شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىرتۈركۈم خىزمەتچى قوبۇل قىلىدۇ
شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى يىقىندا خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇش مەزمۇنىدىن قارىغاندا مەكتەپ بۇ قېتىم ئوقوتۇش ۋە مەمۇرىي ئورۇنلارغا جەمئىي 97 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە كۆپ قىسىم ئورۇنلار دوكتور ياكى ماگىستېرلىق ئوقوش تارىخى تەلەپ قىلىدىغان بولۇپ، دوكتۇلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 40 ياش، ماگىستېرلارنىڭ 30 ياش ئىكەن. تېزىملاش ۋاقتى 6-ئاينىڭ 13-كۈنىگىچە بولۇپ، نەق مەيدانغا بىرىپ تېزىملىتىش شەكلى قوللىنىلىدىكەن، ئورنى شىنجاڭ تىببىي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىچىدە ئىكەن. تېزىملاتقاندا، سالاھىيەت تەكشۈرۈش جەدۋىلى، كىملىك، دىپلۇم، رەسىم ۋە ئىنگىلىز تىلى، خەنزۇتىلى دەرىجە گۇۋاھنامىلىرى تەلەپ قىلىنىدىكەن، تەپسىلىي مەزمۇنى خەنزۇچە بولغاچقا بۇ يەرگە يوللانمىدى، قىزىققۇچىلار بۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ.
http://www.xjstudent.com/kurux.asp?id=15755
مەخسۇس كۈرۈس دېگەنلەر بۇنىڭدىن كېيىن نېمە ئىش قىلىدۇ ، ئۇلار ئادەم ئەمەسما...ھۆكۈمەت يا مەخسۇس كۈرۈس دېگەننى ئاچمايلا قويمىدى. ئاچقان ئادەم يە كۆڭۈل بۆلمىدى... بەكمۇ ئويلىنىمەن زادى نەق مەيدانغا بىرىپ تىزىملىتىش؟ قايسى زاماندا قالدى ما خەق؟! تېخى ياش چەكلىمىسى باكەن. بۇ ئېنىقلا يېشى چوڭلارنى ئوقۇمۇسۇن دىگەنلىكقۇ؟! بىر ئۇنۋىرستىت تۇرۇپ مۇشۇنداق ناچار پوزىتسىيەدە ئادەم قوبۇل قىلسا مەن بۇ مەكتەپنى ئويلاشمىسام بولامدۇ، نىمە؟ تېخى ماگىستىر ياكى دوكتۇر دىيىشى ئاندىن قىزىقتە....

2- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نەق مەيدانغا بىرىپ تىزىملىتىش؟ قايسى زاماندا قالدى ما خەق؟! تېخى ياش چەكلىمىسى باكەن. بۇ ئېنىقلا يېشى چوڭلارنى ئوقۇمۇسۇن دىگەنلىكقۇ؟! بىر ئۇنۋىرستىت تۇرۇپ مۇشۇنداق ناچار پوزىتسىيەدە ئادەم قوبۇل قىلسا مەن بۇ مەكتەپنى ئويلاشمىسام بولامدۇ، نىمە؟ تېخى ماگىستىر ياكى دوكتۇر دىيىشى ئاندىن قىزىقتە....![]()
قايتىپ كېلىشنى ئويلاۋاتامسىز بىلگە ئاكا؟ قايتىپ كەلسىڭىز بىلىمىڭىزنى 5 يىلدا ماركىسىزىمغا تېگىشىۋىتىپ قالارسىزمىكىن، ئامېركىدا ياكى باشقا دۆلەتلەردە ئىشلەپ قېلىپ شۆھرەتكامنىڭ ئەنئەنىسنى داۋاملاشتۇرمامسىز؟ بىزلەرمۇ چىقىپ سىزدىن بىلىم ئالساق بولاتتى، ھېچبولمىغاندا ھازىرچە قايتىپ كەلمىسىڭىز ياخشىمىكىن.. قايتىپ بىرىشنى ئەلۋەتتە ئويلايمەن، دە. ھازىر ئەمەس 2-3 يىلدىن كىيىن ياكى تولۇق تەييار بولغاندا بارىمەن. ماركىسىزىمغا بەل بەرمەيمەن دەيدىغان تولۇق ئىشەنچىم بار، مىنىڭ. ئامرىكىدا قىلىشنى خالايدىغانلار نۇرغۇن، سىزمۇ كىلىپ مۇشۇ يەردە قالسىڭىز، كەلگۈسىدە باشقىلار سىزدىن بىلىم ئالىدۇ. {:92:} مەن ھازىرچە قايتىمەن دەپ تۇراى ماركىسىزىم سەل ھاسىراتسا شۇ ۋاقىتتا بىر گەپ بولار،


بۇمۇ بولىدىغان ئامالكەن، خەنزۇ ياكى ئاز سانلىق مىللەت دېمەي ياش چەكلىمىسى قويۇپلا قويسا
