شىنجاڭدا مىڭدىن ئارتۇق خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىدى
27-ماي سائەت 18:30 دا ، شىنجاڭدىن 7760 نەپەر مەمۇر قوبۇل قىلىشقا توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشتى . 26-ماي سائەت 0:00 دىكى ئىستاتىسكىدىن مەلۇم بولۇشىچە ، 1228 ۋىلايەت-ئوبلاستتىكى خىزمەت ئورنىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان .26-ماي ، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە ، قوبۇل قىلىنىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ ئورۇنلارغا تىزىملاتقانلارمۇ بىر قەدەر كۆپ بولغان . ئۈرۈمچى سايباغ رايونى تەۋەلىكىدىكى مەھەللە ئىش باشقارمىسىغا ئالتە ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، 1195 ئادەم تىزىملاتقان . شىنجاڭ تۈرمە باشقۇرۇش ئىدارىسىغا يەتتە ئادەم قوبۇل قىلىنىدىغان بولۇپ ، 401 ئادەم تىزىملاتقان . بىر قىسىم ۋىلايەت-ئوبلاستلاردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا ھېچكىم تىزىملاتمىغان .
يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 6-ئىيۇلدىن 7-ئىيۇلغىچە بولۇپ ، ئارقىدىن سالاھىيەت تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدىكەن . سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈشتە لاياقەتسىز بولۇپ ، خىزمەت ئورنى قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ، شۇ خىزمەت ئورنىنىڭ يېزىقچە ئىمتىھان نەتىجىسىگە قويۇلغان ئەڭ تۆۋەن نومۇر چەكتىن يۇقىرى نومۇر ئالغانلار رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ ، تاللاپ قوبۇل قىلىنىدىكەن . ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەرقايسى ھالقىلاردا قۇرۇق قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە ، ئوخشاش ئۇسۇل بويىچە تولۇقلىنىدىكەن .
=================================
=======================
بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ، تورداشلار ۋە سىتودىنىتلار بۇ ھەقتە سۆزلەپ باقساڭلار.
بىزنىڭ داشۆاە نەچچە يىل ئوقىغان باللا خەنزۇ تىلنى پەقەت ياخشى ئۈگنەلمەي «قوش تىللىق بولۇش» ئۆلىچىمىگە چۈشمەيۋاتىدۇ...
يولداشلار «ياكاشى» بىلەن «خەلمەسى» دىگەن ئىككى تال تۇترۇقسىز گەپنى دىيەلىسلا ئۇيغۇرچىغا پوننى بولدى دىگەن گەپ، خەنسو تىلى ئۆزىنىڭ ئانا تىلى بولغاندىنكىن بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەپ مىللەت چەكلىمىسى! ئۇندىن قالسا جىنىس چەكلىمىسى........
يەتتەمىڭدىن ئارتۇق ئادەم قوبۇل قىلىمىز دېگەنبىلەن ئازسانلىق مىللەتكە بەرگەن سان مىڭغىمۇ يەتمەيدىغان تۇرسا....ئىش ئورنى قۇرۇق قالسىمۇ، بىزنىڭ ياشلىرىمىز يەنىلا ئىشسىز پېتى قېلىۋېرىدۇ! بوش قىلىش سەۋەبى ئىنىق بولسا ئاندىن ياخشى مۇلاھىزە قىىلغىلى بولاتتى .سەۋەبنى نىمىشقا ئىنىق يازمىغاندۇ؟ ئورۇنلارنىڭ بوش قېلىشىنىڭ سەۋەبىنى مۇز تاغ ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلىپتۇ.ھەقىقىي مەقسىتىمۇ شۇ بولىشى مۇمكىن. نىمانداق چۈشنىكسىز. بۈگۈن چۈشلۈك خەۋەردە، يەنە بىر كۈن تىزىملاش ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىقىنى دېدى.
1- قەۋەتتىكى paltahunنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
نىمانداق چۈشنىكسىز.
چۈشىنىۈشلۈك، قاتنىشىپلا بەرسەڭلار ئاستىدا دېيىلگەندەك ئېتىبار بار دېگەنلىك.
پەقەتلا تىزىملاتمىسا، يىل ئاخىرىدا \"مانچە مىڭ ئادەم ئىشقا ئورۇنلاشتى\" دېگەلى بولمايدۇ-دە.
مەن دەپ باقايما؟بوش قالغان ئورۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا مۇنداق ئەھۋاللار بار:
1. مىللەت چەكلىمىسى خەنزۇ بولغان چەت ياقا رايونلاردىكى ئىش ئورۇنلىرى(بۇ ئەڭ كۆپ ساندىكىسى)؛
2. زىيادە پۈچەك تەلەپلەر بىلەن چەكلەپ قويۇلغان، ئادەمگە خۇددى مەخسۇس بىرىگە چىقىرىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان ئىش ئورۇنلىرى(بەزىلىرىگە ئىسمىنىلا يېزىپ قويساڭچۇ دېگۈسى كېلىدۇ كىشىنىڭ).
2. بىر قىسىم رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى قىلىشنى ياقتۇرمايدىغان ئىش ئورۇنلىرى (مەسچىت باقار، چازىدا قاۋار دېگەندەك) سىچۈەندىن شىنجاڭغا ماڭغان پويىزنىڭ چاقى ئارا يۇلتۇزغا كەلگەندە يەل قۇيىۋىتىپتۇ دەپ يۈرەتتى...ھەيران بولماي ساقلاپ باقايلى پويىز چاقىنى يامىيالماي قالسا ياياق كىلىپ قالار... ھېچكىم دېگىنىڭىز قايسى مىللەتنى كۆرسۈتۈدۇ؟
6- قەۋەتتىكى patrolنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
سىچۈەندىن شىنجاڭغا ماڭغان پويىزنىڭ چاقى ئارا يۇلتۇزغا كەلگەندە يەل قۇيىۋىتىپتۇ دەپ يۈرەتتى...ھەيران بولماي ساقلاپ باقايلى پويىز چاقىنى يامىيالماي قالسا ياياق كىلىپ قالار...
ئورۇنلۇق گەپ ، بىزلەرگە بولسا يۈزتۇرانە ئىمتىھان،مەمورىلىق ئىمتىھان،كەسىپ سالاھىيەت (زىگېجىڭ)ئىمتىھان دىگەن ئاتالمىش سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپ -قويۇپ، سىز دىگەن پويىزنى ساقلايدىغان چېغى.
مەن ئىككى ئاي كىرمىسەم ما ئىزدىنىش ئالامەت قاتتىقلىشىپ كېتىپتا .بۇلىدۇ بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي.
بۇيەردىمۇ قۇلاقنى ئېغىزغا يېقىپ پاراڭلىشىدىغان ۋاقتى كەلگەن ئۇخشايدۇ.
رەخمەت نۇرغۇن ياشلارنىڭ ئچىكىرگە چىقىپ كاۋاپ ماتاڭ سىتىشدىن ھەيران قالمىسمۇ بۇلىدۇ ئوبدان بوپتۇغۇ!
مىللەت چەكلىمىسى خەنزۇ دەپ بولغاندىكىن، نوپۇس دەپتىردىكى ئۇيغۇرنى خەنزۇغا ئۆزگەرتەلمەي تىزىملىتالمىدى بولغاي. خەنزۇدىن تورغا چىقالىغۇدەك ساۋادى بارلىرى ئۇنداق تاينى يوق ئىشنى قىلمايدۇ.
11- قەۋەتتىكى alipنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مىللەت چەكلىمىسى خەنزۇ دەپ بولغاندىكىن، نوپۇس دەپتىردىكى ئۇيغۇرنى خەنزۇغا ئۆزگەرتەلمەي تىزىملىتالمىدى بولغاي. خەنزۇدىن تورغا چىقالىغۇدەك ساۋادى بارلىرى ئۇنداق تاينى يوق ئىشنى قىلمايدۇ.
مېنىڭچىمۇ شۇ .كومپىيۇتېرنى بىلىدىغانلىرى ھېچ بولمىسا ۋىلايەتكە كومىتسار قىلمىسا تىزىملاتمايدۇ ئەلۋەتتە. مىللەت-تىل چەكلىمىسى، جاپالىق رايۇنلاردا ئىشلەەشنى خالىماسلىق... بىرلا قوۋۇز گەپ يېقىندىن بېرى پارتىيە يولغا قويغان ياخشى سىياسەتنىڭ ئۈنۈم كۆرسىتىشى بولمامدۇ .