TAWPIK يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 08:23:39

يۇمۇر كەتتى(قەشقەر.......................)

                                                             يىڭى ئەزا تەۋپىقتىن ھەممە ئەزالارغا ئوتلۇق سالام..


                                                                           ئازبولسمۇ يۇمۇر ئەكەلدلىم


                                                                                                               


بىرئاشخانىغا كىرسەم شۇنداق ئوچرەت بۇلۇپ كىتىتپۇ .ئوچىرەت ساقلاۋاتقانلارمۇ ئاز ئەمەس ئىدى.تۇيۇقىسز بىر جوزىدا ئولتۇرۋاتقان3-4قىزغا دىققەت قىلدىم.ئۇلار تامىقىنى يەپ بولغان بولسمۇ ئوچىرەت ساقلاۋاتقانلارغا پەرۋامۇ قىلماي پاراڭلىشىپ ئولتۇراتتى.تۇيۇقىىز ئاردىن بىرەيلەن ئۇستا....ئۇستا دەپ توۋلاپ كەتتى.


ئۇستا:خوش نىمىش بولدى..


ھىلىقى كىش ئۇستامغا خاپا بولماي ئا ئۇستەلگە دۇئا قىلىپ بەرسلەر.دۇئا قىلىشنى بىلمەيدىغان ئوخشايدۇ.



يەنە بىر كۇنى بىر ئاشخانىغا كىرسەمبىرەيلەن مىنىڭمۇ ئالدىمدا كىرىپ تاماق ساقلاپ ئولتۇرۇپتۇ.مەنمۇ تاماق بۇرتۇپ ساقلاپ ئولتۇردۇم ئۇزاق ئولتۇرمايلا


تاماق چىقتى.لىكىن ھېلىقى ئادەمنىڭ تېخىچە چىقمغان ئىدى.ئۇ ئادەم ساقلا ساقلا...ئاخىر تەخىر قىلىپ بۇلالماي كۇتكۇچىنى چاقىرىپ :ئۇكام ماڭا تاماق يازغانمۇيا ؟


كۇتكۇچى:ھە يازغان.


ئەمسە خاپا بولماي ئاخىرغا بۇگۇن يەيدىكەن دىگەننىمۇ قۇتۇپ قۇيامسىز؟      


                                                                                    


بىر ئاتۇشلۇق سودىگەر سەكىراتقا چۇشۇپ قاپتۇ،ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھەممىسى سودىگەرنى چۆرىدەپ تۇرۇشۇپتۇ،سودىگەر : ئانىسى،قىنى سەن ؟دەپ سوراپتۇ،ئايالى يىغلاپ تۇرۇپ مەن يانلىرىدا دادىسى دەپتۇ،سودىگەر يەنە بالام ئەمەت سەنچۇ؟ دەپ سوراپتۇ،بالىسى مەن يىنىڭدا دادا دەپتۇ. بالام مەمەت سەنچۇ؟ دەپ سوراپتۇ،بالىسى مەنمۇ يىنىڭدا دادا دەپتۇ،سودىگەر قىزىم ئايگۇلچۇ؟ دەپ سوراپتۇ،قىزى مەنمۇ يىنىڭدا دادا دىگەنىكەن سودىگەر غەززەپ بىلەن : خۇدايىم ھەممىڭنىڭ جاجاڭنى بەرسۇن،ھەممىڭ بۇيەرگە كىلىۋىلىشساڭ دۇككانغا كىم قارايدۇ دىگىدەك.





بىر خىزمەتدىشىمىزنى يۇقلاپ 2-دوختۇرخانىغا كىردۇق، دوختۇرخانا ئىچىدە ئادەم شۇنداق كۆپ ئىدى دوختۇرخانا ئىچىدە سىرىتقا ماشىنىلار چىقالماي سىرتىدىن ئىچىگە كىرەلمەي، ھىچكىمنىڭ ھىچكىمگە يول بەرگۈسىمۇ يوق، شۇنىڭ بىلەن ئالدى تەرەپتىن ماشىنىدىن ئوتتۇرا ياشلار چامىسىدىكى ئاكىمىز چۈشۈپ، شۇپۇرلارغا قاراپ دىدى:

ماڭا قايلاشسىلا غوجۇرۇۇۇۇۇۇۇم، بۇ يەردە قەۋزىيەتتەك قاپلىشىپ تۇرماي بىر-بىرىمزگە ئازراق يول بىرىپ قۇيايلى.





قەشقەر خەلىق مەيدانىدا بىر كۈنى ئويۇن قويىلىپتۇ ، پاكاراق كەلگەن بىر ئادەم تەمبەل شىلەپە كەيگەن بىر ئادەمنىڭ كەينىدىكى ئورونغا كەپ قاپتۇ، ھىلىقى شىلەپىلىك ئادەم بوينىڭ ئىگىزلىكىنى ئاز دەپ، شىلەپسىنىڭ ئاستىدىن بىشىنى قاشلاپ پاكار ئادەمنى پەقەتلا ئويۇن كۆرگىلى قۇيماپتۇ، ھىلىقى پاكار ئادەمنىڭ ئاچىقى كىلىپ دەپتۇ: ھەي ھەي ئاكا شىلىەپىنى ئىلىۋىتىپ قاشلىساڭ بولمامدۇ بىشىڭىنى؟

_ئۇكا ھوي، سىنىڭ كۆتۈڭ قىچىشسا ئىشتاننى سىلىۋىتىپ قاشلايدىغان ئوخشىمامسەن؟!! دىگۈدەك.





ئۈچ ئاغىنە بالا پويىزدا سەپەرگە بىللە چىقىپتۇ، بىرى قورسىقى بەك ئىچىپ كەتتىمۇ قانداق تىنماي بىر نەرسە يەپلا ئولتۇرۇپتۇ، يىنىدىكى بالا پات-پات قاراپ قويسىمۇ، يەنە تىنماي يەۋىرىپتىكەن، ئاچىقى كەلگەن بىرى دەپتۇ:

_ۋاي ۋاي ئەجەپ تولا بىر نىمە يىدىڭا خۇددى ۋاگوننى سەن سۆرەيدىغاندەك



Nurlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 17:39:40

ئوقوغۇچى : مۇئەللىم نىمىشقا ئادەمنىڭ ئۈچىيى تۈز بولماي ئەگرى-بۈگرى بولىدۇ؟

مۇئەللىم : شوۋچى گۇي ... ئۈچىيىڭ تۈز بولسا قايناق سۇ ئىچسەڭ قوڭاڭ كۆيۆپ قالمامدۇ ...

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 17:55:54

دەھشەت قىززىق يۇمۇرلاركەن،ھەر بىرلىرىگە كۆپ رەھمەت \"\"

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 19:27:10

بىرىنچىسى يۈكسەلنىڭ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىكى يۇمۇرىغۇ دەيمەن. @ Yuksel

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 19:52:27

تېمىدىكىنى ئۇقۇپ بوبتىمەن،ھازىر ئۈندىدارغا چىققان نەرسىنى ھەممە ئۇيغۇر كۆرەمدىكىن دەيمەن


مەنمۇ قىززىق رەسملەرنى چاپلاپ بېرەي


\"\"



\"\"


\"\"




\"\"



\"\"





mastani يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 15:36:53

ئاستىدىن سانغاندا 2-سى نىم داق قىززىق ،يىڭى يۇمۇركەن .رەخمەت تازا كۈلۋادىم!!!

Jalzat0013 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:14:55

ھەممىسى نوچىكەن!

bibaris يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:31:22

ئۇرۇمچىگە بېرىپ باقمىغان بىرقەشقەرلىك كىشى ئۇرۇمچىگە تۈنجى بېرىپ،كوچا ئايلىنىپتۇ،سەنشىخاڭزىغا كەلگەندە تەرىتى قىستاپ كىتىپتۇ،ئۇ كىشى ئاران دىگەندە بىر ئاممىۋى ئوبۇرنىنى تېپىپ ،بىريۇەن تۆلەپ ،ئىچىگە كىرمەكچى بولۇپ قارىسا ئاق لاتا تارتىپ قويغان ئىككى ئىشىك بار ئىكەن بىرسىگە ئۇ يەنە بىرسىگە ق دەپ يېزىلغانكەن ،ھېلىقى قەشقەرلىك كىشى ياۋپانا !بۇ ئۇرۇمچىلىكلەر نىمىدىگەن ئايرىمچى ھە....مۇشۇ ئوبۇرنىغىمۇ ئۇرۇمچىلىك، قەشقەرلىق دەپ ئايرىغىنى نىمىسى دەپ ياقىسىنى چىشلەپتۇ دە ،،مەن قەشقەرلىك بولغاندىكىن ق ھەرىپى يېزىلغان ئىشىكتىن كىرەي دەپ ،شۇنداق ئىچىگە كىرسە ،ئىچىدە بىرنەچچە ئايال بار ئىكەن، ئۇلار قەشقەرلىك كىشىنى كۆرۈپ قورقۇپ چىقىراپ كىتىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن ھېلىقى قەشقەرلىك تۇققانلار قوقماڭلارمەنمۇ قەشقەرلىك دىگۈدەك .

qassap يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 18:57:44

ئۆمۈرىدە قەشقەرنى كۆرەپ باقمىغان بىر ئۈرۈمچىلىك قەشقەرگە كەپتۇ. قەشقەرلىكنىڭ قىزىلمۇچتەك گېپىنى ئاڭلاپ قالماي دەپ جىمجىت شە چۆگىلەپتۇ. ئەتىسى قايىتماق بولۇپ پويىز ئىستانسىسىغا كەپتۇ. پويىز قوزغۇلۇشقا خېلى ۋاقىت باركەنتۇق، قورسىقىمنى ئەستەرلىۋىلاي دەپ ئاشخانىغا كىرىپ سۈيۇقئاش بۇيرىتىپتۇ. تاماق كەلگەندىن كىيىن ئۈرۈمچىلىك:«ھەقىچان بايا گەپ سۆزلىرىمدىن مىنىڭ ئۈرۈمچىلىك ئىكەنلىكىمنى بىلدى بۇ قەشقەرلىكلەر. جىملا يىسەم ئۈرۈمچىلىك تاماقنى كالىدەك يەيدىكەن دەپ قالمىسۇن»، دەپ ئاشخاندا ئولتۇرغان ھەممەيلەنگە ئاڭلىتىپ يۇقرى ئاۋازدا «بىسمىللاھىر رەھمانىررەھىم»، دەپ شۇندا تاماققا تۇتۇش قىلىشىغىلا ياندىكى ئۈستەلدىكى قەشقەرلىق كىشى:« يا ئاللا ئۇكېېېممممم، ھېلىمۇ ياخشى سۇيقاش ئىچىپلا، پولو ياكى لەغمەن يەپ قالغان بولسىللىرى تەرەت ئېلىپ ئىككى رەكئەت ناماز ئوقىۋىتىپ يەيدىكەنلا»، دىگۈدەك.

anty_almas يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 19:30:10

قەشقەردە « ئوغۇل »دىكى «ئو » نى « ئۇ» دەپ يازمايدۇ . ھەم « ئۈرۈمچى» دە « ئۇ » يوق ، «ئۈ» بار{:107:}

muzatd يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 20:15:24

بىر نەچچىسى يېڭىكەن. \"\"

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 20:42:39

رەخمەت ،كەيپىياتىم كۆتۈرلۈپ قالدى.{:92:}

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 23:31:10

بۆرە داۋاملىق تۈلكىنى نىمىشقا شەپكەڭنى تۇز كەيمەيسەن دەپ بانا تېپىپ ئۇرۋالدىكەن، تۈلكە يولۋاسقا بۆرىنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىپتۇ. يولۋاس بۆرىگە ھەي سەن بانا تېپىپ ئۇرمامسەن دەپ ئۈگەتكەننى تۈلكە ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ قاپتۇ . ئەتىسى بۆرە تۈلكىگە ماڭە ھاراق ئەكىر دىسە ئاق ھاراق ئەكىرمەنمۇ قىزىل ھاراقمۇ ؟. بۆرىنىڭ ئچچىغى كىلىپ بولدى سوپۇن ئەكىر ، بولىدۇ تەخسىر قاتتىق سوپۇن ئەكىرمەنمۇ يا ئۇن سوپۇنمۇ؟. بۆرە تۈلكىنىڭ قۇلاقنىڭ تۈۋىگە بىرنى ئۇرۇپ نىمىشقا شەپكەڭنى تۈز كەيمىدىڭ دىگىدەك .

bolturk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 23:41:37

80-يىللارنىڭ باشلىرى، غۇلجىدا بىر كۈنى قارا دۆڭلۈك بىر مۇماي ۋېلسىپىتنى ئۇچقاندەك ھەيدەپ كېتىپ بېرىپ يۇندا تۆككىلى چىقىۋاتقان بىر خەنزۇنى جاڭلا قىپ سوقۇپ قويۇپتۇ، خەنزۇمۇ ، مۇمايمۇ يىقىلىپتۇ، خەنزۇنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كېپ:«ھېي،مۇنۇ قېرى جېنىڭغا ۋېلسىپىت مىنىمەن دېگۈچە ئىشەك مىنسەڭ بولمامدۇ!»دېسە، مۇماي كىيىملىرىنى قېقىشتۇرۋېتىپ خەنزۇغا نېمە دېگۈدەك: «ۋاي خەنزۇلا، بارچە ئىشەكنى يەپ بولۇشتۇڭ،ئاپاڭنى مىنەمدۇۇۇۇۇ!»

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 23:56:58


3- قەۋەتتىكى bibarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئۇرۇمچىگە بېرىپ باقمىغان بىرقەشقەرلىك كىشى ئۇرۇمچىگە تۈنجى بېرىپ،كوچا ئايلىنىپتۇ،سەنشىخاڭزىغا كەلگەندە تەرىتى قىستاپ كىتىپتۇ،ئۇ كىشى ئاران دىگەندە بىر ئاممىۋى ئوبۇرنىنى تېپىپ ،بىريۇەن تۆلەپ ،ئىچىگە كىرمەكچى بولۇپ قارىسا ئاق لاتا تارتىپ قويغان ئىككى ئىشىك بار ئىكەن بىرسىگە ئۇ يەنە بىرسىگە ق دەپ يېزىلغانكەن ،ھېلىقى قەشقەرلىك كىشى ياۋپانا !بۇ ئۇرۇمچىلىكلەر نىمىدىگەن ئايرىمچى ھە....مۇشۇ ئوبۇرنىغىمۇ ئۇرۇمچىلىك، قەشقەرلىق دەپ ئايرىغىنى نىمىسى دەپ ياقىسىنى چىشلەپتۇ دە ،،مەن قەشقەرلىك بولغاندىكىن ق ھەرىپى يېزىلغان ئىشىكتىن كىرەي دەپ ،شۇنداق ئىچىگە كىرسە ،ئىچىدە بىرنەچچە ئايال بار ئىكەن، ئۇلار قەشقەرلىك كىشىنى كۆرۈپ قورقۇپ چىقىراپ كىتىپتۇ ،بۇنى كۆرگەن ھېلىقى قەشقەرلىك تۇققانلار قوقماڭلارمەنمۇ قەشقەرلىك دىگۈدەك .


.................................................................................................


ھە ئۇ كىشىنى ئۇ ئاياللار تىللاپ؟؟؟؟؟؟؟قىلۈاندىن كىيىن چىقىپ سەنشىخاڭزا دوخمۇشقا كەلگەندە بولالماي ئىككى سوملۇق گېزىت ئېلىپ بىنانىڭ بۇجەكتە ناھايىتى تىز سۈرئەتتە گېزىتقا ئولتۇرۇپ قوپۇپ گېزىتنى يۆگەۋاتسا تۇتە ئوغرىنى دىگەن چوقان چىقىپتۇ دە بۇ كىشى قېچىپقاپتۇ . << بىر مىنۇت ئىلگىرى بىر زەرگەر دۇكاندىن گېزىتقا يۆگەكلىك ئىككى يېرىم كىلو ئالتۇننى بۇلاپ قاچقانكەن >> ئاۋۇلا ئۇقۇشماي ھېلىقى قەشقەرلىك كىشىنى تۇتىۋاپتۇ دە نەنگۈەن ساخچىخانىغا ئەكىرىپتۇ . ساخچىلار گېزەتنى جىڭغا قويۇپتىكەن ساق 2 كىلو كەپتۇ شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇپقاپتۇغۇ يېرىم قىلوسى قېنى ئوغرى؟. ۋاي جېنىم سوجاڭ ھەممىسى شۇ ۋۇ يالغانچى دەرە قالغىنى قېنى؟ ۋاي ھەممىسى شۇ . بىر سائەت ھەپلىشىپ ئېچىپ كۈرۈپ باقىلى داپ ئاچسا پوق خاتا تۇتۇپتۇق دەپ تازا قورقۇتۇپ قويۋىتىپتۇ ، بۇ ئادەم شۇ كۈنىلام ئاچىغىدا قەشقەرگە قايتىپتۇ ، ئەتىسى خوشنىسى ۋاي سىلىنى ئۈرۈمچىگە كەتتى دەۋاتقانتى كەپبوللىما دىسە، قويسىلا مامۇتاخۇن ئۇرۇمچى دىگەن يەرگىمۇ بارامدۇ ساق 2 يېرىم كىلوغا توشقۇزۇپ چىشمىساڭلا ئۆلگۈدەك تاياق يەيدىكەنسىلە دىگىدەك.\"\"


Freedom يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 00:09:31

‏بىر يەكەنلىك بالنىڭ دىيشىچە قەشقەرنى ساياھەت قىلىپ قايتاشىدا ئاپسىغا تىلفۇن قىلىپ نىمە ئاغاچ باراي دەپ سوراپتۇ ئاپسى بالام مىس چويلىدىن بىرنى ئاغاچكەل دەپتۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالا چويلا ساتىدىغان  كوچىنى تىپىپ بىر دۇككانچىدىب سوراپتۇ ئاكا ماچويلا نەچپۇل دۇككانچى 18 كوي ئۇكام دەپتۇ ئۇ بالا ھە دەپلا چويلىنى يەگە قوياپ  يانادىكى دۇككاندىن يەنە بىر  چويلىنى قولغا ئىلىپ ما چويلا نەچپۇل دەپتۇ 15 كوي بەسە دەپتۇ دۇككانچى ئۇ بالا ھىشنىمە دىمەي چويلىنى قوياپ ئۈچىنجى دۇككاندەن بىر چويلىنى كۆرەپ نەچپۇل ساتتىڭىز دەپتۇ دۇككانچى 13 كويغا بىرەي ئۇكام تىخى دەسلاپ قىلمىغان دەپتۇ 

‏ئۇ بالا ئوخشاش چويلىنىڭ ھەجەپ باھاسى ئوخشىمايدىكىنا دەپ ئويلاپ دۇككان چىدىن سوراپتۇ ئا دۇككاندا 18 كوي دەيدۇ ما يانادىكى دۇككاندا 15 كوي دەيدۇ سىز 13 كوي دەيسىز بۇ چويلىلىنىڭ قاندا ئوخشىماسلىقىبا دىيشىگە دۇككانچى ئۇكام ئاياققىراق باسلىرى 10 كويغا لەغمىنى بىلەن بىردۇ

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 00:54:59

بولسا مۇشۇ تېمىغا ھەر بىر تورداش ئۈزى بىلىدىغان ياخشى يۇمۇرلارنى بىردىن-ئىككىدىن ئىنكاس شەكىلدە يوللىساڭلا ‹‹ ساغلام يۇمۇرلارنى›› ، بەزى كاللا چارچىغاندا پايدىسى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس. يەنە يۇمۇر توپلىمى بوپقالسا ئەجەپ ئەمەس تاللاپ ئېلكىتاپ قىلىپ قويسۇمۇ بولغىدەك . مۇشۇ پىكرىمنى بىر ئويلۇشۇپ كۆرسەڭلا ئەزىزلەر ، بولسا مۇشۇ يۇمۇر تېمىسىنى ئەزالارلام كۈرىدىغان قىلسا يۇمۇر پىپا بوپكەتمىسۇن دەيمىنا .   {:92:}ياخشى ئەمەس دىگەنلىرىنى باشقۇرغۇچىلار ئۈچۈرسە ياخشىللىرىدىن مۇنبەردىكى ئەزالار ھوزۇرلانسا \"\" مۇشۇنداق بۇلىتى دەپ ئويلايمەن سىلەرچە قانداق.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 19:56:17

بىزنىڭ مەكتەپتە بولغان بىر ئىشنى يۇمۇر قىلىپ ئىيتىپ بىرەي.



بىزنىڭ مەكتەپتىكى بىر ئوقۇتقۇچى ئۇچۇق دەرس ئۆتۇپ، دەرسنى سۆزلەپ بۇلۇپ ئوقۇغۇچىلاردىن چۇشەندىڭلارمۇ دەپ سورسا، باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ كىچىك ئوقۇغۇچىلىرى بولغاچقا ناھايىتى راستچىنىلق بىلەن ياق دەپ جاۋاپ بەرگەن،

ئوقۇتقۇچى چۇشنەلمىگەن بولساڭلار توغرا بوپتۇ، چۇنكى ئۆزەممۇ چۇشەنمىدىم دەپ قايتۇرۇپ جاۋاپ بەرگەن

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-9 23:43:42

بىر چۈمۈلە بىر پىلغا ئاشىق بوپقاپتۇ ، كۈندە ئاپىسىغا پىلنى ئالىمەن دەپلام يۈردىكەن ئاپىسنىڭ نەسىھەتلىرىنىمۇ ئاڭلىمايدىكەن. بىر كۈنى مەن سۆيگۈنۈم بىلەن كۈرۈشۈپ كىلىمەن دەپ سەھەردە يولغا چىقىپ ئۆمىلە-ئۆمىلە پىشىم بىلەن پىلنىڭ ئىشىكىگە كىلىپ ۋاقرايدىكەندە ، ھوي رۇقۇيە-ھوي رۇقۇيە پىلنىڭ ئاپىسى چىقىپ قىزىمنى چاقىرۋاتقان كىمۇ؟ دەپ قارىسا ھىچنىمە يوق بىر ۋاختا ئالدىدا كىچچىككىنە بىر چۈمۈلە ھەدە رۇقۇيە يوقما دىگىدەك ، يوق تۇققانلارنىڭكىگە كەتكەن نىمە ئىشىڭ بار ؟، باشقا ئىشمۇ يوق شۇ قىزىڭىز كەپقالسا قارا ئۇرۇق بىر بالا ئىزدەپ كەپتىكەن دەپ قويىڭە .

rita1028 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-10 03:50:23

چۈمۈلىنىڭ يېڭى يۇمۇركەن.

قارا ئۇررررررۇۇۇق بالا دەپ قويىشى تېخى\"\"
بەت: [1] 2
: يۇمۇر كەتتى(قەشقەر.......................)