ئەرقال ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىگە تىزىملاش ۋاقتى ئۇزارتىلىپتۇ
دوستلار خوش خەۋەر!خارۋارد ئۇنىۋېرسىتى ئقتىساد كەسپىنى پۈتتۈرگەن قۇدرەت ياقۇپ باشلامچىلىقىدىكى ئەرقال كاپىتالىنىڭ 2013 -يىللىق ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىنىڭ تىزىملاش ۋاقتى 2013-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىگە ئۇزارتىلىپتۇ . ئەرقال كاپىتالى شىنجاڭ بازىرىغا مۇناسىۋەتلىك پاي ھوقۇقىغا مەبلەغ سېلىش ،تەۋەككۈل مەبلەغ سېلىش تۈرلىرى ئاساسىدا ،ئۆي-مۈلۈك ،ئېنېرگىيە ، يىمەكلىك ،داۋالاش ،ئۇچۇر تېخنىكىسى ، مائارىپ ، تاراتقۇ، مەدەنىيەت كەسىپلىرىگە نۇقتىلىق مەبلەغ سالىدىغان شىركەتكەن .بۇ مۇسابىقىنىڭ مەقسىتى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى كۈچلۈك ، مەلۇم كەسىپتە ئۇتۇق قازىنىپ ، كارخانىچى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدىغان ،جەمئىيەت مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشلەرگە ھەر جەھەتتىن ياردەم بېرىش ئارقىلىق يۇرتىمىزنىڭ ئىقتىسادىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىكەن . ئەگەر مۇشۇ جەھەتتىن ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ تىرىشىپ بېقىڭلار.بەلكىم بۇ ھاياتىڭلاردىكى بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن .
دەسلەپكى مۇسابىقە ئارقىلىق تاللىنىپ چىققان گۇرۇپپىلار يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشالايدىكەن ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە نەتىجىگە ئېرىشكەنلەرگە ئەرقال كاپىتالى ئىگىلىك تىكلەشكە لازىملىق بولغان مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت ، يەنە شىركەت بىناسىدىن ئالىي دەرىجىلىك ئىشخانا ۋە باشقا ئەسلىھەلەرنى تەمىنلەيدىكەن ، ئىگىلىك تىكلەش جەريانىدا تەجرىبىلىك كارخانىچىلار يېقىندىن ياردەمدە بولىدىكەن ھەمدە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەنلەر، جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى يۇقىرى قاتلام مەبلەغ سالغۇچىلىرى ، كارخانىچىلار ۋە ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر شۇنداقلا مۇتەخەسسىس ، ئالىملارنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرنىڭ ئىگلىك تىكلەش تۈرى ۋە خادىملىرىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن . مۇسابىقىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى ئەرقالنىڭ شىركەت تور بېتىدىن كۆرۈۋالساڭلار بولىدۇ.
ياخشى خەۋەركەن. مەن ھەممە قىسمىنى تاپسام بۇلاتتى تور بېتنى كۆرۈپ چىقتىم . ئىشخانىلار ھەقىقىتەن ھەيۋەتكەن ، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن.
ئەمما زادى نىمە ئىش قىلىدىغاننى غۇۋا چۇشەنگەندەك بولدۇم . ئىزدىنىشتا ئقتىسادشۇناس تورداشلار بولسا بىر تەپسلىي چۇشەندۇرۋەتكەن بولساڭلار . كاتتا ئىش بۇلار ئىدى..
1- قەۋەتتىكى Musicfanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
مەن ھەممە قىسمىنى تاپسام بۇلاتتى
كۆپ قىسىملىق كىنو ئىزلەۋاتامسىز؟

2- قەۋەتتىكى irpanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
تور بېتنى كۆرۈپ چىقتىم . ئىشخانىلار ھەقىقىتەن ھەيۋەتكەن ، تېخىمۇ قۇدرەت تېپىشىنى ئاللادىن تىلەيمەن.
ئەمما زادى نىمە ئىش قىلىدىغاننى غۇۋا چۇشەنگەندەك بولدۇم . ئىزدىنىشتا ئقتىسادشۇناس تورداشلار بولسا بىر تەپسلىي چۇشەندۇرۋەتكەن بولساڭلار . كاتتا ئىش بۇلار ئىدى..
ياخشى تۈرلەر بولسا مەبلەغ سالىدىغان ئوخشايدۇ، قىززىقسىڭىز شىركەتنىڭ ئۆزى بىلەن ئالاقىېلىشىپ كۆرۈڭ.