dream001 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 18:51:53

ئۆزۈم سىزغان ماي بوياق رەسىم (ئامبار ئۆيدىكى توخو)

ئۆزۈم سىزغان ماي بوياق رەسىم (ئامبار ئۆيدىكى توخو)


بۇ رەسىمنىڭ سۈزۈك چوڭ نۇسخا ئادىرىسى

http://imgdata.hoop8.com/1305/263-564992382.jpg



ئاشخانا رېستۇرانلارغا ئاسساڭلار تولىمۇ ياخشى بولىدۇ  ئۇيغۇرۇمغا ھەقسىز 免费






chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:25:37

ئەلانى چاناپ سىناپ باقتىم،ئەلانى چانايدىغان ھوقۇق مەندە باركەن.

ناچارنى سىنىمىساممۇ بولار ھە.

freebird يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:32:25

ۋىروس دەپ ئاچقىلى ئۇنىمايدىيا؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:42:10

بەلكىم بۇنى تەسەۋۇرىڭىز بويىنچە سىزدىڭىز... مېنىڭچە رەڭ، يورۇقلۇق تۇيغۇڭىز كۈچلۈك، كونكىرىت ئىنچىكە تەسەۋۋۇرغا باي رەسسام ئىكەنسىز. رەسىمنىڭ ھەربىر قىسمىغا قارىسا، رەڭلىرىگە، يورۇقلۇق نىسبەتلىرىگە ئىنچىكە، ئەستايىدىل ئىشلەنگەنلىكىڭىزنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ... بولۇپمۇ ماڭا ھەممىدىن ياققىنى كۆك سىردا سىرلانغان ئامبار ئىشىكى ۋە تۇتقۇچى، ھەممىدىن تۇتقۇچىدىكى نۇر شولىسى... ئۇنىڭ يېنىدىكى يېشىك ۋە كونا رو كورا چاينەك، ئاسقۇچقا ئېسىپ قويۇلغان تانا... ئاندىن توخۇنىڭ قۇرۇتمۇ، ھاشارەتمۇ ئەيتاۋۇر بىر نەرسىنى كۆرۈپ تەمشىلىپ تۇرغان ھالىتى، پۇچۇق ئەينەكلىك كونا دەرىزە، تاملاردىكى ھاك سۇۋاقلار... ئىشىكتىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چىرايلىق، ھاۋا ئوچۇق، چۈشتىن كىيىن مەزگىلىدىكى راھەت بەخىش مەنزىرە...



ئومۇمەن، تېخنىكىلىق جەھەتتە مېنىڭچە ياخشى سىزىلىپتۇ. لىكىن، ئازىراق كەمچىلىكلەرمۇ يوق ئەمەس. مەسىلەن، تاغارلار ئانچە ياخشى سىزىلماپتۇ. يەنە رەسىمدىكى ئوبىكتلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى سەل رەتسىزرەل بولۇپ قاپتۇ... سىز باشقا خىل رەسىملەرنى، مەنزىرىلەرنى مۇشۇنداق سىىزىپ باقسىڭىز بولغۇدەك.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 22:22:01

قەلەم قۇۋۋىتىڭىز خېلى يۇقۇرىكەن . مەن بەك قايىل بولدۇم .

ماڭا چۆگۈن بىلەن چۆمۈچنىڭ شەكلى ياخشى ئېلىنمىغاندەك بىلىندى . ئەمما ئىشىك بىلەن تامغا بەك ئىشلەپ قويۇپسىز . يېقىن كەلگۈسىدىكى داڭلىق رەسسامدىن بىرنى كۆرگەندەك بولدۇم . گەپلىرىمدە قىلچىلىكمۇ مۇبالىغە يوق . سەمىمىي ئېيتىۋاتىمەن .



شۇنداق ، ماڭا بەك يارىدى . \"\"

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 20:25:33

ميەنپىي! دەپ ئوقۇسام ئېكرانغا چاچراپ كەتتى.

yigana.yigit يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 07:51:41

مەنمۇ بايقىغىنىمنى دەپ قوياي،،، كۆپىنچە ئوبكىتلارنىڭ سايىسىنى ئۇنتۇلۇپ قاپسىز دەپ ئويلىدىم.. سومكا، ياغاچ ساندۇق، ۋە باشقىلار،، سايىسى بارلىرىنىڭمۇ قىنىقلىق دەرىجىسى يىتەرلىك ئەمەس..

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 08:25:54

سىزدىن سوراپ باقسام ،مىنىڭ ھۆسىن-خەتكە ھەۋىسم بارتى،مۇشۇ بىۋاستە كۆمپىيوتىرغا يىزىش- سىزىش ئۈچۈن قايسى ئەسۋابلار كىتىدۇ؟

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 09:26:52

چىرايلىق سىزىلغان رەسىملەركەن. ئەلا!

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 12:09:28

8- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىرايلىق سىزىلغان رەسىملەركەن. ئەلا!

مەن بىرتاللا رەسىم كۆردۈميا؟

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 15:34:41

ئىشىك بىلەن تام، ئىشىكتىن كىرگەن قۇياش نۇرى، ئىشىك ئالدىدىكى ھويلا بىلەن ئورمانلىقنىڭ پاسىل تېمىغا ئورمانلار ئارىسىدىن چۈشكەن كۈن نۇرى بەكلا تەبئىكەن، ئىشىك تۇتقۇچىدىكى چاقنىغان نۇر بىلىك دېگەندەك تەبئى چىققاندەك ھېس قىلمىدىم، تاغار ئانچە تەبئى ئەمەس، ئۆرە تۇرغان قۇرۇق تاغاردەكراق بوپ قاپتۇ، ئومومەن ياخشى چىققان. \"\"

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 21:50:00

9- قەۋەتتىكى bihayatنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى shah_senemنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چىرايلىق سىزىلغان رەسىملەركەن. ئەلا!

مەن بىرتاللا رەسىم كۆردۈميا؟  



بەك جىق رەسىملەر بارتى، ئوبدان قاراڭ.


ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەنلا بولۇپ كەتكەندەك قىلىسىز...

uyghurjan0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 22:42:23

تالانتىڭىزنى نامايان قىپسىز ھەقىقەتەنمۇ نادىر ئەسەر بوپتۇ . ئىشىك تۇتقۇچىنىڭ پارقىرىغان ھالىتى ، توخۇ يەنە ئىشىك ، دەرىزىنىڭ چېقىق كۆزنىكى شۇنداق

تەبئي چىقىپتۇ . تاغىرىڭىز ئۇرۇق تۇرىدۇ سامانمۇ  {:92:}  ھا ھا چاقچاق قىپقويدۇم ، تېخىمۇ ياخشى ئەسەرلىرىڭىزنى كۈتىمىز ئەلانى بېسىۋەتتىم.

asalam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 15:26:17

ئومۇمىي گەۋدىسىدىن قارىغاندا ناھايىتى ياخشى ئەسەر بوپتۇ . شەكىل جەھەتتىكى قىسمەن ئۆلچەمسىزلىكنى ئالمىغاندا رەڭلەر ناھايىتى جاھىدا ئىشلىتىلىپتۇ . ئۆيۈڭلار نەدە؟ ھەجەپ چىرايلىق بىر يەر تۇيۇلۇپ كەتتا ماڭا ....

abdrtt يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 16:05:48

مەن دەيدىغان گەپنى Bilig دەپ بوپتۇ...

ئامبار ئۆيدىن چىقساقلا ئېتىزلىقتەك كەڭرى ھويلىغا چىقىپ كېتىدىكەنمىىز...(بۇرۇنقى زاماندا بولسا مەيلى) ھازرى ئامبار ئۆينى ئىچكىرگە ئورۇنلاشتۇرمىساق بولمايدۇ...

ئاۋۇ مىكياننىڭ يەنە بىرەر ئىككى تال چۈجىسىمۇ بوپ كەتكەن بولسا.....

پاكلان توخۇسى بىلەن ئىىككى دۇنياكەن ماۋۇ توخا

bardam يوللانغان ۋاقتى 2013-6-3 21:08:06

راس ياخشى چىقىپتۇ،تۇتكۇچتىكى نۇر بىلەن تاغاردىلا ئازراق مەسىلە باردەك

function يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 00:55:48

ئۆرە تۇرغان قۇرۇق تاغاردىن باشقىسى ياخشى چىققاندەك...

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 01:21:19

بۇ رەسىمنىڭ ئارتۇقچىلىقىمۇ كەمچىلىكىمۇ بىلمىدىم. مېنىڭچە، مەلۇم تېمىنى ئاساس قىلغان سەنئەت ئەسەرلىرىدە شۇ تېما، ئارقا كۆرۈنۈشكە قارىغاندا بەكىرەك گەۋدىلىنىشى، سەنئەت ئىجاتچىسىنىڭ تۇيغۇسىنى نامايەن قىلىپ بىرەلىشى كىرەك. بۇ خۇددى ھىكايە يازغاندا باش پىرسوناژ ۋە باش تېما مەركەز قىلىنغان ھالدا بايان قىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانغا ئوخشايدۇ...



شۇڭا بۇ رەسىگە قاراپ يەنە شۇنى دىگۈم كەلدى، رەسىمدە ھېچقانداق بىر ئوبىكت ئالاھىدە گەۋدىلەنمىگەن، ئەكسىچە ھەر بىر قاراش بۇلۇڭىدىكى ئىنچىكە نوختىلارغىچە تەپسىلى سىزىلغان، يەنى قايسى ئوبىكت نى گەۋدىلەندۈرۈپ سىزغانلىقى نامەلۇم بولۇپ قالغان. بۇ خۇددى بىر ھىكايە يازغاندا بارلىق مۇھىم بولغان بولمىغان تەپسىلاتلارنى ئوخشاش رېتىمدا بايان قىلغانغا ئوخشاپ قالغان. مەن يەنە بەزى رەسىملەرگە دىققەت قىلىپ باقتىم، يېقىن-يىراق، گەۋدىلىك ۋە مۇھىم ئەمەس ئوبىكتلار ئېنىق ئايرىلىپ سىزىلىدىكەن.



رەسىم ئېنىق ۋە ئەينەن سىزىلغاندەك تۇيغۇ بىرىدۇ لىكىن نىمىشقىكىن لاپپىدە بىر خىل تۇيغۇ بىرەلمەپتۇ. نىمە دىگەندە، يۇقاردا مەن دىگەندەك رەسسامنىڭ ھېسسىياتىنى «ئوقۇغىلى» بولغۇدەك گەۋدىلىك تۇيغۇ ئىپادىلەنمەپتۇ... بەزى رەسىملەر بار، قارىسا جىجىق، چاپاق،... لىكىن، بىر خىل ھوزۇر ۋە تۇيغۇ، ئېلىھام بېغىشلايدۇ. بەلكىم ئۇلاردا سەنئەت ھەقىقى ئىپادىسىنى تاپقان بولىشى مۇمكىن. فوتو-سۈرەت ئەسەرلىرىمۇ شۇ، سىز ياخشى كامىراسىڭىز بولسىلا خالىغانچە رەسىملەرنى تارتىيالايسىز، لېكىن كەسپىي ياكى سەنئەت تۇيغۇسى بار فوتوگرافلارنىڭ تارتقان سۈرەتلىرى بىر خىل دىققەتنى تارتىدۇ ۋە ھوزۇر بېغىشلايدۇ...



يۇقارقىلار پەقەت كۆز قارىشىم.

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 09:40:35

ئىشىكنىڭ ئالدىدىكى ھويلا سىمۇنۇت ياتقۇزۇلغان يەر بولماي ،ئادەتتىكى يەر بولغىنىدا تىخىمۇ تەبىئى بولەركەندۇق.

فائىزە034 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 14:02:12

بۇ رەسىمنىڭ ئۇسلۇبى بىر ئادەمنى ئەسلىتىۋاتىدۇ، سىز ھېلىقى غەلىتە مەخلۇقلارنى بەك پەيزى سىزىۋېتىدىغان سۈبى شۇمۇ؟
بەت: [1]
: ئۆزۈم سىزغان ماي بوياق رەسىم (ئامبار ئۆيدىكى توخو)