Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 06:21:19

(بىلىك) ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟



ئېلاۋە: بۇ يازما ئانا تىل دۇچ كەلگەن خىرىس، بىزنىڭ ئانا تىلدىكى سەۋىيىمىز زادى قانچىلىك ۋە  ئۇنىڭغا قانداق كونكىرىت چارە قوللىنىش قاتارلىقلار ھەققىدە سوبىكتىپ كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھىسىي بايانلار خاتىرىسى بولۇپ، گەرچە بەزى ئەمەلىيەتلەر ئىسپات تەلەپ قىلمىغان ھالدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرسىمۇ، بۇ يەردە يەنىلا پاكىت ۋە مىساللىرى (يىتەرلىك) بولمىغان ھالەتتىكى ئاممىباپ بىر يازما تەييارلىدىم. بەزى ھۆكۈم ۋە بايانلارغا تەپسىلى سىتاتىستىكىلىق مەلۇماتلارنى كۆرسۈتۈش مۇمكىن بولسىمۇ، بۇنداق ئىشلەش مەخسۇس بىر ئىلمىي تېمىغا ئۆزگۈرۈپ كىتىدىغانلىقى، شۇنىڭ ئۈچۈن زور ۋاقىت ۋە ئىنچىكە ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان بولغاچقا بۇ يازمىنى يېزىشتا ھۆكۈملەردىن كىيىنكى پاكىت ۋە مىساللارنى تولۇق كۆرسىتىشكە قادىر بولالمىدىم. يەنە شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇشۇم كىرەككى، بۇ يازما «ئانا تىل» ھەققىدىكى يازما بولىشىغا قارىماي بەزى گىرامماتېكىلىق ۋە ئىملا جەھەتلەردە خاتالىقلار كۆپ ئۇچۇرىشى مۇمكىن.   بۇ سەۋەپلەردىن  ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزرەمنى قوبۇل قىلىشلىرىنى، بۇ يازمىنى پەقەت «ئاممىباب تور يازمىسى» سۈپىتىدە كۆرۈپ، ئەسلى تېمىغا نىسبەتەن قىمەتلىك پىكىرلىرىنى بىرىشلىرىنى سورايمەن!




غېرىپلاشقان ئانا تىل


ئانا تىل  قەدىرى يېقىنى يىللاردىن باشلاپ ئۆتۈلۈشكە باشلىدى... تەخمىنەن 20  يىللار بۇرۇن يېڭى باشلىنىۋاتقان مائارىپتىكى «قوش تىل» يۈزلىنىشى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى خەنچە مەكتەپلەرگە بىرىشى خاھىشلىرىنىڭ كۆپىيىشى، مەركىزى شەھەرلەردە «مەدەنىي»، «ئاڭلىق» ئاتا-ئانىلارنىڭ ئائىلىدە سەبىيلىرى بىلەن خەنچە سۆزلىشىشى، كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ خەنچە بىلىشنى «مەدەنىيەتلىك ۋە بىلىملىك بولۇش»نىڭ بەلگىسى سۈپىتىدە تونىۋېلىشى، خىزمەت بىلەن خەن تىلىنى ئوڭ تاناسىپ ھالدا باغلاپ چۈشىنىۋېلىشى ۋە باشقا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، قىسقىغىنە 20 يىل ئىچىدە، ئانا تىل قەدىرسىزلىكتە شۇ ھالغا كىلىپ توختىدىكى، بۇ سەۋەبتىن قانداق قەدىرسىز بولۇپ قېلىۋاتقانلىقلىرىمىزنى ئۆزىمىزمۇ بىلەلمەي قالدۇق...


يىگىرمە يىللار ئىلگىرى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىدا، ھەتتا ئالىي مائارىپتا ئانا تىل ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن. ئۇ ۋاقىتلاردا خەن تىلى مەخسۇس مۇنتىزىم پروگرام بويىنچە بىر دەرسلىك قىلىپ ئۆتۈلەتتى، ئاساسلىق پەنلەر بولسا ئانا تىلىدا ئۆتۈلەتتى.  ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن تاكى 90-يىللىرىنىڭ ئاخىرىغا كەلگۈچە تەخمىنەن يىرىم ئەسىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر مائارىپى ئۇيغۇر ئانا تىلىدا بولۇپ، تىل سەۋەبىدىن ھېچقانداق مەسىلە چىقماستىن داۋاملىشىپ كەلگەن، خەنچە ئۆگەنگەنلەر «قوش تىل» دا ئوقىماي تۇرۇپمۇ خەن خىزمەتداشلىرى بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرالىغان،  ئانا تىلدا ئوقۇغان كىشىلىرىمىز ئىچىدىن ئاجايىپ پاساھەتلىك تەرجىمانلار چىققان ئىدى. مەسىلەن، خەنلەرنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدىن «سۇ بويىدا»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» قاتارلىق ناھايىتى مول سۆز بايلىقى تەلەپ قىلىدىغان قەدىمى ئەسەرلەرنى ئاجايىپ پاساھەت ۋە بالاغەت بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ بۇ كىلاسسىك ئەسەرلەرنى يۇقىرى بەدىيلىكتە بىزگە سۇنالىغان. مانا بۇ ئۇلارنىڭ ئانا تىلىغا خەن تىلىغا پىششىق بولغاندەك پىششىق ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. بۇ يەردە دىمەكچى بولغېنىمىز شۇكى،  ئانا تىلدا مائارىپ تەربىيسى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ خەن تىلىدا خەنلەردىنمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە يىتىش مۇمكىن ئىكەنلىكى بىر پاكىت ئىدى.


بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاساسى قانۇندا، ئاپتونومىيە قانۇنىدا چەك قويۇلمىغان بۇ تىلنىڭ يەسلىي مائارىپىدىن تارتىپ ئالىي مائارىپقىچە ئاتالمىش «قوش تىل» قالپىقى ئاستىدا تاق تىل تەرەپكە ئېغىپ، ئانا تىلىمىز ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىتىبارى مائارىپتا بارا-بارا  يوق بولۇشقا باشلىدى. مائارىپ ساھەسىدىلا ئەمەس ئاساسى قاتلام، خەلق ئىشلىرىدىمۇ پۈتۈنلەي تاق تىلغان ئېغىش خاھىشى تۈپەيلىدىن خەلق تۇرۇمۇشىدا قۇلايسىزلىقلار كۆپىيىشكە باشلىدى. دىھقانلارنىڭ ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا كۆزنەكلەردە ئىش بىجىرىشى قۇلايسىزلاشتى.  ئاپتۇنۇم رايۇندا ھەرقايسى ساھەلەردە ئۇيغۇر تىلى قانۇنىي ھوقۇققا ئىگە بولسىمۇ بۇ ھوقۇق كۆمۈلۈپ قالدى، كىشىلىرىمىز خەنچە بىلمەي «گاچا» بولسا بولدىكى، ئۆزتىلىدا بىرەر تاۋۇش چىقىرىپ بېقىشنى ئۇنتۇپ قالغاندەك بولدى، خۇددى ئۇيغۇرچە ئىشلىتىش گۇناھتەك تۇيغۇغا كىلىپ قالدى...


بۇلارنى دىيىشىم قانداقتۇر دۆلەت سىياسىتىدىن ئاغرىنغانلىق بولماستىن بۇ تىل ساھىبلىرى بولغان ئۆزىمىز ( 20 يىل مابەينىدىكى بىر ئەۋلات ئۇيغۇرلار) دىن رەنجىشكە ھەقلىقمىز دىگەنلىكىمدۇر!  ئەلبەتتە ھۆكۈمەت ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىش، ئۇيغۇر تىلىدا مائارىپ بىلەن شۇغۇللىنىش قانۇنسىزلىق دېمىگەن ئىكەن، قوش تىل پەقەت بىر تەۋسىيە ۋە ئەندىزە سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن، قانۇن بويىنچە ئانا تىلىمىزنى قوغدىيالىغان بولىشىمىز، ئانا تىلنىڭ ھۆكۈمەت ۋە ئىجتىمايى ئورۇنلاردىكى ئورۇنىنى تىكلەشكە تىرىشقان بولىشىمىز، ئانا تىل مائارىپىغا كۆڭۈل بۆلگەن بولىشىمىز، بۇ «قوش تىل»مۇ ئەلبەتتە ئۇيغۇر تىلى چەتكە قېقىلمىغان ئاساستىكى ئىككى تىلنى تەڭ قوللىنىدىغان مائارىپ ئەندىزىسى بولىشى كىرەك ئىدى!  


بىراق نەتىجە شۇنداق بولدىكى،  ئۆزىمىز ساھىپ چىقالماي غېرىپلاشقان بۇ تىل،ئاستا-ئاستا ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ مۇتلەق كۆپىنى «گاس-گاچا»، ساۋاتىسز ۋە «پالەچ» قىلىپ تاشلاشقا باشلىدى! ئەسلىدە خىزمەت-كەسىپ قىلىش، ياخشى ھايات كەچۈرۈش بىلەن خەن تىلى بىلىشنىڭ بىۋاستە باغلىنىشى بولماسلىقى كىرەك ئىدى. چۈنكى، «خەن تىلى بىلىدىغان» نۇرغۇن نامرات خەنلەر (يەنىلا) كۆپ بۇ دۆلەتتە، پۈتۈنلەي خەنلەر بار جايدا «خەن تىلى بىلىپ تۇرۇپمۇ» خىزمەتسىز، نامىراتلار يەنىلا كۆپ بولغان يەردە بىز ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇرلار كۆپ بىر رايۇندا «خەن تىلىنى ياخشى بىلىش» بىلەن  «ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈش» مەنتىقىسىز بىر باغلانما ئىدى...  مېنىڭچە، نىمىشقا نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ شۇنداق تونۇشقا كىلىپ قالغانلىقى پىتنە ۋە تەشۋىقاتنىڭ تەسىرى بولىشى مۇمكىن...


شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ تىل يالغۇز مائارىپ ۋە تۇرمۇشتا  غېرىپلىشىپ قېلىۋاتقان بولماستىن ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىمۇ كۈچىنىڭ بارا-بارا ئاجىزلاشقا باشلاۋاتقانلىقىنى بىر پاكىت دىيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، مۇشۇ قىسقا 20 يىللىق ئۇيغۇر نەشىرياتچىلىقى ۋە كىنوچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر سالساق ئاجايىپ رۇشەن بىر پەرقنى ھېس قىلىپ يىتەلەيمىز. شۇڭا دىيەلەيمىز، يىللار مابەينىدە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى زاۋاللىققا يۈزلەندى!  ئۇيغۇر تىلى بىلەنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى، يىتىشىپ چىقىۋاتقان ئىزباسارلارنىڭ قولىغا تەلمۈرۈپ  قاراپ قېلىۋاتقان ھالەتتە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا ئۇيغۇ تىلى ۋە ئەدەبىياتىغا كۆڭۈل بۆلەلىگەن، ئۇنىڭ ئىدىلوگىيەسى، مەنتىقىلىق قۇرۇلمىسىغا ۋارىسلىق قىلالايدىغانلار يوق ساننى ئىگەللەپ تۇردى... مەنچە، بۇنىڭدىن كىيىن ئانا تىل بارا-بارا ئىستىمالدىن قالسا بۇ تىل ئارقىلىق كەسىپ قىلىدىغان ئەدەبىياتچىلار كىرزىسكە پاتىدۇ. چۈنكى، ئوقۇرمەنسىز ئەدەبىيات راۋاجلانمايدۇ. راۋاجلاندۇرۇش توغرا كەلگەن تەختىردىمۇ،  يىتەرلىك ئانا تىل مائارىپى كۆرمىگەنلىك سەۋەبىدىن يازغۇچىنىڭ تىلى، تەپەككۇرى كەمتۈك بولۇپ قېلىش خەۋپى مەسىلىنىڭ ئەڭ يامان تەرىپى...

   

ئانا تىلدىكى سەۋىيە


بىر تىلنى بىلىشنىڭ تۆۋەن سەۋىيىسى مەخسەت ئۇقتۇرۇش بولسا يۇقىرى سەۋىيىسى شۇ تىلدا (پاساھەت ۋە  بالاغەتلىك)يۇقىرى سەۋىيەدىكى سۆھبەتلەرنى قىلىش، زامانىۋى، كەسپىي بىلىملەرنى ئېغىزاكى ۋە يېزىقتا راۋان ئىپادىلەش، ئىلمىي ماقالىلەرنى شۇ تىلدا يېزىش ۋە كۆرۈپ چۈشىنىش ئىختىدارى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ. تىل بىلەن پىكىر باغلىنىشلىق بولۇپ، سۆزدىكى رۇشەنلىك پىكىردىكى رۇشەنلىكنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرىدۇ.  « بىر ئادەمنىڭ گەپلىرى تەكرار، تىلى ئېغىر ھەم چۈشىنىكسىز، ئۆز-ئارا باغلىنىشسىز ۋە تۆۋەن سەۋىيەدە بولسا ئۇنىڭ زىھنىمۇ شۇنداق» دىگەن ئىكەن قايسى بىر دانىشمەن. بۇ مەنىدىن،  تىل يالغۇز ئالاقە قۇرالى ئەمەس، تەپەككۇر قۇرالى دىيىلىدۇ، شۇڭا تىلنىڭ قانداق بولىشى تەپەككۇر بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك.


ئەمدى بىز بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بۇ تىلدا سەۋىيىمىز زادى قانچىلىك؟ كۆرۈپ باقايلى:


1. ئۇيغۇر تىلىدا مەخسەت ئۇختۇرۇش: سۆز بايلىقىمىز قانچە كۆپ بولسا بىراۋغا مەخسىدىمىزنى شۇنچە راۋان، توسالغۇسىز ۋە چۈشىنىشلىك قىلىپ ئىپادىلەشتە قىينالمايمىز؛ ئەكسىچە، سۆز بايلىقىنىڭ زىيادە تۆۋەنلىكى بەزىدە ئوخشاش تىلدىكى ئىككى ئادەمنىڭمۇ ئۆز-ئارا چۈشىنىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. بىر تىلنىڭ سۆزلۈكلىرىنى تەخمىنەن ھالدا 1) تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەدىكى سۆزلەر، 2) خىزمەت ۋە ئالاقىگە چېتىلغان  ئوتتۇرا دەرىجىلىك سۆزلەر ۋە 3)كەسپىي، تارىخى ئۇقۇم ئاتالغۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەر دەپ ئۈچ كاتىگورىيەگە ئايرىۋېلىشقا بولىدۇ. ئەڭ تۆۋەن سەۋىيدىكى سۆزلەر مەكتەپ يېشىغا توشقىچە تىل ساھىبى تەرىپىدىن تەبىئي ئىگەللىنىدىغان سۆزلەر؛ ئوتتۇرادەرىجىلىك سۆزلەر بولسا بەلگىلىك مائارىپ ۋە ئىجتىمايى مۇھىت جەرىيانىدا تەدىرىجىي ئىگەللىنىدىغان سۆزلەر؛ يۇقىرى دەرىجىلىك سۆزلەر بولسا مەخسۇس كەسىپ ئىگىللىرى، يازغۇچى- شائېرلار ساھىپ بولغان سۆزلۈكلەردۇر. ئەمدى، كۆپىنچىللىرىمىز يازغۇچى، شائېر بولۇپ كەتمىگەن تەختىردىمۇ ھېچ بولمىغاندا ئوتتۇرا سەۋىيەدە سۆز بايلىقى توپلىغان بولۇشىمىز ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىشى كىرەك ئىدى. ھالبۇكى، ئەبجەشلىشىپ كىتىپ بارغان سۆزلەر بىلەن، (قوللىرىنى يۆگەپ، دوللىرىنى قورۇپ) مەخسەت ئىپادىلەشتە قىيلىنىپ كىتىۋاتقان، گاچىلىشىپ قېلىۋاتقان كۆپىنچە كىشىللىرىمىزگە قاراپ، سۆز بايلىقىمىزنىڭ ھەقىقەتەن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى، ئۆز ئانا تىلىمىزغا نىسبەتەنمۇ تۆۋەن سەۋىيەگە ھەم يېتىپ بولالمىغانلىقىمىزنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.


2. ئۇيغۇر تىلىدا پىكىر يۈرگۈزۈش: تىل- تەپەككۇر ۋاستىسى دېدۇق. تەپەككۇر ئوبرازلىق (ھېسسىي) تەپەككۇر ۋە ئابىستىراكىت (مەنتىقىلىق) تەپەككۇر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. ئوبرازلىق تەپەككۇر شەيئىلەرنىڭ شەكلىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ يۈرگۈزۈلىدىغان باغلانما تەپەككۇر؛ ئابىستراكىت تەپەككۇر مەنتىقىلىق باغلانمىلار ئارقىلىق ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىدىغان جەرىيانلىق تەپەككۇر. مەيلى قانداقلا تەپەككۇر ئۇسۇلى بولمىسۇن، يەنىلا تىلغا تاينىدىغان بولۇپ،  بىر ئادەمنىڭ قايسى تىل بىلەن دەسلەپتە تىلى چىققان بولسا شۇ تىلنىڭ مەنتىقىسى بويىنچە تەپەككۇر قىلىدۇ، ئاپتۇماتىك ھالدا شۇ تىلنى ۋاستە قىلىپ تەپەككۇر قىلىدۇ. شۇڭا، تىلدىكى سەۋىيە بىلەن تەپەككۇر چەمبەرچاس باغلانغان بولىدۇ. ھالبۇكى،  ئانا تىلىدىن باشقا بىر تىلدا مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن ئەھۋال ئاستىدا ئانا تىلدىكى سۆزلەرنى يىتەرلىك بىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۆز تىلىدىكى سۆزلىرى چالا ۋە پۇچۇق بولۇپ قالىدۇ، شۇڭا  ئادەتتە تەپەككۇرى ئاستا ۋە گۇڭگا بولۇپ قالىدۇ...


3. ئۇيغۇر تىلىدا ئىلمىي ئەمگەك: بۇ بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، كەسپىي خاراكتېرلىك ئىلمىي ماقالىلەر، ئوبزورلار مۇشۇ تۈرگە كىرىپ كىتىشى مۇمكىن. لىكىن،  ئەڭ ئەقەللىيسى بىر تىل ساھىبى شۇ تىلدا ئاددى بىر مۇھاكىمە ماقالىسىنى ئۆلچەملىك شەكىلدە يازالىشى كىرەك  ياكى تېخىمۇ تۆۋەن سەۋىيەدە شۇ تىلدا بىر مەكتۇپنى چۈشىنىشلىك، تەسىرلىك ۋە راۋان بىر شەكىلدە يازالىشى كىرەك.  ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى، ئوتتۇرا ۋە ئالىي مائارىپ تەربىيسى كۆرگەن كىشىللىرىمىز ئىچىدە مۇشۇ تەلەپنى قانائەتلەندۈرەلمەيدىغانلار خېلى كۆپ چىقىشى مۇمكىن (بۇ گېپىم ئېغىر كەتكەن بولسا، سىز خالىغانچە تەكشۈرۈپ، سىتاتىستىكا قىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.) شۇڭا ئۆز تىلىمىزدىكى ئىلمىي ئەمگەك ھەممىلا كىشى قىلالايغان ئىش ئەمەس، لىكىن بۇنداقلارنىڭ سانى ئومۇمى توپنىڭ ئۆز تىلىدىكى سەۋىيەسىنى كۆرسۈتۈپ بىرىدىغان بەلگە بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.  


4. ئۇيغۇر تىلىدا سەنئەت: ھىكايە، شىئېر يېزىش كىشىنىڭ بەدىئىي دىتىغىلا ئەمەس، مۇھىمى ئۇنىڭ تىل سەۋىيسىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئۇقۇم، ئاتالغۇلارنى ناھايىتى ئەۋرىشىم ھالدا ئەركىن قوللىنالمايدىغان ئادەم ياخشى بىر ئەسەر يازالمايدۇ. مەجازىى ئىپادىلەش ۋاستىللىرىنى ياخشى قوللىنالمايدۇ، ئاددىي سۆزلەرنى تەكرار  ئىشلىتىپ قويىدۇ، تۇيغۇلىرىنى ئىپادىلەيدىغان سۆز تاپالماي قالىدۇ ۋە ھاكازا... دىمەك، تىل بايلىقى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات-سەنئەت تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يازغۇچى، شائېرنىڭ ياخشى ئەسەر يارىتالماسلىقى ئۇنىڭ تىل سەۋىيسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەلبەتتە ئوقۇرمەنلەرنىڭ تىل سەۋىيسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس...


يىغىنچاقلىغاندا، ئۆز-ئارا مەخسەت ئوختۇرۇشتىن تارتىپ ماقالە، ئەسەر يېزىشقىچە بولغان تىل سەۋىيە دائىرىسىگە قاراپ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ باقساق ئۆز ئانا تىلىمىزدا قانچىلىك سەۋىيەدە ئىكەنلىكىمىز ئايدىڭ بولىدۇ. ئېنىقكى، مۇتلەق كۆپ ساندىكىللىرىمىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيسىمىز تۆۋەن ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە بولۇش ئېھتىمالى چوڭ بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يەنە مۇتلەق كۆپ ساندىكىلەر باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيسىنى ئانا تىلىدا ئالغانلار...


ئانا تىل دۇچ كىلىدىغان خىرىس ۋە بۇرۇچ


بىر تىلنى ساقلاپ قالىدىغانلار ياكى ۋەيران قىلىدىغانلار ئەلبەتتە ئۇنىڭ ساھىبلىرى. بىر ئەۋلات كىشىلەر ئەگەر ئۆز ئەڭگۈشتەرى، تەپەككۇر سەھنىسى بولغان ئانا تىلىغا جىددىي قارىمىغاندا، كىيىنكى ئەۋلاتلارغا ئانا تىلدا بەلگىلىك ئىلمىي ئەمگەك ھاسىلاتلىرى، تەپەككۇر مىۋىللىرى قالدۇرمىغاندا بۇ تىل ساھىبلىرى بارا-بارا تەپەككۇردىن يىراقلىشىپ ئىجادچانلىقتىن قۇرۇق قالىدۇ، ھەتتا ئەڭ تۆۋەن سەۋىيدىى سۆزلىشىپ مەخسەت ئۇختۇرۇشمۇ قىيىن بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ. ئەھۋال دەرۋەقە شۇ دەرجىگە بارغاندا بۇ تىل شۇ مىللەتنىڭ تىلى بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەي قالىدۇ-دە، ئىستىمالدىن قېلىپ يوق بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ توختايدۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ قورقۇنچلۇق بىر ئاقىۋەت!


ھازىرقى ئەھۋالىمىزدا ئانا تىلدا بىلىم ئالغان ھەر بىرىمىزنىڭ بۇ تەپەككۇر ئەندىزىسىنى، بۇ گۈزەل تىلنى ئۆز سۆھبەت-بايانلىرىمىزدا ئۆلچەملىك ۋە ساپ بىر شەكىلدە قوللىنىشقا، ئۇنى باللىرىمىز، جىيەنلىرىمىزگە ۋە باشقىلارغا ئوخشاش شەكىلدە ئۆگىتىشكە تىرىشىپلا قالماي،  ئۆز-ئارا ئانا تىلدا بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئانا تىلدا ئىلمىي ئەمگەك مىۋىللىرىنى قالدۇرۇش كەيپىياتىنى يارىتىشقا كۈچەش ياكى كۈچ قۇشۇش مەجبۇرىيتىمىز بار.


تىلنىڭ ئۆلچەملىك ۋە ساپ ھالەتتە قوللىنىشىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، كىچىكلەرگە ئۆگىتىشتە  ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيتى بار، بۇ پەقەت شەخىسلەرنىڭ پوزىتسىيسىگە باغلىق بىر ئىش. ئانا تىلدىكى بىلىم ئالماشتۇرۇش، ئىجادى ۋە ئىلمىي ئەمگەك يۈزلىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش بۇ بىر ئەۋلات بىلىمدارلارغا بېرىلگەن تارىخى تاپشۇرۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ تاپشۇرۇقنىڭ ياخشى ئورۇندىلىشى ياكى ئورۇندالماسلىقى بۇ تىلنىڭ كىيىنكى تەغدىرىگە بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك!



ئانا تىلنى قوغداشتىكى كونكىرىت چارىلەر



ئانا تىلىنىڭ قەدرى ئۆتۈلگەن ئىكەن، ئانا تىل كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان ئىكەن بۇنىڭغا قارشى قانداق تەدبىر قوللىنالايمىز؟ ھەر بىرىمىزنىڭ قولىدىن نىمىلەر كىلىدۇ؟ تۆۋەندە كۆنكىرىت چارىللىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ باقايلى:


1. ئۇيغۇر تىلى لىكسىكىسىنى تەرتىپكە سېلىش




1) ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان سۆزلەرنى ۋە  ئۆلچەملىك شەكىلدە قوللىنىلىشىنى تىزىپ چىقىپ تارقىتىش؛   

2) ئەسلى تىلىمىزدا بولغان، يات تىلى ئارلىشىۋالغان سۆزلۈكلەرنى تېپىپ چىقىپ،  ئەسلى ئانا تىل بويىنچە قوللىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئەسكەرتىش؛

3) ئەسلى تىلىمىزدا بولمىغان يات تىل ئارلىشىۋالغان سۆزلەرنى تېپىپ چىقىپ، مۇۋاپىق سۆز ياساش، ھېچ بولمىسا قېرىنداش مىللەتلەردىن شۇ سۆزنى قانداق دىسە شۇ بويىنچە ئاتاش ياكى شۇ سۆزنىڭ تۈركچىسىنى ئىشلىتىش؛


بىز ئانا تىلىمىزدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىۋاتقان بولساقمۇ ئۆز تىلىمىزنى ئۆگىنىشكە باشقا تىللارنى ئۆگەنگەندەك ئىتىبار بەرمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ زادى قانچىلىك سۆزنى ئۆلچەمىلىك ۋە توغرا ئىشلىتەلەيدىغانلىقىمىزنى سىتاتىستىكىلاپ بېقىشىمىزغا بەكمۇ ئەرزىيدۇ. گەرچە ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرىنى تىزىپ چىقىپ ئۆگىنىشتە سىزدىن بىرەر ئىنتاھان ئېلىنمايدىغان بولسىمۇ بۇ تىلنىڭ تەغدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مۇھىم بىر ئىش! بىرەريات تىلدىن ئىنتاھان بىرىش ئۈچۈن نەچچە مىڭلىغان سۆزلەرنى يادلايسىز، سۆزلۈكلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ يازىسىز، تىكىست يادلايسىز،... ئەمدى ئۆز تىلىڭىز ئۈچۈن ئازىراق كۈچ ۋە ۋاقىت چىقىرىپ قويۇڭ!



2. تىل ساقچىلىقى ۋە تىل ئوقۇتقۇچىلىقى




1) ئۆز-ئارا نازارەت قىلىش، تەۋسىيە قىلىش: ئەگەر ئۆزىمىز بۇ تىلنى قوغدىغۇچى بولساق، تىلنى بۇزغانلارغا، تىلنى مەنسىتمىگەنلەرگە ياكى بۇ تىلنى قوللانمايۋاتقان تىل ساھىبلىرىغا ئەسكەرتىش بېرىشپ قويۇش ۋە ئۆز تىلىمىزنى ئىشلىتىشكە تەۋسىيە قىلىش ھەققىمىز بار، بەلكى مەجبۇرىيتىمىز بار. سىز تونىمايدىغان ئىككى ئۇيغۇرنىڭ بىر-بىرى بىلەن گاھى ئۇيغۇرچە گاھى خەنچە پاراڭ قىلىشقانلىقلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە قانداق ئىنكاستا بولىشىڭىز مۇمكىن؟ بۇ ئۆزىڭىزگە قالدى...


2) باللىرىمىزغا، جىيەنلىرىمىزگە بۇ تىلنى ئائىلىلەردە ئۆگىتىش: باللارنىڭ تىلى ئۇيغۇر تىلىدا چىقتى، يەسلى ۋە باشلانغۇچتىن باشلاپ خەنچە مائارىپ كۆرۈشكە باشلىدى... ئائىلىدە تىلى چىققان ئىكەن، تەربىيەدە پۈتۈنلەي مائارىپقا تاشلاپ قويماسلىق كىرەك. باللار ئائىلىدە ئۆزىمىزنىڭ باللىرى. بىز بۇ بىر ئەۋلات ئانا تىلدا مائارىپ كۆرگەنلەر باللىرىمىزغا، جىيەنلىرىمىزگە  ئائىلىدە بۇ تىلنى پۈتۈن قىلىپ چوقۇم ئۆگۈتىشنى باشلىشىمىز زۆرۈر. ئۇيغۇر تىلىدىكى باللار چۆچەكلىرى، مەسەللەر، باللار قامۇسلىرى،... قاتارلىقلارنى تېپىپ چوقۇم ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ ئانا تىلىمىزنى ئۆگىتىشكە باشلىشىمىز، باللارنىڭ ئۆگىنىشىگە، كەلگۈسىگە قاتتىق كۆڭۈل بۆلىشىمىز كىرەك. بىزنىڭ بۇ تىرىشچانلىقىمىز مەكتەپتىكى مۇنتىزىم تەربىيەدەك بولالمىسىمۇ زەررىچە پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ ھېساپ، قولىمىزدىن كەلگەن ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىقنى كۆرسىتىپ، قالغېنىنى ياراتقۇچى ئۆزىگە قالدۇرساق كۇپايە!



3. نەشىرياتچىلىق




1) ئۇيغۇر تىلىدا كىتابلارنىڭ بازىرىنى چىقىرىش، نەشىرياتلارنى راۋاجلاندۇرۇش: نەشىرياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتى بۇ تىلنى ساقلاپ قېلىش ۋە تەرەققىي قىلىشتا كۆرىنەرلىك رول ئوينايدۇ. نەشىرياتچىلىقنىڭ تەرەققىياتى كىتاب ژورناللارنىڭ كۆپ چىقىرىلىشى، كۆپلەپ تارقىتىلىشى ۋە سېتىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. كىتابلارنىڭ كۆپلەپ سېتىلىشى كىتاب باھاسى ۋە سۈپىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە بىر تەرەپتىن كىشىلەرنىڭ ساپاسى، كىتاپ ئوقۇش كەيپىياتى ۋە ئومۇملىشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، كىتاپخانىنىڭ كۆپ بولىشى، كىتاپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى نەزىرياتچىلىقنىڭ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2) يازغۇچىلارنى ئېلىھاملاندۇرۇش: يازغۇچى، ئاپتۇرلارنى كۆپلەپ يېزىشقا، بۇرۇندىن يېزىۋاتقان بولسا تېخمۇ ياخش يېزىشقا  رىغبەتلەندۈرۈشىمىز، كىتاپ، ژورنال سەھىپىللىرىنىڭ تېخىمۇ رەڭدار، ئامما ئوقۇپ چۈشىنىشكە مۇۋاپىق تېخىمۇ ئاددى ۋە جەلىپ قىلارلىق بولۇشقا دىققەت قىلىشىمىز لازىم. مېنىڭچە يازغۇچىلارنى ئېلىھاملاندۇرالايدىغانلار يەنىلا بىز ئوقۇرمەنلەر...



4. ئۇيغۇر تورچىلىقى




1) توردا تارقىتىلىدىغان ئۇچۇر ۋە بىلىملەرنى سەرخىللىشىش، ئۆلچەملىشش، كەسىپلىشىشىكە قاراپ يۈزلەندۈرۈش: 10 نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئۇنۋېرسال مۇنبەر شەكىلدىكى تور بەتچىلىكتىن، كەسپىي تور بىكەتلەرگە تەرەققىي قىلىشى، ئىچىدىكى ئۇچۇر، بىلىملەرنىڭ كۆپ خىل ۋە پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە ئۆلچەملىك بولىشى، ئېلان قىلىنغان ماقالىلەرگە تىلدا، قۇرۇلمىدا مەلۇم ئۆلچەم قويۇلىشى تورچىلىقنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا قوشىدىغان مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن...

2) ئانا تىل سەھىپىسى ئېچىش: تور بىكەتلەردە مەخسۇس « ئانا تىل سەھىپىسى» ئېچىپ، بۇ تىلنىڭ فونتىكىلىك، لىكسىكىلىق ۋە گىرامماتىكىلىك قانۇنىيەتلىرى، جۈملە قۇرۇلمىللىرى، تىكىست شەكىللىرى، باشقا تىلارغا تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى قاتارلىقلار مۇلاھىزە قىلىنىدىغان سورۇن ھازىرلىنىشى ۋە ھەمىمىزنىڭ، بولۇپمۇ كەىسپ ئىگىللىرىنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئاۋاز قوشۇشى بۇ تىلنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن قىلغان خەيرلىك ئەمگەك بولۇپ قالىدۇ!



ئاخىرقى سۆز




ئانا تىل كىرزىسقا دۇچ كىلىۋاتقان بۇنداق ۋاقىتتا بۇ تىلنىڭ ساھىبلىرى ئانا تىلى ئۈچۈن زەررىچە بولسىمۇ تۆھپە قوشۇشى ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى مەجبۇرىيەتتىن ئىبارەت! بىزنىڭ ئانا تىل سەۋىيىمىز ئۆز-ئارا مەخسەت ئۇختۇرۇشتىكى سۆزلىشىشلا بولۇپ قالماستىن كەسپىي ۋە ئىلمىي ساھەدە ئىپادىلىنىشى، شۇڭا ھەر كەسىپتىكىلەر ئۆز ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان ئانا تىل سۆزلۈكىنى بېيىتىشقا، ئانا تىلدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بىرىشىمىز لازىم. تىلنى قوغداش ئۈچۈن چوڭ-كىچىك ھەرقانداق تەدبىر قوللىنىشتا ھەممە تەغدىرداشنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بۇ تىلنى قوغداپ قېلىشتىكى ئۈنۈملۈك يولدىن ئىبارەت...

man_sarang يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 16:52:57

ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمەن؟ \"\"

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 17:05:04

ئەلا 21، ئنىكاس1

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

Muslime11 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 17:36:24

بەك ياخشى يېزىلىپتۇ، رەھمەت!

ەتىگەن ىنكاس يازالمىغانتىم، قۇلۇپنى ېچىپ قويغان باشقۇرغۇچىغىمۇ رەھمەت! ەلا باھالىدىم.

ماۋۇ تېمىغىمۇ قاراپ باقايلى

http://www.2muslim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=479536

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 18:35:37

ئانا تىلنى قوغداش سىياسىي بىلەن يۇغرۇلۇنۇپ كەتكەن بۈگۈنكىدەك دەۋىردە مىللىي روھ كۈچەيمىسە،مىللىي مەۋجۇتلۇق تەقەززاسى رىئال تۇرمۇشتىكى ئاساسىي مەقسەتكە ئايلانمىسا باشقا كونكىرىت چارىلەر ئەسقاتماسلىقى مومكىن .يۇقۇرقى ئۈچ ئانا تىلنى قوغداش چارىسىنىڭ ئاساسىي قۇرلىشىغا بىرىلگەن ھەل دەپ قارىساق،مىللىي روھ تەربىيىسى دەل شۇ قۇرلمىنىڭ جازىسى.مىللىي روھ تەربىيىسى،مىللىي كىملىك تەربىيىسى كۈچەيتىلسە تەبىئىي يۇسۇندا يۇقارقى كۇنكىرىت چارىلەر ئەمەلگە ئاشىدۇ.زىيالىيلار قاتلىمىنىڭ سان ئۆزگۈرىشى سۈپەت ئۆزگۈرىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلالمايدىغان ھالغا كىلىپ قالدى.تەتقىقات قۇرلىشىدا ئابىستىراكىت ئۇقۇملار قوينىغا سولۇنۇپ قالغان بولسا،رىئال تۇرمۇشتا قوساق ۋە تاماششا ئۈچۈن تىپىرلايدىغان زىيالىيلارنىڭ پەرزەنىت تەربىيىسىدىكى لايغەزەللىكى،خەنزۇ تىلغا بولغان مىھىر-مۇھاببىتى كىشىنى ھەيرانۇ ھەس قالدۇرىدۇ.

90-يىللاردىن كىيىنكى ۋاقىتلاردا زىيالىيلاردىن ئۈگۈنۈش دولقۇنى ئانا تىل مائارىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئايرىپ تاشلىدى.دىمەك بىلىم ئۈگۈتۈش بىلەن پەزىلەت سىڭدۈرۈش ۋە مىللىي ئاڭغا ئىگە قىلىپ تەربىيلەش ئايرىم-ئايرىم نەرسە. تىلنى قوغدايمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مىللىي ئاڭغا ئىگە بولىشىمىز كىرەك.

ئەسەر قۇرۇلمىسى ياخشى،ئىلمىي قىممىتى يۇقرى شۇنداقلا قوزغۇتۇشچانلىقى زور يازما بوپتۇ.قەلىمىڭىز ھارمىغاي.تەكلىپىم قانۇنىيەت ۋە سىز باھا بەرمەكچى بولغان ئوبىكىتقا نىسبەتەن چوڭقۇر چۆكۈڭ.تاشقى كۆرۈنۈش ۋە ئىچكى ئامىلنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ماھىيەتنى،يادرۇلۇق سەۋەپنى قىزىشقا تىرىشىڭ.سىزگە ئامەت تىلەيمەن.

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-12 11:48:47

مەن بىر ئانا تىل كالىندارى ياسىغان ئىدىم ،ئۇنىڭدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئېلىپبەسى قۇشۇمچە قىلىنغان ۋە ھەر بىر ھەرب ئۈچۈن ئۈسۈملۈك قۇشۇمچە رەسىم قىلىنغان ،،،،،1000دانە باستۇرغان ئىدىم ، كۆپ قىسمى ئېىشىپ قالدى ، ھازىر ھەقسىز تارقىتىۋاتىمەن ........

bugday يوللانغان ۋاقتى 2013-6-12 21:06:18

مەن ئايدا تۆتيۈز كويلۇق ئانا تىلدىكى كىتاپلارنى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىمەن.

muzdala يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 03:48:52

تىل ئوقۇتقۇچىلىقىدا قىلغىلى بولىدىغان يەنە بىر ئىش: ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان مەكتەپداشلىرىغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىش.

تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمدا كىچىكىدىن خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇغان ئىككى ئۈرۈمچىلىك بالىغا ئۇيغۇرچە ئۆگەتكەن ئىدىم، ئۇلارنىڭ ئۆگىنىش قىزغىنلىقىمۇ يۇقىرى ئىدى.

شۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى بۇ يىل ئاسپىرانتلىقنى تۈگىتىدۇ، ھېلىمۇ كۆرۈشۈپ تۇرىۋاتىمىز. ئالىي مەكتەپكە چىقىپ بىر نەچچە يىلغىچە دائىم ھېيت-بايراملاردا ئانىسىغا ئەۋەتىدىغان ئۇيغۇرچە يانفۇن تەبرىك ئۇچۇرىنى ماڭا تەھرىرلەتكۈزدى، بەزىدە ماڭا يازدۇردى. ئۇنىڭ ئانىسىمۇ كىچىكىدىن خەنچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئايالكەنتۇق. مەندىن بەك جىق سۇئاللارنى سورايتتى، بەزىلىرى شۇنداق غەلىتە. ھەممىگە ئامال بار جاۋاب بېرەتتىم.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندا بىر كەسىپتە ئوقۇيدىغان بىرى بار ئىدى، ئۇمۇ شۇنداق كىچىكىدىن خەنچە ئوقۇغان، ئانىسى بىلەنمۇ خەنچە دېگۈدەكلا پاراڭلىشاتتى. دەسلەپتە باشقا ئۇيغۇر باللا بىلەن تۈزۈك ئارىلاشمىغان، كېين باشقا ئوغۇللارنىڭ بەكرەك ئارىغا ئېلىشى بىلەن ئۇمۇ ئۇيغۇرچىنى خېلى ياخشى سۆزلەيدىغان بولغان. ئۇنىڭغىمۇ ئۇيغۇرچە ئۆگىتىمەن دەپ ھەرپ-جۈملىلەرنى بېسىپ يازىدىغان بىر كىتاب بەرگەن، ئۆزىنىڭمۇ ئۆگەنگۈسى بار ئىدى، ئۆگىنىدىغانغا كېلىشكەن، كېىين ئوقۇش بىلەن بوپ كېتىپ ئېسىمدىن چىقىپ قاپتۇ. \"\"

مۇمكىن بولسا ئالىي مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەكتەپلىرىدىكى ئاشۇنداق ئۇيغۇرچە بىلمەيدىغان ياكى ياخشى بىلمەيدىغان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇيغۇرچە ئۆگىتىپ قويسا، بۇ تامامەن قىلغىلى بولدىغان ئىش. دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا، كىچىكىدىن خەنزۇلار بىلەن ئوقۇغان كۆپىنچە باللانىڭ مىجەزى ئۇيغۇر مەكتەپتە ئوقۇغان بالىلارنىڭكىدىن سەل پەرقلىق بولىدۇ، ئالاقىگە، گەپ-سۆزگە ماھىر بولماق لازىم.

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-13 06:46:23

ناھايتى ياخشى تىما يوللاپسىز قېرىندىشىم. ئەجرىڭىزگە ھەشقاللاھ!

مۇشۇنىڭدەك ئازراق تەھلىل قىلىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئىلمىي سۆھبەت قىلىش خاراكتىرىدىكى تىمىلارغا ئىنكاس يوق، لىكىن خەقنىڭ قىز دوستى بىلەن چۈشكەن رەسىمىنى يوللىغان تىمىلاردا مۇشتلىشىپ كەتكىلى تاس قالغۇدەك ساناقسىز ئىنكاسلار ھارماي يىزىلىدىكەن.مۇشۇنىڭدىنمۇ تور ئەھلىنىڭ سەۋىيەسىنى ۋە نىمىنى مۇھىم دەپ بىلىشىنى كۆرىۋالغىلى بولىدىكەن.



بۇ تىمىڭىزدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسلىلەر ۋە ھەل قىلىش يوللىرى توغۇرلۇق مەنمۇ ئويلاۋاتقان ئىدىم. سىز بىز 10-15 يىلنىڭ ئالدىدا مەكتەپلەردە ئۇيغۇرچە ئوقۇغانتۇق ھەم بۇ بىز ئۈچۈن ناھايتى ئادەتتىكى ئىش ئىدى. لىكىن بۈگۈنكى كۈندە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇيالىشىنىڭ ئۆزى بىر يەتكىلى بولمايدىغان مەنزىلدەك بىلىنىۋاتىدۇ...ئېست!

مەنچە بىز ياش بىر ئەۋلاد كىشىلىرى ئۇيغۇر تىلىنى كىيىنكى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتە ناھايتى مۇھىم ۋەزىپىنى زېممىزغا ئېلىشىمىزغا توغرا كىلىدۇ. مۇشۇنداق ئەمەلىي مەسلىلەردە پىكىر، تەجىرىبە ئالماشتۇرۇشىمىز ناھايتى زۆرۈر. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلمەيدىغان ياكى ئۇيغۇرچىنى باشقا تىلغا قوشمىسا ئېغىزىدىن گەپ چىقمايدىغان ئۇيغۇر باللىلىرىنى كۆرۈپ بىر تەرەپتىن ئېچىنسام بىر تەرەپتىن قورقىمەن. ئاتا-ئانىلارنىڭمۇ بۇ ئىشقا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمىگەنلىكىدىن كۆڭلۈم بىئارام بولىدۇ.

مەنچە ئۇيغۇر تىلىنى ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشتىكى ئاچقۇچ ئۆزىمىزنىڭ ئىمكانقەدەر ئۇيغۇر تىلىغا باشقا تىللارنى قوشماي سۆزلىشىمىز ۋە بالىلار بار يەردە ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە پەقەت ئۇيغۇر تىلىدا سۆزلىشىمىزدە بولۇشى مۇمكىن. قىزىمنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا راۋان تىلى چىققىنىنى كۆرۈش مىنىڭ نۆۋەتتكى ئەڭ چوڭ ئارزۇلىرىمنىڭ بىرى.

ئۇيغۇر تىلىنى ساقلاپ قىلىش ۋە گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن قانداق قىلىشىمىز توغرىسىدا چوڭقۇر مۇلاھىزە-مۇنازىرەلەرنى ئىلىپ بارساق دەيمەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-14 12:01:16

bilgejan@،

ئىنكاسىڭىز ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمەن.

بىز قولىمىزدىن كەلگەن زەررىچە بولسىمۇ بىر ئىشلارنى قىلىشنى مەجبۇرىيەت دەپ بىلگەن ۋاقتىمىزدا، خۇدا خالىسا، ئىشلار ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. بۇ يەردىكى «بىر ئىش قىلىش» قانداقتۇر ھەشەم دەرەملىك، باشقىلار ئۈچۈن بىر ئىش قىلىشقىلا قارتىلىپ قالماستىن، كوللىكتىپنىڭ ئىچىدىكى شەخسنىڭ، ھېچ بولمىغاندا ئۆزى ئۈچۈن بىر ئىش قىلغاندا ئۆزى تەۋە كوللىكتىپنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇش يۆلىنىشىدە ياكى تېخىدىنمۇ بولمىسا، ئۆز قەۋمىگە زىيان سالىدىغان ئىشنى قىلماسلىق يۆلىنىشىدە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ... تىل مەسىلىمىزدە ئازدۇر كۆپتۇر تۆھپە قوشۇش ھازىر ھەممىمىزگە مەجبۇرىيەت. ھەممە ئادەمنىڭ ساپاسى ۋە ئورۇنىغا قاراپ ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيەت ۋە بۇرچلىرىمۇ پەرىقلىق بولىدۇ، سىزگە ئوخشاش يۇقىرى مەلۇمات ئالغانلارنىڭ بۇرۇچى ئەلبەتتە باشقىلاردىن يۇقىرى بولىدۇ. شۇڭا يېقىن كەلگۈسىدە سىز ۋە باشقىلارغا بۇ ھەقتە مەلۇم تەكلىپ-تەۋسىيەدە بولۇشنى ئويلېشىۋاتقان ئىدىم...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 11:16:42

مۇلاھىزە ۋە تەقرىز سۆھبەتلەر ۋە دىل بايانلىرى ئانا تىل مەكتەپلىرىنىڭ گېپى داۋاملاشماقتا

Berna يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 11:20:46

شۇنى دەيمەن، بىرسى ھەجەپ ئوخشىتالمىدىم دەپ قويسا سەن كاپىر مۇسۇلمانلىقىغا ھۆكۈم قىلدىڭ، دەپلا ئىنكاسنى 9 بەتكە يەتكۈزۋېتىپتۇ، ھېلىمۇ ئوخشىماي تۇرىدۇ دەپتىكەن، ھۆكۈم قىلماپتىكەن، بولمىسا چانىشارمىدى، نىمانچىلا قىلىدۇ دەيمەن، شۇندا ئەھمىيەتسىز ئىشلاردا تالاش-تارتىش قىلىپ.

باھادىرنامىنى ئوقۇۋاتقان، بۇرۇنراق ئوقۇمىغىنىمغا پۇشايمان قىلىپ قادىم، تىلنىڭ پاساھەتلىكى، گۈزەللىكى، موللىقىغا قاراپ، بۇ دەۋىردىكى قېلىپقا چۈشۈپ قالغان، جانسىز، پاساھىتى، گۈزەللىكى خۇنۈكلەشكەن تىلىمىز بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئەپسۇسلاندىم.  \"\"

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 12:09:58

ئانا تىلغا ھەسسە قوشقىڭىز بارمۇ؟ بۇ ئادرىسقا مەرھەمەت :



http://qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4794&extra=&page=1

xamal625 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-15 17:11:52

12- قەۋەتتىكى orkexjanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئانا تىلغا ھەسسە قوشقىڭىز بارمۇ؟ بۇ ئادرىسقا مەرھەمەت :



http://qutad.biz/forum.php?mod=viewthread&tid=4794&extra=&page=1

ئىمكانىيەت بولسا ئىزدىنىشتىمۇ مۇشۇ تىما ئېچىلسا بوپتىكەن.

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 17:48:19

بۇ تېما مەن يېقىنقى بىر مەزگىل ئىچىدە كۆرگەن ، كۆرگەن كىشىگە نەپ بېرەلەيدىغان ئەڭ نادىر تېما بولدى . گەرچە بۇرۇنمۇ يۇقۇرىدىكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بىر قاتار سەۋەپلەر تۈپەيلى تىل ئىشلىتىش ئىقتىدارىمىزنىڭ  كېتىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ يەتكەن بولسام ،  ئۆزبېكچىدىن ئانا تىلىمىزغا تەرجىمە قىلىنغان « مېھرىبانىم قايدىسەن » دىگەن كىتاپنى كۆرۈش جەريانىدا بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلدىم . مەن ئادەتتە كىتاپنى خېلى كۆپ كۆرسەممۇ مۇشۇ كىتاپنى كۆرۈش جەريانىدا بىر قىسىم سۆزلەرنى بولۇپمۇ مەشرەپنىڭ غەزەللىرىدىكى خېلى كۆپ سۆزلەرنى چۈشىنەلمىدىم . دەسلىۋىدە بەلكىم تەرجىمان تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تەڭداش ئىشلىنىدىغان سۆز ئىبارە تاپالمىغان بولسا شۇ پېتىچىلا قوللانغان بولىشى مۈمكىن دەپ ئويلىغان بولسام ، لۇغەت ئاختۇرۇپ كۆرگەندىن كېيىن ، ئەمەلىيەتتە مەن چۈشىنەلمىگەن نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ ئەسلىدىلا بىزنىڭ تىل غەزىنىمىزدە بارلىقىنى ، ئەمما بەزىلىرىنىڭ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ياكى كۆپ ئىشلىتىلمىگەنلىكى ۋە ياكى جايىنى تېپىپ ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكىمىز تۈپەيلى ئىستىمالدىن قېلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم . مۇشۇ نۇقتىدىن تۇرۇپ قارىغاندا ، كىتاپنىڭ تەرجىمانى ( روزىمۇھەممەت مۇتەللىپقۇ دەيمەن ) ئانا تىلىمىزدىكى ئەنە شۇ ئىستىمالدىن قېلىپ قېلىۋاتقان سۆز ئىبارىلەرنى جاي - جايىنى تېپىپ ئىشلىتىشكە خېلى كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان دىيىشكە بۈلىدۇ . دىمەك ، ھەر بىرىمىز شارائىتىمىزنىڭ يار بېرىشىچە ، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئانا تىلىمىزنى قوغداش ، بېيىتىش ئۈچۈن تىرىشالىسىق بۇنىڭ چوقۇم نەتىجىسى چىقىدۇ .

  جۈملىدىن يۇقۇرىدىكى يازمىنى خۇددى « گۈلەن » نىڭ يازمىلىرىغا ئوخشاش توردىن كۆپەيتىپ ، كىچىكلىتىپ چۈشۈرېۋېلىپ ، بارغان يېرىمىزدە دوست بۇرادەرلىرىمىزگە كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىكەن .

  يوللىغۇچىغا تەشەككۈر !

koygandengiz يوللانغان ۋاقتى 2013-7-12 17:52:41

يۇقۇرىدىكى ئىنكاسىمدىكى ئېقتىدارىمىزنىڭ دىگەن سۆزنىڭ كەينىدىكى « چېكىنىپ » دىگەن سۆز چۈشۈپ قاپتۇ ...

otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-16 03:29:16

ناھايىتى ياخشى ماقالىكەن. ئىنكاس يازغان قېرىنداشلىرىممۇ خېلە جانلىق پىكرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ.


گەپنىڭ پوس كاللىسى، ــــ مىللى ئېگەمەنلىك تۇيغسىنى  تىكلىمەي تۇرۇپ ئانا تىلغا بولغان چۈشەنچىنى چۇڭقۇرلاشتۇرغىلى بولمايدۇ!!!


نەشرىياتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ ئانا تىلدا ئوقۇش - بىلىم ئاشۇرۇشنى يولغا قويغاندا مۇمكىن بولىدۇ. بولمىسا بېسىلغان كىتاپلار بىر دۆۋە ئەخلەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ!!!

otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 03:39:59

مەنمۇ سىز بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلارنىڭ بىرىمەن.

خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:

http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=10688

otyurek يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 03:40:39

مەنمۇ سىز بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلارنىڭ بىرىمەن.

خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:

http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=10688

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-8-17 23:15:02

18- قەۋەتتىكى otyurekنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ سىز بىلەن مۈرىنى - مۈرىگە تىرەپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلارنىڭ بىرىمەن.

خالىسىڭىز تۈۋەندىكى ئادرېسنى ئېچىپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ:

http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=10688

ئوت يۈرەك(قۇددۇس ھاپىز) ئەپەندىم، قەدىمىڭىز مۇبارەك.

يۇقۇرىدىكى ئىنكاستا كۆرسەتكەن تىمىڭىزنى كۆرۈپ چىقتىم، 97- يىلىغا 14 يىلنى قوشقاندا 2011- يىلى بولغىدەك، دېمەك سىز يۇقۇرىدىكى تېمانى يازغىلى 2 يىل بولۇپتۇ، تېمادا دېيىلگەن كىتابىڭىز نەشىر قىلىنغىلىمۇ بىر يىلدىن ئارتقاندەك تۇرىدۇ، كىتاپىڭىز بىز تەرەپكە كىرىشكە مۇمكىن بولدىمىكىن؟ توردا كۆرۈشكە بولامدىكىن؟                                                                                                            
بەت: [1] 2
: (بىلىك) ئانا تىلغا قانچىلىك ھەسسە قوشالايمىز؟