(ياردەم )تۈركىيە ساياھىتىدىن مەسلىھەت سورايمەن
ئەسسالام ئىزدىنىش ئەھلى ، سالامەت تۇرۇپسىلەرمۇ ؟
ئىزدىنىش ئەھلىدىن مەسلىھەت سوراش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يېزىپ ئولتۇرۇپتىمەن ، نەق گەپكە كەلسەم ،
مۇشۇ ئاينىڭ ئوتتۇرىسى ئاپام ئۆزى بىلەن تەڭ دېمەتلىك ئالتەيلەن بىلەن بىرگە شىنجاڭ خەلىقئارا ساياھەت كوپىېراتىۋىنىڭ يېتەكلىشى بىلەن تۈركىيەگە 15 كۈنلۈك ساياھەتكە بارماقچى ئىدى، ئاساسلىقى تۈركىيەنىڭ ئىستانبول قاتارلىق ھەر قايسى شەھەرلىرىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىنى ساياھەت قىلىدىكەن ، شۇڭا تورداشلاردىن سورىماقچى بولغىنىم ئاپام تۈركىيەگە مېڭىشتىن بۇرۇن بۇ يەردىن ئېلىۋېلىشقا تىگىشلىك قانداق مۇھىم نەرسىلەر بار، يەنە ئۇ يەرگە بارغاندىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلارغا دىققەت قىلىشى كېرەك دېگەندەك ، بولسا بىلىدىغانلار مۇشۇ توغرۇلۇق مەسلىھەتىڭلارنى ئايىمىغان بولساڭلار ! رەھمەت
قالايمىقانچىلىق سەل بىسىققاندا چىقسىمۇ بوپتىكەن. تۈركىيەدە قالايمىقانچىلىق چىقىپتۇ دەيدۇ ، ئۈزىنى قوغداشقا ئىشلىتىدىغان نەرسىدىن كۆپراق ئېلۋالسۇن . شۇنى دەيمىنا، قانداقمۇ خاتىرجەم سەيلى قىلار ھازىر {:136:} بولسا ئۆزىنى قوغدىغىلى يىڭسارنىڭ پىچىقىدىن ئىلىۋالسۇن ئەسقاتىدۇ ئۈستىدىكى دەتمەن ئىسىملىك پىسپاس، 60 ياشقا كىرگەن قېرى ئايال ئۆزۈمنى قوغدايمەن دەپ چېگرىدىن چىققاندا پىچاق ئېۋالامتى ؟ ئىنكاس يازىدىغان ۋەزىپەڭ بولمىغاندىكىن بىلمىسەڭ غ غا ت نى قوشۇپ جىم تۇر تولا موتو پاراڭ سالماي . توردىكى خەۋەرلەردىن تۈركىيەنىڭ قانداقلىقىنى ئانچە مۇنچە بىلىپ تۇرىۋاتىمەن، شۇ نەچچە ئاي بۇرۇن پىلانلىنىپ ، پۇلنىمۇ تاپشۇرۇپ بولغان ئىش بولغاچقا بۇ يەردە بىرە كېرەكلىك گەپلەر چىقىپ قالارمىكىن دەپ يازغان بۇ تېمىنى... تۈركىيەگە ساياھەتكە بېرىشنىڭ ھېچقانداق خەتىرى يوق ، تەييارلىق پۈتكەن بولسا، پۇرسەت غەنىمەت ،يولغا چىققۇلۇق ، ئىستانبولغا يېتىپ بارغۇچە كوچىلار تازلىنىپ ئەسلى ھالىتىگە قايتىپ بولىشى مۈمكىن ، نامايىش پەسكويغا چۈشتى ، ئىش تاشلاش چاقىرىقى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى ، ئىستانبول تاكسىم مەيدانىدىكى ناميىشچىلار ئىلگىركىدەك كۆپ ئەمەس ئىكەن ، تۈركىيە ساياھىتى سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ھازىرقى ۋاقىتتا ساياھەت شىركەتلىرى تېخمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن ساياھەتچىلەرنى كۈتىۋالدۇ !
بەت:
[1]