irpan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 15:01:46

بىزدىكى ئۈچ غەلەت[كۆچۈرۈلمە]

(دىلئارام قۇربان
ئايتۈرك)



   جوڭگۇ پەنلەر
ئاكادېمىيىسى پىخسولوگىيە تەتقىقات ئىنستىتوتىدىكى ئاسپىرانتلىق ئوقۇشۇمنى
تاماملاپ،تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرتۇم ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگىنىمگىمۇ بىر نەچچە ئاي
بوپقالدى.بۇ جەرياندا ساۋاقداش دوست-يارەنلەر،ئۇرۇق تۇغقان،قوشنا-قۇلۇملار بىلەن
كەڭ ئۇچراشتىم،ھال-مۇڭ بولدۇم.

قىزغىن،قايناق ھايات يەنە شۇ ئۆزگىچىلىكى بىلەن
داۋام قىلماقتا ئىدى.نەچچە يىل باشقا مەدەنىيەت توپلىرى بىلەن كۆپرەك ئۇچراشقان ھەم
ئوقۇش -تەتقىقات ئېلىپ كەلگەن ئۇچۇر-بىلىم ئىمكانى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بىلەن تولىمۇ
ئالدىراش يۈرگەچكىمۇ،بۇ بىر نەچچە ئايلىق ئۆز مەدەنىيەت تەۋەلىكىگە قايتىش مەندە
خېلى كۆپ ئويلىنىش پەيدا قىلدى.نۇرغۇن ئادەت،پىكىر-قاراش،مەسىلە-خاھىشقا باشقىدىن
قاراشقا،يېڭىدىن باھا بېرىشكە،ھەتتا بەزىلىرى ھەققىدە ئەستايىدىل ئويلىنىشقا مەجبۇر
بولدۇم.ئېچىۋىتىلگەن ئاڭ ئەسلىدىمۇ ئەقىل سۈزگۈچنىڭ بوش،ئاراچلىرىنىڭ كەڭ بۇلۇشىدا
ئەمەس،بەلكى ھىم،پۇختىلىقىدا ئىدى.ۋە ھالەنكى ئەقىل بىلەن باققانسىرى
ئارىمىزدا،بۇلۇپمۇ مەن بىلەن تەڭ دېمەتلىكلەر ئارىسىدا ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتقان
مۇنداق بىر قانچە مەسىلەبەكرەك دېققىتىمنى تارتتى.بۇلار جەمىيتىمىزدە ياشاۋاتقۇچى
ھەربىر شەخسكە مۇناسىۋەتلىك مەسىللەردىن ئىدى.يەنە كېلىپ دەلىل بىلەن تۇرغۇزۇلىشى
كېرەك بولغان بۇ قاراش -ئادەتلەر ساپلا ئاساسسىز غەلەت پەتىۋالىرىنىڭ دۆۋىسىدە
قالغان،بەزىلەر خاتا يۆنىلىشتە كېتىۋاتقانىدى.ئەلۋەتتە،ئادەمنىڭ تەقدىرىگە، جېنىغا
بېرىپ تاقىلىدىغان بۇ مەسىللەرگە سەل قاراشقا بولمايتى.شۇڭا،بۇ ھەقتە ئاز-تولا
ئىزدىنىپ،ئىزدەنگەنلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئۆز بۇرچۇم دەپ
بىلدىم.

    بۇ ھادىسە-مەسىللەرنىڭ بىرىنچىسى-قورساقتىكى بالىنى ئوپېراتسىيە
قىلىپ بالىنى ئېلىش ياكى ئۆزى تۇغۇش مەسىلسى ئىدى.

    بالىنى ئوپىراتسىيە
قىلىپ ئېلىش-قورساق(بالىياتقۇ)نى يېرىپ بالىنى ئېلىش ئوپېراتسىيىسى
ئېنگىلىزچەCaesarean Sectionدەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ئېنگىلىزچە ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىش
تارىخىنى سۈرۈشتۈرسەك،گەپنى يەنىلا قەدىمىي رىم پادىشاھى،قەيسەر ئېمپىرىيىسىنىڭ
قۇرغۇچىسى قەيسەرJulius Caesar)دىن باشلاشقا توغرا كېلىدۇ.رىۋايەت قىلىنىشچە،قەيسەر
ئانىسىنىڭ قورسىقىدىن يېرىپ ئېلىنغانىكەن.يەنە قەدىمقى رىم دۆلىتىنىڭ قانۇنى(Lex
Rogis)دا ئەگەر ھامىلدار ئايال ئۆلۈپ كەتسە،چوقۇم قورسىقىنى يېرىپ بالىنى
ئېلىپ،ئانا ۋە بالىنى ئايرىم-ئايرىم دەپنە قىلىش كېرەك،دەپ بەلگىلەنگەنىكەن.بۇ(Lex
Cesare)،يەنە قەيسەر قانۇنى دەپ ئاتىلىدىكەن.ئەرەب تىلىدىمۇ ئوپېراتسىيە ئارقىلىق
تۇغۇتتىن بوشىنىشنى ‹‹ئەمەلىيەت قەيسەرىيە››،يەنى‹‹قەيسەر ئوپىراتسىيىسى››دەپ
ئاتايدىكەن.يەنە فىرانسۇز،رۇس،گىرمان تىللىرىدا جۈملىدىن تۈركىيەدىمۇ مۇشۇنداق
ئاتايدىكەن.دېمەك،تېببىي كەسپىي ئاتالغۇنىڭ كېلىپ چىقىشى قەيسەر ئىسىملىك رىم
پادىشاھى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.مەن بۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقىنىمدا،بۇ خىل
ئوپىراتسىيىنى خېلى كۆپ قېرىندىشىمىزنىڭ خەنزۇچە‹‹پاۋفۇچەن(刨腹产)ياكى(刨宫产)››دېگەن
قىسقا ئاتالغۇ بىلەن ئاتايدىغاننى ئاڭلىدىم.مېنىڭچە،بۇخىل ئوپراتسىيىنى خەلقئارالىق
ئۆلچەملەشكەن ئاتالغۇ بويىنچە‹‹قەيسەر ئوپراتسىيىسى››دەپ ئالساق ئوبرازلىق ۋە تىلغا
يېقىملىق بولامدىكىن دەيمەن.خوش،ئۇنداقتامەن مەن بۇ ئوپراتسىيىنى قەيسەر
ئوپراتسىيىسى دەپ گېپىمنى باشلاۋىرەي. 9

   جوڭگۇدا 1970-يىللاردىن بۇرۇن
قەيسەر ئوپراتسىيىسى نىسبىتى %5-%7ئەتراپىدا بولغان بولسا،1980-يىللاردىن كېيىن
ناھايىتى تېز ئۆرلەپ 2   

30%كىچە يەتكەن،ھازىر بولسا جوڭگۇدىكى دوختۇرخانىلاردا
قەيسەر ئوپراتسىيىسى نىسبىتى%30-%50كىچە يەتكەن.ئۈرۈمچىدىكى بەش چوڭ دوختۇرخانىنىڭ
سىتاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا،%50دىن ئارتۇق ئايال بالىنى قەيسەر ئوپېراتسىيىسى
ئارقىلىق ئېلىشنى تاللىغان.بىز بۇنى ئامىركىدىكى %20-%25،ياپۇنىيىدىكى%8كە
سېلىشتۇرغىنىمىزدا ئارىدا ناھايىتى چوڭ پەرق كېلىپ چىقىدۇ،ھەتتا خەلقئارا سەھىيە
تەشكىلاتى بەلگىلىگەن %10-%15لىك ئۆلچەمدىنمۇ ئېشىپ كېتىدۇ.بىزنىڭ ئاياللىرىمىز
ھەقىقەتەن‹‹قەيسەر››لىشىپ كەتتىمىكىنە؟

    نورمال ئەھۋال ئاستىدا،بەدىنى
ساغلام،يېشى چوڭ بولمىسىلا،بالا ئاي-كۈنىگە توشقاندا،%90ئايال ئۆزى
تۇغالايدۇ.ئەمىسە نېمە ئۈچۈن شۇنچە جىق ئايال قەيسەر ئوپېراتسىيىنى تاللايدۇ؟نەچچە
ئايلىق كۆزىتىش،سىردىشىش،ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا ھېس قىلىشىمچە،ئايالارنىڭ قەيسەر
ئوپراتسىيىسى قارارىنى چىقىرىشقا تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە قاراش سەۋەب بولغان.   

   1.قەيسەر ئوپراتسىيىسى قىلدۇرغان ئايللارنىڭ فىگۇرىسى بۇزۇلماسمىش.بۇ نەدىن
كەلگەن ئىلمىي قاراش،پاكىتلىق خۇلاسە،تەجرىبە دەلىلكى،بىلمىدىم.ئەمەلىيەتتە،بالىنى
ئۆزى تۇغقاندا ئوپراتسىيە قىلىنغانغا قارىغاندا سالامەتلىك تېز ئەسلىگە
كېلىدۇ.تۇغقان كۈندىن باشلاپ ھەرىكەت قىلىش تامامەن مۇمكىن.ئوپراتسىيە
قىلىنسا،ئۇزاق ۋاقىت ھەرىكەتتىن قىلماي كارىۋاتتا يېتىپ كۈتۈنۈشكە توغرا
كېلىدۇ-دە،ئاسانلا سەمرىپ كېتىدىغان گەپ.يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا،مەيلى چوڭ
ياكى كىچىك بولسۇن،تىغ تەگگەن بەدەن ھامان ئاجىزلايدۇ.ساق تەننى ئوپېراتسىيە قىلىپ
كېسىپ ئۆزگەرتىش،گۈزەللىك ئىزدەش زامانىمىز ئاياللىرىدىكى غەيرىي ئېستېتىك
يۈزلىنىشتۇر.ئەمما،تۈپ نېگىزىدىن ئېيتقاندا،بەدەننىڭ نورمال نورمال فىزىئولوگىيىلىك
قانۇنىيىتىنى بۇزۇش بەدىلىگە ئېلىپ بارىدىغان ئۆزگەرتىش بۇلۇپ،بەدەننىڭ
شەكىل-ئىقتىدارىنى تېخىمۇ تېز كاردىن چىقىرىدۇ.يەنە تېخى بەزىلەرنىڭ
دېيىشىچە،ئوپېراتسىيە قىلدۇرغاندا ئاياللارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك تۈزۈلىشى
بۇزۇلماي،تۇغمىغان ئاياللار بىلەن ئوخشاش ھالاتتە ساقلىنارمىش ۋە ئەرلىرىنىڭ تالاغا
قاراپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولارمىش.توۋا دەيمەن،نەدىن تاپتى بۇ خەق مۇنداق
بىمەنە گەپنى.سىز ھامىلدار بولدىڭىزمۇ،ھامىلە يېتىلىپ،تۇغۇلغىچە بولغان ئارىلىقتا
سىزنىڭ ھورمۇنلىرىڭىز ھامىلدار ئايالغا خاس كۆپىيىپ،ئۇستىخان،مۇسكۇللىرىڭىز تۇغۇشقا
لايىق بۇلۇپ يۇمشاپ،ئۆزگىرىپ بولىدۇ.تەبىئىي تۇغۇت ئارقىلىقلا يۇمشىغان
ئۇستىخانلىرىڭىز جايىغا چۈشۈپ،ئەسلىڭىزگە تېز قايتالايسىز.يەنە كېلىپ ئېرىڭىزنىڭ
ساداقىتىنىڭ سىزنىڭ تۇغۇش-تۇغماسلىقىڭىز بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى؟بۇزۇلىدىغان ئەر سىز
تۇغمىسىڭىزمۇ ياكى قەيسەر ئوپىراتسىيىسى قىلدۇرۇپ ئۆزىڭىزنىڭ بەدەن شەكلىڭىزنى
تەڭداشسىز گۈزەل ھالدا ساقلاپ قالالىسىڭىزمۇ بۇزۇلىۋىرىدۇ.

سىز بەلكىم قەيسەر
ئوپېراتسىيىسىدىنمۇ ئاۋاللا ئېرىڭىزنى تارتىپ،نىكاھنى چىڭ باغلاپ تۇرىدىغان
ۋۇجۇدىڭىزدىكى تېخىمۇ قىممەتلىك نەرسىلەرنىمۇ تۇيدۇرماي يېرىپ ئالدۇرۇۋەتكەنسىز؟ۋە
ياكى ئېرىڭىزنىڭ ئەھدۇ-ئىمانىغا ئاللىقاچان دەز كەتكەندۇ!؟مەسىلىنىڭ
سەۋەب-نەتىجىسىنى ھادىسىۋى ئىشلاردىن ئەمەس،نېگىزىدىن ئىزدەڭكى،پەزىلەتلىك ئەر
ھېكمەت ئېگىسىنىڭ بۈيۈك قانۇنىيەتلىرىدىن بەڭۋاشلىق قىلىپ قاچماستىن،مۇرەببىگە
ئىخلاس بىلەن ئەگەشكەن مۇرۇۋۋەتلىك ئايالغا خىيانەتنى ھارام،گۇناھ،جىنايەت دەپ
بىلگۈسىدۇر ۋە ئۇنىڭغا،ئۇنىڭ تارتقان بېھىساب دەردۇ-جاپاسىغا مۇھەببەت قويغۇسى،ئۇنى
تېخىمۇ سۆيگۈسىدۇر.تۇغۇتتەك شۇ بىر ئۇلۇغ ئەجرى تۈپەيلى بولسىمۇ بارلىق
زىنايۇ-زالالەتتىن قو يېغىپ،دۇنياغا كەلگەن ئەزىز بوۋىقىغا پاكىز،روھىي ۋەتەن
راسلاشقا تۇتۇنغۇسىدۇر.ئاڭقاۋ بەندىلەرچۇ؟قاچىدۇ،بىر ئۇلۇغ،پاكىز ۋۇجۇد دۇنياغا
تۆرەلۋاتسىمۇ ئۆز ئۇيۇنىنى ئويناۋىرىدۇ،ئاينېۋىرىدۇ....سىزنىڭ قەيسەر ئوپراتسىيىسى
قىلدۇرىشىڭىز ئۇنى بۇزۇلۇشتىن ساقلاپ قالالىسا -ھە

   2.ئوپېراتسىيە ئارقىلىق
ئېلىنغان بالا ئەقىللىق،ساغلام بولارمىش.ئۇلارچە،قاتتىق تولغاق ئەزىز بالىنى قىيناپ
قويارمىش ۋە بۇ جەرياندىكى چىڭقىلىش،كۈچەش بالىنىڭ مېڭىسىنىڭ،ئەقلىي قابىلىيىتىنىڭ
نورمال تەرەقىياتىنى بەلگىلىك دەرىجىدە چەكلەپ قويارمىش.بۇ كۆز قاراشمۇ ئىلمىي
ئاساسى يوق جۆيلۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس،ئەلۋەتتە.چۈنكى،توققۇز ئاي قورساقتا،سۇنىڭ
ئىچىدە ياتقان بالا تەبىئىي تۇغۇلۇش جەريانىدىلا رىتىملىق بېسىم،تەبىي كۆنۈش
جەريانىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ،چوڭ مېڭىسى،ئۆپكىسى،يۈرىكى تېخىمۇ تەرەقىي قىلالايدۇ ۋە
ساغلام تۇغۇلىشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.تەتقىقاتلارنىڭ ئىسپاتلىنىشىچە،قاتتىق
تولغاق بالىياتقۇدا ئۇزۇن مەزگىل ياتقان بالىغا نىسبەتەن زۆرۈر سىناق بۇلۇپ،مۇشۇ
جەريان ئارقىلىقلا بالىنىڭ ئۆپكىسى،يۈرىكى،قول-پۇت مۇسكۇللىرى سىرتقى مۇھىتتا
ھەرىكەت قىلىشقا لايىقلىشىدىكەن،ئېممۇنېنىت كۈچى ئاشىدىكەن.پەي-مۇسكۇللىرى
چىڭىپ،پۇت-قولى تولغاق جەريانىدا قاتتىق ھەرىكەتلىنىپ،ئۈگە-بۇغۇملىرى جاي-جايىغا
چۈشۈپ تۇغۇلىدىكەن،ئوپېراتسىيە ئارقىلىق ئېلىنغاندا،بالا مۇنداق سىناق جەريانىنى
باشتىن كەچۈرمەستىنلا ئوڭايلا يەنە بىر دۇنياغا كۆز ئاچقاچقا،بۇ يېڭى ھاياتقا
ماسلىشىشى دەماللىققا تېز بولالمايدىكەن،ئىممۇنىتىت كۈچىمۇ نىسبەتەن ئاجىز
بوپقالىدىكەن.....

   3.قەيسەر ئوپېراتسىيىسى ئاددىي ئوپېراتسىيىكەن،ئاغرىقنى
ھېس قىلماي تۇغقىلى بولىدىكەن دەيدىغانلار.توغرا،مېدىتسىنا تەرەقىي قىلغان بۈگۈنكى
كۈندە بۇ ھەقىقەتەن ئاددىي ئوپېراتسىيە ھېسابلىندىغان بوپقالدى.ۋە ھالەنكى،تۇغۇت
ئالدىدىكى بىر ھامىلدار ئايال ناركۇزلىنىپ بېھۇش ھالغا ئەكېلىندىغان،قورساقتىكى
نەچچە قات تېرە-ماينى،ھەتتا بالىياتقىنىمۇ كېسىپ تىكىدىغان ئوپېراتسىيىنى ئاددىي
ئوپېراتسىيە دېيىش مۇمكىنمۇ؟ئوپېراتسىيىدە قان جىق چىقىپ كېتىدڭ.ئەجابا بۇ
ئاغرىق،ھەتتا جاننى ئالىقانغا ئېلىپ قۇيۇپ قىلىنىدىغان ناھايىتى چوڭ قاراملىق
ئەمەسمىكىن؟ )

   4.ھازىر بەزى ئانلار نەچچە سائەتكە سۇزۇلغان تولغاق
ئازابىدىن،دادىلار تىت-تىت بۇلۇپ كۈتۈشنىڭ جاپاسىدىن قېچىپلا قەيسەر
ئوپېراتسىيىسىنى تاللاۋاۋېتىپتۇ.ھەممە ئىشنىڭ ئاسىنىغا يۈگۈرۈۋەرمەيلى.ھاياتتىكى
مۇشۇنداق ئۇلۇغ مۆجىزىگە بولسىمۇ ساقلايلى،بەدەل تۆلەيلى.ھېچنىمىگە ئەرزىمەس تۇخۇ
تۈكى،سامساق شۈپۈكى ئىشلار ئۈچۈن كۈن-كۈنلەپ ساقلايمىز،نەدىكى ئەھمىيەتسىز ئىشلار
ئۈچۈنمۇ قاتمۇ-قات ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەشكە رازىمىزۇ،بىز جاننىڭ تەقدىرىگە
چىدىيالمايمىز،تاقەت قىلالمايمىز.ھەممىمىز مايسىنى تاتىپ تۇغدۇرماقچى بولىمىز.بۇ
قانداق مەنتىقە بوپكەتتىكىن ئەمدى؟

   5.تۇرمۇشىمىزنىڭ ھاللىنىشىغا
ئەگىشىپ،ھامىلىمۇ تېز يېتىلىدىغان،بوۋاقلارمۇ بۇرۇنقىدىن چوڭ،ئېغىر تۇغۇلىدىغان
بوپكەتتى.بىر قانچە دوستۇمنىڭ بوۋىقى تۆت كىلۇگىرامدىن ئېشىپ
تۇغۇلدى.مۇشۇنداق‹‹بودەك››بوۋاقلارمۇ ئانلارنىڭ قەيسەر ئوپېراتسىيىسىنى تاللىشىغا
سەۋەب بولماقتا.شۇڭا ئاياللار ھامىلدار ۋاقىتتا كۆپرەك ھەرىكەت قىلىپ،ئاز ئۇخلىشى
كېرەك،ئەلۋەتتە،تۇغۇتلۇق ئاياللارنىڭ داس سۆڭىكى ئالاھىدە كىچىك ياكى بىنورمال
بولسا،بالىياتقۇ يېرىلىپ كەتسە،تۇغۇت يولى بىنورمال ياكى ئۆسمە بولسا،ھامىلىنىڭ
ئورنى نورمال بولمىسا،ھامىلىنىڭ كىندىكى يۆگىشىپ قالسا،بالا ھەمرىھى چۈشۈپ
كەتسە،ھامىلە تۇنجۇقۇپ قالسا،تۇغۇت بەك قىيىن بوپكەتسە قەيسەر ئوپېراتسىيىسى ئەڭ
ياخشى تاللاشتۇر.قەيسەر ئوپېراتسىيىسى نۇرغۇن ئانا ۋە پەرزەنتنى بەزىدە ئەجەللىك
قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ كەلدى.لېكىن بۇنداق بىنورمال بۇلۇش نىسبىتى %10ئەتراپىدا
بۇلۇپ،يېرىمىدىن كۆپرەك بولغۇسى ئانىنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىپ قەيسەر
ئوپېراتسىيىنى تاللىشى ئاقىلانە ئىش ئەمەس.تۇغۇت جەريانىدا كۆرۈلىدىغان نۇرغۇن
تەسلىك،قىيىنچىلىقنى تۇغۇشتىن بۇرۇنلا بايقاش،ئالدىنى ئېلىش تامامەن
مۇمكىن.ئاياللار ھامىلدار ۋاقتىدا لايىقىدا ئۇزۇقلىنىپ،قەرەللىك تەكشۈرتۈپ،مۇۋاپىق
ھەرىكەت قىلىپ،ئۆزى تۇغۇشقا تەييارلىق كۆرگىنى ياخشى.

    تۇغۇتنى بېشىدىن
كەچۈرگەن ئانا بىر ئۆلۈپ تىرىلگەندەك بولىدۇ.ئايالنىڭ تۇغۇت ئازابىنى كۆرگەن ئەرمۇ
دەل شۇنداق.مانا بۇ ھاياتتىكى بىر سىناق.ئىرادىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتىدىغان،جاپالاردىن
قورقماس قىلىدىغان بىر سىناق.ھايات -ئۆلۈمھەققىدىكى ئۈزۈل-كېسىل قايتا ئويلىنىش
دەقىقىلىرىدۇر.

    تېخى تۈنۈگۈنكىدەكلا ئېسىمدە،شىئەن قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى
ئىنستىتۇتىنىڭ كلىنىكىلىك داۋالاش كەسپىدەئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تۆتىنچى
يىللىقتىن باشلاپ بىر دوختۇرخانىغا پراكتىكىغا چۈشتۇق.مېنىڭ تۇنجى بۆلۈنگىنىم تۇغۇت
بۆلۈمى بولدى.تۇنجى كىرگەن ئوپېراتسىيەم تۇغۇت ئوپېراتسىيەسى بولدى.تۇغۇت كارۋىتىدا
بىر ئايال -بولغۇسى ئانا ياتاتتى.مەن پەقەت دوختۇرلارغا ياردەملىشىپ،ئايالغا
ئوكسىگىن پۇرىتىپ،ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تەسەللى بېرىپ،رىغبەتلەندۈرەتتىم.باشتا ئانچە
جىددىيلەشمىگەندەك قىلغانىدىم.ئەستايىدىللىق بىلەن ھەممىنى كۆزىتىپ
تۇراتتىم.ئايالنىڭ تولغىقى كۈچەيگەنسىرى ۋە ۋاقىت ئۇزارغانسىرى جىددىيلەشكىنىمدىن
پۇت-قۇلۇمدا جان قالمىغىلى تۇردى.ئايال چىدىغۇسىز تولغاق ئازابىدا نەچچە سائەت
قەيسەرلەرچە كۈچىدى.ماڭا ئۇ ئايال بىر بالا ئەمەس،بىر پۈتۈن دۇنيانى تۇغۇۋاتقاندەك
تۇيۇلۇپ كەتتى.جىددىيلىشىشكە باشلىدىم.بالىنىڭ بېشى،ياق يەر شارىنىڭ بىر ئۇچى
كۆرۈندى.باش پاتماي چىقىش ئېغىزى ناركۇزسىز كېسىلدى.ئايال تۇغۇتنىڭ ئازابىدىن بۇ
كېسىلىشىنى سەزمىگەن ئىدى.جىرتىلداپ قان ئېتىلىپ چىقتى.مەن قان توختىتىش ئۈچۈن
قولۇمغا ئالغان داكىنى تۇتقان پېتى ئايلىنىپ كېتىپتىمەن.ئاپئاقلىق ئىچىدە،كۆزنى
چاققۇدەك يوپيۇرۇق بىر يەرنى كۆردۈم.قۇلىقىم چىڭقىلىپ چېچنىمىنى
ئاڭلىيالمىدىم،يىراقتىن تولىمۇ غۇۋا گۇدۇڭ-گۇدۇڭ كېلەتتى...خېلىدىن كېيىن سەل-پەل
ھۇشۇمغا كېلىپ،ئاستا-ئاستا كۆزۈمنى ئاچىتىم.دوختۇرلار سۆزلىشىۋاتاتى،بالىمۇ،ئانىمۇ
يىغلاۋاتاتتى،يېنىمدا سېستىرالار.بىرەرسى ماڭا سۇ ئىچكۈزىد.يەنە بىرسى:‹‹ئەتىگەن
ناشتا قىلمىغانمۇ؟ئوپېراتسىيەخانىدا ھاۋا يېتىشمەي قاپتۇ ساڭا،قاندىن
قوركىدىكەنسەن...››دېدى،ئۇلار مەن ھوشۇمدىن كەتكەندىن كېيىن مېنى ياندىكى ئۆيگە
ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويغانىكەن.

    دېرىزىنى ئېچىپ قۇيۇپتۇ.كۆپكۈك ئاسمان بېتى
كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ،ھايات نېمىدېگەن قەدىرلىك،دۇنيا نەقەدەر چىرايلىق،ئانلار نېمىدېگەن
ئۇلۇغ!مەنمۇ يېڭى رەت تۇغۇلغاندەك بولدۇم...بۇ مەن كۆرگەن تۇنجى ئوپېراتسىيە ۋە
مەڭگۈ ئېسىمدىن چىقمايدىغان ئوپېراتسىيە ئىدى.ئۇنىڭ بىخۇد روھىيىتىمگە ئېلىپ كەلگەن
زىلزىلىسىماڭا ئۆزۈمنى،ھاياتنى،ئانىنى،ئاتىنى،دۇنيانىڭ قىممىتىنى،شۇنداقلا
تەبىئەتنىڭ ئىلاھىي قانۇنىيىتىنىڭ ئۇلۇغ ھېكمىتىنى قايتىدىن تېخىمۇ ئېنىق
تۇنۇتقانىدى.

ئەمدى مەسىللەرنىڭ ئىككىنچىسىگە كېلەيلى:

   بالا
تۇغۇلدى،ئاتا-ئانىنىڭ يېڭى تۇغۇلغان پەرزەنت ئۈچۈن تۇنجى بۇلۇپ ئۆتەيدىغان
مەجبۇرىيىتى مەنىلىك ئىسىم قۇيۇش.ئېسىمدە قېلىشچە،تۇنۇشلىرىمىز بالىلىق ياكى
نەۋرىلىك بولسىلا دادامدىن ئىسىم تاللاپ بېرىشنى ئۆتىنەتتى.مەن بىلىدىغان،دادام
تاللاپ بەرگەن ھەم شۇ ئىسىم قۇيۇلغان بالىلارمۇ نەچچە ئوندىن ئاشتى.‹‹مال ئېگىسىنى
دورىمىسا ھارام››دېگەندەك،ھازىر دوستلىرىممۇ مەندىن ئىسىم سورايدىغان
بۇلۇشتى.بېيجىڭدىكى چېغىمدا بىر دوستۇم يېڭى تۇغۇلغان قىزىغا ئىسىم تېپىشىپ بەرسەڭ
دەپ تېلىفۇن قىپتۇ.مەن ئىنتېر تورىدىن ئىزدەپ،ئۇنىڭ ئىسمىغا يېقىن قىلىپ
ئۇيغۇرچە،تۈركچە،پارسچە،ئەرەبچە نۇرغۇن گۈزەل ئىسىمنى تېپىپ ئىزاھاتى بىلەن
ئەۋەتتىم.بىزنىڭ تىلىمىزدا كىرمە سۆزلەر بىر قەدەر كۆپ بولغاچقا،بۇ ئىسىملارنىڭ
ھەممىسىنى دېگۈدەك بىز چۈشىنەتتۇق.ئارىدىن يەنە ئۇزۇن ئۆتمەي يەنە بىر دوستۇمنىڭ
سىڭلىسى يەڭگىپتۇ.ئۇلارنىڭ ‹‹قۇرئان كەرىم››دىكى ئىسىملاردىن تاللاپ قويغۇسى بار
ئىكەن.‹‹قۇرئان كەرىم››دە ئىسمى زىكىر قىلىنغان ئاياللاردىن پەقەت ھەۋۋا
ئانىمىز،ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ ئايالى سارە،پىرئوننىڭ ئايالى ئاسىيە،شەباھ
پادىشاھلىقىنىڭ خانىشى بىلقىس،ئېيسا ئەلەيھىسالامنىڭ ئانىسى بۈۋىمەريەمدىن ئىبارەت
بەش ئايالنىڭ ئىسمى بار ئىكەن،قالغان ئاياللار تىلغا ئېلىنغان بىلەن ئىسمى
ئېيتىلمىغانىدى.ئۇنىڭ ئۈستىگە چوقۇم‹‹قورئان كەرىم››دە گۈزەل ئاڭلىنىدىغان ئىسىمگە
ئوخشاش سۆزلەر نۇرغۇن.لېكىن ئۇلار ئىسىم ئەمەس پېئىل،ئالماش،سۈپەت بۇلۇشى
مۇمكىن.مەنىسىنى بىلمەي تۇرۇپ پەرزەنتىگە ئىسىم قۇيۇش چوڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك
جۈملىسىدىن ئىدى.دوستۇم سىڭلىسىنىڭ قىزىغا ‹‹قورئان كەرىم››دىن تاللىغان ئىسىمنىڭ
مەنىسىنى مەندىن سوراپ تېلىفۇن قىپتۇ.ئۇلار سۈرە فاتىھەدىكى ‹‹لەزىنە››دېگەن سۆزنى
چىرايلىق ھېس قىلىپ ئىسىم قويماقچى ئىكەن.مەن ئىزدەپ كۆرسەم،بۇ سۆز
ئالماش،مەنىسى‹‹ئۇلار››ئىكەن،دىنىمىز مۇسۇلمانلار ئىسمىنىڭ گۈزەل بۇلۇشى ۋە
بالىلارغىمۇ گۈزەل ئىسىملارنى قۇيۇشنى تەكىتلەيدۇ.ئالللاھتىن باشقىغا قۇلچىلىقىنى
ئىپادىلەيدىغان ئىسىم،پەقەت ئاللاھقىلا خاس بولغان ئىسىم،كۇفرىلارغا خاس   
ئىسىم،شەيتان-ئىبلىسلارنىڭ ئىسمىنى قۇيۇش چەكلىنىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا مەنىسى كىشىنىڭ
كۆڭلىنى غەش قىلىدىغان،يېقىمسىز،يەنە كىشىنى ئالاھىدە جەلپ قىلىپ،تۇيغۇسىغا بىۋاستە
تەسىر قىلىدىغان(بۇلۇپمۇ قىزلار ئۈچۈن)،ئەخلاقسىز ئىنسانلارنىڭ ئىسمىنى دوراپ
قۇيۇش،يامان ئىش،زالىملارنىڭ ئىسمىنى دوراپ قۇيۇش،يىرگىنىچلىك ھايۋانلارنىڭ ئىسمىنى
قۇيۇش قاتارلىقلاردىن ساقلىنىش تەشەببۇس قىلىنىدۇ.بۇلار ئەلۋەتتە بالىنىڭ كېيىنكى
ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق بۇلۇپ،چىرايلىق ئىسىم كىشىنىڭ زوقىنى
قوزغايدۇ،بالىغىمۇ سۈلكەت،غۇرۇر بېغىشلايدۇ.   

   ھازىر كۆپ ئىشلىتىلىۋاتقان
كىشى ئىسىملىرىنىڭ ئىپتىدائىي دەۋردە ئەجدادلىرىمىز ئۇلۇغلاپ قويغان
ئىسىملاردا،ھايۋانلاردىن شىر،ئارسلان،يولۋاس،توغرۇل،مېتال ۋە جاۋاھىراتلاردىن
ئالماس،ئالتۇن،كۈمۈش،مەرۋايىت،گۆھەر،پولات،تۆمۈر،تەبىئەت ھادىسىسى،شەيئىلەرنىڭ
ئىسمىدىن يۇلتۇز،ئاي بىلەن تۈزۈلگەن ئىسىملار،ئىسلام دىنغا كىرگەندىن كېيىن
ئەرەب-پارس تىلىنىڭ تەسىرىدە قۇبۇل قىلغان ئىسىملاردىن
مۇھەممەد،ئەلى،فاتىمە،ئائىشە،ھاجەر ياكى گۈل،دىل،قەمەر بىلەن تۈزۈلگەن
ئىسىملار،بالىنىڭ ھايات قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ قويغان
توختى،تۇرغۇن،تۇرسۇن،تۇرغۇننىسا قاتارلىق ئىسىملار،يەر ئىسلاھاتى مەزگىلىرىدىن
قالغان تاڭنۇر،ئازاد،نىجاد،ئىنقىلاب مەزگىلىدىن قالغان
غالىب،ئىلغار،قەھرىمان،ئۇچقۇن،جۇشقۇن،چەتئەللىكلەردىن قۇبۇل قىلىنغان
تېلمان،زويا،كىلارە،يېڭى زاماندا مودا بۇلۇۋاتقان
گۈلفىرە،فىلۇرە،دىلفىرە،دىلرۇس،ئېرپان دېگەندەك ھەرخىل ئىسىم ئۇچرايدۇ.ئىسىم قۇيۇش
ئاتا-ئانىنىڭ دۇنيا قارىشى،ساپاسى،قىزىقىشى،خاھىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم
ئىش.ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن،مەنىسى چوڭقۇر،يېقىشلىق ئىسىملارنى قويسىڭىز،بۇ ئىسىم
بالىڭىزغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدۇ.ئىسىم تاللىغاندا فامىلە بىلەن
ماسلىشامدۇ،قېرىغاندا چاقىرىشقا لايىقمۇ؟ئەقىدە-ئادەتكە زىتمۇ-يوق؟مەنىسى
ياخشىمۇ؟دېگەندەك نۇرغۇن جەھەتتىن باش قاتۇرىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.مېنىڭ
يەكۈنۈم،ياشىغانىكەنمىز،ھاياتنىڭ ماھىيىتىنى بىلىپ ياشىشىمىز،ئىسىم
قويىدىكەنمىز،مەنىسىنى بىلىپ قۇيۇشىمىز كېرەك.

    بالىغا ئىسىم قۇيۇپ
بولدۇق.ئەمدىكى بىزنىڭ تەخىرسىز دېققىتىمىزنى تارتىۋاتقان ئىش-بالىنى ئەمدۈرۈش
مەسىلسىدۇر.

    ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەڭ
تەبىئىي-ساپ،كۈچلۈك ئۇزۇقلۇقى.قەيسەر ئوپېراتسىيىسىنىڭ كۆپىيىشىگە
ئەگىشىپ،ئوپېراتسىيە قىلدۇرغان نۇرغۇن ئايالنىڭ ئوغۇز سۈتى نورمال چىقمايۋاتىدۇ ھەم
ئانا سۈتىنىڭ مىقدارى ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.سەۋەبى،ئاياللار تۇغۇپ يېرىم سائەت ئىچىدە
ئەمدۈرسە،ئانىنىڭ سۈت ئاجرىتىش ئىنكاسىنى تېزلىتىپ،سۈت بەزلىرىنى يۇمشىتىپ،سۈتنىڭ
مول بۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.لېكىن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق تۇغۇلغان بوۋاق
يېرىم سائەت ئىچىدە ئانىنى ئىمەلمەيدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئانىنىڭ سۈت ئاجرىتىش ئىنكاسى
كېچىكىدۇ،ئاستىلايدۇ،ئازلايدۇ.ئوپېراتسىيە قىلىنماقچى بولغان ئايالنىڭ
ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇنقى ئۇزۇقلىقىغا چەك قۇيۇلغاچقا،بەدەندىكى ئۇزۇقلۇق
مىقدارىمۇ،نەتىجىدە سۈتمۇ ئاز بولىدۇ.ئاياللار ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغاندا
تەبىي بوشانغانغا قارىغاندا تۇغۇت سۈيلەش ھورمۇنلىرى ئاجرىلىپ چىقىرىلماي،سۈتنىڭ
ھاسىل بۇلۇشىمۇ ئاستا،ئاز بولىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئوپېراتسىيە ئارقىلىق بوشانغان
ئانىلاردا سۈت ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ.ياش ئانىلار يەنە فىگۇرىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن
ئەنسىرەپ،ياكى خىزمەت بېسىمى ۋە ياكى سۈتنىڭ ئازلىقىنى باھانە
قىلىپ،ئاۋارىچىلىقلاردىن قېچىپ بالىنى سۈتتىن بالدۇر ئايرىۋالماقتا.ھەتتا بەزىلەر
پەقەتلا ئەمدۈرمەي،سۈت پاراشۇگى بىلەن بالىنى بالىنى ئەي قىلماقتا.ئانىنىڭ سۈتىدە
بالا ئېھتىياجلىق بولغان ھەممە ئۇزۇقلۇق ماددا بار.ئانا سۈتىنىڭ بوۋاق بالىغا ھەزىم
قىلىنىشى،قۇبۇل قىلىنىشى ناھايىتى تېز،ئۈنۈملۈك.بۇنى ھەر قانداق بىر ئالىي سۈت
پاراشۇگى ياكى ئىنەك سۈتى،ئۇزۇقلۇق،دورا-يېمەكلىك تۇلۇقلاپ بولالمايدۇ.جەمىيتىمىزدە
سۈت پاراشۇگلىرىغا تايىنۋىلىش ناھايىتى كۈچلۈك بۇلۇۋاتقان،‹‹بوۋاقلار دائىم ئىچىپ
بەرسە كەلگۈسىدە دوكتۇر بوپكېتىدىكەن››سۈت پاراشۇك ئېلانلىرى مېدىيەلەرنى بىر
ئالغان مۇشۇ كۈندە بۇ ئىشلارنىڭ خۇلاسىسى ئاخىرى چىقتى.2008-يىلى 28-ئىيۇن ئازادلىق
ئارمىيە لەنجۇ دوختۇرخانىسىغا بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بىر بوۋاق ئېلىپ
كېلىندى.ئاتا-ئانىسىنىڭ دېيىشىچە،بوۋاق تۇغۇلغاندىن تارتىپ،50يىلدىن ئارتۇق تارىخقا
ئىگە،جوڭگۇنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا سانىلىدىغان داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتى،ئىشەنچىلىك
كارخانا شىجياجۇاڭ‹‹سەنلۇ››(ئۈچ مارال)گۇرۇھى ئىشلەپ چىقارغان‹‹سەنلۇ››بوۋاقلار سۈت
پاراشۇگىنى ئىچىپ كەلگەنىكەن.شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىش جىددىي قارىلىپ گەنسۇ ئۆلكىلىك
سەھىيە نازارىتى بۇ ھەقتە سەھىيە مىنىستىرلىكىگە دوكلات سۇنغان.ئارقىدىنلا
دۆلىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ئۆلكە-شەھەرلىرىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان بوۋاق بىمارلار
كۆپىيىشگە باشلىغان. 9

   2008-يىلى 11-سىنتەبىر سەھىيە مىنىستىرلىكى بايانات
ئېلان قىلىپ،كۆپلىگەن بوۋاقنىڭ ئوخشاش بىرخىل سۈت پاراشۇگىدىن،يەنى‹‹سەنلۇ››سۈت
پاراشۇگىدىن زەھەرلەنگەنلىكىنى،تەركىبىدە مىلامىن بارلىقىنى
ئاشكارىلىدى،ئارقىدىنلا‹‹سەنلۇ گۇرۇھى››مەسىلە بار سۈت پاراشوكلىرىنى قايتۇرۋىلىش
ئۇقتۇرىشى چىقاردى.ۋە ھالەنكى،بۇ چاغدا ئاللىقاچان مىلامىن ئېشىپ كەتكەن 700توننا
سۈت پاراشۇگى بازارنى قاپلاپ بولغانىدى

    2008-يىلى 17-سىنتەبىر رايۇنىمىزدا
شىنجاۇدا‹‹سەنلۇ››ماركىلىق سۈت پاراشۇگىدىن زەھەرلىنىپ بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بوۋاق
بىمارلار 86نەپەرگە يەتكەن،بىر بوۋاق ئۆلگەن،ئۇندىن كېيىن قانچىگە يەتتى؟مەلۇم
قىلمىغانلىرى قانچىلىك؟بۇ بىزگە قاراڭغۇ.

   1-مىسال:‹‹شىنجاڭ ياشىن
خەۋەرلەر تورى››13-سىنتەبىر خەۋىر   2008-يىلى 12-سىنتەبىر سائات 12دە مۇخبىر
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسىدا سەككىز ئايلىق ئوغۇلنىڭ
ئوپېراتسىيە قىلىنغان قورسىقىنى سىلاپ ئازابتا ئولتۇرغان كورلىلىق ئاتا ئابلىز
كېەمنى زىيارەت قىلىدۇ.ئابلىز كېرەم بۇ يىل مارتتىن باشلاپ ئانا سۈتىدىن ئايرىلغان
ئىككى ئايلىق ئوغلىغا‹‹سەنلۇ››سۈت پاراشۇگىنى بېرىپ كەلگەنىكەن.‹‹بۇ بىر كونا
،ئىشەنچىلىك ماركا،باھاسىمۇ مۇۋاپىق،شۇڭا،بىز بۇ سۈت پاراشۇگىغا ئىشەنگەن››دەيدۇ
ئاتا.1-سىنتەبىر ئابلىز كېرەم ئايالى ئىككىسى ئوغلىنىڭ قول-پۇتلىرىنىڭ ئىششىپ
كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال مەھەللىدىكى ئامبۇلاتىرىيەگە ئاپىرىدۇ.دوختۇر
ئۇلارنى دەرھال چوڭ دوختۇرخانىغا دەرھال بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.شۇ كېچىسى بالىسى يىغلاپ
پەقەت توختىمايدۇ.ئۇلار نېمە ئىش بولغىنىنى بىلەلمەي بالىنىڭ بېشىدا قاراپ ئولتۇرۇپ
ئۇنىڭ ئىككى كۈندىن بېرى كىچىك تەرەت قىلمىغىنىنى ھېس قىلىدۇ.‹‹ئىككى كۈن تەرەت
قىلمىسا،چوڭ ئادەملەر چىدىيالمايدىغان تۇرسا››.ئابلىز كېرەم ئۇھسىنىپ مۇخبىرغا
شۇنداق دېدى.2-سىنتەبىر ئەتىگەندە ئۇلار بالىنى كورلا شەھىرىدىكى چوڭ دوختۇرخانىغا
ئاپىرىدۇ.ئۇلار كېسەللىكنى تاپالماي،3-سىنتەبىر بالىنى بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق
دوختۇرخانىغا يۆتكەيدۇ.‹‹بالاڭلارنىڭ بۆرىكىگە تاش چۈشۈپتۇ،جىددىي خارەكتىرلىك
بۆرەك زەئىپلىشىپتۇ،دەرھال ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ ئوپېراتسىيە قىلمىسا
خەتەرلىك...››دوختۇر تەكشۈرۈپ،كەسكىن قارار چىقىرىپتۇ.ئابلىز كېرەم ئەر-ئايال بۇ
خەۋەرنى ئاڭلاپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپتۇ ۋە دەرھال بىر تاكسى تۇسۇپ،ئۈرۈمچىگە يول
ئاپتۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلق دوختۇرخانىسى سۈيدۈك كېسەللىگى
بۆلۈمىنىڭ دوختۇرى گوفىڭ شۇ ۋاقىتنى ئەسلەپ مۇنداق دەيدۇ:بالا ئەكېلىنغان چاغدا بىر
جۈپ بۆرىكىگە تاش چۈشۈش سەۋەبىدىن ناھايىتى ئاجىزلاپ كەتكەن،ئەھۋالى تولىمۇ ئېغىر
بۇلۇپ،شۇ كۈنىلا سۈيدۈكنەيچىسى ئورنىتىش ئوپېراتسىيەسى قىلىپ سۈيدۈكنى
ماڭغۇزدۇق.ئەتىسى ئىككىنچى قېتىمئوپېراتسىيە قىلىپ تاشنى ئالدۇق.ئۇلار شۇندىن
كېيىن‹‹سەنلۇ››سۈت پارشوكى ۋەقەسىنى ئاڭلىغان ۋە بالىنىڭ كېسىلىنى سۈت پاراشوگىدىن
بولدى،دەپ گۇمانلىنىپ،بۆرەكتىن چىققان تاشنى تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ بەرگەن.ھازىر بۇ
بوۋاق ساقايدى.لېكىن،ئەمدىلا سەككىز ئايلىق بولغان بوۋاقنىڭ تىغ تەگكەن تېنى ۋە
بۆرىكىنى نېمە دەيمىز؟ئاتا-ئانىسىنىڭ بىھۇدە چەككەن ئازار-رىيازىتىنىچۇ؟...بۇ يەردە
ئانا مەسئۇلىيىتى بىلەن تىجارەت مەسئۇلىيىتىنىڭ خىيانىتىگە قۇربان بوپكەتكەن
تالايلىغان بوۋاقنىڭ ئاچچىق قىسمىتى بار،ئەلۋەتتە.

   2-مىسال:2008-يىلى
11-نويابىر لوپ ناھىيىسىدىن كەلگەن ئەمدىلا يەتتە ئايلىق بولغان بوۋاق مۇرادىلنىڭ
بۆرىكىدىكى تاش پۈتۈن بۆرەكنىڭ 4تىن بىر قىسمىنى ئىگىلەپ كەتكەن.دوختۇرلار خەتەرگە
قارىمايمۇرادىلنىڭ بۆرىكىنى تېشىپ،تاشنى ئېزىپ چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيىسى قىلغان.بەختكە
يارىشا ئوپېراتسىيە ئوڭۇشلۇق بۇلۇپ،دۆلىتىمىزدىكى ‹‹سەنلۇ››سۈت پاراشۇگى ۋەقەسىدىكى
بۆرىكىگە تاش چۈشكەن بوۋاقلارئىچىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك،چۈشۈرۈلگەن تاش ئەڭ چوڭ
بوۋاق ھېسابلانغان.بۇ بوۋاققا‹‹سەنلۇ››سۈت پاراشۇگى ئىچۈرىۋاتقىلى ئۈچ ئايدىن
ئېشىپتىكەن.

   سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ 2008-يىل1-دىكابىر چىقارغان دوكلاتىدا
دۆلىتىمىزدە ‹‹سەنلۇ››سۈت پاراشۇگىنى ئىچىپ،مەسىلە كۆرۈلگەن بوۋاقلار290مىڭغا
يەتكەن.

شۇنچە بالانى تېرىغان50يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە
داڭلىق‹‹سەنلۇ››گۇرۇھى 2008-يىل 23-دېكابىر ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى.بۇ سۈت
پاراشۇگىدىن زەھەرلەنگەن بوۋاقلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى گەرچە تۆلەمگە
ئېرىشكەن بولسىمۇ،ئاتا-ئانىلارنىڭ زېدە بولغان يۈرىكى،بوۋاقلارنىڭ شىكەستىلەنگەن
يۇمران تېنى ئالدىدا ئۇ ئىككى توك-توك پۇل ئەرزىمەس بىر تۇتام
قەغەز،ئەلۋەتتە.ھەرقانداق بىر ئىشنىڭ ياخشى-يامان ئىككى تەرىپى بار.سۈت پاراشۇگىنىڭ
ھەممىسىدىلا مەسىلىمۇ ھەم كۆرۈلمەيدۇ.يۇقۇرىقىسى بىر تاسادىبىي ۋەقە.لېكىن مەيلى بۇ
ۋەقە چىققان-چىقمىغان بولسۇن،ھەر قانداق بىر سۈت پاراشوگىنىڭ ئانا سۈتىگە يېتىشى
ئەسلامۇمكىن ئەمەس.ئانىنىڭ كۆكسىدىن جىرغىپ-جىرغىپ ئېتىلىپ چىقىدىغىنى يالغۇز مول
ئۇزۇقلۇق،يوقۇرى قۇۋەتلا ئەمەس ۋە يەنە جاھاننىڭ ھېچقانداق يېرىدىن تېپىلماس
مېھىر-مۇھەببەتتۇر.ئىككى قۇشۇق پاراشۇكتىن مۇنداق ئۇلۇغ مېھىر ئېقىنى ھەرگىز
چىقمايدۇ،بالىنى ئېمىتىش بالا بىلەن ئانا ئوتتۇرسىدىكى مېھىرنى
چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان،ئانىنىڭ ئوماق پەرزەنتىنىڭ ئېھتىياجى،خۇي-پەيلىنى چۈشىنىشكە
ياردەم بېرىدىغان بىر ئۇلۇغ ئەمگەك.ئۇ ئانا بىلەن پەرزەنتنىڭ روھ ۋە تەن جەھەتتىىن
بىرىكىشى،ئانىلارنىڭ ئانىلىق جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدىغان خىسلەتلىك
جەرياندۇر.

   دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسىدە،ئانا
بوۋىقىنى ئەڭ ئاز دېگەندە ئالتە ئاي ئېمىتىشى كېرەك،دەپ ئەسكەرتىلگەن.چۈنكى بالىغا
كېرەكلىك ئۇزۇقلۇق ئېلىمىنتلىرى ئانا سۈتىدە ئەڭ مول.ئانا سۈتىدە كىرگەن قۇۋەت
بالىغا تېز قۇبۇل قىلىنىدۇ.سىز بالىغا ھەر قانچە قۇۋەتلىك پاراشۇك،ئەلا
سۈپەتلىك،قىممەت باھالىق دورا،يېمەكلىكلەرنى ئېلىپ يېگىزدۈم دېگىنىڭىز بىلەن ،لېكىن
بوۋاقنىڭ ھەزىم قىلىشى ۋە ئۇزۇقلۇقنى قۇبۇل قىلىش ئىقتىدارى تېخى تۇلۇق يېتىلمىگەن
بولغاچقا،دەماللىققا قۇبۇل قىلىپ كېتەلمەيدۇ،ھەتتا ئۇنىڭ ئاشقازىنىنى زەھەرلىشىمۇ
مۇمكىن.ئانا سۈتىگە ماسلاشتۇرۇپ بەزى-بەزىدە سۈت پاراشوكلىرىنى بېرىپ تۇرسا
ئۇنچىۋالا چوڭ تەسىر كۆرسىتىپ كەتمەس.لېكىن ئانا سۈتىنى پۈتۈنلەي توختىتىپ بالىنى
پاراشوكقا تاشلاپ قۇيۇش -بالىغا قىلىنغان ئۇۋال-خورلۇقتۇر.باللىرىمىزدا
كۆرۈلىۋاتقان كالتىسىي،ۋىتامىن،قۇۋەت كەملىكىگە دائىر دادلاشلارنى ھەر يەردە
ئاڭلايمىز:ھەممىسى ۋاي ئۇنى ئېلىپ بەردۇق،مۇنداق قۇۋەتلىك يېگىزسەكمۇ يەنە نېمە
كەملىك بۇ...دېيىشىدۇ.ۋە ھالەنكى،ھەممىسى ئەڭ دەسلىپىدە ئەڭ زۆرۈر ئۇل-يىلتىز سۈپەت
قۇۋەتنى جايىدا بېرەلمىگەنلىكىنى،بالىسىنى جايىدا،تۇلۇق ئېمىتمىگەنلىكىنى ئەسلەپ
قۇيۇشمايدۇ.شۇنداق گەپ،بوۋاقلىقىدا ئانا سۈتى ئارقىلىقلا تۇلۇقلىنىدىغان زۆرۈر
قۇۋەت جايىدا تۇلۇقلامىسا،ئۇنى كېيىنچە باشقا قۇشۇمچە نەرسىلەر ئارقىلىق
تۇلۇقلايمەن دەپمۇ تۇلۇقلاش بەسىي مۈشكۈلدۇر.ئاقىۋىتىدە ئۇۋالدا قالىدىغىنى
بالا.راست،بالىلا ئەمەس.جازاسى ئانىغىمۇھەم بار،ئېمىتسىچۇ؟پايدىسىمۇ تېز ھەم
قوشتۇر.   

بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن ئەي قىلىشنىڭ بوۋاققىلا پايدىسى
بوپقالماي،يەنە ئانىغىمۇ پايدىلىق.تۇغۇتلۇق ئايال بالىنى ئەمدۈرگەندە
بالىياتقۇسىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى تېز بولىدۇ،بۇنىڭ ئاياللار فىگۇرىسىنىڭ تېز ئەسلىگە
كېلىشىگە پايدىسى بولىدۇ.ئۇنىڭدىن سىرت ئەڭ مۇھىم بولغىنى،بالىنى تۇلۇق ئېمىتىش
ئاياللارنىڭ جېنىغا تاقىلىدىغان ئەشەددىي دۈشمىنى-سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار
بۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.تەتقىقاتلاردىن مەلۇم
بۇلۇشىچە،بالىنى ئېمىتىش ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا
گىرىپتار بۇلۇش -بولماسلىق نىسبىتىگە تەسىر قىلىدىغان مۇھىم ئامىل ئىكەن.ھەتتا بۇ
ئامىل ئىرسىيەت ئامىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىكەن.بالىنى ئالتە ئايدىن ئارتۇق
ئەمدۈرگەندە،ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش
نىسبىتى%5تۆۋەنلەيدىكەن.ئوكىسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقات گۇرۇپىسى 20مىڭدىن ئارتۇق
ئايال ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،بالىنى قانچە كۆپ تۇغقان،كۆپ ئەمدۈرگەن
ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتىنىڭ شۇنچە ئاز بولىدىغانلىقىنى
بايقىغان.ئاياللار بىر بالىنى كۆپ تۇغقاندا بۇ كېسەلگە گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى
%7تۆۋەنلەيدىكەن،تەرەقىي تاپقان دۆلەتلەردە ئانىلارنىڭ تۇغۇش سانى ئاز،ئېمىتىش
ۋاقتى قىسقا بولغاچقا،70ياشقا بارغان ئاياللارنىڭ سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بۇلۇش
نىسبىتى %6.3نى ئىگىلىگەن.ئەكسچە،بىر قىسىم نامرات دۆلەتتە ئاياللارنىڭ تۇغىدىغان
بالا سانى جىق،ئېمىتىش ۋاقتى ئۇزۇن بۇلغاچقا،70ياشقا بارغاندا سۈت بېزى راكىغا
گىرىپتار بۇلۇش نىسبىتى %2.7ئەتراپىدا بولغان.(دۆلەتنىڭ پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىگە
كۆرە،كۆپ تۇغۇشنى تەشەببۇس قىلمايمىز،ئەلۋەتتە.لېكىن،ئىمكان بار ئوپېراتسىيە
قىلدۇرماي يەڭگىش،بوۋاقنى ئانا سۈتى بىلەن چوڭ قىلىش نۇقتىسىدىن مەزكۇر تەتقىقاتنىڭ
ئايللار ساغلاملىقىغا پايدىسى بار،دەپ قارايمىز.-مەسئۇل مۇھەررىردىن،)

   
بالىنى ئەمدۈرۈشنىڭ سۈت بېزى راكىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا رولى بۇلۇپلا قالماستىن،يەنە
ئاياللارنىڭ تۇخۇمدان راكى،سۈيدۈك يولى يۇقۇملىنىش،،سۆڭەك بوشاپ كېتىش قاتارلىق
كېسەللىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىمۇ بەلگىلىك رولى بار ئىكەن.   

   بالىنى ئانا
سۈتىدە ئەي قىلىش ھەرخىل كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن،يەنە ئائىلە ئۈچۈن
چوڭ بىر تېجەشتۇر.تەييار،ساپ ئانا سۈتى تۇرغان يەردە ھەرخىل قىممەت
باھالىق،ئىشەنچىسىز سۈت پاراشۇگى،ئاللىقانداق تالقان،بۇلماق ۋە قۇۋەت
يېمەكلىكلىرىگە پۇل خەجلەشنىڭ يەنە ئورنى،ھاجىتى يوقتۇر.قىممەت
ئۆزىمىزدە،لېكىن،ئۇنى بايقايمىز،ياراتمايمىز...   

   مانا بۇ مەسىللەر
بۇرۇندىنمۇ بار بولغان،ھېلىھەم ياش ئاتا-ئانىلار ئارىسىدا كۆپ كۆرۈلىدىغان،دائىم
تالاش-تارتىش قىلىپ تۇرىدىغان مەسىلىلەردۇر.مەن ئۆز بىلىمىمنىڭ يېتىشىچە
ئىزدىنىپ،سىلەر بىلەن مۇشۇنچىلىك ئورتاقلىشالىدىم.يازمام تۈگەشكە يېقىن ھېس
قىلغىنىم شۇكى،ھەممە ئىش تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى بويىنچە بولغىنى ئەۋزەلدۇر.

ئاپتۇر:تىببىي پسىخولوگىيە ماگىستىرى.

مەنبە:‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى››ژۇرنىلى
2009-يىل 1-سانىدىن ئېلىندى.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:43:42

دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى نىمىدىگەن تېز! ئاخشام ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغىنىنى كۆرگەن بۈگۈن شاقلا ئىزدىنىشقا چىقىپتۇ... ئەمما ئەمەلىي يازما جۇمۇ دېگەن بىلەن... \"\"

Pitbash يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 16:58:30

نەدە ئۇقۇدۇمكى دەيمە تېخى،{:107:}

esma0999 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 19:20:28

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 19:45:27

ئەلا كەتتى، كەمپىرىم بەزىدە ئىككىنجى بالىنى ئاخىرقىسى بولغاندىكىن ئەپىرەس قىلدۇرۋىتەيمىكىن دەپمۇ قويىدۇ ، بىراق تۇنجىسىنى ئۆزى تۇغقان ھەم بالا شۇنداق ساغلام بولغانلىقىنى ئويلاپ يەنە ئۆزەم تۇغايمۇيە دەپ ئارىسالدى بوپقېلىۋاتىدۇ ، مەنغۇ چېقىشىپ ‹‹ بىرەرسى ئورنۇڭدا تۇغۇپ بەرسۇنمۇ يە ، قىينالمايسەن ›› دىسەم چىچاڭشىپ كېتىدۇ \"\"

Bidar-Qutlan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 02:39:24

1- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى نىمىدىگەن تېز! ئاخشام ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغىنىنى كۆرگەن بۈگۈن شاقلا ئىزدىنىشقا چىقىپتۇ... ئەمما ئەمەلىي يازما جۇمۇ دېگەن بىلەن... \"\"

ئۈندىدارىنىڭ قوشقۇسىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟، مەنمۇ قوشىۋالاي.

tumaris يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 16:06:51

5- قەۋەتتىكى Bidar-Qutlanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

1- قەۋەتتىكى tumarisنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

دەۋىرنىڭ تەرەققىياتى نىمىدىگەن تېز! ئاخشام ئۆزىنىڭ ئۈندىدارغا يوللىغىنىنى كۆرگەن بۈگۈن شاقلا ئىزدىنىشقا چىقىپتۇ... ئەمما ئەمەلىي يازما جۇمۇ دېگەن بىلەن... \"\"

ئۈندىدارىنىڭ قوشقۇسىنى دەپ بېرەلەرسىزمۇ؟، مەنمۇ قوشىۋالاي.


ئەلۋەتتە بولىدۇ، لېكىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىجازىتىنى ئالاي، ئاندىن قىسقا ئۇچۇر ئارقىلىق سۆز قالدۇرسام.

dillani يوللانغان ۋاقتى 2013-5-28 17:08:46

ياخشى تىمىكەن جېق ئاياللار تۇغۇتتا «قەيسەرئوپراتسىيىسى» قىلىپ ھايات قالدى.جېق گەپلەرباركەن بۇتىمىدا ئۇيلىنىپ باقساق بولغىدەك . \"\"

gulahmalik يوللانغان ۋاقتى 2013-5-29 21:10:13

دىلئارامنىڭ يازمىللىرى ھەقىقەتەن ياخشى!

esir يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 10:34:14

ئايالىمنىڭ تۇغۇتىدا ئوپېراتسىيە قىلدۇرمايمىز دەپ شۇنچە تىرىشىپ، يەنە ئامالسىز ئوپېراتسىيەگە ماقۇل كەلدۇق. كىم دەيدۇ ئوپېراتسىيەدە ئازاب يەڭگىل بولىدۇ دەپ... ئۆزى تۇغقاندىن نەچچە ھەسسە خەتەرلىككەن، ھەم جان قىينىلىدىكەن، ھەم قايغۇسى ئارتۇق ئىكەن. ئىشقىلىپ خۇدايىمغا شۈكۈرلەر.

Guitarfan يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 10:45:32

4- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلا كەتتى، كەمپىرىم بەزىدە ئىككىنجى بالىنى ئاخىرقىسى بولغاندىكىن ئەپىرەس قىلدۇرۋىتەيمىكىن دەپمۇ قويىدۇ ، بىراق تۇنجىسىنى ئۆزى تۇغقان ھەم بالا شۇنداق ساغلام بولغانلىقىنى ئويلاپ يەنە ئۆزەم تۇغايمۇيە دەپ ئارىسالدى بوپقېلىۋاتىدۇ ، مەنغۇ چېقىشىپ ‹‹ بىرەرسى ئورنۇڭدا تۇغۇپ بەرسۇنمۇ يە ، قىينالمايسەن ›› دىسەم چىچاڭشىپ كېتىدۇ \"\"



ئاخىرقىسى دەپ قوياڭلا.


مىللەتكە سۈپەت جەھەتتە تۆھپە قوشالمىساڭلىمۇ سان جەھەتتە قوشۇڭلا دەيمەن...\"\"\"\"\"\"

uqkun1 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-30 21:08:56

10- قەۋەتتىكى wolqanنىڭ يازمىسىدىن نەقىل

4- قەۋەتتىكى uqkun1نىڭ يازمىسىدىن نەقىل

ئەلا كەتتى، كەمپىرىم بەزىدە ئىككىنجى بالىنى ئاخىرقىسى بولغاندىكىن ئەپىرەس قىلدۇرۋىتەيمىكىن دەپمۇ قويىدۇ ، بىراق تۇنجىسىنى ئۆزى تۇغقان ھەم بالا شۇنداق ساغلام بولغانلىقىنى ئويلاپ يەنە ئۆزەم تۇغايمۇيە دەپ ئارىسالدى بوپقېلىۋاتىدۇ ، مەنغۇ چېقىشىپ ‹‹ بىرەرسى ئورنۇڭدا تۇغۇپ بەرسۇنمۇ يە ، قىينالمايسەن ›› دىسەم چىچاڭشىپ كېتىدۇ \"\"



ئاخىرقىسى دەپ قوياڭلا.


مىللەتكە سۈپەت جەھەتتە تۆھپە قوشالمىساڭلىمۇ سان جەھەتتە قوشۇڭلا دەيمەن...\"\"\"\"\"\"




‹‹ سۈپەت ›› دەپ قوياڭلا...


قانداق قىلىمىز ئەمدى ، دانا ،توغرا ،شەرەپلىك پارتىيە ئىككى سان بېرىپتىكەن ،يەنە كېلىپ ئۆزەممۇ سىلىنى دورىماي يىلدا ئاران بىرنى تۇغىدىغان كەمپىرنى ئېلىۋاپتىمەن ئەمەسمۇ \"\"\"\"\"\"\"\"


بەت: [1]
: بىزدىكى ئۈچ غەلەت[كۆچۈرۈلمە]