TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 09:45:43

قاغىلىقتىكى ئەسىلىگە كەلتۈرۈلگەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى

رايۇنمىزنىڭ قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا 13كىلومىتر كىلدىغان لوق يېزىسى شەيخ كەنىتنىڭ شەرىقى جەنۇبىدا كۆلىمى 2000مودىن ئاشىدىغان بىر قەدىمىي شەھەر خارابىسى بۇلۇپ يەرلىك كىشلەر ئۇنى «شىھىتيا سىرلىق شەھرى» دەپ ئاتايدۇ. 2012- يىلى ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسلىرى قەدىمىي شەھەرنىڭ قالدۇقىلىرى ئاساسىدا قادىمىي شەھەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. قەدمىي شەھەر ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىن نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان .

شىھىتيار قەدمىي شەھەر خارابىسى ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك قوغدىلدىغان مەدىنيەت يادىكارلىقى بۇلۇپ شەرىقتىن غەرىكىچە كەڭلىكى ئارلىقى 1كىلومىتىر، جەنۇپتىن شىمالغىچەئارلىقى 1.5-2كىلومىتىر ئارلىققا تارقالغان. قەدىمىي شەھەرنىڭ قانداق غايىپ بولغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھىچقانداق تارىخى ماتىريال قالدۇرۇلمىغان بۇلۇپ مۇتەخەسسىلەر كۆپ قېتىم تەكشۈرۈپمۇ ھىچقانداق نەتىنجىگە ئېرشەلمىدى.شۇنۇڭ ئۈچۈنمۇ بۇ شەھەر سىرلىق شەھەر دەپ ئاتالغان. 2012-يىلى 8-ئايدا شىھتيا قەدىمى شەھرىنى تەكشۈرۈش ئارخېئولوگىيە ئەتىرتىدىكى مۇتەخەسسىلەر قەدىمىي شەھەرنىڭ قالدۇقلىرىغا ئاساسەن خام تۇپا بىلەن ئەسىلىگە كەلتۈرگەن قەدىمى شەھەر ھازىر شۇ جايدىدىكى نوقتىلىق قوغدىلدىغان ساياھەت ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى.

قەدىمى شەھەرنىڭ ئەسىلىگە كەلتۈرۈلگەندىن كىيىنكى قىياپىتى















مەنبە: يەرشارى تورىدىن تەرجىمە قىلىندى


http://china.huanqiu.com/photo/2013-06/2696415_7.html




tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 12:21:28

ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 12:22:40

ئاۋۇ ئۇيغۇرچە خەتلەر...

sohrat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 13:00:16

بۇ ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەنمۇ؟خالىغان ۋاقىتتا ساياھەت قىلغىلى بولامدۇ ؟بېلەت باھاسى قانچە سوم ؟خوتەن تەرەپكە يېقىنمۇ ياكى قەشقەر تەرەپكىلمۇ ؟رەھمەت.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

ipar-ay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 14:41:41

ئاۋۇ بايراقلار نەنىڭ بايرىقى؟ قايسى تارىخنىڭ ئىزناسىغا ياكى قايسى زاماننىڭ پەلسەپىسىگە ئاساسلىنىپ قاداپ قويغاندۇ؟ بۇنىڭ تارىخىنىمۇ ئۆزىگە چاتامدۇ ئەمدى «بۇلار»، نىمىنى بايقىسا بىزنىڭ دەپ كۆنۈپ قېلىقلىقچۇ «بۇلار» يېقىنقى زامانلاردا  {:136:}

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 15:20:27

3- قەۋەتتىكى sohratنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ساياھەت رايونى ساياھەتچىلەرگە ئېچىۋىتىلگەنمۇ؟خالىغان ۋاقىتتا ساياھەت قىلغىلى بولامدۇ ؟بېلەت باھاسى قانچە سوم ؟خوتەن تەرەپكە يېقىنمۇ ياكى قەشقەر تەرەپكىلمۇ ؟رەھمەت.

خوتەن بىلەن قەشقەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا،ئالاھىدە كېلىپ ساياھەت قىلغۇدەك يەر ئەمەس.

tarim222 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 15:25:04

ھەممىسى سۈنئىي پەيدا قىلىنغان مەنزىرىلەر. بۇ يەرنىڭ ئورنى ئەسلى خارابىلىك ئىكەنلىكى راست،لىكىن يەر ئاچىدىغانلار ئاللىبۇرۇن ۋەيران قىلىپ بولغان.

kantir يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 15:54:31

begir3 ئېيتقانداق ساختا نەرسە ئىكەنلىكى ئېنىقلا تۇرمامدۇ؟

بۇمۇ يولداشلار ئويلاپ چىققان، پۇل تېپىشنىڭ يېڭى ئۇسۇلى ئىكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس.

« ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن» دەپ بەك چىرايلىق نام قويۇپتۇ.

بۇنىڭ تارىخقا ئۇيغۇن- ئەمەسلىكىنى ھېچكىم سۈرۈشتۈرمىگەندىكىن. ...

asalam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 15:57:00

تارىخىمىزنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز دەپ جاپا تارتىپتۇ ......

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 17:48:27

ئۇلۇغ تاڭ دۆلىتىنىڭ ئاي شارىغا مەشھۇر راھىبى بولمىش تاڭ شۇەنزاڭ قاغىلىقتىن ئۆتكەندە بىنا قىلغان شەھەرمىش.دېسەم-دېمىسەم چۇقۇم مۇشۇنداق چۈشەندۈرىدۇ ئۇلار.................. \"\" \"\"

qolaxar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 19:36:10

ۋاي ئەمدى بۇ قايسى بەگلىكنىڭ قۇرۇقچى بەگ مەھكىمىسىدۇ مىلادىدىن بۇرۇنمىددۇ


arqin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 21:06:40

خەنشۇچە پۇراق كۈچلۈكتەك قىلىدۇ شۇ !

toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 14:13:03

شۇنچە ياققان يامغۇردا ئۆرۈلۈپمۈ كەتمەپتا بۇيەر  {:92:}
بەت: [1]
: قاغىلىقتىكى ئەسىلىگە كەلتۈرۈلگەن قەدىمىي شەھەر خارابىسى