400يىللىق ھەقىقەت
<<چىڭ سۇلالىسى زامانىسىدا غەربتىكى بىر يۇرتقادوتەي بولغان ۋەزىپە تاپشۇرۋېلشقا كېتىپ بارغان بىرى يولدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قايتىپ كىتپ بارغان كونا دوتەي بىلەن ئۇچىرىشىپ قىلىپ،بۇرۇنقى دوتەيدىن بۇ قەشقەرلىك ياۋايىلارنى شۇنچە يىل قانداق باشقۇرغانلىقىنى ئۆزىگە بۇ ياۋايىلارنى باشقۇرۇش يولنى ئۇگىتىپ قويۇشنى سوراپتۇ.بۇرۇنقى ئامبال ئۇلارنى پەقەت ئېكىكى بارمىقى يەنېنى كۆرسەتكەچ بارمىقى ۋە باش بارمىقى ئارقىلىق ئارقىلىق باشقۇرغانلىقىنى دەپ بېرىپتۇ .يىڭىدىن تەيىنلەنگەن ئامبال بۇ گەپكە تازا ئىشەنمەپتۇ.بۇرۇنقى ئامبال ئارقىسىدىكى ھارۋىلارغا بىسلىغان نەچچە ساندۇقنى كۆرسىتىپ بۇ ساندۇقلارغا نۇرغۇن ئالتۇن يامبۇ قاچىلانغىنى بۇلار تېخى نەچچە يىلىدىن بىرى توپلىغان بايلىقنىڭ ئاز بىر قىسمى ئىكەنلىكى،بۇ بايلىقلارنى پەقەت ئېكىكى بارمىقىغا تايىنىپ يەنېنى ئۆزىگە خۇشامەت قىلىپ پۇل- مال سوۋغا قىلغانلارنى سەن خو دەپ باش بارمىقىنى تەڭلىگەندىكى.ئۆزىگە كۆز ئالايتقان،ئۆكتە قوپقانلارنى ھېلى جۇمۇ دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى تەڭلىگەنلىكى ئۆزىنى سوراپ پۇل مال سوۋغا قىلىپ گۇناھىنى تىلىگەنلەرگە باش بارمىقىنى تەڭلەپ سەن خو دەپ گۇناھىدىن كەچكەنلىكى ئەقلىنى بىلمىگەنلەرنى زىندانغا سولاپ ياكى كالىسىنى ئىلىپ ئىبرەت قىلغانلىقى ئۇلارنى باشقۇرۇش ئۇچۇن پەقەت ئېكىكى بارمىقىنى ئىشقا سالسىلا بولىدىغانلىقنى ...ئېيتىپ بېرىپتۇ>>
بۇ مەن ئېسىمنى ئۇنتۇپ قالغان بىر ئۇيغۇرنىڭ ئەسىرى ،مەن گەرچە ئۇ يازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساممۇ،مەزمۇننى ئۇنتۇپ قالمىغان بۇ ھېكايىنىمۇ ماڭا بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ئېيتىپ بەرگەن
بۇ ھېكايىنى كۆپچىلىككە ئېتىپ بېرەيمىكىن دەيمەن .چۇنكى بىر كۈننى مېنىڭ باشلىقىمنى ئۇنىڭ باشلىقى بىر <<ئىش>> نى بەك ياخشى قىلىپسەن دەپ باش بارمىقىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى مانا ھازىغىچە ئانىسى رەھمەتلىك تىرىلىپ كەلگەندىنمۇ بەك خوش بولۇپ يۈرىدۇ.ئۇ باشلىقىم قول ئاستىكىلەرنىڭ دوپپا كىيسە ئادەمنىڭ بېشى پىتلاپ قالىدىغانلىقىنى گۈزەللىكنى نامايان قىلىشقا تەسىر يىتىدىغانلىقنى كۆرسەتكۈچ بارمىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قول قايىل قىلغان ئىدى ... بىز كىچىك چاغلاردا چوڭلار ئارىسىدىمۇ، تەڭتۈشلەر ئارىسدىمۇ بىرەر ئىش ياراپ قالسا، ئىش قىلغۇچىنى باش بارماقنى چىقىرىپ خو! دەپ قويىدىغان ئادەت بەڭ كەڭرى ئىدى، 7،6 ياش چاشغلىرىمىزدا، بىزمۇ شۇنداق دېيىشەتتۇق، ھازىرمۇ بەزىدە خورازدىكى خو! دەپ قويۇشلىرىمىز بار، ئەسلى بىلسەم يۇقۇرىدىكىدەك تارىخى ئاساسىي باركەن - دە. پەخرىلىك يازغۇچىمىز زۇنۇن قادىرىنىڭ ‹ئىككى بارمىقىم بىلەن› دىگەن ھىكايىسىغۇ دەيمەن. بۇ ئەسەر زۇنۇن قادىرىنىڭ ئەسىرى . ئاجايىپ ھە، مەنمۇ ئانچە - مۇنچە ئەسلەپ قالاتتىم شۇ ئەسەرنى
1- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىلجۇڭگۇدا بۇ ھەقىقەت يەنە قاچانغىچە داۋاملىشار؟
بىز كىچىك چاغلاردا چوڭلار ئارىسىدىمۇ، تەڭتۈشلەر ئارىسدىمۇ بىرەر ئىش ياراپ قالسا، ئىش قىلغۇچىنى باش بارماقنى چىقىرىپ خو! دەپ قويىدىغان ئادەت بەڭ كەڭرى ئىدى، 7،6 ياش چاشغلىرىمىزدا، بىزمۇ شۇنداق دېيىشەتتۇق، ھازىرمۇ بەزىدە خورازدىكى خو! دەپ قويۇشلىرىمىز بار، ئەسلى بىلسەم يۇقۇرىدىكىدەك تارىخى ئاساسىي باركەن - دە.
بىدار قۇتلانكا ، سىز ئىزدىنىشنىڭ سىكايپ توپىدا يوقما؟

4- قەۋەتتىكى hazritiliنىڭ يازمىسىدىن نەقىلبىدار قۇتلانكا ، سىز ئىزدىنىشنىڭ سىكايپ توپىدا يوقما؟
توردا بولساملا بار، ئەمما يوشۇرۇن. باشلىقىم مۇنداق بىر ھىكايىنى دەپ بەرگەنتى. چىڭ سۇلالىسى ۋاقتىدا بىر دوتەينى شىنجاڭنى باشقۇرۇشقا ئەۋەتىپتۇ. بۇ دوتەي كېلىپ قارىسا پۈتۈن ئۇيغۇر ئەرلېرى يانغا پىچاق ئېسىشىپ يۈرگىدەك، ناھايتى بەستلىك قاۋۇلمىش ئىنتايىن قارام بۇلۇپ ھېچنىمىدىن قورقماسمىش. دوتەي بۇ خەقنى باشقۇرۇپ بولالمىغۇدەك دەپ كارۋاننى ئەگەشتۈرۈپ قانداق كەلگەن بولسا شۇنداق قايتىپتۇ. لېكىن ئۇزۇن ماڭمايلا بىر ئىش ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتىپتۇ. ئۇششاق بالىلار ھە دەپ ئۇلارنىڭ ھارۋىسىغا ئېسىلىپ ئويناپتۇ. ھارۋىغا ئېسىلىۋالمىغانلېرى بولسا دوتەيگە ‹‹قارا ھارۋاڭغا بالىلار ئېسىلىۋالدى›› دەپ دوستلېرى ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپتۇ. دوتەي تۇيۇقسىز ھارۋىلارنى كەينىگە ياندۇرۇشنى بۇيرۇپتۇ. ھەم قول ئاستىدىكىلەرگە مەن بۇ تائىپىنى باشقۇرۇشنىڭ ئامالىنى تاپتىم دەپتۇ. @kuyaxoghli ئىملا!!!! بەلكىم ھازىرقى مەزگىل تۇنجى قېتىم خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى يەرلىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ نوپۇسىدىن ئېشىپ كەتكەن، داۋاملىق ئېشىش سۈرئىتىنى ساقلاۋاتقان مەزگىل بولسا كىرەك. شۇڭا مەيلى نەچچە يۈز يىللىق ئەندىزە بولسۇن، چوقۇم ئۆزگىرەيدۇ. يەرلىك خوشامەتچىلەرگە ھاجەت قالمايدىغان ۋاقىت كېلىۋاتىدۇ. 400 يىل دىگەننى قايسى كىتاپتىن نەقىل ئالدىڭىز ؟ سىزنىڭ شەرەپلىك تارىخىڭىز ھەجەپ ئۇزۇنكىنا ؟ چىقىمچىلىق ،نادانلىق ،ئاجىزلىق بىر مىللەتكە چاپلىشىپ قالىدىغان بىر مىللەتكە يىقىن كەلمەيدىغان ئىشمۇ ئەمەس . تىما يوللىغان ۋاقىتلاردا ھەر ئۇچ يىلدا كىچىك قوزغىلاڭ ، ھەر 10 يىلدا چوڭ قوزغىلاڭ قىلىپ ھەر دەقىقە يۈرىكى ھۆرلۈك دەپ سوققان پىداكار ئەزىمەتلىرىمىز ئىسىڭلارغا كەلمەيدىغاندۇ ،
بەت:
[1]