[تەرجىمە ناخشا] «ئاي چىقتى» (بالىلار ئۈچۈن سوۋغا)
بۇ - ھىندىستان ھېكايە فىلىمى Fanaa («سۆيگۈ ئۈچۈن گۇمران بولۇش» - 为爱毁灭) نىڭ ناخشىلىرىدىن بىرى. كىنونىڭ ئۆزىنى تەرجىمە قىلىشقا ۋاقىت يەتمىسىمۇ ناخشىلىرىنى تەرجىمە قىلغان، ئەتىۋارلىق پەرزەنتلىرىمىزنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن بۇ ناخشىنى جىددىي تەييارلاپ قۇتيار تورىدا ئېلان قىلىنغان ئىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھۇزۇرلىنىشى ئۈچۈن ئىزدىنىشقىمۇ يوللاندى.
بالىلىرىڭلار بىلەن شېكەر شەنبە-يەكشەنبەڭلارنى (بولسا ھەر بىر كۈنۈڭلارنى) مۇشۇ ناخشا ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان فىلىمدەك شادىمان، خۇشال، خۇشۋاق ئۆتكۈزۈشۈڭلارغا تىلەكداشمىز. باللىرىمىز بويۇن قىسىپ قالمىسۇن، ئۇماق پەرزەنتىڭىز ئۈچۈن ۋاقتىڭىزنى ئاجرىتىڭ، گۈل بەرگىدەك نازۇك قەلبى يالغۇزلىقتىن قاغچىراپ قالمىسۇن!
لازا يىگەنتىم ئاغزىم ئىچىشىپ كەتتى دىگەننى ئەرەپچە نىمە دەيدۇ
بىر ساتراش يەنە بىر ساتراشقا ئىككىمىز بىرلىشىپ بىر ساتراچخانا ئاچايلى دەپتۇ دىگەننى تۈركچە نىمە دەيدۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ھە تىمىدىكى ناخشىدىمۇ مۇشۇنداق يىڭىلتىماقلار بار ئىكەن شۇڭا سوراپ باقتىم يېقىملىق ناخشا بۇ ،مەندە بار ،دائىم ئاڭلايمەن.كېنوسىمۇ ياخشى بۇنىڭ.
1- قەۋەتتىكى elqutنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
لازا يىگەنتىم ئاغزىم ئىچىشىپ كەتتى دىگەننى ئەرەپچە نىمە دەيدۇ
بىر ساتراش يەنە بىر ساتراشقا ئىككىمىز بىرلىشىپ بىر ساتراچخانا ئاچايلى دەپتۇ دىگەننى تۈركچە نىمە دەيدۇ تىمىغا مۇناسىۋەتلىك ھە تىمىدىكى ناخشىدىمۇ مۇشۇنداق يىڭىلتىماقلار بار ئىكەن شۇڭا سوراپ باقتىم
مېنىڭ ئەرەبچە ياكى تۈركچىدىن خەۋىرىم يوق.
بەت:
[1]