xirhan0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:28:44

سىماگۇاڭ!سەن نىمىشقا ئېدىش چاقتىڭ؟

سىماگۇاڭ!سەن نىمىشقا ئېدىش چاقتىڭ؟

لىيۇ دا جى

فىليەتون

مەن دەرسخانىدا ئوقۇغۇچىلارغا «سىماگۇاڭنىڭ ئىدىش چېقىشى»دېگەن ھېكايىنى سۆزلەپ بېرىپ،ئوقۇغۇچىلارنى مۇشۇ ھېكايىغا دائىر سوئاللارنى سوراشقا يىتەكلىدىم.نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ سوئاللىرى مېنى ئايلاندۇرۇپ قويغىلى تاسلا قالدى.

بىرىنچى ئوقۇغۇچى:مۇئەللىم،ئېدىش دېگەن نېمە؟-دەپ سورىدى.

تەڭرىم،ھازىرقى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئېدىشنىڭ نېمىلىكىنىمۇ بىلمىسە ھە؟ ئەڭ ياخشىسى دوسكىغا سىزىپلا كۆرسىتىپ قوياي دەپ سىزىپ بەردىم ۋە:

-ئېدىش دېگەن بىر خىل دائىم ئىشلىتىدىغان ئائىلە سايمىنى،- دەپ چۈشەندۈردۈم.

ئىككىنچى ئوقۇغۇچى:

-مۇئەللىم،ئېدىش قەيەردە سېتىلىدۇ،بىرسى قانچە پۇل ؟-دەپ سورىدى.مەن :

-بۇ مۇھىم ئەمەس،باشقا سوئال سورايدىغانلار دېيىشىمگە ھېلىقى ئوقۇغۇچى:

-ئىنتايىن مۇھىم مۇئەللىم.ئەگەر ئېدىش دېگەن ناھايىتى قىممەت نەرسە بولسا ،مەن بىلمەيلا چېقىپ سالسام ،ئۆيۈمدىكىلەرگە چوڭ زىيان بولمامدۇ،-دېدى.

مەن ئۇنىڭغا بىر قادىلىۋىتىپ:-ئۇ ئىدىش سىماگۇاڭ ئائىلىسىنىڭ ئەمەس،-دېدىم.

ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى:

-ئېدىش نېمىگە ئىشلىتىلىدۇ؟-دەپ سورىدى.يەنە بىر ئادەتتىن تاشقىرى گۈدەكلەرچە سوئال؟بىر ئوقۇغۇچى ئۇلاپلا :

-مەن بىلىمەن،بوۋام،موماملارنىڭ بار، ئۆيىدە كۆكتات چىلاشقا ئىشلىتىدۇ،-دېدى.

ھەي،مۇشۇنداق ئوقۇغۇچىلارغا قانداقمۇ بىر نەرسە ئۆگەتكىلى بولسۇن؟

مەن:

-قەدىمكى دەۋرلەردە،ھەممە ئائىلىدە دېگۈدەك ئېدىش بولۇپ،سۇ ساقلاشقا ئىشلىتەتتى،-دەپ چۈشەندۈردۈم.شۇنىڭ بىلەن تۆتىنچى ئوقۇغۇچى دەرھال:

-ئۇلارنىڭ ئۆيىدە دائىم سۇ توختاپ قالامتى ياكى سۇ ھەققىنى تۆلىيەلمەپتىكەنما؟-دەپ سورىدى.

قارىغاندا تارىخ دەرسى ئوقۇغۇچىلارغا تولىمۇ مۇھىم ئىكەن ،چۈشەندۈرمىسەم بولمىدى.

-ئۇچاغلاردا تۇرۇبا سۈيى يوق ئېدى،كىشىلەر دەريا ياكى قۇدۇق سۇلىرىنى ئەكىلىپ ئىدىشقا قاچىلاپ ئىشلىتەتتى،-دېدىم.

-ھەتتا تۇرۇبا سۈيىمۇ بولمىسا قەدىمكى دەۋر كىشىلىرى نىمانچە دۆت.يەنىلا بىز ھازىرقى زامان كىشىلىرى ئەقىللىق ئىكەنمىز،-دېدى ھېلىقى ئوقۇغۇچى تەسىراتىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ.

بەشىنچى ئوقۇغۇچى :

-ھېلىقى ئىدىشنى قەيەردە قويۇپتىكەن،-دەپ سورىدى.

ھۇ،مەتۇ،دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە ۋە ئازراق تاقەتسىزلىنىپ ئۇنىڭغا:

-مەن بايا سۆزلىگەندە سەن نەگە كەتكەن،ئەستايىدىل ئاڭلىمىغانما؟مەن ئېنىق قىلىپ ھويلىغا قويغان دىدىمغۇ.سەن ئۆرە تۇرۇپ دەرس ئاڭلا! دېدىم.

ئۇ:

-مۇئەللىم ،مەن ئەستايىدىل ئاڭلىدىم.بىلمەكچى بولغىنىم ھېلىقى ھويلىنىڭ قەيىرىگە قويۇلۇپتىكەن؟ھويلا تېمىنىڭ يېنىغىمۇ ياكى ھويلا ئىشىكىنىڭ يېنىغىمۇ ۋە ياكى ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىغىمۇ؟-دەپ سورىدى.

بۇنى مەن نەدىن بىلەي،سىماگۇاڭ بۇ نۇقتىدا تەپسىلى ماتىرىيال قالدۇرمىغان تۇرسا.

-قەيەرگىلا قويۇلسۇن،كىچىك بالا چۈشۈپ كېتىپتۇ.باھانە ئىزلىمەي داۋاملىق ئۆرە تۇر!

ئالتىنچى ئوقۇغۇچى:

-مۇئەللىم،ئۇ ئېدىشنىڭ نىمىشقا قاپقىقى يوق؟ ئەگەر قاپقىقى بولغان بولسا ئۇ كىچىك بالا چۈشۈپ كەتمەيتتى ئەمەسمۇ؟ يەنە كېلىپ قەدىمكىلەر تازىلىققا رۇئايە قىلمايدىكەن دېسە،ئەگەر قاپقىقى بولمىسا چاڭ-تۇزان،قۇرت-قوڭغۇز دېگەندەك مەينەت نەرسىلەر ئىچىگە چۈشۈپ كەتسە،كىشىلەرنىڭ ئىچىگە سۇ بىلەن بىللە كىرىپ كىتىپ،كىشىلەر ئاسانلا كېسەل بولۇپ قالمامدۇ.....دېدى.

مەن قايسى تەرەپكە تارتىپ چۈشەندۈرسەم شۇ تەرەپكە ماڭىدۇ دەپ:

-قاپقىقى بار ئىكەن،بىر تەرەپكە سۈرۈلۈپ چۈشۈپ كېتىپتىكەن،- دەپ قويدۇم.

بۇنداق سوئاللارنىڭ سورىلىۋىرىشى ياخشى ئەمەس،بۇ ئەبلەخلەرگە ئاچچىغىم كېلىپ ئايلىنىپ قېلىشتىن بۇرۇن ،ئەڭ ياخشىسى سىناقتىن ئۆتكەن ھېلىقى كونا ئۇسۇلنى قوللىنىپ،چۈشىنىش قابىلىيىتى يۇقىرى ئوقۇغۇچىلاردىن سوراي. شۇنىڭ بىلەن مەن تەنتەربىيە ھەيئىتىنى سوئال سوراشقا شەرەتلىدىم.

تەنتەربىيە ھەيئىتى:

-ھېلىقى ئېدىشنىڭ ئېگىزلىكى قانچىلىك؟-دەپ سورىدى.ۋاي،تەڭرىم!

ئەمدى بۇمۇ ئەس –ھۇشىنى يوقىتىپ ،ئالدىنقى پىكىر يۈنىلىشىگە ئەگەشتىغۇ؟

-تەخمىنەن مېنىڭ مۈرەمچىلىك ئېگىز،-ئەسلىدە مەن ئېگىزلىكى ماڭا ئوخشاش بىر مىتىر 80 سانتىمېتىر دېمەكچى ئىدىم ،ئەمما ئۇنداق ئېگىز ئېدىشنى ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغاچقا دىيەلمىدىم.ئەمما يەنە بەك پەس دېسەم،سىماگۇاڭنىڭ قۇتقۇزىشىنىڭ ھاجىتى يوق بولۇپ قالاتتى.

تەنتەربىيە ھەيئىتى يەنە:

-ئۇنچىلىك ئېگىز بولسا كىچىك بالا قانداق چۈشۈپ كېتىدۇ،شوتىغا چىقىپمۇ ياكى ئېگىز يەردىن سەكرەپمۇ؟مېنى دېسە مەن چىقالمايمەن. تاش قانچىلىك چوڭ،سىماگۇاڭ قانچە ياش؟ مۇئەللىم سىز سىماگۇاڭنى ئەينى ۋاقىتتا كىچىك بالا دېدىڭىز،ئۇنداقتا ئۇ چوڭ تاشنى كۆتۈرەلەمدۇ؟ئۇنىڭ ئۈستىگە ھېلىقى ئېدىشتىكى سۇ كۆپ بولمىسا،كىچىك بالا چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچقانداق خەتەر يوق،ئۇنداقتا قۇتقۇزۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوققۇ؟

بۇ ئەبلەخ مېنىڭ تاتىرىپ كېتىۋاتقان چىرايىمغا پەرۋامۇ قىلماي،يەنە داۋاملىق سۆزلەشكە باشلىدى:

-ئەگەر ئېدىشنىڭ سۇ بەك كۆپ ياكى سۇغا لىق تولدۇرۇلغان بولسا،ئەلۋەتتە قۇتقۇزۇش كېرەك.بۇنداق كۆپ سۇنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئېدىش ئەلۋەتتە ناھايىتى مۇستەھكەم ھەم قېلىن ياسىلىدۇ.سىماگۇاڭ كىچىك بالا تۇرسا، چوڭ تاشنى مىدىرلىتالمايدۇ،كىچىك تاشنى ئىشلەتسە مۇشۇنداق مۇستەھكەم ۋە قېلىن ئېدىشنى چاقالامدۇ؟مۇمكىن ئەمەس!ئۇنىڭدا تاشتىن ياسالغان يىڭنە بىلەن ئېدىشنى تېشىش روھى بولغان تەقدىردە،سەۋرچانلىق بىلەن تىشىۋەرسە،ئاخىرىدا ھېلىقى ئېدىشنى راستىنلا چېقىۋىتەلەيدۇ.بۇ چاغدا ئۇ بالا ئاللىبۇرۇن سۇدا تۇنجۇقۇپ ئۆلمەمدۇ،شۇڭا...

-توختا،-مەن ئۇنىڭ داۋاملىق سۆزلىشىنى توستۇم.بۇ سولتەكنىڭ فىزىكا بىلىمى يامان ئەمەس ئېكەن جۇمۇ؟

ئاخىرقى ئۈمىدىمنى سىنىپ باشلىقىغا باغلاپ،ئۇنىڭدىن :

-"سىماگۇاڭنىڭ ئېدىش چېقىشى »دېگەن ھېكايىدىن سەن قانداق تەسىرات ئالدىڭ؟-دەپ سورىدىم.

سىنىپ باشلىقى ئورنىدىن تۇرۇپ،سىنىپتىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارغا بىر قاراپ چىققاندىن كېيىن،چوڭقۇر بىر تىنىۋېلىپ:

-مۇئەللىم،مېنىڭ تەسىراتىم باشقا ساۋاقداشلارنىڭكى بىلەن ئوخشاش.ئۇ بولسىمۇ،بۇ ھېكايە ساختا،-دېدى.

بۇ چاغدا مەن ئەس –ھوشۇمنى پۈتۈنلەي يوقاتقان ھالدا،نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي،مۇنبەرگە يۈلىنىپ قالدىم.

-سىماگۇاڭ! سەن نېمىشقا ئېدىش چاققانتىڭ؟


بۇ فىليەتون2005-يىلى 10ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى"چاڭچۈن خەلق گېزىتى»دىن


«فىليەتونلاردىن تاللانما»ژورنىلىنىڭ 2006-يىللىق 1-ئالدىنىقى يېرىم ئايلىق سانىغا


كۆچۈرۈپ بېسىلغان.

بۇ مەزمۇنلارنىڭ ئەسلى مەنبەسى: http://bbs.boztagh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=126

zapar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 17:28:23

ھەرتەرەپلىمە تەپەككۇر قىلدىغان ئوماقلار بارغانسىرى بىرتال تۈز سىزىقتەكلا پىكىر قىلىدىغان بولۇپ قالسا بەكلا ئېچىنىشلىق ئەھۋالدە بۇ. مۇشۇنداق ئەقللىق شۇمتەكلەر بولغان بولسا ئىدى دەرسخانىمىز قانچىلىك پەيزى بولۇپ كېتەر ئىدى.

يادىمدا قېلىشىچە بىر ماقالىدا مۇنداق مەزمۇن بار ئىدى .مەركىزى تېلۋېزىيە ئىستانسسنىڭ بىر پېروگىرامسىدا رىياسەتچى دوسكىغا بىر تال چەمبەر سىزىپ نەق مەيداندىكى ئاتا-ئانىلاردىن سورايدىكەن؛

-بۇ نېمە؟

-چەمبەر!.بارلىق ئاتا-ئانىلارنىڭ جاۋابى ئوخشاش.


بالىلاردىن سورايدىكەن؛

-بۇ نىمە؟

- تاۋۇز. يەلپۈگۈچ، توپ، شار، قۇياش، ئاي.لىمۇن...پېروگىراممنىڭ تېمىسى‹‹ بالىلارنىڭ تەپەككۈرى نىمىشقا ئۆلدى›› ئىكەنمۇ شۇنداقراق ئىكەندۇق.


كىچىك ۋاقتىمىزدا ئەدەبيات دەرسىدە باشتىن ئاخىرى ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيەسى، تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشى.. كونسپىك شەكلىدە يازدۇرۇلۇپ شۇنى يادىلاپ ئىمتىھاندىن ئۆتەتتۇق.

يۈيگۈڭ نىمىشقا كۈچۈپلا كەتمەيدۇ؟-دەپ خىيال قىلماي مېنىڭ ئۆيۈمنىڭ ئالدىدا تاغ بولسا مەنمۇ شۇنداق كولاپ يۆتكەيمەن،- دەيدىغان ئۇلۇغۋا غايە بار ئىدى.

ھازىر ياخشى بوپ كەتتى، ئوقۇغۇچىلارنى دەرىسخانىدا ئەركىن پىكىر قىلىشقا يېتەكلەيدىغان، جاۋابنى خاتا دېمەيدىغان بولدۇق.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 17:37:22

رەسىملىك ھېكايە كىتاپچىدىغۇ سىماگۇاڭ چاققان ئىدىشنى كىچىلابىر ئىدىش قىلىپ سىزىپتىكەن .

بۇ فىليەتون2005-يىلى 10ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى\"چاڭچۈن خەلق گېزىتى»دىن ئېلىنىپتۇ .راسمۇ يالغان مۇ ئۆزلىرى بىلە.

لىكىن «سوتەك »نىڭ «ساختا ،«مەن»نىڭ مۇنبەرگە يۆلىنىۋالغىنى ، ئوقۇغۇچىنى «سولتەك»لەش،«ساختا»دىسە «يۆلىنىپ قېلىش ».تىللاش ،ئۆتكەننى ئىنكارلاش ،«ئىجتىھات»تىن (ئاچىقىدا ) سۇئالچىنى ئالماشتۇرسا

«-سىماگۇاڭ! سەن نېمىشقا ئېدىش چاققانتىڭ؟»دەپ .ئۆزئۆزىنى ئىنكارقىلىسا «يۈلىنىپ قالدىم »غىچە چەشەندۈرەلمىسە .

ئەتە ئۆگۈن تاڭلا ئاخشامدا ...،...لەرنىمۇ ئىنكارقىلسا .ساراڭمۇ ياكى دىۋەڭمۇ ...........؟؟؟ \"\"

kukhelal يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 17:49:43

پاھ بۇ جوڭگو مائارىپىنىڭ چۈشى ئوخشايدۇ.ئەمما رىئاللىق بۇنۇڭدىن تولۇمۇ يىراق.100مەكتەپتىكى ھەممە ئوقۇغۇچىنى يىغىپ سىماگوڭ نىمىشقا ئىدىشنى چاقتى دىسە؟

بىلىملىك ئەقىللىق......دىگەندەك جاۋاپلار چىقىدۇ.بۈگۈنكى كۈندىكى ئۇيغۇر مائارىپى گالۋاڭ مائارىپ.يەنى ئوقۇغۇچىلارنى ئاڭلالايدىغان بىراق چۈشىنەلمەيدىغان قىلىپ قويىدىغان كىسەل مائارىپتۇر!

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 18:51:02

ھېلىقى دەرەختىكى قۇشلارغا ئوق ئاتسا دەرەگتە قانچە قۇش قالىدۇ؟ دېگەن تېپىشماققا قارىتا چىققان سۇئاللارنىڭ ۋارىيانتى ئىكەندە؟

paltahun يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 10:54:06

- دادا ھون دىگەن قانداق مىللەت ؟

- بۇنى سوراپ قالدىڭغۇ بالام ؟

- بۈگۈن دەرىستە شۇنداق ئاتالغۇ چىققان مۇئەللىمدىن سورىسام ۋاي تاڭ ئىشقىلىپ بىر ئۇرۇشقاق مىللەت ئىكەنغۇ دەيدۇ.



-----------------

- دادا شىخۇ قايسى ۋىلايەتكە تەۋە ؟

- تارباغاتاي ۋىلايىتىگە تەۋە .

- مۇئەللىم قارماينىڭ بىر ناھىيىسىمىكىن دەيدۇ.

kokboraa يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 12:22:25

مۇشۇنداق پىكىرى ئوچۇق ،قورىقماس ئوقۇغۇچىلارچىقىپ ‹مۇئەللىم ، ياغلىق ئارتىشىمىز(مىللى كىيىم) بىلەن مائارىپنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ ›دەپ سورىيالىسا ،مۇئەللىممۇ بۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرىقى دىسە ،ئوقۇغۇچى ‹ نىمە ئۈچۈن يۇقىرى بۇنداق قىلىدۇ ؟.....› دەپ سورىسا مۇئەللىم تىلىنى چاينىماي، يالغان ئارلاشتۇرماي جاۋاپ بىرەلىسە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلاردىن پەخىرلەنسەك بولاتتى. ئەپسۇس....

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 17:16:28

6- قەۋەتتىكى kokboraaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

مۇشۇنداق پىكىرى ئوچۇق ،قورىقماس ئوقۇغۇچىلارچىقىپ ‹مۇئەللىم ، ياغلىق ئارتىشىمىز(مىللى كىيىم) بىلەن مائارىپنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار ؟ ›دەپ سورىيالىسا ،مۇئەللىممۇ بۇ يۇقىرىنىڭ بۇيرىقى دىسە ،ئوقۇغۇچى ‹ نىمە ئۈچۈن يۇقىرى بۇنداق قىلىدۇ ؟.....› دەپ سورىسا مۇئەللىم تىلىنى چاينىماي، يالغان ئارلاشتۇرماي جاۋاپ بىرەلىسە ئاندىن ئوقۇتقۇچىلاردىن پەخىرلەنسەك بولاتتى. ئەپسۇس....

جاۋاپ بەرگەنلەر بار .شۇجاۋاپ بەرگەن لەربىلەن ،مەن ،ئۇ ،سىز  ھە ! ئۇنىڭ بىلەن تەڭ جاۋاپ بىرەلەيمىزمۇھە! كۆك بۆرە ە

mispurqak يوللانغان ۋاقتى 2013-7-22 23:48:43

بالىلار زىۋان سۇرمەسلىك يىشىغا قەدەم قويغىچە، ئاشۇنداق ئاچچىق سوئاللارنى سوراپ تۇرىدۇ.
بەت: [1]
: سىماگۇاڭ!سەن نىمىشقا ئېدىش چاقتىڭ؟