zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 14:35:42

cookieدېگەن نىمە؟

cookieدېگەن نىمە؟ تور بەت ئېچلىغاندىنكېيىن تور بەت ناملىرى يېنىدىكى 安全تىزملىكنى ئاچقاندىن كېيىن بىر دىئالوگ رامكىسى چىقىپhttp//:www.izdinix.com/addtopic..接受 دېگەندەك خەتلەر چىقىپ تۇرىدۇ، بۇنىمە ئەھۋال؟ بۇ نداق ئەھۋالدا تور بەتلەرنى نورمال زىيارەت قىلىش تەسىرگە ئۇچىرامدۇ؟ تىزىملىككە كىرىپ قالغان تور بەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۋېتىشكە بولامدۇ؟

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 15:32:36

بىرىنجى قۇردىكى خېتېڭىزنىلا ئۇقۇپ چۈشىنەلىدىم ، قالغانلىرىنى ئۇقۇپ چۈشىنىشكە ئامال بولمىدى ، Cookies دىگەنلىك (بىۋاستە تەرجىمىسى پىرەنىك) بىرخىل توربەت مۇلازىمىتېرىنىڭ بىر قىسىم ئۇچۇرلارنى ئابونت تەرەپ كومپيۇتېرىغا ساقلاش ۋە ئۇقۇش نى كۆرسىتدۇ ، مەسىلەن ، ئىشلەتكۈچى ئىسمى ئىم تور بەتكە چىققان ۋاقتى دىگەندەك ، مەسىلەن بىر قىسىم تور بەتلەرگە تىزىملىتىپ كىرىدىغان جايدا ئۇچۇرلارنى قانچىلىك مۇددەت ساقلايسىز دەپ سورايدىغان يىرى بار ، كىيىنكى قېتېم سىز مۇشۇ توربەتنى زىيارەت قىلغاندا تور بەت مۇلازىمىتىرى سىزنىڭ كومپيۇتېرىڭىزغا ساقلانغان Cookies سانلىق مەلۇماتلىرى ئارقىلىق بىۋاستە ئابونت ئۇچۇرىنى ئۇقۇپ ئالالايدۇ . تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلار لازىم بولسا گوگىللاپ باقسىڭىز بۇلىدۇ .

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 10:19:50

cookieدېگەن نىمە؟ ئۈچۈرۋېتىشكە بۇلامدۇ؟

قىسقىچىلا سوراي، ئۆزەممۇ تازا بىلمدىم شۇ.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 10:39:15

مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەندە ‹‹ ساقلاش ›› دىگەن جاينى بېسىۋەتكەن بولسىڭىز كىيىنكى قېتىم ئاشۇ بەتكە كىرگەندە ئىسىم ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئاپتۇماتىك تولدۇرۇلغان ھالەتتە ئېچىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك . ئۇنى بىكار قىلىش ئۇسۇللىرى كۆپ، مىنڭچە ئېنتىرنىت كۆزنىكىدە تۇرۇپ ‹‹ قورال›› تىزىملىكىدىن ئېنتىرنىت 选项غا كىرىپ ‹‹چىكىنگەندە cookie , زىيارەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىش›› دىگەننىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قۇيۇش بىلەن بىرگە شۇنىڭ يېنىدىكى ‹‹删除›› دىگەن تۈر ئارقىلىق چىققان تۈرلەرگە ئاساسەن تور زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ . ۋە ياكى يەنە شۇ ئېنتىرنىت 选项 دىن 安全 ھەم 隐私 قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز...مەن مۇشۇ ئۇسۇللارنى بىلىدىكەنمەن .

kokkaptar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 16:20:49

ئادەتتە cookie نىڭ تەڭشىكىدە مەسىلە بولسا، مۇنبەرگە پارول بىسىپ كىرگەندىن كىيىنمۇ بەت يېڭىلىنىپلا يەنە مىھمان ھالىتىگە ئۆتۈپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 17:03:07

4- قەۋەتتىكى kokkaptarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئادەتتە cookie نىڭ تەڭشىكىدە مەسىلە بولسا، مۇنبەرگە پارول بىسىپ كىرگەندىن كىيىنمۇ بەت يېڭىلىنىپلا يەنە مىھمان ھالىتىگە ئۆتۈپ قالىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

نەق مۇشۇنداق بۇلىۋاتىدۇ، بەزى مۇنبەرلەرگە كىرەلىگەن بولساممۇ بەزىسىدە سىز دېگەندەك ئەھۋاللار مەۋجۇت.

Abdikadir يوللانغان ۋاقتى 2013-6-5 22:01:33

3- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇنبەرگە تىزىملىتىپ كىرگەندە ‹‹ ساقلاش ›› دىگەن جاينى بېسىۋەتكەن بولسىڭىز كىيىنكى قېتىم ئاشۇ بەتكە كىرگەندە ئىسىم ۋە مەخپى نۇمۇرنى ئاپتۇماتىك تولدۇرۇلغان ھالەتتە ئېچىپ بېرىدىغان ئىقتىدارغا مۇناسىۋەتلىك . ئۇنى بىكار قىلىش ئۇسۇللىرى كۆپ، مىنڭچە ئېنتىرنىت كۆزنىكىدە تۇرۇپ ‹‹ قورال›› تىزىملىكىدىن ئېنتىرنىت 选项غا كىرىپ ‹‹چىكىنگەندە cookie , زىيارەت خاتىرىسىنى ئۆچۈرۈۋېتىش›› دىگەننىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسى قۇيۇش بىلەن بىرگە شۇنىڭ يېنىدىكى ‹‹删除›› دىگەن تۈر ئارقىلىق چىققان تۈرلەرگە ئاساسەن تور زىيارىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ . ۋە ياكى يەنە شۇ ئېنتىرنىت 选项 دىن 安全 ھەم 隐私 قاتارلىقلار ئارقىلىقمۇ مەسىلىنى ھەل قىلالايسىز...مەن مۇشۇ ئۇسۇللارنى بىلىدىكەنمەن .

مۇشۇنداق قىلسىڭىز بۇلىدۇ ، يەنى كومپيۇتېرغا ساقلىنىپ قالغان cookie ئۇچۇرلىرىنى تازىلىۋەتسىڭىز بۇلىدۇ .
بەت: [1]
: cookieدېگەن نىمە؟