uquhuchi يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:30:49

تۇرپانغا كەمەمسە

ماۋۇ ناخشا مودىدىن قالغاندا تۇرپان نۇسخى چىقىپتۇ

قۇيۇق تۇرپان شىۋىسى ،يامان قىززقىق تۇيلدىغۇ




كۆمېگەنى دېمەيسە،ئۇڭۋاچىلمىلام سە ئاگال كۆ،ئەڭكىزەڭ ئىنكاس يازسىنا ھا ھا ھا









ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 22:43:33

ئۇلىنىشىچۇ

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 22:54:01

ئىبرايىمغۇ بۇ  \"\" \"\" ئاۋۇ ئۇسۇلنى غۇۋا كۆرەلىگەن بولسا ئويناپ چىقىشتىن يانمايتتىمىكىن بۇ ئاداش

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:00:50

ئاۋۇ موماينىڭ رومىلىدىن باشقا خاسلىق كۆرۈنمەيدىغۇ؟

tumaq يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:03:00

تۇرپاندا پوق ۋامۇ؟

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:05:39

شۇ گەپ.

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:19:46

ما ئۈستىدىكى ئىككى ئاداش نىمە دەيدىغاندۇ .............. \"\"

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:20:02

باشقا نەرسىگىمۇ دىققەت قىلمىدىم، ئەمما ئەڭ ئاخىرىدا مەيداندا سەكرەپ ئويناۋاتقان قىزلارنىڭ ئات چاپتۇرۇپ ئوينىغان ھەركىتى ئالدىنقى قېتىم ساقچىخانىدا پەيسۇ سىتايىل ئوينىغان چوكانچاقنىڭ ھەركىتىگە قويۇپ قويغاندەك ئوخشايدىكەن

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:37:16

{:92:}   {:92:}

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:54:45

ئۇرايىم مالكام ئېيتىپتۇغۇ بۇ ناخشىنى. يامان بىرمە بۇ. يۇمۇرلېرىمۇ قىزىق. ئۆتكەنكى تۇرپان سىتىيل دىن ياخشى چىقىپتۇ ھەر ھالدا.

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 06:09:59

تۇرپانلىقلارنىڭ ئاغزىدىن يۇمۇر ئاڭلىسام يامان كۈلۈپ كېتىمەن.

ما بۇرادەرنىڭمۇ ھۆسنى يامان كۈلكىلىككەن

kuyaxoghli يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 06:52:56

مۇندق ئۇچۇر باركەن توردا:



تالانتلىق مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى،ناخشىچى ئىبراھىم قۇربان ئۆزىنىڭ ئون نەچچە يىللىق ئىجادىي ئەمگىكىنىڭ مېۋىسى سۈپىتىدە 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ خەلق سارىيىدا ‹‹ئىبراھىم قۇربان ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى ››نى ئۆتكۈزمەكچى.كېچىلىككە پەخىرلىك ئوغلانىمىز،شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك رېژىسسورى نىجات نىياز خوجا رىژىسسورلۇق قىلىدۇ.تونۇلغان رىياسەتچى ئاكتىيورلىرىمىزدىن ئابدۇقېييۇم مۇھەممەت،گۈلجامال مەتنىياز،ماھىرە ئابدۇغېنى قاتارلىقلار رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.ئاتاقلىق ناخشا چولپانلىرىمىزدىن ئابدۇللا ئابدۇرېھىم،دىلشات راھىدىن،ئەسقەر رېقىپ،سەمى ئوسمان،ئەنۋەر ئابدۇگۈل،ئىسكەندەر سەمەت،مۇرات مۇختەر،خالىمەڭ ئابدۇراخمان،باھارگۈل قاسىم قاتارلىقلار ئىبراھىم قۇربان ئىجادىيىتىدىكى ناخشا،يۇمۇر-چاقچاقلارنى تاماششىبىنلارغا سۇنىدۇ.كەڭ تاماششىبىنلارنىڭ قەدەپ تەشرىپ قىلىشىنى ئاسان قولغا كەلمەيدىغان بۇنداق ياخشى پۇرسەتنى قولدىن بەرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.



كېچىلىك ۋاقتى: 2013-يىلى 6-ئاينىڭ 1-كۈنى (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 7:30دا

ئورنى: شىنجاڭ خەلق سارىيى(سەككىز قەۋەت ئۇدۇلىدا)

بېلەت سېتىلىدىغان ئورۇنلار: خەلقئارا چوڭ بازار ئالدى،ئارمان تاللا بازىرى ئالدى

بېلەت باھاسى: 100يۈەن،200يۈەن،300يۈەن

ئالاقىلىشىش تېلىفۇن نومۇرى:18199160280 ياكى 13199776690







كامالىي ئېھتىرام بىلەن :

ئەلكۈيى تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

ئەلكۈيى تور بېكىتى



سالام لۇتپۇللا دىگەن ناخشىنى بەك ياخشى ئېيتىپتۇ. مۇرات مۇختەر بىلەن ئىبراھىم ئاكىمىزنىڭ گەرچە كۆزى روشەن بولمىسىمۇ قەلبى روشەن ئىنسانلاردۇر. ئىككىسى تىرىشچانلىقى بىلەن خەلقىمىزگە نۇرغۇن ئېسىل ناخشىلارنى تەقدىم ئېتىپ كەلمەكتە. ئىبراھىم ئاكىمىزنىڭ سەنئەت كېچىلىكى ئۇتۇق بولغااي.

adreamofmine يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 07:19:21

تۇرپانغا كېلىڭىزلەر دەپ تولا ئاڭلايتتىم، كەمەمسە دەپ ۋارقىرىغاننى تۇنجى كۆرۈشۈم، ئايناقمۇ ۋارقىرامدۇ دەيمەن، پىكرىم بار جۇمۇ داۋۇ ئەدەمگە...

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 07:28:40

{:92:}   {:92:}  يامان قزىق ئايتىلىپتۇلەر!

yapraq يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 08:09:55

بىر توپ پوقباشلا يىغىلىپتۇ ما يەگە  {:92:}

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 08:16:12

ھۆۆكۈمەت مۇكاپاتلىغۇدەك قىپتۇ بۇنى.

sal_man يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 08:16:31

ھۆۆكۈمەت مۇكاپاتلىغۇدەك قىپتۇ بۇنى.

tangriqut يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 09:07:48

ئىبراھىم گاڭ بىلەن بىر ئىككى قېتىم ھەمداستخان بولغان. بىر نەچچە ناخشىسى بەكلا يارىغان ئىدى. تۇغۇلغان كۈن دىگەن ناخشىنى ئالامەت ئېيتقانىدى لىكىن.

كەلدى بۈگۈن توغۇلغان كۈنۈم،

قۇتلۇقلايمەن ئەمما ئانامنى....

(شۇ ناخشىسى كىمدە بار ، چىقىرىپ قويۇڭلارچۇ)

kuyaxoghli ئېيتقاندەك ئۆزى ئەما بولغىنى بىلەن شۇنداق سەزگۈر ئەدەمكەن. ئادەتتە مۇشۇ ناخشا كېچىلىكلىرىدە قۇيۇپ بەرگەن لىنتىنى تولا ئاڭلاپ بارماس بوپكەتكەنىدىم. بىراق ئىبراھىم گاڭنىڭ سەنئەت كېچىلىگىگە ئۇ كىشىنى قوللاش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئاللا خالىسا بېرىپ كىلەي. بارىدىغانلار ھايت دەرسىلەر،بىللە بارىلى

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 09:16:19

مەنمۇ بارىتمەن

Pinhan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 09:30:21

ئىبراھىمكام يارايدۇ
بەت: [1] 2
: تۇرپانغا كەمەمسە