kugul716 يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 11:41:35

گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا ھەدىس!

(قۇرئان كەرىم ۋە ھەدسىلەردىن تاللانما دېگەن كىتابتىكى مۇناسىۋەتلىك ھەدىسلەر)



ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مېنى چىرايلىق ياراتقاندەك خۇلقۇمنىمۇ چىرايلىق قىلغىن.»(ئىمام ئەھمەد رىۋايىتى)



ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى،پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھايا ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئىمان جەننەتكە مەنسۇپتۇر، ئەدەبسىز سۆز قوپاللىقتۇر، قوپاللىق دوزاخقا مەنسۇپتۇر.»(تىرمىزى رىۋايىتى)



ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن دەيدۇ،«قانداقلىكى جايدا بولساڭ ئاللاغا تەقۋادارلىق قىلغىن، بىرەر يامانلىق قىلىپ قالساڭ ئارقىسىدىن ياخشىلىق قىلغىن، بۇنىڭ بىلەن يامانلىق يۇيۇلىدۇ، كشىلەرگە چىرايلىق خۇلق ئاساسىدا مۇئامىلە قىلغىن.»(تىرمىزى رىۋايىتى)





ئەبىد دەردا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۆمىننىڭ (قىيامەت كۈنى نامە ئەماللار تارتىلىدىغان) تارازىسىدا چىرايلىق خۇلقتىن ئېغىر كېلىدىغان نەرسە يوق.»(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)





ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ناچار سۆز، ناچار ئىشلاردىن يىراق ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيتتى، ئىچىڭلاردىكى كىشىلەرنىڭ ياخشىلىرى ئەڭ گۈزەل ئەخلاققا ئىگە بولغانلاردۇر».(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)



ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۆمىن ئادەم كىشلەرگە تىل تەگكۈزمەيدۇ، كىشىلەرنى تىللىمايدۇ، يامان سۆز قىلمايدۇ ۋە سۈرەن سالمايدۇ.»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)





ئابدۇللا رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«پايدىسىز، مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا ئارىلاشماسلىق مۇسۇلمانچىلىقنىڭ گۈزەللىكىدىندۇر.»(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)





ئەبۇ سەئىد خۇدرى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دېگەن: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام يۈزى ئېچىلمىغان قىزدىنمۇ بەكرەك ھايالىق ئىدى.»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)

ئىمران ئىبنى ھۈسەيىن رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھايا بەندە ئۈچۈن ھەممە ياخشىلىقلارنى ئېلىپ كېلىدۇ.»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)





ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدى رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«يااش ئادەم بىرەر ياشانغان كىشىنى ياشانغانلىقى ئۈچۈن ھۈرمەت قىلسىلا، ئاللاھ ئۇنىڭغا ياشانغىنىدا ئۇنى ھۈرمەت قىلىدىغان ئادەمنى مۇيەسسەر قىلىدۇ.»(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)





ئەبى شۇرەيھ خۇزائى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى ئاللاغا، ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن قوشنىسىغا ياخشىلىق قىلسۇن، كىمكى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە رىۋايەت قىلىدىكەن مېھمىنىنى ھۈرمەت قىلسۇن، كىمكى ئاللاغا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان كەلتۈرىدىكەن ياخشى سۆز قىلسۇن ياكى سۆز قىلمىسۇن.»(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)





ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىمكى بىرەر كېسەلنى يوقلىسا ياكى خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان بۇرادىرىنى زىيارەت قىلسا بىر نىدا قىلغۇچى ئۇنىڭغا:«سەن ياخشى ئادەم بولدۇڭ، ماڭغان يولۇڭ ياخشى بولدى، ئۆزۈڭگە جەننەتتىن بىر ئورۇن ھازىرىلىدىڭ دەپ نىدا قىلىدۇ.»(تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان)





ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىچىكلىرىمىزگە رەھمى قىلمىغان، چوڭلىرىمىزنى ھۈرمەتلىمىگەن، ياخشى ئىشلارغا بۇيرۇمىغان، يامان ئىشلاردىن توسمىغان ئادەملەر بىزگە مەنسۇپ ئەمەس.»(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)





ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەلاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«بىر بەندە يەنە بىر بەندىنىڭ ئەيىبىنى ياپسىلا قىيامەت كۈنى ئاللاھ ئۇنىڭ ئەيىبىنى ياپىدۇ.»(ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)





ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«كىچىكلەر چوڭلارغا، ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلار ئولتۇرغانلارغا، ئاز سانلىق كۆپ سانلىققا سالام قىلىشى كېرەك.»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)





ئابدۇللا ئىبنى ئەمىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى: بىر كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ئىسلام دىننىڭ ياخشى خىسلەتلىرى نېمە، دەپ سورىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«كىشىلەرگە ئاش، نان بېرىش، تونۇيدىغان ئادەملەرگىمۇ، تونۇمايدىغان ئادەملەرگىمۇ سالام قىلىش» دەپ جاۋاب بەردى.(ئىمام بۇخارى رىۋايەت قىلغان)





ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«ھەرقانداق نەرسىدە ھاياسىزلىق بولىدىكەن، ئۇ نەرسىنى سەتلەشتۈرىۋېتىدۇ. ھەر قانداق نەرسىدە ھايالا بولىدىكەن ئۇ نەرسىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ.»(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)





ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەپ رىۋايەت قىلىدۇ: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىللە كېتىپ باراتتىم، ئۇنىڭ ئۇچىسىدا چۆرىسى قوپال نەجران رىداسى بار ئىدى، بىر ئەرابى كېلىپ ئۇنىڭ رىداسىنى سىلكىپ تارتقان ئىدى. قارىسام ئۇنىڭ قاتتىق تارتقانلىقىدىن رىدانىڭ چۆرىسى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ گەدىنىنى سۈرۈۋېتىپتۇ. ئاندىن ئەرابى ئۇنىڭغا سېنىڭ قولۇڭدىكى ئاللاھنىڭ مېلىدىن ماڭا بەرگىن دېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا قاراپ كۈلدى، ئاندىن ئۇنىڭغا بىر نەرسە بېرىشنى بۇيرۇدى.»(بۇخارى رىۋايەت قىلغان)





ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:«مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئادەمنى ئاللاھ ئەڭ يامان كۆرىدۇ، بۇلار ھەرەمدە تۇرۇپ توغرا يولدىن ئازغان ئادەم، ئىسلام دىنىدا تۇرۇپ جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىلىقلىرىنى قىلغان ئادەم، ناھەق رەۋۋىشتە ئادەم ئۆلتۈرگەن ئادەم.»(ئىمام بۇخارى رىۋايىتى، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى»دىن)

ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇدناق دېگەن:«مالنىڭ كۆپلۈكى بايلىق ئەمەس، ھەقىقىي بايلىق روھىي بايلىقتۇر.»( ئىمام بۇخارى رىۋايىتى)





سەھل سائىددىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«مەن يېتىمنى باققۇچى ئادەم بىلەن جەننەتتە مۇشۇنداق يېقىن تۇرىمەن، دەپ كۆرسەتكۈچ بارمىقى بىلەن ئوتتۇرا بارمىقىنىڭ ئارىسىنى ئېچىپ كۆسەتكەن.»(ئىمام بۇخارى رىۋايىتى)



(ياخشىلار باغچىسىدىن)



622. ئەنەس رەزىيەلاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسالامنىڭ ئالقىنىدىنمۇ يۇمشاقراق ھېچقانداق شايى-ئەتلەس ئۇچراتمىدىم. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ھىدىدىنمۇ خۇشپۇراق نەرسىنى پۇراپ باقمىدىم. مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا ئون يىللاپ خىزمەت قىلدىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ماڭا ھېچقاچان<ئوھۇي>دەپ باقمىدى. قىلغان ئىشىمغا «نېمە ئۈچۈن قىلدىڭ؟»، قىلمىغان ئىشىمغا«قىلمىساڭ بولماسمىدى؟»دەپ باقمىدى.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايىتى)





624.نەۋۋاس ئىبىن سەمئان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن ياخشىلىق ۋە يامانلىق توغرىسىدا سورىدىم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ياخشىلىق دېگەن گۈزەل ئەخلاقتۇر، گۇناھ دېگەن كۆڭلۈڭ غەش بولغان ۋە كىشىلەرنىڭ ئۇنى بىلىپ قېلىشىنى سەن ياقتۇرمىغان ئىشتۇر»،دېدى.(مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)





627. ئەبۇ ھۇرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن«كىشىلەرنىڭ جەننەتكە كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟»، دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھ تائالادىن قورقۇش ۋە گۈزەل ئەخلاق»دېگەنىدى. يەنە«كىشىلەرنىڭ دوزاخقا كىرىشىگە سەۋەب بولىدىغان نەرسە نېمە؟»،دەپ سورالغاندا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئېغىز ۋە جىنسىي ئەزا»دېگەنىدى.(تىرمىزىي رىۋايەت قىلغان)



628.ئەبۇ ھۇرەيرە رەزيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مۇنداق دېگەن:<<مۇئمىنلەردىن ئىمانى مۇكەممەل بولغانلىرى ئۇلاردىن ئەڭ گۈزەل ئەخلاقلىق بولغانلىرىدۇر. سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىڭلار سىلەرنىڭ ياخشىلىرىڭلار ھېسابلىنىسىلەر.>>(تىرمىزى رىۋايەت قىلغان)



629. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:<<مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:<<شۈبىھسىزكى، مۇئمىن ئادەم ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى بىلەن كۈندۈزى روزا تۇتۇپ، كېچىسى ئىبادەت قىلغۇچىنىڭ دەرىجىسىگە يېتىدۇ.>>(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)



630. ئەبۇ ئۇمامە باھىلىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:<<گەرچە ھەەق ئۆزى تەرەپتە بولسىمۇ جېدەللىشىشنى تەرك ئەتكەن كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشىغا كېپىلمەن. چاقچاق قىلىپ بولسىمۇ يالغان سۆزلىمىگەن كىشىنىڭ جەننەتنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشىغا كېپىلمەن. گۈزەل ئەخلاق ئىگىسىنىڭ جەننەتنىڭ ئەڭ ئۈستۈن جايىدىن بىر ئۆيگە ئورۇنلىشىشىغا كېپىلمەن.>>(ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان

aytarim يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 12:03:52

ئاللاھ سىزگە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم !

berna يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 15:17:52

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن \"\"

bariber يوللانغان ۋاقتى 2013-5-27 22:54:05

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 15:01:24

ـاللا رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەد بەرمىسۇن مۇشۇنداق ياخشى ھەدىسلەرنى كوپلەپ يىزىپ تۇرغايسىز

mihriban يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 15:01:26

ـاللا رەخمەت قىلسۇن قىرىندىشىم قۇلىڭىزغا دەد بەرمىسۇن مۇشۇنداق ياخشى ھەدىسلەرنى كوپلەپ يىزىپ تۇرغايسىز

kinglion يوللانغان ۋاقتى 2014-1-30 16:05:10

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kinglion تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-1-30 16:15

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
بىباھا دۇردانىلەر!
بىر يىل بولۇپ قالغىلى تۇرۇپتۇ، مەن ئەمدى كۆرۈپتىمەن، تېمىغا ئىنكاس يېزىپ چوققىلاپ قويغۇچىغىمۇ ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
پەيلاسوپلارمۇ كۆپرەك ئوقۇپ قويسا بولغۇدەك، بىر-بىرىنى ياراتماي ئۇرۇشۇپ تىللىشىپ يۈرگىچە......
بەت: [1]
: گۈزەل ئەخلاق توغرىسىدا ھەدىس!