tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 14:34:36

يالپۇز ھەققىدە

ئانچە مۇنچە يالپۇز چاي ئىچىپ تۇرسا ھەزىمنى ياخشىلاپ يەل
تارقىتىدۇ،ئېغىزنى خۇشپۇراق قىلىدۇ.تەرلىتىپ ھاردۇق چىقىرىدۇ ،
توسالغۇلارنى ئاچىدۇ.ئۆتنى ئاسرايدۇ.

يالپۇز pبىلەن پىننە(كۆرۈنۈشى جەھەتتە) بىر-بىرىگە ئوخشاپ كېتىدىغان بولۇپ ، ئۇنى پۇرىقى ۋە تەمىدىن بىلىش مۇمكىن .

بۇ كالپۇكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك
يالپۇز بولۇپ ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى يالپۇز ياكى پۇدىنە نامىدا
دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

خېمىيىلىك تەركىبى: ھۆل يۇپۇرمىقىنىڭ تەركىبىدە بىر پىرسەنت، شېخى ۋە
غولىنىڭ تەركىبىدە ئىككى پىرسەنت ئۇچۇچان ماي بار، ماينىڭ ئاساسلىق تەركىبى
%77-%78 گىچە ماننىتول، %8-%12گىچە مىنتون قاتارلىقلار؛


دورىلىق تەسىرى: مىنتول باش ئاغرىقى ۋە نېرۋا ئاغرىقىنى توختىتىدۇ، بۇ
تېرىگە ئىشلىتىلسە ، ئاۋال سۇغۇق سېزىم بېرىدۇ، كېيىن كۆيگەندەك سېزىم
بېرىدۇ. ئىسپىرىتلىق ئىرىتمىسى چىرىشكە قارشى تۇرىدۇ.


تەبىئىتى: ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق؛

خۇسۇسىيىتى:

ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، سۈيدۈك ھەيدەش ئاغرىق توختىتىش، چىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، زەھەر قايتۇرۇش؛


ئىشلىتىدىغان كېسەللىكلەر:

ئاشقازان ئاجىزلىقى ، ئىشتىھاسىزلىق، قۇسۇش، كۆڭۈل ئېلىشىش، يۇقۇملۇق ئىچى
سۈرۈش، ئىسھال قاتارلىقلارغا ئىشلىتىشتىن باشقا ، يەنە يۈزدىكى سەپكۈنلەرنى
يوقىتىش، مۈشۈك ، چايان قاتارلىقلار چىشلىگەن، چاققان جايلارنىڭ ئاغرىقىنى
توختىتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەلتاشما، بۇرۇن ، قۇلاق ۋە
باشقا ئەزالارغا پەيدا بولغان قۇرتلارنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ.


يالپۇز تەركىبلىك بىر نەچچە ساددە رېتسىپ:

1. يالپۇزنى داۋاملىق يەپ بەرسە، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ. يۇقۇملۇق ئىچى سۈرۈش تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.


2. 10گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئىزىپ، يۈزىگە چاپسا ، يۈزدىكى داغنى ئالىدۇ.

3. يەتتە گرام يالپۇزنى سىركە بىلەن ئىزىپ سۈركىسە، مۈشۈك چىشلىگەن، چايان چاققان يەرلەرنىڭ ئاغرىقىنى توختىتىدۇ.

4. 10گرام يالپۇزنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى تېمىتسا ، بۇرۇن، قۇلاق ۋە
باشقا ئەزالارغا چۈشكەن قۇرتنى يوقىتىدۇ ھەم قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى يوق
قىلىدۇ.

5. يەتتە گرام يالپۇز سۈيىنى ئەرقى گۇلاپ بىلەن قوشۇپ ئىچسە يەلتاشمىغا
مەنپەئەت قىلىدۇ. قاينىتىپ سۈيىنى ئىچسە نەپەس قىيىنلىشىش، غەيرىي تەبىئىي
بەلغەم ، سەۋدا خىلىتلىرىدىن بولغان قىزىتمىلارغا پايدا قىلىدۇ.

6. 10 گرام يالپۇز ئۇسارىسىنى ياكى ئۆزىنى ھەسەل بىلەن قوشۇپ ئىچسە ھەيزنى
راۋانلاشتۇرىدۇ ھەم سېرىقئەتنىڭ يىرتىلىشىغىمۇ پايدا قىلىدۇ.

7. بەش گرام يالپۇز سۈيىنى ئانار شەربىتى بىلەن قوشۇپ ئىچسە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە قۇسۇشقا پايدا قىلىدۇ.

8. يالپۇز يۇپۇرمىقىنى داكىغا ئوراپ ، پەرجىگە ھۇمۇل قىلسا ، ھەيزنى راۋانلاشتۇرىدۇ.

9. يالپۇزنى ئىزىپ خېمىر قىلىپ، زەھەرلىك ھاشارات چاققان يەرگە چاپسا، زەھەرنى تارتىپ ئالىدۇ.

10. يالپۇزنى يۇمشاق ئىزىپ، قۇرتلاپ كەتكەن ئورۇنغا قويسا ، قۇرتلارنى ئۆلتۈرىدۇ.

11. يالپۇزدىن ئەرەق تارتىپ ئىچسە ، ئىشتىھانى ئاچىدۇ، ھەزىمنى ياخشىلايدۇ.


ئىشلىتىش مىقدارى: 10-5گرام؛

دىققەت قىلىدىغان ئىشلار: ئىسسىقچان كىشىلەرنىڭ بېشىنى ئاغرىتىدۇ، ئۆپكىگە قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

تۈزەتكۈچىسى: مېۋە سۇلىرى، سىركەنجىۋىل، ئۆپكە ئۈچۈن كەتىرا.

ئورۇنباسارى: قەردمانە.

پىششىق دورا ياسالمىسى: جاۋارىش پۇدىنە، ئەرقى پۇدىنە.

خام دورىلار ئىلمىدىن.


http://www.4tadu.com/?p=451

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 17:48:15

بىز ئۆيدە قىزىتما بىلەن ئۆتكە ئىشلىتىمىز ، مەنمۇ بۇنى سوغۇق دەپ بىلەتتىم.

bilkan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 18:31:43

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

پات-پات پۇت قولغا كۆز قاپقىغا ئىششىق كەپ قالىدىغان ئىشلار نىمىنىڭ سەۋەبىدىندۇ! دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسەك ساقكەنسىز دەپ دىئاگىنوز قويدى.



يەنە بىر ئىش سىزنىڭ تېببى نۇجۇمنى توغۇرسىدىكى تەتقىقاتىڭىز قانداق بوپكەتتى.

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 19:27:17

چىگدە چېچىكىدە ئاياللىق ھورمۇن، يالپۇزدا ئەرلىك ھورمۇن بار دەپ ئاڭلىغانتىم، راست گەپمۇ بۇ ھەكىم؟

يەنى، ئاياللار چىگدە چېچىكىنى، ئەرلەر يالپۇزنى پۇرىسا پايدا قىلىدۇ دەپ{:92:}

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 14:55:37

بىزنىڭ يۇرتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى يالپۇزنى سوغوق دەپ بىلىمىز ھەم سوغوقلۇق ئۈچۈن ئىشلىتىمىز،يالپۇزنىڭ تەبىئىتى ئىسسىق دىگەن قانداق گەپ بۇلۇپ كەتتى ئەمدى \"\" \"\" \"\"

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 15:25:22

يالپۇز ئىىسسىق ئەمما ئۇنىڭ بىر جەۋھىرى بولغان مىنتول سوغۇق.

مېنىڭچە يۇرتتىكىلەرنىڭ سوغۇق دەپ ئىشلىتىشتىكى ھېكمىتى يالپۇزنىڭ تەرلىتىپ،توسالغۇلارنى ئېچىش سەۋەبى بىلەن قىزىتما چۈشۈرۈشى بولسا كېرەك.

ayalman77 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 22:19:25

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 22:51:27

tadubegنىڭ تېمىسىدىن نەقىل

4. 10گرام يالپۇزنىڭ يۇپۇرمىقىنى سىقىپ سۈيىنى تېمىتسا .... قۇلاقنىڭ ئېغىرلىقىنى يوق قىلىدۇ.

http://www.4tadu.com/?p=451



بۇ تۈردە دورا تەييارلاش، ئىشلىتىش ئۇسۇللىرى ۋە باشقا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەردىنسەل تەپسىلىرەك چۈشەنچە بەرگىلى بولارمۇ؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 09:29:08

4- قەۋەتتىكى bilkanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

   ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!

پات-پات پۇت قولغا كۆز قاپقىغا ئىششىق كەپ قالىدىغان ئىشلار نىمىنىڭ سەۋەبىدىندۇ! دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈتسەك ساقكەنسىز دەپ دىئاگىنوز قويدى.



يەنە بىر ئىش سىزنىڭ تېببى نۇجۇمنى توغۇرسىدىكى تەتقىقاتىڭىز قانداق بوپكەتتى.



ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
كۆز قاپىقىدىكى ئىششىق كۆپىنچە بۆرەك ۋە جىگەر خىزمىتىنىڭ ناچارلىقىدىن ، سوغۇقى ئېشىپ كېتىشتىن،ياخشى ئۇخلىيالماسلىق قاتارلىقلاردىن بولىدۇ .
پۇتتىكى ئىششىق يۈرەك،بۆرەك،جىگەردىكى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ،بۇنى شۇ ئۈچ ئەزانى تۈكشۈرۈش بىلەن بىلىش مۇمكىن.

تېببى نۇجۇم توغرىسىدىكى تەتقىقات مېنىڭ ئەمەس، ئۇ ئابلىمىت غوجابدۇللا قاراقاش ئاكىمىزنىڭ تەتقىقاتى ،يېقىندىن بېرى قانداق بولىۋاتىدىكىن بۇ ھەقتە پىكىرلەشمىدۇق تېخى.

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 09:34:25

بىداركا،قۇلاق كېسەللىكلىرىگە يالپۇز ۋە ياكى باشقا دورىلارنى ئىشلىتىش ھەققىدە دىمەكچىمۇسىز؟

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 11:09:35

ئوستەڭ بويلىرى يالپۇز

ئانا پاقا ئولوپ قالسا

بالا پاقا ،

قالمامدۇ يالغۇز.....!{:92:}

sherqi يوللانغان ۋاقتى 2013-9-8 18:57:35

6- قەۋەتتىكى ayalman77نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

5- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىگدە چېچىكىدە ئاياللىق ھورمۇن، يالپۇزدا ئەرلىك ھورمۇن بار دەپ ئاڭلىغانتىم، راست گەپمۇ بۇ ھەكىم؟

يەنى، ئاياللار چىگدە چېچىكىنى، ئەرلەر يالپۇزنى پۇرىسا پايدا قىلىدۇ دەپ \"\"



راست شۇنداقمۇ؟ مەن گۈلقەنت ياساشقا بەك ئامراق. ئەتىيازدا يالپۇز گۈلقەنتى ھەم نۇرغۇن جىگدە چىچىكى گۈنقەنتى ياساپ قويدۇم. يالپۇز گۈلقەنتىنى ئەرلەرگە، جىگدە چىچىكى گۈلقەنتنى ئاياللارغا بەرسەم بولغۇدەك.



ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم . جىگدە چىچىگى گۈلقەنتىنى قانداق تەييارلىدىڭىز ؟
بەت: [1]
: يالپۇز ھەققىدە