ghany يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 20:50:13

تەتۇرسىدىن يېزىلغان «غەربكە ساياھەت»

تەتۇرسىدىن يېزىلغان «غەربكە ساياھەت»

      ئامىتا بۇددا ئۇستاز،شاگىرت تۆتىسى بىلەن ئاق ئەجدەرشاھزادىنى بۈيۈك تاڭغا دىن تارقىتىشقا ئەۋەتىپتۇ، ئۇلار يول بويى ھەر جىن - شاياتۇنلار بىلەن ئۇرۇشۇش جەريانىدا بۇ جىن- شاياتۇنلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كەينى تىرىكى بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ قانداقلا ئەسكىلىك قىلسىمۇ، ھېچقانداق جازاغا ئۇچرىمايدىغانلىقىنى بايقاپتۇ. باجې بىلەن شاسىڭ راھىپ بۇ زۇلمەتلەرگە چىدىماي، بىرى گاۋلاۋجۇاڭ  كەنتىگە  ، يەنە بىر لىيۇشاخې دەرياسىغا يوشۇرۇنۇۋاپتۇ. پەقەت ۋۇكۇڭلا ئادالەتتە چىڭ تۇرۇپ،ئۇستازىنى قوغداپ، جىن - شاياتۇنلارنى يوقىتىپ، بۈيۈك تاڭغا دىن تارقىتىشتىن يانماپتۇ.

      نەتىجىدە، ئەرش ئوردىسى ۋۇكۇڭنىڭ قىلغان - ئەتكەنلىرىدىن ئىنتايىن نارازى بولۇپتۇ ۋە ئامىتا بۇددا بىلەن تۆۋەندىكىدەك توختام تۈزۈشۈپتۇ:« ئەرش ئوردىسى تاڭ سېڭنىڭ چاڭئەنگە تىنچ ئامان بېرىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئامىتا بۇددا ۋۇكۇڭدىن ئىبارەت پۇتقا تاقاشقان چوماقنى يوقىتىدۇ.» ئامىتتا بۇددا بۇنىڭغا قوشۇلغاندىن كېيىن، بىر ھىيلە بىلەن ئاق ئەجدەرشاھزادىنى جىلغىلار ئىچىدىكى كۆلگە بەنىت قىلىنىپتۇ. ۋۇكۇڭمۇ مەغلۇپ بولۇپ بەش ئاناسىر تېغىنىڭ ئاستىغا بەنىت قىلىنىپتۇ. تاڭ سەنزاڭ بولساڭ، ۋۇكۇڭغا پىسەنتمۇ قىلماي، ئۆزى يالغۇز چاڭئەنگە يېتىپ كەپتۇ، ۋە دىن تارقىتىپ بولۇپ شاھ ئىنىسى بولۇپ تەيىنلىنىپ، ئاخىرقى ئۆمرىنى شاد- خورام، باي - باياشاد ئۆتكۈزۈپتۇ.

      ئارىدىن يەنە 500 يىل ئۆتۈپتۇ، ۋۇكۇڭ بەش ئاناسىر تېغىنىڭ ئاستىدىن قۇتۇلۇپ، ئۇدۇل ئەرش ئوردىسىغا بېسىپ كىرىپ، ئەرش ئوردىسىنى ئوڭتەي- توڭتەي قىلىپتۇ. يورۇڭ سۇلتان ئامالسىزلىقتىن جۇ باجىيىنى ئادەم قىياپىتىگە كەلتۈرۈپ،  天蓬元帅 قىلىپ تەينلەشكە، شاسېڭ راھىپنى بولسا پەردە قايرىغۇچى سەردارلىققا تەينلەشكە ۋەدە بېرىپ، ئۇلارنى ۋۇكۇڭنى ئۆلتۈرۈۋىتىشكە  بويرۇپتۇ. ئاخىرىنىڭ ئاخىرىسىدا، ئاغا- ئىنىلەرنىڭ بىر- بىرىگە پىچاق سېلىشىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدىن كۆڭلى قاتتىق ئاغرىغان ۋۇكۇڭ،   بودى بۇزرۇكۋارنىڭ يېنىغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن كېتىپتۇ ۋە مەقسىدىگە يەتكەندىن كېيىن 花果山غا بېرىپ، مايمۇن تۇققانلىرى بىلەن ئۆمرىنى تىنچ- ئاسايىشلىقتا ئۆتكۈزۈپ ئەڭ ئاخىرىدا تاش مايمۇنغا ئايلىنىپ كېتىپتۇ.

(ئاۋۇ ئىككى سۆزنىڭ تەرجىمىسىنى ھەر قانچە قىلىپمۇ دەماللىققا ئېسىمگە ئالالمىدىم، توغرا چۈشىنلگەي.)

«فىليەتونلاردىن تاللانما» 2013- يىللىق6- سانىدىن (15- بەت) تەرجىمە قىلىندى.

radiofan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 21:49:52

花果山 چىمەنتاغ دەيدىغۇ دەيمەن ...

天蓬元帅 مانى بىلمىدىم ...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 22:13:53

بىرى سەرلەشكەر، يەنە بىرى چىمەن تاغ.

پۈتۈن بىر قىسسىنى تەتۈرىسىگە ئىجادي ئۇسۇلدا يىغىنچاقلاپ چىقالاپتۇ. خەن فىلىيەتونچىلار يامانكەن ھە

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 23:39:36

花果山نى بۇرۇنقىسىدە چىمەنتاغ دەپ تەرجىمە قىلغان ، كىيىنكىسىدە گۈلشەنتاغ دەپ تەرجىمە قىلىدى، مىنىڭ قۇلقۇمغا يەنىلا چىمەنتاغ يىقمىلىق ئاڭلىنىدۇ.

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 23:54:43

گەرچە خەنزۇچە سەۋيەم تۆۋەن بولغىنى بىلەن ، لىكىن مۇشۇ تەرجىمە ئىشلىرىغا بەك قىزىقىمەن، خەنلەرنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرنى تەرجىمە قىلغان تەرجىمانلار بەك قالتىس جۇمۇ ، بەك پاساھەتلىك سۆزلەر بىلەن تەرجىمە قىلىۋىتىدۇ، شىئىر قوشاقلىرىنىمۇ بەك كەلتۇرۋىتىدۇ. 美猴王نى ئۇز مايمۇن شاھ دىيىش، مىڭ يىللىقتىمۇ كاللامغا كەلمەس ، تەرجىمانلىققا سۆز بايلىقى مول ، قىسىقى ئەدەبىياتنى ياخشى ئۈگەنگەن ئادەم ياخشى قىلىدۇ دەپ قارايمەن.

مەكتەپ تەرجىمە قىلدىغان ئىشلارنى بىزدەك چالا موللىلارغا قىلغىزىدۇ، لوغەت ئاختۇرۇپ گىراماتىكىغا باغلاپ بىرنىملەرنى قىلىمىز،  باشتا خەنزۇچە دىگەننى سويۋىتىدىغان بىر ئىككى مىڭكاۋخەنلەرگە بەرگەن، شۇلا تەرجىمە قىلىپ بەرسۇن سىلەر ئۇيغۇرچە كومپىيوتىردا بسىپ بىرىڭلار دىگەن، ئۇلار ئوقۇغاندا شارلداپ ئوقۇغان بىلەن تەرجىمە قىلغاندا مانى ئۇيغۇرچە نىمە دەيتى سا سا دەپ، پەقەت قاملاشتۇرالماي، ئاخرىدا ھەم تەرجىمە قىلدىغان ھەم باسىدىغان قوش ۋەزىپىگە بىز قالدۇق

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 00:14:23

تەتۇر يىزىلغان ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە،

قاملاشمىسمۇ يىزىپ باقاي  {:92:}   {:92:}  



ساۋ جەمەتىدىكلەر سىمايدىن تەختىنى تارتىۋىلىپ سۇلالە نامىنى ۋىيغا ئۆزگەرتىپىتۇ، ساۋ ساۋنىڭ ئوغلى ساۋپى زالىم پادىشا بولغاچقا ئەل ئىچىدە قوزغىلاڭ بۇلۇپ سۈنچۈەن بايراق تىكلەپ ۋۇ بادشاھلىقىنى لىيۇبى شۈ پادشاھلىقىنى تىكلەپ ئۇچ پادشاھلىقى تىركىشىش ھالتىنى شەكللەندۇرۇپتۇ، لىيۇبى جۇگىلىياڭنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلۇپ كۈچى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن سۈن چۈەن بىلەن بىرلىشپ ، چىبىدا ساۋ ساۋغا قارشى چىبى ئۇرشىنى قىلىپ مەغلۇپ بوپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئۇمۇدسزلەنگەن جۇگىلىياڭ يۇرتىغا قايتىپ دىخانچلىق قىلىپتۇ، لىيۇ 3 قىتىم بىرىپ قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولسىمۇ زادى كۆرشكلى ئۇنىماپتۇ،  لىيۇبى كۇچنىڭ ئىنتاين ئاجىزلىقنى قايتىدن خاندانلىق تىكليەلمەيدىغالىقىغا كۆزى يىتىپ ھەسرەت چىكىپ ، گۈەنيۇ ۋە جاڭفىيلار بىلەن شاپتۇللۇقتا ئىككىنچى جاھاننىڭ ئىشلرىغا ئارلاشماسلىق مەڭگۇ مۆمىن پۇخرا بۇلۇپ ئۆتىدىغانلىققا قەسەم ئىچپتۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 07:31:45

天蓬元帅ئەرىش سەر لەشكىرى  .



ئە  ئۆگەن


ئىزدىنىشقا خەت يازسام  ‹‹ە ئە››  ھەرپلىرى كاتەكچە بوپلا چىقىۋاتىدۇ، باشقا  مۇنبەرلەردە ئۇنداق ئەمەس، قانداق ئوڭشايمەن؟!

aqhun يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 07:34:16

天蓬元帅ئەرش سايىۋەنچىسى سەرلەشكەر

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 09:43:17

ئەرش سايىۋەنچىسى سەرلەشكەر

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 10:47:31

5- قەۋەتتىكى elxat421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

تەتۇر يىزىلغان ئۇچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسە،

قاملاشمىسمۇ يىزىپ باقاي \"\" \"\"



ساۋ جەمەتىدىكلەر سىمايدىن تەختىنى تارتىۋىلىپ سۇلالە نامىنى ۋىيغا ئۆزگەرتىپىتۇ، ساۋ ساۋنىڭ ئوغلى ساۋپى زالىم پادىشا بولغاچقا ئەل ئىچىدە قوزغىلاڭ بۇلۇپ سۈنچۈەن بايراق تىكلەپ ۋۇ بادشاھلىقىنى لىيۇبى شۈ پادشاھلىقىنى تىكلەپ ئۇچ پادشاھلىقى تىركىشىش ھالتىنى شەكللەندۇرۇپتۇ، لىيۇبى جۇگىلىياڭنىڭ مەسلىھەتىگە قۇلاق سالماي ئارقا ئارقىدىن مەغلۇپ بۇلۇپ كۈچى ئىنتايىن ئاجىزلاپ كىتىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتىش ئۇچۇن سۈن چۈەن بىلەن بىرلىشپ ، چىبىدا ساۋ ساۋغا قارشى چىبى ئۇرشىنى قىلىپ مەغلۇپ بوپتۇ، بۇنىڭدىن قاتتىق ئۇمۇدسزلەنگەن جۇگىلىياڭ يۇرتىغا قايتىپ دىخانچلىق قىلىپتۇ، لىيۇ 3 قىتىم بىرىپ قايتۇرۇپ ئەكەتمەكچى بولسىمۇ زادى كۆرشكلى ئۇنىماپتۇ، لىيۇبى كۇچنىڭ ئىنتاين ئاجىزلىقنى قايتىدن خاندانلىق تىكليەلمەيدىغالىقىغا كۆزى يىتىپ ھەسرەت چىكىپ ، گۈەنيۇ ۋە جاڭفىيلار بىلەن شاپتۇللۇقتا ئىككىنچى جاھاننىڭ ئىشلرىغا ئارلاشماسلىق مەڭگۇ مۆمىن پۇخرا بۇلۇپ ئۆتىدىغانلىققا قەسەم ئىچپتۇ.

\"\"

oghuzhan2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 14:59:33

ئىككىنىجى قىتىملىق غەرىپكە ساياھەت بولغاندىكىن مانداق يىڭىچە مەزمۇندا يازمامسىلەر ، تاڭ سىڭ بىيجىڭدىن يولغا چىقىپ ھىندىستانغا نوم ئالغىلى ئەمەس سەئۇدى ئەرەبىستانغا قۇرئان ئالغىلى بارسۇن، يولدا جىن ئالۋاستىلار چاپلىشىۋالسا داخان تىپىپ پىرە ئويناپ ساقايتىسۇن ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قۇرئان ئەكىلپ ئىسلام دىنىنى تارقاتسۇن، ئاندىن مەلۇم بىر رەئىس ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتسۇن دىگەندەك\"\" \"\" \"\" قاچانغىچە نوم ئەكىلىۋىردۇ دەيمەن

oghuzhan2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 15:00:58

ھە راسىت، شاگىرىت ئالسا قوش تىللىق شاگىرتلار خىلى بار دەيمەن \"\" \"\" \"\" ، تىلدىن قىينالمايدۇ \"\"

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 17:26:42

ھازىرقى زاماندىكى خەنسوچىغا ئۇستا بالىلارغا تەرجىمە قىلغىن دېسەك:

美猴王 نى «چىرايلىق مايمۇن پادىشاھ» دەپ تەرجىمە قىلامىكىن؟ لىكىن فىلىمدە «ئۇز مايمۇن شاھ»


乌鸡国 نى «قاغا توخۇ دۆلىتى» دەپ تەرجىمە قىلامۇ؟ لىكىن فىلىمدە «قارا توخۇ دۆلىتى»


齐天大圣 نى « ئەرىشكە تەڭداش ئەۋلىيا ئەزەم،» دەپ تەرجىمە قىلىشتىنمۇ ئۆتە نوچى تەرجىمە قىلىش ئۇسۇلى بارمىدۇ؟


ئەجدەر شاھ، شامال بۇرغا، كەلدى-كەتتى، زەكە جىن، مىتە چاققان، بوران چاپسان، يۈرۈن سۇلتان، سەرلەشكەر، مىراخور، ئاتمار دولي، غەلىتە قۇ، قۇ غەلىتە، دىلكەش ئەھيا، پاسىق سۆڭەك، تۈلكە جىن، سەيتەيجى، قاشاڭ ھارۋا دۆلىتى.... دەپ كەلسەك بەك جىق بۇنداق گەپلەر.....

غەرىبكە ساياھەتنى ئىمىن تۇرسۇن، كۆپرەك قىسمىنى مەريەم مەمتىمىن تەرجىمە قىلغانغۇ دەيمەن....

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 17:32:18

ۋاي راس، قىزىل باشلىق تۈگىنەك چالا قاپتۇ...  {:92:}

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 18:41:27

13- قەۋەتتىكى abdrttنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ۋاي راس، قىزىل باشلىق تۈگىنەك چالا قاپتۇ... \"\"

ئانا يۇرتتا ياشاي دىسەم كىملىكىم يوق، چەتكە چىقىپ كېتەي دىسەم پاسپورتۇم يوق، تۇيۇقسىز خوش بوپ كەتكەندە ئاسمانغا ئاتاي دىسەم دوپپام يوق، كۆڭلۈم يىرىم بولغاندا بىر سىلاپ قويۇشىقىمۇ ساقىلىم يوق...\"\"

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 19:04:47

غەرەپكە ساياھەت ، سۇ بۇيىدا ، ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە لەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئادەمنى ئۇيغۇرتىلىنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارىغا قول قويدۇرىدۇ ....

سۆزلەپ كەلسەك مىسال كۆپ ، ئەسلى تىلدا ئانچە پاساھەتلىك بولمىغان ئىبارىلەر تەرجىمە قىلىنغاندا تۇلىمۇ پاساھەتلىك كۈرۈنىدۇ ..

بۇ ئەرەپچىدىن تەرجىمە قىلغاندىكى پاساھەتنىڭ ئەسلىسىگە يىتەلمەسلىكى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولسا كېرەك .....

elxat421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 21:46:29

سۇ بۇيىدادىكى 108پالۋاننىڭ لەقەملىرىنىمۇ شۇنداق كەلتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان، باشقىسىنى دىمىسەكمۇ 及时雨 بەلىكىم ماڭغا قۇيۇپ بەرگەن بولسا ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر دەپ تەرجىمە قىلىۋىتەتىم ھەقاچان،  ئەدەبىي تەرجىمانلار شىپالىق يامغۇر دەپ دەششەت كەلتۇرۋەتكەن، ۋاقتىدا ياغقان يامغۇر ئەلۋەتتە شىپالىق بۇلۇدۇدە،  

بۇرۇن بىر ئۇيغۇر قىرىندىشىم ماڭا مۇشۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش بەك تەس تىل، خەنزۇچىدىكى بىر قۇر جۇملىنى تەرجىمە قىلسا ئۇيغۇرچە بىر ئابزاس بۇلۇدۇ دىگەن،   گەپ ئۇيغۇر تىلىدا ئەمەس، ئۆزمىزنىڭ سۆز بايلىقنىڭ كەملىكى ئىپادىلەش قابىلىيتىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىدە،

  مۇشۇ ئەدەبىي تەرجىمانلارنىڭ قولدا شاگىرىت بۇلۇپ ئىشلىگىم بار

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 11:58:51

10- قەۋەتتىكى oghuzhan2نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىككىنىجى قىتىملىق غەرىپكە ساياھەت بولغاندىكىن مانداق يىڭىچە مەزمۇندا يازمامسىلەر ، تاڭ سىڭ بىيجىڭدىن يولغا چىقىپ ھىندىستانغا نوم ئالغىلى ئەمەس سەئۇدى ئەرەبىستانغا قۇرئان ئالغىلى بارسۇن، يولدا جىن ئالۋاستىلار چاپلىشىۋالسا داخان تىپىپ پىرە ئويناپ ساقايتىسۇن ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قۇرئان ئەكىلپ ئىسلام دىنىنى تارقاتسۇن، ئاندىن مەلۇم بىر رەئىس ئىسلام دىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بىكىتسۇن دىگەندەك\"\" \"\" \"\" قاچانغىچە نوم ئەكىلىۋىردۇ دەيمەن



ئۇنداق قىلسا تېرورچىغا، سىياسىي جىنايەتچىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.

koxuk يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 20:03:39

天蓬元帅 نى ئەرش سىپىھدارى دەيتىغۇ دەيمەن.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 20:17:28

ئابدۇكېرىم خوجا باشچىلىقىدا قىزىل راۋاقتىكى چۈش تەرجىمە قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن بىراۋ،سىلەرنىڭ قىزىل راۋاقتىكى چۈش روماننى تەرجىمە قىلىشقا تىل بايلىقڭلار يەتتىمۇ؟- دەپ سورىغاندا، يەنە نەچچە تاغار ئېشىپ قالدى،- دەپتىكەن رەھمەتلىك.
بەت: [1] 2
: تەتۇرسىدىن يېزىلغان «غەربكە ساياھەت»