98 ، 100 - بەتلىرىدە ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ توغرۇلۇق توختالغان.

ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىينىڭ شىئەلەر ئىچىدىكى رادىكاللىقى، پىكىرلىرى مەشھۇر بولۇپ:<< فىلمەقالاتى ۋەلفىرەق>> ناملىق كىتابنىڭ20 - بېتىدە؛ ھىجرىيە 310 - يىلى نوبەختى يازغان <<فىرقۇششىيئەتى>>( شىئە مەزھىبى ) قاتارلىق قەدىمىي كىتابلاردىمۇ بايان قىلىنغان.

ئەمما، ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئنىڭ شىئە مەزھىپىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ھۆكۈمگە گۇمانىي پوزتسىيدە بولۇش يېڭى مەسىلە بولۇپ، ئۇنى شەرقشۇناسلار باشلىغان، ھازىرقى زاماندىكى بەزى شىئە يازغۇچىلىرى بۇلارغا ئەگەشكەن. بۇ توغرىدا ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشەي دېسىڭىز دوكتور سۇلەيمان ئىبنى فەھد ھىجرىيە 1402 - يىلى يازغان <<ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي ۋە ئۇنىڭ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدە پىتنە پەيدا قىلىشتىكى سىرى>>، كىتابقا مۇراجەت قىلىڭ. يازغۇچى ئۇ كىتابتا ئابدۇللاھ ئىبنى سەبەئ يەھۇدىي توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنىڭ ئىشەنچىلىكلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان.

شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ھاجى مىرزا ھۇسەيىن ئىبنى مۇھەممەد (ھىجرىيە 1320 - يىلى ۋاپات بولغان) نەجەفتىكى مۇرتەزا قەبرىستانلىقىغا دەپىن قىنلغان. ئۇ: << فەسلۇلخىتابى فى ئىسباتى تەھرىيفى كىتابى رەببىلئەربابى>> ناملىق كىتاب يازغان بولۇپ، ئۇنىڭدا قۇرئاننىڭ كەم - زىيادە تەرەپلىرى بار، دەپ دەۋا قىلىدۇ. بۇ بىلجىرلاشلىرى ئارىسىدا 94 - سۈرە ئىنشىراھتىن <<ۋە جەئەلنا ئەلىييەن سەھرەكە>> ( يەنى ئەلىنى ساڭا كىيۇغول قىلدۇق)،دېگەن ئىبارە چۈشۈپ قالغان، دەپ دەۋا قىلىدۇ، ئاللاھ قۇرئاندا :<<(ئاللاھ مۇنداق دىگەن): قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز( 15 - سۈرە ھىجىر 9 - ئايەت)>>،دېگەن بۇ ئۇلارغا ئۆتكۈر رەددىيەدۇر. بۇ ئەفسانە كىتاب ھىجرىيە 1320 - يىلى ئىراندا نەشر قىلنغان.

شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ئايەتۇللاھ مامقانىي. ئۇ :<<تەنقىيھۇلمەقالى فى ئەھۋالىررىجالى>> نى يازغان. ئۇ شىئەلەر ئارىسىدا راۋىلارنىڭ ساغلانلىرىنى ئايرىيالايدىغان ئىمام، دەپ تەرىپلىنىدۇ. ئۇنىڭ كىتابىدا ئەبۇ بەكرى ۋە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلار تاغۇت ( ئازغۇن - شەيتان) ۋە قورقۇنچاق،دەپ تەسۋىرلىنىدۇ(بىرىنچى جىلد 207 - بەتكە قاراڭ). بۇ كىتابمۇ ھىجرىيە 1352 - يىلى ئىراندا نەشر قىلنغان.

شىئەلەرنىڭ مەشھۇر سانىلىدىغان ئالىملىرىدىن: ئايەتۇللاھ خۇمەينىي.

ھازىرقى زامان شىئەلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن كىشىلىرىدىن بىرى. ئىراندىكى شىئەلەر ئىنقىلابىنى قوزغاپ، ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنىنى قولىغا ئالغان. ئۇنىڭ << سىرلارنىڭ ئېچىلىشى>>،<< ئىسلام ھۆكۈمىتى>> ناملىق كىتابلىرى بار. ئۇ پىقھى ئالىمنىڭ ۋالى بولۇشى نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرغا قويغان.گەرچە، ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە ئورتاق ئىسلامىي شۇ.ئارلارنى كۆتۈرۈپ چىققان بولسىمۇ، ئارىدىن ئوزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ تار دائىرىدىكى رادىكال شىئە ئېقىمى ئىكەنلىكى ۋە شىئە مەزھىپىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ باشقا جايلىرىغا ئېكسپورت قىلىش نىيىتىنىڭ بارلىقى ئىسپاتلانغان. نەتىجىدە بەزى باسقۇچلارنى باسقان. باشقا سەۋەبلەر بىلەن بىرلىكتە سەككىز يىل داۋاملاشقان ئىراق - ئىران ئۇرۇشىنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەب بولغان.

  

ھازىر پۇتۇن دۇنيادا 6 مىليارددىن ئۇشۇق ئاھالە بار بولۇپ بۇنىڭ ئىچىدە مۇسۇلمانلار 1 مىليارد 200 مىليۇندىن ئېشىپ پۇتۇن دۇنيا ئاھالىسىنىڭ %19.6 نى ئەگەللەيدۇ . يەر شارىدىكى 200 نەچچە دۆلەت ئىچىدە 45 ئىسلام دۆلىتى بار .

بۇ 1 مىليارد 200 مىليۇن ئاھالە سۇننى ۋە شىئەدىن ئىبارەت ئىككى مەزھەپكە بۆلۇنگەن بولۇپ ، شىئە مەزھىپى بىلەن سۇننى مەزھىپى ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئىتتىقاد قىلىدۇ . لېكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسە قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت مەۋجۇت . ئاساسى ئىقتىلاپ تۆۋەندىكىچە :


1 . خەلىپە مەسىلىسى ----- شىئە مەزھىپى ئەلىنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسى دەيدۇ ، سۇننى مەزھىپى بولسا تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋارىسلىرى دەيدۇ .


2 . پەيغەمبەرگە قاراش مەسىلىسى ---- شىئە مەزھىپىنىڭ ئەلىگە سىغىنىشى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سىغىنىشىدىن ئېشىپ چۇشىدۇ . ھىچ بولمىغاندا ئىكىىسىنى تەڭ ئورۇنغا قويىدۇ . سۇننى مەزھىپىدە بولسا مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ ئاخىرقى ئەلچىسى دەپ قارايدۇ .


3 . << قۇرئان كەرىم >> نى چۇشۇنىش مەسىلىسى ---- سۇننى مەزھىپى شىئە مەزھىپىنى << قۇرئان كەرىم >> نى بورمىلاپ چۇشەندى ، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى ، بىھۆرمەتلىك قىلدى دەپ قارايدۇ . شىئە مەزھىپىمۇ سۇننى مەزھىپىنى ئوخشاشلا ئەيىپلەيدۇ .


4 . ھەددىسكە تۇتقان پوزىتسىيە ---- سۇننى مەزھىپى نوپۇزلۇق ئالتە ھەددىسلەر توپلىمىنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ ، شىئە مەزھىپى بولسا بۇ ھەددىسلەرنى ساقتا دەپ قارايدۇ ھەم ئۆزلىرى ھەددىس تۇزۇپ ئۆز مەزھىپىنىڭ تەشەببۇسلىرىغا ماسلاشتۇرىدۇ .


5 . دىننى داھىلارغا قاراش مەسىلىسى --- شىئە مەزھىپى ئىمامنى دىننى داھى قىلىدۇ ، سۇننى مەزھىپى بولسا خەلىپىنى دىننى داھى قىلىدۇ .

  

ھىجرىيە مۇھەررەمنىڭ 10 - كۈنى ئىمام ھۈسەيىننىڭ كەربالا چۆللۈكىدە ئۆزلىرىنىڭ قارىشىچە سۈننى مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن شېدىت قىلىنغان خاتىرە كۈنىدە ئىمام ھۈسەيىنگە ۋاقتىدا ياردەم بىرەلمىگەنلىكىدىن قاتتىق ئېچىنىپ سۈننىلەردىن ھامىنى ئىمام ھۈسەيىننىڭ قانلىق قىساسىنى ئالىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆزىگە تىغ ئۇرىدۇ. بۇ جەرياندا بىرەر سۈننى مۇسۇلمان ئۇلارغا قاراپ كۈلۈپ ياكى ئارىسىغا كىرىپ قالسا  ئىمام ھۈسەيىنىڭ بىر قاتىلىنى ئۆلتۈرگەن قىياپەتتە ئۇنى توپلىشىپ ئۆلتۈرۇۋىتىدۇ:


ئىسلامىيەتتە ئىچكى ئىختىلاپنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا

ئاپتور: پەرھات غاپپار

مۇھەممەد پەيغەمبەر ھايات ۋاقتىدا مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ھېچقانداق زىددىيەت يوق دېيەرلىك ئىدى .مىلادىيە 632 – يىلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، خەلىپىلىك ئورنىغا چىقىش مەسىلىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا، ئىسلامىيەتتە ئېغىر ئىچكى ئىختىلاپلار پەيدابولۇشقا باشلىدى. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يوق بولۇپ، ئۇنىڭ بىردىن بىر پەرزەنتى قىزى فاتىمە، ئەلىنىڭ ئايالى ئىدى. ئۇچاغلاردا ۋارىسلىق مەسىلىسىدە ئەمەل قىلغۇدەك ئۈلگە يوق ئىدى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىمۇ بۇ توغرىلىق ئېنىق كۆرسەتمە بەرمىگەنىدى.ئەينى دەۋردە، ئەرەبلەردە قەبىلىنىڭ باشلىقلىرى ياكى «ئاقساقاللار» نى سايلاپ چىقىشتا ياشتا چوڭ ۋە قابىلىيەتلىك بولۇش ئاساس قىلىناتتى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، تېخى ئۇنىڭ دەپنە ئىشلىرى ئاخىرلاشمايلا نۇرغۇن زىددىيەتلەر بارلىققا كەلدى ۋە ئۇ كېيىنكى چاغلاردا زورىيىپ ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا نۇرغۇنلىغان قارىمۇ - قارشى گۇرۇھلارنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولدى . بۇزۈددۈيەتلەر ېۈچۈنچۈ قارار خەلۈپە ېوسماننۈڭ قەتلە قۈلۈنۈشۈ ۋە تۆتۈنجۈ قارار خەلۈپە ېەلۈنۈڭ تەخۈتكە چۈقۈشۈ بۈلەن نەتۈجۈلەندۈ.ئەلى خەلىپىلىككە ئولتۇرغاندىن كېيىن موسۇلمانلار جەمئىيىتى ئىككى چوڭ گۇرۇھغا،يەنى ئەلىدىن ئىلگىرىكى ئۈچ خەلىپىنى ياقىلايدىغانلار ۋە ئەلى تەرەپدارلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ گۇرۇھغا بۆلۈنۈپ كېتىدۇ . بۇ ئىككى گۇرۇھ كېيىنچە سۈننىي ۋە شىئە نامى بىلەن ئاتىلىدۇ . تارىخىي تەرەققىيات ۋە سىياسىي، ئىدېئولوگىيىلىك كۈرەشلەر داۋامىدا، يۇقىرىدىكى ئىككى گۇرۇھ يەنە ئۆز ئىچىدىن كۆپلىگەن پىرقە ۋە تارماقلارغا بۆلۈنۈپ، ئىسلامنىڭ ئىچكى جەھەتتە مۇرەككەپ بولغان ئىدېئولوگىيىلىك بىر پۈتۈنلۈكىنى تەشكىل قىلىش بىلەن بىللە، مەزھەپلەر ئىچىدىكى گۇرۇھلارنىڭ يامراپ كېتىش ۋەزىيىتىنى پەيدا قىلىدۇ. دىنىي كىتابلاردا، ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھ شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرىنىڭ ئاساسچىسى، دەپ قارىلىدۇ. ئۇ ئەسلى يەھۇدى بولۇپ، كېيىن ئىسلامنى قوبۇل قىلغان ۋە خەلىپە ئوسمان دەۋرىدە ئەلىنىڭ كۈچلۈك تەرەپدارلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە ئۆز پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. ئۇ خرىستىئان تەلىماتلىرىغىمۇ كامىل بولۇپ ، دەسلەپتە شىئە مەزھىپىنىڭ ئىماملىققا ئائىت تەلىماتلىرىنى تۈزۈپ چىقىدۇ . بۇ تەلىماتتا، ئىماملىق خۇدا بەندىلىرىگە شاپائەت تەرىقىسىدە بېغىشلىغان ئىلاھىي مەرھەمەتدۇر، دەپ قارىلىدۇ . ئەبدۇللاھ ئىبنى سەبباھنىڭ پىكرىچە، ئىماملىقمۇ خۇددى پەيغەمبەرلىككە ئوخشاش سايلام يولى بىلەن ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈلىدىغان مەرتىۋە بولماستىن ، بەلكى قانداشلىق ئارقىلىق ۋارىسلىق قىلىنىدىغان، ئالدىنقى ئىمام ئۆز ئىختىيارى بىلەن كېيىنكى ئىمامنى تەيىنلەيدىغان ئىلاھىي مەرھەمەتتۇر. مەزكۇر تەلىماتتا، ئادەملەر بۇ دۇنيادا ئىمامسىز ياشىيالمايدۇ ۋە ئۆز ئىمامىنى تونۇمايدىغان ھەرقانداق شەخس جاھىل ھەم ناداندۇر . ئىمام پەيغەمبەرلەرنىڭ خەلقنى خۇدا يولىغا دەۋەت قىلىشىدىكى ۋە يەر يۈزىدە ئادالەت ئورنىتىشىدىكى ياردەمچىسىدور، دەپ قارىلىدۇ. ئىماملارنىڭ ئىلاھىي مەرھەمەتلەردىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ ، شىئە ئەھلى ئىمام بولغۇچىلارنى ھەرقانداق چوڭ - كىچىك گۇناھلاردىن خالىي،ھەممە جەھەتتىن پاك ۋە ئۆزگىچە پەۋقۇلئاددە سۈپەتلەرگە ئىگە، دەپ قارىشىدۇ . ھەرقانداق دىنىي، سىياسىي مەسىلىلەردە ئۇلارنىڭ دېگىنى توغرا ، ھېچقانداق بەس - مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ، دەپ ھېسابلىشىدۇ . ئىماملارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئىشەنمەي ، ئۇلارنى بېھىشتە مەڭگۈ تىرىك ياشايدۇ، دەپ قارىشىدۇ . شىئە مەزھىپىنىڭ ئىلاھىي نۇر توغرىسىدىكى تەلىماتىدا، ئىلاھىي نۇر ئادەم ئەلەيھىسسالام دەۋرىدىن باشلاپلا ئۇلۇغ كىشىلەر ئارىسىدا كۆچۈپ يۈرگەن ، كېيىن ئۇ پەقەت پەيغەمبەردىن پەيغەمبەرگە كۆچىدىغان بولغان . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئىلاھىي مەرھەمەت تۈپەيلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بوۋىسى ئەبدۇلمۇتەللىپنىڭ تېنىگە كۆچكەن ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىلاھىي نۇر ئىككىگە بۆلۈنۈپ ، بىر قىسمى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دادىسى ئەبدۇللاھنىڭ تېنىگە ۋە ئۇنىڭدىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ ئۆزىگە كۆچۈپ توختىغان . ئىلاھىي نۇرنىڭ يەنە بىر قىسمى ئەبدۇلمۇتەلىپتىن مۇھەممەد پەيغەمبەرنىڭ تاغىسى، يەنى ئەلىنىڭ دادىسى ئەبۇتالىپقا، ئۇنىڭدىن ئەلىگە كۆچكەن . ئەلىدىن يەنە ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق ئۇزاققىچە داۋام قىلىدۇ ، دەپ قارىلىدۇ . شىئە مەزھىپىنىڭ بۇ خىل تەلىماتى ئۇنىڭ ئىچكى قىسمىدا نۇرغۇن ئوخشىمىغان پىكىر ئېقىملىرىنىڭ بارلىققا كېلىپ، كۆپلىگەن پىرقىلەرگە ۋە پىرقىلەرنىڭ يەنە ئۆز ئىچىدىن تارماقلارغا بۆلۈنىشىگە سەۋەب بولدى. شىئە مەزھىپىدىكى غۇلات (ئىسلامدىكى چېكىدىن ئاشقان )پىرقىلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ۋە بۇنداق پىرقىلەرنىڭ سانى جەھەتتىن كۆپىيىشى ھەمدە بەزى غۇلات پىرقىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئىلگىرىكى قاراشلارغا نۇرغۇن ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ئىماملارغا ئىلاھىي سۈپەتلەرنى نىسبەتلەشتۈرۈشى ، بەزىدە ئىماملارنى خۇدا بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويىدىغان پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشى نەتىجىسىدە، ئاخىرقى ھېسابتا غايىپ ئىمام ، رىجئەت قىلغان ئىمام ، سەتر ( پەردە ئىچىدىكى ) ئىمام ، مۇنتەزەر ( كۈتىلىۋاتقان ) ئىمام ، مەھدى ئىمام ، قائىم ئىمام قاتارلىق نۇرغۇن نەزەرىيىلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىگە ئاساس سالدى. شۇنداق قىلىپ شىئە مەزھىپى ئىلاھىيەتشوناسلىقىدا ئىماملارغا ئىلاھىي نۇرنىڭ روسۇخ قىلىدىغانلىقى ( سىڭىپ كىرىدىغانلىقى ) توغرىسىدىكى تەلىمات مەيدانغا كەلتۈرۈلدى . بۇ تەلىمات ئوتتۇرا ئەسىردە « نۇرى مۇھەممەدى » نامى بىلەن ئاتالغانىدى . شۇنىڭ بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ تەلىماتىمۇ كۆپ تەرەپلىمىلىككە يۈزلىنىپ ، مۇرەككەپ تۈس ئالدى ؛ تەناسۇخ (روھنىڭ تەندىن تەنگە كۆچۈشى) ، ھولۇل ( روھنىڭ تەن بىلەن بىرلىشىشى ) مۇشەببىھە ( ئانتراپومورفىزم ) گە ئوخشاش نەزەرىيىلەر بارلىققا كېلىپ ، بەزى پىرقە ئاساسچىلىرى ھەتتا خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان ئەھۋاللارمۇ يۈز بەردى . شىئە مەزھىپى تەلىماتلىرى دەسلەپكى دەۋرلەردە سۈننىي مەزھىپى تەلىماتلىرىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى ، ھەتتا شىئە مەزھىپى ئۆز ئىچىدىن بىر نەچچە پىرقىگە بۆلۈنگەن دەۋرلەردىمۇ، ئاساسىي پىرقىلەرنىڭ دىنىي ئۇسۇل جەھەتتىكى قاراشلىرىدا سۈننىيلەر بىلەن چوڭ پەرقلەر يوق دېيەرلىك ئىدى . بۇ جەھەتتە ھەر ئىككى تەرەپ ئىسلامنىڭ دەسلەپكى دەۋرىدىكى تۆت خەلىپە دەۋرىدە شەكىللەنگەن قاراشلارنى چۆرىدىگەن ھالدا ئۆز تەلىماتلىرىنى راۋاجلاندۇراتتى. كونكرېتراق ئېيتقاندا ، شىئەلەرنىڭ بىر قىسمى خۇددى سۈننەت ئەھلىگە ئوخشاشلا ئەبۇبەكر، ئۇمەر ۋە ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنى ئېتىراپ قىلىشاتتى ، يەنە بىر قىسمى پەقەت ئوسماننىڭ خەلىپىلىكىنىلا ئىنكار قىلىشاتتى ، قالغان قىسىملىرى ئەلىدىن باشقىسىنى ئېتىراپ قىلىشمايتتى . ئەمما، كېيىنچە شىئە مەزھىپى تەلىماتىدا ئىماملىققا ئائىت نەزەرىيىنىڭ شەكىللىنىشى ، پەيغەمبەرنىڭ ئەلى شەخسىيىتىدە قايتىدىن تىرىلىشى توغرىسىدىكى غايىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ روھىنىڭ ۋارىسلىرىغا كۆچىدىغانلىقىدىن ئىبارەت « نۇرى مۇھەممەد » نامى بىلەن ئاتالغان تەناسۇخ نەزەرىيىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى، شىئە بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ تەلىماتلىرىدىكى پەرقنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى . تەناسۇخچىلار روھنىڭ كۆچۈشىنى نەسخ ، مەسخ ، رەسخ ۋە فەسختىن ئىبارەت تۆتكە بۆلىدۇ. بەزى پىرقىلەر ھەر تۆت خىل تەناسۇخنى، يەنە بەزىلىرى بىر ياكى ئىككى خىلىنىلا ئېتىراپ قىلىشىدۇ . ئۇلار، روھ بىر ئادەمنىڭ تېنىدىن چىقىپ يەنە بىر ئادەمنىڭ تېنىگە كۆچكەن بولسا ، ئۇنى نەسخ دەپ، ئادەمدىن ئايرىلغان روھ ھايۋانلارنىڭ بەدىنىگە كۆچسە مەسخ دەپ ، دەرەخ ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە كۆچسە رەسخ، زىيانلىق ھاشارەتلەرگە كۆچسە فەسخ دەپ ئاتىشىدۇ . ئۇلارنىڭ قارىشىچە، ئىنساننىڭ روھى قايسىلا شەكىلدىكى تەناسۇختا بولمىسۇن، ئەنبىيا ۋە رەسۇلىللانىڭ يول كۆرسىتىشىدە ئالەمنى كېزىدۇ. ئالەمنىڭ ئايلىنىشىمۇ روھنىڭ بىر جىسىمدىن يەنە بىر جىسىمغا كۆچۈشىدە ئىپادىلىنىدۇ . روھنىڭ بەدەننى تەرك ئېتىشى ھەقىقىي قىيامەتتۇر . ئەگەر ئىنسان خەيرلىك ئىشلارنى قىلغان بولسا، ئۇنىڭ روھىمۇ خەيرلىك بىر تەنگە كۆچىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا، ئۇنىڭ روھىمۇ گۇناھكار بىر جىسىمغا كۆچۈرۈلىدۇ. سۈننەت ئەھلى تەناسۇخنى قوبۇل قىلمايدۇ . كېيىنكى دەۋرلەردە تەناسيخىيە مەسىلىسى پەلسەپە ساھەسىدىمۇ ئەكس ئېتىدۇ . مەششا ئېقىمىنىڭ نۇرغۇن ۋەكىللىرى بۇ خىل قاراشنى ئېتىراپ قىلماي ئۇنى قاتتىق تەنقىت قىلىدۇ ، مۇئتەزىلەچىلەرمۇ ئوخشاش پوزىتسىيە تۇتىدۇ. ئەمما، شىئە مەزھىپىدىكى مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى سىستېمىسىدا تەناسۇخىيە مۇھىم ئورۇننى ئىگىلەيدۇ . بۇ خىل ئىدىيىنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغاندا، 8- ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ شىئە مەزھىپى بىلەن سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئىسلام ئەھكاملىرىغا ئەمەل قىلىش ۋە ئۇنى چۈشىنىش جەھەتتىكى پەرقى زورىيىپ كېتىپ، بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت كەسكىنلىشىپ، تا بۈگۈنگە قەدەر ئىسلام دۇنياسىدا كۆپلىگەن توقۇنۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولماقتا. بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئاساسلىقى تۆۋەندىكى جەھەتلەردە ئىپادىلىنىدۇ: بىرىنچى ، خەلىپە مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدە، تۆت چوڭ خەلىپىنىڭ ھەممىسى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ ؛ شىئە مەزھىپىدە بولسا ، ھەزرىتى ئەلى ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ بىردىنبىر ۋارىسلىرى، دەپ قارىلىدۇ . ئىككىنچى ، « قۇرئان كەرىم » نى چۈشىنىش مەسىلىسى. سۈننىي مەھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ ھازىرقى نۇسخىسى (خەلىپە ئوسمان رەتلەتكۈزگەن) غا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنىڭ كىتابى مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار بىلەن قارايدۇ. شىئە مەزھىپىدىكىلەر « قۇرئان كەرىم »نىڭ يوشۇرۇن مەنىسىگە كۆپرەك ئېتىبار قىلىپ، «قۇرئان كەرىم»نىڭ كىتابى مەنىسىدىن باشقا ئۇنىڭدا يوشۇرۇن مەنە بولىدۇ، ئۇنىڭدىكى يوشۇرۇن مەنىنى پەقەت ئىماملارلا بىلىدۇ. شۇڭا، « قۇرئان كەرىم » نىڭ كىتابى مەنىسىنى بىلىش بىلەن بىللە، ئۇنىڭ يوشۇرۇن مەنىسىنىمۇ چۈشىنىش كېرەك،دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ئۇلار « قۇرئان كەرىم » نىڭ ئەسلى نۇسخىسىدا ئەلىنىڭ ئىماملىقىغا ئائىت مەزمۇنلار بارئىدى . ئەمما، كېيىن زەيد ئىبنى سابىت تەرىپىدىن تەھرىرلەنگەندە ئەلىنىڭ دۈشمەنلىرىنىڭ قۇتراتقۇلىقى بىلەن ئەلىگە ئائىت مەزمۇنلار چىقىرىۋېتىلگەن دېگەن قاراشنى ياقىلاپ،« قۇرئان كەرىم » نىڭ مەتنىگە باشقىچە نەزەردە قاراپ ، ئۇنىڭدىكى بەزى سۆزلەرنى ئۆزگىچە ئىنتۇناتسىيىدە ئوقۇيدۇ ۋە « قۇرئان كەرىم » نى ئۆزگىچە ئۇسۇلدا تەپسىرلەشنى تەۋسىيە قىلىشىدۇ. مەسىلەن، شىئەلەر ئەسلىدە «ئەلا» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەلى» (يېزىلىشى ئوخشاش)، «ئۇممە» دەپ ئوقۇلىدىغان سۆزنى «ئەئىممە» ( ئىماملار ) دەپ ئوقۇشىدۇ . «قۇرئان كەرىم » گە ئۇلار مۇھەممەد ۋە ئەلى دېگەن ئۇقۇمنى ئىپادىلەيدىغان « نۇرەين » سۈرىسىنى قوشۇپ كىرگۈزگەن بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ سۈننەت ئەھلىدىن پەرقلىنىدىغان مۇھىم تەرەپلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يۇقىرىقىلارغا ئاساسەن، سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر شىئە مەزھىپىدىكىلەرنى « قۇرئان كەرىم » نى بۇرمىلاپ چۈشەندى، ئايەتلەردىكى تەنبىھلەرگە سەل قارىدى، قۇرئانغا بىھۆرمەتلىك قىلدى، دەپ ئەيىبلىسە ، شىئە مەزھىپىدىكىلەرمۇ سۈننىي مەزھىپىدىكىلەرنى ئوخشاش ئەيىبلەيدۇ. ئۈچىنچى، ھەدىسكە مۇئامىلە قىلىش مەسىلىسى. سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر ئالتە ھەدىسلەر توپلىمىنى ئىشەنچلىك ھەدىس دەپ قاراپ، ئۇنى قانۇن چىقىرىشنىڭ مۇھىم ئاساسلىرىدىن بىرى قىلىدۇ؛ شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا، بۇ ھەدىسلەرنى ساختا دەپ قاراپ، ئۆزلىرى تۈزگەن ھەدىسنى ئاساس قىلىدۇ .يەنى، شىئەلەر 10 - ئەسىردىن باشلاپ ئۆزگىچە سۈننىتىنى رەتلەپ، ئۇنى « ئەخبار » نامى بىلەن ئېلان قىلىشقان. « ئەخبار » غا كىرگۈزۈلگەن ھەدىسلەرمۇ سۈننىيلەرنىڭ ھەدىسلىرىدىن خېلى كۆپ جەھەتتىن پەرقلىنىدۇ. « ئەخبار » دىكى ھەدىسلەر تامامەن باشقا مەنبەلەر ئاساسىدا تۈزۈلگەن. ئۇلاردا پەقەت مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، ئەلى ۋە باشقا ئىماملارنىڭ ئۆزلىرىگىلا تەئەللۇق دەپ قارالغان رىۋايەتلىك نەقىللەر ئاساس قىلىنغان بولۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ساھابىلىرىگە تەئەللۇق بولغان نەقىللەر تامامەن ئىنكار قىلىنىدۇ . تۆتىنچى ، دىنىي داھىيلارغا قاراش مەسىلىسى . سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر خەلىپىنى دىنىي داھىي، دەپ بىلىدۇ . شىئە مەزھىپىدىكىلەر، ئىمامنى دىنىي داھىي، دەپ قارايدۇ . ئۇلارنىڭ دىنىي داھىي توغرىسىدىكى چۈشەنچىسى ئوخشىمايدۇ . سۈننىي مەزھىپىدىكىلەر، خەلىپە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دىنىي ئىشلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرغۇچىسى، ئۇ كىشىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئەمەللىرىگە رىئايە قىلىشىغا رەھبەرلىك قىلىدۇ ، ئۇ ئەدلىيە ، مەمۇرىيەت ، ھەربىي، دىنىي ئىشلاردا باشلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭدا قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى بولمايدۇ. « قۇرئان كەرىم » نى ۋە ھەدىسنى چۈشەندۈرۈش ھوقۇقىغىلا ئىگە ؛ ئىلگىرىكىلەرگە ئۇچراپ باقمىغان ئىشلار ئۇچرىغاندا ، يەنە كېلىپ قۇرئان ۋە ھەدىستىن ئۇ ھەقتە بايان تېپىلمىغاندا ، خەلىپە ئىشلەپ چىقسا بولىدۇ، دەپ قارايدۇ . شىئە مەزھىپىدىكىلەر بولسا ، ئىمام كىشىلەر ئارىسىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئۇستازدۇر ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ ، ئۇ نۇقسانسىز ئادەم بولۇپ، ئاللاھنىڭ قوغدىشىغا نائىل بولىدۇ ، مەڭگۈ خاتالىق سادىر قىلمايدۇ، دەپ قارايدۇ . بەشىنچى، شىئەلەر «ئىلمى شاھادەت»كە ئەلىنىڭ نامىنى قوشۇپ ئوقۇيدۇ، ئەزان توۋلاش، رامىزاندىكى تارابېھ نامىزى ۋە شېھىتلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سۈننىيلەردىن پەرقلىنىدۇ. شىئەلەر ھەج قىلغاندا مەككە، مەدىنىگە بېرىش بىلەن بىللە نەجەف ، كەربەلا ، مەشھەد ۋە قۇمرا قاتارلىق شەھەرلەرنى تاۋاپ قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، شىئەلەر «فاتىمەنىڭ تۇغۇلغان كۈنى»، « ئاشۇرا » ( ھۆسەين قەتلە قىلىنغان كۈن ) ۋە ئىماملارنىڭ تۇغۇلغان، قازا قىلغان كۈنلىرىنى خاتىرىلىشىدۇ . خەلىپە ئومەر ئۆز ۋاقتىدا بىكار قىلغان ۋاقىتلىق نىكاھ ( سىغە ) غا يول قويۇشىدۇ . شىئەلەر بىلەن سۈننىيلەر ئارىسىدا يەنە بەزى ئادەتلەرنى بەجا كەلتۈرۈش جەھەتتىمۇ قىسمەن پەرقلەر مەۋجۇت. خۇلاسىلىغاندا، شىئە مەھىپى بىلەن سۈننىي مەھىپى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت ئىسلامىيەتنىڭ ھەممە ساھەلىرىگە دېگۈدەك تاقىلىدىغان بولۇپ، شىئە مەزھىپىدىكى بەزى غولات پىرقىلارنىڭ چەكتىن ئاشقان بەزى تەشەببۇسلىرى بۇ ئىككى مەزھەپ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى تېخىمۇ ئۇلغايتىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئارازلىق ئۇرۇقلىرىنى چاچقان. بۇيەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، ئىسلامىيەتتىكى بۇ زىددىيەتلەر تېگى-تەكتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ھاكىمىيەت تالىشىشتىن كېلىپ چىققان بولۇپ، بۇ زىددىيەتلەرنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى مىللەتلەر بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق دېيىشكە بولىدۇ.شۇڭا، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەر ئىسلامنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇ تەشەببۇس قىلغان ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىققا ھەقىقىي ئەمەل قىلىپ، بۇ ئايىقى چىقماس زىددىيەتلەردىن ئۆزلىرىنى چەتكە ئېلىشى كېرەك.



مەنبە: شىنجاڭ پەلسەپە–ئىجتىمائىي پەنلەر تور بېكىتى

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 18:48:39

45- قەۋەتتىكى temsilciنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

31- قەۋەتتىكى tujjar365نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

يەكەندىكى ئىشقا ئۇنداق سەل قارىمايلى . يەكەندىكى شىئە موللىلىرى ھەتتا سۇنئى مۇسۇلمانلارغا ئايلىق پۇل تارقىتىپ ئۆز يولىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار. ئۇلارنىڭ كىچىكىنى مەسچىتى ھازىر كومپارتىيە تەرەپتىن تەستىقلىنىپ چوڭ جامەگە ئۆزگەرتىلىپتۇ . بۇلارنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنى ئىككىگە ئايرىش پىلانى بەزەنلەرنى مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلگەنمۇ قانداق ھىچقانداق چەكلەش ئالامەتلىرى يوق . ھازىر ئۇلار ئۈرۈمچىدە تەشۋىقات خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋىتىپتىمىز ھازىر .ھەتتا يەكەندە يەرلىك خەلىق بىلەن بەزى ئۇششاق ئىشلاردا توقۇنۇش كىلىپ چىقسا بىيجىڭغا بىرىپلا ھەل قىلىپ كىلىمىز بىزنىڭ بۇ يەردىكىلەر بىلەن ئىشىمىش يوق دەۋاتقان ئەھۋاللارمۇ بار .

-----------------------------------------------------------------------


يەكەندىكى شۇ بىلىمسىز كىشىلەر شۇ دەرىجىدىكى بىدئەت ئېتىقادقا ئىشىنپتىمۇ؟سوفىلارمۇ يەكەندە ئەڭ جىق،نەدىكى بىدئەت ئىدىيىنىڭ بۆشۈكى يەكەنمۇ نېمە؟ئىراندا ئوقۇپ كەلگەنلەرنى زادى دىيارىمىزغا كەلتۈرمەسلىكىمىز كېرەك!



5 مو  ئۈچۈن سىتىلىدىغان  ئادەملەر  جىقلاپ  كىتىۋاتقان بۇ  زاماندا   قارىغاندا  بەزى  مەسىلىلەر  بىلىملىك  بولۇش  بىلەنمۇ ھەل  بولمايدىغان  چىراي .


خەلقىمىزنىڭ  جانىجان  مەنپەئەتىگە  مۇناسىۋەتلىك  مەسىلىلەر  ھەل  بولماي تىخىمۇ  كۆپىيىپ  كىتىۋاتقان ئۈنۈملۇك  ھەل  قىلىش ئۇسۇلىنى  تاپالمايۋاتقان  بىر  زاماندا    يىڭى  كۆز  قاراش  غەيرى  پىكىرلەرگىمۇ  خەلىق  ئاممىسىنىڭ  قىزىقىشى  يۇقىرىراق  بولىدىغان  ئوخشايدۇ . ئەلۋەتتە  دىننى  سۈيئىستىمال  قىلغان  بىدئەت  كۆز  قاراشلار  تىزلا  بازار  تىپىپ  تەرەققى  قىلىدىكەن . ھازىرقى  ئەھۋالدا  بۇلارنىڭ  تەشۋىقاتى  يەكەندىن  باشقا  رايونلارغىمۇ تارقىلىۋىتىپتۇ. ئەلۋەتتە بۇلارمۇ  ئايلىق  پۇل  تارقىتىش  قاتارلىق  ئۇسۇللار  بىلەن  نادان خەلىقنى  قىزىقتۇرىۋاتىدۇ . باشقا  ئامىللار  بىلەن  بىللە  يەنە  جوڭگو  ھۆكۈمىتى  بىلەن   ئىراننىڭ  سىياسى  ئىتىپاقلىقىمۇ  بۇلارنىڭ  دىيارىمىزدىكى  دىنىي  زىيانكەشلىكىگە  يىشىل  چىراغ  يىقىپ بىرىۋاتىدۇ .

asabi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 20:21:22

يا ئاللا شىئە بىلەن سۈننى مەھىپىدىكى ئىختىلاپ مۇشۇنچىلىك دەرىجىدە چوڭما..؟

مەزھەپچىلىك قىلماي دېسىمۇ ئامال يوقكەندە ئەمسە. ھەممىسى مەزھەپچىلىك قىلسا مۇسۇلمانچىلىقنى كىم قىلار..؟



زىدىيەت دىگەننى چوقۇم ئۇرۇشمىغۇچە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان ئوخشىمامدۇ.

ھەممىسى خالتا كوچىغا كىرىۋالسا چوڭ يولدا كىم ماڭىدۇ. خۇددى ئىنسانلارنى كەڭرى يولدا ماڭسا ماس كەلمەيدىغاندەك ھېس قىلدۇرىۋاتقان كۈچ زادى نىمە؟

شەيتانمۇ ، نەپىس نەپىس خاھىشمۇ، ئاچكۆزلۈكمۇ ،

زادى نىمىدۇ؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:22:20

‹شىئە›نىڭ نېملىكىنى ئازراق بىلىۋالدىم ...ھەممىگە قادىر ئالا ئۆزى توغرا يولغا باشلىسۇن ..سۇنئلەرىنڭ شىئەلەرنى قىرغىن قىلغىنى ئاڭلىسام ھەمىسى مۇسۇلمان تۇرسا نېمىشقا ئۆزئارا قىرغىن قىلىپ دۇشمەننى خۇش قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم سەۋەبنى ئازاراق بىلىۋالدىم   {:136:}

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:24:55

ئاخشام ئىرانغا ھەسەن روھانىي يىڭى ئەلباش بولۇپ سايلاندى،

بەزىلەر يىڭى ئەلباشنى تەمكىن،ئىغىر -بىسىق،ئاشقۇنلۇق قىلمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ،يەنە بەزىلەر ھەممىسىنى مەنىۋى داھىي ئاياتۇللاھ ئەلى قامەنى بىر قوللوق ئورونلاشتۇرىدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.ئىران-غەرب مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى، يادرو پىروگىراملىرى تالاش-تارتىشى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوللىشى مۇشۇ يىڭى ئەلباش تەرپىدىن ئۆزگەرتەلەرمۇ؟

ماۋۇ ھۆمەينى دىگەن ئادەمنىڭ دىگەن گەپلىرىنى ئوقوپ بۇ ئادەمنىڭ ئىسمىنىڭ بىرىنجى بوغومىنى سوزوپ دەپ توختاپ قالدىم. مىنى نىمە دىسەڭلەر مەيلى،؟؟؟؟؟؟؟؟؟سۈپىتى باركەن بۇنىڭ.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:26:49

تىللايدىغان سۆزلەر سۇئال بەلگىسى بولۇپ چىقىۋالدىكەن ھە  {:92:}

toethogul يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 13:52:56

1- قەۋەتتىكى alwun12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹شىئە›نىڭ نېملىكىنى ئازراق بىلىۋالدىم ...ھەممىگە قادىر ئالا ئۆزى توغرا يولغا باشلىسۇن ..سۇنئلەرىنڭ شىئەلەرنى قىرغىن قىلغىنى ئاڭلىسام ھەمىسى مۇسۇلمان تۇرسا نېمىشقا ئۆزئارا قىرغىن قىلىپ دۇشمەننى خۇش قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم سەۋەبنى ئازاراق بىلىۋالدىم \"\"


«سۇنئلەرىنڭ شىئەلەرنى قىرغىن قىلغىنى ئاڭلىسام ...» سىز قاچان شۇنداق دەپ ئاڭلىدىڭىز؟


بۇ ئىنكاسنى يازغاندىن يازمىسىڭىز بەك ياخشى بولاپتىكەن، چۈنكى كىمنى كىمنىڭ قىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالسىڭىز ، خەپ نېمىشقا يازغاندىمەن بۇ ئىنكاسنى دەپ قالارسىز مىكىن دەيمەن.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 14:09:31

مىنىڭ بۇنۇڭغا بىر نىمە دىيىشكە بىلىمىم ئاجىزلىق قىلىدىكەن. (توغرىسىنى ئاللاھ بىگۈچى) ،ئۆز ھىسياتىم بويىچە باھا بىرىشكە تىلىم كۆيىدۇ.

elqut يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 14:44:08

كاللاڭلارنى سىلكىۋىتىڭلار قىرىنداشلار پەيغەمبەر ئەلەيھسالام ئاڭلىغانلىكى نەرسىلەرنى سۆزلەش يالغانچىلىق دىيىلگەن بىرىنچى قىتىملىق پارىس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىراقنى بىرىنچى بۇلۇپ قوللىغان دۆلەتمۇ ئىران ،ھازىر ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇسۇلمانلارنىڭ پارچىلىنىشىغا سىلەرچە ئىچىدە كىم بەك خوش بۇلۇۋاتقاندۇ ؟باشقىلارنىڭ نامىدا يالغان سوزلەرنى تارقىتىپ مۇسۇلمانلار ئارىسىغا پىتنە سالماق

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 15:14:22

شئىەلەرنىڭ مۇشۇنداق ئوچۇقتىن-ئوچۇق خاتا پىكىر-ئەقىدىلىرىگە، بىلىمىم ئاجىزلىق قىلىدىكەن،ئازراق چۈشەنچىگە ئىگە بولدۇم دەپلا بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالغانلارغا نېمەدەي؟!ئىنساننىڭ باشقا مەخلۇق بىلەن بولغان ئەڭ تۈپكى بىرىنجى پەرىق-ئۇنىڭدا ئەقىل بار!شۇ بېرىلگەن كاتتا نىئمەتنىمۇ جايىدا ئىشلەتمەي،غەپلەت ئۇيقۇسىدا يېتىۋاتقان ئىنسانىيات ئەڭ ئاجىز ئىنسانلار قاتارىدىندۇر! سىز ئۇخلاۋاتقان شۇ پەيتلەردە بەلكىم شىئەلەر(شۇنىڭدەك ئاللاھقا تانغۇچىلار) سىزنىڭ قەبرىڭىزنى كولاۋاتقان بۇلىشى مۇمكىن...



ئاللاھ بىلىمىنى زىيادە قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ئىمام مەھدى توغرۇلۇق چۈشەنچە بەرگەن بولسا.ئىمام مەھدىنىڭ ئاخېرى زاماندا چۈشىدىغانلىقى راس ئىشمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 15:37:21

مەھدى ھەققىدە http://bbs.meripetyoli.com/forum.php?mod=viewthread&tid=3624

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 16:35:10

يۇرتىمىزدىكى ئشانلار قايسى مەزھەپكە تەۋەدۇ؟

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 16:37:15

4- قەۋەتتىكى toethogulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى alwun12نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

‹شىئە›نىڭ نېملىكىنى ئازراق بىلىۋالدىم ...ھەممىگە قادىر ئالا ئۆزى توغرا يولغا باشلىسۇن ..سۇنئلەرىنڭ شىئەلەرنى قىرغىن قىلغىنى ئاڭلىسام ھەمىسى مۇسۇلمان تۇرسا نېمىشقا ئۆزئارا قىرغىن قىلىپ دۇشمەننى خۇش قىلىدىغاندۇ دەپ ئويلايتتىم سەۋەبنى ئازاراق بىلىۋالدىم \"\"


«سۇنئلەرىنڭ شىئەلەرنى قىرغىن قىلغىنى ئاڭلىسام ...» سىز قاچان شۇنداق دەپ ئاڭلىدىڭىز؟


بۇ ئىنكاسنى يازغاندىن يازمىسىڭىز بەك ياخشى بولاپتىكەن، چۈنكى كىمنى كىمنىڭ قىرىۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالسىڭىز ، خەپ نېمىشقا يازغاندىمەن بۇ ئىنكاسنى دەپ قالارسىز مىكىن دەيمەن.


توغرىسنى بىلگۇچى ھەمگە قادىر ئاللادۇر





izdinayli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 16:56:14

9.ﺋﯘﻻﺭ(ﺳﯜﻧﻨﯩﻴﻠﻪﺭ)ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﯞﻩ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﻳﻮﻕ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﯞﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎﯞﻯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ(ﺋﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ). ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﺯﯗﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﯞﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ. ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﯩﻜﻪﻥ، ﺑﯘ ﺳﺎﻣﺎﯞﯨﻲ ﻛﯩﺘﺎﺏ( ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ) ﺗﯩﻜﻰ (ﺷﯩﺌﻪ) ﺋﯩﻤﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ، ﺋﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜﭼﯜﺭﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ. ﯞﻩ ﺑﯘ ﻧﻮﻣﯘﺳﻠﯘﻕ ﺑﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ.(ﮬﯘﻣﻪﻳﻨﻰ: ﻛﻪﺷﻔﯘﻟﺌﻪﺳﺮﺍﺭ 144- ﺑﻪﺕ)

ماۋۇسى ئېران ئىسلام ئىنقىلابىنىڭ داھىيسى ھۇمەينىنىڭ گېپىما؟ ماقالىنىڭ مەنبەسى ساختىمۇ قانداق؟ ىوي تېخى نەچچە يىل ئىلگىرى سورۇنلاردا ھۇمەينى مۇسۇلمانلارنىڭ پەخرى، ھەقىقىي ئىسلام غازاتچىسىي دەپ ئاڭلىغان قۇلىقىم يالغانمۇ ياكى ماۋۇ قۇرلارمۇ؟ قۇرئان كەرىمگە ۋە پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامغا تەڭداش كىتابلىرىمىز، ئىماملىىرىمىز بار دەپ ئىشىنىدىغان شىئەلەرنى يەنە مۇسۇلمان دېگىلىبولامدۇ؟

زادى ئۇلارنىڭ قولىدا قۇرئان كەرىم بارمۇ؟ بولسا جانابى ئاللاھ نازىل قىلغان قۇرئان كەرىمگە ئوپمۇ- ئوخشاشمۇ؟ ئوخشىمىسا قايسى جايلىرى ئوخشىمايدۇ؟ بىلىدىغانلار بولسا تەلىم بەرگەيسىلەر. پىقىر ئېرانغا چىقىشنى ئويلاپ يۈرگىلى نەۋاق، لائىلاھە ئىللەللاھ، ئەلىدۇر رەسۇلۇللاھ دەپ يۈرىدىغان يېرىم مۇسۇلمان، يېرىم پاسىقلارنىڭ ئېشىنى يەپ ئەقلىمنى بۇلغاپ كەلمەي.

iltersh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 19:12:45

قوڭ قىچىشتىمۇ تېما ئىگىسى \"\"

بۇ يەرگە مەزھەپ جېدىلىنى سۆرەپ كېلىپ نىمە قىلىسىز؟ شىئەلەرنى قارىلاپ بىزنى ئۇلارغا ئۆچ قىلىپ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى ؟ ئۇيغۇرنى ئەرەپ - پارس ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپ جېدىلىگە سۆرەپ كىرىپ نىمە قىلماقچىتتىڭىز؟



ما تېما بۇ مۇنبەرگە خاتا يوللىنىپ قاپتۇ، چىقىپ جايىڭىزنى تېپىۋېلىڭ كۆتىڭىزگە تېپىك يەپ بولغىچە ، گەپنىڭ چىرايلىقى شۇ ........

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 19:56:07

13- قەۋەتتىكى iltershنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قوڭ قىچىشتىمۇ تېما ئىگىسى \"\"

بۇ يەرگە مەزھەپ جېدىلىنى سۆرەپ كېلىپ نىمە قىلىسىز؟ شىئەلەرنى قارىلاپ بىزنى ئۇلارغا ئۆچ قىلىپ نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى ؟ ئۇيغۇرنى ئەرەپ - پارس ئوتتۇرىسىدىكى مەزھەپ جېدىلىگە سۆرەپ كىرىپ نىمە قىلماقچىتتىڭىز؟



ما تېما بۇ مۇنبەرگە خاتا يوللىنىپ قاپتۇ، چىقىپ جايىڭىزنى تېپىۋېلىڭ كۆتىڭىزگە تېپىك يەپ بولغىچە ، گەپنىڭ چىرايلىقى شۇ ........



راست دەيسىز . بۇتىما يوقالسا بوغىدەك.

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 19:57:00


2- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام ئىرانغا ھەسەن روھانىي يىڭى ئەلباش بولۇپ سايلاندى،

بەزىلەر يىڭى ئەلباشنى تەمكىن،ئىغىر -بىسىق،ئاشقۇنلۇق قىلمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ،يەنە بەزىلەر ھەممىسىنى مەنىۋى داھىي ئاياتۇللاھ ئەلى قامەنى بىر قوللوق ئورونلاشتۇرىدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.ئىران-غەرب مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى، يادرو پىروگىراملىرى تالاش-تارتىشى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوللىشى مۇشۇ يىڭى ئەلباش تەرپىدىن ئۆزگەرتەلەرمۇ؟


________________



ھەسەن روھانىنىڭ سايلىنىشى ئىران خەلقىنىڭ ئىقتسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەردى. بۇ بىرىنچى بۇلۇپ ئىران يادرو مەسىلىسى سەۋەپلىك يامانلاش غەرپ دۆلەتلىرى بولغان مۇناىسۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، روھانى گەرچە موتىدىللەرگە تەۋە بۇلۇپ جىددىيچىلىكنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئىراننىڭ يادرودىن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىنىق تەكىتلىدى. بۇخىل يۇمشاق دىپلوماتىك تەشەببۇس بىلەن باشقىلار گۇمان قىلغان ھوقۇقنى تەڭ تۇتۇپ تۇرۇپ بىر مەسىلىسىدە بۆسۈش خەرەكتىرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىش ناتايىن. چۈنكى، بىرىنچىدىن 7-8يىل ئاۋۋالقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدىلا رايۇندا زور سىياسى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى، ئىرانمۇ بەزىلىرىگە چېتىلىپ قېلىپ بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىپلەندى. ئىككىنچىدىن ئىراندىكى ئالىي داھىي بىلەن پىرىزدىنتنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئىختىلاپى ئەگەر روھانى ھۆكۈمىتى ئامىرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن چۈشۈنۈش ھاسىل قىلماقچى بولسا دوچ كىلىدىغان تۇنجى تۇسالغۇ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. روھانى بۇرۇن ھامىينىنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ھازىر تەڭ ھوقۇقلۇق بولمىسىمۇ بەزى سىياسىي تەدبىرلەردە قانداق قارار چىقىرىشنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان شەخسكە ئايلاندى. مۇنداقچە ئيتقاندا روھانى ھازىر دۇكان ئايرىدى.



سۈرىيە مەسىلىسى ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي ئورنىغا تەسىر قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل. باشار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلى بۇشاپ يۈلەپ تۇرغۇزۇش تىرىشچانلىقى غولاپ چۈشۈش خەتىرىگە زادى پايلىمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆنۈمسىز ئىشقا ئايلانمىغۇچە تىھران باشارنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يىتىچىشە قوللايدۇ.





patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 20:08:18


14- قەۋەتتىكى dilnazukنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىزدىنىش راستلا ئىزدىنىشكە ئوخشماي قېلىۋتىدۇ ، بۇرۇن ياخشى ئىنكاسلارنىڭ جىقلىقىدا ئىنكاس قايتۇرۇشقىمۇ پۇرسەت يوق ئىدى ،ئاز سۆزلەپ كۆپ ئاڭلاي دەپ ئىنكاس كۆرۈپ ئولتۇرىدىغان ۋاقىتلىرىم كۆپ ئىدى ، نېمە ئىش بولدى ،بىر ئاي بولۇپ قالدىمىكىن ئاجايىپ -غارايىپ تېما ،ئىنكاسلار تولىراپ قالدى ، مەلۇم بىر مۇنبەردە ئىزدىنىشنىڭ ئېسل مۇنبەرلىكى توغرىسىدا تېما يوللىنىپ قىزىغانلىقى سەۋەپلىكمىدۇ ؟ تورچىلىقتا چايخانا خاراكتىرىنى ئالغان ، مۇنبەر پۇلى دېگەندەك نەرسىلەر بىلەن ئەخلەت ئىنكاسلارنى تىلەپ سېتىۋالىدىغان ،ئەزا سانىنى كۆپەيتىش ئاساسى مەقسەت قىلغان مۇنبەرلەر ياكى نورمال مۇنبەر بولسىمۇ بىكارچى ، شوئارچى ، غايىچى ، ۋاڭباچى، تىللامچى ئەزالارغا مۇۋاپىق چارە كۆرۈلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان ئىنكاس ئەخلەتچىلىرىنى مەلىكە قىلىپ باشقا مۇنبەرگە تاراپ كېتىشىگە سەۋەپ قىلىپ تۇرىۋاتقان مۇنبەرلەرنىڭ كۆپرەك بولىشمۇ ياخشى ئىش ئىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم ، مۇنبەرلەر قارىسا كۆپتەك يەنە بىر قارىسا مۇنبەر قەھەتچىلىكى كۆرۈنگەندەك .ئىزدىنىشنى بەك ياقتۇراتتىم


....


جۇڭگۇنىڭ زاپەر ماللىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەت كىشىلىرىنى بىئارام قىلغاندەك، تور دۇنياسىدىكى سويمىچاقلارنىڭ ئىزدىنىشتا تۆكمە قىلغاندەك يامرىشى پارنىك ئىفىكتى مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى...يەنە بەزى باشقۇرغۇچىلارغا جىن چاپلاشتىمۇ تاڭ، كەلگەننى ياندۇرماي ئەخلەتنى چاندۇرماي تىما تەستىقلاۋاتىدىغۇ...



arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 20:22:10

17- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

....


جۇڭگۇنىڭ زاپەر ماللىرى تەرەققىي قىلغان دۆلەت كىشىلىرىنى بىئارام قىلغاندەك، تور دۇنياسىدىكى سويمىچاقلارنىڭ ئىزدىنىشتا تۆكمە قىلغاندەك يامرىشى پارنىك ئىفىكتى مەسىلىسىنى پەيدا قىلدى...يەنە بەزى باشقۇرغۇچىلارغا جىن چاپلاشتىمۇ تاڭ، كەلگەننى ياندۇرماي ئەخلەتنى چاندۇرماي تىما تەستىقلاۋاتىدىغۇ...







ھاھ ، ھاھ ! بۇنداق گەپلەرنى قانداق ئويلاپ تاپىدىغانسىلەر ۋاي.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 20:31:44

16- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل


2- قەۋەتتىكى izchilarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخشام ئىرانغا ھەسەن روھانىي يىڭى ئەلباش بولۇپ سايلاندى،

بەزىلەر يىڭى ئەلباشنى تەمكىن،ئىغىر -بىسىق،ئاشقۇنلۇق قىلمايدۇ دىيىشىۋاتىدۇ،يەنە بەزىلەر ھەممىسىنى مەنىۋى داھىي ئاياتۇللاھ ئەلى قامەنى بىر قوللوق ئورونلاشتۇرىدۇ دىيىشىۋاتىدۇ.ئىران-غەرب مۇناسىۋىتىدىكى جىددىيچىلىكنى، يادرو پىروگىراملىرى تالاش-تارتىشى ۋە ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى قىرغىنچىلىقنى قوللىشى مۇشۇ يىڭى ئەلباش تەرپىدىن ئۆزگەرتەلەرمۇ؟


________________



ھەسەن روھانىنىڭ سايلىنىشى ئىران خەلقىنىڭ ئىقتسادى كىرزىستىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى ئەكىس ئەتتۇرۇپ بەردى. بۇ بىرىنچى بۇلۇپ ئىران يادرو مەسىلىسى سەۋەپلىك يامانلاش غەرپ دۆلەتلىرى بولغان مۇناىسۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەمما، روھانى گەرچە موتىدىللەرگە تەۋە بۇلۇپ جىددىيچىلىكنى دىپلوماتىك ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلسىمۇ، ئىراننىڭ يادرودىن پايدىلىنىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى ئىنىق تەكىتلىدى. بۇخىل يۇمشاق دىپلوماتىك تەشەببۇس بىلەن باشقىلار گۇمان قىلغان ھوقۇقنى تەڭ تۇتۇپ تۇرۇپ بىر مەسىلىسىدە بۆسۈش خەرەكتىرلىك ئىلگىرلەش ھاسىل قىلىش ناتايىن. چۈنكى، بىرىنچىدىن 7-8يىل ئاۋۋالقى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بىلەن ھازىرقى ۋەزىيەت ئوخشىمايدۇ. يېقىنقى بىرقانچە يىل ئىچىدىلا رايۇندا زور سىياسى ئۆزگۈرۈشلەر يۈز بەردى، ئىرانمۇ بەزىلىرىگە چېتىلىپ قېلىپ بەھرەيىن، سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتارلىق دۆلەتلەر تەرىپىدىن قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىپلەندى. ئىككىنچىدىن ئىراندىكى ئالىي داھىي بىلەن پىرىزدىنتنىڭ ھوقۇق يۈرگۈزۈش جەھەتتىكى ئىختىلاپى ئەگەر روھانى ھۆكۈمىتى ئامىرىكا باشلىق غەرپ دۆلەتلىرى بىلەن يېقىندىن چۈشۈنۈش ھاسىل قىلماقچى بولسا دوچ كىلىدىغان تۇنجى تۇسالغۇ بۇلۇپ قېلىشى مۇمكىن. روھانى بۇرۇن ھامىينىنىڭ ياردەمچىسى ئىدى. ھازىر تەڭ ھوقۇقلۇق بولمىسىمۇ بەزى سىياسىي تەدبىرلەردە قانداق قارار چىقىرىشنى تالاش-تارتىش قىلىدىغان شەخسكە ئايلاندى. مۇنداقچە ئيتقاندا روھانى ھازىر دۇكان ئايرىدى.



سۈرىيە مەسىلىسى ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى سىياسىي ئورنىغا تەسىر قىلىدىغان ناھايىتى مۇھىم ئامىل. باشار ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇلى بۇشاپ يۈلەپ تۇرغۇزۇش تىرىشچانلىقى غولاپ چۈشۈش خەتىرىگە زادى پايلىمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆنۈمسىز ئىشقا ئايلانمىغۇچە تىھران باشارنى داۋاملىق كۈچىنىڭ يىتىچىشە قوللايدۇ.






رەھمەت


بەت: [1] 2 3
: ھۇمەينى ۋە شىئەلەر