ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 20:42:26

دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇش كېرەك

ئازادلىق ئارمىيەنىڭ مۇئاۋىن باش شىتاپ باشلىقى:دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇش كېرەك.

توكيۇ ۋاقىت گېزىتى خەۋىرى. 12-نۆۋەتلىك سانگرىلا سۆھبىتى تۆنۈگۈن سېنگاپوردا يېپىلدى، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى دۆلەت ۋە رايۇنلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ئىشلىرى ۋەكىللىرى ئورتاق دىققەت قىلىدىغان قىزىق نوقتىغا ئايلاندى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن باش شىتاپ باشلىقى چى جيەنگو يىغىندا سۆز قىلدى ھەمدە ۋەكىللەرنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بەردى. ئۇ دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغاندا، جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ مەسىلىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇش پۇزىتسىيەسىدە چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

چى جيەنگو يىغىندا «قول تۇتۇشۇپ خىرىس ۋە رىقابەتلەرگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايۇنىنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرايلى» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگونىڭ تېنچ تەرەققىيات يولىدا مېڭىش ئىزچىل مەيدانىنى يەنىمۇ شەرھلىدى. ئۇ جۇڭگونىڭ تېنچ تەرەققىيات يولىدا ئىزچىل تەۋرەنمەي مېڭىپ، تېنچ تەرەققىيات، ئېچىۋېتىلگەن تەرەققىيات، ھەمكارلىق تەرەققىيات، ئورتاق پايدا يەتكۈزىدىغان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشى ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايۇنىدىكى دۆلەت ۋە رايۇنلار ئۈچۈن پۇرسەت ئىكەنلىگىنى، ھەرگىزمۇ تەھدىت ۋە خىرىس ئېلىپ كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۇئاللارغا جاۋاپ بەرگەندە، بەزىلەر ئۇنىڭدىن دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇلامدۇ قانداق دەپ سورىغاندا، چى جيەنگو جاۋاپ بېرىپ : «جۇڭگو تەرەپنىڭ مەسىلىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشتىن گۇمانلىنىشنىڭ ھاجىتى يوق، 20 يىلنىڭ ئالدىدىلا يولداش دېڭ شياۋپىڭ سىياسى ئەقىل-پارسىتىنى ئىشقا سېلىپ، تالاش-تارتىشنى قويۇپ تۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ھازىر شەرقىي دېڭىز، جەنۇبىي دېڭىزلاردىكى مەسىلىلەرنى تەلتۈكۈس ھەل قىلغىلى بولمايدۇ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردە ستراتېگىيەلىك سەۋرىچانلىق بولۇش كېرەك» دېدى.

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 18:28:09

كېيىنكىلەر دېگىنى كىمدۇ؟ \"\"

orkexjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 18:41:01

ئەلقىسە ، شۇنىڭ بىلەن  بۇ گۆھەر ئارال   ۋاقتىنچە، بەلكىم ئۇزۇن مەزگىل شۇلاردا تۇغۇدەكدە ؟؟؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:28:28

{:92:}

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:36:40

ئويلىغىنىمنى دەپ باقاي.



جۇڭگو تەرەپ نېمە ئۈچۈن دىياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى كىيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرىدۇ دىگەندە،،،بىرىنچىدىن:- يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ 100يىلغىچە تىنىچ ۋەزىيەتنى ساقلاپ كوممىنىزىمنى ئىشقا ئاشۇرۇش پىرىنسىپىغا رىئايە قىلغان،ئىككىنچىدىن،جۇڭگو تەرەپ دىپلىماتىيە بىلەن تىنىچ ھالدا دىياۋيۈ ئارىلىنى قايتۇرۋېلىشقا كۆزى يەتمىگەن ھەم ياپۇنيەنىڭ ئارقا تىرىكى بولغان ئامرىكىدىن ئەنسىرگەن،،،ئۈچىنچىدىن:جۇڭگو تەرەپ دىياۋيۈ ئارىلىنى ئالالماسلىق سەۋەبىدىن، ئۆزىنىڭ خەلىقئارادا ئابرويىغا تەسىر يىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ مەسىلىنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:37:17

كېيىنكىلەرگە قاپتۇدە \"\"

anatil8 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:39:12

ھەراس مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۋىتەي،مەن مىسرانىم،باغداش،ئەلكۈيى تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل تورداش مانا مەن شۇ؟تورداشلار بىلەن ئىناق-ئىتىپاق ئۆتۈشنى خالايمەن..پىشقەدەم تورداشلار كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلەر؟

ئىزدىنىش مۇنبىرى 2003-يىلى قۇرۇلغانما؟ئۇنداقتا،ئىزدەش ماتورىدىن 2009يىلىنىڭ ئالدىدىكى تىمىلارنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ؟

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:51:41

4- قەۋەتتىكى anatil8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەراس مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۋىتەي،مەن مىسرانىم،باغداش،ئەلكۈيى تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل تورداش مانا مەن شۇ؟تورداشلار بىلەن ئىناق-ئىتىپاق ئۆتۈشنى خالايمەن..

...

سىزنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرمايمىز.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:11:18

دىياۋيۇ ئارىلى دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ سىياسى ۋەزىپىسى تۈگەپتۇ- دە . بەزى بىچارە تۇغقانلار مۇشۇ دىققەت نۇقتىسىنى بۇرايدىغان سىياسىي كوزۇرغا ئالدىنىپ ، ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك ئىسىل ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى تېخى .  {:92:}  ھەي ئەخمەق قىلىنغان ئىنسانلار .

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:23:15

6- قەۋەتتىكى eldosنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىياۋيۇ ئارىلى دىگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ سىياسى ۋەزىپىسى تۈگەپتۇ- دە . بەزى بىچارە تۇغقانلار مۇشۇ دىققەت نۇقتىسىنى بۇرايدىغان سىياسىي كوزۇرغا ئالدىنىپ ، ئۆزىنىڭ نەچچە يۈز مىڭ يۈئەنلىك ئىسىل ماشىنىلىرىنى كۆيدۈرۈۋەتتى تېخى . \"\" ھەي ئەخمەق قىلىنغان ئىنسانلار .



ئەگەشتىم.... ھەي بەك بەك........... ئىنسانلار....

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:49:23

جۇڭگۇنىڭ بۇنداق ئاكتىپلىق بىلەن پەسكويغا چۈشۈشىدە مۇنداق بىرقانچە خىل سەۋەپ بار؛

1)ياپونىيە پارلامىنتى كىلەركى ئايدا ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى يىڭى مەزمۇن قۇشۇش مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلماقچى. قارارغا قۇيىلىدىغان مۇھىم تەكلىپ- ئابى شىنزۇنىڭ قوغدىنىش قىسمىنى ئارمىيىگە ئۆزگەرتىش لايىھىسى. ناۋادا قوغدىنىش قسىمىنى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا ئاساسىي قانۇن ھوقۇق بەرسە، ياپونىيە ئارمىيىسىنىڭ خارەكتىرى مۇداپىئە قىلىشتىن باشقا دۆلەت ئارمىيىلىرىگە ئوخشاش ئالدىن قول سېلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشىدۇ. تىنچلىق ئاساسىي قانۇنىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەپلىك پەۋقۇلئاددە ئەھۋال كۆرۈلمىگەندىن باشقا نورمال ۋاقىتتا قوغدىنىش ئەترىتىنى ئاساسلىق زىمىن(چوڭ تۆت ئارال)دىن باشقا تىرىتورىيىگە ئۇرۇنلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەگەر قوغدىنىش ئەترىتى ئارمىيىگە ئۆزگەرتىلسە ئوخشاشلا باشقا نورمال ئارمىيلەرگە ئوخشاش دۆلەت زىمىنىنىڭ خالىغان يىرىدە مۇنتىزىم ھەربىي بازا،ئوق-دورا ئىسكىلاتى قاتارلىق مۇنتىزىم ھەربىي ئەسلىھەلەرنى تەسىس قىلسا تامامەن بۇلىدۇ. پەرەز قىلىش تەس ئەمەسكى بۇ ياپون ئەسكەرلىرىنى سولاقتىن چىقىرىۋەتكەندە ئوخشاش بۇلۇپ شەرقىي دىڭىز رايۇنىدىكى جۇڭگۇ ئارمىيىسىنىڭ تەھدىت سېلىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلىتىدۇ. بۇلار تېخى ياپونىيە ئېرىشىدىغان ئەۋزەللىكنىڭ بىرقىسمى خالاس.

ناۋادا جۇڭگۇ بىلىقچىلىق ئارىلىغا بولغان ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تەكىتلەش ئۈچۈن يۇقىرى تىمپىراتورىيىدىكى سىياسىي پوزىتسىيىسىنى داۋاملىق ساقلىسا ھەم ئازادلىق ئارمىيە دىڭىز ئارمىيىسى بۇنىڭغا ماس ھالدا دىڭىزدا كۈچ كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرسا بۇخىل كەسكىن ۋە ئىزچىللىقى زىر بولغان تەھدىت ياپونىيە پارلامنت ئەزالىرىنىڭ قانۇن ئۆزگەرتىشنى قوللىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

2) دۈشمەنلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ بىرىكىۋېلىشىنى ئاستىلاتماقچى. ھەممەيلەنگە ئايانكى جۇڭگۇنىڭ شەرقى دىڭىزدىن جەنۇبىي دىڭىزغىچە 6-7دۆلەت بىلەن چىگرا ماجراسى بار. بۇلاردىن ياپونىيە، فىلىپپىن ۋە ۋيتنام بىلەن ئەڭ كەسكىن بۇلىۋاتىدۇ. قالغان دۆلەتلەرمۇ ئالقىنىغا تۈكرۈپ بار مەسلىھەت ئولتۇرىۋاتىدۇ. ناۋا جۇڭگۇ بىلەن ئالدىنقى سەپتىكى دۆلەتلەرنىڭ جىدىلى سەل-پەل ئۇلغۇيۇپ قالسا بۇلارمۇ ئۆركۈپ ئامىرىكا بىلەن ياپونىيە، ھىندىستاننىڭ پاچىقىغا ئېسىلىدۇ. بۇ جۇڭگۇ ئۈچۈن ھېچقانداق نەپ ئېلىپ كەلمەيلا قالماي، بېيجىڭنىڭ جەنۇبىي دىڭىز مەسىلسىدە مۇرەسسە قىلىش تەشەببۇسى بۇ دۆلەتلەردە گۇمان پەيدا قىلىدۇ.

3)جۇڭگۇ قاتئىي يول قويمايدىغان سىياسىي مەيدانىنى كۈچەپ تەكىتلىگەندە گەرچە دۆلەت ئىچىدە خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىمۇ، ئەمما تاشقى جەھەتتە، بۇلۇپمۇ بۇنداق قاتتىق مەيدان بىلەن جۇڭگۇ دىڭىز ئارمىيسىنىڭ جانلىق ھەرىكەتلىرى بىرلەشسە، ئىنىقكى ئارمىيسى ئاجىز دۆلەتلەرنىڭ تايانچ ئىزدىنىشىگە تۈرتكە بۇلىدۇدە، پەقەت ئامىرىكىلا ئەمەس،ياپونىيە، روسىيە، ياۋرۇپا، ھىندىستانلارمۇ بۇخىل ئىھتىياجنى قاندۇرۇشقا قىزىقىدۇ.


3). بېيجىڭ، ئاسىيا بىخەتەرلىك يېغىنىدا بىلدۈرگەن بۇ ئىپادىسىنى تىنچلىقپەرۋەر سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىشتىكى پۇرسەت دەپ قارىغان بۇلىشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ <سەمىمىيەت> كىشىلەرنى خاتىرجەم قىلالارمۇ؟

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 22:52:11

4- قەۋەتتىكى anatil8نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەراس مەن ئۆزۈمنى تۇنۇشتۇرۋىتەي،مەن مىسرانىم،باغداش،ئەلكۈيى تور بەتلىرىدىكى ئانا تىل تورداش مانا مەن شۇ؟تورداشلار بىلەن ئىناق-ئىتىپاق ئۆتۈشنى خالايمەن..پىشقەدەم تورداشلار كۆپرەك يول كۆرسىتەرسىلەر؟

ئىزدىنىش مۇنبىرى 2003-يىلى قۇرۇلغانما؟ئۇنداقتا،ئىزدەش ماتورىدىن 2009يىلىنىڭ ئالدىدىكى تىمىلارنىمۇ تاپقىلى بولارمۇ؟

سەن مىسرانىمىدىكى ئانا تىل 899 شۇما ، ئەمىسە سوئالىمغا يۇۋاشلىق بىلەن جاۋاپ بەر . سەن تورداشلار بىلەن ئىناق ئوتىشنى ئويلىساڭ بىراق ئىزدىنىشتىكى بەزىلەر سەن بىلەن ئىناق ئوتۇشنى خالىمىسا سەن قانداق قىلىسەن؟

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 23:08:08

ھا ھا ھا ... لۈكچەك خوراز چوقۇغىلى تەييار بوپتۇ مانا . بۇ يېڭى كىرگەن تورداشمۇ مەن پالانى يەردىكى پوكۇنى دەپ تونۇشتۇرۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا ھەممەيلەننىڭ ئېغىر بېسىق ئولتۇرۇپ كەتكىنىگە قاراپ دانىشمەن كەم چېغى دەپ ئويلاپ قاپتۇدە .

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 23:18:48


10- قەۋەتتىكى Pinhanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھا ھا ھا ... لۈكچەك خوراز چوقۇغىلى تەييار بوپتۇ مانا . بۇ يېڭى كىرگەن تورداشمۇ مەن پالانى يەردىكى پوكۇنى دەپ تونۇشتۇرۇپ كەتكىنىگە قارىغاندا ھەممەيلەننىڭ ئېغىر بېسىق ئولتۇرۇپ كەتكىنىگە قاراپ دانىشمەن كەم چېغى دەپ ئويلاپ قاپتۇدە .



بۇ ئانا تىل تورداشنىڭ مۇنبەرگە تىزىملىتىش سان جەھەتتىن ئۇيغۇر مۇنبەر تاىخىدا رىكوت يارىتىغلىق، بۇ قۇلاق كەستى شۇنچە مۇلايىم يۇۋاش ھالەتتە ئىزدىنىشقا كىرگىنىگە قارىغاندا ئىزدىنىشنى خېلى چۇشۇندىغان ئوخشايدۇ. \"\"\"\"


toghrak731 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 01:40:15

تايىنلىق يۇرتۇڭلىدىكى بەش ئالتە چارەك يۇزۇڭلىنىمۇ قوشاپ قويماي.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 06:44:31

خەنلەرنىڭ مۇنبەرلىرىدە ياپونىيەنى «خىپىڭ »-ئاتوم بىلەن تۈزلىۋىتەيلى دەپ ئىنكاسلارنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدىم ،ئۇف ياخشى بولاپتۇ مانا ،قوشنىلار دېگەن مۇشۇنداق بىر بىرىگە يول قويۇشۇپ ئۆتسە ،لىكىن قوشنىلار بىزنىڭ ياخشى ،تۈز نىيەتلىرىمىزنى ئىلىك ئالماي دائىم ئىش تېرىيدۇ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 07:28:21

بۇنىڭدىن بەك بۇرۇنقى ئىشلارنى دەپ كەلسە،جاڭچەن سىماچەن........ھاۋا ئانا ياماتو بولسا،ئادەم ئاتا خەنزۇتى............. دەپ بەك قالايماقانكەن.\"\"

يېقىنقى ئىشلارنى دىيىشكەندە،1972-يىلى ئامرىكا ئوكىناۋا ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقىنى ياپۇنىيە تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەردى.شۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامرىكا تەرەپنىڭ باشقۇرۇلىشىدا بولىۋاتقان سېنكاكۇ ئاراللار توپىدىكى 4 ئارالمۇ ياپۇنىيە تەۋەلىكىگە كىرگەن بولدى.

1978-يىلى ئۆز ۋاقتىدىكى مۇئاۋىن زۇڭلى دىڭشاۋپىڭ ياپۇنىيەگە زىيارەتكە كەلگىنىدە بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى توغرىسدا پاراڭلاشماسلىق ھەققىدە ياپۇنىيە تەرەپ ھۈكۈمىتى بىلەن يەڭ ئىچىدە كىلىشكەن دىيىلىدىكەن.

شۇنىڭدىن كىيىن ياپۇنىيە تەرەپ 2002-يىلىغىچە 30 يىل بۇ ئاراللارغا ئەمەلىي ھوقوق يۈرگۈزگەن بولدى.

2002-دىن 2012-يىلىغىچە ئون يىل ئىچىدە جۇڭگونىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ بۇ ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى مەسلىسىدە تۇتقان پوزىتسىيەسى قاتتىقلىشىپ باردى.ئارىدا ھەممىمىز نۇرغۇن ئىشلار،نامايىشلار بولدى........

شۇنداق قىلىپ ئالدى كەينى بولۇپ 10 يىلدىن كىيىن بۇ مەسلىنى يەنە كىيىنكىلەرگە قالدۇرايلى دىگەن ئاۋازلار چىقىشقا باشلىدى.بەزىلەر دىيىشى مومكىن،بۇ يەنە دىڭشاۋپىڭ ۋاقتىدىكى كۆز قاراشقا قايىتقانلىق ئەمەسمۇ دەپ.

ئوخشىمايدۇ.

ئۆز ۋاقىتدا بۇ ئىشنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرايلى دىگەننى جۇڭگو تەرەپ ئۈزىلا تەشەببۇس قىلغان،بۇنىڭغا ياپۇن تەرەپ قوشۇلۇپ ئىپادە بىلدۈرمىگەن دەپ قارايدۇ ياپۇن تەرەپ.يەنى ياپۇن تەرەپ ئەزەلدىن بۇ جەھەتتىن مۇرەسسە قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ باققانلىقىنى ئىتراپ قىلىپ باقمىغان.ئۆز ۋاقىتدا دىڭشاۋپىڭمۇ ياپۇنىيە ھۈكۈمىتى بىلەن بۇ ئىش توغۇلۇق پاراڭلىشىپمۇ باقمىغان.

ئەمما بۇ قېتىمقىسىدا بولسا ئالدىنقى قېتىمغا ئوخشاشلا ياپۇنىيە تەرەپ مۇرەسسە قىلىدىغان يېرى يوق دەپ تەكىتلەۋاتىدۇ.

جۇڭگو تەرەپ بولسا بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم خەلىقارالىق يىغىنلاردا ،دۆلەت ئىچىدە،مىدىيالاردا.............دىياۋيۈ ئارىلى جۇڭگونىڭ زىمىنى دەپ قاتتىق تۇرغاندىن كىيىن،ئاندىن بۇ ئىشنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرۇشنى تەشەببۇس قىلدى.



دىمەكچى،جۇڭگو سىنكاكۇ ئەسلىدىنلا ياپۇنىيەنىڭ زىمىنى دەپ قاراۋاتقان خەلقارالىق جەمىيەتكە،جۇڭگو ياپۇنىيە ئوتتۇرسىدا تالاشتا قالغان زىمىن قىلىپ كۆرسىتىشتەك ئىلگىرلەشكە ئېرىشتى.ئەمما بەلكىم ئەمەلىي باشقۇرۇش ھوقوقى يەنە بىر مەزگىللەرگىچە ياپۇنىيە تەرەپتە بولىشى مومكىن.جۇڭگو تەرەپمۇ ئارىلاپ كىمە ئەۋەتىپ «تەكشۈرۈپ» ياپۇنىيە تەرەپنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇپ تۇرىشى مومكىن............

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 07:39:55

خەنچە تەمسىلدىن ۋىيكۇڭ تيەنشا بۇلۇۋەن  {:90:}  

زامان زورنىڭ تاماشا كورنىڭ دەپ قويىمىزمۇ \"\"

ئۇرۇش بولىشىغا ھەرخىل مەنىلەردە چىش بىلەپ تۇرغانلار جىق بولماي...........

شۇڭا بۇ ئىشنى كىيىنكىلەرگە قالدۇرايلى دىيىش پەقەت 10 قەدەم ئالدىغا ئالغاندىن كىيىنكى بىر قەدەم چىكىنىپ ئۈزىگە تېخىمۇ كەڭ بوشلۇق ھازىرلاش خالاس.

سىياسەت ۋە سىياسەتۋازلار شۇنداق بولىدۇ.

ئۈگىنىپ قويۇڭلا پاترول  {:92:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 08:20:47

تۇنجى قېتملىقى ئەمەسقۇ بۇ بۇ كىيىنكى ئەۋلادلارغا قالدۇرۇش، ئاقىلانە تەدبىرگە يامان دە.

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 08:26:34

‹‹ قوپاپ كەتسەم سەت ئۇرىۋىتىتىم ›› دەپ خىيال قىلغان گەپ...شۇ ۋاقىتتىمۇ كۆرىمىز ...ياپۇن پاكارلىرىزە ئىسىدە يوق ئارال مەسلىسىنى كۆتۈرۈپ چىقمىدى ،.ئەمەر ئاكا ‹‹ ئۇكام ، جىدەل ئوينىغۇڭمۇ كەپ قالدى ھە ، مەن بار قورقما›› دەپ زۇۋانىنى كۆتۈرۈپ قويدى ،ھۆكۈمىتىمىز شۇنداق قارىسا ئاۋۇ پاكا ئۇرساڭ ساقچىغا مەلۇم قىلىمەن دەپ تۇرغان ، شۇنىڭ بىلەن دانا پارتىيىمىز خۇتۇنىنىڭ دەۋىتى بىلەن  ئۆيىگە كىرىپ كەتكەچ تازا تىللاپ ، يوتقانغا كىرىپمۇ يەنە تىللاپ ....  {:92:}
بەت: [1] 2 3
: دياۋيۈ ئارىلى مەسىلىسىنى كېيىنكىلەرنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا قالدۇرۇش كېرەك