pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 21:06:37

ئالما شىركىتى WWDC 2013 دىكى يېڭىلىقلار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دوستلار،ئامېرىكا ۋاقتى 6-ئاينىڭ10-كۈنى ئالما شىركىتىنىڭ 2013-يىللىق خەلقئارالىق تەتقىقاتچىلار يىغىنى باشلانغان بولسىمۇ، شۇنچە كۆپ ئالما ھەۋەسكارلىرىنىڭ بۇ خەۋەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ ۋاقتىدا تورغا يوللىمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلاندىم ، مەن تېخى مەن ئالدىراشچىلىقتا بۇ ئۇچۇرلارنى يوللاپ بولغۇچە باشقىلار يوللاپ بولىدىغان بولدى دەپ ئويلاپ كېتىپتىكەنمەن...

تېمىغا قايتىپ كەلسەك، ئالما شىركىتى بۇ يىغىندا ئالما ھەۋەسكارلىرى ۋە تەتقىقاتچىلارغا ئېلىپ كەلگەن خېلى كۆپ بولۇپ ، توردا بۇ توغرىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. تۆۋەندە بۇ يېڭىلىقلاردىن ھەممەيلەن تەڭ بەھىرلىنەيلى !!


1. IOS 7


بۇ يېڭى سېستىما ئەلۋەتتە بۇ قېتىمقى يىغىندىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا بولۇپ قالدى


aa


بۇ ئايغونغا قاچىلىنىدىغان يېڭى سېستىما بولۇپ ، ئۇنىڭ تېلىفون ئىكرانىدىكى رەسىم-بەلگىلەرنىڭ بۇرۇنقى رەسىملىرى، رەڭلىرى ئۆزگىرىپلا قالماستىن يەنە خېلى كۆپ ئىقتىدارلار قېتىلغان ئىكەن:


bb


cc


dd


ee


ff





رەسىمدىكى يېڭىلىقلارنى ئىنكاس شەكىلىدە ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن...

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 23:08:05

ئايفون ئالتە چىقىدىكەن 9-ئايدا دەۋاتاتتى. قانداق بولاركىن.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 10:10:05

بۇ سېستىمىغا نارازىلىقلارمۇ خېلى باركەن...ئەنجۈرنى تەقلىد قىلىش ئېغىر دەپ ...

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:50:49

(1) كونترول مەركىزى:

بۇ سېستىمىغا يېڭى قېتىلغان ئىقتىدار بولۇپ، ئىكران ئاستىدىن ئۈستىگە سىيرىغاندا بۇ كونترول مەركىزىنى كۆرگىلى بولىدىكەن،كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئىكران يوروقلۇق دەرىجىسىنى تەڭشەش، قول چىراغ، كۆكچىش، سىمسىز تور، ھېسابلىغۇچ، كامېرا، مۇزىكا قويغۇچ قاتارلىق ئىقتىدارلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئاندوريىد سېستىمىسىنى تەقلىد قىلىۋالغانلىق دەپ نارازى بولغان ئىكەن

(2) Siri تېخنىكىسى

بۇ قېتىم ئالما شىركىتى بۇ Siriنىڭ جاۋاب ئىزدەش سۈرئىتىنى تېزلىتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەر كىشىنىڭ ئاۋازىنىمۇ قاتقان، شۇنىڭ بىلەن ئەر كىشىنىڭ ياكى ئايال كىشىنىڭ ئاۋازىنى تاللاش ئەركىنلىكى ھەل بولغان بوپتۇ.

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:14:03

(3) ھاۋارايى

بۇ يېڭى سېستىمىدا مەلۇم شەھەرنىڭ ھاۋارايى ئەھۋالىنى كۆرمەكچى بولساق، ئەگەر شۇ شەھەردە ھاۋا ئوچۇق بولسا كۆپ-كۆك ئاسمان بىلەن قۇياش، قار ياغىدۇ دەپ مەلۇمات بەرگەن بولسا قار يېغىۋاتقان رەسىم، يامغۇر ياغقان بولسا يامغۇر يېغىۋاتقان، چاقماق چاققان دېگەندەك كىشىنى جەلپ قىلىدىغان رەسىملەر پەيدا بولىدىكەن.

(4) كامېرا

يېڭى سېستىمىدا تۆت خىل كامېرا ئشلىتىشكە بولىدىكەن : Video كامېرا، فوتو كامېرا، كۋادىرات شەكىلدە رەسىم تارتىدىغان كامېرا، 360 گىرادۇسلۇق كەڭ دائىرىدە سۈرەت تارتىدىغان كامېرا . ئۇنىڭغا يەنە رەسىم سۈزگۈچلىرى قاچىلانغان بولۇپ ، باشقا يۇمشاق دېتال ئىشلەتمەيلا بىۋاستە پايدىلانغىلى بولىدىكەن.

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:35:45

ئالما 5 ئەسمۇ  بۇ ؟

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 12:42:27

تېلىفون ئالما5 لېكىن سېستىمىسى IOS7... قاتتىق دېتال تېخى ئۆزگەرمىدى، يېڭى سېستىمىنىڭ سىناق نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ، كۈزدە رەسمىي نۇسخىسى ئېلان قىلىنماقچى. بەلكىم ئالما6 تېلىفونمۇ مۇشۇ كۈزدە بىز بىلەن يۈز كۆرۈشۈشى مۇمكىن...

kitabpurux يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 13:01:01

شۇندامۇ دەپ تۇرىلى ...

سىستىمىنى ئايفۇن 4 ئەس كە قاچلىغىلى بولامۇ ؟  {:106:}

pervaz يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 17:46:36

بۇ يىل 9-ئاينىڭ ئاخىرى ئايغون 4 ئەس كە قاچىلىغىلى بولىدۇ ، ھازىر ئايفون 5 نى تازا سېتىۋالايلى دەپ پەقەت ئايفون5 ،iPad4、iPad mini、Touch5 دېگەنلەرنىڭ سېستىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدىكەن... بىراق ئۆيدىكى iPad mini نىڭ سېستىمىسىنى يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولمدى! جۇڭگو غا قارىتىلغان ئالاھىدە ئەھۋالمىكى بۇ ؟ ئۇقالمىدىم...

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-23 20:02:41

ھازىر تېخى يۇمشاق دېتال تۈزگۈچىلەر نۇسخىسى تارقىتىلغاندۇ.

سالاھىيەت بولمىسا قاچىلىغىلى بولمايدىغۇ دەيمە
بەت: [1]
: ئالما شىركىتى WWDC 2013 دىكى يېڭىلىقلار