ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 18:52:41

تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

شەھىدلەر ئۆلمەس، ۋەتەن ئۈچۈن، مىللەت ئۈچۈن، ئۈممەت ئۈچۈن تۆكۈلگەن قانلار ئۆڭمەس. «ئىزچىلار»نىڭ ئىزلىرى كۆمۈلمەس!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

مەمتىلى ئەپەندى (تەۋپىق) 1901-يىلى ئاتۇشنىڭ بۇيامەت كەنتىدە تۇغۇلغان. 1937-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى شېڭشىسەي ھاكىمىيىتىنىڭ ژاندارمىلىرى تەرىپىدىن ۋەھشىيلەرچە قەتلى قىلىنغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

بۇ شېئىرلارنى مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىقنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئىزچىسى مىرئەھمەت سېيىت ئەپەندى توپلاپ، رەتلەپ «بۇلاق» مەجمۇئەسىنىڭ 1981-يىل 3-سانىدىكى «شائىر تەۋپىق» ناملىق ماقالەسىگە قوشۇپ ئىلان قىلغان.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئوقۇدى-ئاشتى…



ئوقۇدى-ئاشتى باشقىلار بىدىن ئەي قەدىردانلار،

كورگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينا ۋىجدانلار.



ھاۋادا لاچىندەك جەۋلان قىلۇرلەر باشقا مىللەتلەر،

قالدۇق بىز ئۇلاردىن بەكمۇ ئارقىدا، ئويلا ئىممەتلەر!



ئۆگەتمەس بىزلەرگە ھەق كالامىنى بىلگەن ئالىملار،

ئەخلاقنى پۇچەك پۇلغا ساتقاي بىزنىڭ زالىملار.



رىشىۋە(2) بار يەرگە ئاچ قاشقىر كەبى دەمسىز چاپارلەر،

بېشىدا سەللە، قولىدا تەسۋى، ھەقتىن قاچارلەر.



ئويلاڭلار! زاكات-ئىسقات كىملەرنىڭ ھەققى، كىملەر ئالۇرلەر؟

نى-نى خىيانەتلەر ھەيۋەت تون ئىچرە پىنھان قالۇرلەر.



مۇيەسسەر بولدىلەر باشقا ئەللەر ئانچە ھىكمەتلەر،

ئەمىلىگە قارىتا بەردى ئاللا شانۇ-شەۋكەتلەر.



ئوقۇيمىز، بىلمەيمىز، لىسانۇ ئەرەپ مۇشكۇل تىلى بىزگە،

يادىكار قالغان يوق بىر نوكتە ھىكمەت ئۇلاردىن بىزگە.



قەشقەردە يىتىملەر ھاممام ئاستىدا كۇلدە ياتۇرلەر،

تەربىيەسىز، ئوشۇق ئويناپ، نىشە تارتۇرلەر.



مەرھۇمى داموللا ئابدۇلقادىرى ناھەق كەتتىلەر،

گۇناسى نىمە؟ پەقەت بىزگە ھەقنى ئۇگەتتىلەر.



بىز-مۇئەللىم



بىز-مۇئەللىم! يۇرتلاردا مەكتەپ ئاچىمىز،

خەلقىمىزگە يوپ-يورۇق نۇرلار ساچىمىز.



تالاي يىللار زۇلمەتتە تىنەپ خار بولدۇق،

ئىلىم-ئىرپان يولىغا شۇنچە زار بولدۇق.

خۇراپاتتا قالدۇرۇپ ئەزدى زالىملار،

كوزلىرىمىز قارىغۇ كوپ ناچار بولدۇق.



بىزنىڭ ماڭغان يولىمىز سائادەت يولى،

بىز ۋەتەننىڭ يېڭىدىن ئېچىلغان گۇلى.

ئوقۇتىمىز ئەۋلاتنى يېڭى پەن بىلەن،

پۇختا بولسۇن مەكتەپنىڭ بېسىلغان ھۇلى.



يورۇق تاڭغا تەلپۇندى ۋىلايىتىمىز،

ئىلىم بىلەن تىكلەنگەي ئىناۋىتىمىز.

مەنبە بولدى ئىرپانغا يۇرتىمىز ئارتۇش،

ئىرپان بىلەن ئېچىلغاي سائادىتىمىز.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ۋەتەن ئۇچۇن…



ۋەتەن ئۇچۇن تەرەققىيات ئىستەرمىز،

ئارزۇسىمىز راۋاجلانسا مائارىپ،

جاننى پىدا قىلدۇق ئەزىز ئولكىگە،

بىزنىڭ يۇرەك زالىملارغا مۇخالىپ.



بولسا دەيمىز بىزدە ھوقۇق، ئادالەت،

بولسا بەربات خۇراپاتلىق، جاھالەت.

شۇنىڭ ئۇچۇن ياشىسۇن بۇ ئىنقىلاب،

زاۋال تاپسۇن ناھەقچىلىق، ئىختىلاپ!



پورەكلىسۇن گۇزەل باھار گۇللىرى،

شوخ سايرىسۇن يۇرتىمىز بۇلبۇللىرى.

ئىقبال ئۇچۇن بولايلى بىز ئىتتىپاق،

جىلۋىلەنسۇن مەرىپەتنىڭ نۇرلىرى!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





قۇتۇلۇش يولىدا



سەن ئۇچۇن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز،

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز.

قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىرى قۇتۇلدۇردۇق سېنى،

قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.



يۇرتىمىز بىز يۇز-كوزۇڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،

ئورلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بەلكى نامىمىز.

يارۇ ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممەتىمىز سەن ئۇچۇن،

شانۇ-شوھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.



ئاتىللانىڭ جەڭلىرى ئوچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،

نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

مىللىتارىست بولدى گۇم، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،

ياشىسۇن، مىڭ ياشىسۇن گۇزەل ئىستىقبالىمىز!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





مۇبارەك ۋەتەن



ئەي ئاتىلار يۇرتى مۇبارەك ۋەتەن سەن ياشارسەن،

پەرزەنتلىرىڭ باشىغا تېخى نۇرلار ساچارسەن.



تاغلىرىڭ ئالتۇن-كۇمۇش، زىلال سۇلار بويلايدۇ،

دۇشمەنلىرىڭ بەك ئاچكوز تالىماقنى ئويلايدۇ.



ئوتلاقلىرىنىڭ ياپ-يېشىل سانسىز ماللار يايلايدۇ،

قىمىز ئۇچۇن تاغ ئەھلى يىلقىلارنى بايلايدۇ……



ۋەتەن خەلقى ئويغانغىن، ئاچ كوزۇڭنى، ئولتۇرما،

بۇ جانىجان يۇرتۇڭنى غەپلەت بىلەن تولدۇرما.



ئەل-يۇرتىغا تەر توكمەك پەرزەنت ئىشى، بۇرچىڭدۇر،

يولغا چىققان كارۋانسەن، ئىلىم-ئىرپان يولچىڭدۇر.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئويغان خەلق



ئويغان خەلق يۇرتۇڭنى سەن قۇتۇلدۇر،

مەكتەپ بىلەن چىراق ياققىن، نۇر تولدۇر!



پۇتسۇن ئەمدى زۇلمەت، دەۋرى ئىستىبدات،

شۇم تەغدىردىن، قارا كۇندىن بول ئازات!



سائادىتىڭ ئۇچۇن تىرىش، ھىممەت قىل،

پەرزەنتلەرنى ئاقارتىشتا خىزمەت قىل!



دەس تۇر ئەمدى، ئاتلان خىزمەت يولىغا،

ھوما قۇشى قونسۇن ئەۋلات قولىغا!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





قۇتۇلدۇق



ئولكىمىزدە نەلەر كەچتى ئويلايلى،

كەچمىش تارىخ دەرياسىنى بويلايلى!



مەھكۇم بولۇپ يىللار-ئايلار ئوتتىلەر،

مۇستەبىتلەر بىزنى ۋەيران ئەتتىلەر.



يۇرتنى چەيلەپ خالىغانچە كەزدىلەر،

ئەلنى خارلاپ، زۇلۇم سېلىپ ئەزدىلەر.



قولىمىزغا مىلتىق ئېلىپ ئېتىلدۇق،

بىزلەر ئەمدى ئۇ زۇلمەتتىن قۇتۇلدۇق.



مەرىپەتنىڭ قۇياشىغا ئومتۇلدۇق،

قۇتۇلدۇق بىز، قۇتۇلدۇق بىز، قۇتۇلدۇق.



ئەل ئويغاندى، بىز غەپلەتتە ياتمايمىز،

يۇرتىمىزنى ئەمدى ئەرزان ساتمايمىز.



قۇربانلارنىڭ قانلىرىنى ئاقلايمىز،

يېڭىشلەردىن-يېڭىشلەرگە ئاتلايمىز.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئۇيغۇر بالىلىرى



بىز ئۇيغۇرنىڭ بالىلىرى كوڭلىمىز نۇرلۇق،

بېسىپ ئوتكەن ئۇزاق ھايات يولىمىز ئۇلۇق.



كوپ زامانلار سەرسان بولدۇق زالىم قولىدا،

دەريا-دەريا قانلار توكتۇق ئەرك يولىدا.



بىزگە گويا دوزاخ بولدى بۇ ئانا ماكان،

ئەسىر بولدۇق، تۇتقۇن بولدۇق، ھالىمىز يامان.



كۇرەش بىلەن ئوتتى ئەسىر، شانىمىز ئۇلۇق،

بىزگە ئەمدى ياراشمايدۇ خارلىق ۋە قۇللۇق.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن



ئويغىنىڭ ئەھلى ۋەتەن، بىزمۇ شادان بولىنىڭ،

ئىلمۇ-ئىرپان يولى ئۇچۇن ئەمدى قۇربان بولىنىڭ!



نەچچە يىللاپ ئۇخلىدۇق، كۇندۇز ئىدى قاراڭغۇلۇق،

ئېچىلىپ ئىرپان يولى قاراڭغۇلۇق بولدى يورۇق،

تۇتىشىپ قوللارغا قول شادۇ-خەندان بولىنىڭ.



ئەي ۋەتەن ئەۋلادى ئەمدى ئۇيقۇدىن كوزۇڭنى ئاچ،

ئىلمۇ-ئىرپان نۇرى ئال، مىللىتىڭ باشىگە ساچ،

ئوزگىدەك ئوز يۇرتىمىزغا بىزمۇ سۇلتان بولىنىڭ!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





بىز ۋەتەن ياشلىرى



بىز ۋەتەن ياشلىرى بىز،

يۇرتقا قۇربان باشلارىمىز.

ساغلام كوڭۇل، ساپ ۋىجدان،

بىزنىڭ يولداشلىرىمىز.



چېكىندى بىزنىڭ يۇرتىمىزدىن،

جاھالەت بىرلەن زولۇمات.

ئېچىلدى ئەمدى كوزىمىز،

خۇراپاتتىن بولدۇق ئازات.



بىز ۋەتەن ياشلىرى بىز،

كۇرەش بىلەن تاپتۇق ھايات.

ئەل قەلبىنى ئويغىتىمىز،

ئويغىتىشتىن كېلەر نىجات.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئەي ئانا يەر!



ئەي ئانا يەر، كوزلىرىڭدە ئۇمىت پارلار ھەر زامان،

ئۇستىڭدىدۇر گاھى تۇتۇق، گاھى روشەنكوك ئاسمان.

ئوتتى تارىخ، ئوتتى يىللار، ئىستىلالار بولدى كوپ،

جەڭ-چېلىشلار يالقۇنىدا چىقتى سانسىز قەھرىمان.



ئەي ئانا يەر، پاك، مۇقەددەس، سەندە بىزنىڭ جانىمىز،

سويگۇ-مېھرىڭ ۋە سۇتۇڭدىن پۇتتى بىزنىڭ قانىمىز.

ئەل يوقالماي كەلدى سەندە جەڭ كوكلەپ، بەرق ئۇرۇپ،

قاينىغان قان، چاقنىغان تىغ بولدى دائىم يارىمىز.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئىرپان كۇنلىرى



تۇغدى بۇ يۇرتقا ئىرپان كۇنلىرى،

پۇتتى نادانلىق، زۇلمەت تۇنلىرى.

سايرا ۋەتەننىڭ شوخ بۇلبۇللىرى،

ئېچىلدى ساڭا ئىلىم يوللىرى.



يىمىرىلمەكتە دەۋرى ئىستىبدات،

خۇراپاتلىقتىن بولغىن سەن ئازات.

بىلگىن غەنىمەت ئالتۇن چاغلارنى،

قىل ئىرپان بىلەن يۇرتۇڭنى ئابات.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئەي ۋەتەن خەلقى!



ئەي ۋەتەن خەلقى، ئويغان غەپلەتتىن،

قەددىڭنى كوتەر ئەسرىي كۇلپەتتىن.

زامانىڭغا باق، ئەتراپىڭغا باق،

قالما ئارقىدا ئوزگە مىللەتتىن!



روسۇلىمىزنىڭ سوزلىرىدۇر شۇل،

«ھوۋەل جاھات مازدى» دىگەن ئىدى ئول.

بولما داۋاملىق خۇراپاتقا قۇل،

قەددىڭنى كوتەر جەڭگە تەييار بول!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





بورادەرلەر



بورادەرلەر، يول كورۇندى،

يەنە غېرىپ باشىمە.

تاغلار تاشلار چىقتى كوكلەپ

كوزدىن ئاققان ياشىمە.

پارلاق ئۇمىت يۇلتۇزلىرى

نۇر ساچتى يولداشىمە.

قەدەم قويدى ئىقبالىمىز

ئەۋجى ئىززەت تاغىگە.

يول ئېچىلدى ئەمدى بىزگە

سائادەتنىڭ باغىگە.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئالتۇن ئولكە



ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە، ئالتۇن تاغۇ-تاشلارى،

ئالتۇن رەڭدە چاقنايدۇ بۇغداي، قوناق ئاشلارى.



ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە، بىز پىداكار ياشلارى،

قەدىرلەيمىز ئىرپاننى، بىز ئىلىم يولداشلارى.



بۇ ئولكىنىڭ پەرزەندى ھەر بىرىدۇر ئارسلان،

جەڭگە ئەرك ئۇچۇن بۇندا سانسىز قەھرىمان.



ئولكىمىز ئالتۇن ئولكە، بىز .ۇنىڭ قۇربانى بىز،

بەخشەندە بولدى ئاڭا قەلبىمىز-ۋىجدانىمىز.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





قۇياش يۇققاندا



تۇغدى قۇياش، ساچتى نۇر يۇرتنىڭ تاغۇ-تاشىگە،

ئۇنىڭ ئىللىغى يەتتى مەزلۇم خەلق باشىگە.



قۇياش نۇرى يورۇتقان ئىنقىلاپنىڭ گۇلى بىز،

يۇرتىمىزغا سېچىلغان ئىلىم ئىرپان نۇرى بىز.



يوللىرىمىز ئېچىلدى باسىمىز غالىپ قەدەم،

يورۇق كۇندىن نۇر ئېلىپ، نۇر ساچارمىز دەممۇ-دەم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





باھار كەلدى



باھار كەلدى گۇل-چىچەكلەر ئېچىلدى،

باشىمىزغا رەھمىتى ھەق سېچىلدى.



كەتتى ئەمدى زىمىستان قىش، تاڭ ئاتتى،

ئۇيقىمىزدىن خوش ئاۋازلار ئويغاتتى.



كۇن نۇرىدا پارىلدايدۇ روجەكلەر،

ھەممە يەردە ياشنىدى گۇل-چىچەكلەر.



گۇل-چىچەكتىن باش كوتەردى ئوغۇزخان،

بىزنى ئالغا ئۇندىمەكتە ئۇ ھامان…

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئىزچىلار



بىز ئىزچىلار بىز قوللىرىمىز گاڭ،

كوزىمىز نۇرلۇق، قەلبىمىز ساغلام.

خەلق يولىدا ئالغا باسىمىز،

دۇشمەنگە قارشى ساقلاپ ئىنتىقام.



ئۇگەن تىرىشىپ، ياش ئىزچى بالىلار،

ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.



ئۇزۇن ۋاقىت بىز زالىم قولىدا،

ئىشلىيەلمىدۇق خەلق يولىدا.

قۇللۇق ئورنىدىن ئەمدى دەس تۇردۇق،

ئالغا ئورلەيمىز ئىرپان يولىدا.



ئۇگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،

ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.



ئوسكەن يۇرتىمىز تاغلىق، شېغىل تاش،

ۋەتەن يولىدا پىدادۇر بۇ باش.

ماڭغان يولىمىز نىجاتلىق يولى،

قايتما بۇ يولدىن ئىزچى قېرىنداش!



ئۇگەن تىرىشىپ ياش ئىزچى بالىلار،

ۋەتەن غېمىدا قاينار ۋىجدانلار.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





مەكتەپ ئىرۇر



مەبدەئى ھىلمۇ ھايا(3) مەكتەپ ئىرۇر،

مەخزەنى سىدقو ساپا(4) مەكتەپ ئىرۇر.

مۇزلىغان دىللارنى ھەم چۇن نەۋ باھار،

سەبزە خۇررام ئەيلىگەن مەكتەپ ئىرۇر.

توم تاراقى دۇنياۋى شەيئون ھەقىر(5)،

قائىدى راھى ھۇدا(6) نەكتەپ ئىرۇر.

كۇللەمەن يەرجۇ كاما لەمفىل كاما،

مەسلىكۇ دارە شىپا مەكتەپ ئىرۇر(7).

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





سايرام كولى



سايرام كولى ئوزۇڭ كىچىك، دەردىڭ تولا،

داۋالغۇيسەن، ساھىللاردىن تاشالمايسەن.

ئەتراپىڭنى قورشىۋالغان ئىگىز تاغلار،

ئۇمتۇلىسەن، داۋانلاردىن ئاشالمايسەن……

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ



(1935-يىلى تەۋپىق ئاتۇشتا يولغا قويۇلغان يېڭى مائارىپنىڭ نەتىجىلىرىنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئۇنىڭ تەسىرىنى باشقا جايلارغا كېڭەيتىش مەقسىدىدە 40 نەپەر ئوقۇغۇچىنى تەشكىللەپ، ئۇلارنى پەيزاۋات، توقۇۇزاق، ئوپال، تاشمىلىق، يېڭىسار، قەشقەر شەھىرى قاتارلىق جايلارغا پىيادە ساياھەتكە ئېلىپ بارغان ئىدى. ئۇلار ساياھەتتىن قايىتقاندا ئاتۇش كوچىلىرىدىن مۇنۇ ناخشىنى ئېيتىپ ئوتتى.)



سەپەر قىلدۇق تاغلار ئاشتۇق،

يېڭىلىقتىن نۇرلار ساچتۇق،

خەلقىمىزگە قۇچاق ئاچتۇق،

كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.



بىھۇدە يولنى ماڭمىدۇق،

بىز يولدا ھەرگىز ھارمىدۇق،

ئىشسىز بىكار ھەم قالمىدۇق،

كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.



پىيادە چوللەردە ئوتۇپ،

ھەر يەردە ئەلنى ئويغۇتۇپ،

كونىلىقنى قورقۇتۇپ،

كەلدۇق سالامەت ئايلىنىپ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





تەنقىت



سىلەردە بار ئەجەپ بىر خىل ئەيىپلەر،

نەشە، ھاراق، ئەپيۇندەك كەيىپلەر.



ئوينايسىلەر كاغەز قىمار دىگەننى،

ئىت يىمەيدۇ سىلەر نان دەپ يىگەننى.



تەنقىت قىلدۇق، ئەخلاقى تۇزۇلۇر،

تۇزەلمىسە سىزدىن ئۇمىت ئۇزۇلۇر.



نەشە تارتىپ رەڭگىڭىزدە ھىچ قان يوق،

شۇڭا سىزدە ئادەمگە خاس ۋىجدان يوق.



توغرا مېڭىڭ، ئۈلگە ئېلىڭ بىزلەردىن،

ئەھلى ۋەتەن بىزار بولدى سىزلەردىن.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





تۇرمە خاتىرىلىرى



(1)

تاقىتىم تاق بولدى مۇندىكى خەلقنىڭ نىدايىدىن،

قۇلاقلىرىم گاس بولدى كىشەنلەر سادايىدىن.

ئاھ، بىچارە مەزلۇملار! گۇناھى نېمە زادى؟

بىر ماڭدامچە يەر تەگمىش بۇ ۋەتەن پانايىدىن.



(2)

نەچچە يىل كەزدىم دىيار غۇربەتنى،

ھىچ قەيەردە كورمىگەن بۇ ئۇقۇبەتنى.

ئېلىپ باردىم ئاقارتىش قايتىپ ۋەتەنگە،

مۇكاپات ئۇچۇن ئالدىم ئازار-كۇلپەتنى.



(3)

بۇ قاراڭغۇ يىللاردا تاپالمىدىم ئادالەت،

ئادالەتكە ئىنتىلدىم، قولغا ئالدى سىياسەت.

خەلقىم ئۇچۇن ئىلىم-پەن، تەرەققىيات ئىستىدىم،

نىيتىم ساپ، دىلىم ئاق، ئوتكۇزمىدىم جىنايەت.



(4)

روھىم ئەجەپ قىسىلدى يالغۇزلۇقتا-تۇتقۇندا،

سائەتلىرىم ئوتمەكتە كىشەنلىنىپ زۇلمەتتە.

يېشىم ئوتتۇز ئالتە ياش، تاشتىنمۇ قاتتى بۇ باش،

ئادا بولار ئوخشايمەن بۇ خىل قايغۇ-ھەسرەتتە.



(5)

خۇدا بىلۇر بالىلىرىم قالدى دادۇ-پەرياتتا،

دىرىگىمنى ئالالماي سەرسان بولۇپ ھەرياقتا.

ئەل خائىنى مەمتىمىن ئىچى قارا مۇناپىق،

ھوكۇمەتكە ئۇستۇمدىن خەۋەر بېرىپسەن ساختا.



(6)

بۇلبۇللار تۇتقۇن بولدى، يۇرتنى بۇلغىدى قاغا،

كىم بولسا ۋەتەنپەرۋەر بىر كۇن ئېسىلۇر دارغا.



(7)

ئۇرغۇپ تۇرغان ئىسسىق قان جىسمىمدا ئىسيان ئىتەر،

كۇندە مۇشتۇمدەك كىسەك خەت يېزىپ تۇگەپ كېتەر.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭





ئىزاھاتلار:

(1) تەۋپىق-توغرا يولدا ماڭغۇچى.

(2) رىشۋە-رىشۋەت-پارا.

(3) مەبدەئى ھىلمۇ ھايا-مۇلايىملىق ۋە ھايانىڭ باشلىنىشى.

(4) مەخزەنى سىدقۇ ساپا-راستلىق ۋە پاكلىق خەزىنىسى.

(5) دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن خەۋەر بەرگۇچى.

(6) قائىدى راھى ھۇدا-توغرا يولغا باشلاشنىڭ قائىدىلىرى.

(7) بۇ مىسرانىڭ مەنىسى: مەسلەكلەر شىپا تاپىدىغان دوختۇرخانا مەكتەپ بولىدۇ.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

http://chewendazlar.com/?p=1681

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 22:16:53

تۆتىنچى بولۇپ ئەلانى باسقاندەك قىلىمەن.

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 09:14:03

مەنمۇ ئەلانى 7-بولۇپ باستىم، بىراق تېمىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھوقۇقۇم يەتكەن بولسا ئىملانى ئۆزۈم توغۇرلاپ بېرەركەنمەن دەپ قالدىم

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-5-31 11:55:42

2- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئەلانى 7-بولۇپ باستىم، بىراق تېمىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھوقۇقۇم يەتكەن بولسا ئىملانى ئۆزۈم توغۇرلاپ بېرەركەنمەن دەپ قالدىم


بۇ شېئىرلاردا ئىملا خاتالىقى يوق. 32 يىل بۇرۇنقى توغرا ئىملا شۇنداق ئىدى. بۇ http://chewendazlar.com/?p=1681 مەنزىلدە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-1 10:44:14

3- قەۋەتتىكى ketmenbayنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

2- قەۋەتتىكى bapkarنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مەنمۇ ئەلانى 7-بولۇپ باستىم، بىراق تېمىدىكى ئىملا خاتالىقىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھوقۇقۇم يەتكەن بولسا ئىملانى ئۆزۈم توغۇرلاپ بېرەركەنمەن دەپ قالدىم


بۇ شېئىرلاردا ئىملا خاتالىقى يوق. 32 يىل بۇرۇنقى توغرا ئىملا شۇنداق ئىدى. بۇ http://chewendazlar.com/?p=1681 مەنزىلدە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە چۈشەنچە بېرىلگەن.




بۇ شېئىرلارنى تورغا تەييارلىغۇچى بەزى ھەرپلەرنى چۈشۈرۈپ ۋە ئالماشتۇرۇپ قويۇپتۇ. بۇنى باشتا بايىقىماپتىمەن. شۇ سەۋەپلىك ئۆز دەۋرىدىكى ئىملا قائىدىسى ئۈچۈنمۇ ئۇيغۇن بولمىغان خاتالىقلار كېلىپ چىقىپتۇ. شۇڭا «بۇ شېئىرلاردا ئىملا خاتالىقى يوق» دىگەن يۇقارقى ئىنكاسىم ئۈچۈن خېجىل بولىۋاتىمەن.



مىساللار:



ئوقۇدى-ئاشتى باشقىلار بىدىن ئەي قەدىردانلار، (بىزدىن)

كورگەچكە ئۇلارنىڭ ئىجتىھادىنى قاينا ۋىجدانلار. (قاينار)



ئەل يوقالماي كەلدى سەندە جەڭ كوكلەپ، بەرق ئۇرۇپ، (جەڭدە)



جەڭگە (كىردى) ئەرك ئۇچۇن بۇندا سانسىز قەھرىمان.



قائىدى راھى ھۇدا(6) نەكتەپ ئىرۇر. (مەكتەپ)



توقۇۇزاق (توقۇزاق)



تەنقىت قىلدۇق، ئەخلاقى تۇزۇلۇر، (ئەخلاقىڭىز)

*********

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 16:12:40

جاھالەت



مۇھەممەدئەلى ئەپەندى تەۋپىق



كۆكرەك كېرىپ جەڭ قىلدۇق قاراڭغۇلۇق جاھالەتكە،

باشلاش ئۈچۈن بۇ ۋەتەننى ئاسايىشلىق-ئادالەتكە،

شۇ تۈپەيلى قالدۇق مانا تۈرلۈك-تۈمەن ھاقارەتكە،

ھالاك بولدۇق ئېرىشمەيلا ئارزۇيىمىز سائادەتكە،

قولدىن كەتتى بۇ تۇپراق، تولدى ئېغىر ئاپەتكە.



جاھالەتنىڭ قارا تەمى، زۇلمىتىنى تېتىدۇق،

كۆكرەكلەرگە ئوق تەگسە، بۇنى تېخى بىلمىدۇق،

يىلان چاقسا يۈرەكنى «دۈشمىنىم بۇ» دىمىدۇق،

ئۆيگە كىرگەن ئاپەتنى يەنجىپ، بىتجىت قىلمىدۇق،

ئېرىشەلمەي بەختكە قالدۇق بۈگۈن لەنەتكە.



ئۆيدىن چىقىپ قارىساق، ئاسمىنىمىز بىپايان...

بايلىقىمىز بىھېساب، مىسلى دېڭىز، بىر ئوكيان،

ئۆزگە بىلەن كارى يوق ئۆز غېمىدە ھەر ئىنسان،

ئانا تۇپراق-ئانا يەر، ئانا ئاسمان پەرىشان،

ئاسمان، زېمىن ئايلاندى قورقۇنچلۇق لەھەتكە.



بىر قونالغۇ ئالەم بۇ پەقەت بىرلا كېلىمىز،

كۆزنى يۇمۇپ تۇرمايلى، ئويغاق تۇرسۇن كۆزىمىز،

ۋەتەن ئۈچۈن، ئەل ئۈچۈن كېرەك بولسۇن جېنىمىز،

شۇندا مىللەت ھۆر بولۇر، روناق تاپار ئېلىمىز...

يۈز كېلەيلى ئەي دوستۇم بۇ ئېزىلگەن مىللەتكە!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1934-يىلى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 16:52:28

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:07:52

مۇئەللىم



مۇھەممەدئەلى ئەپەندى تەۋپىق



زۇلمەت قاراڭغۇ تۈنگە ئوت ياققۇچى مۇئەللىم،

قارغىشتەككۈر دۈشمەنگە ئوق ئاتقۇچى مۇئەللىم.



زۇلۇم بۈگۈن ئىس كەبى تاراپ ئانا تۇپراققا،

قالدى خەلقىم زۇلمەتتە ئازاب بىلەن پىراقتا.



ھەرجايغا مەن قارىسام ئاچچىق ئەلەم نالە-زار،

تېپىلمىغان خەلقىمگە بۇ زېمىندا غەمگۇزار.



ئىس-تۈتەكنىڭ ئىچىدە قالدى خەلقىم بىگۇمان،

ھېچبىر خوۋلۇق بەرمىدى ئۆز يېرىمىز بۇ زامان.



ساۋاتسىزلىق، يۇرتۋازلىق بۇزدى بىزنى-سەپداشنى،

بىلەلمىدۇق ئادەمدەك بۇ تۇپراقتا ياشاشنى.



ھەرقەدەمدە، ھەر جايدا كېرەك بىزگە مۇئەللىم،

قۇتۇلايلى زۇلمەتتىن ئېلىپ ئۇندىن زور بىلىم.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

1935-يىلى، قەشقەر

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

kizilgvl يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:08:36

ۋاقىت چىقىرىپ ساقلىۋالاي.

تېما ئىگىسىگە تەشەككۈر.

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:22:38

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:24:36

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:28:08

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:36:28

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 17:41:05

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-6 18:39:00

تەۋپىق ئەپەندى كۆرۈۋاتامسىز؟



ئابلىكىم ئابلىمىت تاغتېكىن



ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا بىر يول بار، ئۇ يۈرەكتىن-يۈرەككە تۇتىشىدۇ. بۇ يولدىن پىداكارلىق، ئادىمىيلىك، ئىلىم-پەن، ھۆرمەت-ئىززەت، مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ.

٭٭٭

قەدىرلىك ئۇستاز، ئوتلۇق يۈرىكىڭىز سوقۇشتىن توختىغىلى 67 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈنلەردە سىزنى چەكسىز ھۆرمەت، سېغىنىش بىلەن ئەسلەۋاتىمەن. ھەر قېتىم مەكتەپ دەرۋازىسىدىن كىرگىنىمدە، دەرس مۇنبىرىدە تۇرغىنىمدا سىزنىڭ قۇياشتەك مەڭگۈ نۇر چاچىدىغان تۇرقىڭىز كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇپ، ئالدىمدا كۆزىنى مۆلدۈرلىتىپ ئولتۇرغان ئىلىم تەشنالىرىغا مۇھەببىتىم ھەسسىلەپ ئاشىدۇ. سىزنىڭ تومۇرىڭىزدا ئاققان ساپ قان مېنىڭ تومۇرلىرىمغا سىرغىپ چۈشۈۋاتقاندەك، سىزنىڭ جاھالەتنى يورۇتقۇچى مەشئەل بولغان روھىڭىز ماڭا مەدەت بېرىۋاتقاندەك، ئوقۇتقۇچىلىقتىن ئىبارەت مۇقەددەس، خاسىيەتلىك يولدىن قايتمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن دۈشمەن ئوقىدا تېشىلگەن باغرىڭىز، ئالۋاستىلارنىڭ كۆزلىرىدىن چاچراپ چىققان ئوتتا كاۋاپ بولغان جىسمىڭىز مېنى ئوقۇغۇچىلار قەلبىگە ئىتتىرىۋاتقاندەك تۇيۇلىدۇ. سىزمۇ ماڭا ۋە بىزلەرگە ئوقۇتقۇچى ئىدىڭىز. ئەمما سىزنىڭ بىزلەرگە ئوخشاش مۇقىم ئوقۇغۇچىلىرىڭىز يوق ئىدى. رەت-رەت بىنالىرىڭىز، تەييار كىتابلىرىڭىز، تەجرىبىخانا، كۇتۇپخانىلىرىڭىز، تەنتەربىيە سايمانلىرىڭىز يوق ئىدى. ئۇ چاغدا ياڭ زېڭشىن، شىڭ شىسەيلەر سىزنى چەكلەپ تۇراتتى، مۇتەئەسسىپ كۈچلەر سىزگە قارشى تۇراتتى. مىللىتىمىزنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن ئاۋۋال مائارىپنى يۈكسەلدۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلغان، تونۇغان ئوتلۇق يۈرىكىڭىز بارلىق قاماللارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، يىللاردىن بېرى سۈت ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان بۇ قەدىمىي تۇپراقنى سىلكىشلەپ ئويغاتتى. بۇنىڭ بەدىلىگە سىز 36 يېشىڭىزدا ھاياتىڭىزنى تەقدىم ئەتتىڭىز.

تەۋپىق ئەپەندى، مەقسىتىڭىز: «ئەۋلادلارنىڭ جاھالەت تۇمانلىرى ئىچىدە ئېزىپ قالماسلىقى ئۈچۈن» ئىدى. قەشقەر، ئاتۇشلارنىڭ يېزا-قىشلاقلىرىنى ئارىلاپ، مەرىپەت ئۇرۇقىنى چاچتىڭىز. خەلق سىزنىڭ خالىس روھىڭىزدىن تەسىرلەندى، سىزگە ئىشەندى، سىزگە ئەگەشتى. سىزدىكى ساپ يۈرەك خەلقنىڭ قاراڭغۇ دىلىغا شام-چىراغ بولۇپ يېقىلدى. كۆزىڭىزگە ئۆلۈم سايىسى كۆرۈنگەندە، قاچقان بولسىڭىزمۇ بولاتتى. سىز: «قاچسام ئوقۇغۇچىلىرىمغا يۈز كېلەلمەيمەن، نېمە كۆرسەم تەڭ كۆرەي» دەپ، قاچماي جاھالەت كۈچلىرى بىلەن باتۇرانە ئېلىشتىڭىز.

تەۋپىق ئەپەندى، سىز ھاياتىڭىز ۋە ئۆلۈمىڭىز ئارقىلىق قانداق ئادەملەرنىڭ »ئوقۇتقۇچى«لىققا لايىقلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ نېمىلىكىنى بىزلەرگە تونۇتۇپ قويدىڭىز. تۈمەنلىگەن ئوقۇتقۇچىلار سىزدەك پىداكارلىق بىلەن ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش يولىدا قان-تەر تۆكتى ھەم تۆكمەكتە. بۇلارنى كۆرۈپ روھىڭىز خۇش بولغاندۇ! ئوقۇتۇشنىڭ ھازىرقىدەك ياخشى شارائىتتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانسىز!؟

تەۋپىق ئەپەندى، كۆرۈۋاتامسىز، مانا، قولۇمدا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ (2004) 17-فېۋرال سانى تۇرۇپتۇ. مەن بۇ گېزىتنى ئىككى ئايدىن بېرى ساقلاۋاتىمەن. مەن ئوقۇتقۇچى بولغاچقا، مائارىپ، مەكتەپ، ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى توغرىسىدىكى ھەرقانداق ئۇچۇرغا دىققەت قىلىمەن. ئىلگىرى گېزىت-ژۇرناللاردىن ئوقۇتقۇچىنى مەدھىيىلەيدىغان، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش تېمىسىدىكى خەۋەر، ماقالىلەرنى كۆپرەك كۆرەتتىم. قولۇمدىكى گېزىتتە ئۇنداق ئەمەس. قاراپ بېقىڭ، خەۋەرنىڭ ماۋزۇسى: «ئوقۇتقۇچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلاردىن تەڭ ئىمتىھان ئېلىندى، بەزى ئوقۇتقۇچىلار ئوقۇغۇچىلارچىلىك نومۇر ئالالمىدى». خەۋەر مەزمۇنىدىن قارىغاندا، مەلۇم ۋىلايەتنىڭ بىر قېتىملىق مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندا، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلاردىن تەڭ ئىمتىھان ئېلىنغان، 30% ئوقۇتقۇچى لاياقەتسىز بولۇپ چىققان، ھەتتا 18 نومۇر ئالغان ئوقۇتقۇچىلارمۇ بولغان.

تەۋپىق ئەپەندى، بۇ خەۋەردىن ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ 18 نومۇر ئالغان ئوقۇتقۇچىغا ئېچىندىڭىزمۇ؟ ئازابتىن يۈرىكىڭىز ئۆرتەندىمۇ؟ مەنمۇ ئېچىندىم، ئازابلاندىم. ئەمما، قىلچە ھەيرانلىق ھېس قىلمىدىم. نېمىشقا دېسىڭىز، خەۋەرنىڭ مەزمۇنىدا ساختىلىق، كۆپتۈرمىچىلىك يوق. يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۆرگەن، ئاڭلىغانلىرىمدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلارچىلىكمۇ نومۇر ئالالمايدىغان، ھەتتا 18 نومۇر ئالىدىغان ئوقۇتقۇچىنىڭ بولۇشى شەكسىز.

مەن تولىمۇ «ئەپسۇسلاندىم»، تەۋپىق ئەپەندى، بىز يېقىندىن بېرى مەدھىيە، ماختاشلارغا كۆنۈپ كەتكەن تۇرساق، بىزلەرنىڭ نۇقسانلىرىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان مۇنداق خەۋەرلەر گېزىتكە بېسىلماسلىقى، بىزلەردەك «ئىنسان روھىنىڭ ئىنژېنېرلىرى»نىڭ يۈزىنى تۆكىدىغان ئىشلار جەمئىيەتكە ئاشكارىلانماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۆزىمىزنى ئەۋلىيا چاغلاپ، ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك كەمچىلىكلىرىمىزنى تۈزۈلمىگە، شارائىتقا، ئوقۇغۇچىلارغا دۆڭگەپ قويۇپ ئۆگىنىپ قالغان بىزلەرنىڭ ئەپتى-بەشىرىمىز ئاشكارىلاپ قويۇلسا، «ئەپسۇسلانماي تۇرالامدىم؟» خەير، بولار ئىش بولدى. مەن سىزگە ئۆزىنى «ئوقۇتقۇچى» دەپ ئاتىۋالغان بىر قىسىم نائەھلىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ قوياي، روھىڭىز قوزغىلىپ، قوشۇنىمىز پاكلىنىپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

تەۋپىق ئەپەندى، روھىڭىز ھەممىنى بىلىپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ «سېسىق توققۇزىنچى» بولۇپ، جەمئىيەتتە تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان كۈنلىرىمىزمۇ بولغان. «ئەپەندى دېگەنلىك ئېشەك قۇيرۇقى دېگەنلىكتۇر» دەپ ھاقارەتلەشلەرمۇ تۈگىگىنى يوق. بىر نەرسە سېتىۋالغاندا ئازراق باھا تالاشساقلا،«سىلى ئوقۇتقۇچىمۇ؟ ! » دەپ تىكىلىۋاتقان مەسخىرىلىك كۆزلەردىن تارالغان زەھەرلىك نۇر يۈرىكىمىزنى لەختە قىلىدۇ، خۇددى باشقا ئادەملەر باھا تالاشمايدىغاندەك. بۇ مۇرەككەپ دۇنيادا ئۇنداق ياكى مۇنداق قاراشلارنىڭ بولۇشى تەبىئىي ئەھۋال. بەزىلەر دېھقانلىرىمىزنى «قالاق، نادان» دەپ ھاقارەتلەيدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن دېھقانلىرىمىز يەردىن ۋاز كەچمەيدۇ. بىزمۇ شۇنداق، ھەرقانچە ھاقارەتلەنسەكمۇ بىز دەرس مۇنبىرىدىن ۋاز كەچمەيمىز. بىز سىزگە ئوخشاشلا دەرس مۇنبىرىدىن سەبىي قەلبلەرگە ئىلىم ئۇرۇقىنى، ئادىمىيلىك ئۇرۇقىنى چېچىپ ئۇنىڭدىن ھوسۇل ئالىمىز. بالىلارنىڭ ياراملىق ئادەم بولغانلىقى بىزنىڭ ھوسۇلىمىز. نادانلار بىزنى ھاقارەتلىسە، ئاقىللار بىزنى ماختاپ، قەدىرلەپ، شان-شەرەپ ئاتا قىلىپ كەلگەن. بىزنى قۇياشقا، ئايغا، شامغا، باغۋەنگە، ئانىغا تەققاسلاپ، «ئون قەدەم يىراقلىقتىن سالام بېرىشكە ئەرزىيدىغانلىقىمىز» نى مۇئەييەنلەشتۈرگەن.

باشقىلار بىزنى ماختىسۇن ياكى ھاقارەتلىسۇن، بىز ھامان ئوقۇتقۇچى، بىز دۇنيانىڭ مەركىزى __ ئادەمنى تەربىيىلەۋاتىمىز. مۇقەددەس ئورۇن __ دەرس مۇنبىرىدە تۇرۇپ، قۇياش بولىمىز، شام بولىمىز، باغۋەن بولىمىز، مېھرىبان ئانا بولىمىز. مەن ئويلايمەن، ئوقۇتقۇچى بولغان ئادەمدە سىزنىڭكىدەك روھ بولۇشى، ساپ، سەمىمىي يۈرەك بولۇشى، تومۇرىدا ئەبجەش يۇندا ئەمەس، سۈپسۈزۈك قان ئېقىشى كېرەك.

بىز ھەممىمىز شۇ تەلەپكە لايىقمۇ؟

توغرا، ھەممىمىزنىڭ سىزدەك يۈكسەك پەزىلەتكە ئىگە بولۇشىمىز ناتايىن. بىزمۇ ئادەم. ئادەم كۆپ جايدا ياخشىسى بىلەن ناچىرى، ئوبدىنى بىلەن ئەسكىسى ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. لېكىن ئوقۇتقۇچى بولغان كىشى مەلۇم بىر پەننىڭ(دەرسلىكنىڭ) ماھىرى بولۇشى، ھېچ بولمىغاندا پىششىقراق بىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ ئادەتتىكى، ئەڭ تۆۋەن تەلەپكىمۇ يېتەلمەي، ئۆزىنى »ئوقۇتقۇچى« دەپ يۈرۈپ، سىزگە ۋە بىزلەرگە داغ تەگكۈزۈۋاتقانلارمۇ بار. تەۋپىق ئەپەندى، سۆزلەپ بەرسەم تېخىمۇ ھەيران قالىسىز.

ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىم ئىدى. بىر كۈنى ماتېماتىكا فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ (ئەدەبىيات) فاكۇلتېتىدىكى بىر ئوقۇتقۇچى «ئالىي مەكتەپ تىل-ئەدەبىياتى» دەرسىنى ئۆتۈپتۇ. ئوقۇتقۇچى سىنىپقا كىرىدىكەن-دە، كونىراپ كەتكەن قېلىن دەپتەردىن باش كۆتۈرمەي ئوقۇپ بېرىپ، ۋاقىت توشسا چىقىپ كېتىدىكەن. ئوقۇغۇچىلار بۇنداق خەت ئوقۇشتىن زېرىكىپتۇ. بىر كۈنى ئوقۇتقۇچى يەنە شۇنداق خەت ئوقۇۋاتقاندا قوڭغۇراق چېلىنىپتۇ. ئوقۇتقۇچى دەپتەرنى قويۇپ سىرتقا تاماكا چەككىلى چىقىپ كېتىپتۇ. بىر ئوقۇغۇچى دەپتەر ۋارىقىنى ئالدىغا يىگىرمە نەچچە بەت ئۆرۈپ قويۇپتۇ. ۋاقىت توشقاندا، ئوقۇتقۇچى مۇنبەرگە چىقىپ ئۆرۈپ قويۇلغان جايدىن باشلاپ ئوقۇشقا باشلاپتۇ-دە، ۋاقىت توشقاندا چىقىپ كېتىپتۇ.

تەۋپىق ئەپەندى، قاراڭە، ئاشۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىغا. ئۇ ئۆزىنىڭ نېمىشقا ئوقۇتقۇچى بولۇپ قالغانلىقى، نېمە ئىش قىلىشى كېرەكلىكى توغرىسىدا بىرەر قېتىم ئويلىنىپ باققانمىدۇ؟! ئۇنىڭ قارانچۇقتىن نېمە پەرقى؟!

2001-يىلى مەن خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ناھىيىمىزنىڭ بىر يېزىسىدا تۆت ئاي تۇرۇپ قالدىم. ۋەزىپەم ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيە، خىزمەت ئەھۋالىغا قارىتا ئانالىز ماتېرىيالى يېزىشىغا نازارەتچىلىك قىلىش ئىدى. ماتېرىيالنى ھەربىر ئوقۇتقۇچى ئۆز قولى بىلەن يېزىشى كېرەك ئىدى. ئۇلار يازغان ماتېرىياللاردىكى باغلاشمىغان جۈملە، خاتا ئىشلىتىلگەن سۆز، تىنىش بەلگىلىرىنىڭ پەقەت يوقلۇقىنى سۆزلەپ كەلسەم گەپ تولا. مېنى ئېچىندۇرغىنى، ئوتتۇز يىللىق خىزمەت تارىخىغا ئىگە شتاتلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ ساۋاتسىزلىقى بولدى. ئۇ لاتىن يېزىقى ئاساسىدىكى ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىنىلا بىلىدىكەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى (كونا يېزىق)نى بىلمەيدىكەن. ئۇنىڭ قانداقلارچە 30يىل خىزمەت قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم.

2001-يىلى ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىدىكى بىر يولداش بىلەن پاراڭلىشىپ قالدۇق. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئۇ كەچلىك بازارغا لەڭپۇڭ ئالغىلى بېرىپ، لەڭپۇڭچىنىڭ غالتىكى ئاستىدا بىرمۇنچە تاپشۇرۇق دەپتەرنى كۆرۈپ قاپتۇ. ئېلىپ قارىسا، مەلۇم بىر باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەپتىرى ئىكەن. ئوقۇتقۇچى دەپتەرنى لەڭپۇڭچىغا تەكشۈرۈشكە بېرىپتۇ. بىر دەپتەرنى «تەكشۈرۈپ»(نومۇر قويۇپ) بەرسە، بىر موچەن بېرىدىكەن.

قاراڭ، تەۋپىق ئەپەندى، تاپشۇرۇق دەپتەرنىڭ گېپى چىقىپ، بىر ئىش ئېسىمگە كېلىۋاتىدۇ. مېنىڭ جيەن قىزم بار. ئۇ مەلۇم ناھىيىگە بىۋاسىتە قاراشلىق بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. قىشلىق تەتىل ۋاقتى ئىدى. ئايالىم ئۇ قىزغا: «تەتىل تاپشۇرۇقلىرىنى ياخشى ئىشلەڭ، تەكشۈرۈپ خۇلاسە قىلسا، ساۋاقداشلىرىڭىز ئالدىدا خىجىل بولۇپ قالىسىز» دېدى. قىز شۇئانلا: «ئىشلىسەكمۇ خانىم تەكشۈرمەيدۇ، ئۆتكەن يىلقى تەتىلدە تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەپ بارغانىدۇق، خانىم تاپشۇرۇقلارنى يىغىپلا: <قىشتا ئوت قالايمىز> دەپ، تام ئىشكاپقا سېلىۋەتكەن» دېدى. ئايالىم بىلەن نېمە دېيىشىمىزنى بىلەلمەي تۇرۇپ قالدۇق.

2002-يىلى مەن قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچىنىڭ ھاياتىغا دائىر ماتېرىيال توپلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن، مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا خىزمەت قىلغان باشلانغۇچ مەكتەپكە باردىم. 2-يىللىقتا ئوقۇۋاتقان سەبىيلەر قۇربان بولغان ئوقۇتقۇچىسىنى تەرىپلەپ، يەنە بىر ئوقۇتقۇچىدىن قاقشاپ كەتتى. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ماتېماتىكا دەرسى بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچى (ئايال) بولۇپ، دەرس ۋاقتىدا قولىدىن ئېلېكترونلۇق ھېسابلىغۇچ چۈشمەيدىكەن. سانلار ئىچىدىكى تۆت ئەمەل (قوشۇش، ئېلىش، كۆپەيتىش، بۆلۈشلەر)نى ھېسابلاشتا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھېسابلىغىنىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ھېسابلىغۇچنى بېسىپ كۆرگەندىن كېيىن ئايرىيدىكەن.

بىر كۈنى بىر ئوقۇتقۇچىدىن: «سىز قايسى گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولدىڭىز؟» دەپ سورىدىم. ئۇ قىلچە خىجىل بولماستىن: «ھېچقانداق گېزىت-ژۇرنالغا مۇشتەرى بولمىدىم. پەقەت ئوقۇغۇم كەلمەيدۇ. دەرسلىك كىتابنىمۇ ئوقۇشقا خۇشياقمىسا …» دېدى. ھەيرانلىق، غەزەپ ئىچىدە تۇرۇپ قالدىم.

2002-يىلى ۋىلايەت بويىچە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئىلمىي ماقالىسىنى باھالاشقا قاتناشتىم. بىر تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ماقالىسىدە تەنتەربىيە دەرسىنى قانداق ئۆتۈش توغرىسىدا ئۇزۇن توختىلىپتۇ. مەن ئۇنىڭدىن: «تەنتەربىيە دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىغانىدىم، ئوقۇتقۇچى جاۋاب بېرەلمەي، ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قالدى. ئۇ تەنتەربىيە كەسپىدە ئۈچ يىل ئوقۇغانىكەن.

ماقالە باھالاش جەريانىدا، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ساپاسىزلىقىنى كۆرسىتىدىغان نۇرغۇن كۈلكىلىك، ئېچىنىشلىق ئىشلار بولدى. ھەممىنى سۆزلىسەم، سىز بەلكىم غەزەپتىن يېرىلىپ كېتىسىز. «بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار! » دەپ يۇقىرى-تۆۋەن مۇراجىئەت قىلىۋاتقان، ھەر جەھەتتىن قوللاۋاتقان بۈگۈنكى كۈنلەردە ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى بىر قىسىملارنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقنى جان بېقىش دەسمايىسى قىلىۋېلىپ، ئىلىمگە تەشنا دىللارغا مەرىپەت چىرىغى ياقماي، ئىلىم-ئىرپان ئىشقىدا يېنىشقا باشلىغان تالاي چىراغلارنى ئۆزىنىڭ ساپاسىزلىق شامىلى بىلەن ئۆچۈرۈۋاتقانلارنى كۆرۈپ، غەزىپىڭىز قايناپ تاشىدۇ.

تەۋپىق ئەپەندى، سىز دوختۇر ئەمەستىڭىز. ئەمما مۈرىڭىزدە تۈركىيىدىن ئالغاچ كەلگەن دورا ساندۇقى بار ئىدى، ئوقۇغۇچىلاردىكى، خەلق ئارىسىدىكى ھەر خىل يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە دورا بېرىپ ماڭاتتىڭىز، تازىلىقنى تەشەببۇس قىلاتتىڭىز؛ ساقچى ئەمەستىڭىز، قىمار ئوينىغان، ئۇرۇشقانلارنى جازالايتتىڭىز؛ سىز ئورمان كادىرى ئەمەستىڭىز، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنى سەپەرۋەر قىلىپ يۈز مىڭ تۈپتىن ئارتۇق كۆچەت تىكتۈرگەنىدىڭىز؛ سىز ئوقۇتقۇچى، پېداگوگ بولغاچقا ئوقۇغۇچىلارغا، خەلققە پايدىلىق ھەرقانداق ئىش سىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىڭىز ئىدى. ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەرقانداق ئىشلىرىغا مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتىڭىز. ئېيتىڭا، تەۋپىق ئەپەندى، سىز ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇپ دوختۇرخانىدا ياتقۇزۇپ قويغانمۇ؟ سىز ئوقۇغۇچىلارنى ھاقارەتلىگەنمۇ؟ قىز ئوقۇغۇچىلىرىڭىز بىلەن ئىش-پەش تارتىشىپ قالغانمۇ؟ ئوغۇل ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنى ھاراققا، تاماكىغا، قىمارغا زورلاپ باققانمۇ؟ ئۇلارنىڭ يارىلىنىشى، ئاغرىشى بىلەن كارىڭىز بولماي يۈرگەنمۇ؟ ...

بىلىمەن. تەۋپىق ئەپەندى، سىز: «ياق!» دەپ جاۋاب بېرىسىز ھەم «ئوقۇتقۇچى ئۇنداق بولمايدۇ، ئۇنداق بولماسلىقى كېرەك» دەيسىز.

سىزگە ئۆزىنىڭ ئوقۇغۇچىسىغا پوخۇرلۇق قىلغان، باسقۇنچىلىق قىلغان، مۇھەببەت ئىزھار قىلىپ ياقا-بۇلۇڭلارغا سۆرىگەن، ئوقۇغۇچىلىرىنى تانسا سورۇنلىرىغا باشلاپ كىرىپ كۆڭۈل ئاچقان، ئوقۇغۇچىلىرىنى «مېھمان كۈتۈش»كە سېلىپ، باشقىلارغا خۇشامەت قىلغان، ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن ھاراق ئىچكەن، ئوقۇغۇچىلاردىن تاماكا سورىغانلارنى سۆزلىسەم ساماندەك جىق.

ھاراقنى بولۇشىغا ئىچىپ، سېسىق پۇراپ سىنىپقا كىرىپ ئالا-جۇلا سۆزلەيدىغانلار، سىنىپتا خورەك تارتىپ ئۇخلايدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىش ئانچە تەس ئەمەس. ئەمما، سىز ھاراق ئىچىپ سىنىپقا كىرىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا سىنىپقا كىچىك تەرەت قىلغانلار بار دېسەم ئىشەنمەسسىز. بۇ راست، ھەقىقەتەن شۇنداق ئىش بولغان. بۇ ئىش ناھىيىمىزدە غۇلغۇلا قوزغاپ پەسىيىپ قالدى.

تەۋپىق ئەپەندى، يەنە بىر ئىش دىلىمنى تولىمۇ غەش قىلدى. سىزگە تاپشۇرۇق دەپتەرنى ئوت قالاشقا ئىشلىتىدىغان خانىمدا ئوقۇيدىغان جيەن قىزىمنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. بىر كۈنى قىزىم مەكتەپتىكى بايراق سۇپىسىدىن چۈشۈۋېتىپ پۇتى قايرىلىپ سۇنۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ۋايجانلاپ يىغلاپ ياتقاچقا، ساۋاقداشلىرى جىددىيلىشىپ، خانىمغا خەۋەر قىلىپتۇ. خانىم ئىشخانا ئالدىدا ئىكەن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك: «ئەجەب بىر يەرلىرى سۇنىدىغان بالىكەن» دەپ قويۇپ، ئىشخانىغا كىرىپ كېتىپ، چىقماپتۇ. ساۋاقداشلىرى ئۇنى يۆلەپ مىڭ تەستە ئۆيدىكىلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىپتۇ. قىز نەچچە ئون كۈن ياتسىمۇ خانىم بىرەر قېتىم يوقلاپ كەلمەپتۇ.

تەۋپىق ئەپەندى، سىزنىڭ ئوقۇغۇچىڭىزنىڭ قولىغا تىكەن كىرىپ كەتسە، يۈرىكىڭىز «چىممىدە» قىلار ئىدى. پۇتى سۇنغان ئوقۇغۇچىسى بىلەن كارى بولمىغان ئۇنداقلارنى قانداقمۇ ئوقۇتقۇچى دېگىلى بولسۇن! يىغلاپ ياتقان شۇ قىز، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ بىر ئېغىز تەسەللى سۆزىگە نەقەدەر موھتاج بولىدۇ-ھە! ئوقۇتقۇچى بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزۇپ قويغان بولسا، ئىللىق ئېقىم ئۇنىڭ سەبىي قەلبىگە سىڭىپ كىرىپ، ئوقۇتقۇچىنىڭ مېھرىبان ئانا، مەكتەپنىڭ ئىللىق ئائىلە ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ ئۇنتۇماسلىقى مۇمكىن ئىدى. ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىدى، ھەتتا بىرەر قېتىم يوقلاپ قويمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ سەبىي قەلبىدە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ نۇرلۇق سىماسى خىرەلەشكەندەك بولدى.

تەۋپىق ئەپەندى، سىز ئاللىقاچان تونۇپ يەتكەنكى، ھەقىقىي ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا بىر يول بار، ئۇ يۈرەكتىن يۈرەككە تۇتىشىدۇ. بۇ يولدىن پىداكارلىق، ئادىمىيلىك، ئىلىم-پەن، ھۆرمەت-ئىززەت، مېھرىبانلىق، سەمىمىيلىك، مەسئۇلىيەتچانلىق ئۆتۈشۈپ تۇرىدۇ. شۇندىلا ئوقۇتقۇچى قۇياشقا، ئايغا، شامغا، باغۋەنگە تەڭداش تۇرىدۇ. شۇڭا سىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقتىڭىز. ئوتلۇق يۈرىكىڭىز جاھالەت زەنجىرلىرىنى ئېرىتىپ كۈل قىلدى. سىزنىڭ نۇرلۇق سىمايىڭىز مائارىپىمىزنىڭ كۆپكۆك ئاسمىنىدا، ھەربىر ۋىجدانلىق ئوقۇتقۇچىنىڭ قەلبىدە ئەبەدىي نۇرلىنىدۇ.

تەۋپىق ئەپەندى، سىزگە دەيدىغانلىرىم تۈگىدى. يۈرەكنى ئۆرتەيدىغان ئىشلارنى يەنە ئۇچراتسام يەنە دەيمەن. سىزگە دېسەم كۆڭلۈم خېلى ئازادىلىشىپ قالىدىكەن. روھىڭىز ئۆزىنى ئوقۇتقۇچى دەپ يۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلىق لاياقىتىگە ئېرىشەلمىگەنلەرنى تەربىيىلەپ، سىزگە ئوخشاش پېداگوگ قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققاي!

كەسىپداشلىرىمغا دەيدىغىنىم: ساپاسىزلىقىمىز، مەسئۇلىيەتسىزلىكىمىز تۈپەيلى ئەۋلادلار بىزنىڭ قولىمىزدا نابۇت بولمىسۇن. گۈزەل ئارمانلار بىلەن مەكتەپ بېغىدا بىخ سۈرگەن ئاشۇ غۇنچىلار بىزنىڭ پەرۋىشىمىزدىن پورەكلەپ، ھەر يەردە خۇشپۇراق چاچسۇن. ئۇلار بىزدىن ئىلىمگە بولغان ھېرىسمەنلىكنى، پەرىشتىدەك پاكلىقنى، يۈكسەك پەزىلەتنى ھېس قىلسۇن. تەۋپىق ئەپەندىنىڭ جاھالەتلىك دۇنيادىكى خالىس نىيىتى، قەيسەر ئىرادىسى، پىداكار روھى بىزگە ئۈلگە بولسۇن!

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

مەنبە: «جۇڭگو مىللەتىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2004-يىللىق 5-سانى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 17:50:35

سېغىنىش



مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق  



ئانا يۇرتتىن كەتتىم يىراققا، يۈردۈم يىراقتا غەمدە مەن،

يېگۈدەك ئاش-نان قېنى؟ ئىسسىق -سوغۇقتا دەڭدىمەن.



قالدى ئەل-يۇرت، قالدى تارىم، قالدى ئىلى، زەرەپشان.

ئۇشبۇ ۋەتەن غېمىدە كۆڭلۈم مېنىڭ پەرىشان.



نەگە بارسام كەمسىتىش، «ۋەتەنسىز » دەپ سانالدىم،

تۇتقۈن بولۇپ ھەر جايدا تۇرمىلەرگە قامالدىم.  



ۋىجدانى ھەم ئىمانى يوق بەگ، غۇجام ھەر جايدا بار،  

قاغا، قۇزغۇن خان ۋدتەندە، يازدىمۇ بولماس باھار.



كۆز يېشىم يامغۇر بولۇپ ئاقار كۈندە توختىماي،

بۇلاڭ -تالاڭ بولغان ۋەتەنگە مەن تەۋپىق قانداق چىداي.



ئاھ ۋەتىنم، غەمگۇزارىم، مىېھرىبانىم ئانا يەر،

ئالىمىمدە تەڭداشسىز شەرقتىكى بىر گۆھەر.



ھەر كۆنۈڭ ئۆتتى بەختسىز بۇ قاراڭغۇ زۇلمەتتە،

پەن-بىلىمنى تەرك ئېتىپ ياتتىڭ ئويقۇ-غەپلەتتە.



ئىس-تۈتەك ئىچرە قالدى،ئەل-ۋەتەن ھالى خاراب،

پەرز ئەمەس ناخشا-ساز بىزگە، ساتار، سۇناي، دۇتتار، راۋاپ.





ئاھ ۋەتىنىم - بايلىقىم، كۆڭۈل شادى - يايلىقىم،.

سەن ئۈچۈن پىدا ئوغۇلمەن، تەقدىم ساڭا بارلىقىم.



1930-يىل. مەمتىلى توختاجى

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 18:12:28

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 18:39:26

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-11 18:43:30

\"\"

ketmenbay يوللانغان ۋاقتى 2013-6-18 11:50:56

قۇرتۇلۇش يولىدا



مەمتىلى ئەپەندى تەۋپىق



قۇرتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،

سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.

قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،

قەلبىمىزدە قۇتقۇزۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.



يار ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،

دۇنيانى سورىغان ئىدى ئۆتكەن ئۇلۇغ ئەجدادىمىز.

يۇرتۇمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،

ئەمدى ھېچ كىرلەتمىگەيمىز چۈنكى تۈركتۇر نامىمىز.



ئاتىللا، چىڭگىز، تۆمۈر دۇنيانى تىترەتكەن ئىدى،

قان بېرىپ نام ئالىمىز بىز ئۇلارنىڭ ئەۋلادى بىز.

چىقتى جان ھەم ئاقتى قان دۈشمەندىن ئالدۇق ئىنتىقام،

ياشىسۇن، ھېچ ئۆلمىسۇن، پارلانسۇن ئىستىقبالىمىز.

٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
بەت: [1] 2 3
: تەۋپىق شېئىرلىرىدىن نەمۇنىلەر