«ئەدەبۇسسالېھىن» دېگەن ئەسىرىنى ئىزدەيمەن
يېقىندا شېرىپىدىن ئۆمەر يازغان « 19-
ئەسىردىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى» نى مەن تۇرۇۋاتقان شەھەردىكى شەھەرلىك
كۇتۇپخانىدىن ئارىيەت ئېلىپ ئوقۇشقا باشلىغان. بۇ كىتابنىڭ بىرىنچى قىسمنىڭ
بىرىنچىسىگە مۇھەممەد سادىق قەشقەرىنىڭ ئىجادىيەت ھاياتى ۋە ئۇ زات ياشىغان دەۋىر
خېلى ئوبدان تۇنۇشتۇرۇلۇپتۇ.كىتابنى
ئوقۇپ كېتىۋاتسام ئۇ يازغان «ئەدەبۇسسالېھىن» دېگەن ئەسەر توغۇرلۇق توختۇلۇپتۇ.
قارىسام بۇ مەن ئوقۇپ چىقىشقا لايىق ئەسەركەن دەپ قاراپ، ئەتىراپىمدىكى دوستلاردىن
سورىسام بىلمىدى، ئۈندىدارغا ئېلان چىقىرىپ باقسام ھېچ بىر سادا يوق...
كىتابنىڭ 116- بېتىدە مۇنداق يېزىلغان:
مۇھەممەد
سادىق قەشقەرىنىڭ ئەخلاقىي دىداكتىك كۆز قاراشلىرىنى نۇقتىلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن
مەشھۇر « ئەدەبۇسسالېھىن» ئەسىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئەخلاق قاراشلىرىنىڭ
مەزمۇنى ئۇنىڭ كىتابىدا يەتتە بابقا بۆلۈنۈپ، مۇنداق مۇندەرىجىلەر ئاساسىدا ئەكىس
ئەتتۈرۈلگەن:
1) ئۆيدە ئادەملەر بىلەن ئۇچراشقاندا رىئايە
قىلىدىغان ئەدەبلەر.
2) سەپەردە، ساياھەتتە رىئايە قىلىدىغان ئەدەبلەر.
3) ئاغرىقنى يوقلاشتا، رىئايە قىلىدىغان ئەدەبلەر.
4) ئۇخلاش، دەم ئېلىش، ئىچىملىك ئىچىش ۋاقىتىدىكى ئەدەبلەر.
5) جامائەت يىغىلغان جايلاردا سۆزلەش، بىلىم ئۆگىنىش، ئۇستاز ۋە شاگىرت، چوڭ –
كىچىكلەر ئارىسىدا رىئايە قىلدىغان ئەدەبلەر.
6)مېھمان كۈتۈش ۋە مېھماندارچىلىقتا رىئايە
قىلىنىدىغان ئەدەبلەر.
7) ئەر –
ئايال ئوتتۇرىسىدا رىئايە قىلىنىدىغان ئەدەبلەر.
شۇڭا،
تورداشلاردا بۇ كىتاب ياكى بۇ كىتاب توغۇرلۇق بىرەر ئۇچۇر بولۇپ قالسا ۋاقىپلاندۇرغان
بولساڭلار، ئوقۇچ چىقىشقا تەشنامەن.
《论述<好人传>》(Adabussalihin)
http://hayrat1958.blog.163.com/blog/static/156962182011639369449/
مۇھەممەد سادىق قەشقىرىنىڭ «ئەدەبۇسسالىھىن»دىگەن كىتابى مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىقنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 2-3-سانىدا بېرىلگەن.مەزكۈر ژورنال مەندە بار.كىرەك بوپقالسا كىلەر ھەپتىدە رەسىمگە تارتىپ بولسىمۇ سىزگە ۋە كىرەك بولغانلارغا ئەۋەتىپ بىرەي.
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل كىتاپ ئۇ.
كوت كوت نۇمۇرۇم:1259642283
2- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مۇھەممەد سادىق قەشقىرىنىڭ «ئەدەبۇسسالىھىن»دىگەن كىتابى مۇھەممەدتۇرسۇن سىدىقنىڭ نەشىرگە تەييارلىشى بىلەن «بۇلاق»ژورنىلىنىڭ 2009-يىللىق 2-3-سانىدا بېرىلگەن.مەزكۈر ژورنال مەندە بار.كىرەك بوپقالسا كىلەر ھەپتىدە رەسىمگە تارتىپ بولسىمۇ سىزگە ۋە كىرەك بولغانلارغا ئەۋەتىپ بىرەي.
ھەقىقەتەنمۇ ئېسىل كىتاپ ئۇ.
كوت كوت نۇمۇرۇم:1259642283
بەك ياخشى بولدى. سىزگە كۆپ رەھمەت! بولىدۇ، مەن سىزگە مىنىڭ كىيۇ كىيۇرىمدا خەت يازاي، ئېلخەت ئادرېسىمغا يوللاپ بەرگەن بوسلىڭىز. ياخشى كىتاب بولغاندىكىن ھەممىمىزگە يوللاپ بەرمەي. بەزىلەر خوتۇنى قويغان قاچىنى تاپالمىسىمۇ بەيدۇلايدىغان ئوخشايدۇ-ھە...

http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3914075542&uk=1781509484
ئەسلى كىتاپ كونىراپ كەتكەچكە ئېلىككىتاپ ئانچە سۈپەتلىك چىقماي قالدى.ئەمما مەزمۇنى تۇلۇق،خەتلىرى ئىنىق بولدى.قېرىنداشلارنىڭ سۈپەتسىز بولسىمۇ «مەزمۇن ئېتىۋارى بىلەن گۈزەلدۇر»دەپ قاراپ بۇ ئېسىل ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى سۇرايمەن.
8- قەۋەتتىكى yawuzbagنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەدەبۇسسالىھىن دىگەن كىتاپنى بۇ ئادرىستىن چۈشۈرۈۋېلىڭ.
http://pan.baidu.com/share/link?shareid=3914075542&uk=1781509484
ئەسلى كىتاپ كونىراپ كەتكەچكە ئېلىككىتاپ ئانچە سۈپەتلىك چىقماي قالدى.ئەمما مەزمۇنى تۇلۇق،خەتلىرى ئىنىق بولدى.قېرىنداشلارنىڭ سۈپەتسىز بولسىمۇ «مەزمۇن ئېتىۋارى بىلەن گۈزەلدۇر»دەپ قاراپ بۇ ئېسىل ئەسەرنى ياقتۇرۇپ ئۇقۇشىنى سۇرايمەن.
ياۋۇز بەگ دوستىمىزنىڭ قىلغان خالىس ياخشى ئىشى ئۈچۈن كۆپتىن كۆپ رەھمەت! مەن چۈشۈرۈۋالدىم، ناھايىتى سۈپەتلىك، ئوبدان چىقىپتۇ. قىززىققان باشقا تورداشلارنىڭ چۈشۈرۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن... مەنمۇ چۈشۈرۈۋالدىم، ياۋۇز بەگ دوستىمىزغا كۆپتىن-كۆپ رەھمەت!