mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 11:42:42

غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا كەلكۇن ئاپىتى يۇز بەردى




                                                                     غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا  كەلكۇن ئاپىتى يۇز بەردى  



        2013-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۇنى ئۇرۇمچى ۋاقتى سائەت 15تىن 40 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مازار يېزىسى (مەن شۇ ۋاقىتتا ئائىلىمىز بويىچە مازار يېزىسىدىكى سولتان ئۇۋەيىسخان مازىرىنى كۆرۈپ قايتقان ئىدىم) قاتارلىق بىر قىسىم يېزىلىرىدا يامغۇر يېغىشقا باشلىدى.ئۇرۇمچى ۋاقتى سائەت 16دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندىن باشلاپ (بىز بۇ ۋاقىتتا دوڭمازار يېزىسىدا كېتىۋاتقان ئىدۇق) يامغۇر تەدرىجى كۈچەيدى.بىز ئونيار يېزىسىغا كەلگەندە غۇلجا شەھىرىگە ۋە غۇلجا ناھىيىسەگ ماڭغان ماشىنىلارنىڭ ئالدى تەرەپتىكى يول توسۇلغانلىقتىن  قاتار تىزىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆردۇق.مەن يەرلىك ئاممىدىن ئەھۋال ئىگىلەش  ئارقىلىق ئونيار يېزىسى بۇلۇكەي كەنتىدىن كەلگەن كەلكۈن ئاپىتى تۈپەيلىدىن ئونيار يېزىسىدىكى ساي كۆۋرۈكتىن سۇ ئارتىلىپ چوڭ يولغا چىقىپ كەتكەنلىكى،يول بويىدىكى ئۆيلەرنىڭ خەتەر ئىچىدە قالغانلىقى،ئايرىم ئۆيلەرنىڭ ئاللىقاچان بىرەر مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇ ئىچىدە قالغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.سۆزلىگۈچىنىڭ بايان قىلىنىشىچە بۇ خىلدىكى كەلكۈن ئاپىتى ئونيار يېزىسىغا دائىم تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان بولۇپ،2006-يىلى ئۈرۈمچى ۋاقىت سائەت 21لەردە يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىدە نۇرغۇن ئۆيلەر ئۆرۈلۈپ،چارۋا - ماللار ئۈلۈپ،زىيان تېخىمۇ ئېغىر بولغان ئىكەن.شۇندىن بىرى ھەر يىلى دېگۈدەك كەلكۈن ئاپىتى بۇ يېزىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋېتىپتۇ.يەرلىك خەلق يوقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ


بۇ خىلدىكى ئاپەتلەرگە يەنىمۇ كۆڭۈل بۇلۇپ،ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن.


        يەرلىكتىكى مەسئۇللارنىڭ يېتەكچىلىكى،يەرلىك خەلقلەرنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇشى بىلەن تەخمىنەن 2 سائەت ئەتراپىدا كەلكۈن تىزگىنلەندى.


        بىز قايتىش يولىمىزدا ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى ئالتە ئۆي كەنتىگە قاراشلىك قۇش كۆۋرۇك ئەتراپىغىمۇ كەلكۈن كەلگەنلىكى،مەسئۇللارنىڭ ۋە يەرلىك خەلقلەرنىڭ جىددىي ئىشلەۋاتقانلىقى،توپا قېزىش ماشىنىسىنىڭ خەتەرگە قارىماي تارماق ئۆستەڭلەرگە توسۇلۇپ قىلىۋاتقان لاي - لاتقىلارنى تازىلاۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.



       تۆۋەندە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بېرىلدى:








         


mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 12:30:32




        رەسىملەرنى يوللىيالمايۋاتىمەنغۇ؟!





esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 14:42:31

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 17:07:04

كۆۋرۈك نى كەلكۈن ئىقىتىپ كەتتىمۇ نىمە ؟  جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكىلنى ئاسان قىلسۇن ،ئامىن !

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:03:06

2- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەخەممەتجان،جىلىليۈزگىمۇ كەلمىگەندۇ بۇ كەلكۈن. تۈنۈگۈن بارساق يول دىگەننى چۇۋۇپ تاشلاپتىغۇ؟ قاچان پۈتىدۇ بۇ يول، ساھرامۇ ساھرا ئايلىنىپ ئاران كىلىۋالدۇق ما شەگە




        ئۇنى مەنمۇ بىلمىدىم،ئەمما،تۈنۈگۈن كەلكۈن تۈپەيلى بىزمۇ ئايلىنىپ يۇردۇق.

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:04:31


3- قەۋەتتىكى jangqi19نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

كۆۋرۈك نى كەلكۈن ئىقىتىپ كەتتىمۇ نىمە ؟ جانابى ئاللاھ مۇسۇلمانلارنىڭ مۈشكىلنى ئاسان قىلسۇن ،ئامىن !




        كۆۋرۈكنى ئېقىتمىغان ئوخشايدۇ،ئەمما،سۇ كۆۋرۇكتىن تېشىپ چىقىپ كېتىپتۇ.




mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:05:20







تېمىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى ئەمدى ئاران يوللىيالىدىم،مانا بۇ ئونيار يېزىسىدىكى كۆرۈنۈشلەر:


\"\"



\"\"


\"\"



\"\"


\"\"


\"\"


\"\"


\"\"\"\"

koragan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:10:24

ساخاۋەتچى ئالىم خالىق بۇ قېتىم غۇلجىغا بارىدىكەندە-دە ئەمدى .....

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:10:25

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:15:28







مانا بۇ خەۋپ ئىچىدە قالغان ئۆيلەر:



\"\"



\"\"



\"\"



\"\"\"\"

mahammatjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:20:33







تۆۋەندىكىسى ئۇچئۇن خۇيزۇ يېزىسى ئالتە ئۆي كەنتى قوشكۆۋرۇكتىكى كەلكۈن:



\"\"





\"\"



\"\"



\"\"



\"IMG_20130607_182519.jpg\"

dadash يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 08:05:29

توۋۋا ما ئادەمنى مېنىڭ ئىشىك ئالدىمدىن ئۆتۈپتۇ ئەمەسمۇ  \"\"  ئىشۇ ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ كوچىسىدا ئىدىم شۇ چاغدا ..


esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 12:32:20

BAHWAN يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 20:39:20

12- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىشقىلىپ بۇ يىل ھۆل يىغىن كۆپ. جىلىيۈزنىڭ يىللاردىن بىرى قۇرۇق تۇرغان ئۆستىڭىدىمۇ خىل جىق سۇ ئىقىۋاتمامدۇ؟

ۋاي قويۇڭلار يامغۇر ياغىۋىرىپ ئارامىمنى قويمىدى جۇمۇ ، بۇ يىل سۇنى تازا ساتالمايدىغان ئوخشايمىز

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 10:59:25

تۇققانلاردىن ئەھۋال سوراپ تىلفۇن قىلسام تىلفۇنى تۇختاپ قاپتۇ ،تالاغا چىقىپ قارىسام ئەسلى ئوزەمنىڭ تىلفۇنى توختاپ قاپتىكەن تىلفۇنۇمغا 20سوم قاچىلاپ قۇياي دىسەم تىلفۇن پۇلى قاچىلايدىغان قىز دوكىننى تاقاپ قۇيۇپ كىتىپ قاپتۇ .. \"\"
بەت: [1]
: غۇلجا ناھىيەسىنىڭ بىر قىسىم يېزىلىرىدا كەلكۇن ئاپىتى يۇز بەردى