Aman102 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 20:20:10

مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان[كۆچۈرۈلمە]

مەسچىت ھەرەمنىڭ ئىمامى ئەللامە سالىھ ئالى تالىب يېقىندا مەسچىت ھەرەمدە جۈمە نامىزىغا ئوقۇغان خۇتبىسىدا، سۈرىيىدىكى ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ھەر كىم ئۆزىنى تەكشۈرۈپ بېقىشقا تېگىشلىك تولىمۇ ئەھمىيەتلىك نۇتۇق سۆزلىدى.

ئۇ «مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان، ئېغىر بەدەللەرنى تۆلىيەلمىگەن مىللەت تارىخ بېتىدە ئىز قالدۇرالمايدۇ» دېگەن مەزمۇندا تۆۋەندىكىلەرنى سۆزلىدى:

سۈرىيە زېمىنىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدا مۇسۇلمانلار كۈنىگە يۈزلەپ بوغۇزلانماقتا. قانلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. سۈرىيە رىجىمى ئون مىڭلارچە پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ، مىليونلارچە پۇقرانى يۇرتلىرىدىن پالاپ، سۈرىيىنىڭ تارىخىي ئەسەرلىرىنى، ھازارەت - مەدەنىيەتلىرىنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلماقتا. تارىخىي كۇتۇپخانىلارنى قەستەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈپ كۈلگە ئايلاندۇرماقتا. ئۇ زالىم ھاكىمىيەتنىڭ دىن بىلەنمۇ ئىشى يوق. كىچىك بالىلارنىڭ يىغا - زارلىرىمۇ ئۆلگەن قەلبىنى ئېرىتەلمەيدۇ. سۈرىيە رىجىمى سۈرىيە زېمىنىغا يات بىر رىجىم بولۇپ، سۈرىيە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەيدىغانلىقى پۈتۈن دۇنياغا ئايان بولماقتا. زالىم، قانخور ھاكىمىيەت قىرغىنچىلىقلارنى سادىر قىلىۋاتىدۇ، ئۇنىڭغا ئەقىدە قېرىنداشلىرى(ئىران بىلەن ھىزبۇللاھنى دېمەكچى) بولغانلار ياردەم بەرمەكتە. سۈرىيە خەلقىنى بىرلىكتە بوغۇزلىماققا. ئەرەب ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمەنلىرى ئۇ زالىملارنى ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرماقتا. ئازسانلىق قانخورلار كۆپ سانلىق پۇقرالارنى رەھىمسىزلەرچە قەتلىئام قىلماقتا. قايسى كۈنى بىرلا ۋاقىتتا 500دىن كۆپ ئىنسان بوغۇزلاپ تاشلاندى، ئۇلارنىڭ كۆپلىرى كىچىك بالا ۋە ئاياللار ئىكەن. بۇنداق ۋەھشىيلىكنى تارىخ كۆرگەنمۇ ئەجىبا!؟

بۇ ئەھۋالنى دۇنيا خەلقى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلماقتا. مەزلۇملارغا ياردەم بېرىپ مۇداخىلە قىلىش، ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! سۈرىيە خەلقى ئىچكى دۈشمەننىڭ قولى، تاشقى دۈشمەننىڭ مېلى ئارقىلىق بوغۇزلانماقتا. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا :«بىزنىڭ سەندىن باشقا مەدەتكارىمىز يوق ئەي ئاللاھ!» دەپ شوئار تولىشى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان شوئار ئىدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەدەتكارى، تايانچىسى يوق!..

مىللەتلەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، دۇنيادىكى ھەرقانداق بىر مىللەت يۇقىرى سەۋىيىگە، ئالىي مەرتىۋىگە ۋە باشقىلارغا تەسىر دائىرىسى كۈچلۈك سەۋىيىگە يەتكەن بولسا، ئەلۋەتتە ئۇنىڭ ئارقىسىدا چوڭ ھادىسىلەر، بۈيۈك بەدەللەرنىڭ تۆلەنگەنلىكىنى، جان پىدا قىلىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەنلىكىنى كۆرمەي تۇرالمايمىز. ھەرقانداق مىللەت دۇنيادىكى مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشنى خالايدىكەن، شۇ مىللەتنىڭ ئەۋلادى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئاداقىلىش، ياشلىرىدا قۇربان بېرىش ئېڭىنىڭ يۇقىرى بولۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئەۋلادلارنى ياخشى تەربىيەلىمەسلىك، ئىنسانلاردا مەسئۇلىيەت ئېڭى تۆۋەنلەپ كەتكەن مىللەتنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ خەتەرلىك، دەھشەتلىك بولىدىغانلىقىنى، تارىخ بېتىدىن پۈتۈنلەي يوقاپ كېتىدىغانلىقىنى تارىخ ئىسپاتلىغان. بۈگۈنكى كۈندە ئىسلام ئۈممىتى كېلىپ قالغان خار - زەبۇنلۇقنىڭ ئاساسلىق ئامىلى دۇنيانى ھەددىدىن زىيادە ياخشى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا قۇل بولۇش. بايلىقىنىڭ قولدىن كېتىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، شۇ بايلىقىنى ساقلاپ قېلىش يولىدا دىنىنى، ئىمانىنى سېتىۋېتىشتەك ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىدۇر. نەپسى - خاھىش، ھەۋەسنىڭ كەينىگە كىرىپ، دۇنيانىڭ لەززىتىگە بېرىلىپ، بىھۇدە ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇش خۇددى زەھەرلىك چېكىملىككە ئوخشاش مەس قىلغۇچ ئامىل بولۇپ، ئۈممەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىنى ئاستىلىتىپلا قالماستىن خار - زەبۇنلىققا ئېلىپ بارىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۈممەتنىڭ ئازغۇن ھالىتى، خانىۋەيرانلىقى تولىمۇ ئۇزۇنغا سوزۇلدى. ئەسلىدە ئەھۋال بۇنداق بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىز ھەر يۈز يىلدا ئۈممەت بىر قېتىم ئويغىنىپ قانلىق ئۇرۇشلار، ۋەيران قىلغۇچى پىتنىلەرنى بېشىدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ھەقىقىي كىملىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىنى كۆرىمىز.

ھەيران قالارلىقى شۇكى، كۈنىمىزدە پىتنىلەر يىل بويى داۋام قىلىپ، مۇسىبەتلەر يېڭىلىنىپ بارماقتا. لېكىن مۇسۇلمانلار ئىبرەت ئالماي كېتىپ بارماقتا. دەرھەقىقەت، ئىسلام ئۈممىتىنىڭ بايلىق توپلاپ، دۇنيادا ئەڭ باي، سەرمايىسى ئەڭ كۆپ بولۇشى ئەرەبلەرنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرۈپ، خارلىقتىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامىلى بولالمايدۇ.»

ئەللامە ئالى تالىب يەنە مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئەرەبلەر دىنى تەلىماتتىن يۈز ئۆرۈپ، دۇنيادىكى ئەڭ زامانىۋى قوراللارنىڭ ھەممىنى سېتىۋالسىمۇ، ئاتوم قوراللىرىغا ئىگە بولسىمۇ يەنىلا خارلىقتىن قۇتۇلۇشى مۇمكىن ئەمەس. مۇسۇلمانلارنىڭ ئالدىدا ئىززەت - شەرىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن بىرلا يول ئىسلامغا قايتىشتۇر. ئىززەت - شەرەپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى خالىغان مۇسۇلمانلار تارىخىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈپ يەنىلا شۇ تارىخقا قايتىشى كېرەك. بىز مۇسۇلمانلار قىلىشقا تىگىشلىك مۇھىم مەسىلە ئۆز - ئۆزىمىزدىن ھېساب ئېلىش، تارىخىمىز ئۈستىدە قايتا ئويلىنىپ ئۆزىمىزگە مۇراجىئەت قىلىشتۇر. ئۈممەت ئۆز ئىچىدىن بۇزۇلماي تۇرۇپ تاشقى كۈچلەر، دىن دۈشمەنلىرىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرىشى مۇمكىن ئەمەس.

ئەي ئاللاھ، دۇنيادىكى مەزلۇم بەندىلىرىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىل! زالىملارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىل! ئامىن يارەببەل ئالەمىين!!!»

Aman102 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 21:50:58

بۇ ئىنكاسنى تېما قىلىپ يوللۇساق بولغۇدەك،ئاللاھ ئۆزى مەدەتكار ،،،،،

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 01:24:00

Aman102نىڭ تېمىسىدىن نەقىل

ئەي ئاللاھ، دۇنيادىكى مەزلۇم بەندىلىرىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىل! زالىملارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىل! ئامىن يارەببەل ئالەمىين!!!»

ئامىن

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 07:10:37

بۇ قىرغىنچىلىقلارغا (ئىران بىلەن ھىزبۇللا ياردەم بىرىۋاتىدۇ) ، بۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزمۇ ياكى نۇتۇقتا بار گەپمۇ ؟

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:21:43

ئەي ئاللاھ، دۇنيادىكى مەزلۇم بەندىلىرىڭگە ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ياردەم ۋە نۇسرەت ئاتا قىل! زالىملارنى ئۆز قۇدرىتىڭ بىلەن ھالاك قىل! ئامىن يارەببەل ئالەمىين!!!»

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 09:25:46

بىز ئالدىنقى جۈمە كۈنى مەسجىدتە ئىمامنىڭ خۇتبىسىدا ۋەز نەسىھەت ئاڭلىدۇق. نامازغا ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئىمامنىڭ ‹‹ھەممىڭلار قولۇڭلارنى مەيدەڭلەرگە ئېلىپ ۋەدە بېرىڭلار›، دېگىنىنى

ئاڭلىدۇق . ۋەتەننى سۆيىمەن، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىى قوغدايمەن ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن.

بۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتپاقلىقى خىزمىتى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىتپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

شۇنداقتىمۇ مەسجىدلەردە سىياسى تەشۋىقات قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ خەقنىڭ مەسجىدتىن پايدىلىنىپ يېپىپراق سىياسى تەربىيە، ئۇختۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىغا خېلى يىللاربولغانىدى. بۇ يىل ئوچۇق ئاشكارا ۋەدە بەرگىلى سالدى. ئەمدى بايراق ئېسىپ، پارتىيىلىك بولىسەن دېمەس بۇ خەق...

ۋەدە دېگەن سۆزنى قەسەمگە ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن، ئۆزرە سورايمەن.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 10:31:26

4- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئالدىنقى جۈمە كۈنى مەسجىدتە ئىمامنىڭ خۇتبىسىدا ۋەز نەسىھەت ئاڭلىدۇق. نامازغا ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئىمامنىڭ ‹‹ھەممىڭلار قولۇڭلارنى مەيدەڭلەرگە ئېلىپ قەسەم بېرىڭلار›، دېگىنىنى

ئاڭلىدۇق . ۋەتەننى سۆيىمەن، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىى قوغدايمەن ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن.

بۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتپاقلىقى خىزمىتى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىتپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

شۇنداقتىمۇ مەسجىدلەردە سىياسى تەشۋىقات قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ خەقنىڭ مەسجىدتىن پايدىلىنىپ سىياسى تەربىيە، ئۇختۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىغا خېلى يىللاربولغانىدى. بۇ يىل قەسەم بەرگىلى سالدى. ئەمدى بايراق ئېسىپ، پارتىيىلىك بولىسەن دېمەس بۇ خەق...

قايسى مەسچىتتە شۇنداق قىلدى؟ مەن بۇ گىپىڭىزگە تازا ئىشىنەلمەي قالدىميا.

bughraxan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 10:53:50

4- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئالدىنقى جۈمە كۈنى مەسجىدتە ئىمامنىڭ خۇتبىسىدا ۋەز نەسىھەت ئاڭلىدۇق. نامازغا ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئىمامنىڭ ‹‹ھەممىڭلار قولۇڭلارنى مەيدەڭلەرگە ئېلىپ قەسەم بېرىڭلار›، دېگىنىنى

ئاڭلىدۇق . ۋەتەننى سۆيىمەن، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىى قوغدايمەن ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن.

راستمۇ يا؟

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:06:21

2- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قىرغىنچىلىقلارغا (ئىران بىلەن ھىزبۇللا ياردەم بىرىۋاتىدۇ) ، بۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزمۇ ياكى نۇتۇقتا بار گەپمۇ ؟

ئۆزىنىڭ پىكىرىمۇ ئەمەس، نوتۇقتىمۇ مەسىلە يوق، بۇ ئېنىقلا توغرا گەپ...

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:10:21

7- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قىرغىنچىلىقلارغا (ئىران بىلەن ھىزبۇللا ياردەم بىرىۋاتىدۇ) ، بۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزمۇ ياكى نۇتۇقتا بار گەپمۇ ؟

ئۆزىنىڭ پىكىرىمۇ ئەمەس، نوتۇقتىمۇ مەسىلە يوق، بۇ ئېنىقلا توغرا گەپ...

ئۇنداق دىسە يىڭىلىشكەن بولۇدۇ ، ئەجەپ بۇلارنى دىگۈچىنىڭ كۆزى مەخپى بولۇنغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئۇچۇق-ئاشكارا قورال تارقىتىۋاتقان ئامرىكا ،ياۋرۇپانى كۆرەلمەپتا، ياكى ئۇلار شەپەرەڭمىدۇ؟

chanaymen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:10:55

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:32:20

8- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قىرغىنچىلىقلارغا (ئىران بىلەن ھىزبۇللا ياردەم بىرىۋاتىدۇ) ، بۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزمۇ ياكى نۇتۇقتا بار گەپمۇ ؟

ئۆزىنىڭ پىكىرىمۇ ئەمەس، نوتۇقتىمۇ مەسىلە يوق، بۇ ئېنىقلا توغرا گەپ...

ئۇنداق دىسە يىڭىلىشكەن بولۇدۇ ، ئەجەپ بۇلارنى دىگۈچىنىڭ كۆزى مەخپى بولۇنغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئۇچۇق-ئاشكارا قورال تارقىتىۋاتقان ئامرىكا ،ياۋرۇپانى كۆرەلمەپتا، ياكى ئۇلار شەپەرەڭمىدۇ؟

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ.  

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 12:37:25

10- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نەچچە قىتىم ئوقۇۋەتتىم. نىم بولدى؟

kadir7448 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 13:58:59

4- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىز ئالدىنقى جۈمە كۈنى مەسجىدتە ئىمامنىڭ خۇتبىسىدا ۋەز نەسىھەت ئاڭلىدۇق. نامازغا ئورنىمىزدىن تۇرغاندا ئىمامنىڭ ‹‹ھەممىڭلار قولۇڭلارنى مەيدەڭلەرگە ئېلىپ قەسەم بېرىڭلار›، دېگىنىنى

ئاڭلىدۇق . ۋەتەننى سۆيىمەن، مىللەتلەر ئىتپاقلىقىى قوغدايمەن ... دېگەندەك گەپلەر بىلەن.

بۇلارنىڭ مىللەتلەر ئىتپاقلىقى خىزمىتى ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ، ئىتپاقلىق گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلماقتا.

شۇنداقتىمۇ مەسجىدلەردە سىياسى تەشۋىقات قىلىش توغرا بولامدۇ؟ بۇ خەقنىڭ مەسجىدتىن پايدىلىنىپ سىياسى تەربىيە، ئۇختۇرۇش بېرىۋاتقانلىقىغا خېلى يىللاربولغانىدى. بۇ يىل قەسەم بەرگىلى سالدى. ئەمدى بايراق ئېسىپ، پارتىيىلىك بولىسەن دېمەس بۇ خەق...

مۇشۇنداقمۇ گەپ بارمىكەن تېخى؟

tujjar365 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 17:02:21

ئامىن . توغرا پىكىرلىك ئالىمكەن .

alshah يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 17:17:17

بۇ راس گەپ. 24-ماي جۈمە كۈنى دېگەن. مارالېشىدا جۈمە ئوقۇغىلى بارىدىغان تونۇلىرىڭلار بولسا سوراپ باقساڭلار بولىدۇ.

مارالبېشى تۆت چوڭ رەھبەرلىك كوللىكتىپىنىڭ ئەزالىرى، ناھىيىگە بىۋاستە قاراشلىق ئىدارە ـ ئورۇن، سېستىمىلاردىكى كادىرلار، يېزا ـ بازار، مەيدانلارنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى، مارالبېشىدا تۇرۇشلۇق قىسىملاردىكى ئوفېتسېر ئەسكەرلەر، دىنى زاتلار، پىشقەدەم كادىرلار ۋەكىللىرى،ئوتتۇرـ باشلانغۇچ مەكتەپ، ئوقۇتۇش رايۇنى، بالىلار باغچىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى،كەنت، مەھەللە كومېتېتىدىى ‹‹ئون ئائىلە بىرلەشمە مۇداپىئە ئەترىتى››نىڭ باشلىقلىرى، مارالبېشى بازىرىدىكى ئاھالىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بولۇپ 1000دىن ئارتوق كىىشى 19-ماي مارالبېشى ناھىيلىك مەدەنىيەت سەنئەت مەركىزىدە ‹‹مەن جوڭخۇا خەلق جۇمھورىيتىنىڭ پۇقراسى، شۇنداق ۋەدە بېرىمەنكى ۋەتەننى شىنجاڭنى قىزغىن سۆيىمەن، ئىتپاقلىشىپ تۆھپە قوشىمەن،تىرىشچان بولۇپ ئۆز ئارا ياردەم بېرىمەن، ئىددىيەدە ئازاد بولۇپ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرلەيمەن. زوراۋانلىققا قارشى تۇرىمەن، قانۇن تۈزۈمگە ئاڭلىق رىئايە قىلىمەن، ئىجتىمائى تەرتىپنى قوغدايمەن،گۈللەنگەن، ئىناق، باي مارالبېشى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشىمەن›› دېگەن مەزمۇندا ۋەدە بەردى. بۇنىڭ بىلەن بۇ ناھىيىنىڭ ‹‹ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى قىزغىن سۆيۈپ، گۈزە يۇرت ماكانىمىزنى قۇرۇپ چىقايلى›› پۇقرالار ۋەدە بېرىش باش تېما پائالىيتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى.

گېزىت خەۋىرى . يۇقارقى مەزمۇن ئىختىيارى مۇخبىر تۇرغۇنجان ئىمىن خەۋىرى بولۇپ شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 21-ماي تارقاتقان سانىغا بېسىلغان (21ئەمەس بولسا 22دىكى سانىغاقاراپ باقارسىلەر، گېزىتنى ئۈستىلمگە قويۇپ قويسام بىرەر خېرىدار ئەكەتكەن ئوخشايدۇ. مەن 24-ماي جۈمە كۈنى سېتىۋالغان گېزىت ئىدى.) رەسىمگە تارتىپ قويغانىدىم، رەسىم چىقىرىشنى بىلەلمىدىم.

مەن باشتىكى ئىنكاسىمدا خاتا دەپ قويۇپتىمەن، ئۇ جۈمە كۈنى ئىمام قەسەم ئەمەس ۋەدە بېرىڭلار دېگەنىدى. مەن ئالماشتۇرۇپ قويۇپتىمەن ئۆزرە سورايمەن.

ئاۋۇ ۋەدە سۆزىنى بولسا مارالبېشىدىكى كوچا ئاپتوبوسى بېكەتلىرىدە، تاكسىلاردا كۆرەلەيسىز. ئۇ مەيلى ئەمما ئۇ كۈنكى مەسجىدتە ۋەدە بېرىش پائالىيتى گە قارتا پۇقرالا ئانچە رازى بولۇپ كەتمىدى بەلكىم. رەھبەرلەرنڭ سىياسى سۆزلەرنى، سىياسى تەشۋىقاتلارنى مەسجىدلەرگە ئەكىرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەسجىد ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جايىدۇر، دۇنيا سۆزى قىلىش توغرا ئەمەستۇر.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 19:32:23

14- قەۋەتتىكى alshahنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

نىمە بولۇپ كىتىپ بارىدۇ بۇ جاھان ،2يىل بۇرۇن ئاقسۇ(شىڭخا)غا بىرىپ مەسچىكە كىرىپ ئولتۇرسام ئىككى ساخچى كىرىپ سىرىتقا(مەسچىت ھويلىسىغا)چىقىڭلار بايراق چىقىرىمىز دىگەندە ئۆز قۇلۇقۇمغا ئىشەنمەي قالغان ئىدىم.

eldos يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 01:12:26

ئىمام بەك ياخشى سۆزلەپتۇ .

ئۆتكەنكى بىر خەۋەرنى كۆرسەم ، سۈرىيىدە ھازىرغىچە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنى 80000 مىڭغا يەتتى دەپ يېزىپ قويۇپتىكەن . يۈرۈكۈم ئېچىشىپ كەتتى . بەشىر ئەسەدنى كاللىسىدىن كەتكەنمىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىم . بۇنداق مۇستەبىتلەر مۇشۇنداق ئۈلۈم - يىتىمنىڭ تۈپ سەۋەپچىسى ئۆزى ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس . ھەر كۈنلىكى نەچچە يۈزلەپ ئۆلۈۋاتقان كىشىلەر ئۇنىڭ دىنىي ، مىللىي قېرىنداشلىرى ئەمەسمۇ ؟ ھوقۇق ، مەنپەئەت ، ئۇنىڭ يەنە قانچىلىك ئۆمرى قالغاندۇ ؟

مەن مۇشۇ قېتىم ئامېرىكا ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە تۈركىيەدەك دىمۇكراتىك دۆلەتلەردىن ئاغرىنىپ قالدىم . ئۇلار بۇنداق مۇستەبىتكە بىر مىنۇتمۇ سۈكۈت قىلمىسا بولاتتى .

hiyalqi يوللانغان ۋاقتى 2013-8-26 09:39:51

11- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

10- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

8- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

7- قەۋەتتىكى Biligنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بۇ قىرغىنچىلىقلارغا (ئىران بىلەن ھىزبۇللا ياردەم بىرىۋاتىدۇ) ، بۇ تىرناق ئىچىدىكى سۆز سىزنىڭ ئۆز پىكرىڭىزمۇ ياكى نۇتۇقتا بار گەپمۇ ؟

ئۆزىنىڭ پىكىرىمۇ ئەمەس، نوتۇقتىمۇ مەسىلە يوق، بۇ ئېنىقلا توغرا گەپ...

ئۇنداق دىسە يىڭىلىشكەن بولۇدۇ ، ئەجەپ بۇلارنى دىگۈچىنىڭ كۆزى مەخپى بولۇنغان نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئۇچۇق-ئاشكارا قورال تارقىتىۋاتقان ئامرىكا ،ياۋرۇپانى كۆرەلمەپتا، ياكى ئۇلار شەپەرەڭمىدۇ؟

تېمىنى تەپسىلى ئوقۇڭ.  

نەچچە قىتىم ئوقۇۋەتتىم. نىم بولدى؟

بۇ ئەھۋالنى دۇنيا خەلقى كۆرۈپ تۇرۇپ سۈكۈت قىلماقتا. مەزلۇملارغا ياردەم بېرىپ مۇداخىلە قىلىش، ياردەم بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرماقتا. ئەپسۇس! مىڭ ئەپسۇس! سۈرىيە خەلقى ئىچكى دۈشمەننىڭ قولى، تاشقى دۈشمەننىڭ مېلى ئارقىلىق بوغۇزلانماقتا. سۈرىيە خەلقىنىڭ ئىنقىلابىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىلا :«بىزنىڭ سەندىن باشقا مەدەتكارىمىز يوق ئەي ئاللاھ!» دەپ شوئار تولىشى تولىمۇ توغرا ئېيتىلغان شوئار ئىدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاھتىن باشقا مەدەتكارى، تايانچىسى يوق!..

بەت: [1]
: مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بولمىغان[كۆچۈرۈلمە]