forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:26:09

«ئى»تاۋۇشى توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن

تولۇق
ئوتتۇرادا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا،تىل-ئەدەبىيات دەرىسلىكىدە  نەچچىلىگەن
ئەدىب،شائىر،ئۆلىمىالىرىمىز توغرۇلۇق بىلىم ئالغىنىم ھېلىھەم ئېسىمدە. شۇ
ۋاقىتنىڭ ئۆزىدىلا نىمىشقا ھازىر سورىماقچى بولغان مەسىلە كاللامدا ئايان
بولمىغىيدى دەپ نەچچە دېسەممۇ بىكا.شۇ سەۋەب،توردىكى ئەقىل ساھىبى
قېرىنداشلىرىمنىڭ قولىدىن كىلىشىچە، تۆۋەندە دېيىلمەكچى بولغان مەسىلە
ئۈستىدە ئىزدىنىپ توغرىسنى يەتكۈزۈشىنى سورايمەن.

     1.ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان ئەدىب-شائىرلىرىمىزنىڭ
نام-شەرىفى  كەينىگە بىردىن "ئى" سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلىپتۇ.مىسال:
ئەلشىر نەۋائى،ئابدۇرېھىم نىزارى،فارابى،ھىرقىتى،موللا
زەلىلى،نۆبىتى،رابغۇزى...دېگەندەك.بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ كىشىنىڭ ئەمەل
-مەنسەب دەرىجىسىنى بىلدۈرەمدۇ ياكى...؟

    2.بەزى ئەدىب-ئالىملار نىڭ نام-شەرىفى كەينىگە يەر ئاتالغۇلىرىدىن
كىينلا  ئوخشاشلا "ئى"سوزۇق تاۋۇشى قېتىپ قوللىنىلغان.مىسال:مەھمۇد
قەشقەرى،قىدىرخان يەركەندى،موللا مۇسا سايرامى،ئەھمەد شاھ قارقاشى،خوتەنى
..دېگەندەك .بۇ يەردىكى "ئى"تاۋۇشى شۇ شەخىسنىڭ شۇ يەرلىك كىشى ئىكەنلىكىنى
بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلغانمۇ؟ياكى...؟

   3.بۇلاردىن سىرت بەزى ئىسلام پىشىۋالىرىنىڭ نام-شەرىفى كەينىگىمۇ
ئوخشاشلا "ئى"تاۋۇشى قوللىنىش ئەھۋالى مەۋجۇت ئىكەن.مىسال:ئىمام
غەززالى،بەدىئۇززامان سەئىد نۇرسى،ئەبۇئەئلا مەۋدۇدى،مۇھەممەد
تارتۇسى،سەفىييۇررەھمان مۇبارەك
فورى،دارىمى،نەسائى،تىرمىزى،بۇخارى...دېگەندەك.بۇيەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشى
ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنغاندا ئاندىن قۇشۇلغانمۇ ياكى ئەسلىدىنمۇ ئۆز
تىلىدا شۇنداق ئاتالغانمۇ؟بۇ يەردىكى "ئى"سوزۇق تاۋۇشىنىڭ رولى نېمە؟



*

*مەنبە :ئۆزۈم

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 18:06:13

ئەرەپ تىلىنىڭ فونىتىكىسى بويىچە قىتىلغان قوشۇمچەمىكىن.ئەرەپ تىلىنىڭ فونىتىكىسىغا قاراپ بىقىڭ،ئىسلامنىڭ ئالدىدىكى كىشىللىرىمىزنىڭ ئىسمىدە بۇنداق ئالامەت يوق.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

alip يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 20:23:19

ئۆزۈڭلارنى نېمە چاغلايدىغانسىلەر باللا. ئاغزىڭلىدىن پوق ئاقىدىغان بولۇپ كېتىپتۇ.

ئەلىشىر ناۋائى، مەھمۇد قەشقەرى دىكى ئى نىمۇ ئاچىسىنى ئەرەپكە بەرگەن تىلشۇناس قوشۇپ قويغانمىدۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 20:47:00

{:92:}   {:92:}   {:92:}  

يامان چىرايلىق بىر گەپ كەپتىكەن، بولدىلا.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 21:33:03

@tarim

بەزى ئىشلارغا زەردىڭىزنىڭ قاينايدىغىنىنى كۆپچىلىك بىلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئانداق گەپلەرنى ئۇدۇللا دەۋەتمىسىڭىز بولاتتى.

بىلىم بىلەن قەھرى- غەزەپ تەتۈر تاناسىپتا ماڭسا بولىتى.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 22:24:39

ئەسلى بۇ سۇئالغا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى كەسىپىدىكىلەر ياخشى جاۋاب بېرەلەيتتى. شۇنداقتىمۇ، مەن ئاڭلىۋالغىنىم بويۇنچە ئازراق جاۋاب بېرەي.



تىلشۇناسلىقتا بۇ خىل بېرىكمىلەر ئىزافەتلىك بېرىكمە دەپ ئاتىلىدۇ. «ئىزافەت» دېگەن سۆز ئەرەبچە سۆز بولۇپ، «ئېگىلىك كىلىش» مۇ ياكى «تەۋەلىك قورۇلمىسى» مۇ ئىشقىلىپ شۇنداقراق بىر مەنىدە دەپ ئاڭلىغان. بۇ ئەسلى بىز پارس تىلىدىن قوبۇل قىلغان ھادىسە. بىزنىڭ تىلىمىزدا چاغاتاي ئۇيغۇر تىلى دەۋىرىدە كەڭرەك ئىشلىتىلگەن. ئەلۋەتتە بىزلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق تۈركلەر ئىشلەتكەن. (تارىم ئىسىملىك ئۇكام ئاڭلاڭ، تۈركى مىللەتلىرى دېمىدىم جۇمۇ ) \"\" \"\" ئوسمانىيلار دەۋرىدە ئوتتومان تۈركچىسىدە بىزدىنمۇ كەڭ قوللىنىلغان دەپ ئاڭلىغاندەك ئېسىمدە(پاكىت يوق). يەنە ئىشەنچلىك پاكىتلارغا قارىغاندا، ئېراندىكى تۈركى تىللاردا ھازىرمۇ خېلى كەڭ قوللىنىلارمىش، مەسىلەن، مەھكىمەئى ئىستىخبارات (CIA غا ئوخشاش)، مەھكىمەئى ئەمنىيەت (بىخەتەرلىك ئىدارىسى)



يەنى پارىس تىلىدا ئېنىقلىغۇچى ئېنىقلانغۇچىنىڭ كەينىدە كېلىدىكەن. مەسىلەن، شەجەرەئىي تۈرك (تۈرك شەجەرىسى)، دەريايى تارىم (تارىم دەرياسى)، دىلبەرى ساچى قارا (قارا چاچلىق دىلبەر) دېگەندەك.



ئىسىملارنىڭ كەينىگە توغۇلغان يۇرتىنى ئىزافەتلىك بېرىكمە شەكلىدە ئىشلىتىشمۇ پارس تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر(تۈرك) بىلىم ئادەملىرى ئارىسىدا خېلى كەڭ ئومۇملىشىپتىكەن، قەشقەرلىك مەھمۇد، ياركەندلىك قېدىرخان، سايراملىق موللا موسا، تۈركىستانلىق خەمىد (خەمىد تۈركىستانى) دېگەندەك.



ئۇنىڭدىن باشقا ئۇنۋان شەكلىدىمۇ ئىشلىتىلىدىكەن. مەسىلەن، خانىمى ئېۋا (ئېۋا خانىم)، ئەفەندەيى ئىسمائىل (ئىسمائىل ئەپەندى) دېگەندەك.



ئۈچىنىچى خىلدىكىسى فامىلە (دادىسىنىڭ ئىسىمى ئەمەس) گە قوشۇپ ئىشلىتىش شەكلىمۇ كۆپ ئۇچرايدىكەن. بونى بىزنىڭ ئادەملىرىمىز ھازىرغىچە قوللىنىپ كەلمەكتە. مەسىلەن، ئابدۇرەئۇپ پولات تەكلىماكانىي...دېگەندەك.



«مەڭگۈلۈك1» @forever1 سىز سورىغانلار موشۇ تۈرلەرگە چۈشىدىغاندەك ھىس قىلدىم. باشقا كەسىپ ئەھىللىرى كىرىپ قالساڭلار، جاۋابىمنى تولۇقلىۋىتەرسىلەر.







شۇنداق قىلىپ، ئۈستىدىكى ئۇكام ئەمدى چۈشەنگەنسىز. تېمىدا سورالغان سوئاللاردىكى «ئى ياكى يى» قوشۇلۇش ھادىسسى بىلەن سىز ئوتتۇرىغا قويغان «تۈركىي مىللەت» مەسىلىسى ئوخشمىغان تارىخىي دەۋىردىكى، ئوخشىمىغان تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشتە پەيدا بولغان ئىككى مەسىلە.

«تۈركىي مىللەتلەر» دېگەندىكى «ئى»نى تىلشۇناس قوشقانمۇ، تارىخشۇناسمۇ. باشقىلار ئاكتىپلىق بىلەن قوبۇل قىلغانمۇ ياكى گېلىغا پىچاق تەڭلەپ تۇرۇپ ئىشلىتىسەن دېگەنمۇ بۇنىڭدىن خەۋىرىم يوقكەن.

سىزگە مەسلىھەتىم، بۇنىڭدىن كېيىن كۆپ چېچىلماڭ! بورۇنقى تىلشۇناسلىرىمىز ئاچىسىنى ئەرەبكە، سىڭلىسىنى پارسقا بەرگىنىگە ئاچچىقىڭىز كەلگەن بولسا، بۇنىڭدىن كېيىن خەنزۇغا، ئورۇسقا بېرىدىغانلار چىقىپ قالار. ئانا تىلىڭىزنى شۇ تىلشۇناسلارغا ھۆددىگە بېرىۋەتكەندىن كېيىن، شۇلارنى تىللاپ ئوينارسىز.

ياكى بولمىسا بۇ تىل سىزنىڭمۇ تىلىڭىز بولغاندىن كېيىن، كېينكى ئەۋلاتلار سىزنىڭمۇ ئاچىڭىز ياكى سىڭلىڭىزنى باشقىلارغا بەرگەن بەرمىگەنلىكىڭىزنى سوراپ باقار.

xjdxwhx يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 22:42:30

2- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



كاللىسىنىڭ سۈيى بار ، سا چوقىۋالغان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى تىلشۇناسلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلدىكى ئى ئۈستىدە تەتقىقات دەپ زورلاپ ئاچىسىنى ئەرەپكە ، سىڭلىسىنى پارىسقا بەرگەندەك قوتۇپ قويغان .





ماۋۇ جۈملىلەرگە قارىساملا، موشۇنداق دەلىل-پاكىتلىرى يېتەرلىك بولمىغان، چېكىدىن ئاشقان تىل-ھاقارەت يەنە قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىغا كىلەر دەپ ئويلاپ قالدىم.


ئىزدىنىشتا قالايمىقان جۆيلۈيدىغانلار ئاز دەپ كىرەتتىم. بۇ بالىنىمۇ كاللىسى خېلى سەگەك بالا دەپ ئويلايتتىم.

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 04:07:33

10- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ھەقتە بۇرۇن گپ قىلىپ بولۇپتىكەنمەن دېدىم ،

ئى ۋە ئى توغرىسىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك مىللەتلىرى ۋە تۈركىيە تۈركچىسى دىگەنلەردىكى قوللىنىشى دىگەنلەردە دەرس ئۆتەيمۇ يا .



سىزنىڭ خەۋرىڭىز يوقكەن . ئەمسە خەۋىرى بارلاردىن 100 يىل ئىلگىرىكى تۈرك دىگەن ئىسىم قاندا بولۇپ تۈركى بولۇپ ئۆزگىرىپ قالدى سوراپ ئۆگىنىۋېلىڭ .

مەن ئۇ ھەقلەردە بۇرۇن يېزىپ بولغان .








تارىم، كەمتەررەك بولسىڭىز نېمە بولار دەيمەن. پىكىرى ئوخشىمىغانلارغا قارىتا گەپ-سۆزدە ھەددىدىن ئاشماڭ.


ئېنگىلىزچىدىكى \"Turkic\" ۋە \"Turkish\" دېگەننى سىز ئۇيغۇرچىغا قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 12:05:59

قالتىس ئالدىراڭغۇ بالىلار باركەنسىلەر

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 14:37:23

9- قەۋەتتىكى xjdxwhxنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



كاللىسىنىڭ سۈيى بار ، سا چوقىۋالغان ئۇيغۇر تىلشۇناسلىرى تىلشۇناسلىق ئۇنۋانى ئېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلدىكى ئى ئۈستىدە تەتقىقات دەپ زورلاپ ئاچىسىنى ئەرەپكە ، سىڭلىسىنى پارىسقا بەرگەندەك قوتۇپ قويغان .





ماۋۇ جۈملىلەرگە قارىساملا، موشۇنداق دەلىل-پاكىتلىرى يېتەرلىك بولمىغان، چېكىدىن ئاشقان تىل-ھاقارەت يەنە قايسى تەتقىقاتچىلارنىڭ بېشىغا كىلەر دەپ ئويلاپ قالدىم.


ئىزدىنىشتا قالايمىقان جۆيلۈيدىغانلار ئاز دەپ كىرەتتىم. بۇ بالىنىمۇ كاللىسى خېلى سەگەك بالا دەپ ئويلايتتىم.



kop rahmat sizga       man nimxika izdinixka  uygurqa yazalmayman?

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 16:08:34

12- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنغۇ كەنتەر بولاغلىقتىم بۇرۇن .

ئىزدىنىشقا قاچاندىن بېرى تىلىنى چۈشەنمەي ئىچىدە ئىڭرايدىغان ھايۋانلارنى ئەزا قوبۇل قىلدىڭلاركىن .

ھايۋان تەبىئەتلىك ئادەملەر كۆپ بولغاچ مۇشۇنداق ئۆزگىرىپ قالغان ئوخشايمەن .


ياخشى ئىش بولسا مىنىڭ، يامان ئىش بولسا سىنىڭ دېگەندەكلا تۇيۇلۇپ كەتتى تارىم گەپلىرىڭىز. ئىزدىنىش مەخسۇس بىرەر كىشىنىڭ مۇنۇپۇللىقىدىكى جاي ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىزدىنىش ئەزالار تىزىملىتىشتىن بۇرۇن ئادەم ياكى ھايۋان ئىكەنلىكىنى پەرق ئىتىپ سۈزىۋىتىدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىمىغان. كىيىنچە پەن- تېخنىكىدا بۆسۈش خارەكتىرلىك ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا ئۇ خىل ئىقتىدارنىمۇ ئۆگىنىپ قوشۇپ قويارمىز. ئۇنداق تېخىنىكا بار بولسا بىز خەۋەرسىز قېلىۋاتىمىزمۇ يا؟..  سىزگە دېسەم تارىم، باشقىلارغا ئۇنداق ئېغىر ئاھانەتلىك تىل تەگكۈزۈش سىزنىڭ خاسلىقىڭىزغا يات دەپلا قارايتىم، پىكىرىڭىز ئۆتكۈر، ئوقۇمۇشلۇق، قايىل قىلارلىق بىرى دەپ ھېس قىلىغلىق ئىدى.... \"\"

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 19:37:13

@tarim سەھنىدە ئويۇن ئوينىغۇچىلار ئورۇنلىدىلىغان نومۇرلار ھەر خىل بولىدۇ، ئارتىسلار ۋە نومۇرلار سىزگە ياقىدۇ ياكى ياقمايدۇ. ياقسا ئارتىس بىلەن نومۇرلارنى ماختاپ، ياقمىسا سەھنىنى تىللايدىغان ئىشنى قىلىش ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەسقۇ دەيمەن ھە؟ خەق ئادەممۇ ھايۋانمۇ، نىمە نام بىلەن تىزىملىتىدۇ ئۆزىنىڭ ئەركىنلىكى ئىزدىنىش بىلەن ئالاقىسى يوق شۇنداقتۇ؟ شۇڭا ئىزدىنىشتىن سەۋەپ ئىزدەپ، ئىزدىنىشنى تىللاپ ئاچچىق چىقارماي ۋىجدان ئوخچۇپ قايناپ تۇرغان ئوغۇلبا بولغاندىن كېيىن شۇ ئادەممۇ ھايۋانمۇ، ئاغزىدىن سېسىق گەپ چىققان «گورۇزلار»نى ھارغۇچە، پۇخادىن چىققۇچە تىللاپ ئوخشىتىۋەتكۈلۈك، قانداق دىدىم؟ تۇزىنى يەپ تۇزلۇقنى چاقىدىغان ئىشنى قىلىشمىساق دەيمەنغۇ؟!

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 19:45:56

16- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

11- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



تارىم، كەمتەررەك بولسىڭىز نېمە بولار دەيمەن. پىكىرى ئوخشىمىغانلارغا قارىتا گەپ-سۆزدە ھەددىدىن ئاشماڭ.


ئېنگىلىزچىدىكى \"Turkic\" ۋە \"Turkish\" دېگەننى سىز ئۇيغۇرچىغا قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟



=======



دلرۇبا  خانقىز  تۇركىش  بىلەن تۈركىك  100-150 يىل پەيدا بولغاندۇ ، لىكىن 1000 يىل بۇرۇن ئەمەس  .


ئەرەبنىڭ  يېزىلىشى  ئۆزى  ئەرەبى  لىكىن ئەرەب دۇنياسىدىكى  30 دۆلەتتىكى ئەرەبنى  ھېچكىم  ئەرەبى  مىللىتى  دىمەيدۇ ، ئەرەب دەيمىز .


كەينىدىكى  ى قوشۇمچىسىنىڭ ئۆزى ئەرەب تىلىدا  چۈشۈپ قالىدۇ .




ئى  قوشۇلمىغان  ھالىتى  سۆنىڭ ئىسىم ھالىتى ، ئى قوشۇلغان ھالىتى  سۈپىتى  دەپ ، تۈرك مىللەتنىڭ ئىسمى  ، تۈركى مىللەتنىڭ  سۈپىتى  دىگەن  گەپ  ئۇ مۇشۇ  ئەسىردە پەيدا بولغان  گەپ ، بۇ تىلشۇناسلارنىڭ تۆھپىسى  خالاس .









1- سوئال: ئېنگىلىزچىدىكى \"Turkic\" ۋە \"Turkish\" دېگەننى سىز ئۇيغۇرچىغا زادى قانداق تەرجىمە قىلىسىز؟ بىلگۈم بار.


2- سوئال: نېمىگە ئاساسەن «ئېنگىلىزچىدىكى بۇ سۆزلەر پەيدا بولغىلى 100-150يىل بولدى» دەيسىز؟ مەنبەسى، سەۋەبى قاتارلىقلارنى سورايمەن. يەنى سىز بىزگە چۈشەندۈرمەكچى بولغان «ئاۋال بىر كىمىنى بىر كىمگە بەرگەن ئۇيغۇر تىلشۇناسلار مۇشۇ سۆزلەرنى كەشىپ قىلدى، ئاندىن بۇنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ئېھتىياجى بىلەن ئېنگىلىزچىدە بۇ سۆزلەر پەيدا بولدى» دېگەن كۆز قارىشىڭىزنى شەرھىلەپ بېرىڭ.


3- سوئال: پارس تىلىدا ئىسىملارنىڭ كەينىگە «-ئى» قوشۇمچىسى ئۇلىنىپ، بېقىنىپ كەلگەن ئىسىمغا تەۋەلىك مەنىسىنى بېرىدىغانلىقى، ئۆتمۈشتە ئۇيغۇر ئەدەبى تىلىنىڭ ئەرەپ- پارس تىلىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى سەۋەبلىك، كىلاسسىكلارنىڭ ئەسەر نامى ۋە ئۆز ئىسىم- تەخەللۇسلىرىدا بۇ خىل گرامماتىكىلىق شەكىلنى كۆپ قوللانغانلىقى... بىزگە ئايدىڭ. باش تېمىدا قويۇلغان سوئالنىڭ ئەڭ ياخشى جاۋابىمۇ ئەمەلىيەتتە مۇشۇ. بۇنى 8- قەۋەتتىكى ئىنكاستىمۇ چۈشەندۈرۈپتۇ.


سىز «تۈرك دىگەن مىللەتنى تۈركى دەپ يېزىق يۈزىدە پارچىلاشنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى«-ى» پەيدا بولغان» دەيسىز، يەنە بىر ئىنكاستا: «تۈرك، تۈركى دېگەن سۆزلەرنىڭ كەشىپ بولغىنىغا «100- 150يىل بولدى» دەيسىز. ئۇنداقتا سىزچە پارس تىلىنىڭ گرامماتىكىسىنىڭ تارىخى ئۇزۇنمۇ ۋە ياكى ماۋۇ سۆزلەرنىڭ تارىخى ئۇزۇنمۇ؟ ۋە ياكى پارس تىلىدىكى بۇ قوشۇمچىلارمۇ تۈركلەرنى بۆلۈش ۋە ئاجىزلاشتۇرۇشقا ھەسسە قوشۇش ئۈچۈن يېقىندا پەيدا بولغانمۇ؟ باش تېمىدا تىلغا ئېلىنغان كىلاسسىكلارنىڭ ياشىغان دەۋرى قاچان؟ سىز ئۆزىڭىز دەۋاتقان «-ى» ياسالغان زامان» قاچان؟



بىر مۇنچە سوئال سورىۋەتتىم، مېنى ئۇرۇشىۋاتىدۇ ياكى مەقسەتلىك كۆزۈمگە كىرىۋېلىۋاتىدۇ دەپ قارىماي، ھېچكىمنى تىللىماي تۇرۇپ بىر چۈشەندۈرۈپ بېقىڭ.


ئەمەلىيەتتە مۇشۇنچىۋالا زىددىيەتلىك ئۇقۇم خاتالىقىنى ئۆزىڭىز پەيدا قىلدىڭىز، ئارقىدىن باشقىلار ئېغىزىنى ئاچسا ھاقارەتلىدىڭىز.





ئاخىرقى سوئالىم: سىزنىڭ كەسپىڭىز زادى نېمە؟ ئىنسانىيەت تارىخى، دىنلار تارىخى، سىياسەت، ئىقتىساد... ھەممىلا تېمىدا سىز بار، تىرىشچانلىقىڭىزغا قايىلمەن ۋە ھۆرمەت قىلىمەن، شۇڭا ئەزەلدىن ئىنكاسلىرىڭىزنى چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ سىزنى چۈشەنمىگەن جايلىرىم ئۈچۈن قىستاپ باقمىغان. دېمەكچى بولغىنىم، ھەقىقەتەن كەسپىڭىزگە يەنى سىز ئوپ -ئوچۇق بىلىدىغان ساھەگە ئائىت بىلىم بولسا، بىزمۇ «مەنبەسى قېنى؟ بۇ گەپنى نەدىن تاپتىڭىز؟» دېمەي تۇرۇپ ئاڭلاشقا تىرىشساق بولىدۇ، ئەمما ھەر قانداق نەرسىگە ئائىت نەچچە مىڭ يىللىق سىرلار ۋە ئۇچۇرلار مۇنداق- مۇنداقتى دېمەكچى بولسىڭىز ئەڭ ياخشىسى شۇ ئۇچۇرنىڭ كەلگەن مەنبەسىنى تەمىنلىسىڭىز. سىزنىڭ ئىكاسىڭىزنى ئوقۇپ چۈشىنىدىغانلار سىزنىڭكىنى ئوقۇسا، ئېنىقسىز ھېس قىلغانلار مەنبەنى ئوقۇسا. قانداق دەيسىزكىن؟


ئىلمىيلىكنى تەكىتلىگەن، ئىلىم ھەققىدە سۆزلىگەن ئىكەنمىز، ئىلمىي بولۇشىمىز كېرەك. خەقنىڭ «ئۆھۈ» دېگەن ئاۋازىنى ئۈنگە ئېلىۋېلىپ توردا تارقاتسىمۇ جاۋابكارلىقى ھوقۇق- مەنپەئەت سۈرۈشتۈرۈلىدىغان جاھان بوپ كەتكەندە، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن، پىكىر بەرگىلى، تىل تەگكۈزگىلى بولمايدىغان «ئىلمىي ئەسەرلەر» نىڭ مۇنبەرلەردە يۈرۈشى ياخشى ئىش ئەمەس.





بۇ ئىلتىماسىم بارلىق يازارمەنلەرگە، ئۇچۇر تارقاتقۇچىلارغا ئورتاق. يازمىمىزنىڭ مەنبەسى ئېنىق بولسۇن.


بەت: [1] 2
: «ئى»تاۋۇشى توغرۇلۇق ياردەم سورايمەن