nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:20:07

تارىختىكى بۈگۈن (6-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە)

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 1 - كۈنى)



1434-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى پولشا لىتۋانىيە پادىشاھى ئاگەلۇ
ۋاپات بولدى.


1524-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى گىرمانىيە دېھقانلار قوزغىلىڭى
پارتىلىدى.


1804-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى روسىيىلىك داڭلىق كومپوزىتور گىلىنكا
دۇنياغا كەلدى.


1864-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى تەيپىڭ تيەنگو ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىسى
خۇڭ شيۇچۈەن ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.


1898-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى يېڭىلىققا
كۆچكەن ئاياللار ئۇيۇشمىسى جۇڭگو ئاياللار مەكتىپى قۇردى.


1904-يىلى 6-ئاينىڭ
1-كۈنى چىڭداۋدىن جىنەنگە قاتنايدىغان جاۋجى تۆمۈر يولى ئىش باشلىدى.


1917-يىلى
6-ئاينىڭ 1-كۈنى ۋۇ يۈ ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىك ھوقۇقىنى مۇراجەت
قىلدى.


1923-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە ئەسكەرلىرى چاڭشيا خەلقىنى ئۆلتۈرۈپ
«1-ئىيۇن قانلىق ۋەقەسى» نى كەلتۈرۈپ چىقاردى.


1926-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى داڭلىق
كىنو چولپنى مارىليىن.مونلو دۇنياغا كەلدى.


1927-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيە
ئارمىيىسى مۇھاجىرلارنى قوغداشنى باھانە قىلىپ چىڭداۋغا باردى.


1936-يىلى
6-ئاينىڭ 1-كۈنى ياپونىيىگە قارشى تۇرۇش قىزىل ئارمىيە ئۇنىۋېرسىتىتى
قۇرۇلدى.


1937-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇئېنلەي بىلەن جاڭجيېشى لۇشەندە
سۆھبەتلەشتى.


1943-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ماۋزېدۇڭ پېڭ دېخۈەيگە تېلېگرامما
ئەۋەتىپ، ياپونىيىگە قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنى قايتىدىن مۆلچەرلىشىنى
ئېيتتى.


1951-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى خەلقئارالىق بالىلار بايرىمى
بېكىتىلدى.


1952-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى داڭلىق مائارىپچى جون.دىۋېي كېسەل
سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.


1956-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى
ئىلىم يۇرتى قۇرۇلدى.


1968-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى ئامېرىكىلىق يازغۇچى ۋە
مائارىپچى خېللېن. كېللېر ۋاپات بولدى.


1974-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى كېسىلى كۈندىن
كۈنگە ئېغىرلاشقان جۇئېنلەي تۇنجى قېتىم چوڭ ئوپىراتسىيە قىلىندى.


1987-يىلى
6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو بالىلار كىنو ستۇدىيىسى قۇرۇلدى.


1992-يىلى 6-ئاينىڭ
1-كۈنى دۆلىتىمىزدە ئۈچ خىل مېتالدىكى خەلق پۇلى تارقالدى.


1997-يىلى 6-ئاينىڭ
1-كۈنى ئېراق ۋە سۈرىيە ئىككى دۆلەت چىگراسى ئېچىۋېتىلدى.


1997-يىلى 6-ئاينىڭ
1-كۈنى شياڭگاڭدىن بېيجىڭغىچە بولغان كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈش پائالىيىتى
باشلاندى.


2001-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى نىپال پادىشاھى بىرەندرا ۋاپات
بولدى.


2007-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى جۇڭگو بىلەن كوستارىكا جۇمھۇرىيىتى
دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتتى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:26:40

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 2 -
كۈنى)


260-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى سىما جاۋغا قارشى يۈرۈش قىلىشتا،
ۋېي پادىشاھى ئۆلتۈرۈلدى.


455-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ۋانداللار رىمنى بۇلاڭ-تالاڭ
قىلدى.


1793-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى پارىژ خەلقى يېڭى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، فىرانسىيە
ياكوبىنچىلار سىياسەت يۈرگۈزدى.


1838-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭ سۇلالىسى
ۋەزىرلىرى پادىشاھقا مەلۇمات سۇنۇپ، ئەپيۇن چەككۈچىلەرگە ئۆلۈم ھۆكۈم قىلىشىنى
ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.


1840-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى فىرانسىيىلىك شائىر، يازغۇچىخاردى
تۇغۇلدى.


1882-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىتالىيە مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنىڭ
ئاتاقلىق باشلامچىسى گالىپوت ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.


1927-يىلى 6-ئاينىڭ
2-كۈنى ئاقارتقۇچى ئۇستاز ۋاڭ گوۋېي كۆلگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆلىۋالدى.


1942-يىلى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو كومۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى باش ئۆگىنىش ھەيئىتى
قۇرۇلدى.


1946-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىتالىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلدى.

1949-يىلى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ، شاڭخەي، خاڭجۇ ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.


1953-يىلى 6-ئاينىڭ
2-كۈنى ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ئېلزابىت ئىككىنچىگە تاج كىيگۈزۈلدى.


1962-يىلى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى دېڭشياۋپىڭنىڭ «ياخشى مۈشۈك نەزەرىيىسى» ئوتتۇرىغا
قويۇلدى.


1963-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى شۈ تىڭزې ئايروپىلاندا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ،
شەرەپلىك ھالدا قايتىپ كەلدى.


1968-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى مەركەز ئالىي مەكتەپ
پۈتتۈرگەنلەرنى تەخسىملەشتە يېڭى بەلگىلىمە چىقاردى.


1984-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
ھىندىستاندىكى ئالتۇن بۇتخانا ۋەقەسى يۈز بەردى.


1990-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى
دۆلىتىمىز تۇنجى قېتىم «جۇڭگو مۇھىت ئەھۋالى ئاخباراتى» نى ئېلان
قىلدى.


1992-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئىسرائىلىيە گازا بەلبېغىنى قامال
قىلدى.


1997-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتىتى ئالىي تەتقىقات مەركىزى
قۇرۇلدى.


1998-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ياۋروما مەركىزى بانكا رەسمىي
قۇرۇلدى.


1998-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا بىرلىشىپ ئىنسانىيەت
ئالىمىدىكى ئانتى ماددا تەكشۈرۈش يېڭى ئېراسىنى ۋۇجۇتقا چىقاردى.


2000-يىلى
6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئەنگىلىيە دوۋېر پورتىدا 58 نەپەر چىگرادىن ئوغرىلىقچە
ئۆتكۈچىلەرنىڭ ئۆلۈشىدەك پاجىئەلىك ۋەقە بايقالدى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:28:41

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى)

979-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سۇڭ تەيزۇڭ شىمالى خەن دۆلىتىنى يوقىتىپ، بەش دەۋىر-ئون پادىشاھلىقتەك بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇردى.

1657-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى يېقىنقى زامان فىزىئولوگىيە ئىلمىنىڭ ئاساسچىسى خارۋېي ئالەمدىن ئۆتتى.

1839-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى لىن زېشۈ خۇمىندا ئوچۇق-ئاشكارا ئەپيۇن يوقاتتى.

1896-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چىڭ ھۆكۈمىتى روسىيە بىلەن «جۇڭگو-روسىيە مەخپى توختامى» ئىمزالىدى.

1899-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئاۋىستىرىيىلىك مۇزىكانت جون سىترائۇس ۋاپات بولدى.

1901-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جاڭ شۆلياڭ تۇغۇلدى.

1919-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپى بىرىنچى قېتىم چوڭ دائىرىدە سىياسى ئىش تاشلىدى.

1920-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگونىڭ ئون مىڭ توننىلىق پاراخوتى ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلىندى.

1921-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كومىنتېرن جۇڭگوغا ئادەم ئەۋەتىپ بالدۇراق پارتىيە قۇرۇشنى تەۋىسىيە قىلدى.

1924-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى يازغۇچى كاۋكا ۋاپات بولدى.

1928-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭخۇا مىنگونىڭ سابىق زۇڭتۇڭى لى يۈەنخۇڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن قازا قىلدى.

1935-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى نورماندى ناملىق ھەشەمەتلىك يولۇچىلار پاراخوتى ئاتلانتىك ئوكياننى كېسىپ ئۆتۈپ سۈرئەت رېكورتىنى ياراتتى.

1936-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سنوۋ شەنشىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كەلدى.

1937-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى كېنەز ۋېندىسور توي قىلدى.

1944-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئەركىن فىرانسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇلدى.

1946-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى؟؟؟؟؟؟؟؟؟چېن گۇڭبو بىر تەرەپ قىلىندى.

1947-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى «ھىندىستان مۇستەقىل بولۇش لاھىيىسى» ئېلان قىلىندى.

1953-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى قۇرۇلدى.

1964-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جەنۇبى چاۋشيەن 3-ئىيۇن ھەرىكىتى يۈز بەردى.

1965-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئامېرىكىلىق ۋيېت ئالەم بوشلۇقىدا مېڭىش ۋاقىت رېكورتىنى ياراتتى.

1969-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيە ئون چوڭ گېنىرالنىڭ بىرى بولغان شۈ گۇاڭدا ۋاپات بولدى.

1974-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئىتزاك.رابىن ئىسرائىلىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭى بولدى.

1975-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى «تۆت كىشلىك گۇرۇھ» يەنە بىر قېتىم تەنقىدلەندى.

1989-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى ئېران دىننى رەھبىرى ھۇمەينى ئاغرىق سەۋەبىدىن ئالەمدىن ئۆتتى.

1990-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى «15 دۆلەت گۇرۇھى» باشلىقلار يىغىنى ئاخىرلاشتى.

1993-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى سخانوۋك كامبۇدژا مىللى ھۆكۈمىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.

1994-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى جۇڭگو ئاكادىمىيىسىدە تۇنجى تۈركۈم ئاكادىمىكلار بارلىققا كەلدى.

2000-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى داڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتشۇناش ئەن زىجيې شياڭگاڭدا ۋاپات بولدى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى چېرنى يې جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىل بولغانلىقىنى جاكارلىدى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:35:21

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 4 -
كۈنى)


1039-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ھېنرىي ئۈچىنچى گېرمانىيىنىڭ
پادىشاھى بولدى


1715-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» نىڭ ئاپتورى ساۋ شۆچىن
تۇغۇلدى.


1844-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى گېرمانىيە سېتسىلىيە توقۇمىچىلىق ئىشچىلىرى
قوزغىلىڭى بولدى.


1855-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ياپونىيەنىڭ 29-نۆۋەتلىك باش ۋەزىرى
چۈەنياڭيى تۇغۇلدى.


1862-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تەيپىڭ تىيەنگو گېنىرالى چېن
يۈچېڭ خېنەن يەنجىندە قۇربان بولدى.


1928-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى جاڭ زولىن
خۇاڭگۇتۈندە پارتىلاشقا ئۇچىراپ قازا قىلدى.


1940-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى
ئەنگىلىيە فىرانسىيە ئارمىيىسىنىڭ دۇنكىرك چوڭ چېكىنىشى ئاخىرلاشتى.


1942-يىلى
6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئوتتۇرا يول ئارىلى دېڭىز ئۇرۇشىدا ياپونىيە ئەسكەرلىرى پاجىئەلىك
مەغلۇب بولدى.


1944-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئىتتىپاقداش ئارمىيە رىمغا ھۇجۇم
قىلدى.


1946-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى پېرون ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى بولۇپ
سايلاندى.


1961-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئەنگىلىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىۋېلىنغان
يەر دۆلىتىمىزگە قايتۇرۇلدى.


1980-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگو دۇنيا بىلىم مۈلۈك
ھوقۇقى تەشكىلاتىغا قوشۇلدى.


1990-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ئامېرىكا تۇنجى قېتىم
ئازابلىماي ئۆلتۈرۈشنى يۈرگۈزدى.


1996-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى جۇڭگو «جۇڭگونىڭ
مۇھىت ئاسرىشى» دېگەن ئاق تاشلىق كىتابىنى ئېلان قىلدى.


1998-يىلى 6-ئاينىڭ
4-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ئېنتېرنىت تورى ئابونتى بىر مىليونغا يەتتى.


2007-يىلى
6-ئاينىڭ 4-كۈنى «جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش دۆلەت لاھىيىسى»
تارقىتىلدى.


2010-يىلى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى ناۋتوكەن ياپونىيىنىڭ 94-نۆۋەتلىك باش
ۋەزىرى بولدى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:39:47

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 5 -
كۈنى)


1265-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىتالىيە داڭلىق شائىر دانتى
دۇنياغا كەلدى.


1640-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى يازغۇچى «لياۋجەي رىۋايەتلىرى» نىڭ ئاپتورى پۇسۇڭلىڭ دۇنياغا كەلدى.

1723-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەنگىلىيە ئىقتىسادشۇناس ئەدەم.سىمىس دۇنياغا كەلدى.


1883-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئەنگىلىيىلىك ئىقتىسادشۇناس كەينەس دۇنياغا كەلدى.


1901-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
ھىندىنوزىيە زۇڭتۇڭى سۇكارنو دۇنياغا كەلدى.


1910-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ھېكايە يېزىش
پىرى ئو.خېنري دۇنياغا كەلدى.


1921-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئايال ئۇچقۇچى برومۋېل
ھاۋا ئاۋرىيىسىدە قازا قىلدى.


1929-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى سۇڭ زىۋېن گۇاڭدۇڭ
مالىيىسىنى تەرتىپكە سالدى.


1932-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك
پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى 4-قېتىملىق قورشاپ يوقۇتۇشقا قارشى تۇرۇشقا
ئورۇنلاشتۇرۇلدى.


1938-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ياپونىيە كەڭ كۆلەمدە قەدىمى شەھەر
كەيفېڭنى بومباردىمان قىلدى.


1939-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى جۇڭخۇا مىنگو سابىق
زۇڭتۇڭى شۈ شىچاڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.


1941-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
چۇڭچىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى تونىلىدا تۇنجۇقۇش پاجىئەلىك ۋەقەسى يۈز
بەردى.


1945-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە 4 ئىشغال قىلىنغان رايونغا
ئايرىلدى.


1947-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى مارشال پىلانى ئوتتۇرىغا
قويۇلدى.


1963-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئەنگىلىيىدە شەھۋانى جاسۇس ۋەقەسى يۈز
بەردى.


1967-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 3-قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى
پارتىلدى.


1968-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكا تارىخىدا تۇنجى قېتىم زۇڭتۇڭ
سايلىمىدا نامزات قەستكە ئۇچىراپ قازا قىلدى.


1972-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
دۆلىتىمىز بىلەن گرېتسىيە دېپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتتى.


1972-يىلى 6-ئاينىڭ
5-كۈنى دۇنيا مۇھىت كۈنى قىلىپ بېكىتىلدى.


1975-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى 8 يىل
ئېتىلگەن سۇۋەيش قانىلى قايتىدىن ئېچىۋېتىلدى.


1997-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
ئاۋىستىرالىيە ئالىمى مىكرو تىپتىكى دىئاگنوز قويغۇچى كەشىپ قىلدى.


2003-يىلى
6-ئاينىڭ 5-كۈنى «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ ئىجرائىيە باش مۇھەررىرى بىلەن باش
مۇھەررىرى يالغان خەۋەر مەلۇمات قىلىپ، ئاشكارىلىنىپ قالغانلىقتىن خىزمىتىدىن
ئىستىپا بەردى.


2004-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ئامېرىكىنىڭ 40-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى
رونالد.ۋېلسون.رىگان ۋاپات بولدى.


2008-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى شياڭگاڭ
پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتىتى ئوخشىمىغان ساھەدىكى 4 نەپەر كۆزگە كۆرۈنگەن ئەربابنىڭ
ئالىي مەكتەپ ئاكادىمىيكى بولغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


2009-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
مەركىزى تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى «مەملىكەت خەۋەرلىرى ۋە خەلقئارا خەۋەرلەر»
پروگراممىسىنىڭ دېكتورى لو جىڭ ۋاپات بولدى.


2011-يىلى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى پۈتۈن
دۇنيادىكى تۇنجى داۋالىنىپ ساقايغان ئەيدىز كېسىلى بىمارى قايتا ھاياتلىققا
ئېرىشتى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:41:21

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 6 -
كۈنى)


199-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى گۇەندۇ ئۇرۇشى
بولدى.


1599-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسپانىيىلىك رەسسام دىئاگ.ۋېيلاشكەيز
تۇغۇلدى


1644-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ سەككىز بايراق ئارمىيىسى
دانا خانزادە دورغۇننىڭ باش بولۇشى بىلەن بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى.


1799-يىلى
6-ئاينىڭ 6-كۈنى روسىيىلىك
شائىر پۇشكىن تۇغۇلدى.

1875-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
گىرمانىيىلىك
يازغۇچى توماس.مان دۇنياغا كەلدى.

1914-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
«شەنبە» ھەپتىلىك ژورنىلى نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.


1916-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
يۈەن شىكەي ئاغرىق سەۋەبىدىن قازا قىلدى.


1918-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى جۇڭگودىكى
تۇنجى ئاكسىيە بىرژىسى ئېچىلدى.


1925-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كىرايسلېر ئاپتوموبىل
شىركىتى قۇردى.


1932-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھەرقايسى ساھە جۇمھۇرىيەتنىڭ ئىچكى
ئۇرۇشنى توختىتىشىنى مۇراجەت قىلدى.


1936-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى جاڭ گوتاۋ
«ئىككىنچى مەركەز» نى بىكار قىلدى.


1939-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيە
ئارمىيىسى شەنتۇنى ئىشغال قىلىۋالدى.


1944-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى بىرلەشمە
ئارمىيە نورماندىيەدە قۇرۇقلۇققا چىقتى.


1946-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى NBA نىڭ
ئاساسى بولغان BAA رەسمى قۇرۇلدى.


1949-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى جون لېيتون ستۇارت
جۇڭگو كومپارتىيىسى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇچراشتى.


1950-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى
دېڭشياۋپىڭ غەربىي جەنۇب رايونى ئىچىدىكى ياخشى بولمىغان خاھىشلارنى تۈگىتىشنى
تەلەپ قىلدى.


1961-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى روھى كېسەللىكلەر ئىلمىنىڭ باشلامچىسى
كارل.گاستاۋ.جۇڭ ۋاپات بولدى.


1963-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ھومىنى ئېراندىكى
توپىلاڭدا تۇتۇلدى.


1966-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى كىشلىك ھوقۇق نامايىشىدا
مېرىدىسقا ئوق تەگدى


1969-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ۋېيتنام جەنۇبى جۇمھۇرىيەت
ۋاقىتلىق ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى.


1976-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى نېفىت پادىشاھى
پاۋلو.گېتې ۋاپات بولدى.


1979-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەن ھەقىقىي ھالدا
جىنوزۇ مىللىتىنى دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەت دەپ ئېتىراپ قىلدى.


1981-يىلى
6-ئاينىڭ 6-كۈنى يۈەن لوڭپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى ئالاھىدە كەشپىيات مۇكاپاتىغا
ئېرىشتى.


1982-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئىسرائىلىيە لىۋانغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم
باشلىدى، بەشىنچى قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلىدى.


1984-يىلى 6-ئاينىڭ
6-كۈنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر باشلىقلىرى نورماندىنىڭ قۇرۇقلۇققا چىققىنىنى
خاتىرلىدى.


1994-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى غەربى شىمال ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ بىر
يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋەقەگە ئۇچىراپ 160 كىشى قازا قىلدى.


2011-يىلى 6-ئاينىڭ
6-كۈنى لياڭشى 15-قېتىم ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشتى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:50:06

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى)

1848-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى روسىيىلىك ئەدەبىي ئوبزورچى بېلىنسكى ۋاپات بولدى.

1855-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى روسىيەنىڭ داڭلىق ئۆسۈملۈكشۇناسى مىچۇرىن دۇنياغا كەلدى.

1862-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى چېخوسلوۋاكىيەنىڭ داڭلىق ئالىمى لېننارد دۇنياغا كەلدى.

1902-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سەنشى ئالىي مەكتەپ تەسىس قىلدى.

1914-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇنجى يۈك پاراخوتى پاناما قانىلىدىن ئۆتتى.

1915-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، جۇڭگو- روسىيە ۋە تاشقى موڭغۇلىيە كېلىشىم تۈزگەن. جۇڭگو تاشقى موڭغۇلىيەگە ئىگە بولمىغان.


1916-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى لى يۈەنخۇڭ داۋاملىق زۇڭتۇڭ بولدى.


1916-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مۇستەقىل ئۆلكىلەرنىڭ مۇستەقىللىقى بىكار قىلىنىپ، مەركەزنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇندى.

1918-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تۇنجى جۇڭگولۇق قۇرغان سودا بازىرى ئېچىلدى.


1922-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، «خانىم قىزلار ژۇرنىلى» جۇڭگودا پىلانلىق تۇغۇتنى يولغا قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان.


1928-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈن دىيەنيىڭ كېچىدە شەرقى مەقبەرىگە ئوغرىلىققا چۈشتى.

1929-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى گېرمانىيەنىڭ تۆلەم تۆلەش مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ياڭگې پىلانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

1933-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى جاڭ گوتاۋ ئارقا ئارقىدىن قىزىل 4-ئارمىيەنىڭ ئەڭ يۇقىرى رەھبەرلىرىنى ئۆلتۈرىۋەتتى.

1935-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقى يېزا ئىگىلىك ئالىمى مىچۇرىن ۋاپات بولدى.


1942-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، لىۋىيە رەھبىرى كازافى سىرتتا كۆچمەن چارۋىچى قەبىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1969-يىلى 1-سېنتەبىر ئەركىن ئوفىتسېرلار تەشكىلاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ئىدرىس پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان ھەمدە ئەرەب لىۋىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، ئىنقىلابىي كومىتېتنىڭ رەئىسى قوشۇمچە قۇراللىق قىسىمنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1979-يىلى 3-ئايدا بارلىق مەمۇرىي ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىپ، 1-سېنتەبىر ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنىلا ئۆتىگەن.بۇ يىل 17-فېۋرال، لىۋىيەدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش بولدى، نامايىشچىلار ھۆكۈمەتتىن تەختتىن چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، شۇنىڭدىن باشلاپ بۇ دۆلەتتە مالىمانچىلىق تىنچىماي كەلگەنىدى. 2011-يىلى 10-ئاينىڭ 20-كۈنى، لىۋىيە رەھبىرى كازافى قازا قىلغان. لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەبرائىل 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىش يىغىنىدا، كازافىنىڭ ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىقلىرى سىرتنى ئىشغال قىلىش كۈرىشىدە تۇتۇلغانلىقى، يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىدى. جەبرائىل: لىۋىيە خەلقى شۇنى تونۇپ يېتىشى كېرەككى، ھازىر يېڭى لىۋىيە بەرپا قىلىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى، دېدى. ئۇ ئالجىرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالجىرىيەگە قېچىپ بارغان كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى لىۋىيە ھاكىمىيەت دائىرىلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كازافىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر چەتئەللەرگە ئېلىپ كەتكەن مال-مۈلۈكنى لىۋىيە خەلقىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى مۇراجىئەت قىلدى. خەۋەر قىلىنىشىچە، كازافى قوراللىق كۈچلىرىگە تەۋە بىر قانچە ئەسىر كازافى ھەمدە سابىق ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ يوشۇرۇنۇۋالغان يېرىنى ئاشكارىلاپ قويغان، ھاكىمىيەت دائىرىلىرى ئارقىدىن بۇ يەرنى ئاختۇرغاندا، مىسراتادىن كەلگەن قەبىھ يولۋاس قىسمى كازافىنى تۇتتىۋالغان. لىۋىيە مەملىكەتلىك ئۆتكۈنچى كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى فېسۇر ئەرەبى كازافىنى تۇتۇش جەريانىدا ئۇنىڭ يۈزى، پۇتىغا ئوق تەگگەنلىكى، ئۇنى مىسراتاغا يۆتكەش داۋامىدا يارىسى بەك ئېغىر بولغاچقا ئۆلگەنلىكىنى ئېيتتى. سىرت ۋە تىرىپولىدا ھاكىمىيەت دائىرىلىرى قوراللىقلىرى كازافىنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، كوچىلارغا چىقىپ ساليوت ئېتىپ تەبرىكلىدى.


1942-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، «ئازاتلىق گېزىتى» «شەرقى شىمالدىكى ھەر قايسى ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرۇش بازىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەھشەتلىك كۆرەش باسقۇچىدا تۇرماقتا» ماۋزۇلۇق باش ماقالىنى ئېلان قىلغان.


1951-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۈنخۇاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تەتقىقات ئورنى تەقدىرلەندى.

1951-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، ئەنگلىيەنىڭ ئىككى ئىز-دېرىكى بولمىغان دىپلوماتى جاسۇس دەپ قارالغان. چۈنكى بۇ ئىككەيلەن شۇ يىلى 1-ئىيۇن رۇخسەت سورىمايلا بىر ھەپتە يوقاپ كەتكەن، ئەنگلىيە تەرەپ ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى توختاتقان، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ئىككەيلەن فرانسىيەلىك ئىكەن.

1956-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ماھىرى چېن جىڭكەي تۇنجى قېتىم دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

1970-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەنگىلىيە يازغۇچىسى ئېدىۋارد.فوستېر ۋاپات بولدى.

1981-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، ئىسرائىلىيە ئىراقنىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى پارتلاتقان. ئىسرائىلىيەنىڭ ئايروپىلانى شۇ كۈنى ئىراقنىڭ رېئاكسىيە جۇغلانمىسىنى پارتلاتقان. 1959-يىلى، ئىراق يادرو رېئاكسىيە جۇغلانمىسىنى قۇرماقچى بولغان. ئۇ سوۋىت ئىتتىپاقى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، كىچىك، ئاددىي بولغان يادرو رېئاكسىيەسى جۇغلانمىسى قۇرماقچى بولغان، بىراق ئىلگىرىلەش بولمىغان، 1970-يىللاردىن باشلاپ، ئىراقنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىي قىلغان، ئىراق تەرەققىيات قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن غەربىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەردىن ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزگەن.


1985-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى تەيۋەننىڭ يېڭى ئەۋلاد رېژىسسورى باش كۆتۈردى.


1991-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، گوۋۇيۈەن«شەھەر بازارلارنىڭ تۇرالغۇ تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش»نى چىقارغان.


2005-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى مەملىكەتلىك يېزا باج ھەققىنى سىناق ئىسلاھ قىلىش خىزمەت يىغىنى بېيجىڭدا ئاخىرلاشتى.


2006-يىلى 6-ئاينىڭ 7- كۈنى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چۇڭچىڭ شەھىرى بىلەن چېڭدۇ شەھىرىدە مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال يۈرۈشلەشكەن ئىسلاھات سىناق رايونى تەسىس قىلىشنى تەستىقلىغان.


2005-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى «جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىسلاھاتى مەسىلىسى توغرىسىدىكى مەيدان ھۆججىتى»نى ئېلان قىلغان.



مىچۇرىن (Michurin .1855 - 1935)

روسىيىنىڭ ئۇلۇغ تەبىئەت ئۆزگەرتكۈچىسى مىچۇرىن ئۆز ھاياتىدا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ 350 نەچچە خىل يېڭى تۈرىنى يارىتىپ، مىچۇرىن  ئىنىستىتوتىنى قۇرغان. ئۇ «بىز تەبىئەتنىڭ ئىلتىپاتىنى كۈتۈپ تۇرماي، تەبىئەتتىىن نىمەت ئىلىشىمىز لازىم» دىگەن ھىكمەتلىك سۆزنى ئوتتۇرغا قويغان.

مىچۇرىن 1855 - يىلى 10 - ئايدا بىر نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدە كۆپ ئوقۇيالمىغان، ئۇنىڭ دادىسى مىۋىلىك دەرەخ ئۆستۈرىدىغان ۋە مىۋىلىك باغقا قارايدىغان ئادەم ئىدى، شۇڭا دائىم مىچۇرىننى باغقا باشلاپ باراتتى. كىچىك مىچۇرىن دادىسىنىڭ مىۋىلىك بىغىدا ئەپچىل ياردەمچى بولۇپ ئىشلەيتتى، شاخلارنى پۇتاش ۋاقتىدا دادىسىغا قايچا ئېلىپ بىرەتتى. ھاشارەتلەرنى تۇتۇش ۋاقتىدا، دادىسىغا ھاشارەت سالىدىغان قاچىلارنى ئېلىپ بىرەتتى. بىر كۈنى ئۇ، ئۇشتۇمتۇتلا دادىسىدىن «ئالمىنىڭ شاخلىرىنى نىمىشقا پۇتايدۇ؟» دەپ سورىغاندا، دادىسى كۈلۈپ كىتىپ : -«بۇنى بىر - ئىككى ئىغىز گەپ بىلەن چۈشەندۇرۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، سەن ئاستا - ئاستا چۈشۈنۈپ قالىسەن دىگەن». مىچۇرىن 8 يېشىدا ئالما ئۇلاشنى ئۈگىنىۋالىدۇ، بىر قىتىم مىچۇرىن دەرەخنىڭ غولىدىن سۇ تەپچىپ چىققانلىقىنى كۆرۈپ، بۇ نىمە ئۈچۈن دەپ سورايدۇ. دادىسى ئۇنىڭغا:-«بۇدەرەخ سۇيۇقلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ دەرەخنىڭ ئوزۇقلۇقى، شاخ - يۇپۇرماقلارنىڭ ئاينىشى ۋە چىچەكلەپ مىۋە بىرىشنىڭ ھەممىسى شۇنىڭغا تايىنىدۇ»، دەيدۇ. مىچۇرىن بىردىنلا چۈشۈنۈپ ئالمىنىڭ شاخلىرىنى نىمە ئۈچۈن پۇتايدىغانلىقىنىڭ تىگى- تەكتىنى چۈشۈنۈپ يىتىدۇ. مىچۇرىن ئىنتايىن قىيىن شارائىت ئاستىدا 40 يىلغا يېقىن قەيسەرلىك بىلەن كۆرەش قىلىدۇ. ئۇ ئىلمىي تەتقىقاتتا ناھايىتى نۇرغۇن نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ، 350 خىل يېڭى سۇلۇق مىۋە ۋە شىرنىلىك مىۋە دەرەخلىرى ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن يىتىشتۈرىشى ئارقىسىدا باراقسان ئۆسۈپ يىتىلىشكە باشلايدۇ.

1919 - يىلى سوۋىت ھۆكۈمىتى مىچۇرىننىڭ تەجىربە مەيدانىنى دۆلەتنىڭ ھىمايىسى ئاستىغا ئالىدۇ، 1922 - يىلى شۇچاغدىكى پۈتۈن سوۋىت مەركىزى ئىجرائىيە ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى كالىنىن شەخسەن ئۆزى تەجرىبە مەيدانىغا بىرىپ ئۇنى يوقلايدۇ . ھوتھىيالىزم شارائىتىدا مىچۇرىننىڭ باھارى قايتاياشىرىپ ، ئىنقىلاپتىن كىيىنكى قىسقىغىنا 17 يىل ئىچىدە ئۇ يەنە 200 خىلدىن ئارتۇق يېڭى مىۋىلىك دەرەخ سورتلىرىنى ئىجات قىلىدۇ. ھوۋىت ھۆكۈمىتى مىچۇرىننىڭ ئۇلۇغ تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، 1934 - يىلى ئۇنىڭ باغۋەنچىلىك تەتقىقاتى بىلان شۇغۇللانغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋاقتىدا ، ئۇنىڭغا پەن ۋە تىخنىكا ئەمگەك قەھرىمانى دىگەن نامنى بەرگەن. تەبىئەتنى ئۆزگەرتكۈچى بۇ ئۇلۇغ ئەرباپ 1935 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتكەن.





ۋىسارىون گرىگورېۋىچ بېلىنىسكى ( 1811 - Vissarion Grigoryevich
Belinsky.1848)


ۋىسارىون گرىگورېۋىچ بېلىنىسكى روسىيىنىڭ 19 - ئەسىرنىڭ
ئوتتۇرلىرىدا ياشىغان ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچىسى. ئۇ 1848 - يىلى 6 - ئاينىڭ 7 -
كۈنى ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ \"ئەدەبىيات فانتازىيىسى\" ، \"بورگىن ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى
مۇناسىۋىتى بىلەن\" ، \"ئەقىل ئازابى\" ، \"بەدىئىي كۆزقاراش\" ، \"تەنقىت ھەققىدىكى سۆز\"
، \" دوستلار بىلەن يېزىشقان مەكتۇپلار\" ... قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 15:26:46

تارىختىكى بۈگۈن (6-ئاينىڭ 8-كۈنى)



ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 632 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﻰ، ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ \" ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﮭﺎﻟﻰ\" ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ : ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ تېخى ﭼﯜﺵ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗﭖ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺑﯘ ﺩﯗﻧﻴﺎﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ، ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎھﯩﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ . ﺑﯘ ھﯩﺠﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ 11 - ﻳﯩﻠﻰ ﺭﻩﺑﯩﯘﻝ ﺋﻪﯞﯞﻩﻝ ﺋﯧﻴﯩﻨﯩﯔ 13 - ﻛﯜﻧﻰ ﺩﯛﺷﻪﻧﺒﻪ ﺋﯩﺪﻯ .(ﻣﯩﻼﺩﯨﻨﯩﯔ 632 - ﻳﯩﻠﻰ 6 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 8 - ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯩﻠﯩﺪﯗ ). ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯧﺸﻰ ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ ﻳﯩﻠﻰ ھﯩﺴﺎﯞﯨﺪﺍ 63 ﻳﺎﺵ 3 ﻛﯜﻥ، ﺷﻪﻣﺴﯩﻴﻪ ﻳﯩﻠﻰ ھﯩﺴﺎﯞﯨﺪﺍ 61 ﻳﺎﺵ 84 ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺪﻯ .

ﺑﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻪﺑﯘ ﺑﻪﻛﺮﻯ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ، ﺋﯘ ﺑﻪﻧﻰ ھﺎﺭﯨﺲ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺧﻪﺯﺭﻩﺝ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯜﻧھﻰ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺧﻮﺗﯘﻧﻰ، ﺧﺎﺭﯨﭽﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﻩﻳﯩﺪﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻯ ھﻪﺑﯩﺒﻪﻧﻰ ﻳﻮﻗﻼﺷﻘﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﺋﯚﻣﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯚﻟﺪﻯ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﭽﯩﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘﺭﯗﭖ ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳﯩﻠﯩﭗ : ﻣﯘﺳﺎ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ھﻮﺯﯗﺭﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮﯨﻖ ﻛﯜﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺭﻩﺳﯘﻟﯘﻟﻼﻣﯘ ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭﮔﺎھﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﺯﺑﯩﺮﺍﻳﻰ ﺧﯘﺩﺍ، ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻧﻜﻰ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯ - ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﯘﺕ - ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﺪﯗ، ﺩﯨﺪﻯ. ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﻯ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﯞﺍﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ، ﺋﺎﺋﯩﺸﻪﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﻯ. ﺋﯘ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭖ ﺳﯚﻳﺪﻯ ﯞﻩ ﻳﯩﻐﻠﯩﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ : ﺋﺎﻟﻼھ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺳﻪﻣﻜﻰ، ﺳﺎﯕﺎ ﺋﺎﻟﻼھنىڭ ﺭﻩھﻤﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ. ﺋﻰ ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ، ﺋﺎﺗﺎ - ﺋﺎﻧﺎﻡ ﺳﺎﯕﺎ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ، ﺳﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﺪﯨﻤﯘ، ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﻧﯩﻤﻪ ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺧﯘﺷﺒﯘﻱ، ﺋﺎﻟﻼھ ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯩﺘﯩﻢ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺑﻪﺭﻣﯩﺴﯘﻥ، ﺩﯨﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ھەمدۇسانا ئىيتقاندىن كېيىن: ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﻛﻪ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯚﻟﺪﻯ، ﻛﯩﻤﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﻼھقا ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ، ﺋﺎﻟﻼھ ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﯘﺭ، ﺋﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺋﯚﻟﻤﻪﻳﺪﯗ، ﺩﻩﭖ ﺋﺎﻟﻼھنىڭ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ : \"ﺳﻪﻧﻤﯘ (ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻼﻧﻰ ﺩﯨﻤﻪﻛﭽﻰ) ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺋﯚﻟﯩﺴﻪﻥ، ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ \"(ﺳﯘﺭﻩ ﺯﯗﻣﻪﺭ 30 - ﺋﺎﻳﻪﺕ) \"ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ، ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘ ﺋﯚﻟﺴﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺴﻪ، ﺋﺎﺭﻗﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻻﻣﺴﯩﻠﻪﺭ؟ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻼھقا ھﯩﭻ ﺯﯨﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻕ. ﺷﯜﻛﺮﻯ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻼ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ \"(ﺳﯜﺭﻩﺋﺎﻝ ﺋﯩﻤﺮﺍﻥ ،143 - ﺋﺎﻳﻪﺕ). ﺋﯚﻣﻪﺭ: ﺑﯘ ﺋﺎﻳﻪﺗﻨﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﯞﻩ ﺋﻪﺑﯘﺑﻪﻛﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﻼ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ، ﺩﯨﺪﻯ. ﺗﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﭖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺩﯗﺷﻪﻧﺒﻪ، ﺳﻪﻳﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﯞﻩ ﭼﺎﺭﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻱ ﺋﯚﻳﺪﻩ ﺗﯘﺭﺩﻯ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳھﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﻪﻟﯩﻲ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﺑﯘ ﺗﺎﻟﯩﺐ ﻳﯘﺩﻯ، ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ، ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻓﻪﺯﻟﻰ ﯞﻩﻗﯘﺳﯘﻣﻠﻪﺭ، ﺋﻮﺳﺎﻣﻪ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺯﻩﻳﯩﺪ، ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳھﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﮔﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺷﯘﻗﺮﺍﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺷﺘﻰ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﺋﻪﻟﻪﻳھﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﯜﭺ ﻗﻪﯞﻩﺕ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭙﻪﻧﻠﻪﻧﺪﻯ، ﺑﯘ ﻛﯩﭙﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﻛﯚﻳﻨﻪﻙ ﯞﻩ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ. ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻳﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﯞﻩ ﻛﯩﭙﻪﻧﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ، ﺋﯚﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﺎﺭﯞﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗﭖ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻤﯘ- ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺟﯩﻨﺎﺯﺍ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﻯ، ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺋﯩﺸﻪﻧﯩﯔ ھوجرىسىدا ﺭﻩﺳﯘﻟﯩﻠﻼ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻟﻪھﻪﺕ ﻗﯩﺰﯨﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻟﻰ، ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ، ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﻓﻪﺯﻟﻪ، ﻗﯘﺳﻪﻧﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﻼﻣﻨﻰ ﻟﻪھﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﻳﺪﻯ، ﻗﻪﯞﺭﯨﮕﻪ ﺑﯩﻼﻝ ﺳﯘ ﺳﻪﭘﺘﻰ. ﻗﻪﯞﺭﻩ ﺯﯨﻤﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻏﯩﺮﯨﭻ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ.

ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﯞﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻟﯩﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ھﻪﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﺯﺍﯞﻩﺭ ھﯩﻜﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﻼھ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺯﯨﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ، ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﺴﺎ ھﯩﭻ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺯﯨﻴﺎﻥ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ، ھىچقانداق ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ، ﺗﯚھﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ؛ ﺋﺎﻟﻼھ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻛﺎﻣﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭖ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﺎﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﺭ، ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ، ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻓﻪﺩھﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺩﺍﯞﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﯞﻩ ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﻳﺎﺷﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﺎھﺎﺑﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺋﺎﻟﻼھ ﯞﻩﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﺩﻯ. ﺋﺎﻟﻼھتىن ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﭼﻮﯓ ﻣﻪﺭھﯩﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﯞﻩ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻧﯩﻤﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻛﺮﺍﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ.



760-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى لىبەي كەڭچىلىككە ئۇچرىدى.

1529-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر قېتىملىق چوڭ كۆلەمدىكى دىنى ئۇرۇش ـــ كاپېل ئۇرۇشى قوزغالدى.

1810-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى گىرمانىيىلىك كومپوزىتور شۇمان دۇنياغا كەلدى.

1867-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكىلىق ئارخىتېكتور فرانك.لويد.رېيتېر دۇنياغا كەلدى.

1881-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى چىڭ ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلارنى قايتۇرۇپ ئەكىلىۋالدى.

1916-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى DNA نى بايقىغۇچى فىرانسىس.كىرك دۇنياغا كەلدى.

1921-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ھىندىنوزىيە سابىق زۇڭتۇڭى سۇخارت تۇغۇلدى.

1924-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئىنسانىيەت تۇنجى قېتىم جۇمۇلاڭما چوققىسىغا چىققان، بىراق نەتىجىسىز بولغان. چۈنكى ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ھىمالايا تېغىنىڭ بوران چاپقۇنىغا ئۇچراپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان.

1932-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى كومپوزىتور، مىللى چالغۇ ئورۇنلىغۇچى ليۇ تيەنخۇا ۋاپات بولدى.

1937-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى گومىنداڭ بىلەن جۇڭگو كومپارتىيىسى لۇشەندە سۆھبەتلەشتى.

1948-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇ زىچىڭ ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىشكە رازىكى، ئامېرىكىنىڭ ئاشلىقىنى ئاغزىغا ئالمىدى.

1950-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ئېلىمىز بېرما بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. بېرما دېگەن سۆز قەيسەر، غەيرەتلىك دېگەن مەنىدە، بېرما ئاسىيا قىتئەسىغا جايلاشقان. ئەسلى پايتەختى رانگون ئىدى. 2005-يىلى بېرما ھۆكۈمىتى پايتەختىنى نايپىيىدوغا ئۆزگەرتكەن.

1957-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ «ئوڭچىللىققا قارشى تۇرۇش» ھەرىكىتى باشلاندى.

1958-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى چوڭ سەكرەپ ئىلگىرلەش ھەرىكىتى تۇنجى مو بېشى مەھسۇلاتى سۈنئىي ھەمراھسىنى قويۇپ بەردى.

1967-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ياپونغا قارشى تۇرۇشتىكى قەھرىمان جاڭ گۇاڭنەي ۋاپات بولدى.

1985-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى جۇڭگولۇق شائىر خۇفېڭ ئاغرىق سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.

1986-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ۋالدخېيم ناھايىتى ئاسانلا ئاۋىستىرىيىنىڭ زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلاندى.

1990-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، 14-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئىتالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن 24 پۇتبول كوماندىسى 30 كۈندە 52 مەيدان مۇسابىقە ئۆتكۈزگەن. بۇ قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئەڭ مەنىسىز مۇسابىقە بولدى دېيىلدى، گېرمانىيە كىشىلەر تالاش تارتىش قىلغان نۇقتا توپ ئارقىلىق ئېنگلاند كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان.

1994-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىدىكى تۇنجى نۆۋەتلىك چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلار ۋۇجۇدقا كەلگەن. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، يېڭىدىن تەيىنلەنگەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلار جۇڭگونىڭ پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ خىزمىتىگە تەكلىپ پىكىر بېرىش ھوقۇقى بار. جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغان پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ، سايلاش-سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى ئاكادېمىكلارنى سايلاش ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ.

1995-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى دۆلىتىمىز يۇقىرى قۇۋۋەتلىك گېلىي-نېئون لازېر ئاپپاراتى تەتقىق قىلىپ ئىشلەپ چىقتى.

1997-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئامېرىكا چېركاۋغا ئوت كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئېلان قىلدى.

1998-يىلى بۈگۈنكى كۈندە، ھىندىستاندا ئىككى مىڭدىن ئارتۇق كىشى ئىسسىق دولقۇندا قازا قىلغان. 1998-يىلى 5-ئايدىن بۇيان پايتەخت يېڭى دېھلى بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى بىر قىسىم رايونلاردا ئىزچىل ھاۋا ناھايىتى ئىسسىق بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپىراتورا 49 سېلسىيە گرادۇسقا يەتكەن. بۇ قېتىملىق ئىسسىق ئېقىم كۆلىمى ئەڭ چوڭ، ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ بولغان ئاپەت بولغان. قازا قىلغانلار سانى 1279 گە يەتكەن.

2003-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى نىڭبو خاڭجۇ ۋەنكۇاخەي كۆۋرىكىنىڭ ئاساسى ئورنىتىلدى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 8-كۈنى تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو ساپال سەنئەتشۇناسلىقى ئۇستىسى جىن پېيجاڭ ۋاپات بولدى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 15:39:12

تارىختىكى بۈگۈن (6-ئاينىڭ 9-كۈنى)



68-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى رىمنىڭ ئەڭ ۋەھشىي پادىشاھى نىرۇ ۋاپات بولدى.

1672-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى روسىيە چار پادىشاھى ئۇلۇغ پېتىر تۇغۇلدى.

1781-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى يېقىنقى زامان پار ماشىنىسىنىڭ ئاساسچىسى سىتېفېنسۇن تۇغۇلدى.

1870-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى- ئەنگلىيە يازغۇچىسى دىككېنس ۋاپات بولدى.

دىكېنس (Charles Dickens.1812 - 1870)

ئەنگلىيە ئەدىبىيات تەنقىدى رىئالىزمىنىڭ مەشھۇر ۋەكىلى چارلىز دىكېنس پوتىزىمغا يىقىن جايدا يوقسۇل ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن . دادىسى سېڭىز ئارمىيىسىدىكى كىچىك خىزمەتچى بولۇپ، ئىجتىمائى خىزمەتتە قارانىيەتلىك قىلغانلىقى ۋە بەدخەشلىكى تۈپەيلىدىن ، دىكېنس 10 ياش ۋاقتىدا ئۇنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى مەجبۇرى ھالدا قەرزدارلارنى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا كۆچۈرۈلگەن . دىكېنس 12 ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا ئۆز ئالدىغا تىرىكچىلىك قىلىشقا كىرىشىپ، ئاياق مىيى كارخانىسىدا شاگىرت بولغان . ئۇ مەكتەپتە ئىككى ئۈچ يىللا ئوقۇغان بولۇپ، ئاساسەن ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىو كەڭ بىلىمگە ئىگە بولغان ، 16 ياش ۋاقتىدا ئادۋوكات مەھكىمىسىدە كاتىپ بولغان . ئۇ تىز خاتىرىلەشنى ئۈگىنىۋالغاندىن كىيىن ، گىزىتخانىنىڭ مۇخبىرلىق خىزمىتىنى ئىشلىگەن . 1828 - يىلىدىن 1836 - يىلىغىچە لوندوندىكى بىر قانچە گىزىتلەرگە ماقالە يازغان ، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بۈيۈك بىرتانىيە مۇزىيخانىسىدا قەتىيقىنىپ ئۈگەنگەن . ئۇ 1836 - يىلى پوز تەخەللۇسى بىلەن ئوچىرىكلار توپلىمىنى نەشىر قىلدۇرغان . شۇيىلنىڭ ئاخىرى ئۇنىڭ بىرىنچى رومانى \"پىكۋىكنىڭ غەيرى تەرجىمىھالى\" نەشىر قىلىنغاندىن كىيىنلا، شۆھرەتكە ئىگە بولغان .

ئۇ ھەددىدىن ئارتۇق چارچىغانلىق تۈپەيلىدىن 1870 - يىلى 6 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ئۇشتۇمتۇت ۋاپات بولغان . ئۇنىڭ ۋاپاتى پۈتۈن ئەنگىلىيە خەلقىنى قايغۇغا سالغان . ئۇنىڭ \"ئولف توسكىي\" ، \" نىگۇلاس نىكوربىر\" ، \"كونا ئويۇنچۇقلار دۇكىنى\" ، \"قوڭغۇراق ئاۋازى\" ، \"ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە مەدھىيە\" ، \"رىيازەتلىك دۇنيا\" ، \"قوش قەلئە خاتىرىسى\" ، \"ئۇلۇغ ئارزۇ\" ، \"ماتىن جۇشرېۋېت\" .... قاتارلىق مەشھۇر ئەسەرلىرى بار .

1881-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگونىڭ ئۆزى ياسىغان تۇنجى تۆمۈر يولى تاڭشۈ تۆمۈر يولىغا رېلس ياتقۇزۇلدى.

1885-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى «جۇڭگو-فرانسىيەنىڭ ۋېيتنام توغرىسىدىكى شەرتنامىسى» ئىمزالانغان. شەرتنامىنىڭ مەزمۇنى:چىڭ سۇلالىسى فرانسىيە بىلەن ۋېيتنامنىڭ تۈزگەن كېلىشىمىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك. مال توشۇلۇپ، يۈننەن، گۇاڭشىغا كىرگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ چېگراسىدا باج ئېلىش كېرەك.

1906-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى لۇ دىڭيى تۇغۇلدى.

1925-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى كامال تۈركىيەدە ئىسلاھ ئېلىپ باردى.

1932-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى جاڭ جيېشى لۇشەندە يىغىن ئاچقاندا «قورشاۋ» ئورۇنلاشتۇردى.

1932-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گومىنداڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش فېلىمىنى چەكلىۋەتتى.

1934-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆردەك تۇنجى قېتىم كارتون فىلىمدە كۆرۈندى.

1938-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى گومىنداڭ گۈللۈك ئېغىزىدىكى توسمىنى پارتىلىتىپ ئاچتى.

1944-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى جۇڭگولۇق-چەتئەللىك مۇخبىرلار غەربىي شىمالنى زىيارەت قىلىش ئۆمىكى يەنئەنگە يېتىپ بارغان، مۇخبىرلار ئۆمىكىدە 20 دىن ئارتۇق ئادەم بولۇپ، ئۇلار يەنئەننى بىر ئايدەك زىيارەت قىلغان. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىرى ئۇلار بىلەن بىر قانچە قېتىم سۆھبەتلىشىپ، كومپارتىيە بىلەن گومىنداڭنىڭ سۆھبىتى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ئۈمىدى ۋە خىزمەتلىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تونۇشتۇرغان.

1954-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى قۇرۇلغان. بۇ قوغداش ئەترىتى كابېنتتىكى باش ۋەزىرنىڭ نازارەتچىلىكىدە بولىدۇ. ئۆزىنى قوغداش ئەترىتى ياپونىيەنىڭ ھەربىي كۈچىنى قېلىپلاشتۇرىدۇ. ھەربىي خىراجىتى دۇنيادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

1969-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خېلوڭ مارشال ناھەقچىلىققا ئۇچىراپ قازا قىلدى.

1975-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن فىلىپپىن دېپلوماتىيە مۇناسىۋېتى ئورناتتى.

1975-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى خېلوڭ مارشالنىڭ جەسەت كۈلىنى قويۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ساچىر خانىم سايلامدا يەنە ئۇتۇپ چىقىپ، ئۇدا ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 1975-يىلى 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ماگىرىت ساچىر ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان. ئەنگلىيەنىڭ سابىق باش ۋەزىرى ماگىرىت ساچىر خانىم 1925-يىلى 10-ئاينىڭ 13-كۈنى دۇنياغا كەلگەن. ئۇ ئەنگلىيە ئوكسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىمىيە كەسپىدە باكلاۋۇرلۇق ئۇنۋانىنى، ئىجتىمائىي پەندە ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئالغان. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1979-يىلى 5-ئايدا ئەنگلىيەنىڭ تۇنجى ئايال باش ۋەزىرى بولغان.

1985-يىلى 6-ئاينىڭ 9- كۈندىن 15-ئىيۇنغىچە، تۇنجى قېتىملىق مەملىكەتلىك قانۇنچىلىق تەشۋىقى تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا «بارلىق پۇقرالارغا قانۇن ساۋاتلىرىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ بەش يىللىق پىلانى» ماقۇللانغان. 2009-يىلىغىچە، دۆلىتىمىزدە بەش يىللىق قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىدىن بەشى يولغا قويۇلغان.

1989-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دېڭ شياۋپىڭ جىددىي ھالەت قىسمىنىڭ كورپۇستىن يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلىرىنى قوبۇل قىلغاندا مۇھىم سۆز قىلىپ «بۇ قېتىمقى دولقۇن ھامىنى بولاتتى. بۇ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە جۇڭگونىڭ ۋەزىيىتىگە ئاساسەن بەلگىلەنگەن ئىش بولۇپ، چۇقۇم يۈز بېرەتتى، بۇ كىشىلەرنىڭ ئىرادىسى بويىچە ئۆزگىرىدىغان ئىش ئەمەس» دەپ كۆرسەتكەن.

1991-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى پىناتۇبۇ يانار تېغى پارتىلىدى.

1992-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ چەتئەلگە ئەسكەر تۇرغۇزۇش قانۇن لاھىيىسى ماقۇللىغان. بۇ قانۇنغا ئاساسلانغاندا، ياپونىيە چەت ئەلگە 2000 قوغداش ئەترىتى ئەۋەتكەن. لېكىن بۇ قارار نۇرغۇن ئاممىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچراپ، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش يولىدا ماڭماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلغان.

1992-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى دۆلىتىمىز بىلەن گروزىيە دېپلوماتىيە مۇناسىۋېتى ئورناتتى.

1992-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى جياڭ زېمىن مەركىزىي پارتىيە مەكتىپىنىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىك دەرىجىلىك كادىرلىرىنىڭ بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا «يولداش دېڭ شياۋپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ تېز، تېخىمۇ ياخشى ئېلىپ بارايلى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلغان. ئۇ سۆزىدە دېڭ شياۋپىڭنىڭ سۆزىنى قانداق قىلىپ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى توققۇز جەھەتتىن شەرھلىگەن.

1994-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى ئامېرىكىلىق ئۆسمۈر سىنگاپۇردا قامچا جازاسىغا تارتىلدى.

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى يې چياۋبو «تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ئاۋانگارت» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشتى.

2003-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى سۈن جىگاڭنى قەستەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى بىرىنچى سوتتا ھۆكۈم ئېلان قىلىندى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى 18-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى گىرمانىيەدە باشلاندى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى «ئوتتۇرا يۇلتۇز 9-نومۇر» رادىيو-تېلىۋېزىيە بىۋاستە كۆرسىتىش سۈنئىي ھەمراسى ئالەم بوشلۇقىغا كىردى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 15:55:29

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 10 - كۈنى)

مىلادىدىن بۇرۇنقى 323-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ماكېدونىيە ئالېكساندىر سۇلتان ۋاپات بولدى.

1190-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى مۇقەددەس رىم ئېمپىرىيىسى پادىشاھى فرېدېرى بىرىنچى ۋاپات بولدى.

1819-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى فىرانسىيىلىك رەسسام گۇستاۋ.كوۋربېت تۇغۇلدى.

1836-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى فىرانسىيىلىك فىزىكا ئالىمى ئامپىر ۋاپات بولدى.

ئامپىر (Andre-Marie Ampere,1775 - 1836)

ئامپىر 1775- يىلى 1- ئايدا فىرانسىيىدىكى لىوندا تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى كىچىك سودىگەر بولۇپ، پۈتۈن خىيالىدا ئۆزئوغلىنى بىلىملىك ئادەم قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىشنى ئويلىغان. ئامپىر مەكتەپتە ماتېماتىكىنى ناھايىتى ياخشى ئۈگەنگەن. فىرانسىيە زور ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ دادىسى لىوندىكى يۇرتىغاقايتىپ كەتكەن. ئائىلە تۇرمۇشى يار بەرمىگەنلىكتىن، ئامپىر مەكتەپتىن چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان. كېيىن مىڭ تەسلىكتە يەنە لىونغا قايتىپ ئوقۇشقا كىرگەن. بىر نەچچە يىلدىن كىيىن، ئۇ ئىھتىماللىق نەزەرىيىسىگە ماتىماتىكىلىق ماقالە ئېلان قىلىپ، شۇچاغدىكى فىرانسىيە ئىلىم - پىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 1809 - يىلى ئۇ پارىژ ھۆنەر - سەنئەت ئىنىستىتوتىدا ماتېماتىكا فىروفېسسورى بولۇپ كېيىن فىرانسىيە ئىنىستىتوتىنىڭ فىروفىسسورى بولغان.

ئامپىر ئۇ ئىرىستىتنىڭ توكنىڭ ماگنىتلىق تەسىرىنى تاپقانلىقىغا ناھايىتى قىزىقىدۇ . ئۇ ئىرىستىتنىڭ تەجرىبىسىنى قايتا ئۆيكۈزۈپ، توك ئىقىمىنىڭ ئۆتكۈزگۈچ جىسىمدىن ئۆتكەن چاغدا ھاسىل قىلىدىغان ماگنىتلىق تەسىرىنى دەلىللەش قارارىغا كىلىدۇ . سانسىزلىغان تەجرىبىلەر نەتىجىسىدە، ماگنىت ئىستىرىلكىسى بىلەن توك ئىقىمىنىڭ يۆلىنىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىنىقلايدۇ . تەجرىبە داۋامىدا ئۇ بىر تال تۈمۈر يىڭنىنى بىر دۈگىلەك دائىرە ئىچىگە قويۇپ ئۆتكۈزىدۇ، بۇچاغدا تۈمۈر يىڭنە ماگنىتلىنىدۇ. بۇقارىماققا ئاددىي تەجرىبە بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭغا ئامپىرنىڭ نۇرغۇن يۈرەك قىنى سەرپ بولغان.

1823 - يىلى ، ئۇ \"ئىلىكتىر ماگنىت تەلىماتى\" دىگەن كىتاپنى ئېلان قىلىدۇ . بۇ كىتاپ ياۋروپا بويىچە ناھايىتى داڭ چىقىرىدۇ . 1826 - يىلى ئۇ يەنە \"ئىلمىنتلار توك تەلىماتى\" نى ئېلان قىلىپ، شۇچاغدىكى ماگنت بىرخىل ئالاھىدە ماددا دىگەن سەپسەتىنى بىت چىت قىلىۋەتكەن.

ئامپىرنىڭ قىزىقىدىغانلىرى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، فىزىكا ۋە ماتېماتىكىنىلا تەتقىق قىلىپ قالماي، پەلسەپىنىمۇ تەتقىق قىلغان ئىدى . ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا پەنلەرنىڭ تۈرلىرىنى تەتقىق قىلدى. ئۇ 1836- يىلى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى 61 يېشىدا ۋاپات بولغان.

1893-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ داڭلىق مۇزىكا نەزەرىيىچىسى چىڭجۇ تۇغۇلدى.

1900-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سەككىز دۆلەت بىرلەشمە ئارمىيىسى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقتى.

1907-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇمېير ئاكا-ئۇكىلار ئۈچ رەڭلىك رەسىم ياساش تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى.

1907-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ-پارىژ ماشىنا مۇسابىقىسى باشلاندى.

1909-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگىلىيە پاراخوتى ئالدى بىلەن SOS ياردەم تەلەپ قىلىش سىگنالىنى ئىشلەتتى.

1919-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى لۇ زۇڭيۈ، ساۋ رۇلىن، جاڭ زۇڭشياڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.

1920-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈەندىيەنچيەن ئۇرۇشى پارتىلىدى.

1927-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال «5-ئايلىق كۆرسىتىش خېتى» چىقىرىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇشنى پىلانلىدى.

1929-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئەنگىلىيە ئاياللىرى تۇنجى قېتىم ئىچكى كابىنېتقا كىردى.

1931-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دىرىژور توسكانىنى ۋاشىست مۇزىكىسىنى ئورۇنلاشنى رەت قىلدى.

1932-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى «ئەدەبىيات ئايلىق ژۇرنىلى» نەشىردىن چىقتى.

1943-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئېشى ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى.

1951-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پۈتۈن مەملىكەتتە خاۋ جيەنشيۇ خىزمەت ئۇسۇلىنى ئومۇملاشتۇردى.

1952-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ماۋزېدۇڭنىڭ «تەنتەربىيە ھەرىكىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقنىڭ بەدەن ساپاسىنى ئۆستۈرەيلى» دېگەن بېغىشلىما سۆزى ئېلان قىلىندى.

1967-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكا كېنو ئارتىسى سىپېنسېر.تراسى ۋاپات بولدى.

1979-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى پاپا پولشادا مىليۇنلىغان كىشىگە مىسسا ئۆتكۈزدى.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى لياۋ چېڭجى ۋاپات بولدى.

1984-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى جۇ جيەنخۇا ئېگىز سەكرەشنىڭ دۇنيا رېكورتىنى ياراتتى.

1991-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى زاكاز مال سودىسى ئورنى قۇرۇلدى.

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قازاقىستان پايتەختىنى كۆچۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

1999-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى ئامېرىكىلىق خەنزۇ ياڭ شياڭجۇڭ تۇنجى كۆپىيىش ھۇجەيرىسى بولمىغان كلونلىغان كالا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى سىچۈەن ئۆلكىسى ھەربىي رايوننىڭ ھادىسىگە ئۇچرىغان تىك ئۇچارى بايقالدى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 16:59:42

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى)

1294-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئەنگىلىيەلىك پەيلاسوپ كىمىياگەر روگېر.باكون ۋاپات بولدى.

روگېر باكون (Roger Bacon. 1214 - 1292)

ئەنگىلىيىلىك مۇتەپەككۇر، تەجرىبە پەنلىرىنىڭ پىشىۋاسى. ئۇ مەدرىس پەلسەپىسىنى تەنقىت قىلىپ : تەجرىبە پەنلىرىلا \"ئىنسانلار ئۇچۇن بەخت يارىتىپ\" بىرەلەيدۇ، دەپ قاراتتى. شۇڭا چىركاۋ ئۇنى 15 يىل نەزەربەنت قىلدى. ئۇ خۇددى ئالخىمىك ئوخشاش، بارلىق مىتاللارنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرا لايدىغان \"ھېكمەتلىك تاش\" نى ئىزلىدى، لىكىن قىممەتلىك بولغان بىرمۇنچە ئىلمىي تەكشۈرۈشلەر ۋە تەجرىبىلەر بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. ئۇنىڭ بۇتەرىپى ماتىرىيالىستىك خاھىشقا ئىگە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ كۆزەينەك، دۇربۇن، مىكروسكوپ ۋە ئۇچقۇچى ماشىنىلارنىڭ كەشپىياتى توغرىسىدىمۇ تەسەۋۋۇرغا ئىگە ئىدى.

1862-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى پايتەخت تەرجىمانلىق مەكتىپى قۇرۇلدى.

1898-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋۇشۈي يىلىدىكى قانۇن ئۆزگەرتىش باشلاندى.

1903-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سېربىيە پادىشاھى بىلەن خانىشى قەستكە ئۇچراپ قازا قىلدى.

1907-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ليۇ شىفۇ لى جۈننى قەستلەپ ئۆلتۈرىۋەتتى.

1911-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى چېن دۇشيۇ «بېيجىڭ خەلقى خىتابنامىسى» تارتقاتقانلىقى ئۈچۈن تۇتۇلدى.

1915-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو روسىيە موڭغۇلىيە «چاكتۇ كېلىشىمى» تۈزدى.

1919-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى شۈ شىچاڭ خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1924-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ياپونىيە سىياسىي پارتىيە سىياسىتى باشلاندى.

1930-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى لى لىسەننىڭ رادىكالىزىم قارار لاھىيىسى جۇڭگو كومپارتىيىسى سىياسىي سېموكراتىيىسىدىن ئۆتتى.

1937-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەشھۇر گېنىرالى تۋوچېفسىكى ئۆلتۈرۈلدى.

1949-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيىسى بىر تۈركۈم كادىرلارنى جەنۇبقا يۆتكىدى.

1950-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسسام ھىنرىي.ماتس ۋېنىتسىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

1963-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى شېن جۈنرۇ ۋاپات بولدى.

1979-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئامېرىكا كېنو چولپىنى جون. ۋاين ۋاپات بولدى.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى رەسسام لى كۇچەن ۋاپات بولدى.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا قار تەنلىكلەر ئىتتىپاقلىشىش يىغىنى ئېچىلدى.

1985-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگونىڭ ئاگرونومى، مائارىپشۇناسى زۇ بىڭۋېن ۋاپات بولدى.

1990-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جياڭزىمىن تەيۋەن مەسىلىسى ھەققىدە مۇھىم سۆز قىلدى.

1990-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى مەملىكەتلىك بىرلىكسەپ خىزمىتى بېيجىڭدا ئېچىلدى.

2001-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جۇڭگو كومپارتىيىسى مەركىزى كومېتىتى تەشۋىقات بۆلۈمى ئىككىنچى تۈركۈمدىكى يۈز ۋەتەنپەرۋەر مائارىپ بازىسىنى ئېلان قىلدى.

2005-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى سېڭ يىنچۇەن شياڭگاڭ ئالاھىدە رايون باشلىقى بولدى.

2006-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالەم تېخنىكىسى ۋە ئاپتوماتىك كونترول قىلىش مۇتەخەسسىسى ياڭ جياچى ۋاپات بولدى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى ۋېيتنامنىڭ سابىق زۇڭلىسى ۋۇ ۋېنجيې ۋاپات بولدى.

2010-يىلى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى جەنۇبى ئافرىقا دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 17:05:20

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى)

280-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى غەربى جىن سۇلالىسى شەرقى ۋۇ سۇلالىسىنى يوقاتتى، ئۈچ پادىشاھلىق دەۋرى ئاخىرلاشتى.

290-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى شىچوڭ بىلەن ۋاڭكەي بايلىقىنى بەسلەشتۈردى.

1127-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كاڭ ۋاڭجاۋ جەنۇبى سۇڭ سۇلالىسىنى قۇردى.

1408-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى چاۋشيەن پادىشاھى لى چېڭگۈي ۋاپات بولدى.

1684-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئاخىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ باشلىرىدىكى تىۋىپ، ئەدىب، سىرلىق دەرۋىش فۇشەن ۋاپات بولدى.

1898-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى فىلىپپىن ئازاد بولدى.

1899-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بىئوخىمىك لى پۇمەن تۇغۇلدى.

1901-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۇبا ئامېرىكىنىڭ قوغدايدىغان دۆلىتى بولدى.

1904-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى «ۋاقىت گېزىتى» نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

1923-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى لۇشۇن مۇھەببەت مەسىلىسى مۇھاكىمىسىگە قاتناشتى.

1924-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بوش تۇغۇلدى.

1928-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سىتالىن جۇڭگو كومپارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

1929-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى «ئاننىنىڭ خاتىرىسى» دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ئاننى.فرانك تۇغۇلدى.

1930-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى سەي خېسىن قەستكە ئۇچرىدى.

1938-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ۋۇخەن ھەل قىلغۇچ جېڭى پارتىلىدى.

1939-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى پىڭجياڭ قانلىق ۋەقەسى يۈز بەردى.

1944-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى دۇنيادىكى بىرىنچى خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبا V-1 رەسمىي ئەمەلىي ئۇرۇشقا ئېلىپ كىرىلدى.

1952-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى بېيجىڭ خەلق بەدىئىي تىياتىرخانىسى قۇرۇلدى.

1964-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ماندېرا ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

1968-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مەركەز ماۋزېدۇڭنىڭ ئوبرازىنى تەشۋىق قىلغاندا شەكىلۋازلىقتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى.

1970-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى داڭلىق پروگرامما رىياسەتچىسى چېن لۇيۈ تۇغۇلدى.

1978-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى گومورۇ ۋاپات بولدى.

ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ (1892 - 1978 )

گومورو 1892 - يىلى سىچۇەن ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان، ئەسلى ئىسمى گوكەيجىن، لەقىمى مورو، ئاتاقلىق شائىر، يازغۇچى، دىراماتورگ، تارىخچى ۋە ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى. ئۇ 1914 - يىلى ياپونىيىگە چىقىپ دەسلەپ مىدىتسىنادا كېيىن ئەدەبىياتتا ئوقۇغان، 1918 - يىلىدىن باشلاپ يېڭى شېئىرلارنى يېزىشقا كىرىشكەن، 1921 - يىلى ئۇنىڭ \"ئايال ئىلاھ\" ناملىق شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنغان. ئۇنىڭ تەتقىقات ماقالېلىرىدىن \"جوڭگۇ قەدىمقى زامان جەمىيىتى ئۈستىدە تەتقىقات\" ، \" قەدىمقى يېزىق ھەققىدە تەتقىقات\" ، \"غەربىي جۇ، جىن سۇلالىسى ئارخىپلىرىغا رەسىملىك ئىزاھات\" قاتارلىقلار ناھايىتى مەشھۇر. ئۇنىڭ دىرامېلىرىدىن\"تاڭجۇ گۈلى\"، \"چۈييۇئەن\" ، \"سەيۋىنچىڭ\" . \"ۋۇ زېتىيەن\" .. قاتارلىق تارىخى دىرامېلىرى بار. ئۇنىڭ يەنە\"شەرق توپلىمى\" ناملىق شېئىرى، \"لى بەي ۋە دۇفۇ\" قاتارلىق ئىلمىي ئەسەرلىرى بار. ئۇ 1978 - يىلى 6 - ئاينىڭ 12 - كۈنى كىسەللىك سەۋەبى بىلەن ئالەمدىن ئۆتكەن. گومورو لۇشۈندىن كىيىنكى جۇڭگو مەدەنىيەت سىپىدىكى يەنەبىر بايراق ئۇنىڭ ھازىر \"گومورو ئەسەرلىرى توپلىمى \" قاتارلىق بىر يۈرۈش توپلاملىرى بار.

1980-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى نيۇ يورۇكتا 800 مىڭدىن كۆپرەك خەلق يادروغا قارشى تۇرۇش نامايىشىسىغا قاتناشتى.

1985-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ماتىماتىكا ئالىمى خۇا لوگېڭ ۋاپات بولدى.

1991-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى يەلتسىن روسىيە فېدېراتسىيە زۇڭتۇڭى بولدى.

1992-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى دۆلىتىمىز خەنزۇتىلى مىكرو تىپتىكى ئالقان كومپيۇتېرىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقتى.

1994-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۇرىل كۆلىدىكى بۇلاڭچىلىق قىلىپ ئادەم ئۆلتۈرۈش دېلوسىنىڭ بىرىنچى سوتى ئاخىرلاشتى.

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى مارادونا مۇخبىرنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ قويغانلىقتىن جازاغا ھۆكۈم قىلىندى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 12-كۈنى كۇبالىق تەنھەرىكەتچى روبېس ئەرلەرنىڭ 110 مېتىر رېشاتكا ئاتلاپ يۈگۈرەش مۇسابىقىسىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى بۇزىۋەتتى.

nazugum يوللانغان ۋاقتى 2013-6-16 17:07:47

تارىختىكى بۈگۈن (6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى)

ئىمپىراتۇر ئالىكساندىر (مىلادىدىن بۇرۇن 323 - 356 ) (ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن)

\"قۇرئان كەرىم\" نىڭ ئىزاھات قىسمىدا << كۆپچىلىك مۇپەسسىرلەر قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەر نەيىننى مەشھۇر ئىشغالىيەتچى ئىسكەندەر مەقدۇنى (ماكودونى) دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنى يەمەننىڭ پادىشاھلىرىدىن بىرى دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنى بىر ياخشى بەندە بولۇپ ئاللا ئۇنىڭغا بۈيۈك سەلتەنەت، ھېكمەت ۋە پايدىلىق ئىلىم ئاتاقىلغان دەپ قارايدۇ. زۇلقەرنەيىن - ئىسكەندەر ماكىدونى ئەمەس دىگۈچىلەر ئىسكەندەر نىڭ قەدىمقى يۇنان ئىلاھ لىرىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۈگەنگەنلىكىنى. قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان زۇلقەرنەيىن بولسا تەۋھىدكە ئاللاغا ئىشىنىشكە مايىل ئىكەنلىكىنى دەلىل قىلىپ كۆرسىتىدۇ. ئىسكەندەرنىڭ قەدىمقى يۇنان ئىلاھلىرىغا ئىتىقاد قىلىش تەرەپلىرى بولغان بولسا، ئەينى ۋاقىتتىكى موھىتنىڭ ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكىدىن شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆزى ئىشغالىيەت قىلىۋالغان مەدەنىي ئەللەرنىڭ مەبۇدىلىرىنى ھۆرمەت قىلغانلىقىدىن بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئۇ مىسىرلىقلارنىڭ مەبۇدى ئامۇنغا ئەنە شۇنداق مۇئامىلە قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئارىستوتىلدىن پەلسەپە ئۈگەنگەنلىكىگە كېلىدىغان بولساق(روھۇل مەئانى) تەپسىرىنىڭ مۇئەللىپى مۇنداق دەيدۇ:\" بىز ئىسكەندەرنىڭ ئارىستوتىل پەلسەپىسىگە پۈتۈنلەي ئېتىقات قىلىغانلىقىغا قايىل ئەمەسمىز. چۈنكى بىر كىشىنىڭ يەنە بىركىشىگە شاگىرت بولىشى، ئۇنىڭ ھەممە مەسىلىلەرگە بولغان قارىشىنىڭ ئۇستازنىڭ قارىشى بىلەن بىردەك بولىشىدىن دېرەك بەرمەيدۇ \" . ئىسكەندەر مەقدۇنى مىلا دىدىن 356يىل بۇرۇن تۇغۇلغان ، ئاتىسى ئۇنى ئوبدان تەربىيىلىگەن. ئۇ پەلسەپە ۋە ئىلىم مەرىپەت جەھەتتە كۆپ مەلۇمات ھاسىل قىلغان. ئۆز دەۋرىدە جاھاننىڭ كۆپ قىسمىنى ئىشغال قىلغان. مىلادىدىن 332 يىل بۇرۇن مىسىرنى ئىشغال قىلىپ ، ئۇنىڭدىن پارىسلارنى ھەيدەپ چىقارغان، مىسىردا ئىسكەندىرىيە شەھىرىنى بىنا قىلغان. سېستان، ئىراق، ئىران، ھىندىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق جايلارنى بويسۇندۇرغان. ئۇ مىلادىدىن 323 يىلى بۇرۇن 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنى 33 يېشىدا ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ زۇلقەرنەيىن دەپ ئاتىلىشى شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇنىڭ كىيگەن دوبۇلغىسىنىڭ ئىككى تەرىپىدە چوڭ ئىككى باغلام ئۇزۇن پەي بارئىدى دەپ چۈشەندۈرگەن. ( \"قۇرئان كەرىم\" 1987 - يىلى ئۇيغۇرچە نەشىرى، 617 - ، 618 - بەتلەر)

220-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى شەرقى خەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە ساۋساۋنىڭ قول ئاستىدىكى گېنىرال شيا خوۋدۈن ۋاپات بولدى.

1858-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى «جۇڭگو-روسىيە تيەنجىن شەرتنامىسى» ئىمزالاندى.

1867-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكا ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ تەيۋەنگە باستۇرۇپ كىردى.

1897-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى فىنلاندىيە ئۇزۇنغا يۈگۈرەش ماھىرى لۇمىنال تۇغۇلدى.

1900-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى يىخېتۈەن ھەرىكىتى باشلاندى.

1905-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى خەلق مۇزىكانتى شيەن شىڭخەي تۇغۇلدى.

1923-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالى ھۆكۈمەتتە ئىچكى توقۇنۇش يۈز بەردى.

1926-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى بىسۇسكى پولشادا دىكتاتۇرا ھاكىمىيىتى قۇردى.

1940-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى گومىنداڭ ماۋزېدۇڭنىڭ «يېڭى دېموكراتىزىم نەزەرىيىسى» نى مەنئىي قىلدى.

1940-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى كىنو «كېپىنەك چۈشى» قويۇلدى.

1956-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيە سۇۋەيىش قانىلىدىن ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈم ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈردى.

1975-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ پۇل پاخاللىشىشى ياۋروپا بويىچە ئەڭ يۇقىرى بولدى.

1978-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلىتىمىزنىڭ ھازىرقى زامان يازغۇچىسى ليۇ چىڭ ۋاپات بولدى.

1981-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى دۇنيادا تۇنجى ئەيدىز كېسىلى بىمارى ئېلان قىلىندى.

1982-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ھالىد ۋاپات بولدى.

1982-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى 12-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلاندى.

1983-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئالدىن دېرەك بەرگۈچى 10-نومۇرلۇق تەكشۈرگۈچ نېپتۇن ئوربېتىسىدىن ئۇچۇپ چىقتى.

1994-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئامېرىكىنى زىل-زىلىگە كەلتۈرىۋەتكەن سىمپسون ۋەقەسى يۈز بەردى.

1995-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى فىرانسىيە يادرو تەجرىبىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1996-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى جۇڭگونىڭ داڭلىق ئېكىسپىدىتسىيىچىسى يۈ چۈنشۈن ۋاپات بولدى.

1998-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۆسمۈر قىز ئۆڭكۈرگە 42 كۈن قامىلىپ قېلىپ قۇتقۇزۇۋېلىندى.

2000-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى شىمالى ۋە جەنۇبى چاۋشيەننىڭ رەھبەرلىرى تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى.

2008-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇنجى قېتىم ئىنسانلارنىڭ تۇخۇم ئاجرىتىپ چىقىرىش باسقۇچى سۈرەتكە تارتىلدى.


بەت: [1]
: تارىختىكى بۈگۈن (6-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 13- كۈنىگىچە)