tagh يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 21:36:04

يۇشۇرۇن كۆزەينەك(隐形眼镜) ئىشەنچىلىكمۇ؟



ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار!

مەن يىراقنى كۆرەلمىگەنلىكىمدىن (近视眼)تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن تەسىرلەرنى كۆرسەتتى.بىر كۆزۈم 500 گىرادۇس،بىركۆزۈم 450گىرادۇس ئىدى.

مەن ئادەتتە كىتاب كۆرۈشنى ،تورغا چىقىپ مۇنبەر كۆرۈشنى ياخشى كۆرىمەن.بەزىدە

5-6سائەت ۋاقتىم كىتاب كۆرۈش،مۇنبەر ئارىلاش بىلەن بۇلىدۇ.

يېقىندا بەزى كۆزەينەك تاقايدىغان ساۋاقداشلىرىم ماڭا يۇشۇرۇن كۆزەينەكنىڭ(隐形眼镜) بەك ياخشىلىقىنى ،ئەپچىللىكىنى ئېيتىپ ماڭىمۇ بىرنى ئېلىپ تاقاشنى ئېيتتى.

ئەمما ئەنسىرىگىنىم بۇندا يۇقىرى يەنى 500گىرادۇسلۇق كۆزگە ماس كېلەرمۇ؟يەكلەش تەسىرى ئېغىرمۇ؟بىرنى ياسىتىپ نەچچىلىك ۋاقىت ئىشلەتكىلى بۇلىدۇ؟قايسى خىلدىكى يۇشۇرۇن كۆزەينەك ياخشى؟

بەزى ساۋاقداشلىرىم قۇرقۇتۇپ بولدى تاقىما،ئېغىر ئەھۋالدا كۆزۈڭنى ياللۇغلاندۇرىدۇ،تازلىققا بەك ئەھمىيەت بەرمىسەڭ بولمايدۇ.يەنە بىر تۇنۇش بالا ئېغىر بولسا كۆزنى كىسىۋاتىدۇ؟يەنى لىنزىغا ئوخشاشلىرى كۆزنى بىئارام قىلىدۇ،دېدى.

ئەمدى تورداشلاردىن سورايدىغىنىم،بىلگەن تورداشلاردىن يۇشۇرۇن كۆزەينەك تاقىسام ماڭا ماس كېلەرمۇ؟تاقىسام بىرىنى نەچچە ۋاقىت تاقايمەن؟يۇشۇرۇن خەۋپلىرى كۆپمۇ؟مۇبادا تورداشلار بۇلىدۇ دەپ قارىسا مەن ئەتىلا بىرىنى ياسىتاي

دەيمەن.مەكتەپنىڭ دوختۇرخانىدا تەكشۈرتۈپ بىرىنى ياسىتىپ كېتەي دەۋاتىمەن.

ئاخىرىدا تورداشلارنىڭ بىلگەنلىرىنى ،ئاڭلىغانلىرى بولسا ماڭا تەكلىپ تەۋسىيە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 10:42:53

تازلىققا ئەھمىيەت بىرەلىسىڭىز ، قولايلىق ئىكەن .

ئەتىگەن - كەچ يۇيۇپ تازلاپ ئىشلىتىشكە كۆزىڭىز يتەرمۇ !

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 10:51:59

ئۇنى قارىچۇق ئەينەك دىسەك ماس كىلەمدىكى دەيمەن. ئەمدى بىلگىنىمنى دەپ بىرەي. مەنمۇ نەچچە يىل تاقاپ باققان.

ئۇ بىرخىل رېزىنگىدەك نەرسىكەن، قارچۇقىغا چاپلىشىپ تۇرىدۇ، شۇڭا كۆزگە تەسىرى بولۇشى ئىھتىماللىقى چوڭ.



1. قارچۇق ئەينەك بىر ئايلىق، 3 ئايلىق، يىرىم يىللىق، بىر يىللىق دەپ ئايرىلىدىكەن. يەنى شۇنچىلىك ۋاقىتتا بىر ئالماشتۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدىكەن،(دەسلەپتە مەن يىرىم يىللىقىنى ئىلىپ بىر يىل تاقىغان )  {:107:}  



2. دەسلەپتە كۆزنىڭ ئىچىگە ئىلىپ سالغۇچە قىينىلىسىز. بىر دوستۇمنىڭ ئىنىسى بىرىنچى كۈنى كۆزەينەك ساتىدىغان دۇكاندىكىلەر سىلىپ قويۇپتۇ، كەچتە ئىلىۋىتىدىغان چاغدا ئالالماي بەك كۆزلىرىنى قىزىرىپ كەتتى دەپ تىلفۇن قىپتىكەن.



3. كۈندە ئەتتىگەندە سالىسىز، كەچتە ئىلىۋىتىسىز. ئۇخلىغان چاغدا ئىلىۋىتىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. ئاۋارىچىلىق.



4. قارچۇق ئەينەكنى سالىدىغان دورا سۇيۇقلىقى بار ، ئەينەكنى ئىلىۋەتكەن چاغدا شۇنىڭغا چىلاپ قويىدىكەنسىز. بىر قىتىم مەن ئۇنىڭغا سالماي قويۇپ قويسام ئەتىسى قۇرۇپ قىتىپ كىتىپتىكەن. ئشىلەتكىلى بولماي بىرنى ئالماشتۇرغانتىم.



5. بىر قىتىم ئەينەك يىرتىلىپ كىتىپتۇ(سەل غەلىتە تۇرامدۇ بۇ گەپ؟) بىلمەي سىلىۋىرىپتىمەن. كەچتە كۆزۈم قىزىرىپ كىتىپتىكەن.

ئۇنى تاقىغاندا كۆزگە بىر نەرسە كىرىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىشىڭىز كىرەك. ئەينەك بىلەن قارچۇقنىڭ ئارىسىغا كىرىپ قالسا خەتەرلىك. كۆزنىڭ نەملىكىنى ساقلايدىغان دورىدىن ئىلىپ تىمىتىپ تۇرىسىز، چۈنكى كۆز قۇرغاق بولۇپ قالسا بولمايدۇ.

كۆزنىڭ گىرادۇسى ئىشىپ كىتىش ئىھتىماللىقى بار، (ھەر ئادەمنىڭ ئوخشىمايدىغان ئوخشايدۇ. بىر دوستۇم بىر ئاي تاقاپ 50 گىرادۇس ئىشىپتىكەن. مىنىڭ 3-5 يىلدا 50 گىرادۇستىن 70 گىرادۇسقىچە ئاشقان )

مەن تاقىغاندا 博士伦 نى تاقىغانتىم، يەنە ئامرىكىنىڭ ئىشلىگەن بىرسى . ئىسمى ئىسىمدە يوق.

تەۋسىيەم. ئوقۇچى بولسىڭىز ئىلاجى بار تاقىماڭ. توردا كۆزنى مەشىقلەندۇرىدىغان ئۇسۇللار باركەن. 3 ئايدا 100-200 گىرادۇس چۈشۈرىدىغان ئوخشايدۇ. ئىزدەپ بىقىڭ.

esiyan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 11:40:10

مېنىڭ مەسلىھەتىم: تاقىماڭ،بىر چاغدا نۇر تورىدىن مۇشۇنداق قارچۇق ئەينەكنى كۆزىگە سېلىۋالغانلارنىڭ ،كۆزلىرىنىڭ كاردىن چىققان ھالەتلىرىنى رەسىملىك خەۋەر قىلىپ يوللاپ قويۇپتىكەن.شۇ چاغدا كۆرۇپ شۈركۈنۈپ كەتكەنتىم.ئامال بولسا تاقىماڭ.قالدىسى ئۆزىڭىزگە قالدى.

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 13:19:04

دائىم تاقىۋالمىسڭىز تامامەن بولىدۇ . مېنىڭ ئىككلىسى 500 ، تازلىق بىرىنچى ئورۇندا .



مەن شۇنداق ئىشلىتىپ كېلۋاتىمەن. \"\"

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 13:48:46

كۆزىڭىزنى ئاسىرسىڭىز بولمامدۇ ،،،،توۋااااااااا

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 14:48:32

بۇ نەرسىنى تاقىغاندا ئوتقا ،ھارارىتى يۇقىرى نەرسىگە يىقىنلاشماڭ

بىرەيلەن مۇشۇنى تاقاپ كاۋاپ يىگىلى بېرىپ كۆزىنى ئېغىر يارلاندۇرغانلىقىنى ئاڭلىغانتىم

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 15:18:01

قارىچۇق ئەينەكنى تاقاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن دوختۇردىن مەسلىھەت سورايسىز. دوختۇر كۆزىڭىزنىڭ گىرادۇسى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇۋاپىق كېلىدىغاننى ئېيتىپ ئۆزىڭىزگە تاللاتقۇزىدۇ ۋە قانداق تاقاش، بىر كۈندە قانچىلىك ۋاقت تاقاش دېگەنلەرنى تەپسىلى ئېيتىپ بېرىدۇ. دەپ بەرمەي قالسا ئېنىق قىلىپ سورىۋېلىڭ.

قارىچۇق ئەينەك تاقاشنىڭ كۆزگە زىيىنى بار- يوقلۇقى پۈتۈنلەي ئۆزىڭىزگە باغلىق:

1. كۆزىڭىزگە ئەڭ ماس كېلىدىغان، سۈپىتى ياخشى لىنىزىنى تاللىشىڭىز كېرەك. بوشىلۇن ياخشى ماركا، باھاسىمۇ مۇۋاپىق. قالغانلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۇنتۇپ قالدىم.

باشقا بىر ئىنكاسىمدا بۇرۇنمۇ دەپ ئۆتكەندەك، خەلقئارادا بىر قارىچۇق ئەينەكنىڭ ئەڭ ئۇزۇن ئىشلىتىش مۇددىتى پەقەت ۋە پەقەت بىر ئاي، ئەمما جوڭگۇدا ئەرزانغا قىزىقتۇرۇش ئۈچۈن پەسىللىك، يېرىم يىللىق، ھەتتا بىر يىللىق لىنزىلار ياسىلىدۇ، ھەتتا بۇ نەرسىلەر ئوقۇغۇچىلارغا مەكتەپ دوختۇرخانىلىرىدا سېتىپ بېرىلىدۇ. بۇنداق لىنزىلار ھەددىدىن زىيادە قېلىن بولىدۇ، شۇڭىمۇ قارىچۇق ئەينەك تاقاپ بىر مەزگىلدىن كېيىن كۆزى ياللۇغلانمىغان ئادەم ناھايتى ئاز ساندا. شۇڭا سالامەتلىكىڭىز ئۈچۈن ئۇ خىلدىكى ساختا، سۈپەتسىز لىنزىلارغا يېقىن كەلمەڭ. «كورىيەنىڭ، يەنە بىر يەرنىڭ» دېسىمۇ يالغان، بۇنداق مال پۈتۈن دۇنيادا پەقەت جوڭگۇدىلا تېپىلسا كېرەك.

2. پاكىز بولۇشىڭىز كېرەك، يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنىڭ قېپىغا يېزىلغان تازىلاش ۋە ساقلاش ئۇسۇلىغا ئەھمىيەت بېرىشىڭىز كېرەك. نەچچە كۈندىلا ئۆگىنىپ ئۇستا بولۇپ كېتىسىز.

3. ئۇخلاشتىن بۇرۇن ئېلىۋېتىشىڭىز كېرەك، كۈندۈزى ئۇخلىسىڭىزمۇ شۇ، بولمىسا كۆزىڭىز قۇرۇپ، ئويغانغاندا ئاچالماي قالىسىز. چىقىرىمەن دەپ لىنىزىنى يىرتىۋالغان ئىشلار يۈز بەرگەن مەندە.

قارىچۇق ئەينەك ھەقىقەتەن قولايلىق، «كۆزىنى كېسىدۇ، ئۇ... بۇ...» دېگەن گەپلەر ئېشىپ كېتىپتۇ، ئەمما بىر ئوقۇغۇچىغا نىسبەتەن ئارتۇقچە چىقىم، ئوغۇل ئوقۇغۇچىلار تولىسى ھورۇن كېلىدۇ، شۇڭا ئارتۇقچە ئاۋارىچىلىق.  \"\"

Patigul يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 19:59:32

مەن ئون يىل ئەينەك تاقاپ 2011-يىلى يازدا 800 گىرادۇسلۇق يۇرۇق كۇزۇمنى ئوپراتسىيە قىلىپ ،كۈزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى 1.2 بۇلغان.ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ قارچۇق ئەينەككە پەقەتلا كۈنەلمەي يەنىلا تۆت كۆز بۇلۇپ ئون يىلنى ئۆتكۆزدۈم.ھازىر كۆزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى شۇنداق ياخشى ...

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەۋەردە ئىچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى يۇشۇرۇن ئەينەك تاقاپ كەچلىك بازارغا بىرىپتۇ.ئۇ ئوقوغوچى كاۋاپداننىڭ قىشىدا كاۋاپنىڭ پىششنى ساقلاپ كاۋاپ يەلپۈگەن يەردە تۇرۇپتىكەن كاۋاپ يەلپۈگەندىكى ئوتنىڭ تەسىرىدىن كۆزدىكى يۇشۇرۇن ئەينەك (يۇشۇرۇن ئەينەك ماتىريالى سۇلىياۋ)قورلۇپ كۆز قارچۇقىنى زەخمىلەندۇرۇپتىكەن.

تەۋسىيەرىم يەنىلا كۆز ئەينەككە يەتمەيدۇ.

jumahun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 21:22:55



patigul

مەن ئون يىل ئەينەك تاقاپ 2011-يىلى يازدا 800 گىرادۇسلۇق يۇرۇق كۇزۇمنى ئوپراتسىيە قىلىپ ،كۈزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى 1.2 بۇلغان.ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ قارچۇق ئەينەككە پەقەتلا كۈنەلمەي يەنىلا تۆت كۆز بۇلۇپ ئون يىلنى ئۆتكۆزدۈم.ھازىر كۆزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى شۇنداق ياخشى ...

__________

ھوي patigul

بۇ ئىنكاسىڭىز مېنى قىزىقتۇردى. كۆزىڭىزنى نەدە، قايسى دوختۇرخاندا ئاپاراتسىيە قىلدۇرغان، چىقىم نەچچە پۇل بولغانتى؟ تەپسىلرەك دەپ بېرەمسىز 5 مىنوت ۋاقىت چىقىرىپ



مېنىڭ بىر ئىنىمنىڭ يىىراقنى كۆرۈشى 800 گىرادۇس بولۇپ قالغانتى، ئەينەك تاقا دىسە قولايسىز كۆرۈپ تاقىمىدى.شۇنىڭ كۆزىنى بىر ئاپراتسىيە قىلدۇرۇپ باقايلىمىكىن.

taklimakan10 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 21:30:47

بىزنىڭ ئىدارىدىكى بىر ئايال يولداش 7-8يىل بۇرۇن كۆزىنى ئوپىراتسىيە قىلدۇرۇپتىكەن،ھازىر كۆزئەينەك تاقىماي يۈرۈيدۇ،كۆرۈش قۇۋۋىتى خېلىلا نورمال.

ئامال بار يۇشۇرۇن كۆزئەينەك تاقىماڭ،ئادەتتىكى كۆزئەينەكنى تاقىسىڭىز بۇلىۋېرىدىغۇ.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 03:48:36

8- قەۋەتتىكى patigulنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئون يىل ئەينەك تاقاپ 2011-يىلى يازدا 800 گىرادۇسلۇق يۇرۇق كۇزۇمنى ئوپراتسىيە قىلىپ ،كۈزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى 1.2 بۇلغان.ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ قارچۇق ئەينەككە پەقەتلا كۈنەلمەي يەنىلا تۆت كۆز بۇلۇپ ئون يىلنى ئۆتكۆزدۈم.ھازىر كۆزۈمنىڭ كۈرۈش قۇۋىتى شۇنداق ياخشى ...

نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر خەۋەردە ئىچكىردىكى بىر ئالىي مەكتەپ ئوقوغۇچىسى يۇشۇرۇن ئەينەك تاقاپ كەچلىك بازارغا بىرىپتۇ.ئۇ ئوقوغوچى كاۋاپداننىڭ قىشىدا كاۋاپنىڭ پىششنى ساقلاپ كاۋاپ يەلپۈگەن يەردە تۇرۇپتىكەن كاۋاپ يەلپۈگەندىكى ئوتنىڭ تەسىرىدىن كۆزدىكى يۇشۇرۇن ئەينەك (يۇشۇرۇن ئەينەك ماتىريالى سۇلىياۋ)قورلۇپ كۆز قارچۇقىنى زەخمىلەندۇرۇپتىكەن.

تەۋسىيەرىم يەنىلا كۆز ئەينەككە يەتمەيدۇ.



ماۋۇ تېمىدا كۆزىنى ئوپېراتىسىيە قىلدۇرغانلار باركەن. تەپسىلى تەسىرات يېزىڭ پاتىگۈل، بۇ بەك مۇھىم. 002.gif

Estami يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 11:57:12

مەنمۇ ئەگەشىتىم . سۇئاللىم قايتا قوزغىلىش ئېتھىماللىقى يۇقىرى ھەم ئوپىراتسىيەدىن كېيىنكى ئىشلىرى بەك توللا دەپ قىزىقىپ كەتمىگەن .



بولمسا مۇكەممەل ئىشەنچىلىك تېخىنكىغا ئايىلىنىپ بولدى بۇ

tayirt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-7 18:21:35

مىنىڭ 15 يىل بۇرۇنلا 150 ۋە 100 ئىدى. ئۆتكەن يىل تەكشۈرتكەندە 200 ۋە 175 دەمدۇ شۇنداقراق چىقتى . يىراقنى ئېنىق كۆرەلمەيمەن بۇلۇپمۇ گۇگۇمدا . بۇرۇن كەپشەرلەش ۋە خەتتاتلىق ئۆگنىش جەريانىدا شۇنداق بۇلۇپ قالغان ئوخشايدۇ . 13 يىلدىن ئاشتى كۈنۈم كومپيۇتېر ئالدىدا ئۆتىدۇ . ھازىر تەخمىنەن 8 سائەتتىن 10 سائەتكىچە ، بۇرۇن كومپيۇتېرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ ئۇخلاپمۇ قالاتتىم . كومپيۇتېر نىڭ ئالدىدا قاتتىق ياغاچ ئۇرۇندۇقتا ئولتۇرمەن . سۆڭگەچ ئاغرىپ تۇرغاچ دائىم مىدراپ تۇرىمەن.

بەل، كۆز، گىمروي دىگەندەك كېسەللەر مەندىن يىراق.

oganbala يوللانغان ۋاقتى 2013-6-8 09:55:46

خەپ مۇشۇ كۆز مەسىلى، مەنمۇ دىققەت قىلىۋاتىمەن... مەن بەكمۇ ئازابلىنىمەن ئۆزەمنىڭ كۆزەينەك تاقايدىغانلىقنى ئويلىسام... ياخشى ئاماللار بولسا تەۋسىيە قىلىشساق

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-19 10:01:13

باشقىنى بىلمەيمەن، تەجىربىدىن ئۆتكىنى مۇنداق:

بۇ قارچۇق كۆزئەينەكنى تاقىسىڭىز كۆزنىڭ گىرادۇسىنى سەل-پەل تۆۋەنلىتىشكە، ھېچ بولمىغاندىمۇ چوڭىيىپ كەتمەسلىككە پايسى بار، ئەگەر بەك پاكىز، ۋەشىى پاكىز تۇتمىسىڭىز، كۆزنى قالايمىقان ئوۋۋىللاپ قويسىڭىز ئىش چاتاق، باشقىلاردىن كۆزگە مۇشلا يەپ سالمىسىڭىز باشقا ئالاھىدە خەتىرىمۇ يوق، ئەمما سەل ئويلىنىپ ئىش قىلىڭ، كۆزگە بىرەر تال پاشا-كۇمىتا چاغلىق نەرسە كىرىپ كەتسە تەمى قانداق بولىدىغان بولغىيتتى، ئەمدى كۆزنىڭ ئىچىگە چىۋىن قانىتىدەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ چوڭراق رەزىنكىنى تىقپ قويىدىغان گەپ! كۆنەلىسىڭىز مەيلى.



يەنە بىر دىققەت قىلىدىغان ئىش، كاۋاپداننىڭ قېشىدىن نېرى تۇرۇڭ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بىژ دانە ختتاي قىزچاق (چايلىق كۆرىنىشنى مەقسەت قىپتىكەنمىكى..) ئاشۇنداق قارچۇق كۆزئەينەك تاقاپ، دوسىتلىرى بىلەن دالا دامىقى يېگىلى چىقىپ كاۋچاڭ پۇشۇرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ۋايجانلاپ كىتىپتۇ... دوختۇرغا ئاپارسا كۆزدىكى قارچۇق كۆزئەينەك كاۋاپداننىڭ ئوتىنىڭ ئىسسىقىدا كۆيۈپ كۆزگە چاپلىشىپ كۆزنىڭ كۆرۈش پەردىسىنى كاردىن چىقىرىپ قويغان ئىكەن....قارىغۇ بولاپ قاپتۇ....
بەت: [1]
: يۇشۇرۇن كۆزەينەك(隐形眼镜) ئىشەنچىلىكمۇ؟