omarjava يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 23:06:28

تۆگە قۇش تۇخۇمى سېتىلىدۇ[تېخنىكا]





تۆگە قۇش تۇخۇمى تۇخۇملارنىڭ سەردارى دەپ نام ئالغان.تۆگە قۇش تۇخۇمى باشقا تۇخۇم تۇرىگە سېلىشتۇرغاندا ئاقسىل ، كالتىسى، تۆمۇر قاتارلىق ماددىلار يۇقىرى بولۇپ ، ئوزۇقشۇناسلار تەرپىدىن تېپىلغۇسىز گۆھەر ۋە «يۇمشاق ئالتۇن» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئادەتتە بىر دانە تۆگە قۇش تۇخۇمى ئۇزۇنلۇقى 15 سانتىمىتىر ، كەڭلىكى 8 سانتىمىتىر كېلىدىغان بولۇپ ، ئېغىرلىقى 1.5 كىلوگرام كېلىدۇ.









تۆگە قۇش تۇخۇمى يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىكى بولغاندىن باشقا تىبا بەتتە : ياخشى ئېنېرگىيە تولۇقلاش، ئىمۇنتىت كۈچىنى ئاشۇرۇش ، چىراي گۈزەللەشتۈرۈش ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشكە مەنپەت قىلىش، قاندىكى ماي ۋە قەنت نى تۆۋەنلىتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەپ روھنى كۆتۈرۈش، يەل تارقىتىش، بەلغەمنى يوقۇتۇش ، چىگويەن ، زىققا ، ئۆپكە تىبىركوليۇز ، سۆڭەك ئاغرىقى ،  سۆڭەك شالاڭلاش ، بوغۇم ياللۇغى ، يىلىك سۇيۇلۇش قاتارلىق كىسەللەرگە مەنپەت قىلىدۇ .

تۆگە قۇش تۇخۇمى يۇقارقىدەك ئالاھىدىلىك بىلەن تىبابەتتە ئىشلىتىشىپ قالماي يەنە ئۆز ئارا سوۋغات بۇيۇم سۇپىتىدە ئوزۇقلۇق تولۇقلىغۇچى قىلىپ ئىشلىتىلمەكتە . تۆگە قۇش تۇخۇمىنىڭ يۇقارقىدەك ئالاھىدىكىنى ئويلىشىپ بىز بىرتۈركۈم تۆگە قۇشى باقمىخانىسنى قۇرۇپ ساپ تەبىئىي تۆگە قۇش تۇخۇمى بىلەن تەمىنلەشنى نىشان قىلدۇق.

سىزنىڭمۇ تۆگە قۇش تۇخۇمىنى تېتىپ بىقىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.

ئەسكەرتىش : تۆگە قۇش تۇخۇمى ئارلىق يىراق ئورۇنلارغا تىز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزىمىز!


ئالاقىلاشقۇچى: ناۋاتجان     تېلفون:13579075249    چ چ:574976069

kasimpalgan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:15:36

ئۇكام،قايلىسام 300 كوي دەيدا ئەجدەرھانىڭ تۇخۇمىمۇيا بۇ ؟ \"\"

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 22:32:24

بىر تال تۇخۇم 300 سوم بولسا ، ماڭا نىسبەتەن ھەقىقەتەن قىممەتكەن .

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 23:56:51

بىر تۇخۇمنى تاماق ئورنىدا يىگىلى بولغۇدەك ئەمىسە. مىنىڭدەك تۇخۇمغا ئامراقلار بىرەنى بىقىپ قويسا بولامدۇ نىمە. ھازىر بىزنىڭ ماۋۇ قۇمۇل-تۇرپان تەرەپلەردە تۆگە قۇش باقمىچىلىقى خېلى ئەۋج ئېلىپ قالدى دىسە.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 00:17:46

تۆگە قۇش تۇخۇمى تۇخۇملارنىڭ سەردارى دەپ نام ئالغان.تۆگە قۇش تۇخۇمى باشقا تۇخۇم تۇرىگە سېلىشتۇرغاندا ئاقسىل ، كالتىسى، تۆمۇر قاتارلىق ماددىلار يۇقىرى بولۇپ ، ئوزۇقشۇناسلار تەرپىدىن تېپىلغۇسىز گۆھەر ۋە «يۇمشاق ئالتۇن» دەپ تەرىپلەنمەكتە

......................................

قانداق تۇخۇم چىقىشى يىگەن يېمىگە ،ياشاۋاتقان شارائىتىغا باغلىق ئىش ئۇ .قوتانغا بېقىلغان تۆگە قۇش تۇخۇمىنىڭ توكتا چىققان توخۇنىڭ  تۇخۇمى بىلەن نىمە پەرقى ..................

izchilar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 06:19:03

ئالدىنقى ھەپتە شەپكە بازىرىنىڭ ئاياق تەرىپىدە كىتىۋاتسام بىرەيلەن مۇشۇ تۆگۆ قۇش تۇخۇمى سىتىۋىتىپتىكەن. نەچچە پۇل دىسەم 300كوي دىدى.70كويغا بىر كىلو گوشنى يىيەلمەيۋاتقان خەلقىمىز 300كويغا بىر تال تۇخۇم يەپ بولالماسمىكىن.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 07:15:02

بىر تىلى 300سوم بولسا ھەجەپ قىممەتكىنا ،

306398168 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 08:17:59

باھاسى قانچە .  چۈشەنچە  بىرىىپ قويسىلا بولاتتى ،

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 08:44:07

ماۋزۇ «تۆگە قۇش تۇخۇمى سېتىلىدۇ[تېخنىكا] »دىكى تېخنىكا دېگەن سۆزنى كۆرۈپ، سۈنئىي ياسالغان تۇخۇمنى تونۇشتۇرىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن.



بىرسىنىڭ ئېغىرلىقى 1.5 كېلگرام كەلسە، بىر ئادەم بىر تۇخۇمنى يەپ بولغىلى بولارمۇ؟ يەپ بولغان تەقدىردىمۇ ئاشقازان كۆتۈرۈپ، سىڭدۈرۈپ كېتەلەرمىكىن؟

atella0997 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:01:00

‏‏ھازىرقى تۇخۇمنى ئادەم ياسايدىغان دەۋىردە،تۆگىقۇشنىڭ قوڭىدىن ئۆز قولى بىلەن سۇغۇرىۋالمىسا قالغىنىغا ئىشەنىچ قىلغىلى بولمايدۇ

satirax يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:14:26

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

paradocs يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 10:31:21

ناۋاتجان، بايا تېلفۇن قىلدىمغۇ سىزگە.



بۇ يەردە، بىر مەسىلە بار:

سىز بىدار قۇتلان ئېيتقاندەك قانداق ئىلمىي ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ، دوختۇرلارنىڭ قانداق ئۇسۇلدا ئىستىمال قىلساق شۇ دېگەن ئۈنۈمىگە ئېرىشىدىغانلىقىمىز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىپ بېقىڭ.

بۇ تەكلىپىمنى قوبۇل كۆرمىسىڭىز بازىرى ئۇزۇنغا بارمايدۇ.

بىر كۈندە قانچىلىك ئىستىمال قىلىمىز، قېپقالغىنىنى قانداق ساقلايمىز، پىشۇرۇپ يەمدۇق، خام ئىچەمدۇق؟

tadubeg يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 11:22:48

بۇ تۇخۇمدىن 100گراممۇ كۆپلۈك قىلغۇدەك بىر قېتىملىق ئىستىمالغا .

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:22:48

باھاسىنىڭ يوقىرلىقىغا قارىغاندا يىمەي مانداق قايلاپ قويسىمۇ پايدا قىلىدىغان ئوخشىمامدا.  {:106:}   {:106:}  \"\"

chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:32:02

alanwar يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 17:06:41

تۇخۇمنىڭ باھاسىنى ئېنىق يازغىنى بۇلارمۇ؟؟؟

arislanmemet يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 17:11:32

شۇھرەت مۇئەللىمنىڭ ماقالىسى دىگەن تېمىدىكى دوسىتلار كىرىپ بىر چۈشەندۈرۈپ قويسا ياخشى بوپتىكەن ئەسلى، مەيلى تۆگە قۇشى تۇخۇمى بولسۇن ياكى توخۇ تۇخۇمى بولسۇن ئوزۇقلۇق قىممىتىدە چوڭ پەرق يوق. ئەڭ چوڭ ھۆجەيرە قايسى دىگەن سۇئالغا تۆگە قۇشى تۇخۇمى دەپ جاۋاپ بېرىدىغان ئېسىمدە، تۇخۇم ئۇرۇقلانغان ھۆجەيرىدىن ئىبارەت. چوڭ كىچىكلىكىدىن باشقا جەھەتتە ئاساسەن كۆپ پەرق يوق. سېرىقى ھۆجەيرە يادروسى، ئېقى ستوپلازما. بەلكىم مىكرو ئىلمېنتلار ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن.

نەچچە يىل ئىلگىرى كىيۇ-كىيۇدا بىرسى بار ئىدى، پاراڭلىشىپ باققان، لىكىن ئۇياق ھۆنەر-سەنئەتلىك تۇخۇم تىجارىتى بىلەن شۇغۇنلىنىدىكەنتۇق.

chilan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 02:15:32

{:92:}  

ئۆردەك تۇخۇمىدەك تۇزلىۋىلىپ، كۈندە بىر چىشلەم يالاپ يىسەك قانداق بولا؟

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 08:51:56

18- قەۋەتتىكى chilanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

\"\"

ئۆردەك تۇخۇمىدەك تۇزلىۋىلىپ، كۈندە بىر چىشلەم يالاپ يىسەك قانداق بولا؟

چېشلەپ قويغان يەر ئەتىسى سېسىيدۇ شۇ 007.gif
بەت: [1] 2
: تۆگە قۇش تۇخۇمى سېتىلىدۇ[تېخنىكا]