[يۇمۇرلار] بىز ئوقۇغان ئوقۇشلار[تەرجىمە]
1. ئەدەبىيات ئىمتىھانىنى بېرىپ بولدۇم، كۆزلىرىم يىغلىماقتا، ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن چىقتىم، يۈرىكىم يىغلىماقتا...
2._ دوختۇر، يېقىندىن بېرى ئۇيقۇم ياخشى ئەمەس، كەيپىياتىممۇ ناچار، گېلىمدىن غىزامۇ ئۆتمەيدۇ، نېمە بولغاندىمەن؟
_ قانچە ياشقا كىردىڭىز؟
_15 ياش
_ تاپشۇررۇقىڭىزنى ئىشلەپ بولالمىغان ئوخشىمامسىز؟
3. كىچىكىمدىنتا ھازىرغىچە دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا دىققىتىم دۆلەت بايرىقىدا ئەمەس بەلكى مۇزىكا تۈگىگەن پەيتتە بايراقنىڭ خادىنىڭ ئۇچىغا نەق چىقىپ بولالىغان بولالمىغانلىقىدابولاتتى.
4. بۇ قېتىملىق ئىمتىھاننى بەك ياخشى بەردىم، پەقەت ئىككىلا پەندىن قاپتىمەن، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن...
5. تەتىللىك تاپشۇرۇق دېگىنىمىز سىز بىر ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ يازىدىغان، مۇئەللىم سىكۇنىت سەرپ قىلىپ "كۆرۈلدى" قىلىدىغان تاپشۇرۇقتۇر.
6. باشلانغۇچتا تولا گەپ قىلىپ ئاغزىمىز ئۇپرايدۇ، تولۇقسىزدا تولا يېزىپ قەلەم ئۇپرايدۇ، تولۇقتا تولا ئويلىنىپ كاللا ئۇپرايدۇ، ئالىي مەكتەپتە بولسا يانفون ئۇپراپ ئېقىم يەتمەيدۇ.
7. مېنىڭ ئارزۇيۇم: ئىمتىھان قەغەزدە بەشلا بوش ئورۇن سۇئالى بار بولسا : پەن( )يىللىق( )، سىنىپ ( )، ئىسم فامىلە ( ) ، كىنىشكا نومۇرى( ) . ھەربىر بوش ئورۇن 20 نومۇردىن بولسا...
8. ھەر قېتىم " مۇئەللىم خەيىر خوش" دېگەندىكى ئاۋازىمىز "مۇئەللىم ياخشىمۇ سىز" دېگەندىكىن كۆپ جاراڭلىق چىقاتتى..
9. ئىمتىھان بېرىش خۇددى كېسەل بولغانغا ئوخشايدۇ، ئىمتىھاندىن ئاۋال چۈشكۈنلۈك كېسىلى، ئېمىتىھان بېرىۋاتقاندا ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى، ئىمتىھان بېرىپ بولۇپ ئەمدى ياخشىلىنىشقا باشلىغاندا نەتىجە قەغىزىنى كۆرۈپ يۈرەك كېسىلى قوزغىلىدۇ.
10. تۇيۇقسىز ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر تېخنىكىلىق مەسىلە خىيالىمغا كېلىپ قالدى، زادى كىم 60 نومۇرنى لاياقەتلىك بولۇش چېكى قىلىپ بېكىتكەن؟
تەرجىمە قىلىندى.
ئىمتىھان دېسە ھۇدۇقمايدىغان ئادەممۇ بارمىدۇ؟![\"\"](\"images/face/qq/003.gif\"/)
قەھرىتان كۆرمىگەن بۇلبۇل باھارنىڭ قەدرىنى بىلمەس. ئۇزۇن بوپتىكەن جۇمۇ سۈزۈك، يازمىللىرىڭىزنى كۆرمىگىلى ، سېغىنىپ قاپتىمىز .يا سىزمۇ بىلوگ قۇرىۋالدىڭىزمۇ ؟ شۇنداق بولسا ئادرىسىنى قويۇپ قوياسىز ... ، {:106:} مەن ئوقۇغان ۋاختىمدا پۇتۇن دىققىتىم تەنەپىسنى ساقلاش بىلەنلا ئوتەتتى، دەرىسلەردە 60 نۇمۇرغا ئاران ئۇلۇشۇپ سىنىپ چۇپ قالماي تولۇققىچە ئوقۇپتىكەنمەن. شۇنىڭ بىلەن ئالى مەكتەپكە ئىمتاھان بەرمەي بىۋاستە تېخنىڭ مەكتەپكە ئىمتاھان بېرىپ. ئۇرۇمچى شەھەرلىك تېخنىك مەكتەپكە تەخسىم قىلىندىم. توۋە دەيمەن ......سىنىپىمىزغا ئۇگۇنۇش خوش ياقمايدىغان قۇلاق كەستى باللانىڭ ھەمىسى يىغىلىپتىكەن،شۇنىڭ بىلەن دەرىسلەردە باللانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتارغا ئوتۇپ قالسام بولدۇ. بىرىنچى يىلى ئۇگۇنىشتە ياخشى سايلىنىپ، سىنىپ سەھنىسىگە چىقىپ بىر تال ئالبوم ،بىرتال چەينەك مۇكاپات بەرگەندە بەك خوش بوپ كەتكەنتىم. بايا تېخى خەنزۇچىسىنى كۆرگەنتىم ، بىردەمدە ئىزدىنىشكە چىقىپ بوپتۇغۇ....چاقماق پالۋاندىمۇ تېزمۇ بۇ سۈرئەت
![\"\"](\"images/face/qq/002.gif\"/)
![\"\"](\"images/face/qq/029.gif\"/)
8- قەۋەتتىكى nurbikeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
18يىل ئاۋالقى 9.ئاينىڭ 1.كۈنى سومكامنى ئېسىپ خوشال ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئالدىم، كىم بىلسۇن شۇ كۈندىن تارتىپ بارسا كەلمەس يولغا كىرىپ قالغىنىمنى...................![]()
ئۇلاپ ئوقۇۋەرمەي يېنىپ چىقىپ تۇرمۇش قۇرۇڭ.
5 نومۇرلۇق( ياكى 30 نومۇرلۇق) تۈزۈمگە قارىغاندا، 60 نومۇرلۇق تۈزۈم ئادەمنى ئۇششاق ھىساپلىشىدىغان ، ئاسان خاپا بولۇپ، خوشال بولالمايدىغان قىلىپ قويىدىكەن، سېلىشتۇرۇشقا ئامراق پىت ئۈچەي ئاسىيالىقلارغا ئەڭ ماس كەلسە كىرەك{:92:}
ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىمدا مەن بىلەن قېرىشىپ قالغان مۇئەللىملەر 59.5 نومۇر قويۇپ ئاچىغىنى چىقىراتتى
![\"\"](\"images/face/qq/009.gif\"/)
8- قەۋەتتىكى nurbikeنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
18يىل ئاۋالقى 9.ئاينىڭ 1.كۈنى سومكامنى ئېسىپ خوشال ھالدا مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئالدىم، كىم بىلسۇن شۇ كۈندىن تارتىپ بارسا كەلمەس يولغا كىرىپ قالغىنىمنى...................![]()
ئوقۇتقۇچى ئوخشايسىز...
باشلانغۇچىتىكى چاغلىرىمىدا ئاتامىنىڭ ، تۇلۇقسىزدىكى چاغلىرىمىدا گىئومىتىرىيە ئۇقۇتقۇچىسىنىڭ توساتتىن ئىسمىمىنى ئاتاپ سۇئال سورىشىدىن ئەنسىرەيتىم، ھازىر تېپىۋاتقان پۇللىرىمىنىڭ ھىچ ئىشىنىڭ تايىنى يوق تۈگەپ كىتۋاتقانلىقىدىن ئەنسىرەيدىغان بۇپ قالدىم. ياشانغان ئوقۇتقۇچى دەرس بەرسە بىرىنجى سائەتتە ،ياش ئوقۇتقۇچى دەرس بەرسە ئىككىنجى سائەتتە دەرستىن قاچاتتىم ئالىي مەكتەپنىڭ ئۈچىنجى يىللىقىدا.
![\"\"](\"images/face/qq/029.gif\"/)
ھەش-پەش دىگۈچە خىزمەتكە چىققىلى 24 يىل بوپتۇ.
تاكى تولۇق ئوتتۇرنى تۇگەتكۈچە ،ئاڭ ياخشى ئوقۇغان ئوقۇغۇچى چوقۇم كەلگۈسىدە ،ئەڭ ھۆرمەتلىك ،ئەڭ قالتىس ئادەم بولىدۇ دەپ ئويلايتتىم. ئەمەليەتتە ئۇنداق ئەمەسكەن!
3. كىچىكىمدىنتا ھازىرغىچە دۆلەت بايرىقى چىقارغاندا دىققىتىم دۆلەت
بايرىقىدا ئەمەس بەلكى مۇزىكا تۈگىگەن پەيتتە بايراقنىڭ خادىنىڭ ئۇچىغا نەق
چىقىپ بولالىغان بولالمىغانلىقىدابولاتتى.
ئىشچى- خىزمەتچىنىڭ 99% تى شۇنداقمىكىن دەيمەن.
سالام سۈزۈك![\"\"](\"images/face/qq/002.gif\"/)