Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 04:19:35

(بىلىك) پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى



قىسقىچە مەزمۇنى


تورنىڭ ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ ئانا تىلدا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇش مىللىي مائارىپ تەرەققىياتىغا ئازدۇر-كۆپتۇر تۆھپە قوشۇپ، ياشلارنىڭ پەنگە بولغان ئىشتىياقىنى قوزغىتىپلا قالماي، ئەڭ مۇھىمى ئانا تىل سەۋىيسىمىزنىڭ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلىشىگە كۆرىنەرلىك ھەسسە قوشالايدۇ.ئون نەچچە يىللىق ئۇيغۇر تورچىلىق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، شۇنىڭ بىلەن تور ئاممىسىغا تېخىمۇ مەنپەئەتلىك بولىشى ئۈچۈن، تورنىڭ تىلىمىزغا بولغان ئىجابىي تۆھپىسىنى نەزەردە تۇتۇپ، بىر قەدەر سېستىمىلاشقان ۋە مۇنتىزىملاشقان؛ نىسبەتەن ئىلغار ۋە كەسپىي بولغان تور بىكەتلەرنى قۇرۇش بەكمۇ زۆرۈر. بۇ يازمىدا شۇنداق بىر مۇنتىزىم ۋە سېستىمىلىق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش خاراكتېرىنى ئالغان تور بىكىتى قۇرۇش ھەققىدىكى پىلان ۋە تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ.




مائارىپ تەرەققىياتى ۋە ئانا تىلدا ئېلىنغان بىلىم




ئېنگىلىزچە تورلارغا قارىسىڭىز ئاممىباپ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ماقالىللىرىنىڭ، قىزىقارلىق ۋە جانلىق سىن-دەرسلەرنىڭ كۆپلىكىنى،ئېلىمپەن ۋە يۇقىرى-يېڭى تېخنېكىلار ھەققىدە مۇھاكىمە، مۇنازىرىلەرنىڭ كۆپ بولىدىغانلىقىنى بايقىيالىشىڭىز مۇمكىن. پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپنىڭ مەزكۇر تىلنى ئىشلىتىۋاتقان مەملىكەتلەردە تەرەققىي قىلغانلىقىغا قارىماي بۇنداق «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتى» نىڭ يەنە ئەشۇلارنىڭ ئارىسىدا قويۇق بولۇشى نېمىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ؟ قىززىق يىرى، ئۇلارنىڭ مائارىپ سەۋىيسى يۇقىرى بولغانسىرى باشقىلارنى پەن-تېخنىكىنى سۆيۈشكە، ئۆگىنىشكە ۋە تارقىتىشقا چاقىرىپ، ئېلىھاملاندۇرۇپ تۇرىدىكەن...




بۇنىڭ سەۋەبىنى مېنىڭچە بىۋاستە ھېس قىلغىلى بولىدۇ. مائارىپتىكى تەرەققىيات بىلەن ئۇشبۇ كەيپىيات بىر-بىرى بىلەن بىۋاستە باغلىنىشلىق بولۇپ، ئۆز-ئارا ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. يەنى، تەرەققىيات ئاشقانسىرى كەيپىيات يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ، مۇنازىرە ۋە مۇھاكىمە قىزغىنلىقى پەيدا بولىدۇ؛ قىزغىنلىق كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈلىشى ئېلىمپەن تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.




ئېنگىلىز تىلى گەرچە بەك ئەۋزەل، ئەڭ ياخشى تىل بولمىسىمۇ دۇنياۋى تىل بولۇپ قالدى، ئۇنى ئېنگىلىزلاردىن سىرت، باشقىلارمۇ ئىشلىتىۋاتىدۇ، پۈتۈن دۇنيا ئىشلىتىۋاتىدۇ... دۇنيا پەن-تېخنىكىسى، ئەدەبىيات-سەنىئىتى مۇشۇ تىلنى كۆۋرك قىلىۋىتىدۇ، مۇشۇ تىل ئارقىلىق ئوخشىمىغان تىلدىكى ئېلىمگەرلەر بىر يەرگە كىلىپ پىكىر ئالماشتۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ناھايىتى ئوچۇق، پەن ۋە تېخنىكا شۇلاردا بەكىرەك تەرەققىي قىلغان ئىكەن بۇ تىل شۇنچە ئومۇملىشىدۇ...



لىكىن، ئاساسي مائارىپتىكى تىل يەنىلا ئۆز ئانا تىلدا بولىدۇ.ئېنگىلىزلارغا ئوخشاشلا مائارىپى تەرەققىي قىلغان ياۋرۇپا ئەللىرى ئاساسى مائارىپنى ئۆز تىللىرىدا داۋاملاشتۇرىدۇ، شەرقتە ياپۇنىيەمۇ مائارىپنى ياپۇنچە داۋاملاشتۇرىدۇ. لاتىن تىللىرى سېستىمىسىغا تەۋە، ئېنگىلىز تىلى بىلەن تۇغقاندارچىلىقى بولغان تىللارنى قويۇپ تۇرساقمۇ ياپۇنلارنىڭ تىلى ئېگىلىز تىلىدىن شۇنچە يىراق تۇرۇپ، پەن-تېخنىكا ۋە مائارىپىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، بىرىنچىدىن مائارىپقا بىرىلگەن يۈكسەك دەرىجىدىكى ئەھمىيەت بولسا، ئىككىنچىدىن ئۆز تىلىدا ئېلىپ بېرىلغان توسالغۇسىز تەپەككۇر يىتىلدۈرۈش جەرىيانىنىڭ، يەنى ئانا تىلدىكى مائارىپ جەرىيانىنىڭ مەسھۇلىدىن ئىبارەت...



بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا قىممىتىنى ئۆلچەيدىغان ئەڭ مۇھىم، بەلكى، بىردىن-بىر ئامىل، مائارىپ تەرەققىياتىدىن ئىبارەت. مائارىپنىڭ تەرەققىياتى، شۇ مىللەت توپلىمى ئىچىدىكى ئېلىمپەنگە قىزغىنلىق كەيپىياتى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. ئەمسە بۇ قىزغىنلىقنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىمىز؟




بۇ يەردە قىزغىنلىق بىلەن بىلىشنىڭ فۇنكىسسىيلىك مۇناسىۋېتى بار. يەنى، قانچە بىلگەنسىرى شۇنچە قىزغىنلىق پەيدا بولىدۇ؛ قانچە قىزىققانسىرى شۇنچە كۆپ نەرسە بىلىشكە ئىنتىلىدۇ. چۈنكى، بىلىم چەكسىز بىر ئالەم... قانچە بىلگەنسىرى بىلىنمىگەن نەرسىلەر پەيدا بولۇشقا باشلايدۇ، بىلگۈچىلەر شۇ قىزغىنلىقتا بىلىنمىگەن نەرسىلەرنى بىلىش يولىنى داۋاملاشتۇرىدۇ؛ ئىزدەنگۈچىلەر ئىزدىنىش يولىدا تاپقانلىرىدىن ھوزۇرلىنىدۇ، تاپالمىغانلىرىنى ئىزدەشنى داۋاملاشتۇرىدۇ، پەن-تېخنىكا مۇشۇنداق يۈكسىلىپ ماڭىدۇ...



دىمەك، بىلىش قىزغىنلىقنى قوزغايدىغان ئەڭ ئەقەللىي ئامىل بولۇپ، قانچە كۆپ كىشى ( قانچە كۆپ پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرى، ھازىرقى زامان مەنتىقە، ئانالىز يۆلىنىشلىرى، ئىلمىي مۇھاكىمە قائىيدىللىرى ھەققىدە)بىلىمگە ئىگە بولسا قىزغىنلىق كەيپىياتىنى شۇنچە جانلاندۇرغىلى بولىدۇ.لىكىن شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش زۆرۈرۈكى، بىلىش جەرىيانى بىر تەپەككۇر جەرىيانى بولۇپ، تەپەككۇر تىل دىمەكتۇر. ھەر بىر ئادەمنىڭ بىلىم توپلاش ئۇسۇلى ئوخشىمىغاندەك، ھەر بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بولغان تەپەككۇر ئەندىزىسى، بىلىم ئېلىشقا ئەڭ ماس كەلگەن تەپەككۇر ئۇسۇلى يەنى، ئانا تىلى بولىدۇ؛ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئىگىلىنىدىغان ۋە ئەڭ ئېنىق ئۆزلەشتۈرۈلىدىغان بىلىم يەنىلا ئۆزىگە خاس تەپەككۇر ئەندىزىسى ئىچىدە، يەنى ئانا تىل ۋاستىسى بىلەن بولىدۇ. ئەگەر ئانا تىلدىكى مائارىپ يوقالسا بىلىش ۋە قىزغىنلىق بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالىدۇ؛بىلىش ۋە قىزغىنلىق تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشسەتەرەققىيات ۋە ئىلغارلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ؛ تەرەققىيات تۆۋەنلەپ، بىلىمسىز، ساپاسىزلار كۆپەيسە شۇ توپلامنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەپلا قالماي، ھەرخىل ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تىك سىزىق بويىنچە تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ. ئىجتىمائىي مەسىلە ئۆز نۆۋىتىدە تەرەققىياتنى خورىتىدىغان ئەڭ تەسىرچان ئامىل بولۇپ، شۇ جەمىيەتنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان سېستىمىنىڭ تەرەققىياتىغا ھەم ئالاھىدە چوڭ تەسىر كۆرسۈتىدۇ.


ئەمسە بىز توردا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كەيپىياتىنى قوزغاپ مىللىي مائارىپىمىزغا، تىلىمىزغا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن نىمە قىلالىشمىز مۇمىن؟ تۆۋەندىكى بۆلەكتە بۇ ھەقتىكى پىلانىمنى ئوتتۇرىغا قويىمەن.



پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى



ئانا تىلدىكى مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىر ئەزانىڭ جىددى قاراشقا تېگىشلىك بۇرۇچلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. يۇقىرقى بۆلەكتە دېيىلگەندەل، ئارىمىزدا ئېلىمپەن-قىزغىنلىق كەيپىياتىنى يارىتىش ئۈچۈن، تىلىمىزغا ( مىللىي مائارىپىمىزغا شۇنداقلا تەرەققىياتىمىزغا ) زەررىچە بولسىمۇ ھەسسە قوشۇلۇشى ئۈچۈن، سەمىمىي نىيەتلەرنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، يۈزەكى بىر پىلان تۈزۈپ چىقتىم. بۇ پىلاننىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋەرىئاللىققا ئۇيغۇن بولۇش بولماسلىقى كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە، ئەمەلگە ئېشىش ئاشماسلىقى كۆپچىلىكنىڭ قوللاش قوللىماسلىقىغا باغلىق.



«ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟» دىگەن يازمىدا بايان قىلىنغاندەك، تورچىلىق ۋە نەشىرياتچىلىقنى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىپ، ئالاھىدە تەكىتلىگەن «ئېلىمپەن قىزغىنلىق كەيپىياتى» بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى ئويلىشىپ باقساق بولامدۇ يوق؟




ئۇيغۇرتورچىلىقى تەرەققىي قىلىپ ھازىرغا كەلگۈچە ئون يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ. ئاز ساندىكى بلوگلارنى ھېساپقا ئالمىغاندا ئاساسەن ئۇنۋېرسال مۇنازىرە مۇنبەرلىرى ھالىتىدە بولۇپ كەلدى ھەمدەبۇ تورلاردا تارقىتىلىۋاتقان ئۇچۇرلار ۋە مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقان بايانلار كوچا پاراڭلىرى سەۋىيسىدىن كۆپ دەرىجىدە ھالقىيالمىدى. باشقىلارنىڭ قىزىقىشى پوزىتسىيسىگە تەتۈر ھالدا،پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىغا ئائىت ماقالىلەر يوقنىڭ ئورۇنىدا بولۇپ كەلدى، ماقالىلەرگە ئىلمىيلىك ۋە تىل جەھەتتىن ئۆلچەم قويۇلمىدى ۋە ھاكازا...




ئەمدى بىزباشقىچە يول تۇتۇپ، مەخسۇس «پەننى ئومۇملاشتۇرۇش» توربىكىتىدىن بىرنى قۇرۇشنى ئويلاشساق بولمايدىغان ھېچقانداق يېرى يوق. ئىسمى ئۆزگىچە قويۇلغان(مەسىلەن،«ئۇيغۇر ئېلىمپەن تورى» دەپ تۇرايلى) بىر تور بىتىنى قۇردۇق دەپ تۇرايلى، بۇ تور بىكەت يالغۇزمۇنازىرە مۇنبەر بىكىتى بولماستىن، ئانا تىلدا ئېلىمپەن ئۆگۈتىدىغان ۋە ئۆگۈنىدىغان «تور مەكتىپى» شەكىلدىكى ئۆزگىچە، قېلىپلاشقان ۋە سېستىمىلاشقان توربىكەت بولىدۇ.


دەسلەپكى پىلان تۆۋەندىكىچە:



1.تور بىكەت سېستىمىسى ئۈچۈن ھازىرقى ئىلغار سېستىمىلاردىن بىرىنى ئىشلەتسەك بولىدۇ.



مەسىلەن، قۇرۇلمىسى ئەۋرىشىم، ئۇسلۇبلىرى كۆپخىل جۇملا(joomla) نى ئىشلەتسەك بولىدۇ. تۆۋەندە جۇملا تور ئۇسلۇبىدىن بىر پارچە رەسىم كۆرسۈتۈلدى.






2.ئۆزىمىزنىڭ سىن-دەرسلەر ئامبىرى بولىشنى نەزەردە تۇتۇپ، بوشلۇق يىتەرلىك چوڭلۇقتا سېتىۋېلىنىدۇ.



دەسلەپتە تەييار سىن-دەرسلەرنى تەرجىمە قىلىپ بوشلۇققايوللىساق، كىيىنچە خادىملارتەرىپىدىن ھەر بىرى 45 مىنۇتلۇق ئۆزگىچە سن-دەرسلەر قىزىقارلىق، نەق بىلىملەرنى ئۆزئىچىگەئالغان، مىساللىرى جانلىق قىلىپ ئىشلىنىپ توربوشلۇقىغا قويۇلىدۇ...


سىن-دەرسلەرنىڭ مىسالى ئۈچۈن تۆۋەندە بىر تال سىن-دەرس قىستۇرۇلدى:





3. تور بەتنىڭ بالا سەھىپىللىرى ئۈچ ئاساسلىق غول لىنىيەنى مەركەز قىلىپ راۋاجلاندۇرىلىدۇ.



1)ئېلىمپەن تور مەكتىپى



تەبىئىي پەن: باشلانغۇچ مارىپتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بارلىق تەبىئىي پەن دەرسلىرى

توردا ئېچىلىدىغان ppt ھۆججىتى شەكىلدە ھەمدە كىينچە 45 مىنۇتلۇق سىن-دەرس شەكىلدە تورغا يوللىنىدۇ.

مەخسۇس، تور مەكتىپىمىزگە تىزىملىتىپ دەرس ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئائىلە تەكرارى سۈپىتىدە قوشۇمچە پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ مۇشتەرىيلىرى ئاساسلىقى ھازىرقى تىلدا قىيلىنىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئۆزى ئىشتىن سىرىتقى قىزىققۇچىلارمۇ تىزىملىتىپ دەرس ئالسا بولىدۇ. دەرسلەر باشلانغۇچنىڭ تەبىئەت دەرسىدىن باشلاپ، تاكى ئالىي مەكتەپنىڭ ئالىي ماتېماتىكا ۋە فىزىكا، خىمىيەلىرى سەۋىيەسىگىچە بولىدۇ...



ئىجتىمائىي پەن: باشلانغۇچ مارىپتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى

توردا ئېچىلىدىغان ppt ھۆججىتى شەكىلدە ھەمدە كىينچە 45 مىنۇتلۇق سىن-دەرس شەكىلدە تورغا يوللىنىدۇ.

مەخسۇس، تور مەكتىپىمىزگە تىزىملىتىپ دەرس ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئائىلە تەكرارى سۈپىتىدە قوشۇمچە پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ مۇشتەرىيلىرى ھازىرقى تىلدا قىيلىنىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولىدۇ. دەرسلەر باشلانغۇچنىڭ ئېلىپبە دەرسىدىن باشلاپ،تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەسىگىچە بولسا بولىدۇ.



تور مەكتىپىنىڭ كۆپ خىل پايدىسى بار. ئېلىمپەن ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ،ئانا تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئانا تىل تەپەككۇر ئەندىزىسىنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرغىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ھەقىقىي نەپ بەرگىلى بولىدۇ، بىلىمنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھەقىقى يوسۇندا ئۆگەتكىلى ۋە ئۆگەنگىلى بولىدۇ...



2) ئېلىمپەن مۇھاكىمە سالۇنى: ھازىرقى مۇنبەرلەرگە ئوخشاش ئۇنۋېرسال بولىدۇ، لىكىن ئىلمىيلىكى يۇقىرى بولىدۇ. مۇنبەرگە ئاممىباپ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي پەن ماقالىللىرى، ئېلىمپەن ھەققىدە تەرجىمە تەرمىلەر، ئەڭ يىڭى نەتىجىلەر، تارىختا بۈگۈنكى كۈندىكى ئېلىمپەن ساھەسىدىكى شەخىسلەر ۋە نەتىجىللىرى قاتارلىقلار يوللانسا بولىدۇ. بۇ يەردە يەنە ھەرقانداق مۇشتەرى خۇددى پەتىۋا سورىغاندەك پەن-تېخنىكا ھەققىدە «پەتىۋا» سورىسا خادىملار مۇۋاپىق ھالدا قىسقىچە جاۋاپلاندۇرىدۇ. ئەھۋالغا قاراپ بۇ مۇنبەرنىڭ (مۇھاكىمە سالۇنى ئىچىدىكى) كۆپ قىسىم سەھىپىللىرى ئېچىۋېتىلسىمۇ بولىدۇ.



3) ئېلىمپەن ژورنىلى




تەبىئىي پەن: ساپ ئۇيغۇر تىلىدا چىقىدىغان تەبىئىي پەن ئىلمىي ژورنىلى

باشقىلارنىڭ مەخسۇس ئېلىمپەن يېڭىلىقلىرى مۇھاكىمە قىلىنىدىغان ئىلمىي مەجمۇئەلىرى بار، بىزنىڭ يوق. ھالبۇكى، ئارىمىزدا ئانا مائارىپنى ئانا تىلدا ئوقۇغان، جوڭگو ۋە چەتئەللەردە يۇقىرى مائارىپ سەۋىيەسىدە ئوقۇۋاتقان ۋە خىزمەت قىلىۋاتقان كىشىلەرئاز ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېنگىلىزچە ئىلمىي ژورناللارغا ماقالە ئېلان قىلىپ تۇرىدىغانلىرىمۇ كۆپ...

ئەمدى، ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدا مۇشۇنداق بىر مەجمۇئەسى بولسا،يۇقىرى سەۋىيدىكى ئېلىمدارلار مۇشۇ مەجمۇئەگە ساپ ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي ماقالىلەرنى يېزىپ(ياكى تەرجىمە قىلىپ) ئەۋەتسە، مەخسۇس تەيىنلەنگەن تەھرىر ۋە مۇھەررىرلەر گورۇپپىسى تەرىپىدىن تەھىررلىنىپ، توردا ۋە مەتبۇئاتتا تارقىتىلسا تىل ۋە مائارىپ تەرەققىياتىغا ھەسسىسى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ!

بۇنىڭ كۆپ تەرەپتىن پايدىسى بار. ئالدى بىلەن ئېلىمدارلار مەجمۇئەگە توپلىنىدۇ، ياشلارنىڭ قىزغىنلىقى كۆتۈرىلىدۇ، تەسەۋۋۇرغا باي، تىل سەۋىيسى سەۋەبىدىن يازالمايدىغان كىشىللىرىمىز ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. مەسىلەن، خەلق ئارىسىدىكى قاسىق سىدىق ئاكىمىزدەك ئادەملەر ئۇيغۇر تىلىدا ماقالىسىنى چۈشىنىشلىك ۋە ئۆلچەملىك يېزىپ بۇ مەجمۇئەدە ئېلان قىلسا ئۇنى باشقىلار ئېنگىلىزچىغا ئايلاندۇرۇپ، خەلقئارا مەجمۇئەلەرگە سۇنۇپ باقسا بولىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ پەن-تېخنىكىدا ئىشلىتىلىشى تىل سەۋىيسىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ...



ئىجتىمائىي پەن: ئەدەبىيات-سەنئەت ۋە ئىختىساد نى مەركەز قىلغان ژورنال

ئەدىبلەرنىڭ، گۈزەل سەنئەتچىلەرنىڭ ۋە خەتتاتلارنىڭژورنىلىمىزغا تورىمىز ئارقىلىق كۆپلەپ ئەسەر ئەۋەتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۇلارغا قەلەم ھەققى بىرىلىپلا قالماي يىللىق مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيەتلىرىمۇ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. دەۋرىمىزدە ئېلىمپەن بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىختىساد بىلىملىرى بەكمۇ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن مەخسۇس ئىختىساد ھەققىدىكى مۇلاھىزە ماقالىللىرى، تەرجىمە ماقالىلەر بۇ ژورنالغا يوللانسا بولىدۇ...




يەنە كۆپ قىسىم ئامما تورغا چىقالمايدىغانلىقى ئۈچۈن تور ژورناللىرىمىزنى، توردا ئېلان قىلىنغان ھىكايە، رومانلارنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتىش ھەققىدە ئىزدىنىپ باقىمىز. نەشىرياتچىلىقنىڭ جەرىيانلىرى قانداق بولىدۇ ماڭا قاراڭغۇ. بۇنى قانۇنىي تەرتىپتە بىجىرگىلى بولىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە بىلىدىغانلارنىڭ پىكىر بىرىشىنى ياكى ياردەمدە بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!



ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى، ئۈزلۈكسىزلىك ۋە ئايلانما مەبلەغ مەسىلىسى



تور ئارقىلىق پەن-مائارىپ ئىشلىرىمىزنى راۋاجلاندۇرۇشى مەسىلىسى ئەلبەتتە تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان، مەنتىقىگە ئۇيغۇن كىلىدىغان، قانۇن ياكى سىياسەتنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچىرىمايدىغان بىر ئىش. بۇ پەقەت پوزىتسىيە مەسىلىسى بولۇپ، پەقەت ئۆز نېنىنى يەيدىغانلار ئۈچۈن ئاۋارىچىلىق بولۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن، لىكىن، ئۆز نېىنىنى يېيىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىى تەۋە توپلامنىڭ ئاز-تولا غېمىنى يەيدىغانلار ئۈچۈن ئۇنداق بولماسلىقى مۇمكىن. ھېچكىمنىڭ ھېچكىمگە «سەن تۆھپە قوشۇشۇڭ كىرەك» دىيىشكە ھەققى يوق، ھەركىم ئۆز نىنىنى تېپىپ يەۋەرسۇن، ئەمما ھەرقانداق ئادەمنىڭ بۇ توپقا پايدىلىق ھەرقانداق خەيرلىك ئىشلارغا، قارشى تۇرۇشقا، سەلبىي تەسىر بىرىشكە ياكى زىيان يەتكۈزۈشكە ھەققى يوق!




شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى نەزەرىيە جەھەتتىن %100 دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى بۇنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ داۋامىشلىپ تۇرىشى ئۈچۈن مەلۇم تەدبىر قوللىنىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەگەر بۇ تور بىكىتى مەلۇم قانۇنلۇق شىركەت نامىدا ئەنگە ئېلىنىپ، دەسلەپكى مەبلەغ سېلىنىپ، تېخنىكتىن تارتىپ ئوقۇتقۇچى، مۇھەررىرگىچە بولغان خادىملارنى تەكلىپ قىلىپ مائاش بېرىپ ئىشلەتكەندە مۇنتىزىم، سېستىمىلىق ھالدا مېڭىپ كىتىشىگە كاپالەتلىك قىلغىلى بولىشى مۇمكىن؛ ئەگەر ئۇنداق قىلماي، بۇنى خالىس كۈچلەرگە تاشلاپ قويغاندا ئۈزلۈكسىزلىككە ۋە مۇنتىزىملىققا تەسىر يېتىدۇ، دەسلەپتە قىززىپ بارا-بارا «چىۋىن قورۇيدىغان ھالەت» كە بېرىپ قېلىشى، ھەتتا توختاپ قېلىشى مۇمكىن...




شۇڭا بۇنىڭ ئايلانما شەكىلدە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئەزالارنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدىن سىرىت ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلەيدىغان، خادىملارنى مائاش بىلەن تەمىنلەيدىغان ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىختىساد مەسىلىنى ھەل قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. ئەمدى بۇنىڭغا كىتىدىغان ئايلىق ئىختىسادنى تەخمىنەن ھېسابلاپ كۆرەيلى:




تور نامى ۋە بوشلۇقىنىڭ چىقىمى: تور نامىنىڭ يىللىق چىقىمى120 سوم، ئايلىقى 10 سوم،بوشلۇق چىقىمى ئۈچۈن تەخمىنەن 600 سومدىن 700 سومغىچە. شۇڭا، تور نامى ۋە بوشلۇق ئۈچۈن ئايلىقى 700 سوم.



خادىملارنىڭ ئايلىق مائاشى: تۆۋىنى 1000 سومدىن يۇقىرىسى 5000 سومغىچە.




































توپلام(سوم)

يەككەمائاش(سوم)


سانى     خادىم
9000 3000 3 تور تېخنىك
3000 1000 3 باشلانغۇچ:(ئېلىپبە، ھېساب، تەبىئەت)
8000 2000 4 تولۇقسىز:(تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە)
18000 3000 6 تولۇق:(تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىئولوگىيە، جۇغراپىيە)
60000 5000 4*3

ئالىي:(ئالىي ماتېماتىكا، ئالىي فىزىكا ۋە خېمىيە)




جەمئي توپلىغاندا 98700 سوم، تەخمىنەن 100000 سوم بولىدىكەن.


ئەمدى بۇ مەبلەغنى قانداق ھەل قىلىمىز؟



ھەرقانچە باي شەخىس ياكى شىركەت بولسىمۇ ئايلىقى 100000 سوم مەبلەغنى چىقىرىپ بولالمايدۇ، شۇڭا بۇنى ئۆزىدىن ئايلىنىدىغان قىلىشنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. مەسىلەن، بۇ تور بىكىتىگە ئايدا ھەقلىق مۇقىم مۇشتەرى قوبۇل قىلىدىغان قىلساق، بۇ ئايلىق ھەقنى 100 سوم دېسەم 1000 نەپەر مۇشتەرى؛ 50 سوم دېسەك، 2000 نەپەر مۇشتەرى؛ 25 سوم دېسەك 40000 نەپەر مۇشتەرى بولىشى كىرەك بولىدىكەن. ئوتتۇرىھال بولغان 50 سومنى مۇۋاپىق كۆرسەك، ئەڭ تۆۋەن 2000 نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ مۇقىم ھالدا ھەقلىق مۇشتەرى بولىشىغا توغرا كىلىدىكەن...



ئۇنىڭدىن باشقا،ئەدەبىيات ۋە ئىختىساد ژورنىلىنى نەشىر قىلدۇرۇپ تارقىتالايمىز دېسەك، ئۈرۈمچىدە 2000 تال، باشقا شەھەر ۋە ناھىيلەردە 3000 تال بولۇپ، جەمئىي 5000 تال ژورنال چىقىرالىدۇق دېسەك، بىرى 10 سومدىن جەمئىي 50000 سوم ژورنالدىن كىرىدۇ. بۇ پۇللارنى ئەدىب ۋە سەنئەتكارلارنىڭ قەلەم ھەققىگە، مۇكاپاتلاش پائالىيەتلىرىگە ۋە نەشىردىن چىقىرىش ئۈچۈن كىتىدىغان چىقىملارغا چىقارساق بولىدۇ. بۇ ژورنالنى 100 بەت دېسەك، ھەر بىر بېتىگە 100 سومدىن قەلەم ھەققى بىرىلسە 10000 سوم قەلەم ھەققىگە قالغان پۇللار باشقا چىقىملارغا ئىشلىتىلسە بولىدۇ...



ئاخىرىدا شۇنى ئىتىراپ قىلىمەنكى، مەن بىر ئىختىسادچى ئەمەس، تورچىلىقنىڭ ئەھلىمۇ ئەمەس، نەشىرياتچىلىق ھەققىدە ھېچنىمە بىلمەيمەن. پەقەت ساددا تەسەۋۋۇر ۋە خام دىت ئارقىلىق يۇقىرقى نەزىريىۋى پىلان تۈرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم. ئەگەر پىلان ۋە كۆر قاراشلىرىمدا رىياللىقتىن چەتنىگەن، خاتا كەتكەن تەرەپلەر بولسا كەڭ قېرىنداشلارنىڭ تۈزۈتۈپ تولۇقلىشىنى سورايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ پىلاننى قوللىغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بىرىپلا قالماستىن، ئەمەلىي قوللىشىنى، ئەگەر بۇ بىكەت قۇرۇلسا مۇشتەرى سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشۇشلىرىنى ئۈمۈد قىلىمەن!ئەگەر مۇشتەرى سانى 3000 ئەتىراپىغا بېرىشى مۇمكىن بولمىسا، بۇ پىلانمۇ ئەمەلگە ئاشمايدۇ...



ئاخىرقى سۆز


مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ بولىشىنى بۇرۇندىن ئويلىشىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ، خىيال قىلغېنىم خىيال پېتى قېلىپ، تېخىچە ئەمەلگە ئاشماي كەلگەن ئىدى. ئەمدى بۇ خىيالىمنى كەڭ تور ئاممىسى بىلەن ئورتاقلاشتىم. بۇ ئىش پۈتۈنلەي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسىتىدە يۈرۈشىدىغانلىقى ئۈچۈن ھەرقانداق سىياسى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلە، مۇنازىرىلەردىن خالىي بولىدۇ. خۇددى دۇنيادىكىئۇرۇش-جىدەل، سىياسى بوران-چاپقۇنلار ئىچىدىمۇ ئېلىمپەن خادىملىرى سىياسىدىن خالىي ئۆز تەتقىقاتلىرىنى قىلىۋەرگەندەك،بۇ تور بىكىتىمۇ،نىمە بولىشىدىن قەدئىينەزەر پەقەت ۋە پەقەت پەن ۋە تېخنىكا، ئەدەبىيات ۋە سەنئەت ھەمدە ئىختىساد توغرىلىق مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرلەردىلا بولىدۇ،سىياسي مەسىللەرنى مۇھاكىمە قىلىشتىن %100 خالىي تۇرىدۇ.   

jupiter يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 19:25:19

70- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

68- قەۋەتتىكى urkeshنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇنىڭ جەلبكاربىر تېما بوپ قېلىشى ۋە تورداشلار بەسبەستە پىكىر قاتناشتۇرۇشنى ئۆمۈد قىلغانتىم. بۈگۈن يەنە بۇ يەردە قىزغىنلىقتىن ھېچ ئەسەر يوق ئەپسۇسلاندىم. بەلكى سكايىپتا ئاللا بۇرۇن بېخەتەر ھالدا «مەخپى كېڭەش »نى باشلىۋەتكەنسىلەر ، ئەگەر شۇنداق بولسا ئىلگىرلەشلەرنى كەڭ خەلقتىن بولسىمۇ سىر تۇتمىغانسىلەر..!! (بۇ گەپ چاخچاق جۇمۇ بېلگەجان..!)






سەن ئىشىڭنى قىلە
بىرەر ئىش قىلساق ساڭا دوكلات قىلىش ۋەزىپىمىز يوق

ساڭا ھاجىتىمىز چۈشۈشتىنمۇ خۇدايىم ساقلىسۇن.

خوش







ئاچچىق بەكلا يامانغۇ باشقۇرغۇچى زىيالى ئەپەندى ؟،،،،،، ھەي

kurbanjannn يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 08:40:02

بەك بەلەن گەپ بوپتۇ. قىنى دوستلار غەيرەتكە كىلىپ بۇ ئىشىمىزنى قوللايلى.

xaytan0996 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 08:51:17

قوللايمەن!!! ئانا تىلىم ئۈچۈن بارلىقىم پىدا!!

karwan21 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 09:16:50

ئۇزاق مەزگلدىن قارىغاندا ئىجتىمائىي ئۇنۇمنىڭ ياىشى بولىشى تەبىئي ، لىكىن بازار ئىھتىياجىدىن قارىغاندا مەكتەپلەردە دەرسىتە ياخشى ئوقوغۇچىلار قوش تىلدا ئوقۇۋاتىدۇ .باشقا ئوقوغۈچىلار مەكتەپتىن قىچىپ كەتمىسلا بولدى . جەمىيەتتە دىھقانلار ،تىجارەتچىلەر ، خىزمەتچىلەر قاتلىمىنىڭ قىززىقىشى قانچىلىك بولار . ھاياجان بىلەن قوللاشنىڭ ئۇزۇن مۇددەت داۋاملىششى ناتايىن.بۇنۇڭ بىلەن تور بىكەتنىڭ ئىزچىللقىغا تەسىر يىتەرمىكىن . ئەسىلدە بۇ ھوكۇمەتنىڭ مەسئۇلىيتى بولۇشى كىرەك ئىدى بىراق ..... لىكىن يەنىلا بازار ئىھتىياجى ۋە ئىجتىمائىي ئۇنۇمنى بىرلەشتۇرۇپ ھەر خىل شەكىلدە ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ .

Alif يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 09:41:15

Biligنىڭ تېمىسىدىن نەقىل



ئىجتىمائىي پەن: باشلانغۇچ مارىپتىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە بارلىق ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى

توردا ئېچىلىدىغان ppt ھۆججىتى شەكىلدە ھەمدە كىينچە 45 مىنۇتلۇق سىن-دەرس شەكىلدە تورغا يوللىنىدۇ.

مەخسۇس، تور مەكتىپىمىزگە تىزىملىتىپ دەرس ئالسىمۇ بولىدۇ ياكى ئائىلە تەكرارى سۈپىتىدە قوشۇمچە پايدىلانسىمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ مۇشتەرىيلىرى ھازىرقى تىلدا قىيلىنىپ كىتىۋاتقان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ باللىرى بولىدۇ. دەرسلەر باشلانغۇچنىڭ ئېلىپبە دەرسىدىن باشلاپ،تاكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئەدەبىيات سەۋىيەسىگىچە بولسا بولىدۇ.



تور مەكتىپىنىڭ كۆپ خىل پايدىسى بار. ئېلىمپەن ئاتالغۇلىرىنى قېلىپلاشتۇرغىلى بولىدۇ،ئانا تىل سەۋىيەسىنى يۇقىرى بالداققا كۆتۈرگىلى بولىدۇ، ئانا تىل تەپەككۇر ئەندىزىسىنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرغىلى بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقىنى كۆتۈرۈپ، ئۇلارغا ھەقىقىي نەپ بەرگىلى بولىدۇ، بىلىمنىڭ جەۋھەرلىرىنى ھەقىقى يوسۇندا ئۆگەتكىلى ۋە ئۆگەنگىلى بولىدۇ...




مۇشۇنىڭغا ئائىت ماتېرىياللارنى مەن يىغىۋاتقان. ياردەم قىلالامدىم؟ http://www.izchilar.com


charwichi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 09:58:30

بۇ ناھايىتى ياخشى پىلان بوپتۇ.

تېمىدا تىلغا ئېلىنغان تور بېكەت سېستىمىسى توغرىسىدا ئازراق تەكلىپ بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

سىزنىڭ نىمە ئۈچۈن جۇملا(joomla) نى ئىشلەتسەك بولىدۇ دىگىنىڭىزنى بىلمىدىم. بەلكىم جوملاغا ئائىت ئۇچۇرلارنى ئىگەللىگەن بولىشىڭىز مۇمكىن.

باشقا تور بېكەت سېستىمىلىرىدىن پايدىلانساقمۇ بولىدۇ.

مەن بىر تور بېكەتنى تەۋسىيە قىلاي:

http://www.popsci.com/



بۇ ئايلىق ژورنال بولۇپ، بىزدە نەشىر قىلىنىدىغان ‹‹بىلىم-كۈچ›› ژورنىلىغا ئوخشاپ قالىدۇ.

ئەمدى بۇ تېمىدا تىلغا ئېلىنغان تور بېكەتنىڭ ئەھۋالىغا كەلسەك، تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

1. پەننىي ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرى

بۇ تۈردە يېزىق، ئاۋاز، ۋىدىئو ۋە باشقا فورماتتا تۈرلۈك مەزمۇن يوللاش.

2. تور دەرسخانىسى

3. تور ژورنىلى: pdf,html, epub,mobi فورماتىدا تارقاتقىلى بولىدۇ.

4. گورۇپپا (QQ گورۇپپىسىغا ئوخشاش)

مەلۇم بىر پەن، تېخنىكا ۋە ساھەگە قىزىقىدىغانلار ئۆزئارا بىلىم،ئۇچۇر ۋە باشقا مەزمۇنلارنى ھەمبەھىرلىسە بولىدۇ.

5. ئەمەلگە ئېشىش ئېھتىماللىقى، ئۈزلۈكسىزلىك ۋە ئايلانما مەبلەغ مەسىلىسىدە مەزمۇن بەك ئىنچىكە بولماپتۇ.



مەبلەغ مەسىلىسىدە ئالدى بىر شۇنداق تور بېكەتنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. تور بېكەت سېستىمىسىغا پۇل كەتمەيدۇ. چۈنكى ھازىر بۇنداق ساھەلەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاشكارە كودلۇق ھەم ھەقسىز سېستىمىلار كۆپ. تور نامى ۋە بوشلۇق ئۈچۈن ئايلىقى 700 سوم يەتمەيدۇ..

تور بېكەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئېلان قۇبۇل قىلىش، تور ژورنىلىنىڭ ھەقلىق نۇسخىسىنى تارقىتىش (يان تېلىفون نۇسخىسى ۋە باسما نۇسخىسى)، رادىئو ۋە تېلىۋېزور ئۈچۈن پروگرامما ئىشلەش...قاتارلىقلار بىلەن ھەل قىلىنسىمۇ بولىدۇ.

بۇ يەردە ئەڭ مۇھىمى تەۋەككۈل قىلىپ مەبلەغ سالالايدىغانلار چىقسا ياخشى بولىدۇ. قالغان ئىشلار ئاندىن يۈرۈشۈپ كېتەلەيدۇ. بېكەتكە تىزىملاتقانلارنىڭ ئايلىق،يىللىق ھەققى بىلەن ھىچ ئىش ھەل بولمايدۇ. پەقەت 5-10 يىللىق تەۋەككۈل مەبلەغى بولسا ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن.



ھازىرچە ياخشى ئەھۋال تېخنىكىلىق قىيىنچىلىق يوق دىيىشكە بولىدۇ.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 10:23:34

ياخشى پىلانكەن.

لېكىن مۇقىم بىر كىرىم مەنبەسى بولماي تۇرۇپ، مۇشتەرى قوبۇل قىلىش شەكلى بىلەن يىغىلدىغان مەۋھۇم پۇل بىلەن بۇ ئىشنى داۋاملاشتۇرغىلى بولمايدۇ. تورغا چىقىدىغان ئازغىنە ئادەمدىن بەك كۆپ ئۈمىد كۈتۈپ كېتىپسىز.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:22:08

پىلان ياخشى ئىكەن، لىكىن ئالىپ بۇرادىرىمىز دىگەندەك ئىزچىل يۈرۈشتۈرۈپ مېڭىش بەك قىيىن بولارمىكىن.

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:29:15

پىدائىيلارنى ئانچە مۇنچە تەشكىللەپ پارتىزانلارچە ئىش باشلىغاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كىيىن رەسمى ھالەتكە ئۆتكەن ياخشىراقمىكىن.

akaxtexi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:40:48

بەك ياخشى تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرغا قۇيۇپسىز ،مەنمۇ مۇشۇنداق ئويلاۋاتقىلى ئۇزاق بولغان ،ھېچ بولمىسا ئانا تىلىمىزدا مۇكەممەل بىر ‹تور مەكتىپى› قۇرۇپ چىقىش كىرەك ئىدى ،مانىڭغا ئوخشاش .

http://smartclass.g12e.com/#xkfa



ئۇيغۇرلاردىمۇ قۇرۇپ باققانلارمۇ باركەن مانا :





http://www.e-muallim.com/



ئالدى بىلەن مۇكەممەل تور بەتتىن بىرنى قۇرۇپ چىقايلى ،ئاندىن شۇ توردا تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ مەبلەخ سالغۇچىلارنى جەلىپ قىلىپ پاي چەك شەكىلدىكى شىركەت قۇرۇپ چىقايلى ،سىز دىگەن مەبلەخنى تەييارلاش ئاسان ئەمەس ،لىكىن توربەت قۇرۇلغاندىن كىيىن ئىلىم سۈيەر قېرىنداشلىرمىز

ھەقسىز ھەركەتكە كىلىدىغانلىرى چۇقۇم چىقىدۇ ،شۇلارنىڭ يادىمىدە مەلۇم باسقۇچقا كەلگەندە ئاندىن ھەقلىق مائاش بىلەن خادىم قۇبۇل قىلىپ

تەدىرجى مۇكەممەللەشتۈرسەك بۇلىدۇ .






kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:42:47

8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىدائىيلارنى ئانچە مۇنچە تەشكىللەپ پارتىزانلارچە ئىش باشلىغاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كىيىن رەسمى ھالەتكە ئۆتكەن ياخشىراقمىكىن.



مەنمۇ قوللايمەن ، ھەممىنى پۈتتۈرۈپ ئاندىن بىر ئىش قىلىمەن دىگىلى بولمايدۇ -دە.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:02:52

8- قەۋەتتىكى ziyaliنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پىدائىيلارنى ئانچە مۇنچە تەشكىللەپ پارتىزانلارچە ئىش باشلىغاندىن كىيىن ئانچە مۇنچە ئۈنۈمى كۆرۈلگەندىن كىيىن رەسمى ھالەتكە ئۆتكەن ياخشىراقمىكىن.



زىيالىينىڭ پىكرىنى قوللايمەن...باشلاش خىيالىڭىز بولسا ۋاقتىدا تۇتۇش قىلىڭ، مېنىڭچە پارتىزانلارمۇ ئاز چىقمايدۇ...




akaxtexi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:04:07

توربەت قۇرۇپ بولغاندىن كىيىن باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىرىنى ئانا تىلدا نەق مەيداندا دەر ئۈتۈپ سىنغا ئېلىپ توربەتكە چىقىرىش بىلەن بۇ ئىشنى باشلانغان بۇلىدۇ ،بۇ توربەتتە تەبىئى پەننى ئاساس قىلىش كىرەك !



تەبىئى پەندىن دەرس سۆزلەش مىتودى ياخشى ئۇقۇتقۇچى تاپقىلى بولغان بولسا مەن بۇ ئىشنى ئاللىبۇرۇن باشلاپ كەتكەن بۇلاتتىم .



ئۇقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بۇلىدۇ :بىرى تەييارلاپ بىزگە تاپشۇغان دەرس سائىتىگە ھىساپلاپ پۇل بىرىش ،يەنە بىرى :شۇ ئۇقۇتقۇچىنىڭ دەرىسىنى شۇ توربەتكە قويغاندىن كىيىن باشقىلار شۇ دەرسنى سېتىۋالسا كىرىمنىڭ يېرىمىنى بىرىش .



ئىشقىلىپ ئىشنى باشلىساق مەن ئالدى بىلەن مەبلەخ چىقىراتتىم ......

بىر چ چ توپى قۇرايلى بولمىسا ....مىنىڭ چ چ 2280859571

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:23:17

ئىش باشلىغاندا كېرەك بولغان مەبلەغنى بىر نىمىلەرنى قىلىپ تاپقىلى بولىدۇ.

ئىش باشلىۋېلىش تەس ئەمەس ئەمما داۋاملاشتۇرۇش ئۇنچە ئاسان ئەمەس بولسا كېرەك.

يەنە بىر يېرى

بىز مەكتەپ قۇرىمىز داۋاتقان يەر ئىلمىي ئەمگەكلەرنىڭ ئىگىدارلىق ھوقوقى قىلچىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىنمايۋاتقان يەر.

urkesh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:34:07

ئەڭ سەمىمىي تەسەۋۋۇر..!! \"\" \"\"

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:38:50

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،

سىن-دەرس كۆرۈنمەي قاپتۇ، تەھرىرلەپ قويۇلغان بولسا ياخشى بولاتتى.

...........................................................................



يۇقىرقى بارلىق قېرىنداشلارنىڭ پىكىر بەرگىنىگە تەشەككۈر!



ھەقىقەتەنمۇ ئېغىزدا دىيىلگەن، نەزىرىيەدە كۆرسىتىلگەن نەرسىلەر ئەمەلىيەتتە تەس... لىكىن، بۇلا ئەمەس ھەرقانداق تەسەۋۋۇرغا سىغىدىغان ئىشنىڭ قىلغىلى بولمايدىغان يېرى يوق مېنىڭچە. قاراپ باقساق، ئېنىگىلىزچە، خەنچە تورلاردا بىلىم تارقىتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش كەڭ كۆلەملىك بىر ھالەتتە ئىكەن... بىزمۇ ئۆزىمىزگە، نۇپۇسمىزغا ۋە تورغا چىقىش ئىمكانىيتى بارلارنىڭ سانىغا قاراپ بۇ ئىشنى كۆلەملەشتۈرۈپ باقساق بولىدۇ دەپ ئويلايمەن.



ئەسلىدە بۇ ئىشنى پارتىزانلارچە، داۋراڭسىز، ئاستا-ئاستا باشلاپ بېقىش خىيالىدا بولغان ئىدىم. ئەمما، يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ پىكىرىنى، كۆز قاراشلىرىنى ۋە قوللاش ماھىللىقىنى كۆرۈپ بېقىپ، ئاندىن بىر ئىشى قىلاي دېدىم. بۇ يازمىدا دىتلىغان سان-سىفىرلار تەخمىنەن بولغاچقا رىئاللىقتىكىسى بىلەن بەلگىلىك پەرقنى ساقلىشى مۇمكىن. بۇنى توردا مۇزاكىرە قىلىپ ئىنچىكە بىكىتسەك بولىدۇ.



تور بىكەت قۇرۇش ئىشى تەس ئەمەس، تور بىكىتى ئۈچۈن مەبلەغمۇ چاغلىق. لىكىن، تور بىكىتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ كۆزلىگەن مەخسەتكە يېقىن ۋە ئۈزلۈكسىز ھالدا مېڭىشى ئۈچۈن كۆپچىلىكنىڭ ئەمەلىي قوللىشى بەكمۇ مۇھىم! بۇ قوللاش، 1) تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش، 2) بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش ۋە 3) ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.



1) تېخنىكا جەھەتتىن قوللاش: توربەتچىلىككە، كومپىيۇتېر بىلىملىرىگە پىششىق ئۈچ نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ مۇقىم ھالدا بۇ تور بىكىتى ئۈچۈن ئىشلەش.

تېخنىكا جەھەتتىن قوللايدىغان ئۈچ نەپەر قېرىنداشنىڭ تېپىلىشىدا مەنچە مەسىلە يوق!



2) بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش: ماقالە يوللايدىغان، دەرس ئۆتىدىغان قېرىنداشلارنىڭ چىقىشى

بىلىم مەنبەلىرى جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپ سەۋىيەسىدىن يۇقىرى سەۋىيەدە جوڭگو ۋە چەتئەللەردە بىلىم ئېلىۋاتقان، ۋە بىلىم ئالغان قېرىنداشلاردىن ۋە تەجىربىلىك ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىللىرىدىن توپلامدا تەخمىنەن 25 نەپەر قېرىندېشىمىزنىڭ (ھەق ئېلىپ تۇرۇپ) بۇ تور بىكىتىنى ئۈزلۈكسىز بىلىم بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشى زۆرۈر بولىدۇ. مەن بۇنىڭ ئىچىدە بىرسى بولسام، ماڭا ئوخشاش ئاۋارىكەش قېرىندېشىمىزدىن يەنە باشقىلار ئاۋاز قوشسا بۇ ئىشمۇ ھەل بولىدۇ. مەن بۇ 25 ئادەمنىڭ چىقماسلىقىغا ئىشەنمەيمەن...



3) ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش: كەم دىگەندە 2000 دىن 3000 غىچە قېرىندېشىمىزنىڭ ئايدا 30 سومدىن 50 سومغىچە بولغان مۇشتەرى ھەققى ئارقىلىق بۇ تور بىكىتىنىڭ نورمال يۈرۈشىشىنى ساقلاش.

ئىختىساد جەھەتتىن قوللاش ئۈچۈن كەڭ تەشۋىق قىلىشقا توغرا كىلىدۇ. نورمالدا بىر ئۇيغۇرچە تور بىكىتىنىڭ 3000 دىن 5000 غىچە ئەزاسى بولىدۇ دېسەك، بىزنىڭ بۇ تور بىكىتىمىزگە ئايلىق مۇشتەرى ھەققىگە چىداپ تۇرۇپ تىزىملىتىدىغان قېرىندېشىمىزدىن كەم دىگەندە 2000 نەپەرنىڭ چىقىشىغا بىر يىللىق ھۆددە قىلالىساق بۇ بىكەت بىر يىل خاتىرجەم مېڭىپ كىتىدۇ. بىر يىل ئوبدان ماڭالىسا، كىلەر يىلىمۇ ئوخشاش ماڭىدۇ ياكى تەرەققىي قىلىدۇ، ئەلھەمدۇلىللاھ دەيمىز؛ ئەگەر ياخشى ماڭالمىسا ئەلەكمۇلىللاھ دەيمىز...

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:50:37

ئىزدىنىشتىكى تېمىلارغا بىرەر قۇر قاراپ چىقساق، قىزىقارلىق بىر ئىشنى بايقايمىز.

تەسەۋۋۇپ سوپى دىگەنگە ئوخشاش تېما بولسا داۋاملىق پىكىر قاتناشتۇردىغان بىر قانچە توردىشىمىز بار.

خىرىستىئانلارغا ئائىت تىمىلاردىمۇ ئوخشاشلا بىر قانچە توردىشىمىز بار ناھايىتى قىزغىن.

دۇنىيا ۋەزىيىتى قاتارلىق تېمىلارنىمۇ ئىزدىنىشتا پاترول قاتارلىق بىر قانچە توردىشىمىز قىزىتىپ ماڭىدۇ.

ئىلىم-پەن، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تېمىلىرى مۇشۇ بىلىگ بۇرادىرىمىز بىلەن قىزىۋاتىدۇ.

ئەدەبىيات سەنئەت تېمىلىرى ھەم شۇنداق.

لىكىن ئورتاق نوقتا باشقا تېمىلاردا يۇقۇرقى تورداشلىرىمىزنى كۆپ ئۇچىراتمايمىز. بۇ نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

مېنىڭچە ھەر بىر توردىشىمىزنىڭ خاسلىقى بار. يەنى ئۆزى شۇغۇنلىنىدىغان، قىزىقىدىغان ساھەدە ئاندىن مۇنازىرە قىلىدىكەن، قاتنىشىدىكەن. دىمەكچى ئىزدىنىش ۋە ياكى باشقى مۇنبەرلەر بولسۇن، قارىسا ئاۋات، قايناق كۆرۈنگەن بىلەن، ھەر بىر ساھەدە مۇناسىۋەتلىك تورداشلار بەك ئاز سانلىق.

باغداشتىكى ئانا تىل يەسلىسى تېمىسى بىلەن ئانا تىل ھازىر تور دۇنيارىمىزدا قىززىق نۇقتىغا ئايلاندى. لىكىن باغداشنىڭ تاقىلىشى بىلەن بەلكىم بۇ قىززىق نۇقتا بارا-بارا سوۋۇپ كېتىشى مۇمكىن.

زىيالى دىگەندەك دەسلەپ پىدائى توپلاپ، پارتىزانلاچە ئىش باشلاش مۇمكىن، لىكىن بۇ پىدائىلار قانچىلىك سالماقنى ئىگەللىيەلەيدۇ؟ دەسلەپتە بىر قىزغىنلىق بىلەن بەلكىم 50 ياكى 100 ئادەم چىقار، تور بەتنىغۇ ياسىۋالارمىز، ئاخىرىچۇ؟

مۇقىم ئىقتىسادى مەنبە يوق ئىشنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشى بەك تەس. ئاۋامنىڭ تەقەززاسىغا ئايلانمىغان ئىشمۇ مېنىڭچە ھەم شۇنداق. گەرچە ئانا تىل يەسىلىسى پىلانىغا دائىر ئىشلارنى تولۇق بىلىپ كەتمىسەممۇ، ھېس قىلىشىمچە ئانا تىل يەسلىسى، ئانا تىل مەكتەپلىرى قۇرۇش ئىشلىرى ھازىر دۈچ كىېلىۋاتقان مەسىلىمۇ مېنىڭچە مەبلەغ مەسىلىسى بولۇشى مۇمكىن. بۇ ئىشلارغىمۇ سەپەرۋەر قىلغىلى بولىدىغان پىدائىلار مېنىڭچە ئاساسەن سەپەرۋەر قىلىنىپ بولدى بەلكىم.

بۇلارنى سۆزلەپ بىلىگ بۇرادىرىمىزنىڭ بۇ ياخشى پىلانىغا سوغۇق سۇ سەپمەكچى ئەمەس، پەقەت ئۆزۈم ھىس قىلغان نەرسىلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقتىم. خاتا چۈشەنچە بولۇپ قالمىسا.

بىر مىسال ئالسام، ماگىنات، تېرىست دىگەن ئاتالغۇلار بىلەن كۆپچىلىك ناتونۇش ئەمەس. ئامېرىكا دىگەندەك دەرجىدىن تاشقىرى دۆلەتلەرگە مونۇپۇللۇق ئەكىس تەسىر ئېلىپ كەلگەن بىلەن بىزلەرگە مونۇپۇل قىلىشنىڭ بەلكىم پايدىسى بولۇشى مۇمكىن. يىمەك-ئىچمەك ساھەسىنى ئارمان، ئىخلاس دىگەن بىر ئىككى شىركەت مونۇپۇل قىلسا، ئىلىكتۇرۇن شىركەتلىرىنىمۇ ئوخشاشلا بىر ئىككى شىركەت مونۇپۇل قىلسا، باشقا ساھەلەرنىمۇ ئوخشاشلا بىر ئىككى شىركەت مونۇپۇل قىلسا، بازاردىكى قالايمىقانچىلىق سۈپەت مەسىلىلىرى بەلكىم كۆرىنەرلىك دەرجىدە ھەل بولۇشى مۇمكىن ئىدى.

مېىنىڭچە بىلىگ بۇرادىرىمىز ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مەسىلىدە، ئوخشاش خىلدىكى، ئوخشاش ساھەدىكى تور بېكەتلىرى قوشۇلۇپ كېتىش، بىرلىشىش بىردىنبىر چىقىش يولى بولۇشى مۇمكىن.

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 13:05:32

ئۆتكەندە گۇگۇل تەرجىمىگە ئۇيغۇرچە قىتىشقا بىرەيلەن 25مىڭ دوللار مەبلەغ چىقىرىپتىكەن،ئىزدىنىشتا كۆرگەندەك قىلىۋىدىم ئۇ تىمىنى،ئۇ ئىشلار قانداق بوپ كەتتى ھازىر؟ ھازىر مەبلەغ بولسىمۇ ئەستايىدىل باش بولمىغاچقا ۋۇجۇدقا چىقمىقى تەس بولىشى مۇمكىن.لىكىن باشتا ئاددىي باشلاپ تۇرساقمۇ بارا-بارا تەرققىي قىلىشىغا ئىشىنىمەن.دەرس ئۆتىدىغان ئوقۇتقۇچىلارنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىدىن تاپسا بولىدۇ،ئۇلار‹مەنمۇ با {:92:}› ھەم جۇشقۇن،ھاياتى كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، بولۇپمۇ تەبىي پەندە ئوقوغانلاردىن خىلى ئىقتىسادلىقلار بار.بۇلارنى تاپماق تەس ئەمەس.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار تۆۋەن ئىش ھەققىگە ئىشلەۋاتىدۇ،مەن بىلىدىغان نۇرغۇن بالىلار سائەتلىكى 10يۈەندىن 25يۈەنگىچە باشلانغۇچنىڭ دەرىسىدىن تولۇق ئوتتۇرىنىڭ دەرىسىگىچە ئۆتۈپ بىرىۋاتىدۇ.باشتا بىرسىڭلار باش بولۇپ ئىش باشلاڭلار،ئاندىن كۆپكە مەسلىھەت سالساڭلار بولىدۇ،بولمىسا ئىش باشلانماستىنلا قىزغىنلىقلارغا سوغۇق سۇ سىپىلىدۇ.مەنمۇ ئاددى بىر ئىنگىلىزتىلى ئۈگىنىدىغان بىلوگ ئىچىۋالغىلى خىلى بولدى. ئاددرىسى :http://www.tilhumar.biz ماڭا بۇ توربەتكە يىللىق چىقىمغا 500كوي ئەتراپىدا كىتىدۇ.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 13:56:48

@Bilig، ناھايتى ئورۇنلۇق، ئېسىل پىكىرلەركەن. ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن ئىزدەنگەنلىكىڭىزگە يەنە بىر قىتىم تەشەككۈرلەر بولسۇن! ئەگەر مۇشۇنداق تور بەت قۇرۇلسا، مەن بىرىنچى بولمىسام ئىككىنچى بولۇپ مۇشتىرى بولىمەن ھەم كۈچۈمنىڭ بارىچە ھەسسەمنى قوشۇشنى خالايمەن.

مىنىڭمۇ بىر چەتئەلدە ئوقۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چەتئەلدە ئوقۇشقا ئىلتىماس قىلىۋاتقانلارغا مەسىلھەت ۋە ئىقتىسادى ياردەم قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر تور بەت قۇرۇش ئويۇممۇ بار ئىدى. بۇنى بىر نەچچە يىقىن دوستلۇرۇم بىلەن بىللە نەچچە رەت مۇزاكىرە قىلغانتۇق، لىكىن ھازىرغىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدۇق. بەلكىم يۇقىرىدىكى تور بەت قۇرۇلۇپ قالسا ئۈلگە ئىلىپ بىز ئويلىغان ئىشلارمۇ ئەمەلگە ئېشىپ قالار. مۇشۇنداق ئوخشىشىپ قالىدىغان پىكىرلەرنىڭ بولۇشى كىشىلەرنى بىر-بىرىگە ناھايتى يىقىن ھېس قىلدۇرىدۇ. شۇ تاپتا سىزنى كۆرسەم كونا ئاغىنىلەردەك پاراڭغا چۈشىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىۋاتىمەن. رەھمەت قېرىندىشىم، ئىنشا ئاللاھ، بۇ ئىشلارمۇ پات-ئارىدا ئەمەلگە ئېشىپ قالار. مەن قىلالىغۇدەك ئىش بولسا كونكىرىت، ئىېنىقى بىلەن سورىسىڭىز چوقۇم رازى بولغۇدەك ئورۇنداپ بىرىمەن.
بەت: [1] 2 3 4 5
: (بىلىك) پەننى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانى