tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 09:54:36

بىر كىرىپ چىكىتىڭلار(كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم


ھازىر بىر خىل مۇرەككەپ ماي ئىشلەۋاتقان،بىر نەچچە مەسىلە توغرىسىدا ياردەمگە مۇھتاج بولۇپ قالدىم .

تېبابىتىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ماي ياسالما تۈرىدە ماي ياسالماقچى بولغان دورا قۇرۇق بولسا شۇ دورىنى چالىراق سوقۇپ، سۇغا بىر كىچە كۈندۈز چىلاپ ئۈچنىڭ بىرى قالغۇچە قاينىتىپ ،دورا تىرىپىنى سۈزۈپ تاشلاپ، دورا سۈيىنىڭ ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ماي قۇيۇپ سۈيى تۈگەپ مېيى قالغۇچە قاينىتىپ تەييارلىنىدۇ. ھازىر ئويلاۋاتقىنىم مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مېيى ياسالماقچى بولغان دورىنىڭ تەركىبلىرىنى تۇلۇق ئاجرىتىپ مايغا ئۆزلەشتۈرگىلى بولامدۇ ياكى ھازىرقى دورىگەرلىك تەتقىقاتىدا ئۈنۈمى ياخشى ۋە قولايلىق بولغان بىرەر ئۇسۇللار بارمۇ ؟ بۇ بىرسى ، يەنە بىرسى ئايلانما ئېقىم دېگەن نىمە؟ تەپچىتىش ئۇسۇلى دېگەن نىمە؟ يەنى بىر خىل دورا ياسالمىسىدا مۇنداق كەلگەن : يۇقىرىقى دورىلارنى يىرىك تالقانلاپ ،سۇيۇق ئېكىستىراكىت بىلەن ئېكىستراكىتلارنى تەييارلاشتىكى تەپچىتىش ئۇسۇلى بويىچە 60% لىك ئېتىل ئىسپىرىتنى ئېرىتكۈچى قىلىپ ، 48 سائەت چىلاپ قويغاندىن كېيىن تەپچىتىپ، *** چىلىك تەپچىتىلگەن سۇيۇقلۇق يىغىۋېلىنىدۇ، دورا تىرىپىغا 60%لىك ئېتىل ئىسپىرت قۇيۇپ ، ئايلانما ئېقىمدا تۆرت سائەت چەككىلەپ ،سۈزۈپ ، سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇق بىلەن يۇقىرىقى تەپچىتىلگەن سۇيۇقلۇقنى بىرلەشتۈرۈپ 2% لىك لاۋروكاپرام قوشۇپ ، تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ 24سائەت تىنچ تۇرغۇزۇپ ،سۈزۈپ،سۈزۈلگەن سۇيۇقلۇقنىڭ ئۇمۇمى مىقدارى **** مىللىلىتىر بولغىچە 60% لىك ئېتىل ئىسپىرتنى قوشۇپ تەكشى ئارىلاشتۇرۇلىدۇ دېيىلگەن. بۇ ياسالما تەرتىپىنى ئىزاھلاپ بەرسەڭلار.....

ئاخىردىكى مەسىلە تەييار بولغان ماينى تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدائىككى ھەپتىلەر تۇرغۇزىدىغان ئىش بار ئىدى،ماينى قۇملۇققا ئاپىرىپ ساقلاپ ياتقىلى بولماس، تۇرپاندا مۇشۇ ئىشىمىزغا ياردەم بولغۇدەك قايسىڭلار بار ؟

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 10:55:50

تەپچىتىپ دېگىنى ئوتتۇرا مەكتەپ دەرسلىكىدىكى سۇنى تازىلاش قۇرۇلمىسىدىكى ( سېزىلدۇرۇش) دەك ئىشمۇ قاانداق؟



ئۈستدە بۇلغانغان سۇ.

شېغىل

قۇم

ئەڭ ئاستىدا تۆشۈك بار بولۇپ سۇدىكى غەلدە- غاش قاچىدا قېلىپ سۇنىڭ ئۆزى قاچا ئاستىدىن سىرغىپ چىقىدۇ.


hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 11:14:06

قايسى خىل خام دورىدىن ماي ئايرىماقچى؟

مەسىلەن ، قەلەمپۇر ياكى دارچىن دېگەندەك قۇرۇق، قاتتىق دورىلاردىن ماي ئايرىماقچى بولساق، ئۇ خىلدىكى دورىلار تەركىبىدىكى ئىۋگىنول دېگەندەك خىمىيىك ماددا ياكى ماددىلار توپى سۇدا ئەمەس، ئىسپىرىتتا ياخشى ئىرىگەنلىكى ئۈچۈن، باشقا ياغقا قوشۇپ قاينىتىش، سۇدا قاينىتىپ، قاينىتىلمىسىنى قويۇقلاندۇرۇپ ئېلىۋىلىش دېگەندەك ئۇسۇللارنى قوللانمايمىز. ئىسپىرىت بىلەن چەككىلەپ ئالساق كۇپايە. ئۇچۇچان مايلارنىمۇ شۇ. لېكىن كىينچە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىش ئىھتىماللىقى بولسا سىلى يۇقىرىدا مىسال كەلتۈرگەن ئۇسۇلنى قوللانغىلى بولمايدۇ. چۈنكى بۇ خىل ئۇسۇل تەجرىبىخانا مۇھىتىغا ماس كېلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىشقا ئەمەس.

ئاۋۋال دورىنىڭ ئىسمىنى، رېتسىپقا قوشۇشتىكى مەقسەتنى بىلسەك ئاندىن شۇنىڭغا قاراپ بىرنەرسە دېگىلى بولىدۇ.

ھەرھالدا بۇ خىل تېخنىكىلار پىشىپ يېتىلىپ بولدى، ئەھۋالغا قاراپ شارائىت ھازىرلىساقلا بولىدۇ.



ئۈندىداردا دىيىشەيلى. يا مەن ئالدىلىرىغا بارامەن.

زۇپتى رۇمىنى تۇڭلاپ تارقىتىدىغان سودىگەرلەرنى بىلىمەن، قىزىقىلا ھەقىچان

\"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 11:24:26

دارچىن،ئاقىرقەرھا،قۇستە دېگەنگە ئوخشاش قاتتىق دورىلار ۋە ھىڭ،پەرپىيۇنغا ئوخشاش يىلىم دورىلار .

بولىدۇ، قالغان گەپلەرنى شۇ يەردە دېيىشەيلى، سىلىنىڭ بۇ ھەقتە تەجرىبىلىرى بار{:92:}

dilnazuk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 12:04:04

بەزى ماددىلار مايدا ئېرىيدۇ بەزىلىرى سۇدا، ئايرىماقچى بولغان تەركىبگە قاراپ تۇرۇپ ئېرىتكۈچى تەييارلىنىدۇ ،تېمىتىپ تەييارلاش دېگىنى ھورغا ئايلانغان قىسىمنى يىغىۋىلىشىنى كۆرسىتىدۇ ، مۇشۇنداق ئۇسۇلغا لازىم قىلىدىغان مەخسۇس قۇرۇلمىلار بار،يەنە ئايلاندۇرۇپ يىغىشمۇ دورا خىمىيەسىدە كۆپ ئىشلىتىدىغان ئۇسۇللار ئىدى ، ئەگەر مۇھىم لازىم بولسا مەن كىتابلارنى بىر ئاختۇرۇپ كۆرەي ،قۇرۇلما تەپىسلىي قۇراشتۇرۇشلىرىنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 12:26:05

ئاۋۇ كۈنى دېيىشكەندەك،مەن بىر ماتىرىيال كۆرەي.

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 14:08:42

شۈبھىسىز ماي ياساۋىتىپسىلىدە \"\"{:90:}

ahmatjan1986 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 15:19:05

مە تۇرپانلىق سىزگە زادى نىمە لازىم تەپسىلى بىر دىسىڭىز ئاندىن بىر مەسلەھەت بەرمەمدۇق ؟ 13319956680 ئەخمەتجان

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 15:42:11

تۇرپاننىڭ ئاپتىپى لازىمدە، شۇ ئاپتاپتا دورامنى ئىككى ھەپتە قويۇۋالسام بولىدۇ،سىز شۇ دورامغا قاراپ قويسىڭىز بولىدۇ.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 16:52:20

8- قەۋەتتىكى tadubegنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تۇرپاننىڭ ئاپتىپى لازىمدە، شۇ ئاپتاپتا دورامنى ئىككى ھەپتە قويۇۋالسام بولىدۇ،سىز شۇ دورامغا قاراپ قويسىڭىز بولىدۇ.



哈哈

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 16:53:58

ئۇيغۇر تىبابىتى دورىلىرىنى ياسىماق ھەقىقەتەن جاپالىق ئىش

قايسى كۇنى ئايالىمغا ياردەملىشىپ ئەۋرىشىم شەربىتى بىلەن ئاياللار مۇنزىچى ياساپ بولغىچە تارتقان جاپايىمنى ئويلىسام

شۇپۇلنى تاپماسلىققا رازىكى لىكىن ئاۋۇ ئىشنى ھەرگىز قىلمايتىم شۇنىڭدىن كىيىن ئايالىمنىڭ جاپاسىنى ھەقىقەتەن چۇشەندىم

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 17:04:56

كەسىپكە ئامراق ئادەمگە ھوزۇر تۇيۇلىدىكەن.





--

يىلىم دورىلار تەسرەك. قالغىنى ئاسان.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 17:44:44

يىلىمنى قانداق قىلساق بولار؟ بۇرۇنمۇ ئىسپرتقا چىلىغان يىلىملارنى، ئەمما تازا ئىرىپ بولالمايدىكەن.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 23:22:27

بىر ئامالى چىقىدۇ.

گىزى كەلسە مىۋە ئۇيۇتمىسىدەك قىلىپ ياسايمىز، بۇ ھازىر مودا.

ئاۋۋال مەن دۇكانلىرىغا بىر باراي.

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:43:40

\"\"ئاۋۇ ئايلانما تەپچىلەش ئۇسۇلى دىگەن مۇشۇ شۇ! ئۆلچەملىك سۈرىتىنى تاپالمىدىم، تەخمىنەن ئۆلچىمى مۇشۇ!

umidwar99 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 11:56:20

سۈرەت كۆرۈمەيدۇيا؟؟!!! ئاران سىزسام....

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 13:35:03

13- قەۋەتتىكى hebibنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر ئامالى چىقىدۇ.

گىزى كەلسە مىۋە ئۇيۇتمىسىدەك قىلىپ ياسايمىز، بۇ ھازىر مودا.

ئاۋۋال مەن دۇكانلىرىغا بىر باراي.




ئۈرۈمچىگە كېلىپ بولدۇڭلارمۇ؟

mux يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 17:59:27

ئاخىردىكى مەسىلە تەييار بولغان ماينى تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدا ئىككى ھەپتىلەر تۇرغۇزىدىغان ئىش بار ئىدى،ماينى قۇملۇققا ئاپىرىپ ساقلاپ ياتقىلى بولماس، تۇرپاندا مۇشۇ ئىشىمىزغا ياردەم بولغۇدەك قايسىڭلار بار



ماياققا بىر كىللى ماي بىلەن تەڭلا ئاپتاپقا سالدىغان ئىشكەندۇق سىلىنى...

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 18:19:20

17- قەۋەتتىكى muxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاخىردىكى مەسىلە تەييار بولغان ماينى تۇرپاننىڭ ئاپتىپىدا ئىككى ھەپتىلەر تۇرغۇزىدىغان ئىش بار ئىدى،ماينى قۇملۇققا ئاپىرىپ ساقلاپ ياتقىلى بولماس، تۇرپاندا مۇشۇ ئىشىمىزغا ياردەم بولغۇدەك قايسىڭلار بار



ماياققا بىر كىللى ماي بىلەن تەڭلا ئاپتاپقا سالدىغان ئىشكەندۇق سىلىنى...



تۇرپاندىمۇ سىلە؟

mux يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 21:50:08

قۇلقۇم سىلدە، ئاللاھ خالىسا قۇلۇمدىن كىلىشچە ياردەم قىلاي \"\"
بەت: [1] 2
: بىر كىرىپ چىكىتىڭلار(كۆپنىڭ ئەقلى كۆپ)