«بىلكان كۆچمە ئۈسكۈنىلەر مۇكاپاتلىق ئەپ ئىجادىيەت مۇسابىقى» مۇكاپاتلاش پائالىيى
پائالىيەتتە ئەپ مۇسابىقىدە ئالدىنقى 3 دەرىجە ئىرىشكەن ئەسەرلەر مۇكاپاتلاندى. 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا «جاھاننەما» نامىدىكى خەۋەر يۇمشاق دېتالى، 2- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئۇيۇل گۇرۇپپىسىدىكى ياشلار تۈزگەن «ئۇيۇل ئەپ بازىرى»، 3- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى تۈزگەن «شوپۇرلۇق نەزىرىيە ئىمتاھان سىناق سىستېمىسى» يۇمشاق دېتالى ئىرىشتى. مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچىلەر 2-،3- دەرىجىلىك مۇكاپات 5000 يۈەندىن نەق پۇل، 1- دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئىرىشكۈچى 20 مىڭ يۈەن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى.
ھەيران قالغان يېرىم مۇشۇنداق بىر تەبىئى پەن ئىلمى يىغىنىغا ئېلىكتىرون بىلەن قىلچىلىك مۇناسىۋىتى يوق ئوبزورچىنى سۆزلىتىپ نىمە قىلىدىغاندۇ؟ نىمىشقىكىن قاسىم سىدىقنىڭ فىزىكا ئىلمى ماقالىسىغىمۇ يازغۇچى شائىرلارنى چىقىرىپ سۆزلەتكەن، ئائىلە مەدەنىيىتى توغرىسىدىكى ئىلمى ئەنجۈمەنگىمۇ يازغۇچىلارنى چىقىرىپ سۆزلەتكەن، ئەمدى قوپۇپ ئېلىكتىرون ئىلمى مۇسابىقىسىگىمۇ ئوبزورچى يازارمەنلەرنى چىقىرىپ سۆزلەتسە ھەممە ئادەم يازارمەنلىك كوچىسىغا كىرىپ كەتمىگىيدى دەپ ئەنسىرەيمەن. شۇڭا مەن دەيمەن ...... ئىزدىنىش نىڭ باشلىقىمۇ ... تور ئىسمىمۇ .،،،، بىۋاستەمەنپەتدار بەت ئىگىلىرمۇ كىرەك ئەمەس .. بەلكى ئىزدىنىشتىكى تورداشلار كىرەك دەپ ....
ئىزدىنىشنىڭ پىكىر يولنىشى باشقا ھەرقانداق بىر يەرگە ئوخشىمايدۇ .... باغلىشىمەن يالقۇن روزى قاتناشتى دىسە ھەرقانداق ئادەم خىلى كۇچ سەرىپ قىلىپتۇ دەپلا ئويلىشى مومكىن لىكىن نۇرمالمۇ ئەمەس بۇ كاللا كاتۇردىغان مەسلە ئەمەس ...
كەسىپ ،كەسىپ ئىگىلىرنىڭ ئەمەس ... شۇنداق جاھان بوپكەتتى ... ..... بەلكىم مۇكاپاتكا ئىرىشكەنلەرنى ئەدەبى نوقتىدا تۇرۇپ مەدىھلەپ بەرگەن دۇ ... ... شۇنىڭغا كىرەك بولدۇ ... باشقىسىغا ... ئامال يوق ..... يالقۇن روزىدا ئىقتىساد بىلەن پەن تېخنىكىنى مىللى غورۇر بىلەن يۇغۇرۇپ سۆزلىيەلەيدىغان تىل ماھارىتى بار .
سىلەر ئۇنىڭغا ئەگەشمەي ئۆز يولۇڭلاردا ماڭساڭلارلا بولدى ئەمەسمۇ .
ئابدۇرېھىم دۆلەتنىڭ بۇنداق ئىشلارغا تۇتۇش قىلغىنىدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم . ياخشى ئىشلار بولۇپتۇ ،بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن بىرى مۇكاپاتقا ئېرىشكەي چىراي .... ئاۋال دوستىمىزنىڭ 1-بولغانلىقنى تەبرىكلەيمەن.
ئاندىن بىلكاننىڭ بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزگەنلىكى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بولسا ھەر ساھەلەردىمۇ مۇشۇنداق مۇسابىقلەر ئۆتكۈزۈلسە ياشلارغا تولىمۇ چوڭ مەدەت، ئىشەنچ پۇرسىتى ئېلىپ كېلەتتى.
بىلكاننىڭ ئاۋۇ كومپيوتىرلىرى iMac لەرگە ئوخشاپ قالغاندەك. تەقلىد قىلىنغا نەرسە ھەقانچە نوچى ئىشلىسىمۇ يەنىلا كىشىگە بىرخىل ساختا چىراي كۆرۈنىدىكەن. Electron نى ئۇيغۇرچە «ئېلېكترون» دەپ يازىدىغاندىمىز؟ بىلكاننىڭ يېڭى چىققان يانفونىنىڭ رەسىمىنى يوللاپ قويمامسىلە؟ كۆيىدىغانلا كۆيگەچ تۇرسۇن.
يۇقىرى زاكاز تەلەپ قىلىدىغان چوڭ زاۋۇتتىن چىققان، بۇرۇنقى زاپەر تېلېفونلىرىمىزغا ئوخشىمايدۇ دەپ داڭلاپ مانداق. {:92:} «ئېلىكتىرون» مۇ ئەمەس، «ئېلېكترون» مۇ ئەمەس. ئېلېكتىرون.
http://lab.uyghurdev.net/ImlaDict/ ياخشى باشلىنىش بوپتۇ ،بىلكاننىڭ تېلفۇنلىرىنىڭ تۈرىمۇ كۆپمۇ نىمە ؟
مەن ئالدىنقى يىلى 10 -ئايدا بىلكان تىلفۇنىدىن بىرنى سېتۋېلغان ئىدىم . ھازىرىغىچە ياخشى ئىشلەۋاتىدۇ،
95 پىرسەنت ئۇيغۇرچە ئىكەندۇق. ئاددى ئەپلەردىن پايدىلىنىپ 100 پىرسەنت ئۇيغۇرچە قىلۋالدىم .
ھازىر تىلفۇنۇمدا ئاڭگىلىزچە، خاڭسوچە خەتلەر يوق. ساپ ئۇيغۇرچە . لىكىن بەزى دوسلۇرۇمغا ئۇچۇرنى پىنيىچە يېزىۋاتمەن، ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىدا يازسام ئۇلارنىڭ تىلفۇنى تۇنۇماي شۇنداق يېزىپ كىلۋاتمەن.
بىلكاننىڭ كومپىيۇتىر ساھەسىگە زېھنىنى خوراتماي ، تىلفۇنچىلىققا بەكراق كۈچىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ، بۇرما مىققا ئوخشاش بىر ساھەدە تىشىپ چىقشىغا تىلەكداشمەن .
ناھايتى كاتتا ئىش بۇلۇپتۇ!! بولسا ئەپلەرنى بىزمۇ كۆرۈپ باقساق
ئۆزۋاقتىدا بىلكان شېركىتىنىڭ مۇكاپات سومىسنى ئاڭلاپ ھەيران قالغاتىم ،نىمانچە كۆپ دەپ
google.com/daxue
بۇ يىللىق گوگولنىڭ مۇكاپات سوممىسمۇ 20 مىڭ بىلەن بىر تېلپونكەن،لىكن بۇ مەمىلكەتلىك مۇسابىقەدە،ساھىبخان تەرەپ تىخى گوگول بىلەن ئارم
شۇنىڭغا قارىغاندا بىلكاندا مەبلەغ خىلى با ئوخشايدۇ
ئىشلىرىڭلار بەركەتلىك بولسۇن!
12- قەۋەتتىكى uquhuchiنىڭ يازمىسىدىن نەقىل
ناھايتى كاتتا ئىش بۇلۇپتۇ!! بولسا ئەپلەرنى بىزمۇ كۆرۈپ باقساق
ئەپلەرنىڭ بىر قىسىمى بۇيەردە:
قالغىنى بىلكان ساتقان تېلېفۇندا
تۇمىقىم كۆرۇنمايدا، تىمىدارمۇ ھەمئەمما مالىمىم سەھنىگە بەكلا يارىشىپ قوياپتۇ، قېرىغانچە سالاپەتلىك بولاپ كېتىپتۇ، كۆز تەگمىسۇن. {:90:}
بىلكانغىمۇ، بىكانلىقلارغىمۇ، بىلكانچىلارغۇ كۆز تەگمىسۇن! ھەييي، قاتنىشالماي قالدىم دە! لېكىن شۇنداقتىمۇ بۇنىڭدىن بىلكاننىڭ بۇ بىر يىل ئىچىدە ئاز بولمىغان تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ يەتتىم! بىلكانغا ئۇتۇقلار تىلەيمەن!!! مۇشۇ ئۇيغۇرچىنى قوللىمايدىغان تېلفونلارنى بىزمۇ قوللىمايدىغان ھەم قوغلايدىغان يەرگە يەتتى جۇمۇ!