forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 17:44:34

ئىنسانلار نىمىشقا پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاج؟

كىشىلەر نىمىشقا پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاج بولىدۇ ؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .

پەيغەمبەرلەر بولسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولۇپ ،
ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزىدۇ . ھەمدە ئۇلارغا ئاللاھ ۋەدە قىلغان
نىئېمەتلەر بىلەن خۇش-خەۋەر بىرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا
ئىتائەت قىلغان بولسا . ھەمدە ئۇلارنى دائىملىق ئازاپتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ،
ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ توسۇقلىرىغا قارشى چىققان بولسا . ئۇلار
ئۇلارغائىلگىركى مىللەتلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ
بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ ۋە ئىنتىقاملارنى
سۆزلەپ بىرىدۇ .

بۇ ئىلاھى بۇيرۇقلار ۋە چەكلىمىلەرنى نوقۇل پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق
بىلگىلى بولمايدۇ . شۇڭلاشقا ئاللاھ ئىنسانلارنى ھۆرمەتلەش ، ئۇلارنىڭ
مەنپەتىنى قوغداش يۈزسىدىن قانۇنلارنى بىكىتتى ، بۇيرۇق ۋە توسۇقلارنى
بەردى . چۈنكى ، كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل خاھىشىغا ئەگىشىدۇ . شۇنىڭ بىلەن
چەكلىمىلەردىن ئۆتۈپ كىتىدۇ ، كىشىلەرگە زوراۋانلىق قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى
ھەق-ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ . شۇڭا ئاللاھ ئۆزىنىڭ دانالىقى ۋە ھىكمىتى
بىلەن ئۇلارنى ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئەسلىتىدىغان ، ئۇلارنى گۇناھقا
چۈشمەسلىككە ئاگاھلاندۇرىدىغان ، ئۇلارغا ۋەز-نەسىھەت قىلىدىغان ھەمدە
ئۇلارغا ئىلگىرى ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بىرىشكە
ئۈزۈلدۈرمەي ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ تۇردى . چۈنكى كىشىلەر ئاجايىپ
خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا ، ئۇلارنى ھوشيار قىلىدۇ-دە ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار
چۈشىنىدۇ ، بىلىمى ئاشىدۇ ۋە توغرا چۈشىنىدۇ ، چۈنكى قانچە كۆپ
ئاڭلىغانسىرى ئوي-پىكىرلەر شۈنچە كۆپ بولىدۇ . ئوي-پىكىرلەر قانچە كۆپ
بولسا ، ئۇلار شۈنچە كۆپ پىكىر يۈرگۈزىدۇ . ئۇلار قانچە پىكىر يۈرگۈزسە ،
ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى شۈنچە كۆپ بولىدۇ . ھەمدە ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى قانچە
كۆپ بولسا ، ئۇلارنىڭ قىلىدىغىنى شۈنچە كۆپ بولىدۇ . شۇڭا بۇ ھەقىقەتنى
چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ، ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشتىن باشقا يول يوق .

[ ئەلى بىن مۇھەممەد مەۋدۇدىنىڭ « ئەئېلام نۇبۇۋۋە» دىن ئىلىندى . ]

ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيە( ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھىم-شەپقەت قىلسۇن)
–ئەھمەد بىن ئابدۇلھەلىيم بىن ئابدۇسسەلام ئىبنۇ تەيمىيە دەپ تونۇلغان . ئۇ
ھىجىرىينىڭ 61-يىلى تۇغۇلۇپ ، 728-يىلى ۋاپات بولغان . ئۇ ئەڭ كاتتا
ئىسلام ئالىملىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، نۇرغۇن قىممەتلىك كىتاپلارنى يازغان . ئۇ
مۇنداق دىگەن :“ ئەلچىلىك بولسا ئىنسانلارنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەڭ
ياخشى نەرسىگە يىتەكلىنىشى ئۈچۈن زۆرۈر . بىر ئادەم بۇ ئەلچىلىككە
ئەگەشمىسە ، ئاخىرەتتە ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە يىتەكلىنەلمەيدۇ . ۋە
شۇنىڭدەك ، بۇ دۇنيادىمۇ ھەم ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىگە يىتەكلىنەلمەيدۇ .
ئىنسان شەرىئەتكە مۇھتاج . چۈنكى ئۇ ئۆزىگە پايدا ئىلىپ كىلىدىغان ۋە
ئۇنىڭغا زىيان يەتكۈزىدىغان نەرسىدىن ساقلايدىغان ئىككى ھەركەتنى قىلىدۇ .
بۇ شەرىئەت ئاللاھنىڭ زىمىندىكى نۇرى ، بەندىلىرى ئارىسىدىكى ئادىللىقى ،
ھەمدە ئۇنىڭغا كىرىۋالغۇچى ھەرقانداق كىشى بىخەتەر بولىدىغان پاناھگاھ .

شەرىئەت دىگەنلىك پايدا بىلەن زىياننى ھىسسىي جەھەتتىن ئايرىش ئەمەس ،
چۈنكى ھايۋانلارمۇ ئۇنى قىلالايدۇ . ئىشەك بىلەن تۆگە ئارپا بىلەن توپىنى
پەرىقلەندۈرەلەيدۇ . بەلكى ئۇ ئىنسانغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە پايدا
يەتكۈزىدىغان ئىش-ھەركەت بىلەن ئۇنىڭغا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە زىيان
يەتكۈزىدىغان ھەركەتلەرنى ئايرىش . مەسىلەن ، ئىمان ، تەۋھىيد ،
چىدامچانلىق ، ئادىل بولۇش ، توغرا قىلىقلىق بولۇش ، ياخشىلىق قىلىش ،
ئىشەنچىلىك بولۇش ، ئىپپەتلىك بولۇش ، بىلىش ، ياخشىلىققا بۇيرۇش ، يامان
ئىشتىن توسۇش ، تۇغقاندارچىلىق مۇناسىۋەتنى ساقلاش ، ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش
، قوشنىلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش ، كىشىلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى تونۇش ،
ئىشلارنى ساپ ئاللاھ ئۈچۈن قىلىش ، ئۇنىڭغا ئىشەنچىسىنى قويۇش ، ئۇنىڭدىن
ياردەم سوراش ، ئۇنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىنى قوبۇل قىلىش ، ئۇنىڭ خاھىشىغا
بويسۇنۇش ، ئۇنىڭغا ئىشىنىش ، ئۇنىڭ ئەلچىلىرى بىزگە ئېيىتقان بارلىق
خەۋەرلەرگە ئىشىنىش ، ۋە باشقا دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئىنسانغا نەپ
ئەكىلىدىغان ئىش-ھەركەتلەر . ئەگەر ئەلچىلىك بولمىغان بولسا ، بىزلەرنىڭ
كاللىمىز بۇ ھاياتتىكى پايدا بىلەن زىياننى تەپسىلىي ئايرىشقا كۈچى
يەتمىگەن بولاتتى . ئاللاھ بەندىلىرىگە ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا
نىئېمەتلەرنىڭ بىرى بولسا ئۇلارغا ئەلچىلەرنى ئەۋەتىشى ، كىتاپلارنى
چۈشۈرىشى ، ۋە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىشى بولۇپ ، ناۋادا ئۇ بولمىغان
بولسا ئۇلار ھايۋانلارنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالغان ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ناچار
ھالغا قالغان بولاتتى . شۇڭا كىمكى ئاللاھنىڭ ئەلچىلىكىنى قوبۇل قىلسا ،
ئۇنىڭغا چىڭ ئىسىلسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى . ۋە كىمكى ئۇنى رەت
قىلسا ۋە ئۇنىڭغا سەل قارىسا ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ناچىرى . ھەتتا ئىت،
چوشقىلاردىنمۇ ناچار بولۇپ ، رەزىللەرنىڭ رەزىلى .

دۇنيا خەلقى پەقەت ئۇلارنىڭ ئارىسىغا تارالغان ئەلچىلىكنىڭ ئىزلىرى بىلەنلا
مەۋجۇت بولۇپ تۇرالايدۇ . ئەگەر ئەلچىلەرنىڭ بۇ ئىزلىرى زىمىن يۈزىدىن
ئۆچۈرۋىتىلسە ، ئۇلارنىڭ تەلىماتى يوقىتىۋىتىلسە ، ئۇ چاغدا ئاللاھ
ئۈستۈنكى ۋە ئاستىنقى دۇنيانى ۋەيران قىلىدۇ ھەمدە قىيامەت باشلىنىدۇ .

يەرشارى كىشىلىرىنىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجى ئۇلارنىڭ قۇياش ، ئاي ،
شامال ، ۋە يامغۇرغا بولغان ئىھتىياجىغا ، بىر ئادەمنى ھاياتلىقىغا بولغان
ئىھتىياجىغا ، ياكى كۆزنىڭ يورۇقلۇققا بولغان ئىھتىياجىغا ، ياكى بەدەننىڭ
يىمەك-ئىچمەككە بولغان ئىھتىياجىغا ئوخشىمايدۇ . بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭ ۋە
ھەرقانداق سىز ئويلىيالايدىغان ۋە پەرەز قىلالايدىغان ئىھتىياجدىن چوڭ .
ئەلچىلەر بولسا(ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن) ئۇنىڭ
بۇيرۇقلىرى ۋە توسۇقلىرىنى يەتكۈزىدىغان ئاللاھ بىلەن ئۇنىڭ مەخلۇقاتلىرى
ئوتتۇرسىدىكى ۋاستىلەر .ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن بەندىلىرى ئوتتۇرسىدىكى
ئالاقىچىلار . ئۇلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ۋە ئاخىرقىسى ، ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا ئەڭ
ھۆرمەتلىكى بولسا مۇھەممەد ( ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا ۋە
ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە بولسۇن ) . ئاللاھ ئۇنى دۇنيالارغا رەھىم-شەپقەت
سۈپىتىدە ، ئاللاھقا يىقىنلىشىشنى خالايدىغانلارغا يىتەكچى ، بارلىق
كىشىلەرگە بانا قويماسلىق ئۈچۈن ئىزپات قىلىپ ئەۋەتتى . ئاللاھ كىشىلەرنى
ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا ، ئۇنى سۆيۈشكە ، ھۆرمەتلەشكە ، ئۇنى ھىمايە قىلىشقا ۋە
ئۇنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ئادا قىلىشقا بۇيرىدى . ئاللاھ بارلىق ئەلچىلەر ۋە
پەيغەمبەرلەردىن ئۇنىڭغا ئىشىنىشكە ۋە ئەگىشىشكە ئەھدە ئالدى . ھەمدە
ئۇلارنى ئۇلارغا ئەگەشكەن مۇئىمىنلەردىنمۇ ئوخشاش ئەھدىنى ئىلىشقا بۇيرىدى .
ئاللاھ ئۇنى قىيامەتتىن بۇرۇن خۇش-خەۋەر ئىلىپ كەلگۈچى ، ئاگاھلاندۇرغۇچى ،
كىشىلەرنى ئاللاھ تەرەپكە ئۇنىڭ ئىزنى بىلەن چاقىرغۇچى ۋە نۇرلۇق چىراق
قىلىپ ئەۋەتتى . ئاللاھ ئۇنىڭ بىلەن ئەلچىلەرنىڭ سېپىنى ئاخىرلاشتۇردى ،
ئازغۇنلۇقتىن توغرىغا يىتەكلىدى ، ئۇئارقىلىق نادانلىقتىن بىلىم-مەرىپەتكە
يىتەكلىدى ، ئۇنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن قارغۇ كۆزلەرنى ، پاڭ قۇلاقلارنى،
قاتقان يۈرەكلەرنى ئاچتى. ئۇنىڭ ئەلچىلىكى بىلەن قاراڭغۇلاشقان بۇدۇنيانى
يورۇتتى ، چىچىلىپ كەتكەن كىشىلەرنى بىر يەرگە يىغدى . ئىنسانلارنىڭ ئەگرى
يولىنى تۈزلەپ بەردى ھەمدە ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسەتتى . ئۇنىڭ
كۆكسى-قارنىنى كەڭ قىلدى ھەمدە يۈكىنى ئىلىۋەتتى ، ئۇنىڭ ئابرويىنى كۆتۈردى
. ئۇنىڭ بۇيرىقىغا قارشى چىققان كىشىلەرگە خارلىق ، رەسۋالىقنى مۇپتىلا
قىلدى . ئۇنى (ئاللاھنىڭ تەرىپلىشى ۋە ئامانلىق ئۇلارغا بولسۇن ) ئەلچىلەر
بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان ، كىتاپلار يوقالغان ، سۆزلەر بۇرمىلانغان ،
قانۇنلار ئۆزگەرتىگەن ، بارلىق كىشىلەر ئۆزىنىڭ ناتوغرا پىكىرلىرىگە
تايانغان ، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ بەندىلىرى ئارىسىدا ئۆزلىرىنىڭ بۇزۇق
ئىددىيەلىرى ۋە كۆڭۈل خاھىشلىرى بىلەن ھۆكۈم قىلىۋاتقان بىر پەيىتتە
ئەۋەتتى . ئۇ ئارقىلىق ئاللاھ ئىنسانلارنى توغرىغا يىتەكلىدى ھەمدە ئۇنىڭغا
يىقىنلىشىشنىڭ تۈرلۈك يوللىرىنى ئوچۇقلاپ بەردى . ئۇ ئارقىلىق ، كىشىلەرنى
قاراڭغۇلۇقتىن يورۇقلۇققا چىقاردى . ئۇ ئارقىلىق ئۇتۇق قازانغۇچى كىشىلەر
بىلەن بەدئەخلاق كىشىلەرنى پەرىقلەندۈرۈپ بەردى . شۇڭا كىمكى ئۇنىڭ
يىتەكلىشىگە ئەگەشسە ، توغرىغا يىتەكلىنىدۇ . كىمكى ئۇنىڭ يولىدىن تىيىپ
كەتسە ،ئازىدۇ ۋە قىيىپ كىتىدۇ . ئاللاھ ئۇنى ۋە بارلىق ئەلچىلەر ۋە
پەيغەمبەرنى تەرىپلىسۇن ۋە ئامان قىلسۇن .

[ ئىسلام پېشىۋاسى ئىبنۇ تەيمىيەنىڭ (ئاللاھ ئۇ كىشىگە رەھىم-شەپقەت
قىلسۇن) «ئەلچىلىككە ئىسىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى ھەققىدە ئاساسى پىرىنسىپ » 19-ج ،
99-102 ب، فەتىۋالار توپلىمى دىن ئىلىندى ؛ ھەمدە « لەۋامىئې ئەنۋار
ئەلبەھىييە » 2-ج ، 216، 236 ب گە قاراڭ . ]

بىز ئىنساننىڭ ئەلچىلەرگە بولغان ئىھتىياجىنى تۆۋەندىكىچە يىغىنچاقلايمىز :

1- ئىنسان بىقىندى مەخلۇق (يارىتىلغۇچى ) ، شۇڭا ئۇ ياراتقۇچىسىنى تونۇشى ،
ئۇنىڭدىن نىمىنى كۈتىدىغىنىنى بىلىشى ، ۋە نىمىشقا يارىتىلغانلىقىنى
بىلىشى كىرەك . ئىنسان بۇنى ئۆزىگە تايىنىپ بىلەلمەيدۇ . ئۇ پەقەت
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرنى بىلىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن توغرا يول ۋە نۇر
ئارقىلىقلا ، ئۇنى بىلىشكە يول تاپالايدۇ .

2- ئىنسان تەن ۋە روھتىن تۈزۈلگەن . ئۇنىڭ تېنى يىمەك-ئىچمەك ئارقىلىق
ئوزيۇقلىىدۇ . بىراق ئۇنىڭ روھىنىڭ ئوزۇقى بولسا ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن
چۈشەندۈرۈلگەن نەرسە ، يەنى توغرا دىن ، ۋە توغرا ئىش-ھەركەت .
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرتوغرا دىننى ئىلىپ كەلدى ۋە ئۇلارغا توغرا
ئىش-ھەركەتلەرنى ئۆگەتتى .

3- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن دىندار بولۇپ ، ئۇنىڭ ئەگىشىدىغان بىر دىنى
بولۇشى كىرەك . ھەمدە بۇ دىن توغرا بولۇشى كىرەك . توغرا دىنغا پەقەت
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەرگە ئىشىنىش ۋە ئۇلار ئىلىپ كەلگەن نەرسىگە ئىشىنىش
ئارقىلىقلا يول تاپقىلى بولىدۇ .

4- ئىنسان بۇدۇنيادا ئاللاھنىڭ رازىلىقىغا ئىرىشتۈرىدىغان ، ئاخىرەتتە
بولسا ئۇنىڭ جەننىتىگە ۋە نىئېمىتىگە ئىرىشتۈرىدىغان بىر يولغا مۇھتاج
بولىدۇ . ھەمدە پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم بۇ يوللارنى
كۆرسىتىپ بىرەلمەيدۇ ۋە ئۇنىڭغا باشلىيالمايدۇ .

5- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئاجىز ھەمدە ئۇنى كۈتۈپ ياتقان نۇرغۇن
دۈشمەنلەر بار . مەسىلەن ، شەيتا ئۇنى ئازدۇرۇشنى ئويلايدۇ ، ئەسكى دوستلار
ئۇنىڭغا رەزىل قىلمىشلارنى چىرايلىق كۆرسىتىدۇ . ھەمدە كۆڭۈل يامان
قىلمىشلارغا مايىل . شۇڭلاشقا ئۇ دۈشمەنلىرىنىڭ سۇيقەستلىرىدىن ئۇنى
قوغدايدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج بولىدۇ . ۋە پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر ئۇنى
ئاشۇ نەرسىگە باشلايدۇ ھەمدە ئۇنى ئوچۇق كۆرسىتىپ قويىدۇ .

6- ئىنسان ئۆز تەبىئىتى بىلەن ئارلىشىپ ياشايدۇ . باشقىلاربىلەن يىغىلىش ۋە
باردى-كەلدى قىلىشلاردا كىشىلەرنى ئادىل ، باراۋەر بولۇشقا يىتەكلەيدىغان
قانۇنلار بولۇشى كىرەك . بولمىغاندا قالايمىقان قانۇنلار بىسىۋالىدۇ . بۇ
يىتەكلىگۈچى قانۇن بارلىق ھەق-ھوقۇقى بارلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى ھەرقانداق
ئۇسۇلدا دەپسەندە قىلماستىن ۋە ئاشۇرۋەتمەستىن قوغدىشى كىرەك .
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەردىن باشقا ھىچكىم نۇكەممەل بىر قانۇننى تۈزۈپ
چىقالمايدۇ .

7- ئىنسان ئۇنىڭغا بىخەتەرلىك ، روھى خاتىرجەملىك بىرىدىغان ھەمدە ئۇنى
ھەقىقى بەخىتنىڭ سەۋەپلىرىگە يىتەكلەيدىغان بىر نەرسىگە مۇھتاج . بۇ بولسا
پەيغەمبەرلەر ۋە ئەلچىلەر كىشىلەرنى يىتەكلەيدىغان نەرسە .

[ د.مۇھەممەد بىن ئابدۇللاھ بىن سالىھ سەھىيمنىڭ « ئىسلامنىڭ ئاساسلىرى ۋە مەنبەلىرى » ناملىق كىتابىدىن ]

forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-25 17:57:46

14- قەۋەتتىكى bughra68نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

12- قەۋەتتىكى forever1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى bughra68نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

sizgimu rahmat    man izdinixka nimixka uyghurqa yazalmayman?


سىز كېرىيەلىك بولغاندىكىن . \"\"

man nada keriyalik.man degan yurugkax tin

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 18:34:06

ياخشى مەنبە ئىكەن

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 19:49:51

بۇنداق ئىسىل تىما بىلەن بىزنى خەۋەرلەندۈرگىنىڭىزگە كۆپ رەخمەت قىرىندىشىم.ئامان بولۇڭ !

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 23:03:23

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈيئوغلى ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇدىن ‹ئىلىم ياخشىمۇ بايلىقمۇ؟› دەپ سورىغان ، ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇ ‹ئىلىم ياخشى›دەپ جاۋاپ بەرگەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹دەلىلىڭ نىمە؟› دەپ سورىغاندا ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇ‹ ئىلىم بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بىرىلگەن نىئمەت ، بايلىق بولسا شەددات، نەمرۇد ،فىرئەۋىنگە ئوخشاش ئەشەددى كاپىرلارغا بىرىلگەن نىئمەت› دەپ جاۋاپ بەرگەن.

bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 23:10:29

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

abdulehed يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 03:01:53

3- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كۈيئوغلى ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇدىن ‹ئىلىم ياخشىمۇ بايلىقمۇ؟› دەپ سورىغان ، ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇ ‹ئىلىم ياخشى›دەپ جاۋاپ بەرگەن ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ‹دەلىلىڭ نىمە؟› دەپ سورىغاندا ئەلى رىزىياللاھۇ ئەنھۇ‹ ئىلىم بارلىق پەيغەمبەرلەرگە بىرىلگەن نىئمەت ، بايلىق بولسا شەددات، نەمرۇد ،فىرئەۋىنگە ئوخشاش ئەشەددى كاپىرلارغا بىرىلگەن نىئمەت› دەپ جاۋاپ بەرگەن.



ھەدىس مەنبەسىنى يېزىپ قويسىڭىز، مەنبەسى يادىڭىزدا بولمىسا ئۆچۈرۈۋەتسىڭىز.

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 09:32:59

مەن ئىنجىلنىڭ زادى قانداق كىتابلىقىنى بىلىپ بىقىش مەخسىتىدە شۇنداق تەپسىلى ئوقۇشقا باشلىدىم ،تەخمىنەن %30ئوقۇپلا نۇرغۇن زىتلىقلانى بايقىدىم.بۇ كىتاپتىمۇ ئوخشاشلا ھاراق ئچىش ،ئەيىش ئشرەت چەكلىنەتتى، ياخشىلىققا ئۇندىلەتتى .بىراق خىرىستان دىنى باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇش ياخشىلىققا يىتەكلەشتە ئنىقكى مەغلۇپ بولغان دىندۇر،ئىلىم پەنگە قارىشى دىندۇر.ئەگەر ..ئىنجىل مورىتلىرى ھەقىقەتەن بۇ كىتاپقا ئەمەل قىلغان ،ئەقىدە قىلغان بولسىدى رۇسلار بۇنداق ھاراقكەش بولمىغان،غەرىپ ئىلىم پەندە بۇنداق نەتىجە قازىنالمىغان ،جەنۇبى ئامىركىدا زوراۋانلىقلا بۇنداق ئەۋىج ئالمىغان بولاتتى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇرىتلارنىڭ ئىنجىلنىڭ بويۇنتۇرقىدىن قۇتۇلغاندىقى ياخشى ۋە يامان نەتىجىدۇر.بىراق ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇ دىن ئۇلارنىڭ ئاتا بوۋىللىرىنىڭ دىنى بولغانلىقى ئۇچۇن بۇ دىنغا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە بەزى شەكىلدە بولسىمۇ بودىننىڭ قائدىللىرىنى ئجرا قىلىدۇ.

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 10:05:44

ھېلىقى بالىلارنى چىللاۋاتامسىز؟ \"\"

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 10:40:15

ئەيسا پەيغەمبەر بىر ئۆمۇر بۇتپەرەسلىك بىلەن كۆرەش قىلىپ ئاخىردا ئۆزىنىڭ ياسالغان بۇتى خىرىستىئان چىركاۋىدا مورىتللار ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇد بوپ قالدى ،مۇھەممەد پەيغەمبىرمىزمۇ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مۇشۇنداق بۇتىغا ئايلىنىپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ،ئسلام دىننىڭمۇ خىرىستىئان دىندەك بۇتسىت دىنغا بۇرمىلىنىپ كىتىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۇن پەيغەمبىرمىز ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى سىزىشنى، ھەيكىلىنى ياساشنى قاتتىق چەكلىگەن ،شۇنداق بولغالىقى ئۇچۈن ئىسلام دىنىمىز بۇددا ئامىللىرى تەلتۇكۇس تازلانغان بىردىنبىر دىن.

destiny يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 10:44:15

ماۋۇ تىما تۇگەشتى .

asabi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 12:03:51

ئەيسا پەيغەمبەر ئاتىسىز تۇغۇلغانلىقتىن بەلكىم پەرۋەردىگارىنى ‹‹ئاتا›، دىگەن سۆز بىلەن ئىپادىلىگەن بولىشى مۇمكىن.

شۇڭا خىرىستىيانلار ‹ئەيسا› ئەلەيھىسالامنى شۇنداق ئاللاھنىڭ ئوغلى دەپ دەۋا قىلىشىدىكەندە دەپ چۈشەندىم.

pussy123 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 14:18:45


6- قەۋەتتىكى bilig2010نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەن ئىنجىلنىڭ زادى قانداق كىتابلىقىنى بىلىپ بىقىش مەخسىتىدە شۇنداق تەپسىلى ئوقۇشقا باشلىدىم ،تەخمىنەن %30ئوقۇپلا نۇرغۇن زىتلىقلانى بايقىدىم.بۇ كىتاپتىمۇ ئوخشاشلا ھاراق ئچىش ،ئەيىش ئشرەت چەكلىنەتتى، ياخشىلىققا ئۇندىلەتتى .بىراق خىرىستان دىنى باشقىلارنى يامانلىقتىن توسۇش ياخشىلىققا يىتەكلەشتە ئنىقكى مەغلۇپ بولغان دىندۇر،ئىلىم پەنگە قارىشى دىندۇر.ئەگەر ..ئىنجىل مورىتلىرى ھەقىقەتەن بۇ كىتاپقا ئەمەل قىلغان ،ئەقىدە قىلغان بولسىدى رۇسلار بۇنداق ھاراقكەش بولمىغان،غەرىپ ئىلىم پەندە بۇنداق نەتىجە قازىنالمىغان



ئاخخرقى جۈملىڭىزدە مەسىلە بارلىقىنى ھېس قىلمىدىڭىزما



ئەمەل قىلمىغانلىقى ئۈچۈن   نەتىجە قازانغان ؟


بۇ قانداقمەنتىقە؟





forever1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 15:02:33

4- قەۋەتتىكى bughra68نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

sizgimu rahmat    man izdinixka nimixka uyghurqa yazalmayman?

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 22:14:21

؟

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .

پەيغەمبەرلەر بولسا ئاللاھنىڭ بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى بولۇپ ، ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىنى يەتكۈزىدۇ . ھەمدە ئۇلارغا ئاللاھ ۋەدە قىلغان نىئېمەتلەر بىلەن خۇش-خەۋەر بىرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ بۇيرۇقلىرىغا ئىتائەت قىلغان بولسا . ھەمدە ئۇلارنى دائىملىق ئازاپتىن ئاگاھلاندۇرىدۇ ، ناۋادا ئۇلار ئۇنىڭ توسۇقلىرىغا قارشى چىققان بولسا . ئۇلار ئۇلارغائىلگىركى مىللەتلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى ، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ بۇيرۇقلىرىغا بويسۇنغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارغا كەلگەن ئازاپ ۋە ئىنتىقاملارنى سۆزلەپ بىرىدۇ .


ئاۋۇ سۆز بويسۇنمىغانلىغى بولۇش كىرەك ئىدى خاتا بوپ قاپتۇ.


bughra68 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-24 23:35:43

12- قەۋەتتىكى forever1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى bughra68نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن .

sizgimu rahmat    man izdinixka nimixka uyghurqa yazalmayman?


سىز كېرىيەلىك بولغاندىكىن . \"\"
بەت: [1]
: ئىنسانلار نىمىشقا پەيغەمبەرلەرگە مۇھتاج؟