Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 15:17:56

كۆكنار غوزىسىدا چاي دەملەپ ئىچەمسىلەر؟


تېمېنىڭ موھىم نۇقتىسى:


ھازىر بەزى بىر چايخانىلاردا ئىسمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان <<مەرۋايىت چېيى>> نامىدىكى بىر چايغا بەزى كىشىلەر ئاقىۋېتىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ياكى بىلمەستىن مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەندىن سورىغانلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچقا شۇ چاينى بىلمەي ئىچىۋاتقانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، كۆكنار غوزىسى دەملەپ ئىچكەنلىك ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق، ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق ئاستا-ئاستا خۇمار قىلىپ ئەقلىنى، جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خورىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنلىك، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پاكىز تۇغۇلىشى، ساغلام چوڭ بولىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق، شۇڭا ئادەملەر، كىشىلەر، دوستلار ماڭا قۇلاق سىلىڭلار، مەن بىلگىنىمنى دېدىم، ۋاقىتلىق راھەت، ھوزۇر قوغلىشىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار!


_________________________________________________________________


بۇ ھەقتە بىرەر نەرسە يېزىپ بلوگىمدا ئىلان قىلىش ھەققىدە خىلىدىن بىرى ئويلىنىپ كىلىۋاتقان بولساممۇ <<كۆكنار غوزىكى چېيى>> ھەققىدە تور يۈزىدە تېببى ساغلاملىق نۇقتىسىدىن تەھلىل بايان قىلىشنىڭ ئەمدىلەتتىن گۈللىنىۋاتقان <<چايخانا مەدەنىيىتى>> مىزگە باشقۇرلۇش جەھەتتىن سەلبىي ئاقىۋەتلەرنى ئىلىپ كىلىشى ھەمدە تەرەققىياتىغا بەزى-بىر توسالغۇلارنىڭ پەيدا بولۇپ قىلىشىدىن ئەنسىرەپ ئىككىلىنىپ قالغان ئىدىم. لىكىن خەلقىمىز ئېستىمالچىلىرىدىكى <<چىلىم>> تارتىش قىزغىنلىقىدىن كىيىن پەيدا بولغان <<مەرۋايىت چېيى-(كۆكنار غوزىكى چېيى>>  ئىچىش قىزغىنلىقى مەندە بۇ ھەقتە بىرەر يازما تەييارلارشنىڭ تەخىرسىز بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇردى.


كۆكنار غوزىكىدە چاي دەملەپ ئىچىپ قويىدىغانلىقى ھەققىدە ئەتراپىمدىكى خىلى كۆپ كىشىلەردىن ئاڭلىغان بولغاچقا بۇ ئىش جەمئىيەتتە خىلى كۆپ يامرىغان <<ھەۋەس>> ئىكەن دەپ قاراپ بىلگەنلىرىمنى بايان قىلدىم. چايخانىلاردا مەرۋايىت چېيى -(كۆكنار غوزىكى چېيى>> ئىچكەنلەرنىڭ قىسقىچە بايانىغا قارىغاندا چاي ئىچكەندىن كىيىن روھى كۆتۈرلۈپ، پۇت-قوللىرى يەڭگىللەپ قالىدىكەن،  شۇنىڭ بىلەن بۇ چاينى ئىچىپ تۇرغانلارنىڭ كۆپۈنچىسىدە <<غوزەك چېيى>> ئىچىش قىزغىنلىقى يۇقۇرى كۆتۈرۈلگەن.


ئەپيۇن كۆكنار غوزىسىدىن ئايرىپ ئىلىنىدۇ. تېبابەتتە كۆكنار غوزىسىنىڭ ياخشىسى ئەپيۇنىسى ئايرىۋېلىنمىغان بولىشى كېرەك. كۆكنارنىڭ غوزىسىنى تېلىپ ئەپيۇنىسى ئايرىپ ئىلىۋېلىنغان بولسا بۇنىڭ تەسىرى تۆۋەن، بەلكىم ھېچقانچە دورىلىق قىممىتى يوق دەپ قارىلىدۇ.


كۆكنار غوزىسىڭ خۇسۇسىيىتى ﻧﯩﺮﯞﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﯩﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ، ئۇﻳﻘﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ، (قۇرۇق سوغۇق مىزاجلىقلارنىڭ ئۇيقۇسىنى قاچۇرۇشىمۇ مومكىن) پۇت-قوللارنى يەڭگىل، راھەت ھېس قىلدۇرۇش، ئاغرىق توختېتىش قاتارلىقلار بولۇپ ئۇيغۇر تېبابەت دوختۇرخانىلاردا مۇناسىپ يەككە دورىلار بىلەن بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق نېرۋا كېسەللىكلىرىدە، ئازابلىق ئاغرىشجان كېسەللىكلەردە، مەسىلەن: ھەر خىل راك كېسەللىكلىرىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچلىرىدىكى چىدىغۇسىز ئاغرىق ئازابىنى يەڭگىللىتىش دېگەندەك ئەھۋاللاردا ئىشلىتىدۇ. كۆكنار غوزىسىدا شەربەت تەييارلاپ ياكى چاي ئورنىدا دەملەپ ئىچىشنى ئادەت قىلغاندا ئاسانلا خۇمار قىلىش، خۇمار تۇتقاندا يەڭگىل بولغاندا ئىچى سېقىلىش، تىت-تىت بولۇش، تېرىككەك، ئۇرۇشقاق بولۇپ قىلىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.


نەشە، ئەپيۇن (كۆكنار غوزىكى) دېگەندەك كۆڭۈلنى ۋاقىتلىق خۇش قىلىدىغان ناركوتىكلار مېڭىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ نۇرمال تەپەككۇرنى زەئىپلەشتۈردۇ. جېگەر، بۆرەك، يۈرەكنى ئاجىزلاشتۇرۇپ رەڭگىنى سارغايتىدۇ.


ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بەزى ئاشخانىلاردا كۆكنار غوزىسىنى قوي-كالىلارنىڭ سۆڭىكىنى قوشۇپ قاينىتىپ تاييارلاپ لەغمەننىڭ قورۇمىسىغا قوشىدىكەن، بىر قانچە قېتىم بۇ لەغمەننى يېگەنلەر پات-پات شۇ لەغمەننى يېگۈسى كىلىدىغان، شۇ لەغمەننى يېمىسە ئىچى تېتىلداپ يەڭگىل بىئارام بولىدىغان، لەغمەننى يېگەندىن كىيىن كەيپىياتى جايىغا چۈشۈپ راھەتلىنىپ كېتىدىغان ئالامەتلەر بولىدىكەن. بۇ ئەھۋالنى مەن ئىچكىردە ئاشخانىدا ئىشلەيدىغان بىر بالىدىن ئاڭلىغان ئەھۋال. يەنە بىرسى خوتەندە بىر تېۋىپنىڭ ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ھىكايىسى: دادىسىنىڭ مەزى بېزى كېسىلى ئېغىرلاپ كرتىپ ئاغرىپ دەستىدىن بەك ئازابلىنىپ كەتكەندە ئاساسى داۋالاشنى قىلىش بىلەن بىرگە ئاغرىق توختىتىش ئۈچۈن كۆكنار غوزىسىنى قاينىتىپ شەربەت تەييارپ بىرىدۇ. بىر ئايغا يېقىن داۋالاش قىلغاندىن كىيىن ئۇ كىشىنىڭ كېسىلى خىلى ياخشى بولۇپ قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھىلىقى شەربەتنى بىرىشنى توختىتىدۇ. لىكىن ئۇ كىشىدە بالدۇرقىدەك ئاغرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىگەن بولسىمۇ ئىچى تېتىلداش، بىئارام بولۇش، سەپرالىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈپ ئوغلىدىن ھىلىقى شەربەتنى يەنە تەييارلاپ بىرىشنى تەلەپ قىلغان، لىكىن ئوغلى چۈشەندۈرۈپ رەت قىلغاندا ئىشىكنى ئىچىدىن قۇلۇپلاپ ئوغلىنى ئۆيگە سولىۋالغان. ھەتتا ئاشۇ شەربەتنى تەييارلاپ بەرمىسە ئوغلىدىن رازى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قەغىشلىك قىلغان.


ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﯞﻩ ﺑﯜﮔﻨﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ-ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺕ، ﺧﺎﻧﯘ-ﯞﻩﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺳﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ. ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﭘﻴﯘﻧﻨﯩﯔ ﺩﻩﺭﺩﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﯩﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ. <<چېكىملىك ئەپيۇننىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان خەلق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي مەنپەئىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئەپيۇنگە قارشى كۈرەش ئېلىپ بارغان.لىن زېشۈي جۇڭگو تارىخىدىكى زەھەرلىك چېكىملىك ئەپيۇنغا قارشى تۇنجى جەڭ ئېلان قىلغان مىللىي قەھرىمان.ئۇ خەلقنىڭ كۈلپىتى،مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈپ،خەلقنى يېتەكلەپ،ئەپيۇننى چەكلەش كۈرىشىنى ئېلىپ بېرىپ،خۇمېندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ شانلىق غەلىبىگە ئېرىشكەن>>


خوش...زامانىمىزدىمۇ خەلقىمىز ئەقلى ۋە جىسمانىي قۇۋۋەتلىرىمىزنى خورىتىدىغان ئەپيۇن، نەشە كەبى ناركوتىكلارغا مەھلىيا بولۇپ ئاخىرىدا زەئىپ، يارىماس بىر مىللەت سۈپىتىدە تارىخى بېتىدىن يۈتىمىزمۇ؟!!!  قاچانغىچە ئېزىتقۇلارغا ئالدىنىپ ئەقىل تېزگىنىمىزنى شەيتانغا تۇتقۇزۇپ يۈرۈۋېرىمىز؟!!! ياكى بولمىسا بىزمۇ لىن زىشۈيدەك خۇمىندا ئەپيۇن كۆيدۈرۈپ جاھانگىرلارنىڭ سۈيقەستىنى بىتچىت قىلىدىغان بىرەر قەھرىمان چىقىپ بىزدىكى شەيتاننىڭ ئىزىقتۇرۇش خاراكتىردىكى زىيانكەشلىكلىرىنى يوقۇتۇپ بىرىشىنى كۈتىمىزمۇ؟


يازمىنىڭ ئاخىرقى ئابزاسلىرى سەل <<ئىنقىلابى شۇئار>> دەك چىقىپ قالدى. خىلى بوپتىكەن بىرەر نەرسە يېزىپ بلوگىمنى يېڭىلاپ تۇرمىغىلى، <<قەلەم>> لىرىمىز گاللىشىپ قاپتۇ. ئويلىغانلىرىمنى تازا ئوبدان ئىپادىلىيەلمىگەندەك قىلىمەن.


دېمەكچى بولغانلىرىمنى يېغىنچاقلاپ مۇنداقلا دەي: ھازىر بەزى بىر چايخانىلاردا ئىسمى ناھايىتى چىرايلىق بولغان <<مەرۋايىت چېيى>> نامىدىكى بىر چايغا بەزى كىشىلەر ئاقىۋېتىنى ئويلاپ كۆرمەستىن ياكى بىلمەستىن مەپتۇن بولۇپ قالغان بولۇپ، بۇ ھەقتە مەندىن سورىغانلار خىلى كۆپ بولغان بولغاچقا شۇ چاينى بىلمەي ئىچىۋاتقانلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ياخشى بولمايدىغانلىقىنى، كۆكنار غوزىسى دەملەپ ئىچكەنلىك ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق، ئەپيۇن ئىستىمال قىلغانلىق ئاستا-ئاستا خۇمار قىلىپ ئەقلىنى، جىسمانىي قۇۋۋەتلەرنى خورىتىپ ئۆزىنى تۈگەشتۈرگەنلىك، ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ پاكىز تۇغۇلىشى، ساغلام چوڭ بولىشىغا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلغانلىق، شۇڭا ئادەملەر، كىشىلەر، دوستلار ماڭا قۇلاق سىلىڭلار، مەن بىلگىنىمنى دېدىم، ۋاقىتلىق راھەت، ھوزۇر قوغلىشىپ ئۆزۈڭلارنى ھالاكەتكە تاشلىماڭلار!


مەنبە: 80خالتا بلوگى http://www.80halta.com

shah_senem يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:11:41

ئەلا! مۇھىم تېمىكەن، چايخۇمارلار دىققەت قىلسا بولغۇدەك.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:52:41

قېرىندىشىمىز  birzatنىڭ قىممەتلىك ۋاقتىنى ئاجرىتىپ بىزلەرگە «مەرۋايىت چاي »توغرىسىدا دەپبەرگەنلىرىگە مىڭ رەخمەت.

بىزلەر بۇنىڭدىكى نىمە ،قانداق رولى بار دىمەي يەپ -ئىچىۋەرسەك بولماس .

ئاشۇ «چايچى»(بىزنىڭ يۇرتتا چايچى نى كۆچمەمەنىدە سەترەك مەنىدىمۇ قوللنىدۇ )لار birzatدەك كىشىلىرىمىزدىن سوراپراق «ساتساڭلا».«كىپەن پۇلكەن دىسە ،ئانىسىنىڭ كېپىننى قاراڭغۇ بازادا ساتقان ».بولمىساڭلىمۇ بۇلىۋېرىدۇ.

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 18:51:19

bilgejan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:44:49

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى، ناھايتى مۇھىم بولغان بىر مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. كۆكنار دىگەننى مەن ئەپيۇن گۈلى دەپلا چۈشىنىپ كەلگەن ئىدىم، بۇ ئىسىمنىڭمۇ بارلىقىنى سىزدىن بىلىۋالدىم، رەھمەت.



ئەپىيۇن تەركىبىدىكى ئاساسلىق تەسىر قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددا مورفىن بولۇپ، بۇ كوكايىن قاتارلىق كۈچلۈك خۇمار قىلغۇچى زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئوخشاش. پەقەت ئەپىيۇن تەركىبدىكى مورفىن ساپ بولمىغاچقا باشقا خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەردەك كۈچلۈك خۇمار قىلىش خۇسۇسىيىتى سەل تۆۋەنرەك، لىكىن يەنىلا خۇمار قىلىدىغىنى ئېنىق. چاي ئىچتىم دەپ ئۆزى بىلىپ بىلمەي زەھەر ئىستىمال قىلىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى توسۇۋىلىشىمىز كىرەك، بولۇپمۇ چايخانا خوجايىنلىرى پۇلنى كۆزلەپ بۇنداق مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان بولسا بۇنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ چايخانا مەدەنيىتىمىزنى خاراپلىشىشقا باشلايدۇ، شۇڭا ئەگەر ئېنىق دەللىل ئىسپات بولسا، بۇنداق قىلمىشلارنى ئامال قىلىپ توسۇش لازىم.



لىكىن ئۇلار كۆكنار غوزىكىنى نەدىن تاپىدۇ؟ ئەپيۇن تىرىش چەكلەنگەن تۇرسا، دىمەك بۇ بىر قاتار ئىشلار قانۇندىن سىرىت ئىلىپ بىرىلۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

tuumar يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 21:52:46

پوقنى چېلىپ بەرسە غەرىپنىڭ دېسىلا ئىچكەن .تازىمۇ بىر ،ئەقلىگە بەسەي (كەرەپشە)تېرىۋاتقان ساراڭلار.

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 22:57:11

سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.

kosan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 23:04:57

ئاللاھ ئىگەم بۇنىڭمۇ كىشىلىرىمىزگە بىر ئاپەت بولۇشىدىن ساقلىسۇن! ياخشى تېما!

yuksel يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 09:54:12

مەن تېخى يېقىندىلا مۇنداق بىر خەۋەرنى ئۇچراتقان ئىدىم. يەنى:

ئىچكىردىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ خىمىيە فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مەكتەپ ئەتراپىدىكى بىر ساماۋەر شورپىخانىسىدىن تاماق يېگەن باھانىدا، شۇ شورپخانىدىن كۈن ئاتىلاپ شورپا ئىچىپ تۇرمىسا، كۆڭلى ئۇنىمايدىغان بىر ھالغا كەلگەن، ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ بۇ ئورۇنغا ئالامەت ئامراقلىقىنى ھېس قىلىغان، تۇرۇپ بۇ يەردە بىر بىنورماللىق بارلىقىنى پەملىگەن، شۇنىڭ ساماۋەرخانىنىڭ شورپىسى ۋە بەزى خۇرۇچلىرىنى ئوغۇرلۇقچە خالتىغا قاچىلاپ ئېلىۋىلىپ، مەكتەپ تەجرىبىخانىسىدا سىنتىزلەپ چىققان، نەتىجىدە، تەركىبىدىن ئىنتايىن ئاز مىقداردا ئەپيۇن چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ خەۋەرنى تاراتقۇلار ئارقىلىق جەمئىيەتكەن ئاشكارا قىلغان.

ئىشقىلىپ، ئاجايىپ بىز زاماندا، ئاجايىپ بىر ئىنسانلار بىلەن بىرگە ياشاۋاتىمىز ...

kuwruk يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 11:09:39

غۇلجا شەھرىدىمۇ چايخانىلار ئىچىلۋاتىدۇ ئۇرۇمچىكىلەرنى دوراپ. بىر چەينەك سىنچاينى 120سومغا ئىچىمىز دەيدا شەھەرلىكلەر 120سومغا پاخلان گوشى ئىلىپ شۇرپىسىنى ئىچمەمدۇ ۋۇي،،،چاينىڭ قىممەتلىدە ئالدۇرماي يالغاندىن پوۋلەپ قانغۇدەك غەيۋەت قىلار بەلكىم... \"\"

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 16:42:40

4- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى، ناھايتى مۇھىم بولغان بىر مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. كۆكنار دىگەننى مەن ئەپيۇن گۈلى دەپلا چۈشىنىپ كەلگەن ئىدىم، بۇ ئىسىمنىڭمۇ بارلىقىنى سىزدىن بىلىۋالدىم، رەھمەت.



ئەپىيۇن تەركىبىدىكى ئاساسلىق تەسىر قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددا مورفىن بولۇپ، بۇ كوكايىن قاتارلىق كۈچلۈك خۇمار قىلغۇچى زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئوخشاش. پەقەت ئەپىيۇن تەركىبدىكى مورفىن ساپ بولمىغاچقا باشقا خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەردەك كۈچلۈك خۇمار قىلىش خۇسۇسىيىتى سەل تۆۋەنرەك، لىكىن يەنىلا خۇمار قىلىدىغىنى ئېنىق. چاي ئىچتىم دەپ ئۆزى بىلىپ بىلمەي زەھەر ئىستىمال قىلىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى توسۇۋىلىشىمىز كىرەك، بولۇپمۇ چايخانا خوجايىنلىرى پۇلنى كۆزلەپ بۇنداق مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان بولسا بۇنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ چايخانا مەدەنيىتىمىزنى خاراپلىشىشقا باشلايدۇ، شۇڭا ئەگەر ئېنىق دەللىل ئىسپات بولسا، بۇنداق قىلمىشلارنى ئامال قىلىپ توسۇش لازىم.



لىكىن ئۇلار كۆكنار غوزىكىنى نەدىن تاپىدۇ؟ ئەپيۇن تىرىش چەكلەنگەن تۇرسا، دىمەك بۇ بىر قاتار ئىشلار قانۇندىن سىرىت ئىلىپ بىرىلۋاتقان ئوخشىمامدۇ؟

   ئەسسالام بىلگەجان  كۆكنار غۇزىكىنى تېپىش تەس ئەمەس مىلى تىبابەتچىلەردە بار ،لىكىن يالغۇز سېتىۋالغىلى بولمايدۇ .


مەن كىچىكىمدە بىر خەنزۇ قوشنىمىزنىڭ ھۇيلىسىغا تېرىغىنىنى كۆرگەن ،ئۇرۇقىنى دورابولغاچقا يەپ باققان (ئېغىزىدىن شامال چىققاندەك تۇيىلىدىكەن )، نەمكەش ،ئازراق سۇغۇق (سايە يەر دىمەكچى )يەر گەتېرىغىلى بۇلىدۇ دىگەن ئۇخەنزۇ .(لىكىن20يىللار ئاۋال ئۆلدى دەپ ئالىغان ).


   ئۇھەم كەندىردەك بەك كۈچلۈك  پۇراقلىقمۇ ئەمەسكەن .كۆكتات پارنىكلىرىدا تېرىپ تۇتۇلۇپ قالغاننىمۇ ئاڭلىغان .چەترەك يەرلەرگە تېرىغان لار دىن ،ھايانكەش مىللى تىبابەت دوراچىلاردىنمۇ تاپقىلى بۇلىدىغاندۇ.

hebib يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 17:08:52

راڭپىزىغا ئىشلىتىدىغان ياغمۇچنىڭ تەركىبىدىمۇ بار. شۇڭا بەزىلەر يەپ تويمايدۇ.

kukhelal يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 17:23:20

3- قەۋەتتىكى esma0999نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ھىلىقى غەرپچە تاماقخانە، چايخانىلاردىكى چىلىمنىڭ تەركىۋى نىمە ؟ ئاياللارمۇ چەكسە بولامدۇ؟ (بىر ئايال دوستۇم ئارلاپ چىكىپ كىلىمەن دىگنتى بەكلا ھەيران قالدىم)



ئۆز گۇناھىنى باشقىلارغا ئارتىش گۇناھ خانىم.

Birzat يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 08:07:48

4- قەۋەتتىكى bilgejanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بىرزات ئەپەندى، ناھايتى مۇھىم بولغان بىر مەسلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. كۆكنار دىگەننى مەن ئەپيۇن گۈلى دەپلا چۈشىنىپ كەلگەن ئىدىم، بۇ ئىسىمنىڭمۇ بارلىقىنى سىزدىن بىلىۋالدىم، رەھمەت.



ئەپىيۇن تەركىبىدىكى ئاساسلىق تەسىر قىلغۇچى خېمىيىلىك ماددا مورفىن بولۇپ، بۇ كوكايىن قاتارلىق كۈچلۈك خۇمار قىلغۇچى زەھەرلىك دورىلار بىلەن ئوخشاش. پەقەت ئەپىيۇن تەركىبدىكى مورفىن ساپ بولمىغاچقا باشقا خىروئىن، كوكايىن قاتارلىق زەھەرلىك چېكىملىكلەردەك كۈچلۈك خۇمار قىلىش خۇسۇسىيىتى سەل تۆۋەنرەك، لىكىن يەنىلا خۇمار قىلىدىغىنى ئېنىق. چاي ئىچتىم دەپ ئۆزى بىلىپ بىلمەي زەھەر ئىستىمال قىلىپ ھاياتىنى نابۇت قىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى توسۇۋىلىشىمىز كىرەك، بولۇپمۇ چايخانا خوجايىنلىرى پۇلنى كۆزلەپ بۇنداق مەسئۇليەتسىزلىك قىلغان بولسا بۇنى ھەرگىز كەچۈرگىلى بولمايدۇ. بۇ چايخانا مەدەنيىتىمىزنى خاراپلىشىشقا باشلايدۇ، شۇڭا ئەگەر ئېنىق دەللىل ئىسپات بولسا، بۇنداق قىلمىشلارنى ئامال قىلىپ توسۇش لازىم.






ۋەئەيكۇم ئەسسالام.

Dilruba يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 09:16:41

چايخانىلاردا ئوچۇق- ئاشكارا بۇنداق چاي سېتىش قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنغۇ ئۇنداقتا. ساقچى يىغىشتۇرسا بولغۇدەك.

tilmix يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 19:00:24

مەرۋايىت چاي ......................

ئىسمى پەچەتكەن

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 20:53:35

تەشەككۈر!

patrol يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 21:18:29

14- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چايخانىلاردا ئوچۇق- ئاشكارا بۇنداق چاي سېتىش قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنغۇ ئۇنداقتا. ساقچى يىغىشتۇرسا بولغۇدەك.

قانۇن بار، ئەمما ئۇيغۇرلارنى بۇزۇقچىلىقتىن توس دەيدىغان سىياسەت يوق. مۇنداقچە ئيتقاندا ئۇيغۇرنىڭ بۇزۇلىشىغا سىياسەت كەڭرى...

tawlan يوللانغان ۋاقتى 2013-6-4 19:57:43

14- قەۋەتتىكى Dilrubaنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

چايخانىلاردا ئوچۇق- ئاشكارا بۇنداق چاي سېتىش قانۇنغا خىلاپ ئىش ئىكەنغۇ ئۇنداقتا. ساقچى يىغىشتۇرسا بولغۇدەك.

ئەپيۈن غوزىكىنى دورا- دەرمەكچىلەر ئاشكارا ساتىدۇ.


لەڭپۇ، راڭپىزا خۇرۇچلىرىغىمۇ ئەپيۈن غوزىكىنى ئىشلىتىپ تەم تەڭشەيدىغانلارنىمۇ ئۇچرىتىش مۇمكىن.


چايخانىلارنىڭو كۆپىنچىسىدە زەپەدە تەڭشەيدىغۇ دەيمەن.

بەت: [1]
: كۆكنار غوزىسىدا چاي دەملەپ ئىچەمسىلەر؟