charwichi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 09:59:44

[تەرجىمە]گېن يۆتكەلگەن 3 خىل پۇرچاق ئىمپورت قىلىنىدىغان بولدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 6-ئاينىڭ 13-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېرمانىيە BASF شېركىتى ۋە ئامېرىكا Monsanto شېركىتى ئىلتىماس قىلغان CV127، MON87701، MON87701×MON89788 قاتارلىق گېن يۆتكەلگەن 3 خىل پۇرچاق سورتى ئىمپورت قىلىنىدىغان بولدى.


بۇلار خام ئەشيا پىششىقلاپ ئىشلەشتە قوللىنىلىدىغان بولۇپ، يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىكىنىڭ گېن يۆتكەلگەن جانلىقلار بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش كومېتىتىنىڭ بىخەتەرلىك باھالىشىدىن ئۆتكەن. يۆتكەلگەن گېنلار ئاساسلىقى ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش دورىلىرى ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارشى ئىقتىدارلارغا ئىگە گېنلار ئىكەن.


ھازىرغىچە، ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە پۇرچاق سورتى -CV127 ئامېرىكا،  كانادا، ياپونىيە، كورىيە، ئاۋىستىرالىيە، يېڭى زىلاندىيە، فىلىپپىن، مىكسىكا، روسىيە، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا ...قاتارلىق دۆلەتلەردە تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆلەملەشتۈرۈلۈپ تېرىلغان ۋە ئىستىمال قىلىنغان ئىدى. ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە MON87701 سورتى ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ..قاتارلىق جايلاردا   تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆلەملەشتۈرۈلۈپ تېرىلغان ۋە ئىستىمال قىلىنغان ئىدى. ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارشى ئىقتىدارغا ئىگە MON87701×MON89788 سورتى كورىيە، مىكسىكا، بىرازىلىيە، ئارگېنتىنا ،ياۋروپا ئىتتىپاقى ..قاتارلىق جايلاردا  تەستىقلانغاندىن كىيىن كۆلەملەشتۈرۈلۈپ تېرىلغان ۋە ئىستىمال قىلىنغان ئىدى.


(تەرجىمىدىن كىيىنكى سۆز:


گېن يۆتكەلگەن پۇرچاق  ھازىر يەم-خەشەك سانائىتىدە كەڭ -كۆلەمدە ئىشلىتىلىۋاتقان بولۇپ، كالا، چوشقا، توخۇ، قوي..قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ يەم-خەشەك مەنبەسى بولماقتا. شۇنداقلا ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان مايلارمۇ بار.


ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن، بىرلىك مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرى  كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلىشكە باشلاندى. بۇنىڭ بىلەن پۇرچاق ..قاتارلىق زىرائەتلەرمۇ بۇ دورىلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ كەلدى. بۇ خىل زىياننى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش ئۈچۈن، ئالىملار ئۇزۇن يىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق  ، ئوت-چۆپ ئۆلتۈرۈش ۋە ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىلىرىغا قارشى تۇرالايدىغان گېن يۆتكەلگەن زىرائەتلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈردى ۋە كۈنسايىن ئومۇملىشىشقا باشلىدى.


گېن يۆتكەلگەن زىرائەتلەر ۋە باشقىلارنىڭ مەھسۇلاتلىرى، مەسىلەن : سۈت، گۆش، ماي،كۆكتات ....قاتارلىقلار بىلەن ‹‹يىشىل (تەبىئى) يىمەكلىكلەر ›› نى ئىنسانلار ئىستىمال قىلغاندىن كىيىن پەرق بارمۇ -يوق؟ ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيىنى بارمۇ-يوق؟ بۇ مەسىلىلەر يىللار بويى تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلمەكتە. ھازىرغىچە پۇرچاق، بەرەڭگە، پەمىدور، ..قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە گېن يۆتكەلگەن سورتلار بار. مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، كۈندۈلۈك ئىستىمالىمىزغا گېن يۆتكەلگەن مەھسۇلاتلار توشۇپ كېتىشى مۇمكىن.)



مەنبە:



http://news.ifeng.com/mainland/detail_2013_06/13/26375631_0.shtml

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 16:46:39

مەن شەخسەن گېنى يۆتكەلگەن زىرائەتلەرنى ھازىرچە كەڭ كۆلەمدە كۈندىلىك ئىستىمالغا ئىشلىتىشنى قوللىمايمەن، گەرچە گېن قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بارغانسىرى پىشىپ يىتىلىۋاتقان بولسىمۇ نىشان گېننى ئۆزگەرتىلمەكچى بولغان جانلىقنىڭ باشقا گېنىغا تەسىر كۆرسەتمىگەن شەرت ئاستىدا ئىپادىلەپ چىقىش ئۇنداق ئاسان ئەمەس، ھەم ھازىرچە بىخەتەرلىككە تولۇق كاپالەتلىك قىلىمىز دىيىشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ ، چۈنكى جانلىقلار DNA سىدا بار بولغان ئىشقار رادىكاللىرى تەرتىپىنىڭ ھەممىسى ئىپادىلىنىپ چىقالايدىغان گېن بولالمىسىمۇ ئۇلارنىڭ تىزىلىش تەرتىپى يەنىلا شۇ جانلىقنىڭ مەلۇم  بەلگىلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ، ئالىملار مەلۇم جانلىقلار ئۈستىدە DNA تەرتىپى ئېنىقلاشنى ئىشقا ئاشۇرغان بولسىمۇ لېكىن ھەر خىل جانلىقلارنىڭ ئېرسىيەت كودلىرىنىڭ تاللاپ تەرجىمە قىلىنىپ ئاقسىل سىنتىزلەش مىخانىزىمىنى تولۇق ئىگەللەپ بولالمىدى.

مۇشۇنداق ئەھۋالدا ئەسلىدىكى نورمال تەرتىپ ئارىسىغا ناتۇنۇش بىر تەرتىپنى قىستۇرۇپ ئۇنى ئىپادىلەپ چىقتۇق دىسەكمۇ ئەسلىدىكى قىستۇرۇلغان جايدىكى ئۈزۈلگەن ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن بۇ جانلىقنىڭ تىنىدىكى ئاشكارا ۋە يۇشۇرۇن بەلگىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى ، مۇھىتقا ماسلىشىشى ، ئىستىمال قىلىنغاندىن كېيىن يېڭى تەرتىپنى ئۈلگە قىلىپ سېتىزلانغان ئاقسىلنىڭ باشقا ئەكىس تەسىرى بولۇش بولماسلىقى .....قاتارلىق مەسىلىلەرگە ھازىرچە ئېنىق جاۋاب بېرىش ئىنتايىن قىيىن . شۇڭا ھازىرغىچە گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلار بىخەتەرلىكى مەسىلىسى تالاش تارتىش قىلىنىۋاتىدۇ .

بىر چاغلاردا خەۋەرلەردە ئامىرىكىنىڭ كۆپ مىقتاردىكى بۇغداينى ئافىرىقىدىكى ئاچارچىلىق رايۇنىغا ئىئانە قىلغانلىقى ، كېيىن بۇنىڭ گېنى يۆتكەلگەن بۇغدايلىقى ئاشكارلىنىپ مىننەتتارلىق ئورنىغا قارشىلىق ئالماشقانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. گەرچە بۇ بۇغداينى ئىستىمال قىلىشتىن باشقا مەسىلە كېلىپ چىقمىغان بولسىمۇ مەن يۇقىرىدا دىگەندەك بەزى سەۋەبلەر گېنى يۆتكەلگەن جانلىقلار مەسىلىسىدە دۇنيا مىقياسىدا ئەندىشە خېلى بار .

نۆۋەتتە كىلون تېخنكىسىنى چۆرىدىگەن ئېتىكا ئەخلاق مەسلىسى بۇ ساھەدىمۇ كۈچەپ تەكىتلىنىۋاتىدۇ ، كىشىلەر كەلگۈسىدە گېن قۇرۇلۇشى تېخنكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۈمىدۋار قارىسىمۇ گېتلىردىن باشلانغان گېن قورالى ياساش چۈشىنى كۆرۈۋاتقانلارنىڭ بارلىقىغا كۆپ سانلىق كىشى ئىشىنىدۇ ، ئەگەر بۇ خىل تۈردىكى قوراللار كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىلسە ئۇنىڭ كۈچى ۋە قوللىنىشچانلىقى نۆۋەتتىكى يادرو ، خېمىيىلىك قوراللاردىن زور دەرىجىدە  ئېشىپ كىتىدۇ .

گېن قورالى ئارقىلىق ، مۇئەييەن ئادەم ، ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ، مىكرو ئورگانىزىملار توپىغا نىشانلىق زەربە بېرىش ئارقىلىق مەقسەتكە يىتىش ئاسان، بۇنىڭدا گەرچە ئۆي ئىمارەت ۋە مۇھىت فىزىكىلىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىمىسىمۇ بىر دۆلەتنى يۇشۇرۇن زەربىدە ئىقتىسادى كىرىزىسكە پاتۇرغىلى ، يېڭى يۇقۇملۇق كېسەل ئارقىلىق نىشان ھۆكۈمەتنىڭ تىزگىنلەش تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ دۆلەت ئىچىدىكى نارازىلىق ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى پاكىز ئالماشتۇرغىلى، مۇئەييەن مىللەت ،ئېرققا قارىتا پەرق ئېتىشچان كېسەللىك قوزغاتقۇچلىرى ئارقىلىق ئاستا خاراكتىرلىك يۇشۇرۇن زەربە بەرگىلى.......بولىدۇ . ئىشقىلىپ خالىغانچە تەسەۋۋۇر قىلىسىڭىزمۇ بولىدۇ .

بىراق ئىلىم پەندىن ئىبارەت قوش بىسلىق خەنجەر يەنە ئېرسىيەت كېسەللىكلىرى ، ئاچارچىلىق ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ، يۇقۇملۇق كېسەل ، ئىكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى كونتىرول قىلىش ، جانلىقلار كۆپ خىللىقىنى ساقلاش....قاتارلىق ساھەلەردە ھەيران قالارلىق تەرەققىياتلارغا ۋە نەتىجىگە ئېرىشكۈسى.

بىلگنىمچە قارىشىمنى سۆزلەپ قويدۇم ، بولسا كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ باقساق ...

tirkax يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 17:53:19

ماسۇنلارمۇ تەتقىق قىلىۋاتامدىكى ، يەرشارىدىكى 1 مىلياردتىن ئارتۇق ئەخلەتلەرنى تازلىۋىتىش كىرەك دەۋاتاتتى .

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 20:23:43

گېنى ئۆزگەرتىلگەن يىمەكلىكلەر توغرىسىدا دۇنيادا ئوخشىمىغان قاراشلار مەۋجۇت. گەرچە ھازىرغىچە بىرەر گېنى ئۆزگەرتىلگەن يىمەكلىلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن كىلىپ چىققان بىرەر سالامەتلىك خەۋىپى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ، لىكىن بۇ خىل يىمەكلىكلەرنىڭ پۈتۈنلەي بىخەتەر ئىكەنلىكىگىنى ھىچكىم ئىسپاتلىغىنى يوق. بۇ توغرىسىدا نوپۇزلۇق ئورگان خەلقىئارا سەھىيە تەشكىلاتى بىر قاتار چۈشەنچىلەرنى بەرگەن بولۇپ، قىزىقىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى (ئېنگىلىزچە ئىكەن) كۆرۈپ باقسا بولىدۇ:



http://www.who.int/foodsafety/publications/biotech/20questions/en/

Aqilghin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 17:50:47

ھايۋانلاردا ېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردە 2-3-ەۋلادلاردىن كېيىن نەسىل قالدۇرۇش

ىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى ياكى بارغانسېرى يوقۇلىشى،ھايۋانلاردا ۆز تىپىنى

تونىماسلىق،قانخورلىشىپ ۆز نەسلىنى يەۋىتىش،ۆسمە قاتارلىق بىنورمال ھادىسلەر

بايقالغان.شۇڭا غەرب ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرى گېن ۆزگەرتىلگەن اشلىق ۋە يىمەكلىكلەرنى

قاتتىق چەكلىمەكتە.ىنسانلاردا ھايۋانلاردا كۆرۈلگەن ھادىسلەرنىڭ بولۇش بولماسلىقى

تېخى ېنىق ەمەس.چۈ نكى ىنسانلار 1-ەۋلاد تەجرىبە مەزگىلىدە.



شۇڭابىر ىككى يىلنىڭ ياقى تور بەتلەردە بىز گېن تەجرىبخانىسىدىكى اق چاشقان

ەمەس دىگەندەك ماقالىلار كۆپىيىپ كەتتى.
بەت: [1]
: [تەرجىمە]گېن يۆتكەلگەن 3 خىل پۇرچاق ئىمپورت قىلىنىدىغان بولدى