peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 09:37:13

چەتئەل غەيۋەتلىرى ئىشىنەمسىز؟ (پەلەك)

                1. سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ چۆلنىڭ بىرىگە  ئىگە تۇرۇپمۇ،قۇم ۋە تۆگىنى چەتئەلدىن ئىمپورت قىلىدۇ.چۈنكى چۆل قۇمى قۇرۇلۇشقا ماس كەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، قۇرۇلۇش قىلىش ئۈچۈن توننىلاپ قۇمنى شوتلاندىيەدىن سىتىۋىلىپ ئەكىلىدۇ.  سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تۆگىلىرى يىلدىن-يىلغا ئازىيىۋاتقاچقا ،شىمالى ئافرىقىدىن تۆگە ئەكىرىدىكەن.

              2.ئالبانىيە    ئىلگىرى بىر پوچتا ماركىسى تارقاتقان بولۇپ،دۇنيادىكى ئەڭ قالتىس ‹بەڭگە›نى خاتىرىلىگەن ،ئۇنىڭ ئىسىمى ئەخمەت زوگو .ئىيتىلىشىچە ئۇ ھەركۈن ئوتتۇرا ھىساب بىلەن 240تال (يەنى 12قاپ) تاماكا چىكەرمىش.

            3. دارۋىن ‹تۈرلەرنىڭ كىلىپ چىقىشى› دىگەن كىتابىنىڭ تۇنجى نەشرىنى 1250تىراژدا بىسىلغاندا ،بەك كۆپ بولۇپ كىتىپتۇ دەپ قارىغان.لىكىن بۇ  كىتابلار تۈنجى كۈنىلا پاك- پاكىزە سىتىلىپ بولغان.

              4.ئامىرىكىدا  ھەريىل قانۇنسىز قىمار سودىسىدىن قىلغان كىرىمى ئامىرىكىدىكى ئەڭ چوڭ 75سانائەت كىرىمىنىڭ يىغىندىسىدىنمۇ كۆپ ئىكەن.

             5.جۇلىيۇس قەيسەر دەۋرىدە يەرشارى ئومۇمى  نوپۇسى 150مىليون ئىدى.ھازىر يەرشارىدىكى نوپۇس  قانچە يىلدا 150مىليوندىن كۆپىيىدۇ؟   

            6.  1867-يىلى ،ئامىرىكا ئالياسكىنى روسىيەدىن  7مىليون 200مىڭ دوللارغا سىتىۋالغان . ھەر ئىنگىلىز موسى 2 سىنتتىن توغرا كەلگەن.

             7.    19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا ،3جۈپ ئۆي توشقىنى ئاۋستىرالىيە قۇرۇقلۇقىدا قويۇۋىتىلگەن .ئون يىل ئىچىدە بۇ ئالتە توشقان كۆپىيىپ مىليوندىن ئىشىپ كىتىپ ،ئاۋستىرالىيە يىزا ئىگىلىكىگە ئىغىر تەھدىت پەيدا قىلغان.

                8. ۋىنىستون چىرچىل ئەسلىدە ئۇدا ئىككى قىتىم ئىمتىھان بىرىپمۇ ،بىرىتانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىنىڭ ساندخۇرست ئىنىستىتۇتىغا ئۆتەلمىگەن.دادىسى ئۆزىنىڭ روسچىلىد جەمەتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ،ئوغلىنى سودا ساھەسىگە كىرگۈزمەكچى بولغاندا،چىرچىل ئۇنىماستىن،ئادەم تېپىپ تەكرار قىلدۇرۇپ ئۈچىنچى قىتىم ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ،دادىسى ئۇنىڭغا زەھەردەك ئاچچىق سۆزلەر بىلەن خەت يىزىپ ،ئۇنى قولىدىن ئىش كەلمەيدىغان  نان قىپى دەپ ئەيىپلىگەن.

                10. ئاندرىۋ جىكسون، تارىختا تۇنجى پويىزغا ئولتۇرغان ئامىرىكا پىرىزدىنتى،

                 جامىس گارفىلد ،  تۇنجى تىلفون ئىشلەتكەن ئامىرىكا پىرىزدىنتى

                 تىئودور روزۋىلىد،  تۇنجى ماشىنىغا ئولتۇرغان ئامىرىكا پىرىزدىنتى

                  11.ئىسكىموسلارمۇ توڭلاتقۇ ئىشلىتىدۇ. لىكىن يىمەكلىكلەرنىڭ مۇزلاپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ .

                  12. ماراكەش ئامىرىكىنى ئىتراپ قىلغان تۇنجى دۆلەت.(1789-يىلى)

                   13. ئوكىسفورد ئۇنۋىرسىتىتى ئەسلى پادىشاھ بىلەن دىن مۇخلىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئارازچىلىق سەۋەبىدىن قۇرۇلغان. ئەنگىلىيە پادىشاھى ھىنرى 2 بىلەن  ئىپسكو پتوماس بېكېت تاكاللىشىپ قالغاندا،فىرانسىيە پادىشاھى ئۇنىڭغا چاپان ياپقانلىقى ئۈچۈن،ھىنرى 2 غەزەپلىنىپ ،پارىژ ئۇنۋىرسىتىتىدە ئوقۇۋاتقان ئەنگىلىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنى ۋەتەنگە قايتىشقا بۇيرۇق چۈشۈرگەن.قايتقان كۆپ قىسىم  ئوقوغۇچىلار ئوكىسفوردتا تۇرۇپ قالغان،ۋە مۇشۇ يەردە ئۆزىنىڭ ئۇنۋىرىستىتى قۇرۇلغان.   

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 10:20:00

بىلىۋالدىم \"\"

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 11:48:36

ئالتە توشقان قانداقلارچە كۆپىيىپ مىليونغا چىققاندۇ؟ يەنە كېلىپ قىسقىغىنا ئون يىل ئىچىدە.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 12:03:41

شۇنى دەڭا مەنمۇ ھەيران قالغان دەسلەپتە ،توشقان بىر قىتىمدا ئون نەچچىنى بۆجەنلىسىمۇ،

بۇنى مۇشۇ بىئولوگىيەچى بۇرادەرلەردىن بىر سوراپ باقسام دەپ ئويلىغان ئىدىم ،مۇھىت ئەڭ ياخشى بولۇپ كەتسە،توشقاننىڭ كۆپىيىش چىكى قانچىلىك بولالايدۇ دەپ

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 12:11:47

نۇپۇس كۆپىيىش مەسىلىسىنى ماتېماتىكىدا «توشقان تەڭلىمىسى» دەپ يېشىدىكەن... بەلكىم توشقاننىڭ كۆپىيىشى بەك تېز بولسا كىرەك.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 12:12:04

بەيدۇلاپ باقسام توشقاننى كۆپىيىش كۈچى ئەڭ كۈچلۈك جانىۋارنىڭ بىرى دەپ ئاتايدىكەن .يىلدا 4قىتىمدىن 6قىتىمغىچە ،ھەرقىتىمدا 9دىن 10غىچە بۆجەنلەيدىكەن نورمال بولغاندا،ھىسابلىنىشىچە ئەگەر توشقاننىڭ كۆپىيىشىگە دەخلى قىلمىسا،90يىلدا يەرشارى قۇرۇقلۇقنىڭنىڭ ھەر كۋادىرات مىتىر يىرىگە بىردىن توشقان بولامىش

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 12:28:45

ئامېرىكا ئىشلىگەن بىر كىنو بار ئىدى، جەنۇپ شىمال ئۇرۇشى تەسۋېرلىنىدىغان. جەنۇپنىڭ بىر ئوفتىسىرى ئادەم ياللاپ، شىماللىق بىر پولكوۋنىكنى قوغلاپ ئۆلتۈرىدىغان. شۇ كىنودا ياللانغان قاتىللار داۋاملىق ئىشلەشنى رەت قىلغاندا، كۈنلۈك ئىش ھەققىنى بىر دوللارغا ئۆستۈرۈپ بېرىپ، داۋاملىق ئىز قوغلايدۇ.

بايا گوگۇللاپ كۆرۈپ باقسام ھازىرقى ئامېرىكىدىكى ئىش ھەققى ئەڭ يۇقىرى بولغان كەسىپلەر دوختۇر بىلەن ئادۋۇكات ئىكەن. كۈنلۈك ئىش ھەققى 600 دوللار ئىكەن. مۇشۇ پەرق بىلەن ئامېرىكا ئالياسكىنى سېتىۋالغان ۋاقىتتىكى دوللار بىلەن ھازىرقى دوللارنىڭ قىممىتى ھېچ بولمىغاندا 500 ھەسسە دەپ پەرەز قىلساق، ئەينى ۋاقىتتا ئالياسكىنى سېتىۋالغان پۇل مېنىڭچە ئاز پۇل ئەمەس. شۇ چاغدىكى چار پادىشاھنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتكەن بولغىدى بەلكىم خوشلۇقتىن.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 13:35:32

6- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

شۇ چاغدىكى چار پادىشاھنىڭ ئاغزى قۇلقىغا يەتكەن بولغىدى بەلكىم خوشلۇقتىن.

ئاڭلىشىمچە  چارروسىيە ئالياسكىنى ستىۋەتكىنىنىدىىن بەكمۇ پۇشايمان قىلغان ئىكەن. ئەمما ناپالىئون لۇئسئانا شىتاتىنى 8000فىرانىك(15مىليون دوللارغا) سىتىۋىتىپ پايدا ئالدى.چۈنكى شۇ چاغدا فىرانسىيەدە ئۇرۇش داۋالغۇپ ھەربى خراجەت مەسىلىسى باشنىى ئاغرىتقان چاغدا،ئەنگىلىىيەنڭ  تۇمشۇقىغا كەپ قالغان بۇ گۆشنىڭ پۇلىنىمۇ ئامىرىكىدىن ئۈندىرىۋىلپ  دۆلەت ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.ئامرىكىمۇ بۇ 2مىليون 300مىڭ كۋادرات كىلومتىر يەرنى ئىلىپ دۆلەت زىمىنى زور دەرىجىدە كىڭەيدى.1803-يىل كلىشم ئمزالاندى،بۇ يەرنىڭ باھاسى كىۋادىرات كىىلومىترى 5سىنىتتىن توغرا كەلگەن ئىكەن.

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 13:53:44

تارىخ دەرسلىكىمىزدە ئۈگەنگەن، ئامېرىكىنىڭ تارىخى جاھانگىرلىك تارىخى، يەر-زىمىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن كېڭەيگەن دىگەندەك سەپستەتىلەرگە بارغانسىرى ئورۇن قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زىمىنى ئاساسەن سېتىۋېلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلۇش كېتىش دىگەندەك يوللار بىلەن كېڭەيگەن ئىكەن. خەنچە مۇنبەرلەردىن ئوقۇسام، كارب دىڭىزىدىكى يامايكا دىگەندەك بىر قانچە كىچىك دۆلەت داۋاملىق ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىپ يۈرگىدەكمىش، ئامېرىكا پارلامىنتى تەستىقلىماپتۇ. يەنە بىر قانچە شىتاتنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئايرىم دۆلەت بولۇش ھوقۇقى بارمىش، چۈنكى بۇ شىتاتلار ئەينى چاغدا مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىپتىكەن.

غەيۋەتكە ئازراق ئوخشاپتىمۇ؟  {:92:}

Mollamushuk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 14:13:14

8- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تارىخ دەرسلىكىمىزدە ئۈگەنگەن، ئامېرىكىنىڭ تارىخى جاھانگىرلىك تارىخى، يەر-زىمىنى تاجاۋۇزچىلىق بىلەن كېڭەيگەن دىگەندەك سەپستەتىلەرگە بارغانسىرى ئورۇن قالمايدىغاندەك قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى زىمىنى ئاساسەن سېتىۋېلىش، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلۇش كېتىش دىگەندەك يوللار بىلەن كېڭەيگەن ئىكەن. خەنچە مۇنبەرلەردىن ئوقۇسام، كارب دىڭىزىدىكى يامايكا دىگەندەك بىر قانچە كىچىك دۆلەت داۋاملىق ئامېرىكىغا قوشۇلۇپ كېتىشنى ئىلتىماس قىلىپ يۈرگىدەكمىش، ئامېرىكا پارلامىنتى تەستىقلىماپتۇ. يەنە بىر قانچە شىتاتنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلاپ ئايرىم دۆلەت بولۇش ھوقۇقى بارمىش، چۈنكى بۇ شىتاتلار ئەينى چاغدا مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىغا ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلۇپ كېتىپتىكەن.

غەيۋەتكە ئازراق ئوخشاپتىمۇ؟ \"\"

ئۇيغۇر تىلىغا خەنسۇچىدىكى بەزى سەزگۈر سۆزلەر تەرجىمە قىلىنمايدۇ. مەسىلەن: گومىنداڭ، شىنخۇا، جۇڭخۇا دېگەندەك. ئىشتات دېگىنىمۇ دەل شۇنداق بىر سۆز. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى دۆلەت دېگەنلىكتۇر.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 14:20:37

8- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غەيۋەتكە ئازراق ئوخشاپتىمۇ؟ \"\"

ئوخشاپتۇ.لىكىن غەيۋەت قىلغاندىن كىيىن تولۇق غەيۋەت قىلمامدۇق.ئامىرىكا  سېتىۋىلىش،قوشۇلۇپ كىتىشتىن باشقا يەنە يۇلىۋىلىش ۋە بىسىۋىلىش ۋاستىسىمۇ قوللانغان.مەسىلەن :مىكسىكىنىڭ يىرىمىنى---كالفورنىيە ۋە تىكساسنى،ئەنگىلىيەدىن ئورىگان شىتاتىنى يۇلىۋالغان،ھاۋاي پادىشاھلىقىنى بىسىۋالغان.

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 14:40:24

ئۇلۇغبەگنىڭمۇ گىپى چىقىپ قالدى تەرجىمە قىلىپ قوياي:

      15-ئەسىردە، دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئاستىرونوم بىر موغۇل شاھزادىسى،ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغبىك.مەزكۇر كىشى 1428-يىلى،سەمەرقەندتە رەسەتخانا سالدۇرۇپ،ئۆزى ئەينى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان ‹يۇلتۇز تۈركۈمى خەرىتىسى› ۋە‹سەييارىلار جەدۋىلى›نى تۈزگەندۇرلەر،ئەمما ياۋروپالىقلار مۇشۇنداق كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىكەن. 1665-يىلى،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ،تولىمۇ ئەپسۇس،ئۇ چاغدا ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان تىلىسكوپنى كەشىپ قىلىپ بولغانلىقتىن،ئۇلۇغبىكنىڭ بايقاشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ قالمىغان ئىكەنلەر.

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 15:40:31

\"\" غەيۋەت قىلىشمايلى ،يامان بۇلىدۇ  {:92:}

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 15:57:10

ئىشقىلىپ ئۇنى دەيمىز بۇ نى دەيمىز مەيلى يۇتىۋالسۇن مەيلى بىسىۋالسۇن ئاخىرقى ھىساپتا ھەممىسسى باراۋەر

ئىقتىدارىڭ بولسا ھىچكىم سىنى توسىمايدۇ مەيلى زۇڭتۇڭ بولامسەن مەيلى نىمە بول  ئەمدى ئەسكى ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپى يامان ئادەمنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغاندەك

ھەممىسى 100% بولمايدۇدە

datman يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 15:57:22

ئىشقىلىپ ئۇنى دەيمىز بۇ نى دەيمىز مەيلى يۇتىۋالسۇن مەيلى بىسىۋالسۇن ئاخىرقى ھىساپتا ھەممىسسى باراۋەر

ئىقتىدارىڭ بولسا ھىچكىم سىنى توسىمايدۇ مەيلى زۇڭتۇڭ بولامسەن مەيلى نىمە بول  ئەمدى ئەسكى ئادەمنىڭ ياخشى تەرىپى يامان ئادەمنىڭ ياخشى تەرەپلىرى بولغاندەك

ھەممىسى 100% بولمايدۇدە

izlen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 16:55:02

ئۈچ جۈپ .....يەنى 6 توشقان 10 يىلدا ،،،مىليوندىن جىققا كۆپەيدى دىگەن گەپ راسمىدۇ ھە....؟  {:107:}

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 17:13:35

peleck@

شۇنى دەڭا مەنمۇ ھەيران قالغان دەسلەپتە ،توشقان بىر قىتىمدا ئون نەچچىنى بۆجەنلىسىمۇ،

بۇنى مۇشۇ بىئولوگىيەچى بۇرادەرلەردىن بىر سوراپ باقسام دەپ ئويلىغان ئىدىم ،مۇھىت ئەڭ ياخشى بولۇپ كەتسە،توشقاننىڭ كۆپىيىش چىكى قانچىلىك بولالايدۇ دەپ

--------------------------------------------------------------------------------------

ئەگەر سىز تەسەۋۋۇر قىلغاندەك مۇھىت ئەڭ ياخشى بوپ كەتسە( كۈشەندە ، كېسەللىك بولماي يەر يۈزىنى سەۋزە قاپلىسا ، ئاسماندىمۇ يېڭى سەۋزە يېغىپ تۇرسا ) مۇھىتنىڭ تەبىئى سىغدۇرۇش كۈچى چەكسىز بولىدۇ ، دىمەك توشقانمۇ يەر يۈزىنى قاپلايدۇ . لېكىن ....بۇنداق بولۇشى تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماس كەلمەيدۇ . بىئولوگىيەدە جانلىقلار تۈر توپىىنىڭ ئېشىش ئەگىرى سىزىقى ئىككى خىل سىزىلىدۇ : S تىپلىق ئېشىش سىزىقى ۋە J تىپلىق ئېشىش ئەگرى سىزىقى .

سىزنىڭ تەسەۋۋۇرىڭىزچە بولسا توشقانلار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توختىماستىن K قىممەت (مۇھىتنىڭ ئەڭ چوڭ سىغدۇرۇش كۈچى) كە يىتىش ئۈچۈن كۆپىيىدۇ . بۇ چاغدىكى ئېشىش توختىماستىن ئېشىش سىزىقى يەنى J تىپلىق ئېشىش ئەگرى سىزىقى بىلەن ئىپادىلىنىدۇ ، لېكىن ھامىنى K قىممەتكە يىتىدۇ ،چۈنكى يەر شارى ھامان چەكلىكتە.

يەر شارىدىكى جانلىقلار تۈر توپىنىڭ سانى ئومۇمەن ئاخىرىدا S تىپلىق ئېشىش سىزىقى (يەنى ئۆزگىرىشچان ) ئارقىلىق ئىپادىلەشكە مۇقىملىشىدۇ .

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 19:48:19

11- قەۋەتتىكى peleckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇلۇغبەگنىڭمۇ گىپى چىقىپ قالدى تەرجىمە قىلىپ قوياي:

   15-ئەسىردە، دۇنيادىكى ئەڭ بۈيۈك ئاستىرونوم بىر موغۇل شاھزادىسى،ئۇ بولسىمۇ ئۇلۇغبىك.مەزكۇر كىشى 1428-يىلى،سەمەرقەندتە رەسەتخانا سالدۇرۇپ،ئۆزى ئەينى زاماندىكى ئەڭ مەشھۇر بولغان ‹يۇلتۇز تۈركۈمى خەرىتىسى› ۋە‹سەييارىلار جەدۋىلى›نى تۈزگەندۇرلەر،ئەمما ياۋروپالىقلار مۇشۇنداق كىشىنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپمۇ باقمىغانىكەن. 1665-يىلى،ئۇنىڭ ئەسەرلىرى لاتىنچىغا تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ،تولىمۇ ئەپسۇس،ئۇ چاغدا ياۋروپالىقلار ئاللىقاچان تىلىسكوپنى كەشىپ قىلىپ بولغانلىقتىن،ئۇلۇغبىكنىڭ بايقاشلىرىنىڭ ئەھمىيىتىمۇ قالمىغان ئىكەنلەر.

ئوغلى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ بەك ئەپسۇسلىنارلىق ئىش بولدى دېسە\"\"

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 20:02:59

10- قەۋەتتىكى peleckنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى arislanmemetنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

غەيۋەتكە ئازراق ئوخشاپتىمۇ؟ \"\"

ئوخشاپتۇ.لىكىن غەيۋەت قىلغاندىن كىيىن تولۇق غەيۋەت قىلمامدۇق.ئامىرىكا  سېتىۋىلىش،قوشۇلۇپ كىتىشتىن باشقا يەنە يۇلىۋىلىش ۋە بىسىۋىلىش ۋاستىسىمۇ قوللانغان.مەسىلەن :مىكسىكىنىڭ يىرىمىنى---كالفورنىيە ۋە تىكساسنى،ئەنگىلىيەدىن ئورىگان شىتاتىنى يۇلىۋالغان،ھاۋاي پادىشاھلىقىنى بىسىۋالغان.

ۋېكىپىدىيادىن كۆرسەم ئامېرىكا بىلەن مېكسىكا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى ئاۋال مېكسىكا باشلىغان ئىكەن. كالفورنىيە ۋە تىكساسلار ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ئامېرىكىغا قوشۇلغان دىگەندەك مەزمۇنلار بار ئىكەن. ئەنگىليە بىلەن بولغان ئۇرۇش 1812-يىلى بولغان ئىكەن، ئەنگىلىيە ئارمىيىسى ھەتتا بىر مەزگىل ئامېرىكا پايتەختى ۋاشڭتۇن ئالاھىدە رايۇنىنى ئىگەللىۋالغان. كىيىن ئامېرىكا ئارمىيىسى غالىپ كېلىپ ئەنگىلىيە قوشۇنىنى قوغلىۋەتكەن ھەمدە كاناداغا قاراشلىق مۇستەملىكىلەرنى ئىگەللىگەن دىيىلىپتۇ. ھاۋاي پادىشالىقى ھەققىدە بىلمىدىم قانداق ئىشكىن.

لىكىن ھاۋايغا ئائىت بىر كىنونى كۆرسەم،  خان جەمەتىنىڭ مال - مۈلۈك، يەر زىمىنلىرىنى تارتىۋالماپتۇ. بۇرۇنقى خان جەمەتىگە تەۋە بىر يەر زىمىننى ئەۋلاتلىرى ساتىمىز دىيىشىپ، يۈز بەرگەن بىر ئىشلار تەسۋىرلەنگەن كىنو ئىش قىلىپ. ئامىرىكىلىق ئەخمەقلار ئەسلىدە پومشىك دەپ ئۇلارنىڭ يەر-زىمىن ، مال - مۈلۈكىنى تارتىۋالسا، خەلق سوتىغا تارتىپ خان جەمەت ئەزالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرسە بولىدۇ.\"\"

peleck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 13:58:16

   ئاجايىپ ئىشلاركەن.

بەت: [1] 2
: چەتئەل غەيۋەتلىرى ئىشىنەمسىز؟ (پەلەك)