Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 08:19:53

بۈگۈن خەلقئارا بالىلار بايرىمى...

  بۈگۈنكىدەك
بالىلارنىڭ قۇتلۇق كۈنىدە ئىزدىنىشقا بىرەر تىما بولسىمۇ يېزىلماپتۇ. كىچىك
ۋاقىتلىرىمىزدا ھېيتتىن قالسىلا ئەڭ خۇشھال بولىدىغان كۈنلىرىمىزتى، شۇ ۋاقىتلارنى
ئەسلەپ قالدىم.  مەن بولساممۇ كىچىككىنە
تىلىگىمنى بىلدۈرۈپ قوياي:



بۈگۈنكى بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن
دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن.


ئۇلارنىڭ تىنىچلىق،
ساغلاملىق، پاكىزلىق ۋە ئىناقلىق ئىچىدە ياشىشىنى، ھەممە قول تۇتۇشۇپ گۈزەل
كەلگۈسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ چىقىشىنى تىلەيمەن.

elbilge يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:17:54

مەن نىمىشقا چىقمايمەن؟

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:25:46

بالىلار كۈنى دېيىشكە بولارمۇ؟

dawanqi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:27:23

قايسى كۈنى گۈلەننىڭ بىر يازمىسىدىن سوتسىيالىزىم دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردە 6-ئاينىڭ1-كۈنىنىڭ ئۇنداق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئوقۇپ،توردىن ئاختۇرۇپ باقسام راس دىگەندەك ماركىسىزىمنى دۆلەت يولى قىلغان دۆلەتلەرلا بۇ كۈننى خەلقارالىق بالىلار بايرىمى دەپ ئۆتكۈزىدىغان چىراي تۇرىدۇ \"\" \"\" \"\"

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:30:27

دىنىمىزدا ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر !

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 11:00:45

بۈگۈنكى كۈندە ئۇلارغا كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە ئەجدادلار ئۈگۈتى بەرسەك بولىدۇ.



ساۋابلىق ئىش قىلغان ھەر بىر كۈنۈڭ بايرامدۇر-دېيىلگەن!



مۇشۇنداق بىر ياخشى تىلەككىمۇ چىۋىن گەپ قىلماڭلارچۇ...

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 11:09:54

بۇ ياققا كىرىپ بالىلىقىڭلاردا كۆرگەن كارتون فىلىملەرنى ئەسلەپ كۆرمەمسىلەر، http://www.torhumar.com/memories-of-classic-cartoon-animation.html

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 11:28:33

بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسى ئۈمىدلىرىمىز، بالىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن ھەممىلا يەر قاينام-تاشقىنلىققا تولۇپ كەتتى، تۆۋەندە بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ بايرامنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە قىسقىچە توختالماقچىمىز.

1939-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى گىتلىر گىرمانىيىسى تاجاۋۇزچىلىرى چىخىسلوۋاگىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا فاشىسىتلار ھۆكۈمرانلىغىغا قارشى تۇرغان ئوقۇغۇچىلارنى قىرغان بولۇپ شۇ چاغدا توققۇز ئوقۇغۇچى ئۆلتۈرۈلگەن، ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تۇتۇلغان. 1940-يىلى 11-ئاينىڭ 17-كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئارقا-ئاقىدىن يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ پىراگا ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھەققانىي كۆرىشىگە مەدەت بەرگەن. 2-دۇنيا ئۇرىشىدىن كىيىن 1946-يىلى پىراگادا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا ئوقۇغۇچىلىرى يىغىنىدا 11-ئاينىڭ 17-كۈننى خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار بايرىمى كۈنى قىلىش قارار قىلىنغان.

1949-يىلى 11-ئايدا خەلقئارا دىموكراتىك ئاياللار بىرلەشمىسى موسكۋادا يىغىن ئۆتكۈزۈپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى ئەللىرىدىكى ئەمگەكچى ئاياللار ۋەكىللىرى جاھانگىرلارنىڭ بالىلارغا زىيانكەشلىك قىلغان جىنايىتىنى پاش قىلغان، بالىلارنىڭ ھاياتلىق ھوقوقى، ساغلاملىق ھوقوقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئاساسى ھوقوقلىرىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنىنى خەلىقئارا بالىلار قىلىپ بەلگىلىگەن.

1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزى خەلق ھۆكۈمىتى مەمۇرى ئىشلار كېڭىشى بۇيرۇق چىقىرىپ ھەر يىلى 1-ئىيۇن كۈنىنى ئېلىمىز بالىلىرىنىڭ بايرىمى قىلىشنى بەلگىلىگەن شۇنىڭدىن بۇيان بۇ كۈنى بالىلار ئۈچۈن ھەرقانداق ھېيت-بايرامدىنمۇ ئەھمىيەتلىك بىلىنىدىغان بىر كۈن بولۇپ قالدى، بۇ كۈندە ئاتا-ئانىلار مەخسۇس بالىلىرى ئۈچۈن بىر كۈنىنى ئاجرىتىپ، بالىلىرىنى باغچىلارغا ئېلىپ بارىدۇ، ھەرخىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ ياكى مەكتەپ ياكى ھەرخىل كۇرۇسلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلاپ ئاتا-ئانىلىرىغا سوۋغا قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ بالىلارنىڭ پائالىيەتلىرىمۇ سەرخىللىشىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن جەمئىيەتنىڭ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تېخىمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇ. بۈگۈن بۇ بايرام مۇناسىۋىتى بارلىق بالىلارنىڭ جۈملىدىن، ئۇرۇش ئوتلىرى ئىچىدە ئازاب ۋە ۋەھىمە ئىچىدە ئۆسۈپ-يېتىلىۋاتقان، چەت-ياقا يېزىلاردا ئاچ-توق، يېرىم-يالىڭاچ يۈرىۋاتقان بالىلارنىڭمۇ بايرىمىنى تەبرىكلەيمىز. بۇ كۈن پەقەت تىنچ-خاتىرجەم، بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلارنىڭلا ئەمەس، ھەممە بالىلارنىڭ بايرىمى، ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ بۇ بايرامدا خوشال-خورام ئويناش ھوقۇقى بار. بۇ كۈندىلا ئەمەس، ھەممە كۈندە بالىلىق ئەسلىمىلىرىنى بەختىيارلىق ۋە غەم-غۇسىسىز مىنۇتلار بىلەن توشقۇزۇشقا ھەقلىق.





1-ئىيۇن خەلقارا بالىلار بايرىمىنى ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزگەندىن باشقا يەنە ھەر يىلى ئاپرىلىنىڭ 4-يەكشەنبە كۈنى بولغان «دۇنيا بالىلار كۈنى»نىمۇ ھەر قايسى دۆلەتلەر ئورتاق ئۆتكۈزىدۇ. بۇ ئورتاق ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمىدىن سىرت ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يەنە ئۆز ئالدىغا ئايرىم ئۆتكۈزىلىدىغان بالىلار بايرىمى كۈنىلىرىمۇ بار، بۇلار تۆرەندىكىچە:

1-پايۇنىيە بىر يىلدا ئۈچ قېتىم بالىلار بايرىمى ئۆتكۈزىدۇ، يەنى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى قىزلار بايرىمى، 5-ئاينىڭ5-كۈنى ئوغۇللار بايرىمى، 357 بايرىمى (يەنى 3 ياش، 5 ياش، 7 ياشلىق بالىلارغا بېغىشلانغان بايرام)

2-كولۇمبىيە : 7-ئاينىڭ 4-كۈنى

3-بىرازىلىيە : 8-ئاينىڭ 15-كۈنى

4-كورىيە : 5-ئاينىڭ 5-كۈنى

5-شىۋىتسىيە : 8-ئاينىڭ 7-كۈنى

6-رۇسىيە : 6-ئاينىڭ 1-كۈنى

7-ھىندىستان : 11-ئاينىڭ 14-كۈنى

8-ئىسلام دۆلەتلىرى : رامزاننىڭ 14-كۈنى

9-سىنگاپور : 10-ئاينىڭ 1-كۈنى

10-ئەنگىلىيە : 7-ئاينىڭ 14-كۈنى

11-ھىندونىزىيە : 7-ئاينىڭ 23-كۈنى

12-كوبا : 7-ئاينىڭ 6-كۈنى

13-تۈركىيە : 4-ئاينىڭ 23-كۈنى

14- تايلاند : 1-ئاينىڭ ئىككىنچى شەنبىسى


Algha يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 11:43:34

2- قەۋەتتىكى dawanqiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

قايسى كۈنى گۈلەننىڭ بىر يازمىسىدىن سوتسىيالىزىم دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردە 6-ئاينىڭ1-كۈنىنىڭ ئۇنداق داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئوقۇپ،توردىن ئاختۇرۇپ باقسام راس دىگەندەك ماركىسىزىمنى دۆلەت يولى قىلغان دۆلەتلەرلا بۇ كۈننى خەلقارالىق بالىلار بايرىمى دەپ ئۆتكۈزىدىغان چىراي تۇرىدۇ \"\" \"\" \"\"



داۋانچى بۇرادەر، گۈلەن ئاكىمىز نورغۇن گەپلەرنى توغرا دەۋاتىدۇ، ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بىراق نېمە دېسە شۇنى توغرا دەپ قارىماي ئاز - تۇلا ئىزدىنىپ بېقىش ئادىتىمىزمۇ  بولسۇن. بىر ئادەمنىڭ گىپىگە پۈتۈنلەي ئەگىشىدىغان جاھان ئەمەس بۇ، تەكشۈرۈپ بېقىپ توغرا بولسا ئەگىشىدىغان جاھان...


azghuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 14:28:45

3- قەۋەتتىكى anas001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنىمىزدا ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر !


مۇشۇنداقلار ھارامدىن بولغانمىكىن دەيمەن،بالىلار كەينىڭگە بىر نەرسە تىقىۋەتمىگەندۇ تور موللىسى،سەندەكلەر دىنىمىزنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى، قوڭىنى يۇيۇشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن لالەك


ل

YELKEN يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 14:36:13

ھەممىدىن تۈركىيەنىڭ بالىلار بايرىمى ياخشى جۇمۇ...... چوڭلارنىمۇ دەم ئېلىشقا قويىۋېتىدۇ، بىزلەرمۇ بىر كۈن دەم ئېلىۋالىمىز....  {:92:}

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 15:01:06

8- قەۋەتتىكى azghuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى anas001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنىمىزدا ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر !


مۇشۇنداقلار ھارامدىن بولغانمىكىن دەيمەن،بالىلار كەينىڭگە بىر نەرسە تىقىۋەتمىگەندۇ تور موللىسى،سەندەكلەر دىنىمىزنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى، قوڭىنى يۇيۇشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن لالەك


ل





بۇنچىلىك چېچىلىپ ئېغىز بۇزۇشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزدە بۇنى تەكىتلەپ بالىلارغا قايسى بايرامنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى كىچىكىدىن باشلاپ بىلدۈرۈش مېنىڭچە موھىم. بۈگۈن مەنمۇ قەستەن بالامنى ئويناتقىلى ئېلىپ چىقمىدىم. ئادەتتىكى كۈنلەردە ئوينىتىپ كېلىدىغان. قايسى كۈنى ئاشخانىدا تاماق ساقلاپ ئولتۇرغان، بالام تولۇق ھېجاپلانغان(كۆزىلا ئوچۇق) بىر ئايالنى كۆرۈپ، ۋا ..... قارا دادا بۆرە ئادەم كەلدى دەيدۇ. نۇمۇستىن يەرگە كىرگۈدەك بولدۇم. بىرمۇنچە چۈشەندۈرپ كەتتىم.

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:18:39

8- قەۋەتتىكى azghuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى anas001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنىمىزدا ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر !

مۇشۇنداقلار ھارامدىن بولغانمىكىن دەيمەن،بالىلار كەينىڭگە بىر نەرسە تىقىۋەتمىگەندۇ تور موللىسى،سەندەكلەر دىنىمىزنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى، قوڭىنى يۇيۇشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن لالەك


ل





مەن بۈگۈن تۈنجى قېتىم مېنى تىللىغان كىشى ئۈچۈن ئېچىندىم ! ئاللاھ سېنى ھىدايەت قىلسۇن! سالامەت بولغىن!

anas001 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:49:30

تۆۋەندىكى ھەدىسنى ئەسلەپ قالدىم :

---

بسم الله الرحمن الرحيم

إني أرى ما لا ترون و أسمع ما لا تسمعون أطت السماء و حق لها أن تئط ما فيها موضع أربع أصابع إلا و ملك واضع جبهته لله تعالى ساجدا و الله لو تعلمون ما أعلم لضحكتم قليلا و لبكيتم كثيرا و ما تلذذتم بالنساء على الفرش و لخرجتم إلى الصعدات تجأرون إلى الله ( حم ت ه ك ) عن أبي ذر

2449. ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دېگەن: ھەقىقەتەن مەن سىلەر كۆرەلمىگەننى كۆرەلەيمەن، ئاڭلىيالمىغاننى ئاڭلايمەن، ئاسمان غىچىرلاپ ئاۋاز چىقىرىپ كەتتى، ئۇنىڭ شۇنداق قىلىشى ھەق، لايىقتۇر، چۈنكى، ئاسماندا تۆت بارماقنىڭ يەنى بىر ئالىقاننىڭ يېرىمىچىلىك ئورۇنلا بولسا، شۇ جايغا پەرىشتە، ئاللاھ ئۈچۈن سەجدە قىلغان ھالدا پىشانىسىنى قويۇپ تۇرۇغلۇق، ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، ئەگەر سىلەر مەن بىلگەننى بىلگەن بولساڭلار، ئەلۋەتتە ئاز كۈلۈپ، كۆپ يىغلايتتىڭلار، كۆرپە، تۆشەكلەر ئۈستىدە ئاياللىرىڭلاردىن لەززەت ئالالمايتتىڭلار، ئەلۋەتتە، ئېگىز – ئېگىز تاغلارغا، ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىپ چىقىپ كېتەتتىڭلار، ئاللاھ ئاللاھ! دەپ كېتەتتىڭلار، ئەھمەد، تىرمىزى، ھاكىم، ئىبنى ماجە توپلىغان، ھەسەن.

سەھىھ ھەدىسلەر توپلىمىدىن..

gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:50:26

روسسىيە 6-ئاينىڭ 1- كۈنى...مۇشۇ تەرىپىمۇ جوڭگۇغا ئوخشايدىكەن، ھەي رۇسىيە ھەي جوڭگۇ قاچان قۇتۇلارسىلەر فاشىزىم بىلەن كومۇنىزىمدىن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 20:09:05

8- قەۋەتتىكى azghuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

3- قەۋەتتىكى anas001نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دىنىمىزدا ئىككى ھېيتتىن باشقا بايراملار بىدئەتتۇر !


مۇشۇنداقلار ھارامدىن بولغانمىكىن دەيمەن،بالىلار كەينىڭگە بىر نەرسە تىقىۋەتمىگەندۇ تور موللىسى،سەندەكلەر دىنىمىزنىڭ ھەقىقى دۈشمىنى، قوڭىنى يۇيۇشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن لالەك


ل



سىزچۇ؟


بۇ تۇرقىڭىزدا ...


سىزگە ئاللاھتىن ھىدسايەت ، ئەقىل- پاراسەت تىلەيمەن.

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 20:14:15

14- قەۋەتتىكى tarimنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھەي ئىزدىنىش قاچان قۇتىلارسەن فاشىستلىقتىن .



گۇڭسەنداڭ مائاىش بىرەمدۇ ساڭا سولامچىلار تور موللىسى دەپ تىللىغان ھەربىر ئىنكاسىڭغا.

يا توختى تىچىڭ ئارىمدۇ ، موللىلارنى يەكلىگىنىڭە.



ئىزدىنىش نەچچە تاقىلىپ يەنە قايتا ئېچىلسىمۇ بىر ئىناق مۇھىت يوق.

مۇشۇ گەپنى يوقىتىشساڭ بولمامدۇ ھايۋاندىن تۆرەلگەن گۇيلار ئاناڭ بىلەن داداڭغا شۇ موللىلار نىكاھ ئوقۇغاچقا ، سەن گۇيلار تۇغۇلغانسەن ، ئاندىن قۇلىقىڭغا شۇ موللا ئەزان تولاپ ئىسىم قويغاندۇ .


سەن ھارىمىلىنى يا كاپىر دەپ ئىنكاسىڭنى نەقىل قىلىپ كەينىڭگە كىرىۋېلىشمىسا نىمە تۈگىتىشمەيسە سولامچىلار مۇشۇ گەپنى .





\"\"


سەت بولسىمۇ راست گەپ قىپسىز. \"\"


ئىزدىنىشتىكى گۇندىپايلارېمۇ شۇنداقلارنىڭ ئىنكاسىنى ئۆچۈرۈپ ئۇچۇر يوللاپ قويۇپ ئاندىن چەكلىۋەتسىلا بولامدىكىن دەيمەن.  

bihayat يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 20:17:22

5- قەۋەتتىكى adreamofmineنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ ياققا كىرىپ بالىلىقىڭلاردا كۆرگەن كارتون فىلىملەرنى ئەسلەپ كۆرمەمسىلەر، http://www.torhumar.com/memories-of-classic-cartoon-animation.html



تورھۇماردىكىسى بەك ئازكەن، نەدە بىر يەردە
بالىلار ئۈچۈن بۇرۇنقى كارتونلار دەپ بىر تېما كۆرگەنتىم، ئىزدەپ باقاي.

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 09:22:15

مېنىڭ بالىلىق چاغلىرىم يايلاقتا ئۆتكەن. ھەر قېتىم بالىلار بايرىمى بىر ھەپتە ئەتراپىدا كەينىگە سۈرۈلۈپ ئۆتكۈزۈلەتتى. چۈنكى، ئۇ چاغدا پۈتۈن مەھەللە قىشلاقتىن يازلىق يايلاقلارغا كۆچۈپ كېلىدىغان ئالدىراش مەزگىللەر ھېسابلىناتتى. پۈتۈن ئەل-يۇرت يېرىم ئاي شەكىلدە ئولتۇرۇپ، بالىلار نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنىشاتتى. بۇ چاغدا پۈتكۈل يايلاقتا سودا سېتىق باشلىنىپ كېتەتتى.

بارغانسېرى ئارقامدا قېلىۋاتقان تاتلىق بالىلىقىمغا چىدىمايمەن!
بەت: [1] 2
: بۈگۈن خەلقئارا بالىلار بايرىمى...