ساياھەتنى تۈگۈتۈپ قايتىپ كەلدىم
بۇ يىللىق يازلىق ساياھەت 8 كۈن داۋاملىشىپ بۈگۈن قايتىپ كەلدىم. مەن بارغان يۇرت، ساياھەت نۇقتىلىرى:
ئۈچتۇرپان: يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى ، سۇيۇتقا بۇلاق ، مۆلجەر تاغ
ئاقسۇ : لۇتپۇللا مۇتەللىپ مەقبەرىسى
ئاقسۇ ئاۋات: ئاۋات سۇ ئامبىرى، خوتەن دەريا ئاياغ ئېقىنى (توغراقىلق ئارىسىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان چوڭ دەريا ئىكەن)
باي: قىزىل مىڭ ئۆي
ئۈچتۇرپان: يېڭى بازار، ۋاڭ ئوردىسى
كورلا: كورلا شەھەر، باغراش كۆلى، لوپنۇرلۇقلار ئۆرۈپ ئادەت كەنتى
كۆڭۈلگە پۈككەن، لىكىن بىرىش ئىمكانىيىتى بولمىغان جايلاردىن :
دولانلىقلار كەنتى، قىرمىش ئاتام مازىرى، تاھىر-زۆھرە قەبرىسى. بۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگەن، يول كۆرسەتكەن، ئالدىمىزغا چىقىپ كۈتۈۋالغان تورداشلارغا كۆپ تەشەككۈرلەر!
>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>>
كورلا ماڭا بەك ئىللىق تەسىر بەرگەن، مەسچىت ئۈرۈمچىدەكلام جىقكەن، ئەتراپ يېزىلىرىدىكى دېھقانلىرى خېلى بايكەن، ھەر بىر ئائىلدە بىردىن ماشىنا بولۇش ئومومەن ئىشقا ئاشقاندەك، كىشىلىرىمۇ ئوبدان ھەم ئۆمكەن. چوڭ جامەنى بەك چىرايلىق ساپتۇ، ئىككى رەكئەت ناماز ئوقۇچاغ كۆرۈپ ئۆتسىلە. ئاخسۇ بايدىكى ئارشاڭغا چۇشمەي ئۆتمىسىلە ئىشقىلىپ . كۇچاردىكى سىرلىق جىلغا چوڭ - كىچىك كۆل ، سۇباش قەدىمى شەھىرى ، قىزىل مىڭ ئۆي ، قىزىل قاغا تۇرى ۋە ھېيتكاھدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان خانقا جامەسى ۋە شۇ يەردىكى بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مەھكىمە شەرئى (قازىخانا) مۇشۇلارنى بىر كۆرۈپ قويسىلا بۇلىدۇ . لىكىن ئېزىپ تېزىپ ھېلىقى ۋاڭ ئوردىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قالمىغايلا بىكار يىگەن تاماقلىرى سىڭمەي قالمىسۇن .5- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۇچاردىكى سىرلىق جىلغا چوڭ - كىچىك كۆل ، سۇباش قەدىمى شەھىرى ، قىزىل مىڭ ئۆي ، قىزىل قاغا تۇرى ۋە ھېيتكاھدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان خانقا جامەسى ۋە شۇ يەردىكى بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مەھكىمە شەرئى (قازىخانا) مۇشۇلارنى بىر كۆرۈپ قويسىلا بۇلىدۇ . لىكىن ئېزىپ تېزىپ ھېلىقى ۋاڭ ئوردىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قالمىغايلا بىكار يىگەن تاماقلىرى سىڭمەي قالمىسۇن .
تامام، كۇچاغا بارماي بولمىغۇدەك. ئاقسۇدىن يولغا چىقساق ئاۋۋال باي، ئۈچتۇرپانغا ئاندىن كۇچا، ئاندىن كورلا تەرەپكە ئۆتسەك يول ئوڭ بولامدۇ ياكى ...
ۋاي ئاپلا، مەن قىزىل مىڭ ئۆينى بايدا دەپ يۈرۈپتىمەن.
4- قەۋەتتىكى destinyنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئاخسۇ بايدىكى ئارشاڭغا چۇشمەي ئۆتمىسىلە ئىشقىلىپ .
بولىدۇ، يەنە قانداق جايلار بار بايدا؟ ئاقسۇ ئايكۆلدىكى مەۋلانەم مازىرىنى زىيارەت قىلىپ قويسىلا مۇمكىن بولسا . pinhan@@axunjan@ لار كىرمەپتۇدە! يەنە ئاقسۇ شەھەردىكى ئوتيۈرەك شائىر لۇتپۇللا مۇتەللىپنىڭ مەقبەرىسىمۇ بار . كورلىغا كەلسىڭىز يەنە ‹تۇمۇر قۇۋۇق› ‹لوپنۇرلۇقلار كەنتى› يەنە باغراش كۆلى ئەتراپىدا ‹نىلوپەر كۆلى›‹سۇ چىقرىش پونكىتى› دىگەندەك جايلار بار، شەھەرنىڭ كەچلىك مەنزىرسىنىمۇ چۇقۇم زىيارەت قىلىڭ، بۇلسا كەچلىكى ‹چىمەن تاغ›قا چىقىپ كىلىڭ. كورلىدا لوپنۇرلۇقلار كەنتى دەيدىغان بىر ساياھات ئورنى بار. ئۇ يەردە 300 كوي خەجلەپ كىچىك ئايرۇپىلانغا چىقىپ ساھىپجامامل كۆلىنى كۆرۈپ قويۇڭلا. ئاقسۇدا تاھىر - زۆھرە قەبرىسىگە چىقىپ قالساڭلار چىقىپ-چۈشۈشكە ئىككى سائەت ئەتراپىدا ئىددىيىدە تەييارلىق بولسۇن، سەۋەبى تاققا چىققۇچە ئىككى يەردە، چۈشكىچە ئىككى يەردە ئارام ئالىدىغان ئىش ئىكەن.
6- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۇچاردىكى سىرلىق جىلغا چوڭ - كىچىك كۆل ، سۇباش قەدىمى شەھىرى ، قىزىل مىڭ ئۆي ، قىزىل قاغا تۇرى ۋە ھېيتكاھدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان خانقا جامەسى ۋە شۇ يەردىكى بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مەھكىمە شەرئى (قازىخانا) مۇشۇلارنى بىر كۆرۈپ قويسىلا بۇلىدۇ . لىكىن ئېزىپ تېزىپ ھېلىقى ۋاڭ ئوردىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قالمىغايلا بىكار يىگەن تاماقلىرى سىڭمەي قالمىسۇن .
تامام، كۇچاغا بارماي بولمىغۇدەك. ئاقسۇدىن يولغا چىقساق ئاۋۋال باي، ئۈچتۇرپانغا ئاندىن كۇچا، ئاندىن كورلا تەرەپكە ئۆتسەك يول ئوڭ بولامدۇ ياكى ...
ۋاي ئاپلا، مەن قىزىل مىڭ ئۆينى بايدا دەپ يۈرۈپتىمەن.
ۋاڭ ئوردىسىدا بىز كۆرۇپ چوڭ بولغان تەڭگە - داچەن،نەقىشلىك تەخسىلەرنى تىزىپ قويغاندىن باشقا ئالاھىدە نەرسە يوق بولۇپ ، شۇ ساياھەتچىلەرنىڭ يۇز يۇئەن پۇلنى سوقۇش مەقسەت قىلغان يەر ئىكەن . كمنىڭدۇر بىرسىنىڭ قەبرىسى بار ئىكەن .
شۇيەردىن چىقىپ، بولسا كىرمەي پىيادە مىڭىپ شۇ يۇللاردىكى سپىللارنىخانىقانى زىيارەت قىلىسىلا بولغۇدەك .
مىڭ ئۆي بىلەن باينىڭ ئارلىقى 50 كىلومىتىردەك ھىس قىلدىم .
مىڭ ئۆيمۇ سىرتتىن كەلگەنساياھەتچىلەرنىئوبدان ياسايدىكەن . ئەسلى يەرلىكلەردىن كىرىش ھەققى ئالمىسا بولاتتى .
سىرتىدىن كورۇپ ، كەينى تەرەپتىكى چۇمبەل كۆزمۇ ياكى قوش كۆزمۇ شۇنداقراق بىر يەر بارئىكەن . شۇلارنى كۆرۇپ ھاۋالىنىپ كەلسىلە بولغۇدەك .
قالغىنىنى شۇيەرلىك باللا ئوبدان بىلىدۇ .
كورلىنى كۆنچى دەرياسى ئىككىگە بۆلۈپ تۇرىدۇ . ئالتۇن ئۈچ بۈرجەك ( ئېغىزچىدا ھەممىسى جىن سەن جىياۋ دەۋالىدۇ ) رايۇنىدا ئۇيغۇرلار كىرەلەيدىغان ئاشخانا تاپماق تەس ، خەلىق مەيدانىنىڭ ئۇدۇلىدىكى ھۆكىمەت كۇچىسىدىن كۈنچقىشقا مېڭىپ سولغا بۇرۇلۇپ مېڭىپ يەنە بىر سولغا بۇرۇلسىڭىز « ئاق يۇلتۇز» ئاشخانىسى بار ، تامىقى خېلى ياخشى . دەريانىڭ جەنۇپ تەرىپىدە ئاشخانىلار كۆپ ، ئۇيغۇرلارمۇ جىق ،بۇ يەردىكى دەرياكۆۋرىكى ئەتراپىدا بىرقانچە مەسچىت بار . دەريا بۇيىنىڭ كەچلىك مەنزىرىسى ناھايىتى چىرايلىق . بىرزات ئاقسۇغا كەلسەڭلا ئاقسۇ شەھەر تارىم يولىدىكى لۇتپۇللا مۇتەللىپ قەبرىسى، ئۇچتۇرپاندىكى يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى، ئۇنسۇ تۇمشۇقتىكى قىرمىش ئاتام مازىرى چوقۇم بىر كۆرۈشكە ئەرزىيدۇ. ساپلا مازانىڭ گېپىنى قىلىپ كەتتىم.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غۇلجىغا كەلمەكچى بولغان بولسىڭىز غۇلجىنىڭ بىر كۆرۇشكە ئەرزىگۈدەك گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرىنى ھەم بىرىشقا تېگىشلىك جايلىرىنى دەپ بىرەتتىم .
ئەپسۇس بارار مەنزىلىڭىز كورلا ئىكەن ...سەپىرىڭىز ئاق يوللۇق بولسۇن ساياھەتتىن ئالغان ھاسىلاتلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنۇتماسسىز.
16- قەۋەتتىكى pari87نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم غۇلجىغا كەلمەكچى بولغان بولسىڭىز غۇلجىنىڭ بىر كۆرۇشكە ئەرزىگۈدەك گۈزەل مەنزىرلىك جايلىرىنى ھەم بىرىشقا تېگىشلىك جايلىرىنى دەپ بىرەتتىم .
ئەپسۇس بارار مەنزىلىڭىز كورلا ئىكەن ...سەپىرىڭىز ئاق يوللۇق بولسۇن ساياھەتتىن ئالغان ھاسىلاتلىرىڭىزدىن بىزنى خەۋەردار قىلىشنى ئۇنۇتماسسىز.
چاققاق ئوتتىن باشلانغان پاراڭلار (غۇلجا ساياھەت خاتىرىسىدىن پارچە)
غۇلجىغا خىلى باردىم، نارات، مۇڭغۇل كۈرە دېگەندەك...
بۇلتۇر ئۈرۈمچىدىن ئۆتۈپ سانجى، بۇغدا كۆلى، قارىماي، ئالتاي ، قاناسلارغا، ياناشىمىزدا سايرام بويىدا بىردەم ئارام ئالغاچ، غۇلجىغا كىرىپ ، نارات يايلىقى بىلەن كۇچا تەرەپ بىلەن ئۆتۈپ قايتىپ كەلگەن ئىدۇق. ئاقسۇ، كورلىلارغا سەپەر جەريانىدا كىسىپ ئۆتكىنىمىز بىلەن بىرىپ كۆرۈپ ساياھەت قىلىپ باقماپتىمەن. شۇڭا بۇ يىللىق دەم ئىلىش پىلانىنى يېقىنراق يەرگە تۈزدۈم.بۇ قېتىم سايەھەتلىرىمىز كۆڭۈللۈك بولسا ساياھەت خاتىرىسىنى بىراقلا يازىمەن، ئىنشائاللا
باش رەسىمىڭىز تېمىنىڭ ئېچىلىشىغا بەك تەسىر قىلدى، كىچىكرەك رەسىم قىلسىڭىز بوپتىكەن.
6- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۇچاردىكى سىرلىق جىلغا چوڭ - كىچىك كۆل ، سۇباش قەدىمى شەھىرى ، قىزىل مىڭ ئۆي ، قىزىل قاغا تۇرى ۋە ھېيتكاھدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان خانقا جامەسى ۋە شۇ يەردىكى بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مەھكىمە شەرئى (قازىخانا) مۇشۇلارنى بىر كۆرۈپ قويسىلا بۇلىدۇ . لىكىن ئېزىپ تېزىپ ھېلىقى ۋاڭ ئوردىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قالمىغايلا بىكار يىگەن تاماقلىرى سىڭمەي قالمىسۇن .
تامام، كۇچاغا بارماي بولمىغۇدەك. ئاقسۇدىن يولغا چىقساق ئاۋۋال باي، ئۈچتۇرپانغا ئاندىن كۇچا، ئاندىن كورلا تەرەپكە ئۆتسەك يول ئوڭ بولامدۇ ياكى ...
ۋاي ئاپلا، مەن قىزىل مىڭ ئۆينى بايدا دەپ يۈرۈپتىمەن.
تىۋىپ ئاۋۇ يوللىرىدىكى ئۆچتۇرپان ئايرىملا بىر لىنىيە .ئاقسۇدىن 100كىلومىتىردىن كۆپرەك ماڭغاندا بارىسىز ، ئاندىن ئارقىغا قايتىپ يەنە ئاقسۇغا كېلىپ ، بايغا ، بايدىن ئۆتۈپ كۇچاغا ، كۇچادىن ئۆتۈپ كورلىغا يۈرۈپ كەتسىڭىز بولىدۇ .يۇقارقى تورداش دىگندەك قىرمىش ئاتام مازىرىغا بارسىڭىز يول ئۇزاق . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر بۇ يەرگە يولداشلار مەبلەغ سېلىپ ساياھەت رايۇنى قىلىپ ساپلا مەيخورلار ، ئاشىق مەشۇقلار بارىدىغان بولىۋالدى . مىنىڭچە بارغۇچىلىكى يوق .
4- قەۋەتتىكى birzatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
5- قەۋەتتىكى owqi312نىڭ يازمىسىدىن نەقىل
كۇچاردىكى سىرلىق جىلغا چوڭ - كىچىك كۆل ، سۇباش قەدىمى شەھىرى ، قىزىل مىڭ ئۆي ، قىزىل قاغا تۇرى ۋە ھېيتكاھدىن قالسىلا ئىككىنجى ئورۇندا تۇرىدىغان خانقا جامەسى ۋە شۇ يەردىكى بىردىنبىر ساقلىنىپ قالغان مەھكىمە شەرئى (قازىخانا) مۇشۇلارنى بىر كۆرۈپ قويسىلا بۇلىدۇ . لىكىن ئېزىپ تېزىپ ھېلىقى ۋاڭ ئوردىسى دىگەن يەرگە كىرىپ قالمىغايلا بىكار يىگەن تاماقلىرى سىڭمەي قالمىسۇن .
تامام، كۇچاغا بارماي بولمىغۇدەك. ئاقسۇدىن يولغا چىقساق ئاۋۋال باي، ئۈچتۇرپانغا ئاندىن كۇچا، ئاندىن كورلا تەرەپكە ئۆتسەك يول ئوڭ بولامدۇ ياكى ...
ۋاي ئاپلا، مەن قىزىل مىڭ ئۆينى بايدا دەپ يۈرۈپتىمەن.
قىزىل مىڭ ئۆي باي بىلەن كۇچارنىڭ ئارلىقىدا تاغ كۇچارغا يول بايغا قارايدۇ . بايغا قارىغاندا كۇچارغا سەل يېقىنراق ئالدى بىلەن ئاقسۇدىكى ساياھەتنى تۈگۈتۈپ بايغا بېرىپ ئارشاڭغا چۈشۈپ بۇلۇپ سەھەر تۇرۇپ كۇچارغا ماڭغاچ يول ئۈستىدە مىڭ ئۆيگە بارسىلا مىڭ ئۆينىڭ ئىچىنى ئانچە مۇنچە كۈرۈپ قويغاچ ئىچكىرىلەپ كىرسىلە يىغلاڭغۇ تاغ بار بىر كۈرۈپ قۇيۇشقا ئەرزىيدۇ . ئاندىن ۋاقىت كەچ بۇلۇپ كەتمىسە باي ئاچالغا كەلگەندە يۇقىرىسىغا 40 كىلومىتىر ماڭسىلا سىرلىق جىلغىغا يىتىپ بارىلا شۇ يەرنى بىر كۆرىۋېتىپ ئاندىن كەچقۇرۇن كۇچارغا قايتىپ قالغان ساياھەتنى شۇ يەردە قىلسىلا بۇلىدۇ . كۇچارغا كىلىپ رەستە مەسچىتنىڭ ئەتىراپىدا ماشىنىنى توختۇتۇپ قۇيۇپ پىيادە بازار چۆگلىگەچ خانىقا جامەسى ۋە ئەتىراپىدىكى سېپىل تۇرلارنى كۈرۈپ كەلسىلە . ناۋادا شۇ ۋاقىتتا مەن كۇچاردا بولۇپ قالسام سىلىگە ئۈزۈپ يولباشچى بۇلۇپ بىرەي .
15999214141 ئىسمىم يۈسۈپ 10-قەۋەتتىكى دوستۇم، خاتالاشتىڭىزمۇ قانداق؟ تاھىر-زوھرە قەبرىسى ئاقسۇدا ئەمەس،بەلكى كورلىدا. ‹تۇمۇر قۇۋۇق› دىگەن يەردە، خەنزۇچە‹铁门关› دەيمىز، شەھەر مەركىزگە 7 كىلومىتىر كىلدۇ.