windows100 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:29:57

تۈركىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتا 1730 ئادەم قولغا ئېلىنىپ،ئون مىليون دوللاردىن ئارتۇ

تۈركىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتا 1730 ئادەم قولغا ئېلىنىپ،ئون مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادى زىيان كېلىپ چىقتى



    6- ئاينىڭ 2 –كۈنى،ھۆكۈمەتنىڭ ئىستامبۇل شەھەر مەيدانىدىكى بىر باغچىنى چېقىشىغا قارشىلىق كۆرسىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئۈزلۈكسىز يامرىدى ،تۈركىيە ھۆكۈمىتنىڭ ستاستىكىسغا ئاساسلانغاندا،6 –ئاينىڭ 2 – كۈنىگە قەدەر،مەزكۇر دۆلەتنىڭ 67 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇنىدا جەمئى 235 قېتىم نامايىش يۈز بېرىپ، 1730 ئادەم قولغا ئېلىنىپ،ئون مىليون دوللاردىن ئارتۇق ئىقتىسادى


كېىلىپ چىققان.


1 – چىسلا ئىستامبۇلنىڭ تاكسىم مەيدانىدا باشلانغان نامايىش 2-چىسلا سەھەردە  ئەمدىلا بېسىقىشىغا ،شۇ كۈنى چۈشتىن كىيىن ،بۇ مەيدانىىڭ يېنىغا 30 مىڭدىن  ئارتۇق  قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئامما توپلىشىۋالغان،غەزەپلەنگەن نامايىشچىلار پىلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ يۇقۇرى ئاۋازدا “ھەممە يەردە قارشىلىق بار،ھەممە يەر تاكسىم ” دەپ شۇئار توۋلىغان.


شۇ كۇنى،پايتەخىت ئەنقەرە ۋە تۈركىيەنىڭ 3 – چوڭ شەھىرى ئىزمىردىمۇ قارشىلىق پائالىيتى يۈز بەرگەن،ئەنقەرەدىكى قىزىل يۈرەك(قىزىل قەلب؟) مەيدانىغا توپلاشقان ئادەم 20 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.غەزەپلەنگەن ئامما بىر قانچە ساقچى ماشىنىسىنى بۇزىۋەتكەن،ساقچىلار كۆپلىگەن نامايىشچىلارنى تۇتقان.تولۇق بولمىغان سىتاستىكىغا ئاساسلانغاندا،5 كۈن داۋاملاشقان نامايىش پۇقرا ۋە ئامما بولۇپ 100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.ئىقتىسادى زىيان زور بولغان.تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى مۇئامىر جۈلەيىر 2 – چىسلا بايانات ئىلان قىلىپ،28 – چىسلادىن باشلاپ مەزكۇر دۆلەتنىڭ 67 ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرى رايۇنىدا جەمئى 235 قېتىم نامايىش يۈز بېرىپ، 1730 ئادەمنىڭ   قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېيتقان.


جۈلەيىر مۇنداق دىگەن “جەمئى 1730 ئادەم قولغا ئېلىندى،لېكىن ئۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاغزاكى ئىسپات ئېلىنىپ سالاھىيتى بېكىتىلگەندىن كىيىن قويۇپ بېرىلدى،ئەنقەرە ۋە ئىستامبۇل نامايىش ئەڭ ئېغىر بولغان ئىككى شەھەر.زور بىر تۈركۈم ئاممىۋى قاتناش بېكەتلىرى،قاتناش بەلگە چىراغلىرى،يول بەلگىلىرى،ئاپتوماتىك پۇل ئېلىش ماشىنىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ زىيان 20 مىليون لىرادىن ئېشىپ كەتتى.خۇسۇسى ئورۇنلار ۋە باشقا جايلارنىڭ زىيىنى سىتاستىكىنىڭ ئىچىدە ئەمەس”



土耳其骚乱1730人被逮捕 造成超千万美元损失


2013060311:16  国际在线 微博 我有话说(160人参与


来源:新浪网国际新闻



  原标题:土耳其骚乱进入第5 1730人被逮捕


  原标题报道(记者 汤剑昆)62日,因抗议政府拆毁伊斯坦布尔城市广场一座公园而引发的反政府示威活动继续在土耳其各地蔓延。据土官方公布的统计数字,截至到2日,该国67个省级行政区共发生了235起示威活动,1730人被逮捕,造成了超过上千万美元的经济损失。


  1日在伊斯坦布尔塔克西姆广场上开始的游行示威活动2日早上刚被平息,当天下午,这一广场附近再次聚集起了近三万人的抗议人群。愤怒的示威者打着标语,并高呼哪里都有反抗,哪里都是塔克西姆的口号。


  同一天,在首都安卡拉和土耳其第三大城市兹密尔也都发生了抗议活动。在安卡拉红心广场,集会人群超过两万人。愤怒的人群砸毁了数辆警车。警察逮捕多名示威者。据不完全统计,持续5天的抗议活动造成了包括平民和警察在内的数百人受伤,经济损失巨大。土耳其内政部长穆阿梅尔·居来尔2日发表声明称,从28日开始,该国67个省级行政区发生了235起抗议活动,共有1730人被逮捕。


  居来尔说:一共有1730人被逮捕,不过他们中的大多数人,在录取口供和确认身份以后被释放。安卡拉和伊斯坦布尔,是爆发示威活动最严重的两个城市。大量公交车站、交通信号灯、路牌、银行取款机等设施被损毁。据粗略估计,损失超过2千万里拉。而私营场所和其他地方的损失尚没有被估算在内。


azizkixi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 17:58:44

بۇ ئىش كىچىك ئىش ئەمەسكەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 18:58:33

8- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

فەيسبۇك قاتارلىق مېدىيالاردا جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيسىنىڭ تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن خاتاي دىكى رەيھانلى ۋەقەسىدە سۈيقەستلىق قولى بار دىگەن خەۋەرلەر ئاشكارە بولدى.   



بۇ ۋەقە ھەققىدە توردا ئۇيغۇرچە مەلۇماتلار بارمۇ؟  بۇ ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە مۇمكىن بولارمۇ؟ خاتاي  دېگەن تۈركىيەدىكى بىرەر جاينىڭ نامىمۇ؟

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 19:33:00


17- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ۋەقە ھەققىدە توردا ئۇيغۇرچە مەلۇماتلار بارمۇ؟  بۇ ۋەقە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشكە مۇمكىن بولارمۇ؟ خاتاي  دېگەن تۈركىيەدىكى بىرەر جاينىڭ نامىمۇ؟



ئوتتۇرا دىڭىز بىلەن سۈرىيە ئارىسىغا جايلاشقان تۈركىيىنىڭ بىر ئۆلكىسى.




eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:16:27

يەلكەن بۇرادەرنى بۇ توغرىسىدا بىرنىمە دەپ باقسىكەن دىگەن ئۈمىدتىمەن ؟



بولسا باشقا تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان تورداشلاردىنمۇ ئەھۋاللارنى ئۇقۇپ باقساقكەن ؟

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:20:57

تۈركىيەنىڭ زىل ۋەزىيىتى يەنىلا بارھە

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:26:38

پولات ئالىمدار بۇ نامايىشنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى كىشىلەرنى جايلاپ بولغاندۇ بۇچاققىچە.

function يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 00:40:08

مانا بۇ دېموكىراتىيە، بىر ئاممىۋى باغچا ئۈچۈن پۈتۈن خەلق نامايىش قىلالايدىكەن، بىز چېقىلغان ۋە يوق قىلىۋتىلگەن مەدەنيەت ئىزنالىرى ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدۇق؟

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 01:33:50

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پىلتىسى بىر كىچىك پائالىيەتتىن باشلانغان. ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى بىر باغچىدىكى دەرەخلەرنىڭ سۆكۈلۈپ، ئورنىغا يېڭى بىر قۇرۇلۇشىنىڭ كېلىشى سەۋەبلىك، بەزى كىشىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش قىلىشىغا قارشى تۇرغان. دەسلەپتە بۇ ھەرىكەت، ئىستانبۇلدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نامايىشلارغا ئوخشاش مېديادا ئانچە داۋرىڭى بولمىغان ئىدى. لېكىن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىشىغا توسقۇنلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ساقچى تەرەپنى ئىشقا سالغان، ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئاممىنى تارقىتۋەتمەكچى بولدى ھۆكۈمەت. لېكىن بۇ ئىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا مەدەت بەردى، توردا چاقىرىقلار قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نارازىلىق توپىغا قېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا تۈركىيدە كىشىلەردە دائىم ساقچىلارغا نىسبەتەن سەلبى باھا مەۋجۇت بولغاچقا (ساقچىلارنىڭ دائىم قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدىغان 1-ماي پائالىيتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ سۇ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، تاياق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن بولسا كېرەك. بولۇپمۇ ياشلار ساقچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.)، ساقچىلارنىڭ نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلىرى، توردا ۋە سوتسىيال مېدىيا (فېيسبۇك، تۋىتتېر قاتارلىقلاردا) كۆپ تارقىلىپ، ھۆكۈمەتنى ياقىلىمايدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ توپلاپ كەلدى مەيدانغا. 3-4- كۈنلىرىگە كەلگەندە، ۋەقە تىنجىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قاتناشقۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ كەتتە، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە، ئىزمىرغا ۋە باشقا شەھەرلەرگىمۇ يېيىلدى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتتىن نارازى كىشىلەر، ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئوڭچىلار، سولچىلار، دىنچىلار، كومنىستلار ھەممىسى دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىۋالدى. مەيدانغا كەلمىگەنلەر، ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن تەلەڭگە، قوشۇقلار بىلەن داقا-دۇمباق چېلىپ مەدەت بەردى. 6-كۈنى بولغاندا، ساقچىلار تاكسىم مەيدانىدىن چېكىندى. نامايشچىلار ئۇ يەرلەرنى تازىلىغاندەك بولدى، ئىشلارنى بېسىقتى دېگەندە، بېشىكتاش مەيدانىدا ۋەقە توختىمىدى، ئەنقەرەدە توختىمىدى...... (قىسقىچە جەريانى موشۇنداق).



كېلىپ چىقىش ۋە تەرەققى قىلىش ھەققىدىكى مېنىڭ (شەخسەن) تەھلىلىم:

1. بۇ خىل تۈردىكى نامايىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ھۆكۈمەت ساقچىلار بىلەن نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرىۋېتەلەيمىز دەپ ھېسابلىدى ۋە شۇ كۈنىلا ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سالدى. (لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىدى. 1-ماي كۈنلىرى ئاساسەن بېسىقىپ بولاتتى.) باغچىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ باغچىنىڭ ئورنىغا نېمە ياسىلىدىغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈمەتتىن ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە بىر سودا-سارىيى سېلىنىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئىستانبۇلدا نىمە تولا، سودا سارىيى تولا. ھەر 500 مىتىر يەردە بىر ساراي. ساقچىلارنىڭ تۇنجى كۈنىلا بىر ئاز قاتتىق قول بولۇشى، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئۇلغايتىۋەتتى.

2. نامايىشقا بەزى داڭلىق سەنئەتچىلەر، تېلۋىزىيە پروگراممىچىلىرى مەدەت بېرىپ، قېتىلدى. سىياسەتچىلەر چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ دىققەت تارتىپ، بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۇ نامدار كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ توغرا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كۈچىيىپ باردى.

3. ئەزەلدىن ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتە تۇرىدىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر، پارتىيەلەر، گۇرۇھلارمۇ ئىشنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ ئىش ئاددى بىر نارازىلىقتىن، نامايشقا، نامايىشتىن قالايمىقانچىلىققا ئايرىلدى. توربەتلەردە ھەرخىل سۈرەتلەر (راس، يالغان ئارىلاش) يېيىلىشقا باشلىدى. نامايشچىلارنىڭ ئىچىدە، ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، دىنچى، ھەممىسى قېتىلدى. (رەسىملەر ۋە ۋىدىيولاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.) ئۇنىڭدىن سىرت، سوتسىيال مېديالاردىن توختىماي چاقىرىقلار كېلىپ تۇردى.

4. ھۆكۈمەت كەلگەندىن بېرى نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى، 3 قېتىم ئۈست-ئۈستىگە سايلامدا يەڭدى. بۇ باش مىنىستىرنى بىرئاز ئۆزىنىڭ بىرئاز بىلەلمەي قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى دەپ قارايمەن. 5-كۈنى بولغاندا، يەنىلا نامايشقا چىققان كىشىلەرنى ئەيىپلەپ سۆز قىلدى. بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن كىشىلەرنىمۇ نارازى قىلىشقا باشلىدى.

5. ۋەقە جەريان قىلىپ 5- كۈنىگە كەلگەندە شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقىپ، بىز ئۇ يەرگە سودا ساراي سالمايمىز، بۇنداق ئىش يوق دېدى. (ئەسلىدە بالدۇرراق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا، بۇنچىۋالا چوڭىيىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى).



كىشىلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى:

1. 50% كىشى ئا ك پ نى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بىلەن، يەنە شۇنچىلىك كىشى ھۆكۈمەتنى قوللىمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنى قوللىمايدىغان گۇرۇھلارنىڭ بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىنىق ئىدى. بولۇپمۇ، دائىم 1-ماي باھانىسى بىلەن ئىستانبۇلدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان گۇرۇپپلار، 3-،4-كۈنلىرى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.

2. تۈركىيەدىكى كۆپىنچە كىشىلەر تۈركىيەنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن كۈچىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسا، رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن، تاشقى سىياسەتتە بەك ئاكتىپ. سۈرىيە بۇنىڭ بىر مىسالى. خەلق بولسا، سۈرىيە بىلەن ھەپىلىشىدىغان ھالىمىز يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى چاغلىق دەپ قارايدۇ (پ ك ك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ساڭا نىمە ھال دەيدۇ.) غەرپكە قارشى قاراشتىكىلەر بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالدى دەيدۇ. ئىسلامغا مايىل كىشىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇراشەرققە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگىنىدىن خۇشال بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش. بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىدىن خەلق رازى ئەمەس، ئۆزىمىز ئاچ تۇرۇپ 300مىڭ سۈرىيەلىكنى بېقىۋاتىمىز دېگەندەك. شۇڭا ئەسلىدىن ھۆكۈمەتكە مايىل بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماسلىق تەرىپىگە ئۆتكەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز سىياسىتىدىن چەتنىمەي مېڭىشى، خەلقتە ئەردوغاننى دېكتاتورلۇق يولىغا مېڭىۋاتىدۇ دېگەن پىكىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا يول ئاچتى. بۇنىڭسىزمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە پرېزدىنتلىق سېستىمىسى مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەردوغاننىڭ پرىزېدېنت بولۇش ئويى بارلىقىغا كۆپچىلىك ئىشىنىدۇ.

پرىزدېنتلىق سېستېمىسى

ئىسپىرتلىق ئىچىملىك قانۇنى

پۇل پاخاللىقى نىسبىتى

.....

بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتە بىر نارازىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇلارغا قارىماي، خەلق يەنىلا ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلدى، چۈنكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرەر ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەردوغانمۇ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ سىياسەتلىرى بارغانسېرى مۇستەبىتلىككە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ئانالىزچىلەر. نۇرغۇن يازغۇچى، مۇخبىرلار تۈرمىگە سولاندى، ئارمىيەدىكى گېنېراللار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئەردوغان بارغانسېرى رەقىپلىرىنى يىقىتىپ ماڭدى. ھەم خەلق مېنى قوللايدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلدى، لېكىن بۇ قېتىمقى نامايىش ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

3. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ بار بولىشىمۇ مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھېچقايسىسى مۇقىم ئەمەس. شەرقى جەنۇبىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرى ئۇرۇش پاتقىقىنىڭ ئىچىدە، غەرپتىكى گرىتسىيە قاتارلىقلار بولسا ئىقتىسادى كىرزىستا. لېكىن تۈركىيە بولسا 10 يىلدىن بۇيان مۇقىم كېتىپ بارىدۇ، ئىقتىسادى بارغانسېرى كۈچلۈكلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ھەتتا 2008دىكى كىرزىستىمۇ ھېچ زىيانغا ئۇچرىماي سالامەت چىقتى. ياۋروپا مېدياسى بۇنى «تۈرك باھارى» دەپ باھالاشقا ئۈلگۈردى، خاراكتېر جەھەتتىن قەتئىي ئوخشىمىسىمۇ. سۈرىيەگە ئەڭ كۈچلۈك تەھدىت تۈركىيە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوچۇقتىن ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەسات كېتىشى كېرەك دەپ. تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئەردوغان بىلەن ئوباما قوشما بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالسا، ئەلۋەتتە سۈرىيەنىڭ ئومىچى پىشىدۇ. (لېكىن ئەمەلىيەت، سۈرىيەگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك، قالايمىقانچىلىق بولمايدۇ.)



خۇلاسە كالام، كىچىككىنە بىر دەرەخ ۋەقەسى بىلەن باشلىنىپ، خەلقنىڭ ھەرخىل نارازىلىقىنىڭ پارتىلاپ چىققان بىر ۋەقە بولدى. بۇنى ئەردوغان بۇنچىۋالا يوغىناپ كېتىشتىن بۇرۇن توسۇپ قالالايتتى. لېكىن ھېلىمۇ بۇنى كونترول قىلالايدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن بىر كىچىك سىناق بولدى دەپ قارايمەن.

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 01:44:25

تۈركىيەدىكى نامايشنىڭ پارتىلىشىغا ئاساسلىق سەۋەبچى ئىش گىزى باغچىسنىڭ ئورنىغا سودا ساراي سىلېش پىلانىنى ھاكىميەت بىشدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى بىلەن ئىستانبول شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ خەلققە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە چۈشەندۈرۈش برىلمگەن سەۋەبلىلك كىلپ چىققان ئۇرۇش ،چىقش كۆيدۈرۇش ۋەقەسى.

ئادەتتىكى باغچا ۋەقەسىنى ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى سىياسىۋىلاشتۇرۇپ ،تۈركىيە ۋە تۈرك خەلقىنىڭ كىشىللىك دۇنيا قاراش ، قىممەت قاراش ، ئىسلامىي دۇنيا قاراش ۋە ئىسلامىي قىممەت قاراشلارغا زىت كىلدىغان ،تۈركىيەگە ماس كەلمەيدىغان غەرپچە دىمكوراتىيەنى ئىلىپ كەلمەكچى ھەمدە بۇ خىل ھەمدە بۇ خىل غەرپچە دىمكوراتىيەنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاتالمىش ‹‹تۈرك باھارى›› دەپ ئويناۋاتقان سىياسىي ئويوندىن ئىبارەت .

ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسىنىڭ‹‹ ئەلەۋى مەزھىبى››دىن بولغان سىكىرىتارى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ،سۈرىيەنىڭ ‹‹ ئەلەۋى مەزھىبى››دىن بولغان پىرزدىنتى باششار ئەسسەدكە ياردەملىشىش ۋە تۈركىيەدە قالايمىقانچىلق چىقىرىپ تۈركىيەنىڭ باششار ئەسسەدكە قارشى بولغان ياردەملىرىنى توختىتشتىن ئىبارەت .

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 02:47:04

5- قەۋەتتىكى YELKENنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ پىلتىسى بىر كىچىك پائالىيەتتىن باشلانغان. ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىدىكى بىر باغچىدىكى دەرەخلەرنىڭ سۆكۈلۈپ، ئورنىغا يېڭى بىر قۇرۇلۇشىنىڭ كېلىشى سەۋەبلىك، بەزى كىشىلەر نارازىلىق بىلدۈرۈپ، قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىش قىلىشىغا قارشى تۇرغان. دەسلەپتە بۇ ھەرىكەت، ئىستانبۇلدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان نامايىشلارغا ئوخشاش مېديادا ئانچە داۋرىڭى بولمىغان ئىدى. لېكىن قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ ئىشىغا توسقۇنلىق قىلىنغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمەت ساقچى تەرەپنى ئىشقا سالغان، ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، نارازىلىق بىلدۈرىۋاتقان ئاممىنى تارقىتۋەتمەكچى بولدى ھۆكۈمەت. لېكىن بۇ ئىش بۇنىڭلىق بىلەن توختاپ قالمىدى، بەزى پارلامېنت ئەزالىرىمۇ بۇنىڭغا مەدەت بەردى، توردا چاقىرىقلار قىلىنىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر نارازىلىق توپىغا قېتىلىشقا باشلىدى. ئەسلىدىنلا تۈركىيدە كىشىلەردە دائىم ساقچىلارغا نىسبەتەن سەلبى باھا مەۋجۇت بولغاچقا (ساقچىلارنىڭ دائىم قاتتىق كۈچ ئىشلىتىشى، بولۇپمۇ ھەر يىلى بولۇپ تۇرىدىغان 1-ماي پائالىيتىدىكى قالايمىقانچىلىقلارنى تىزگىنلەش ئۈچۈن، ساقچىلارنىڭ سۇ، ياش ئاققۇزۇش بومبىسى، تاياق دېگەندەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قېلىشىدىن بولسا كېرەك. بولۇپمۇ ياشلار ساقچىلارنى ئۆچ كۆرىدۇ.)، ساقچىلارنىڭ نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوللانغان كۈچلىرى، توردا ۋە سوتسىيال مېدىيا (فېيسبۇك، تۋىتتېر قاتارلىقلاردا) كۆپ تارقىلىپ، ھۆكۈمەتنى ياقىلىمايدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى كىشىلەرنى تېخىمۇ كۆپ توپلاپ كەلدى مەيدانغا. 3-4- كۈنلىرىگە كەلگەندە، ۋەقە تىنجىش ئۇياقتا تۇرسۇن، قاتناشقۇچىلىرى تېخىمۇ كۆپىيىپ، دائىرىسى كېڭىيىپ كەتتە، ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە، ئىزمىرغا ۋە باشقا شەھەرلەرگىمۇ يېيىلدى. بۇ جەرياندا ھۆكۈمەتتىن نارازى كىشىلەر، ئۆكتىچى پارتىيەلەر، ئوڭچىلار، سولچىلار، دىنچىلار، كومنىستلار ھەممىسى دېگۈدەك كوچىلارغا چىقىۋالدى. مەيدانغا كەلمىگەنلەر، ئۆيلىرىنىڭ دېرىزىلىرىدىن تەلەڭگە، قوشۇقلار بىلەن داقا-دۇمباق چېلىپ مەدەت بەردى. 6-كۈنى بولغاندا، ساقچىلار تاكسىم مەيدانىدىن چېكىندى. نامايشچىلار ئۇ يەرلەرنى تازىلىغاندەك بولدى، ئىشلارنى بېسىقتى دېگەندە، بېشىكتاش مەيدانىدا ۋەقە توختىمىدى، ئەنقەرەدە توختىمىدى...... (قىسقىچە جەريانى موشۇنداق).



كېلىپ چىقىش ۋە تەرەققى قىلىش ھەققىدىكى مېنىڭ (شەخسەن) تەھلىلىم:

1. بۇ خىل تۈردىكى نامايىشلار بەك كۆپ يۈز بېرىپ تۇرغاچقا، ھۆكۈمەت ساقچىلار بىلەن نامايشچىلارنى تارقاقلاشتۇرىۋېتەلەيمىز دەپ ھېسابلىدى ۋە شۇ كۈنىلا ساقچى كۈچلىرىنى ئىشقا سالدى. (لېكىن مۇۋاپپىقىيەتلىك بولمىدى. 1-ماي كۈنلىرى ئاساسەن بېسىقىپ بولاتتى.) باغچىدىكى دەرەخلەرنى كېسىپ باغچىنىڭ ئورنىغا نېمە ياسىلىدىغانلىقى توغرىلىق ھۆكۈمەتتىن ئېنىق بىر چۈشەندۈرۈش كەلمىدى، شۇنىڭ بىلەن بۇ يەرگە بىر سودا-سارىيى سېلىنىدىكەن دېگەن گەپلەر تارقالدى. ئىستانبۇلدا نىمە تولا، سودا سارىيى تولا. ھەر 500 مىتىر يەردە بىر ساراي. ساقچىلارنىڭ تۇنجى كۈنىلا بىر ئاز قاتتىق قول بولۇشى، كىشىلەرنىڭ نارازىلىقىنى ئۇلغايتىۋەتتى.

2. نامايىشقا بەزى داڭلىق سەنئەتچىلەر، تېلۋىزىيە پروگراممىچىلىرى مەدەت بېرىپ، قېتىلدى. سىياسەتچىلەر چىقتى. شۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ دىققەت تارتىپ، بارغانسېرى ئۇلغىيىشقا باشلىدى. بۇ نامدار كىشىلەرنىڭ قېتىلىشى بىلەن، كىشىلەردە ئۆزلىرىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيىتىنىڭ توغرا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تۇتقان سىياسىتىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش كۈچىيىپ باردى.

3. ئەزەلدىن ھۆكۈمەت بىلەن ئۆكتە تۇرىدىغان كۆز قاراشقا ئىگە كىشىلەر، پارتىيەلەر، گۇرۇھلارمۇ ئىشنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. بۇ ئىش ئاددى بىر نارازىلىقتىن، نامايشقا، نامايىشتىن قالايمىقانچىلىققا ئايرىلدى. توربەتلەردە ھەرخىل سۈرەتلەر (راس، يالغان ئارىلاش) يېيىلىشقا باشلىدى. نامايشچىلارنىڭ ئىچىدە، ئوڭچى، سولچى، مىللەتچى، دىنچى، ھەممىسى قېتىلدى. (رەسىملەر ۋە ۋىدىيولاردىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇ.) ئۇنىڭدىن سىرت، سوتسىيال مېديالاردىن توختىماي چاقىرىقلار كېلىپ تۇردى.

4. ھۆكۈمەت كەلگەندىن بېرى نۇرغۇن سىياسەتلەرنى يولغا قويۇپ، خەلقنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈردى، 3 قېتىم ئۈست-ئۈستىگە سايلامدا يەڭدى. بۇ باش مىنىستىرنى بىرئاز ئۆزىنىڭ بىرئاز بىلەلمەي قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى دەپ قارايمەن. 5-كۈنى بولغاندا، يەنىلا نامايشقا چىققان كىشىلەرنى ئەيىپلەپ سۆز قىلدى. بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭغا ئاۋاز بەرگەن كىشىلەرنىمۇ نارازى قىلىشقا باشلىدى.

5. ۋەقە جەريان قىلىپ 5- كۈنىگە كەلگەندە شەھەرلىك ھۆكۈمەت چىقىپ، بىز ئۇ يەرگە سودا ساراي سالمايمىز، بۇنداق ئىش يوق دېدى. (ئەسلىدە بالدۇرراق ئىپادە بىلدۈرگەن بولسا، بۇنچىۋالا چوڭىيىپ كەتمەسلىكى مۇمكىن ئىدى).



كىشىلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق كەيپىياتىنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنىڭ سەۋەبى:

1. 50% كىشى ئا ك پ نى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن بىلەن، يەنە شۇنچىلىك كىشى ھۆكۈمەتنى قوللىمايدۇ. شۇڭا ھۆكۈمەتنى قوللىمايدىغان گۇرۇھلارنىڭ بۇ ئىشنى باھانە قىلىپ، ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىنىق ئىدى. بولۇپمۇ، دائىم 1-ماي باھانىسى بىلەن ئىستانبۇلدا قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغان گۇرۇپپلار، 3-،4-كۈنلىرى پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدى.

2. تۈركىيەدىكى كۆپىنچە كىشىلەر تۈركىيەنىڭ نورمال تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن كۈچىمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ. تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئىچىگە كىرىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ. ھالبۇكى، ھازىرقى ھۆكۈمەت بولسا، رايون خاراكتېرلىك كۈچ بولۇش ئۈچۈن، تاشقى سىياسەتتە بەك ئاكتىپ. سۈرىيە بۇنىڭ بىر مىسالى. خەلق بولسا، سۈرىيە بىلەن ھەپىلىشىدىغان ھالىمىز يوق، ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالى چاغلىق دەپ قارايدۇ (پ ك ك مەسىلىسىنى ھەل قىلماي تۇرۇپ، ساڭا نىمە ھال دەيدۇ.) غەرپكە قارشى قاراشتىكىلەر بولسا، ھۆكۈمەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئويۇنچىقىغا ئايلىنىپ قالدى دەيدۇ. ئىسلامغا مايىل كىشىلەر، ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇراشەرققە بەكرەك كۆڭۈل بۆلگىنىدىن خۇشال بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئامېرىكىنىڭ ئويۇنىنى ئويناۋاتىدۇ دەپ ئويلايدۇ، ئىككىلىسى ئوخشاش. بولۇپمۇ سۈرىيە مەسىلىسىدىكى ھۆكۈمەتنىڭ پوزىتسىيەسىدىن خەلق رازى ئەمەس، ئۆزىمىز ئاچ تۇرۇپ 300مىڭ سۈرىيەلىكنى بېقىۋاتىمىز دېگەندەك. شۇڭا ئەسلىدىن ھۆكۈمەتكە مايىل بىر قىسىم كىشىلەرمۇ ھۆكۈمەتنى قوللىماسلىق تەرىپىگە ئۆتكەندەك كۆرۈنىۋاتىدۇ. بۇنداق ئەھۋال ئاستىدىمۇ، ھۆكۈمەتنىڭ ئۆز سىياسىتىدىن چەتنىمەي مېڭىشى، خەلقتە ئەردوغاننى دېكتاتورلۇق يولىغا مېڭىۋاتىدۇ دېگەن پىكىرنىڭ تەرەققى قىلىشىغا يول ئاچتى. بۇنىڭسىزمۇ بىر قانچە يىلدىن بۇيان تۈركىيەدە پرېزدىنتلىق سېستىمىسى مۇنازىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەردوغاننىڭ پرىزېدېنت بولۇش ئويى بارلىقىغا كۆپچىلىك ئىشىنىدۇ.

پرىزدېنتلىق سېستېمىسى

ئىسپىرتلىق ئىچىملىك قانۇنى

پۇل پاخاللىقى نىسبىتى

.....

بۇلارنىڭ ھەممىسى خەلقتە بىر نارازىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلدى. لېكىن بۇلارغا قارىماي، خەلق يەنىلا ھۆكۈمەتنى قوللاپ كەلدى، چۈنكى ئۆكتىچى پارتىيەلەرنىڭ بىرەر ئىش قىلالايدىغانلىقىغا ھېچكىم ئىشەنمەيدۇ. ئۆكتىچى پارتىيەنىڭ كارغا كەلمەيدىغانلىقىنى ئەردوغانمۇ بىلىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ سىياسەتلىرى بارغانسېرى مۇستەبىتلىككە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ دەپ قارايدۇ ئانالىزچىلەر. نۇرغۇن يازغۇچى، مۇخبىرلار تۈرمىگە سولاندى، ئارمىيەدىكى گېنېراللار تۈرمىلەرگە تاشلاندى. ئەردوغان بارغانسېرى رەقىپلىرىنى يىقىتىپ ماڭدى. ھەم خەلق مېنى قوللايدۇ دەپ ئىشىنىپ كەلدى، لېكىن بۇ قېتىمقى نامايىش ئۇنداق ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ قويدى.

3. بۇلاردىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ بار بولىشىمۇ مۇمكىن.

تۈركىيەنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنىلىرىغا قارايدىغان بولساق، ھېچقايسىسى مۇقىم ئەمەس. شەرقى جەنۇبىدىكى ئەرەپ دۆلەتلىرى ئۇرۇش پاتقىقىنىڭ ئىچىدە، غەرپتىكى گرىتسىيە قاتارلىقلار بولسا ئىقتىسادى كىرزىستا. لېكىن تۈركىيە بولسا 10 يىلدىن بۇيان مۇقىم كېتىپ بارىدۇ، ئىقتىسادى بارغانسېرى كۈچلۈكلىشىپ كېتىپ بارىدۇ، ھەتتا 2008دىكى كىرزىستىمۇ ھېچ زىيانغا ئۇچرىماي سالامەت چىقتى. ياۋروپا مېدياسى بۇنى «تۈرك باھارى» دەپ باھالاشقا ئۈلگۈردى، خاراكتېر جەھەتتىن قەتئىي ئوخشىمىسىمۇ. سۈرىيەگە ئەڭ كۈچلۈك تەھدىت تۈركىيە. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئوچۇقتىن ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ئەسات كېتىشى كېرەك دەپ. تېخى بىر ئاينىڭ ئالدىدا ئەردوغان بىلەن ئوباما قوشما بايانات ئېلان قىلدى. تۈركىيە قالايمىقانچىلىق ئىچىدە قالسا، ئەلۋەتتە سۈرىيەنىڭ ئومىچى پىشىدۇ. (لېكىن ئەمەلىيەت، سۈرىيەگە تەسىر كۆرسەتكۈدەك، قالايمىقانچىلىق بولمايدۇ.)



خۇلاسە كالام، كىچىككىنە بىر دەرەخ ۋەقەسى بىلەن باشلىنىپ، خەلقنىڭ ھەرخىل نارازىلىقىنىڭ پارتىلاپ چىققان بىر ۋەقە بولدى. بۇنى ئەردوغان بۇنچىۋالا يوغىناپ كېتىشتىن بۇرۇن توسۇپ قالالايتتى. لېكىن ھېلىمۇ بۇنى كونترول قىلالايدۇ. بۇ تۈركىيە ئۈچۈن بىر كىچىك سىناق بولدى دەپ قارايمەن.

ناھايىتى ئەتىراپلىق تەھلىل قىپسەن.

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 03:52:10

6- قەۋەتتىكى erkuyghurنىڭ يازمىسىدىن نەقىل



ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسىنىڭ‹‹ ئەلەۋى مەزھىبى››دىن بولغان سىكىرىتارى كامال قىلىچدار ئوغلىنىڭ ،سۈرىيەنىڭ ‹‹ ئەلەۋى مەزھىبى››دىن بولغان پىرزدىنتى باششار ئەسسەدكە ياردەملىشىش ۋە تۈركىيەدە قالايمىقانچىلق چىقىرىپ تۈركىيەنىڭ باششار ئەسسەدكە قارشى بولغان ياردەملىرىنى توختىتشتىن ئىبارەت .

كامال قىلىچدار ئوغلۇ نۇسايرىمۇ؟


فەيسبۇك قاتارلىق مېدىيالاردا جۇمھۇرىيەت خەلىق پارتىيسىنىڭ تېخى يېقىندا يۈز بەرگەن خاتاي دىكى رەيھانلى ۋەقەسىدە سۈيقەستلىق قولى بار دىگەن خەۋەرلەر ئاشكارە بولدى. ئۇنىڭدىن بۇرۇن كىشىلەر ئەردوغاننى ئەيىپلەپ، ئۇنىڭ ئامېركىنىڭ تىزگىنلىشى بىلەن ئىش قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە گەپ-سۆزلەر چىقتى، چۈنكى ئۇ ئامېركىغا زىيارەتكە بېرىش ھارپىسىدا بۇ ئىش بولغان ئىدى. ئەمەلىيەتتىمۇ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى سۈرىيەدىكى رېجىمغا پۈتۈن كۈچى بىلەن قارشى تۇرۇپ، سۈرىيە خەلقىگە پاناھلىق بېرىۋاتقان بولسىمۇ، ئۆتكەن يىللاردىن باشلاپ ئايروپىلان ئېتىپ چۈشۈرۈش، سۈرىيە چىگرىسىغا بومبا چۈشۈپ بەش كىشى ئۆلۈش قاتارلىق ۋەقەلەرگە نىسبەتەن سۈرىيەگە ئاكتىپلىق بىلەن ئىنكاس بىلدۈرەلمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى سۈرىيەنىڭ ئارقا تەرىپىدە بەشارنى قوللاۋاتقان ئىسرائىلىيە، ئېران ۋە روسسىيە قاتارلىقلار بار بولۇپ، يېنىكلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرالمايتتى. بۇنىڭدا مەلۇم دەرىجىدە دۇنياۋى تەرتىپتە مۇھىم رول ئوينايدىغان ئامېركىنىڭ ئاغزىغا قاراپ قېلىشى تەبىئى ئەھۋال بولىشى مۇمكىن ئىدى.



ئۇنىڭدىن باشقا پۇقرالار سۈرىيە ئىشىغا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارلىشىپ، ئۇرۇشقا پېتىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ئالدىنقى قېتىم سۈرىيە چىىگرىسىغا بومبا چۈشكەندە ئىستانبۇل تاكسىم مەيدانىدا نۇرغۇن كىشى توپلىنىپ ئۇرۇشقا قارشى نامايىش قىلدى. مۇسۇلمان ئامما سۈرىيەدىكى مۇسۇلمانلارنى قېرىنداشلىرى، قوشنىلىرى ھېسابىدا قوشنىلىق، قېرىنداشلىق ھەقلىرىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقلىرىنى ئۆز مەجبۇرىيەت دەپ چۈشەنگەن بولسا، سولچىل ئامما ئۆز خاتىرجەملىكىنى ئويلىدى، ئۇرۇشتىن زىيان ۋە ئۆلۈم يېتىم كىلىپ چىقىشىدىن ئەنسىرىدى.


ھازىرغىچە تۈركىيە بەشارغا قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى قوللاپ كەلدى، پۇخرالىرىغا پاناھلىق بېرىپ، قۇتقۇزۇش ئەۋەتىپ كەلدى. بۇ ئېنىقلا بەشارنى قوللاۋاتقان ئەلەۋىيلەر، ھىزىبۇللا قاتارلىق ئازغۇن دىنى كۈچلەر ۋە بۇلارنىڭ ئارقىسىدىكى ئىران قاتارلىق مۇناپىق، رەزىل دۆلەتلەر، ئوتتۇرا شەرىقنىڭ قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پېتىپ، ئۆزىنىڭ ئامانلىقىنىڭ كاپالەتكە ئىگە  بولۇشىنى ئىزدىگەن ئىسرائىلىيە قاتارلىقلارغا ياقمايدۇ. بۇنى تىزگىنلەش ۋە توختۇتۇش ئۈچۈن تۈرك دۆلىتى ئىچىدىكى ھاكىمىيەت پارتىيسى بىلەن قارشىلىقى بولغان پارتىيەلەرنى كۈشكۈرتۈش ۋە دۆلەت ئىچىدە چوڭ-كىچىك ۋەقەلەرنى چىقىرىش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھاكىمىيەت پارتىيسگە بولغان ئىشەنچىنى ئاجىزلىتىش...



جومھۇرىيەت خەلق پارتىيسىدىكىلەرنىڭ بەشار بىلەن كۆرۈشكەنلىك خەۋرى رەيھانلى ۋەقەسىنىڭ بۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىش ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى. لىكىن، بۇنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچى پارتىيەگە قارشى پارتىيە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭ چىقىشالمايدىغانلىرى بىلەن كىلىشىشىنى سىياسى سۈيقەست دىسەكمۇ بۇ ئىككى پارتىيە ئوتتۇرىسىدىدىكى زىدىيەتنىڭ دىنى مەزھەپ زىدىيتى ئىكەنلىكى ئەقىلگە ئانچە مۇۋاپىق ئەمەس. چۈنكى پۈتۈن CHP نى قوللايدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئەلەۋى بولۇپ كىتىش ناتايىن. بەشار گەرچە نۇسايرى بولسىمۇ، مۇسۇلمانلارنى كاپىر ئەسكەرلىرى ۋەھسىيانە قىرىۋاتقان بولسىمۇ سۈرىيەدىكى توقۇنۇشنى ھەم نوقۇل مەزھەپ توقۇنىشى دىگىلى بولمايدۇ...

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 06:34:40

يەلكەننىڭ تەپسىلىي چۈشەنچە بەرگەنلىكىگە ناھايىتى خوش بولدۇم .

يەلكەنگە ، بىلىگكە ۋە باشقا ئەمەلىي ئەھۋاللاردىن چۈشەنچە بەرگەن تورداشلارغا رەھمەت ئېيتىمەن . \"\"

erkuyghur يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 11:14:28

ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى سىكىرىتارىنىڭ ئويناۋاتقان ئاتالمىش ‹‹تۈرك باھارى››سىياسي ئويۇنىنىڭ گەرچە مەزھەب توقۇنۇشى بولمىسىمۇ بىراق ئۆز مەزھىبىگە  سادىقلىق كۆرسەتمەكچى بولۋاتقانلىقىنى ،تۈركىيەدىكى 15 مىليوندىن ئارتۇق ئەلەۋي لەرنى كەلگۈسىدە قانداق كۈچلەندۇرۇش؟ سۈرىيەدىكى ئەلەۋي كۈچلەرىگە قانداق ياردەم بىرىش ۋە قانداق قىلىپ قوغداپ قىلىش توغىرىسىدا ئىزدىنىۋاتقان پىلانلىرىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ.

ئۆكتىچى جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيسى سىكىرىتارىنىڭ ‹‹نۇسەيرىيە›› ئەزاسىمۇ قانداق دىگەن توغىرىسىدا مەلۇماتىم يوق ھەم ئىزدىنىپمۇ باقمىدىم .

Religion in Turkey

From Wikipedia, the free encyclopedia

Islam is the largest religion of Turkey. Around 99.0% percent of the population is registered as Muslim. Most Muslims in Turkey are Sunnis forming about 80%, and Alevis (branch of Shia Islam) form about 20% of the Muslim population. There is also a Twelver Shia community which forms about 3% of the Muslim population. Christians (Oriental Orthodoxy, Greek Orthodox and Armenian Apostolic) and Jews (Sephardi), who comprise the non-Muslim population make up 0.7% of the total.

شىئە مەزھىبىنڭ بىر تارمىقى بولغان ‹‹ ئەلەۋي›، ۋە ‹‹نۇسەيرىيە›› مەزھەبلىرىنىڭ دۇنيا مۇسۇلمان ئالملىرى تەرىپىدىن چىقارغان پەتىۋاسى ھەم يۈسۇف قەرداۋىنىڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى سۆزلىگەن خۇتبىسىدىن ئالغان مەلۇماتىمدا ئۇلار خىرستىئان ۋە يەھۇدىيلاردىنمۇ ئەشەددي بىر كاپىر مەزھەب ئىكەن .

temsilci يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 12:02:44

ئەردوغان دەيدۇكى:تىۋىتىر بىر باش بالاسى.مۇشۇ نەرسە بولمىسا قالايمىقانچىلىق بۇنداق يوغىنىماستى...

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 12:59:58



تۈركىيەدىكى بۇ نامايىشنى كىم كۈشكۈرىتكەن بولسۇن ياكى كىم تەشكىللىگەن بولسۇن بۇ نۇرمال ھەرىكەت . ھۆكۈمەتنىڭ قانۇن تۈزۈش ۋە ئىجرا قىلىنىش ھوقۇقى قىلغۇدەك خەلىقنىڭمۇ قوبۇل قىلىش ۋە ئىتىراز بىلدۈرۈش ھوقوقى بولىدۇ . دۇنياغا تەسىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن كۈنسىرى يۈكسىلىۋاتقان تۈركىيەنىڭ تىخىمۇ خەلىقچىل ھاكىمىيەت قۇرۇشىغا پايدىلىق . ئەلۋەتتە بۇ ھەرىكەت ئەردوغان ئەپەندى باشچىلىقىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزىۋاتقان پارتىيە ئۈچۈنمۇ بىر سىناق . بۇ ھەرىكەتنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش دۆلەت ئىچىدە خەلىقنىڭ ھازىرقى ھۆكۈمەتكە بولغان ئىشەنچىنىڭ تىخىمۇ ئىشىشى بىلەن بىرگە تۈركىيەنىڭ خەلىقئارادىكى ئىجابى ئوبرازىنىڭ تىخىمۇ ياخشىلىنىشى تەبىئىي .

matu يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 15:34:08

ساقچىلىرىنى تەربىيلەپ بېرىش كېرەك.

kukhelal2 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 17:16:09

ئەسكەرتىش:ئاداۋەت ئاچچىق بولىدۇ.ئۇ كىشىنى ۋاستە تاللىمايدىغان چاكىنا ئىنسانغا ئايلاندۇرۇپ قويالايدۇ.بۇنداق چاغدا ئۇنۇڭ قەلبىگە قىرىنداشلىق مىھىر ۋە مىللىي مۇھاببەت تىتىقسىز نەرسە بولۇپ تۇيۇلىدۇ.رىئاللىقنىڭ ئاچچىق شارابىنى تىتىغان كۆڭۈل مەۋھۇم دۇنيادا قىرىنداشلىرىدىن ئازار يىيىشنى خالىمايدۇ.پەقەت رىئال دۇنيادا باراۋەرلىك ئاساسىدا تۇرغان ئادەم ھەممە كىشىدىن تەلەپ قىلىپ قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالىدۇ.سۆيۈلۈشنى تەلەپ قىلىپ سۆيۈشنى ئۇنتۇش ساپ ھاۋادا يۇقىدىغان كىسەل بولسا كىرەك.ئەمما قارا بۇلۇتلۇق كىچىدە كىشىلەر مۇھاببەت بىرىشنى ۋە مۇھاببەت ئىلىشنى تولۇق چۈشىنىدۇ.ئەھمىيەتسىز بىلىنگەن كىشىلىك مۇھاببەتنى ئۇلار كۆزلىرىگە سۈرىدۇ.مانا بۇ ئوخشىمىغان موھىتنىڭ كىشىلەر قەلبىنى ئوخشىمىغان تۇيغۇلارغا ئەسىر قىلىشى.مۇنبەردە بەزى كىشىلەر زۇلمەتنى چۈشەنمىگەچكە مۇھاببەتنى تونۇپ يىتەلمەيدۇ.ئاداۋەتنى قانداق يۇيۇشنى،ئاداۋەتنىڭ كىمگە قايسى يۇسۇندا بولىدىغىنىنى بىلمەيدۇ.ئۇلارنىڭ بىلىدىغىنى پەقەت ئۇنى مەغلۇپ قىلىش ئۇنى باش ئەگدۇرۇشلا خالاس.بۇنۇڭ ئۈچۈن قانداق ۋاستە قوللۇنۇش ئۇنۇڭ ئۈچۈن بەرىبىر.

ھەممىگە ئايان رىئاللىق بىزنى ئۆزىگە باش ئەگدۇرىۋاتىدۇ.نالە قىلغۇزۋاتىدۇ.بىزمۇ ھەم تىپىرلاۋاتىمىز،كۆز ياشلىرىمىزنى كىچىككىنى خوشاللىقلار قاينىمىغا يوشۇرۋاتىمىز.چۈنكى بىز ئۆزىمىز ئۈچۈنلا ياشىمايمىز.ئۆزىمىزنىڭ ھوزۇر ھالاۋىتىنى دەپ كەينىمىزدىكىلەرنىڭ ئاچچىق ئىڭىرلاشلىرىغا پەرۋا قىلماي تۇرالمايمىز.چۈنكى بىزنىڭ قىنىمىزدە ئىنكار قىلغۇسىز غورۇر ئاقىدۇ.بۇ غورۇرنى بىزگە ئەجداتلارنىڭ پىچىرلاشلىرى،ۋادىلارنىڭ يالتىراشلىرى،بارخانلارنىڭ پارقىراشلىرى بەرگەن.

خەيىر ؟!مەن ئاداۋەتنىڭ ئوتىدا باشقىلارنىڭ مىنىڭ نامىمدا تورداشلارغا ئۇچۇر يىزىپ تىللىغىنىغا،كىلونلانغان(مەن)نىڭ ئۆزىنىڭ تىزىكىنى ئۆزىنىڭ چىلىپ ئىچكىنىگە شاھىت بولدۇم.شۇنداقتىمۇ كۆپچىلىككە ئۆزرىلىكمەن.چۈنكى ئاچچىق ھاياجىنىم قەلىمىمنى كونتۇرۇل قىلىۋالدى.رىئاللىقتىكى غەزەپ-نەپرەت مەۋھۇملۇقتا باشقىلارغا دەت بولۇپ تۆكۈلدى.

تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۆمۈد قىلىمەن.بىرىنجى كۆك ھىلال چەكلەندى.تورداشلارغا چۈشەنچە بىرىپ قويۇشۇم ئۈچۈن كۆك ھىلال2نى تىزىملىتىپ كىردىم.كۆك ھىلال بىلەن كۆك ھىلال 2دىن ئۆزگە ھىچقانداق كىملىكىم يوق.باشقا ھەرقانداق كىملىكنىڭ يازمىسى مەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.ئىشەنمىگەنلەر قانداق تەكشۇرەتسە ھازىر مەن.بەزىلەرنىڭ ماڭا قىلغان دۈشمەنلىكىدىن ماڭا نىسبەتەن خاتا چۈشەنچىدە بولۇپ قالمىغايسىلەر.ھوزۇرۇڭلارغا بىر تىما سۇندۇم.



ئاياللىق توغرىسىدا

تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تىز تەرەققىيات ۋە ئىلگىرلەش ئىچىدە تۇرىۋاتقان ھەربىر ئىنسانغا تەرەققىيات توزانلىرىنىڭ ئاستىدا بۇزىلىۋاتقان ئادەملىرىمىزنىڭ قورقۇنۇچلۇق دەھشەت ئىچىدىكى كۆلەڭگىسى ئۆز تۇرمۇشىدىن تىپىلىش ئىھتىماللىقى بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئايال بولسا ئۆزىگە،ئەر بولسا خوتۇن-قىزلىرىغا ھىزى بولۇشنى ئەسكەرتىش ئۈچۈن بۇگۈنكى ئەسىرىمنى يىزىشنى مۇۋاپىق كۆردۇم.

ئايال ۋە ئاياللىق توغرىسىدا.

ئايال تەسۋىرلىگۈسىز گۈزەللىك؛جىلۋىدار قىزلىق نازاكەت؛ئاتەشتەك يالقۇنلۇق ،ئىسىل شىېئىردەك قىزغىن،تاغ ھاۋاسىدەك ساپ ،بۇلاق سۈيىدەك چىن،قىزىل گۈلدەك ئىزگۈ مۇھەببەت،چوڭقۇر ئانىلىق مىھىر،شۇنۇڭدەك قەدىناسلارچە ساداقەتنىڭ تەسۋىرى.ئۇ -ئەخلاق گۈلشەنىنىڭ رەناسى.ھايا تونىنىڭ لىباسى،ساداقەت تاجىنىڭ جاۋھاراتى.ئۇ ئۆزىنىڭ ئىزگۈ ئەۋرىشىم لاتاپەت ئوبرازىنى ھەربىر شەيئىگە سىڭدۈرۋەتكەن .ئەڭ ئۇلۇغ سەنئەتكار چوقۇم ئەسىرىگە ئاياللىق ئىستىتىكىسىنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ.چۈنكى ئۇ تەڭرى ئاتا قىلغان سەنئەت ئۈلگىسى.ئۇنىڭ گۈزەللىكى ئاشكارچىلىقتا ئەمەس سىرلىقلىقتا،ئۇنۇڭ گۈزەللىكى ھىسىپتەك ئىشتانلاردا ئەمەس،كەڭ كۇشادە ،راھەت سىرلىق ئورالمىلاردا.ئۇنۇڭ گۈزەللىكى قىتىپ كەتكەن گىرىملاردىكى سۈنئىي چاپلىمىلاردا ئەمەس تەبىئەتنىڭ ئاتا قىلغان تەبىيلىكىدە.چۇنكى تەبىئەت ئۆزى تەبىئىي،ئەسلىدىن يانمىغان تەبىيلىك ئەڭ چىن گۈزەللىك.سۈئىي گۈزەللىكنىڭ ئۆزى ساختىلىق،ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىگە ئىشەنمەي ئۆزىنى كەمسىتكەنلىك،باشقىلارنى ئالدىغانلىق،توغرىسى ئۇ گۈزەللىك ئەمەس بىشەملىك.



ئىچىۋىتىش دەۋرىنىڭ تەرەققىيات تىنمىللىرىدا يالغۇز ئىگىز بىنالار،كەڭ ئاسۋالىت يوللار،ئەقلىئىي ئىقتىدارلىق يانفۇنلار،ئالى پىكاپ،ئايرۇپىلانلارلا بولماستىن ئاياللىق نازاكەتنىڭ تۇنجىقىشى،قىزلىق ئىپپەتنىڭ ساختىلىشىشى،ئانىلىق مۇھاببەتنىڭ سۇسلىشىشى،قەدىردانلىق ئەخلاقىنىڭ ياتلىشىشىدەك ئاياللىق ئەخلاق كاتوگورىيىسىدىكى ئىجدىمايى مەسىلىلەر بار.مىللەت تەغدىرى بىلەن بىۋاستە چىتىشلىق،دىننىي ئەھكاملىرىمىزغا زىت بۇ مەسىلىلەر بىز دەرھال ئويلىنىشقا تىگىشلىك جىددىي خارەكتىرلىك مەنىۋى ئۆسمە.

ئەخلاق بوسۇغىللىرىمىزدىن ئاتلاپ توغرا كەلسە دەسسەپ،ھايا لىباسلىرىنى يىرتىپ،كىچىك-چوڭ ئوتتۇرسىدىكى پەردىشەپنىمۇ ئۇنتۇپ،ئۆزىنى ئاتالمىش مەدەنىيەت،ماددىي غورۇر،يالتىراق شۆھرەت،ساختا ئېسىللىق قوينىغا ئىتىۋاتقان قىز ئاياللىرىمىزنى كۆرسەم ئاشۇنداق ئەركەكلەرنى گۆرگەندىن نەچچە يۈز ھەسسە ئىچىنىپ كىتىمەن.چۈنكى ئۇلار كەلگۈسىنىڭ ئانىسى ئۇلار ئۇيغۇر ئەۋلاتلىرىنىڭ تۇنجى مۇئەللىمى،ئۇلارنىڭ ھەربىر ھەركىتى ھەربىر سۆزى ئەۋلاتلارغا بىرىلگەن دەرىس،كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ھۆكۈم ئىقتىدارى ۋە كەلگۈسى قىممەت قارىشى.

ئاياللىقنىڭ جەريانى ھالقىلىق ئۈچ ۋارىيانتنىڭ بىرىكىشى،يەنى قىزلىق گۈزەللىك،ئانىلىق مىھىر،قەدىناسلارچە مۇھەببەت چەمبەرچاسلىقى.بۇ ئۈچ جەرياننىڭ قايسى بىرىگە داغ چۈشۈپ غۇبار تەگسە ئاياللىق گەۋدە پالەشلىنىدۇ.چۈنكى ئۇ ئاياللىق.ئاياللىق-ئەركەكلىكتەك كەڭ ئىمتىيازغا ئىگە ئەمەس،ئەركەكلىكتەك مۇستەقىللىققا،بەردەملىككە ئىگە ئەمەس،ئۇ خۇرۇستال قاچىلاردەك چۈرۈك،باھار شامىلى كۆكلەتكەن مايسدەك يۇمران،قانات چىقارمىغان باچكىدەك نازۇك.شۇڭا ئۇ ئاق قەغەزدەك بىغۇبارلىقنى،كۈن نۇرىدەك جىلۋىدارلىقنى،ئالما چىچىكىدەك نازۇكلۇقنى تەلەپ قىلىدۇ.ئۇ تۈجۇپىلەشكە،ئاسراشقا شۇنداقلا كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلىشقا مۇھتاج.

(1قىزلىق گۈزەللىك ۋە ئىپپەتنىڭ مەپتۇنكارلىقى.

قىزلىق-ھايا ۋە پەدىشەپ ئۈستىگە قۇرۇلغان شاھانە سەنئەت.ئۇ ئىستىتىكىنىڭ جىنى،بەدىئىي ئىجادىيەتنىڭ قىنى.ئۇ تال چىۋىقتەك ئەۋرىشىم،تاڭ لىۋىدەك مەپتۇنكار،كەچكى شەپەقتەك يالتىراق،شوخ كۈيدەك قايناق مەزگىل.ئۇ ئاياللىقنىڭ ئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن قاتتىق غۇبارسىز ۋە پاك تۇتىلىشى كىرەك.چۈنكى ئۇلى بوش ئۆي ھامان ئۆرۈلۇپ كىتىدۇ.قىزلىق گۈزەللىك شەرمى ھايا بىلەن قىممىتىنى تاپىدۇ. چۈنكى يالتىراق شۆھرەت گەۋدىللىرىگە قوشۇلۇپ كەتكەن،كۆز كۆز قىلىش،قەستەن جەلىپ قىلىش،ئۆزىگە تارتىش تىپىدىكى ئاياللىق تۇخۇم سىرىقى ئەمەس،بەلكى تۇخۇم شاكىلى خەرەكتىرىگە ئىگە.ئۇنۇڭدا گۈزەللىك بولمايدۇ.ئۇنۇڭدا بار دىيىلسە بىشەم خۇلۇق، ساختىلىقنىڭ قورالى بولمىش تاشقى گۈزەللىك بار.ھايا بولمىغان قىزلىق ياۋايىلىقنىڭ ئايالچە شەكلى.ئۇ ئەرلىكنىڭ تاشلاندۇق ئەخلىتى.چۈنكى ئەركەكلىكمۇ ھايا ۋە پەدىشەپ بىلەن ئۈز بەردەملىكىنى ئۆز جاسارىتىنى كۈچلەندۇرىدۇ.ئىسلام ئىلمىيلىكى ۋە دىننىي ئەخلاق نۇقتىسىدىن ئىلىپ ئىتقاندا كىتاپلىرىمىزدىكى بۇ بىرجۇملە سۆزنى ئۈلگە قىلىشقا بولىدۇكى:ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدۇر،ئىمان ھايا جۈملىسىدۇر.دىمەك ھايادىن ئايرىلغان قىزلىق گۈزەللىك بەتبەشىرىلىكنىڭ ساختىلىق يالىتىلغان ئازغۇنىغا تەڭ.

قىزلىق گۈزەللىك تاشقى گۈزەللەكنى ئۆلچەم قىلمايدۇ ھايا گۈزەللىكىنى ئۆلچەم قىلىدۇ.

قىزلىق گۈزەللىكىنىڭ يەنە بىر موھىم تەركىبى ئىپپەت مەپتۇنكارلىقى.ئىپپەت ھايا چىچىكى.چىچەك باھاردىن بۇرۇن توزۇپ كەتسە ئاياللىق سالاپەت ۋە قىزلىق سەلتەنەتكە ئۇرۇلغان بوران بولىدۇ.ئىپپەت ئالىي جاناپلىق قەسىرىدىكى ئىزگۈ مالائىكە.ئۇ ئۆز جىسمىغا ئاياللىق غورۇر ۋە ئادىمىي پەزىلەتنى مۇجەسسەم قىلغان بولىدۇ.ساختا ئىپپەت لىغىرلىغان قارا كۆزلەرنىڭ خوشاللىق ياشلىرىنى ئۆز كۆلەڭگىسى بىلەن توسۇپ ئۆتۈپ كەتسىمۇ،ئۆز قەلبىدىكى ۋىجدان ئاتلىق سەردار تەرىپىدىن قاتتىق جازاغا تارتىلىدۇ.ئىپپەت پەرىشتىسىنىڭ ئورنىنى ساختا ئىپپەت شەيتىنى ئالسا ئۇنۇڭ جىسمىدىكى ئاياللىق غايە ئاياللق بۇرۇچ،ئاياللىق نازاكەت ئۆچكەن بولىدۇ.ئالىي جاناپلىق ئىسىل پەزىلەت,غورۇر سۈيىدە چىلىنىپ ياتقان ئىپپەتنىڭ ۋىجدان ياشلىرى ئىچىدە تۇنجۇقۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىدە شۇ تەن ئىچىدە ئۆز-ئۆزىگە ئۆلۈم جازاسى بىرىدۇ.ئالىي جاناپلىق ۋە نۇمۇس مۇددەتتىن بۇرۇن ئىچىلغان چەچەكتە ئۆز خاسىيىتىنى يوقۇتىدۇ .دىمەك ئىپپەت تاشلىغان ئاياللىقنى غورۇر تاشلايدۇ،ۋىجدان تاشلايدۇ،ئالىي جاناپلىق ۋە ساداقەت تاشلايدۇ.ئۆز جىسمىدا بۇ ئىزگۈلەرنى ھازىرلىمىغان ئايال ئاياللىقتىن سۆز ئىچىشقا لايىقمۇ؟

خۇلاسە:

قىزلىق گۈزەللىك بىلەن ئىپپەت مەپتۇنكارلىقىنىڭ گارمۇنىك بىرىكىشى ئاياللىقنىڭ ئۇل قىسمنى ئاپىرىدە قىلىدۇ.بۇددا دىننىىي ئەھكاملىرى،خىرىستىيان دىنى نىزاملىرى، ئىسلام دىنىنىڭ سۈننەت پەرىزلىرى كۇڭزى ۋە شۇ تەرىقىدىكى شەرىق ئۆلىمالىرى قائىدىللىرى ،يۈسۇپ خاس ھاجىپ ۋە شۇنۇڭدەك ئوتتۇر ئاسىيا بۇيۈكلىرنىڭ قاراشلىرى،ئەپلاتۇن ئارىستوتىل ئەقىدىللىرى شۇنى ئىتراپ قىلىدۇكى:ئاياللىق-ئەخلاق ۋە شەرمىي ھايا،گۈزەللىك ۋە پاكلىقنىڭ ئاياللىق جىسمىدىكى تەسۋىرى.شۇنۇڭ ئۈچۈن ھەربىر ئايال زاتى پاك خۇلۇق،مەپتۇنكار ئىپپەت ،ئايالچە ئالىيجاناپلىقنى ئۆز روھىيىتىنىڭ شاھانە قەسرىگە تۈۋرۇك قىلىشى كىرەك.ھەربىر مىللەت ئەزاسى ئۆز مىللىتىنىڭ خوتۇن قىزلىرىنى ئۆزىنى سۆيگەندەك،ئۆز مىللىي نامىنى سۆيگەىندەك سۆيىشى،ئۇلارنى ئاسرىشى ،تەنتەكلىك تۈگۈلمىللىرىنىڭ قارغىشىغا ئۇچراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارغا ئەخلاق تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشى كىرەك. ئابدىشۇكۈر مۇھەممەت ئىمن :(ئاياللارنى سۆيگەنلىك مىللەتنى سۆيگەنلىك)دەپ توغرا ئىتقانىدى.مىللى گەۋدىنىڭ تاجى ،كەلگۈسى مىللەتنىڭ تەغدىرى ئۇلاردىكى غورۇر ۋە ھايا تەرپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

.

(2قەدىناسلارچە مۇھەببەت ۋە خوتۇنلۇق مەجبۇرىيەت.

مۇھەببەت دولقۇنلاپ تۇرغان ھىسيات دىڭىزى ئۇ خامۇشلۇق ۋە ئاتا قىلىشنىڭ ئىجابىي مەھسۇلاتى.مۇھەببەت چىن ئىنسانىيلىقنىڭ نامايەندىسى .ھىسسى تۇرمۇشنىڭ يارقىنى. پىداكىرانە ئاتا قىلىش ۋە بەخىت تىلەش ئاستىدىكى مۇھەببەت ھەقىقى چىن مۇھەببەت.ئۇ ئاياللىق خۇسۇسىيەتنىڭ ئالاھىدىلىكى.ئاياللار ئۆزى ھەقىقى سۆيگەن كىشى ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتا قىلالايدۇ.ئۇلاردا شۇنچىلىك ھىسيات چوڭقۇرلىقى بار.ساداقەت ئاياللىقنى مۇشۇ بۈيۈكلۇككە كۆتۇرىدىغان ۋاستە.مۇھەببەتكە ساختىلىق ئارلاشمىسا ساداقەت گۇلخانلىرى ئۆز ھارارىتى بىلەن مۇھەببەت رىشتىسىنى تاۋلاپ چىقىدۇ.ساختا مەدەنىيەت تەرەققىيات ئەخلاقسىزلىقى ئاياللىقتىكى پىداكىرانىلىق ۋە ساداقەت قۇياشىنى ئۆز توزانلىرى بىلەن ئۆچۇرۇپ تاشلاش غەرزىدە بولىۋاتىدۇ.بۇگۈنكى قىسمەن ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ جىسمىدا ئاياللىق قوغدۇغۇچىسى بولغان ساداقەت ئۆچۇپ بولدى.ئۇلارنىڭ نەزىرىدە كۆپ خوتۇنلۇق بولۇش بىلەن كۆپ ئەرلىك بولۇش ئەر ئاياللار بارەۋەرلىكىنىڭ ئىپىدىسى.ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ نىمە قىلۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.ئاللاھ تائاللاھ ئىتقاندەك ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇلۇپ سىلىنىپ بولدى،ئۇلارنىڭ كۆزلىرى كۆرمەيدۇ،قۇلاقلىرى ئاڭلىمايدۇ.ئۇلار ئەر ئاياللار بارەۋەرلىكىنى خۇددى ئابدىقادىر جالالدىننىڭ خوتۇنى جەمىلە ئىتقاندەك ئەر ئاياللار ئوخشاشلىقى دەپ چۇشىنىدۇ.ئۇلار ئەرلىك جەسۇرلۇق ۋە ئاياللىق نازاكەتنى ھىس قىلىپ يىتەلمەيدۇ.

ساداقەت مۇھەببەت چىچىكىدىن كۆكلىگەن رەڭدارلىق،ئۇ ئاياللىقنىڭ قوغدۇغۇچىسى.ساداقەتتىن يىراق ئاياللىق مۇھەببەتتىن يىرىق ئاياللىق.دىمەك ساداقەت ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ ئاساسى.

خوتۇنلۇق بۇرۇچ.

دىننىي ساماۋى كىتاپلا ئەنئەنىۋىي ئەخلاق قاراشلىرى ئائىلىدە ئەرلىك مەسئۇلىيەت ۋە ئەرلىك ھوقۇقنىڭ بۇيۈكلىكىنى مۇئەييەنلەشتۇرىدۇ.ئاياللىق ئەرلىك بىلەن باغلانغاندا تەسۋىرلىگۇسىز گۇزەللىكنى ،مۇقەددەسلىكنى ئاپىرىدە قىلىدۇ.ئەرلىك بۈگۈنكى كۈندە دىكتاتورىنىڭ سىموۋلى سۇپىتىدە قانۇنلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.ئەر-ئاياللار بارەۋەرلىكى ئەمەلىيەتتە ئىسلام ئەقىدىسىنىڭ تەركىبى.ئۇ باراۋەرلىك ھەرگىزمۇ ئوخشاشلىقتىن دىرەك بەرمەيدۇ.ئۇ باراۋەرلىك ھۆرمەت ۋە ئەر-ئاياللىق مۇھەببەتنىڭ شاھىدى سۇپىتىدە بارلىققا كىلىدۇ.ئايال ئەرنىڭ گىپىنى ئاڭلىشى ئەرنىڭ رۇخسىتىسىز ئاتا ئانىسىنىڭ ياكى قىرىنداشلىرىنىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالماسلىقى بارەۋەرلىكسىزلىكنىڭ ئىپادىسى ئەمەس بەلكى بىر بىرىگە كۆيىنىش ئاياللىقنى ئاسراش قارىشىنىڭ ئىپادىسى. ئائىلە زوراۋانلىقى قاتارلىق ئىجدىمايى مەسىلىلەر ئۇنى ئەر ئاياللار بارەۋەرسىزلىكى دەپ خاتا چۇشەنچە بەرگەن.ئىسلام دىنىدا ئائىلە زوراۋانلىقى،ئاياللارنىڭ خورلىنىشى قەتئىي چەكلىنىدۇ.بۇنۇڭغا پەيغەمبىرلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى مىساللىرى نۇرغۇن.

ئاياللىقنىڭ ئەرلىك ئۈستىدىكى مەجبۇريىتى مۇقۇم ۋە مۇقەددەس.ئۇ ئەرگە ساداقەتمەن بولۇش بىلەن بىرگە بىر ئائىلىنى مۇھەببەت ۋە خۇشاللىققا چۆمدۇرىشى ،ئاياللىق مۇھەببەت ئانىلىق مىھىر بىلەن ئائىلىدىن ئىبارەت جەمىيەت ھۆجەيرىسىنى شاتلاندۇرىشى ۋاجىپ.قۇرۇق كوتۇلداش ۋە تۇرمۇشىدىن ۋايساشلار بىلەن سەھەرنى كۈتۇپ ناماششەمگە يول ئالىدىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرى ئائىلىدىن،خوتۇندىن،تۇرمۇشتىن تويغان بولىدۇ ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ شەخسى ئالاقىسى ۋە جەمىيەتتىكى رولىمۇ تەھدىتكە ۋە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ تۇرغان بولىدۇ.تەبەسسۇم بىلەن ئەر كۆڭلىنى مايىل قىلىپ پەرزەت قايىللىقىنى قولغا كەلتۇرىدىغان ئاياللارنىڭ ئەرلىرىمۇ مۇۋاپىقيەت ۋە خوشال تۇرمۇش ھوزۇرىدىن ھوزۇر ئىلىپ ھەقىقى بەخىت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئەرلەر بولدۇ.ئۇنداق ئاياللاربىر ئۆمۈر ئەرلىرىنى باشقىلارغا تاتقۇزۇپ قويمايدۇ.قەدىناسلارچە تۇرمۇشتىن بەھىر ئالىدۇ.ھەقىقى بەخىت ئەنە شۇنداق ئاياللارنىڭ تاپىنى ئاستىدا.بۇنۇڭغا ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەرنى ئەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن ئەرنى يەر قىلىدىغانمۇ خوتۇن دىگەن ھىكمىتىنى تەمسىل قىلىش مومكىن.

خۇلاسە.

ئاياللىق مۇھەببەت ساداقەتنى ئۆلچەم قىلىدۇ.ساداقەت بولمىغان مۇھەببەت مۇھەببەت ئەمەس جىنايەت بولىدۇ.خوتۇنلۇق مەجبۇرىيەت ئەر كۆڭلىنى ئۇتۇش ۋە تەبەسسۇمغا تويۇنغان ئائىلە موھىتىنى يارىتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.ئائىلە كەلگۇسىنى بەلگىلەيدىغان ئامىل بولىشى مومكىن . ئائىلىنىڭ تەسىرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ تەغدىرىنى،تۇرمۇش ۋە خىزمىتىنى بەلگىلەپ قويىدۇ.شۇڭا ئائىلدىن ئىبارەت بۇ مۇقەددەس ئورۇنغا مەجبۇرىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىدىغان ئايال دوختۇر بولىشى شەرىتتۇر.

(3ئانىلىق مىھىر ۋە مىللى بۇرۇچ

ئانىلىق-مۇھەببەتنىڭ تۇنجىسى ۋە ئەڭ بۈيىكى.ئۇ ئۆز مۇقەددەسلىكى بىلەن مەڭگۈلۈكتۇر.ئۇنۇڭ چاڭ توزانلىرى تەكلىماكان قۇملىقىنىڭ ھەيۋىتىدىن ئارتۇق،ئۇنۇڭ تامچىسى تىنىچ ئوكياننىڭ دەھشىتىدىن ئۇلۇغ،ئۇنۇڭ كىچچىككىنە زەررىسى قۇياش تەپتىدىن كۈچلۈك .ئۇنۇڭ ھارارىتى يالقۇنتاغ باغرىدىن ئىسسىق.ئۇ ئاياللىق سۆلكىتى.خۇتۇنلۇق ھۆرمىتى .ئۇ ئىنسانىي بۇرۇچ تىگىدىكى مەسئۇلىيەت،ئاتىلىق ئۇرۇقتاشلىققا قىلىنغان سوۋغا.ئۇ ئاياللىقنىڭ كۆكرىكىدىن ئىتىلىپ چىققان لاتاپەت.

بۇرۇچ ئانىلىق شامىغا يىقىلغان ئوت.ئانىلىق-ھەربىر ئايالغا نىسىپ بولمايدۇ.تۇغۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلا ئايال ئانىلىق تونىنىڭ لايىقى بولىشى ناتايىن.ئۇنداق تۇغۇش ئىقتىدارى ھايۋاندىمۇ بار.ئىنسانىي ئانىلىق پەرزەنىت تۇغۇش ئىقتىدارى تەرىپىدىن بەلگىلەنمەيدۇ بەلكى كەلگۈسى ئەۋلاتلارنى ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەش تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ .ھورۇن ئىشەكتەك يەپلا ياتىدىغان بالىنىڭ ئانىسىمۇ ئىشەك،چۈنكى ئۇ ئايال ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىمىغان بەلكى ئىشەكتەك تۇغۇشلا ئىقتىدارىنى يىتىشتۇرگەن.تۇغماس خوتۇننىڭ بىقىۋالغان ئىلىملىك ئوغلى تۇغماس خوتۇننى ھەقىقى ئانىلىققا ئىرىشتۇرىدۇ .ئۇ ئىشەك ئانىدەك تۇغالمىسىمۇلىكىن ئىنسانىي ئانىدەك تەربىيەلەيدۇ،شۇڭا تاللاش كىلىپ قالسا تۇغماس خوتۇن ھەقىقى ئانا.

خۇلاسە:

ئانىلىق، تۇغۇش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان ئايالغا ئاتالغان سۆز ئەمەس بەلكى ئىدراكلىق قىلىپ تەربىيلەشنى بىلىدىغان ئايالغا ئاتالغان سۆز. چۈنكى تەربىيىلەش ئىنسان تەرەققىياتىنىڭ ئاچقۇچى.مىللى مەۋجۇتلۇق ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ مىراس كۆۋرىكى. تەربىيلەش -مائارىپتۇر.قانداقتۇر مەكتەپتىلا ئوقۇتۇش مائارىپ ئەمەس بەلكى ئەمەلىي قوللۇنۇشلۇق نەزىريىنى ۋە ئەمەلىيەتنى سىڭدۇرگەن بىلدۇرۇش ھەقىقى مائارىپ.ئانا دەل بۇ مائارىپنىڭ ئۇلى.شۇڭا ھەقىقىي ئانىلىق دەل تەربىيەلەشتە.



بۇ تىما ئۆچۈرلۇپتۇ.مۇددا نىمە؟! نىمە تۈگىمىگەن ئاداۋەت بۇ.قايسى باشقۇرغۇچىنىڭ قىلغان قىلىقى!

bilig2010 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 17:58:04

ئەردۇئان تۇنجى قىتىم سايلامدا يىڭىپ زۇڭلى بولغاندا تۇركىيەنىڭ ئىسلام دىننىڭ ھەكىمىيەتكە بولغان تەسىرنى سۇزۋىتىپ سايلام ئۆتكىزىدىغان كونا سايلام ئۇسۇلىغا قارىشى ھەركەت قوزغاپ ئۆز ئتىقادى ئارقىلىق مۇسۇلمان تۇرىك ئاممىسىنى تەسىرلەندۇرۇپ سايلام بىلىتىگە ئىرىشىپ ھاكىمىيەت بىشىغا چىققان ئىدى،ئەردۇئان تۇركىيەنىڭ سايلام ئۇسۇلىغا مۇكەممەللىك ئىپ كەلگەن ئىدى.بىراق ئەردۇئان ھەقىقەتەن دۇرۇس كىشى بولسىمۇ بارغانسىرى ھوقوق بەك تىتىپ كەتتى،تەدبىر بەلگىلىگەندە خەلىقنىڭ مايىللىقىغا بارغانسىرى سەل قارايدىغان بولۋالدى.

ئەردۇئاننىڭ مەن سەزگەن خاتالىقى تۆۋەندىكىدەك .

1.باشقا يۈكسەك دىمۇكراتىيلەشكەن دۆلەتلەر ئەلباشنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنى قىسقارىتقانلىقىنىڭ ئەكىسچە (مەسلەن ئامىركا زۇڭتۇڭنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىلدىن 4 يىلغا قىسقاردى ئۇدا ئىككى نۆۋەت سايلىنالايدۇ )،تۇركىيە 5يىلدىن 7يىلغا ئۇزارىتتى، ئۇدا ئىككى نۆۋەت سايلىنالايدۇ.ۋەزىپە مۇددىتىنى ئۇزارتىش مەسلىسى ئەسلا ئەل رايىدىن ئۆتمىدى،يەنە كىلىپ ئەردۇئان ھاكىمىيەت بىشىغا چىقىپلا ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇزارتىلدى.ئادەتتە رەھبەر ھوقوق تۇتقان 8يىلدىن 10 يىلغىچە ئۇنىڭ سايىسىدىكى كىشىلە خىلى كۈچ توپلىۋالىدۇ دە- بۇ كىشىلەر بىلەن خەلىق ئچىدىكى ئادىل رىقابەتكە تەسىر يىتىدۇ،بۇنى ھەرقانچە دانا رەھبەرمۇ توسۇپ قالالمايدۇ،ئامىركا چىغىدا زۇڭتۇڭنىڭ يىقىنلىرى ھىچقانداق ئۆز كۆمىچىگە چوغ تاتالمىسمۇ زۇڭتۇڭ ھوقوقتىن چۇشكىچە يىتەرلىك ئابرۇي توپلاپ ،زۇڭتۇڭ ھوقوقتىن چۇشكەندىن كىيىن زۇڭتۇڭ ۋە باشقا تەپسىلاتلار توغۇرسىدا نۇتۇق سۆزلەپ نۇرغۇن پۇل تاپىدۇ. ئادەتتە ئاخبارات ئەركىنىكى يىتەرلىك بولسىلا خەلىق بىر رەھبەرنى ھەرقانچە ياخشى كۆرسىمۇ 8-يىلدىن 10 يىلغىچە ئۇنى چۇشىنىپ بولىدۇ ھەم زىرىكىدۇ،ھەم ھەرقانداق قابىلىيەتلىك رەھبەرمۇ كۆرسەتمەكچى بولغان ھەرقانداق ياڭزىللىرى مۇشۇ مۇددەت ئچىدە كۆرسىتىپ بولىدۇ.

2.سۇرىيە مۇساپىرىلىرىنى بىكاردىن بىكارلا باقتى .گەرچە سۇرىيە مۇساپىرلىغا ياردەم بىرىش ياخشى ئىشى بولسىمۇ سۇرىيە مۇساپىرىلىرىنى تۇركىيەنىڭ ئەمگەك كۇچىگە ئايلاندۇرمىدى ،ۋەياكى ئۇلاردىن ئەسكەر ئىلىپ ھەربى مەشىق قىلدۇرۇپ سۇرىيەنىڭ دىمۇكراتىيە مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۇرىدىغان ھەربى قوشۇنغا ئايلاندۇرمىدى،سۇرىيە مۇساپىرىلىرى ئاساسەن بىكاردىن بىكا يەپ ئىچىپ ياتتى، بۇنىڭدىن تۇرلىيەلىكلە نارازى بولدى..

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 20:00:35

بىداركا،

بۇ ۋەقە توغرىسىدا توردا ئۇيغۇرچە مەلۇماتلار بارمۇ يوق بىلمەيمەن. ئۆتكەن ئايدا، يەنى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى خاتاي ۋىلايىتىنىڭ رەيھانلى كەنتىدە ئىككى ئاپتومۇبىل بومبا پارتىلاپ 45 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى، 100 دىن كۆپ ئادەم يارىلاندى، بۇنىڭ ئىچىدە 29 ى ئېغىر يارىدار...

خاتاي- تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا- جەنۇبىغا جايلاشقان، سۈرىيەنىڭ غەربى-شىمال تەرىپى بىلەن چىگرىلەنگەن بىر ۋىلايەت، يەنى بىزنىڭ تىلىمىزدىكى دۆلەت ئىچىدىكى بىر ئۆلكە، يەنى سۈرىيەگە خوشنا بىر رايۇن.

ئەردوغاننى ئەيىپلىگەنلەردىن بەزى (تۆۋەن قاتلامدىكى) پۇخرالار ئۇنى ئامېركىنىڭ دىگىنى بويىنچە ئىش قىلىۋاتىدۇ دىدى. ئاخپاراتلاردا سۈرىيە چىگرىسىدا كىرىپ -چىقىۋاتقانلار ئېنىق ئەمەس قالايمىقان بولۇپ كەتتى، بۇ يەر خۇددى «ئەلى بابا نىڭ غارى» غا ئوخشاپ قالدى، ھۆكۈمەت سۈرىيەدىكى رېجىمدىن قاچقان مۇسۇلمانلارغا ياردەم بىرىمىزدەپ چىگرا-كىرىپ چىقىشىغا كۆڭۈل بۆلمىدى، ئۆز ھالىمىزنى قويۇپ، سۈرىيە مەسىلىسىگە بەك چات كېرىۋالدى... دىگەندەك گەپلەرنى قىلدى...

جومھۇرىيەت خەلق پارتىيسىنىڭ مىللەت ۋەكىلىنىڭ بەشار ئەسەد بىلەن كۆرۈشكەنلىك رەسىملىرى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كىيىن بەزىلەر تەرىپىدىن بۇ ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى...
بەت: [1] 2
: تۈركىيەدىكى قالايمىقانچىلىقتا 1730 ئادەم قولغا ئېلىنىپ،ئون مىليون دوللاردىن ئارتۇ