ihwan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 08:52:16

بىز قاچانغىچە ئېتىبارغا مۇھتاج بولىمىز؟

ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت!   

    ھازىرقى  دەۋېر قانداق دەۋېر ؟ سىتودېنتلارنىڭ زىممىسىدە يەنە قانداق ۋەزىپىلەر بار؟مىللەت يەنە نىمىگە مۇھتاج؟مىللىتىمىز بىزنى نېمە ئىش قىلىشقا چاقىرىۋاتىدۇ؟  بىز نىمە  ئۇچۇن  ئوقۇيمىز؟بىز نىمە ئۇقۇشىمىز كىرەك؟........ مىنىڭ  بۇ  يەردە كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا ئاتىكاچچىلىق قىلىپ بۇ سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىش ئىمتىيازىم يوق.پەقەت ھەممەيلەن بۇ توغۇرلۇق ئۇيلۇنۇپ باقساڭلار كۇپايە!

        يېقىندا گۈلەن ئەپەندىنىڭ"ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار: مەسىلە ۋە مۇلاھىزە "دىگەن ماقالىسىدە ئىچكىرىدىكى كۆپلىگەن ئالى مەكتەپلەردە شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقىنى 36نۇمۇر ،45 نۇمۇر ياكى50 نۇمۇر.... قىلىپ  بىكىتىلگەنلىكى ئوتتۇرغا قويۇلغاندا ھەرخىل ئىنكاسلار ئوتتۇرغا چىققان ئىدى.بەزىلەر  بۇنداق سىياسەتنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كىرەك دىسە ،يەنە  بەزىلەر ئۆزىنى  ئاقلاپ  بۇنداق  سىياسەت  بولسىمۇ  ھەممەيلەن ئاساسەن 60 تىن يۇقىرى ئالىدۇ  دىدى. "تەكشۇرۇش قىلماي تۇرۇپ،پىكىر قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ"دىگەندەك.مەنمۇ مۇشۇ  مەسىلەنى چۆرىدەپ  مەلۇم  بىر مەكتەپتە كىچىككىنە تەكشۇرۇش ئېلىپ بادىم.جەمى 70 نەپەر ئوقۇغۇچى قاتناشقان بولۇپ"سىز مەكتىپىڭىزدىكى بۇ خىل ئىمتھاندا نۇمۇر سىزىقىنى تۆۋەنلىتىدىغان سىياسەتكە قانداق قارايسىز؟" دىگەن  سۇئالغا %30قوشۇلمايمەن،%29قوللايمەن،%41بەرىبىر دەپ جاۋاپ بەرگەن.

شۇ  ئارقىلق بارلىق  ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ تۈرگە بولدىم.1.تۈر:بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىلار  2.تۈر:بۇ خىل ئىتبارنى قوللىغۇچىلار3.تۈر:بەرىبىر دىگۈچىلەر.بۇ ئۈچ تۈردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرچە مۇزاكىرە قىلىش ۋاقتى،كەسىپىگە بولغان قىزىقىشى قاتارلىقلاردا كۆرۈنەرلىك  پەرىق بارلىقنى بايقىدىم.بۇلار تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.

مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،مەيلى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن،بۇ خىل ئېتبارغا قارشى تۇرغۇچىىلارنىڭ ئوتتۇرچە سەۋىيەسى يۇقىرى ئىكەن.ئەمما بۇ ئېتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ مەيلى ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى بولسۇن،ياكى كەسىپكە بولغان قىزىقىشى بولسۇن ھەممىدىن تۆۋەن.بۇ بەلكىم بۇ ئىتبارنى قوللىغۇچىلارنىڭ نىمىشقا بۇ خىل ئېتىبارغا مۇھتاج بوپقالغانلىقىغا بىر خىل جاۋاب بولىشى مومكىن.

ئەمدى ئۈگۈنۈش نەتىجىسى بىلەن ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى  ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنى كۆزەتكىنىمدە ئالدىنقى بىر مەۋسۇمدا ھەممە  پەندىن 60 دىن يوقىرى ئالغاللارنىڭ ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى  ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا يۇقىرى،بەزى پەنلەردە 60بىلەن ئىتبار نۇمۇرى سىزىقى ئوتتۇرسىدا ئالغانلار  ۋە  ئىتبار نۇمۇرى سىزىقىدىنمۇ  تۇۋەن ئالغانلارنىڭ  ئۈگۈنۈشكە سەرىپ ئەتكەن ۋاقتى  ۋە كەسىپكە بولغان قىزىقىشى يەنىلا تۆۋەن .بۇلار تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلدى.

بۇ خىل ئېتبار سىياسىتى ئەسلىدە ئاسىاسى ناچار بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئىلھام بولسا بولاتتى،ھازىر بۇ خىل ئېتبار تىرىشماسلىققا سەۋەپ بوپتۇ.بۇ خىل ھالەتنى كۆزدە تۇتۇپ  مەن يۇقىرىقى دوكلاتنى شۇ مەكتەپ رەھبەرلىكىگە سۇندۇم.ھەمدە مەكتەپ رەھبەرلىكىدىن بۇ خىل ئېتبار سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى باشقىچە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىشنى ،ئاساسى ناچار  بولغان ئوقۇغۇچىلارغا ئايرىم سىنىپ تەشكىللەپ ئايرىم كۈچەيتىش مەشىقى ئېلىپ-بېرىشنى،ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىنى يۇقىرى كۆتۇرىدىغان ھەرخىل پائالىيەت سەھنىلىرىنى ھازىرلاپ بىرىشنى(مەسىلەن :ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش،ئۆزىمىزنىڭ داڭلىق شەخىسلىرىمىزنى تەكلىپ قىلىپ لىكسىيە ئورۇنلاستۇرۇش دىگەندەك) تەلەپ قىلدىم.ئەمما  قىزىق يىرى مەكتەپ رەھبەرلىكى تېخى ئىنكاس قايتۇرماستا،شۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئارسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغالدى.بەزىلىرى بۇ خىل تەلەپكە قەتئىى قارشى ئىكەنلىكىنى ھەرخىل  ئۇسۇللاردا ماڭا بىلدۇردى،ھەتتا مۇشۇ مەكتەپكە كىلىپ ئوقۇغۇسى بار تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى (تەييارلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار)مۇ ئۆز قارشىلىقىنى ئىپادىلەپ ئۈلگۈردى. بەزىلەرنىڭ دىيىشىچە ئەگەر بۇ خىل ئېتبار سىياسەت ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا كەلگۈسىدە بۇ مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولغانلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويغانلىق بولارمىش،ئەگەر ئۇلار مۇشۇ سەۋەپتىن ئوقۇش پۇتتۇرەلمىسە ئاتا-ئانىسىغا يۇز كىلەلمەيمىش.يەنە بەزىلەرنىڭ دىيىشچە ھازىر ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەنلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ھېچقانداق ئىشلىتىلىشى بولماسمىش.......

كۆپچىلىككە ئايان بۇ بىرلا مەكتەپنىڭلا  ئىشى ئەمەس ،ئىچكىردىكى نۇرغۇن ئالى مەكتەپلەردە بۇ خىل ئوخشاش ھالەت مەۋجۇت.سىلەردىن  سورايدىغىنىم،ھەممەيلەن ئۆزىڭلارنىڭ  پىكىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ باقساڭلار،بۇ زادى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىمۇ ئەمەسمۇ؟ ئەگەر  ھەل قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلە بولسا ئۇنداقتا قانداق ھەل قىلىمىز؟بىز قانداق قىلساق ئاتا-ئانىمىزغا يۇز كىلەلەيمىز؟قانداق قىلساق كەلگۇسى ئەۋلادلارنىڭ يولىنى توسۇپ قويمايمىز؟مۇنبەردىكى ئاتا -ئانىلار: ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ قانداق ئوقۇشىنى ،قانداق ئۇقۇش پۇتتۇرىشىنى ئۈمىد قىلىسىلەر؟مۇنبەردىكى مائارىپچىلار سىلەرچە بۇ خىل ئىتبار ئوقۇغۇچىلارغا قانداق ئىجابى ۋە سەلبى تەسىرلەنى كۆرسىتىدۇ؟

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 10:17:33

录取通知书 دېگەن فىلىمنى

读大学 究竟读什么 دېگەن كىتاپنى ئاپتور كۆرۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك ...

ئاشۇ 30 ، 40 نۇمۇرغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بەلكىم جاپالىق ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندۇ ، بەلكىم ئويناپ يۈرگەندۇ ...

ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنىڭ كىتاپ خالتىسى ئەمەس نورمال ، تېرىشچان ، ئۈمىدلىك ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ...

30 ، 40 نۇمۇر ئەمەس 10 نۇمۇر قىلىپ بەرسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇپ باقسىڭىز ئاندىن ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىسىز ....

تەكلىپىم : كۆپرەك ۋاقىتنى ئىچكىرىدە مەكتەپ تەرىپىدىن قاقتى - سوقتى قىلىنىۋاتقان ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۇلۇپ قۇيارسىز ...

مىللەت ئۈچۈن ‹‹ياخشى›› ئىش قىلىۋاتقان ئەۋلىيە ئاپتور ....

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 11:16:15

1- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھۆرمەتلىك ئىنىم، مەن سىزگە بۇ ئوقۇتقۇچىنى تىللاش كېرەكمۇ؟ دېگەن يازمېنى ،  قۇتاد تورىدا قىزغىن مۇنازىرە بولغان  ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت! دىكى ئىنكاسلارنى ۋە  گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار: مەسىلە ۋە مۇلاھىزە سىنى  ئوقۇپ چىقىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 11:18:38

بۇ تىمانىڭ ئالدىنقى قېتىمقىدەك ئۆچۈرۈلۈپ كەتمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمەن.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 12:37:45

2- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاشۇ 30 ، 40 نۇمۇرغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بەلكىم جاپالىق ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندۇ ، بەلكىم ئويناپ يۈرگەندۇ ...

ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنىڭ كىتاپ خالتىسى ئەمەس نورمال ، تېرىشچان ، ئۈمىدلىك ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ...

30 ، 40 نۇمۇر ئەمەس 10 نۇمۇر قىلىپ بەرسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇپ باقسىڭىز ئاندىن ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىسىز ....

تەكلىپىم : كۆپرەك ۋاقىتنى ئىچكىرىدە مەكتەپ تەرىپىدىن قاقتى - سوقتى قىلىنىۋاتقان ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۇلۇپ قۇيارسىز ...

مىللەت ئۈچۈن ‹‹ياخشى›› ئىش قىلىۋاتقان ئەۋلىيە ئاپتور ....

ھۆرمەتلىك ئىنىم، مەن سىزگە بۇ ئوقۇتقۇچىنى تىللاش كېرەكمۇ؟ دېگەن يازمېنى ،  قۇتاد تورىدا قىزغىن مۇنازىرە بولغان  ئىچكىرىدىكى سىتودېنتلارغا مۇراجەت! دىكى ئىنكاسلارنى ۋە  گۈلەن ئەپەندىمنىڭ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇلار: مەسىلە ۋە مۇلاھىزە سىنى  ئوقۇپ چىقىش تەكلىۋىنى بېرىمەن.

ماقۇل ... رەھمەت سىزگە ...

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 14:46:05

1- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

录取通知书 دېگەن فىلىمنى

读大学 究竟读什么 دېگەن كىتاپنى ئاپتور كۆرۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك ...

ئاشۇ 30 ، 40 نۇمۇرغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بەلكىم جاپالىق ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندۇ ، بەلكىم ئويناپ يۈرگەندۇ ...

ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنىڭ كىتاپ خالتىسى ئەمەس نورمال ، تېرىشچان ، ئۈمىدلىك ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ...

30 ، 40 نۇمۇر ئەمەس 10 نۇمۇر قىلىپ بەرسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇپ باقسىڭىز ئاندىن ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىسىز ....

تەكلىپىم : كۆپرەك ۋاقىتنى ئىچكىرىدە مەكتەپ تەرىپىدىن قاقتى - سوقتى قىلىنىۋاتقان ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۇلۇپ قۇيارسىز ...

مىللەت ئۈچۈن ‹‹ياخشى›› ئىش قىلىۋاتقان ئەۋلىيە ئاپتور ....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ماڭىمۇ  ئىچكىرىدە ئوقۇغىلى 9 يىل بولدى.بەلكىم سىز قاينىغان بەزى قازانلاردا مەن قاينىمىغان بولىشىم مۇمكىن.ھازىرغىچە مەن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار  قاۋاقخانىلاردا مەس بولۇپ تاياق يەپتۇ،بازارچىلار بىلەن ئارلىشىپ قاقتا سوقتا قىلىنىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىميۇ،لىكىن پەقەت دەرىسخانىدا تەكرار قىلىۋاتقان ،كۈتۈپخانىدا ماتىرىيال ئاختۇرۋاتقان،مەكتەپتە ئۆز ئىشىغا پۇختا بوپ دەرىس ئوقۇۋاتقان بالىلارنى بىرەرسى قاقتا سوقتا قىپتۇ دەپ ھەجەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن،بىلش سەۋيەمنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەپلىك سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى :مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قاندااق قاقتى سوقتا قىلۋاتىدۇ،سەل تەپسىلىراق دەپ بەسىڭىز، بىز ئىلمى تەكشۇرۇش قىلىپ بۇ ئىشلارنىمۇ ھەل قىلساق، ئادەمنىڭ ھەممە ئىشقا كۈچى يىتىپ كىتىشى ناتايىن ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ  ئىشقا كۈچى يىتىپ نىيەت قىپتۇ ،بىزمۇ ئۇنى قوللىساق،ئەگەر سز ئۇ قاقتا سوقتا قىلىنغان ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز بىزمۇ سىزنى قوللاپ بىرگە ھەل قىلىمىز،شەخسەن مەن پىدائى بولۇپ سىزگە ھەمكارلىشىمەن.

ئەمسە جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن!

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 14:55:38

مەنمۇ ئاپتۇر بىلەن بىرگە مۇشۇ ئىشلارغا شاھىت بولغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن كۆپچىلىكنى ئازراق ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەكچى :

مەن مەزكۇر مەكتەپتىكى ئېتىبار توغىرسىدا يەنە ئازراق چۇشەنچە بىرەي: مەكتەپتە تولۇق كۇرۇس ئوقۇغۇچىلىرى ئادەتتە 150 ئۇقۇش نۇمۇرى(学分) ئېلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.بىزنىڭ مەكتەپتە تولۇقلىما ئىمتىھان (补考)تۈزۈمى يوق،ئۆتەلمىگەن پەنلەرنى چوقۇم قايتا ئۇقۇشى(重修) كىرەك.ئادەتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇقۇش پۇتتۇرۇش شەرتى: 1.   150 ئۇقۇش نۇمۇرى(学分) تولۇق ئېلىشى كىرەك.2. قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)  يىگىرمە ئۇقۇش نۇمۇرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.

    بىرىنجى ئىككىنجى تەلەپنى تولۇق ئورۇندىسا :«ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىپلۇمى»بىلەن «ئىلمى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى»بىرىلىدۇ. ئەگەر بىرىنجىتەلەپنى ئورۇندىسا ئىككىنجى تەلەپنى ئورۇندىمسا (قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)  يىگىرمە ئۇقۇش نۇمۇرىدىن ئېشىپ كەتسە)پەقەت :«ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىپلۇمى» بىرىلىدۇ،«ئىلمى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى»بىرىلمەيدۇ. ئەگەر ئىككىلى تەلەپ ئورۇندالمىسا ھېچقانداق دىپلۇم بىرىلمەيدۇ.بۇ ئاساسەن كۆپ مەكتەپلەر ئوخشاش.

      ئەمدى بىز ئاز-سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا كەلسەك،1. ئاۋۋال ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقى 45 قىلىپ بىكىتىلگەن(يەنى 45 تىن يۇقىرى ئالسىڭىز شۇ دورىسلىكنىڭ  ئوقۇش نۇمۇرى(学分) بىرىلىدۇ ) 2.ئەگەر 45 تىنمۇ تۆۋەن ئېپقالسا قايتا ئۇقۇشى(重修) كىرەك ھەمدە قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)  ئوتتۇز ئىككى ئۇقۇش نۇمۇرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.     ئۈچىنچىدىن .ئاز-سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىنگىلىزتىلى ئوقۇش تەلەپ قىلىنمايدۇ.

     شۇڭا ئاز-سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۇتتۇرۇش ئۈچۈن 1. ئىنگىلىزتىلى ئوقۇش نۇمۇرىنى چىقىرۋەتكەندە 45تىن يۇقىرى ئالغان پەننىڭ ئوقۇش نۇمۇر يىغىندىسى 140 ئۇقۇش نۇمۇرى بولۇشى كىرەك. 2. 45 تىن تۆۋەن ئېلىپ قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)   ئوتتۇز ئىككى ئۇقۇش نۇمۇرىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كىرەك.

بىرىنجى ئىككىنجى تەلەپنى تولۇق ئورۇندىسا :«ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىپلۇمى»بىلەن «ئىلمى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى»بىرىلىدۇ. ئەگەر بىرىنجىتەلەپنى ئورۇندىسا ئىككىنجى تەلەپنى ئورۇندىمسا (قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)  يىگىرمە ئۇقۇش نۇمۇرىدىن ئېشىپ كەتسە)پەقەت :«ئوقۇش پۇتتۇرۇش دىپلۇمى» بىرىلىدۇ،«ئىلمى ئۇنۋان گۇۋاھنامىسى»بىرىلمەيدۇ. ئەگەر ئىككىلى تەلەپ ئورۇندالمىسا ھېچقانداق دىپلۇم بىرىلمەيدۇ.بۇ ئاساسەن كۆپ مەكتەپلەر ئوخشاش.

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 14:56:43

بىز مۇ قىتىقى ئىلتىماستا بۇ خىل ئېتىبارنى پۇتۇنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى تەلەپ قىلىغىنىمىز يوق.

تەلەپ مۇنداق

          1.ئاز-سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى ئىنگىلىزتىلى چوقۇم ئوقۇش كىرەك. ئەگەر قىيىنچىلىقى بارلارغا ئايرىم ئاز سانلىق مىللەت ئىنگىلىزتىلى سىنپى ئېچىپ بىرىشنى تەلەپ قىلدۇق.

         2.ھەممە پەنلەدە ئىمتىھان نۇمۇر سىزىقى60قىلىپ بىكىتىلىشى كىرەك .

         3.نۇمۇر سىزىقى60قىلىپ بىكىتىلگەندىن كىيىن مەلۇم ساندىكى قىيىنچىلىقى بار ئۇقۇغۇچىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ( ئەگەر 60 تىن تۆۋەن ئېپقالسا )قايتا ئۇقۇغان(重修)ئۇقۇش نۇمۇرى(学分)  ئەللگ (يەنى بۇرۇنقى 32 دىن 50 كە ئۇزارتىشنى )ئۇقۇش نۇمۇرىغا ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلدۇق.

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 14:57:22

مىنىڭ چىقىش نوقتام پەقەت بۇرۇنقىدەك 45 ئالدىم دەپ قاراپ ئولتۇرماي ،بىر قىتىم ئۆتەلمىسەك ئىككى قېتىم قايتا ئوقۇپ شۇ بىلىمنى ئۆزلەشتۇرسەك. شۇڭا قايتا ئوقۇشقا بولغان چەكلىمە ئۇ زارتىش تەلەپ قىلىنغان.  بىزنىڭ مەكتەپتە يەنە تېخى بىر يىلدىن 2 يىلغىچە ئۇزارتىپ ئوقۇشقىمۇ يول قويىلىدۇ. لىكىن كۆپچىلىك يەنىلا قارشى تۇرۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ دىيىشچە بىز ئۇزارتىپ ئوقۇساق ئاتا ئانىمىزغا يۈز كىلەلمەسمىشمىز،ئۇ بىر يىلدا جەمىيەتتە نۇرغۇن ئىشلارنى قلالامشمىز،

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 14:57:46

كەڭ ئاتا-ئانىلاردىن سورايدىغىنىم ئەگەر پەرزەنتىڭىز ئىچىكىرىدە بىلىم ئېلىۋاتقان بولسا ھازىرلا ئۇلارغا تىلفۇن قىلىڭ .بالىڭىزغا مەدەت بىرىڭ ! «بالام بىز ساڭا ئىشىنىمىز ،بالام سەن ھەقىقى بىلىم ئىگىلەپ كەلمەكچى بولساڭ بىرەر يىل ئارتۇق ئوقۇساڭمۇ بىز تۇغرا چۇشىنىمىز ،بىزگە سىنىڭ ئۇنداق ئېتىبارغا ئېپ كەلگەن دىپلۇمىلىرىڭنىڭ كىرىكى يوق،بىزگە ھەقىقى بىلىم ئىگىلىرى كىرەك» دەڭ!

مىنىڭچە بۇ خىل سىياسەتكە بالىلارنىڭ چىڭ ئېسىلىپ تۇرىشىدا كەڭ ئاتا ئانىلارنىڭمۇ مەسسئۇلىيىتى بار دەپ قارايمەن.

sazhumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 17:04:51

5- قەۋەتتىكى sayyara0421نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

录取通知书 دېگەن فىلىمنى

读大学 究竟读什么 دېگەن كىتاپنى ئاپتور كۆرۈپ باقسىڭىز بولغۇدەك ...

ئاشۇ 30 ، 40 نۇمۇرغا چۈشۈپ قالغان ئوقۇغۇچىلار بەلكىم جاپالىق ئىشلەپ ئۆزىنىڭ تۇرمۇش پۇلىنىڭ ئامالىنى قىلىۋاتقاندۇ ، بەلكىم ئويناپ يۈرگەندۇ ...

ئەلۋەتتە ئاتا - ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بالىسىنىڭ كىتاپ خالتىسى ئەمەس نورمال ، تېرىشچان ، ئۈمىدلىك ئادەم بۇلۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ ...

30 ، 40 نۇمۇر ئەمەس 10 نۇمۇر قىلىپ بەرسىمۇ ئىچكىرىدە ئوقۇپ باقسىڭىز ئاندىن ئاشۇ يەردىكى ئوقۇغۇچىلارنى چۈشىنىسىز ....

تەكلىپىم : كۆپرەك ۋاقىتنى ئىچكىرىدە مەكتەپ تەرىپىدىن قاقتى - سوقتى قىلىنىۋاتقان ئاز سانلىق ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆڭۈل بۇلۇپ قۇيارسىز ...

مىللەت ئۈچۈن ‹‹ياخشى›› ئىش قىلىۋاتقان ئەۋلىيە ئاپتور ....

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم،تەكلىپ پىكىر بەرگەنلىكىڭىزگە كۆپ رەھمەت. ماڭىمۇ  ئىچكىرىدە ئوقۇغىلى 9 يىل بولدى.بەلكىم سىز قاينىغان بەزى قازانلاردا مەن قاينىمىغان بولىشىم مۇمكىن.ھازىرغىچە مەن ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر بالىلار  قاۋاقخانىلاردا مەس بولۇپ تاياق يەپتۇ،بازارچىلار بىلەن ئارلىشىپ قاقتا سوقتا قىلىنىپتۇ، دەپ ئاڭلىدىميۇ،لىكىن پەقەت دەرىسخانىدا تەكرار قىلىۋاتقان ،كۈتۈپخانىدا ماتىرىيال ئاختۇرۋاتقان،مەكتەپتە ئۆز ئىشىغا پۇختا بوپ دەرىس ئوقۇۋاتقان بالىلارنى بىرەرسى قاقتا سوقتا قىپتۇ دەپ ھەجەپ ئاڭلىماپتىكەنمەن،بىلش سەۋيەمنىڭ چەكلىكلىكى سەۋەپلىك سىزدىن شۇنى ئۆتۈنىمەنكى :مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنى قاندااق قاقتى سوقتا قىلۋاتىدۇ،سەل تەپسىلىراق دەپ بەسىڭىز، بىز ئىلمى تەكشۇرۇش قىلىپ بۇ ئىشلارنىمۇ ھەل قىلساق، ئادەمنىڭ ھەممە ئىشقا كۈچى يىتىپ كىتىشى ناتايىن ئاپتۇرنىڭ مۇشۇ  ئىشقا كۈچى يىتىپ نىيەت قىپتۇ ،بىزمۇ ئۇنى قوللىساق،ئەگەر سز ئۇ قاقتا سوقتا قىلىنغان ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويسىڭىز بىزمۇ سىزنى قوللاپ بىرگە ھەل قىلىمىز،شەخسەن مەن پىدائى بولۇپ سىزگە ھەمكارلىشىمەن.

ئەمسە جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن!

ئىچكىرىگە كىلىپ بىر يىل ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ  تەييارلىق ئوقۇش بازىسى 南昌工学院 دە قانداق قاقتى - سوقتى بولىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ بىرەي ... 20 كۈندىن كېيىن ...

ھازىر مەكتەپنى ئەرز قىلغاچقا قاتتىق كۆزەت ئاستىدا مەن ... ئەلۋەتتە بۇ يەردىن كىتىشتىن بۇرۇن ھىچكىمگە ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ ... توغرا چۈشەنگەيسىز ...

توردىن ئىزدىسىڭىزمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئالدامچىلىق خەۋەرلىرى يېغىپ كەتتى ھازىر ... كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ...

ئاساسلىق مەزمۇن :

补考     يىگىرمە يۈەن تۆلەيسىز ... 重修 غا 280 تۆلەيسىز بۇ مەكتەپتە ...

ھەر بىر پەننىڭ ئوقۇتقۇچىسىغا ۋەزىپە بار ئىكەن . چۇقۇم بىر سىنىپتىن 2 بالىنى 重修 غا قالدۇرۇش

20 بالىنى 补考 غا قالدۇرۇش ... ئوقۇتقۇچى ئۆزى ئىيتقان گەپ ...

مەيلى سىز قانچىلىك ياخشى ئىمتىھان بىرىڭ چوقۇم قالىسىز ...  ئىمتىھان قەغىزىڭىزنى كۆرۈشكە بولمايدۇ ...

58    59.5  نۇمۇردا قەستەن ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغان بالىلار ساناقسىز ...

ئىككى ئىمتىھان قەغىزى ئوخشاش بولسىمۇ نۇمۇر پەرقى 50 نۇمۇردىن ئاشىدىغان ئىش كۈرمىڭ ...

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 21:35:09

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .مۇشۇ تېمىنى ئۈچۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.ئۆز يېغىمىزدا ئۆز گۈشىمىزنى قورىمايلى.شۇ ياقا _يۇتلاردا بىرچىمە ئاشنى دىلغۇلىسىز يىيەلمىگەن بالىلارنى بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى قۇيايلى.

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 21:40:29

شۇلارنى ئۆز ئانا تىلىدا ئىلىم ئېلىپ ،ئەركىن تەككۇر قىلىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلالمىغان بىزلە ئۇلارنى ئەيىبلىمەيلى .ئۇلار ھىلىمۇ كۆپ تىرىشتى،تىرىشىۋاتىدۇ،ھەم تىرىشقۇسى.

تېمىنىڭ ئۈچۈرىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن .

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 01:20:15

بۇ مۇنازىرە سورۇنى، قارار قىلىش سورۇنى ئەمەس، شۇڭا بۇنى ئۆچۈرۈشنىڭ زىيىنى باركى پايدىسى يوق، بىز مۇشۇ تىما ئارقىلىق بىرمۇنچە ئىشلارنى بىلىۋالدۇق، يەنە بىلمىگەن قانداق ئىشلار بار ....

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 07:39:37

ماۋۇ تىما ئالدىنقى قىتىم يوللانغاندا بىر مۇنچە ئىنكاس يازغان،ئەتىسى قارسام ئۈچۈرلۈپتىكەن ،مانا ئەمدى يەنە قايتىدىن يوللىنىپتۇ ،رەمەتىلك ئىنكاسمنى ئەسلەپ قالدىم ،بولسا بۇنىڭدىن كىيىن ئىنكاسنىمۇ بۇلۇتتا ماس قەدەملەشتۈرسەك كاتتا بولغۇدەك

مەن ئىچكىردە ئۇقۇيمەن

ئىشلىپ ئۆزىمىزدىمۇ سەۋەنىلك بارلىقىنى ئىتىراپ قىلمەن،لىكىن يەنە بىرقىسىم مەسلىلەرمۇ يەنىلا بار

ئچىكىردە ئۇقۇش ئاسان ئەمەس، ھىچ يەردىخۇ ئاسان ئىش يوق ئەمدى.لىكىن مەنمۇ شۇ ئۆزەمگە تەس كەلگەنىنى تەس دەيمەندە ئەمدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىل بىلىش بىلەن ئاشۇ تىلدا بىلىم ئۈگىنش دېگەن باشقا گەپكەن، بۇ يەرگە كەلسەك ھەممە نەرسىدىن قىينىلدىغان گەپ .

كەسپى دەرس،خەنزوچىنى داۋاملىق ئۈگىنىش،ئنگىلىزتىلدىنى نولدىن باشلاش(بىزدەك يېزىلادىن كەلگەن ،بۇرۇن ئىنگىلىزچە ئۆگەنمىگەنلەر) .ئىقسادىي قىيىنچىلىق،يىتىمسىراش .....ئىشقىلىپ شۇنداق بولسىمۇ بىزنىڭ ئارىمىزدىن چەت ئەللەرگە چىقىدىغانلار خىلى كۆپ

ئاۋۇ گەپلەر قارىماققا توغرىدەك قىلسىمۇ،يەنىلا مەسلىنىڭ سەۋەبنى ئىزدىشىمىز كېرەك.شىنجاڭ بىلەن ئىچكىرنىڭ مائارىپ ۋە باشقا جەھەتلەردە چوڭ پەرقلەر بار. ئۇزۇن گەپنىڭ قىسقىى شىنجاڭىڭ مائارىپى، خەلقىمىزنىڭ ئۇمۇمىي ساپاسى ،ئىقسادى ئەھۋالى تەرەققى قىلغاندىلا ئاندىن بۇ پەرقنى كىچىكلىتىپ ئاخىردا يوقاتقىلى بولىدۇ

enwerjula يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 08:17:05

مەسىلە ئەقىل كۆرسەتكۈچىدىكى پەرققە نىسبەتەن بولغان بولسا ئۇ خىل ئېتىۋارنى كەمسىتىش دەپ چۈشەنسەك توغرا بولغان بولاتتى. ئەمما مائارىپ سەۋىيىسى دەيدىغانمۇ گەپ بار. ئىچكىرىدىكى تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان بالىلارنىڭ ئېيتىشىچە، جەنۇبىي شىنجاڭدا ناھىيىتى ياخشى ئوقىغان بالىلار بىلەن شىمالىي شىنجاڭ بولۇپمۇ ئۈرۈمچىدە ناھىيىتى ياخشى ئوقىغان بالىلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا خېلى زور پەرق بار ئىكەن. ئاندىن ئۇلار ئىچكىرىگە بارغاندىن كېيىن بۇ پەرق ئىچكىرىدىكى مەركىزىي شەھەرلەردە ئوقۇپ چىققان بالىلارغا نىسبەتەن بولىدىكەن. مېنىڭ بېيجىڭدىكى بىر تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقىۋاتقان بىر جىيەنىم شۇنداق دېگەن ئىدى:«ئۈرۈمچىلىك بالىلار بەك ئەقىللىق ئىكەن، بىز ھەرقانچە تىرىشساقمۇ ئۇلارغا زادىلا يېتىشەلمەيدىكەنمىز، ئەمما بېيجىڭغا بارغاندىن كېيىن بېيجىڭلىقلارنىڭ تېخىمۇ ئەقىللىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۇق». شۇ چاغدا مەن جىيەنىمگە شۇنداق دېگەن ئىدىم:«بالام بۇ ئۈرۈمچىلىكلەر ياكى بېيجىڭلىقلارنىڭ سىزدىن ئەقىللىق بولىشىنىڭ سەۋەبى ئەمەس، بۇ مائارىپ سېلىنمىسىغا ۋە سەۋىيىسىدىن بولىۋاتقان ئىش. سىز تىرىشىپ ئوقىۋېرىڭ، بىر كۈنلەردە ئۇلاردىن ھامان ئېشىپ كېتىسىز...»

gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:37:31

ئىتبار نامى بىلەن كەمسىتىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيۋاتقانلار ھېلىمۇ بار ئىكەن ھەم كۆپ ئىكەن. ئەگەر سىلەرگە ئىتىبار بېرىلسە ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان، ياپۇنىيەدە ئوقۇۋاتقان بالىلارغىمۇ ئىتىبار بېرىلسە بولىدۇ. شۇ ئەللەردىكى يەرلىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ شارائىتى خەنسۇلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى، سىلەر يەنە نېمە دېمەكچى! ھەتتا ئۇيغۇرچىنى چالا سۆزلەيدىغان تۇرۇپمۇ ئىتىبار تەلەپ قىلىسىلەر، مەن تەكشۈردۈم، شىئەندە، خاڭجۇدا، شاڭخەيدە. شۇ كەمسىتىلىش تەشنالىقىدىن باشقا سەۋەب يوقكەن.

gulen يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 16:40:50

ئىتىبار تەلەپ قىلىۋاتقانلار ئۇيغۇرچە مۇشۇنچىلىك ماقالىنى يازالمايدۇ، يازسىڭىزمۇ ئوقۇيالمايدۇ، ئوقۇپ چۈشىنەلمەيدۇ، ھەتتا ئۆمرىدە بىر ئۇيغۇرچە ماقالە ئوقۇمايدۇ، يا خەنچە بىر كىتاب، بىز خەنلەردىن دۆت دەپ بەرسەڭلار قوللايلى، ئىتىبار دېگەن ھاقارەتلىك سىياسەتنى

sayyara0421 يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 17:15:36

14- قەۋەتتىكى tuumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن .مۇشۇ تېمىنى ئۈچۈرۋىتىشنى تەلەپ قىلىمەن.ئۆز يېغىمىزدا ئۆز گۈشىمىزنى قورىمايلى.شۇ ياقا _يۇتلاردا بىرچىمە ئاشنى دىلغۇلىسىز يىيەلمىگەن بالىلارنى بېشىنى كۆتۈرۈپ يۈرگىلى قۇيايلى.

==========================================

=============================================

(كىسەلنى يوشۇرساڭ،ئۈلىمى ئاشكارە) راستنى راست دىيىش، مەسلە

بولسا ئوتتۇرغا قويۇپ تەھلىل قىلىلىپ، پايدا-زىياننى دەڭسەپ، ئاخىرىدا مەسلىنى ھەل قىلىش كىرەك.

تېمىنى ئۈچۈرۋىتىش - قۇللاقنى ئىتىۋىلپ قوڭغۇراق ئوغۇرلىغانغا باراۋەر!

uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-6-2 08:38:48

10- قەۋەتتىكى sazhumarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئىچكىرىگە كىلىپ بىر يىل ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ ئەڭ چوڭ  تەييارلىق ئوقۇش بازىسى 南昌工学院 دە قانداق قاقتى - سوقتى بولىنىۋاتقانلىقى ئىسپاتى بىلەن تەمىنلەپ بىرەي ... 20 كۈندىن كېيىن ...

ھازىر مەكتەپنى ئەرز قىلغاچقا قاتتىق كۆزەت ئاستىدا مەن ... ئەلۋەتتە بۇ يەردىن كىتىشتىن بۇرۇن ھىچكىمگە ئاسانلىقچە ئىشەنگىلى بولمايدۇ ... توغرا چۈشەنگەيسىز ...

توردىن ئىزدىسىڭىزمۇ بۇ مەكتەپنىڭ ئالدامچىلىق خەۋەرلىرى يېغىپ كەتتى ھازىر ... كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ ...

sazhumar@

گەنجاڭ شۆيەندىكەنسىزدە،مەنمۇ ئىككى يىل ساراڭ قويدەك يۈرگەن شۇ يەردە. ئويلىساملا ئىچىم ئىچىشىدۇ ئىسراپ قىلغان ۋاقتىمغا. ئۇ مەكتەپنىڭ ئۇڭشىلىشى تەس06-يىلغۇ دەيمەن يامان چوڭ نامايىش قىلنىپمۇ چوڭ ئۆزگىرىش قىلالمىغان ،ئاڭلىسام مەركەزدە يامان يوغان ئارقا تىرىكى بارمىش،شۇڭا باشقا ئىشلارنى قۇيۇپ ،ئىنگىلىزتىلى،خەنزۇتىلى، كۇمپىيۇتىر،كەسپىڭىز تەبىئى پەن بولسا ماتىماتىكا ۋە كەسپى دەرىسلەرنى ئۆگىنىۋىرىڭ.پىس-پاس ئاقماس دەرىسلەردىن قىچىۋىرىڭ،ئەمىليەتتىغۇ،خەنزوچىدىن باشقىنى تۈزۈك دەرس دېگىلى بۇلمايدۇ. ئەتىگەندە مۇزاكىرگە قاتنىشىمەن دېمەي ئىنگىلىزتىلنى يادلىۋىرىڭ. ئىشقىلىپ ئۇقۇش پۇلنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ،ئادەم ئۆلتۈرۈپ قۇيمىسڭىزلا ئۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ كىتىسز.
بەت: [1] 2
: بىز قاچانغىچە ئېتىبارغا مۇھتاج بولىمىز؟