ئامىرىكا بىلەن كورىيە چوۋشەنگە بېسىم ئىشلەتتى[كۆچۈرۈلمە]
ياپونىيە <<سانكېي خەۋەرلىرى>>گېزىتىنىڭ يېقىندىكى خەۋىڭرىدە مۇنداق دېيىلدى: <<ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئارمىيەسى يېقىندىن بۇيان كورىيەنىڭ شىمالىي قىسىمىدىكى كورىيە-چاۋشيەن ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىغا يېقىن رايوندا بىرلەشمە مانېۋىر ئۆتكۈزدى ھەمدە ئاخبارات ۋاستىلىرىگە ئاشكارىلىدى>>.
ئىگىلنىشىچە، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ بي يېقىنقى ھەربىي مانېۋىرى لەيلىمە كۆۋرۈك ياساش، سۇدا ھەم قۇرۇقلۇقتا ماڭالايدىغان تانكا بىلەن دەريادىن ئۆتۈش قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئارمىيەسى مانېۋىرغا جەمئىي 400 دىن ئارتۇق ئادەم، سەككىز تانكا ۋە بىرونېۋىكنى قاتناشتۇرغان.
<<سانكېي خەۋەرلىرى>> گېزىتنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دېيىلدى: <<بۇ ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئارمىيەسىنىڭ 2004-يىلىدىن بۇيان ئۆتكۈزگەن يەنە بىر قېتىملىق دەريادىن ئۆتۈش مانېۋىرى. بۇ قېتىمقى مانېۋىر چاۋشيەنگە بىر قەدەي يېقىن بولغان ئىمجىن دەرياسىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ چاۋشيەنگە بېسىم ئىشلىتىش مەقسىتى بار>>.



