wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:14:44

«بىر سوم پىلانى»نىڭ كاتتا خوشاللىقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇرادەرلەر ،ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ قايتىدىن ئېچىلغانلىقىغا بەكمۇ خۇشھال بولدۇم .


نەق گەپكە كەلسەك ،مۇشۇ ئاينىڭ 5-كۈنى بىر سوم پىلانى ھېساباتىغا 2000 سوم پۇل كىردى ،بۇنى بىر سوم پىلانىنىڭ ھەر ئايلىقى 300 سوملۇق تۇرمۇش  ياردەم پۇلى بىلەن 2007-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە  مەركىزى مىللەتلەر ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇپ  ئوقۇش پۈتتۈرگەن ،بۇلتۇر 8-ئايلاردا خىزمەتكە ئورۇنلاشقان بىر سىڭلىمىز نىڭ تۇنجى ئايلىق پۇلىدىن بىر سوم پىلانى ئۈچۈن ئەۋەتكىنى ئىكەن .(مەن ئۇنىڭغا بۇنچە جىق ئەۋەتمەڭ ،كۈن تېخى ئۇزۇن ،ئاۋۋال ئاتا ئانىڭىزنى بىر خۇشھال قىلىڭ ،ئۆزىڭىزنىڭ تۇرمۇشىغا ھەم ئىشلىتىڭ دېسەم ئۇ زادى ئۇنىمىدى ۋە  نەچچە ئايلىق مۇئاشىغا نەچچە تۈمەن پۇل بەرگەنلىكىنى ،بۇ 2000 سوم پۇلنىڭ كۆڭلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى .)شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ قايتا رەت قىلپ كەتمىدىم ، بۇنىڭدىن كۆڭلۈم شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كەتتى ،چۈنكى بىز ئوقۇشىغا ياردەم قىلغان بالىلارنىڭ ئالدى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ  قاتارغا قوشۇلغانلىقى بولدى .بىر سوم پىلانى  2006-يىلى 4-مارت كۈنى باشلانغاندىن تارتىپ بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە يىغىلغان پۇل 105مىڭ 210 سوم 70تىيىن بولۇپتۇ .بۇنىڭدىن 95% پۇلنى تىرىشچان ،لىكىن قىيىنچىلىقى بار ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ، باشلانغۇچ تولۇقسىز ،تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇغۇچىلىرىغا ،ماگىستىر ئاسپىرانىتلىرىغا ۋە  قىيىنچىلىقى ئېغىر ئائىلىلەرگە ياردەم قىپتۇق .


ئۆرنەكسىز قىلغان ئىش ،يېڭى ماڭغان يول بولغىنى ئۈچۈن سەمىمىيەتكە تايىنىپلا ماڭغان يوللىرىمىزدىن تەجرىبە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ 8-يىللىق مۇساپىدە يۈرۈپتىمىز ،ۋاقىت ھەقىقەتەنمۇ تېز ئۆتمەكتە ،بىر سوم پىلانىنىڭ تېخىمۇ ساغلام راۋاجى  ۋە ئامانلىقى ئۈچۈن يېقىندا كارتا مېنىڭ نامىمدا ،مەخپى نومۇر باشقا بىرىدە ،پۇل ئالغاندا 4ھەيئەت بىر يەرگە كېلىدىغان قىلىپ تۈزۈم بېكىتتۇق .بىر سوم پىلانىنىڭ راۋاجى ئۈچۈن ياخشى تەكلىپ پىكىرلەرنى ئايىمىغايسىزلەر ،ياردەمگە ئېرىشكۈچىلەر بولسا بىزگە تەۋسىيە قىلارسىلەر ،ياردەم بېرىشنى خالىغۇچىلار بولسا يەنە بىز بىلەن ئالاقىلىشارسىلەر ،ئىشقىلىپ سىزنىڭ ۋە مېنىڭ ،يەنە مۇشۇنىڭدەك  تۇنجى مۇئاشىدا  ئۆزى ياردەمگە ئېرىشكەن بۇ پائالىيەتكە ياردەم قىلغان غايىلىك ئىنى سىڭىللارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر سوم پىلانى 7 ئەمەس ،17ياشقا ،70 ياشلارغا كىرگەي .........قالدى گەپلەرنى ئىنكاستا يازارمەن ،سەل ھاياجانلىنىپ  قالدىم ........

ziltar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:32:39

ھاجىم يارايدۇ.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:33:15

بىر سوم پىلانى مۇشۇ تېمىدىن باشلانغان


http://www.bilik.biz/bbs/thread-138-1-1.html

adil621 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:33:53

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام بۇرادەر،بۈگۈن ئىزدىنىشقا كىرىپلا بۇ تېمىڭىزنى كۆرۈپ خۇرسەن بولدۇم.مانا ھەش پەش دېگۈچە 8يىل بولۇپتۇ،ئىنشائاللاھ دېگىنىڭىزدەك 80يىللىق كۈنلىرىنىمۇ قۇتلۇقلايمىز!ئىشلىرىڭىزغا داۋاملىق ئۇتۇق يار بولسۇن

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:36:54


بىر سوم پىلانى ھەققىدە 2- قانال \"ئەتىراپىمىزدىكى ئىشلار\" پىروگراممىسىدا ئىشلەنگەن مەخسۇس فىلىم .

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:39:05


بىر سوم پىلانىنىڭ  بىر يىللىق خاتىرىسىنى تېخى تۆنۈگۈن ئۆتكۈزگەندەك قىلغان ،مانا نەچچە يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ ...

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:55:44

\"\"

نىمانداق ياخشى

GoodLuck يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:02:56

ھېلىقى مەن دېگەن مەزمۇنلارنى يوللاپ بەرسىڭىز تور بەتنى چىقىرىۋەتسەك بولىتى.



يەنە بىر خوشاللىق، ئۆتكەن يىل كۈزدە ئۈرۈمچى قۇرۇلۇش مەكتىپىدىكى، ئوقۇش پۇلى سەۋەبلىك ئوقۇشتىن توختاشقا مەجبۇر بولۇپ قالغان بىر سىڭلىمىزغا ياردەم قىلىۋاتقان ئېدۇق. شۇ ۋاقىتتا يېزىلغان مۇرەجئەتنامە ئارقىلىق يېغىلغان پۇللار بىلەنلا بىر يىللىق ئوقۇش پۇلى ۋە ئالدىنقى ئايغىچە بولغان تۇرمۇش خىراجىتىنى بېرىپ كەلگەن ئىدۇق. ئۆتكەن ئايدا ۋاپادارىم ماڭدۇرغان پۇل بىلەن ئاخىرقى ئىككى ئايلىق خىراجىتىمۇ ھەل بولغان، بۇ ئايلىق خىراجىتىنى بېرىۋەتسەك، ئىنشائاللاھ بۇ سىڭلىمىزنىڭ ئوقۇشى پۈتىدۇ. بىزدىن ھېشنىمە چىقىم بولغىنى يوق، پەقەت ئازراق ھەرىكەت قىلغانلىقىمىز ئۈچۈنلا، تورداشلارنىڭ ياردىمى بىلەن بىر سىڭلىمىز ئوقۇشىنى پۈتتۈرىۋالىدىغان بولدى. ياردەم قىلغان بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھ كاتتا ئەجىر بەرسۇن!

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:15:20

بىر ئاي ئاۋۋال بورتالادا بىر ئاكىمىز ئوغلىنىڭ سۈننىتى مەركىسىدە 1000 سوم پۇلنى ئىئانە قىلدى ،ئالدىن تەييارلانغىنى بويىچە بۇ پۇلنى سىچۈەندىكى مەلۇم بىر مەكتەپنىڭ 3-يىللىىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر سىڭلىمىزغا يەتكۈزدۈم .ئۇ قىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە بۇ ئاكىمىزغا تېل قىلىپ رەھمىتىنى بىلدۈردى ،بۇ ئاكىمىز بۇ رەھمەتكە ھەرگىزمۇ مۇھتاج ئەمەس لىكىن شۇ يۈزلىشىش ئارقىلىق ھەر ئىككى تەرەپ بىر -بىرىنى بىلدى ،تونۇدى ،مېھرى -مۇھەببەت ئويغاندى .... بۇ ئىشنى ئۈندىدارلاردا قاتتىق تەشۋىق قىلدۇق ،ئىلاھىم ،مۇشۇ خىل ئىئانە شەكلى تېخىمۇ كېڭەيسە ئەجەپ ئەمەس ،



ھە راس مەخسۇس تور بەتكە يېزىلىدىغان مەزمۇنلارنى ئەتە سەھەردە يازىمەن ..

ئاۋۇ ئىككى قىسقا فىلىمنى تور بەتنىڭ باش بېتىدە ئۈزۈ پ يۈرۈيدىغان قىلىپ قويغايسىز گۇدلاك ...

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:20:47

خوشاللىنارلىق نەتىجىلەر ئۈزۈلمەي روياپقا چىقىۋاتىدۇ، شۇ يوللاردا ئۈن- تىنسىز ھالدا مېھىر قوللىرىنى سۇنۇشقان، ئەجىر كۆرسىتىشكەن بارلىق قېرىنداشلارغا ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن! خەيرىلىك ئىشلارغا كۆز تەگمىسۇن..

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 22:14:37

ئەيساجان ۋە ئەنۋەرجاندەك يىگىتلەرنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ياخشى ئىشلار ئۈزۈلمىگەي. خالىسانە ياردەملىرىمىز توختاپ قالمىسۇن.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:02:16

بىر سوم پىلانىنىڭ يۈز ياشلارغا كىرىشىگە تىلەكداشمىز! ھاياتلا بولساق كۆڭلىمىزنى بىلدۈرۈپ تۇرىمىز!

chewendaz يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 01:30:06

ماڭغان يوللىرىڭلاردىن گۈللەر ئۇنسۇن. بىر سوم پىلانىنىڭ تېخىمۇ زورىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قۇتلۇق بولسۇن!

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 01:31:36

2- قەۋەتتىكى wapadarim912نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

بىر سوم پىلانى مۇشۇ تېمىدىن باشلانغان


http://www.bilik.biz/bbs/thread-138-1-1.html



ئۇچاغلاردا بۇ ئىشنى قوزغۇتۇشتا ئەليار ئەپەندىمنىڭ تۆھپىسى تولىمۇ زور بولغان ئىدى.

wapadarim912 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 06:25:24

توغرا ،بىلىكتىكى بالىلار بىر سومدىن پۇل ئۇرۇپ تۇرغان ،بانكىدىكى بىرى ماڭا ،بۇ كارتاڭغا نېمانداق تولا بىر سوم كېلىدۇ ،رەسمىيەت ئىشلەپ ئىچىم پۇشۇپ كەتتى دېگەن ئىدى ....  {:90:}

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 07:52:51

شۇنداق يۈز ياشلارغا كىرگەي. بانكا كارتا نۇمىرىنى يوللاپ قۇيۇڭلارچۇ. ھەرقايسى بانكىلارنىڭكىنى، مەنمۇ خىزمەتداشلارنى بىر سەپەرۋەر قىلىپ قۇياي ئاز بولساقمۇ.

yollugh يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 08:47:43

بىر سوم پىلانىغا 10000 سوم پۇل كىرگەندىنمۇ بەكرەك خوشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ-بىر ياردەمگە ئېرىشكۈچى، ئېرىشكەن ياردەملىرىنى ئۇنتۇپ قالماي ئىقتىدارى بولغاندا يەنە باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى باشلاپتۇ. ھەممەيلەن چوقۇم شۇنداق بولىشى كېرەك دىگەن مۇشۇنداق ئىشلار كۆپىنچە شۇنداق بولماي قالىدۇ، ئۆزىنىڭ ئېرىشىۋاتقان ياردەملىرىنى غايىپتىن كەلگەن، ياكى ئۆزى ئېلىشقا تىگىشلىك دەپ ئويلايدىغان قەلىبلەر نۇرغۇن، شۇنىڭدا خەيرىلىك ئىشلارنىڭ ئاخىرى ئۈزۈلۈپ قالىدۇ.

ئۇ قىزنىڭ ئىنساۋىغا رەھمەت.

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 09:41:38

بارلىق ياخشىلارغا ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى ۋە بەرىكەتلىرى نىسىپ بولسۇن! ئارىمىزدىن مېھرى-مۇھەببەت، سۆيگۈ نىئمەتلىرى كۆتۈرۈلۈپ كەتمىسۇن!...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 11:00:03

ئايدا بىرسۇم بىرىمىزغۇ ھى،،،ئىشىقىلىپ مەن بىرىپ بۇلغان بۇرۇن ،كۇزدە قۇناق سىتىپ يانچۇققا پۇل چۇشسە يەنە بىرىمەن بىر يىلدا 12سوم پۇلغۇ ،،،بىر قىتىم سۇيرۇ لەڭمەن يىمىگەنگە ئولوپ قالامتىم،،، \"\"
بەت: [1] 2
: «بىر سوم پىلانى»نىڭ كاتتا خوشاللىقى