alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 18:37:14

ئادالەت دېگەن نېمە

ئامىركىلىق بىر فىرافىسور ‹ئادالەت ›دىگەن تىمىدا دەرىس ئۆتكەندە ئوقۇغۇچىلىردىن :

‹سىز بىر پويىز شوپۇرى سىزنىڭ پويىزىنىڭز ناھايتى تىز سۇرئەتتە  بىر ئاچالغا ئاز قالغاندا a تەرەپتىكى يولدا ئون نەچچە ئادەمنىڭ b  تەرەپتىكى يولدا تۆت بەش ئادەمنىڭ تۇرغانلىقنى كۆردىڭىز بۇ ۋاقىتتا پويىزنىڭ  تورمۇزۋە سىگىنال سىستمىدىن چاتاق چىقىپ سىزئىككى تەرەپتىكى ئادملەردىن خالىغان بىر تەرەپتىكى ئادەملەرنى پويىزغا  باستۇرۋىتىشكە مەجبۇر بولغان بولسڭىز(يولدىكى ئادەملەرنىڭ قىچىپ كىتىشى مۇمكىن ئەمەس) سىز پويىزنى قايسى يولغا ھەيدەيتىڭىز؟ ›دەپ سورىغان ئەگەر سىز بولسىڭىز قايسى يولنى تاللايتىڭىز؟


سىزنىڭ تالىشىڭىزدىن ئادالەت نېمە دىگەن سۇ ئالنىڭ جاۋابى چىقىدۇ

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

يوللانغان ۋاقتى 1970-1-1 06:00:00

horazjan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 20:53:13

ھە... قاندا بولدى ، قايسى يولغا ھەيدەيدىغان بولدىڭلار . قاراپ باقسامغۇ بۇ پويۇزنى ھەيدەيدىغانغا ئادەم چىقمايدىغاندەك قىلدۇ .

Erktekin يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:03:12

بۇ خارۋاد ئۇنۋېرسىتىنىڭ بىر قېتىملىق دەرسىدە سۆزلەنگەن مىسالغۇ دەيمەن ،ئىككى سائەتلىك دەرس ئىكەنتۇق تولۇق كۆرۈپ بولالمىغان ئىدىم . بۇ دەرسنى سۆزلىگەن پروففىسور بۇ سوئالغا نەچچە ئوقۇغۇچىدىن جاۋاپ ئېلىپ بولغاندىن كېيىن ئۇلاپلا مۇنداق بىر سوئالنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدۇ . شۇ تۆمۈر يولنىڭ ئۈستى تەرىپىدە بىر كۆۋرۈك بولۇپ بۇ ۋەقەگە شاھىت بولۇپ قاراپ تۇرغان بىر سېمىز بىر ئورۇق ئىكىكى ئادەم بار ،ئەگەر بۇ ۋاقىتتا ئورۇق ئادەم سېمىز ئادەمنى كۆۋرۈكتىن رېلىسقا تاشلىۋەتسە پويىزنىڭ يۆلۈنىشى ئۆزگۈرۈپ ئا ، ب يولدىكى ئادەملەر قۇتۇلۇپ قالىدۇ ،سىلەرچە سېمىزنى بۇ ئىشقا قۇربانلىق قىلىش كېرەكمۇ يوق ؟

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:45:45

ئادالەت دىگەن بىزنىڭ مەلىدىكى رەھمەتلىك ئابباس قارىنىڭ تۇغماس خوتۇنى ، بىچارە خۇتۇن يا بىرنى تۇغمىغان ، يا رەھمەتلىك ئۇنىڭدىن مىھرىنى ئۈزەلمەي قويىۋىتەلمىگەن...

bapkar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:25:38

پويىزنى كەلگەن ئۇدۇل يولىغا قويۇپ بېرىمەن، كەلگۈلۈك كەلسە ئامال يوق، چۈنكى ئۇلاردا پويىز يولىدا پوق بارمۇ؟ پويىز يولىدا دىگەن پويىزلا ماڭىدۇ، ئۇلارنىڭ پويىز يولىدا تۇرۇۋېلىشى خەتەرنى بىلىپ تۇرۇپ شۇ يەردە تۇرۇشنى خالىغانلىقىدىندۇر

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:40:44

بېشىم پىتلاپ بولالمىغاندا ئەتىر سوپۇن بىلەن ژۇيۇپ قويىمەن خوش ياقسا، مۇشۇ شۇمىكىن سىلە دەۋاتقان ھېلىقى  {:92:}   {:92:}

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 01:21:26

بىرىنچىدىن، رىياللىقتا ھەرگىز بۇنداق كىشى ئويدۇرۇپ چىقارغاندەك ئېھتىماللىق بولمايدۇ...

ئىككىنچىدىن، مۇشۇنداق ۋە ھەرقانداق زىدىيەتلىك ئەھۋالنىڭ چوقۇم ئەڭ ئادىل يەنى توغرا بىر يېشىمى بولىدۇ، بۇ يىشىم پەرۋەردېگار تەغدىرقىلغان ئادىل يىشىم.

ئۈچىنچىدىن، ئادەم قولىدىن كىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى ئۆزئىختىدار دائىرىسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى چىكىدە قىلىشقا تىرىشىپ، قالغىنىنى پەرۋەردىگارىغا تاپشۇرغېنى ئەۋزەل، پەرۋەردىگارنىڭ تەغدىر قىلغىنى ئادىل بولىدۇ.

مىسالغا نىسبەتەن، ئەگەر شۇنداق ئەھۋال يۈز بەردى دىگەن تەغدىردە جىددىيلەشكەن ھالدا رولنى بىر تەرەپكە بۇرىماستىن، بەلكى بارلىق ئاماللار بىلەن مەسىلەن، ئاسمانغا قارىتىپ ئوق ئېتىش، پويىزدىكى ئادەملەر پۈتۈن كۈچى بىلەن يولدا تۇرىۋالغانلارغا قاراپ ۋارقىراش، بىرنەرسىلەرنى تاراقشىتىپ ئاۋاز چىقىرىش... دىگەندەك ئۇسۇللار بىلەن رىلىس ئۈستىدىكى ئىنسانلارنى چۆچىتىپ تارقاقلاشتۇرشقا تېرىشىش. بۇنداق قىلغاندا بىرەرسى بولسىمۇ تۇيۇپ قالغانلىرىنىڭ رىلىستىن قېچىپ چىقىۋېلىشىغا تۈرتكە بولىشى مۇمكىن. پويىز ھەيدىگۈچى ھېچقانداق تەدبىر قوللانماستىن پەقەت تاللاشنىلا ئويلاپ، b تەرەپتىكى تۆت-بەش ئادەمنى بېسىۋەتكەن تەغدىردىمۇ ئۇنىڭ ۋىجدانى ئازاپلىنىشى مۇمكىن، چۈنكى قاراپ تۇرۇپ ئادەملەرنى بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى، ھالقىلىق پەيىتتە ئۆزى قۇربانلىق بېرىپ بولسىمۇ تەدبىر قوللىنىپ باقمىدى... شۇڭا ئۆزى ئادالەتكە پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشىپ، قالغېنىنى پەرۋەردىگارىغا تاپشۇرۇش ئادالەتتۇر، چۈنكى پەرۋەردىگار ئادىلدۇر!

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 01:24:59

يولغا كىرەلىگەن ئادەمنىڭ قېچىپ كىتەلىشى قانداقمۇ مۇمكىن بولمىسۇن؟

ziyali يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 04:31:26

\"\"

ئۇ سىنلارنى كۆرگەن

مىسال قىلىپ سۆزلەشكە بولمايدىغان يېرىمۇ يوق

ئەمما ئۆز نۇقتىنەزىرى ئۈچۈن گەپ ئوينىتىش بەك ئېغىر

newstar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 10:34:08

ئىزدىنىشنىڭ ئېچىلغانلىقىنى كۆرۈپ بەك خوش بولدۇم،مانا بۇ ئادالەت...

kukhelal يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 17:44:41

پىشۇرۇلغان ئىككى تۇخۇمنىڭ بىرى ئۇنۇڭغا يەنە بىرىنىىڭ شاكىلى سىزگە تەگسە جوڭگۇچە ئادالەت.مىڭەم يۇيۇلۇپ ئىسىمدە شۇلا قاپتۇ؟!

alwun12 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 19:20:03

ئەڭ كۆپ سانلىق خەلىقنىڭ مەنپەئىتى ئۇچۇن بەزىلەر 10ئادەمنڭ ھاياتى ئۇچۇن 5ئادەمنى قۇربان قىلىپ بۇنى ئەڭ ئاقىلانە تالاش دەپ قارايدۇ .مەڭگۇ كۆپ سانلىقنىڭ مەنپئتى ئۇچۇن ئازسانلىق قۇربانلىق قوي بولىدۇ مانا بۇ ھازىرقى دۇنيادىكى ‹ئادالەت›

jangqi19 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 19:47:11

ئادالەت قانداق ئادەملەردە بولدۇ ؟

sipartak يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 22:26:51

ئىزدىنىشنى تاپقانلىقىمنى تەبرىكلەپ بىر جاۋاپ بىرەي......

1-جاۋاپ: مەن بولسام دەرىزىدىن بىشىمنى چىقىرىپ:‹‹چاپسان قىچىش ،بولمىسا ئۆلۈشىسەن !!! دەپ ۋاقىرايتتىم››.

ھە راس... ئاۋازىمنى ئاڭلىمىسا قانداق قىلىمەن ؟(ھەييي....تورمۇز نىمەدەپ مۇشۇنداق چاغدا بۇزۇلۇپ قالىدۇ دەيمەن!)

2- جاۋاپ: پويىزنى مىڭىشىغا قويۇپ بىرىپ كۆزۈمنى يۇمۇپ ئۆتۈپ كىتىتىم.شۇنداق بولغاندا كىملەرنىڭ سوقالغىنىنى بىلمەي قالتىم.(ھەممىسى بىر تەرەپتە ماڭغان بولسىغۇ مۇشۇ ئىش يوق).

كۆزىنى يۇمىۋىلىشقا يوق چوقۇم بىرىنى تاللايسەن دىسەڭلارچۇ...؟

3- جاۋاپ:بەش ئادەم بار تەرەپكە قاراپ ھەيدەيمەن.(پەقەت مۇشۇنداق قىلغىم يوق ئىدى)

ئادالەت دىگەن نىمە ؟

ئاخىرقى جاۋاپ:مىنىڭ خوشنامنىڭ قىزىنىڭ ئىسمى.  {:92:}
بەت: [1]
: ئادالەت دېگەن نېمە